tashadem يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 08:05:48

ھەمكارلىشىدىغانلار بارمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئىزدىنىش ئەھلى. پىقىر تاش ئادەمدىن ھەمملىرىگە سالام. ماڭا دىيارىمىزنىڭ قۇرۇق يەل-يېمىشلىرىنى ئوراپ قاچىلايدىغان  QS ۋە باشقا قانۇنلۇق رەسمىيەتلىرى تولۇق بىر زاۋۇت بىلەن ھەمكارلىشىش ناھايتى زۈرۈر بولۇپ قالدى. ئۈرۈمچىدە ئوندەك زاۋۇت بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساممۇ سۆھبىتىمىز ئۇتۇقلۇق بولمىدى.  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە بولسا ئۇيغۇرلار قۇرغان يىزا ئېگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىلىرى، بولسا شۇلار بىلەن ھەمكارلاشسام دېگەن ئۈمىدتە  سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئىزدىنىش ھەر يۇرتنىڭ سەركىلىرى يىغىلغان جاي، ھەممىڭلارنىڭ خەۋرىنى كۈتۈپ كەمىنە تاش ئادەم


arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 09:38:43

بىزنىڭ خوتەن تەرەپتە شۇنداق زاۋۇتلار بار ، لېكىن ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئوراپ قاچىلاپ بولالماي يېتىشمەيۋاتىدۇ دەپ پو ئېتىۋاتاتتى ! شۇ سىز قانچىلىك مەنپەئەت بىرەلەيسىز دىگەن مەسىلە .....

سىزنىڭ قۇرۇق يەل يېمىش دېگىنىڭىز مەسىلەن قايسى ئادەتتە ھەر بىر تۈرگە ئايرىم QS كىتىدۇ ، مەسىلەن چىلان ، قۇرۇق ئۈزۈم دىگەندەك ....



بۇ يەرلەرنىڭ ئېچىش مەيدانلىرىدىكى كارخانىلار كۆپىنچە ھەممىسى خەنلەرنىڭ خوتەننىڭ چىلانلىرىنى ئوراپ ئىچىكىرى چەتئەللەرگە يۆتكەيدۇ !!!!!

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 10:44:56

بۇنداق ئۈسكىنىلەرنىڭ ئۆزى بەك قىممەت ئەمەس چوققۇم.مەن گۆش قاچىلايدىغان ئۈسكۈنە ساتىدىغان بىرسى بىلەن ئالاقىلاشقان ئىچكىردىكى ،  تېخى خەۋىرى يوققۇ……

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 21:48:29

تۇرپان تەرەپتە يېشىل ياقۇت قۇرۇق ئۈزۈم شېركىتى ھەمكارلىشىپ قىلىشى مۇمكىن.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 15:54:46

ئۈرۈمچىدە بولمىسا مانا يىراق بولسىمۇ بىزنىڭ خوتەنگە ،ئاۋۇنىڭ كورلىغا ،..،يېقىننى ئەۋزەل ئۇنىڭ تۇرپانغا بېرىپ كۆرمەملىكىن .بەك بولمىسائۈرۈمچىدىن بىرە ئۇيغۇر شىركەتكەمەھسۇلاتلىرى قاتارىدا ئوراپ -قاچىلاپ بىرىشنى ھاۋالەقىلسىلىمۇ بۇلارئىدى.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 07:48:50

1- قەۋەتتىكى Arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنىڭ خوتەن تەرەپتە شۇنداق زاۋۇتلار بار ، لېكىن ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئوراپ قاچىلاپ بولالماي يېتىشمەيۋاتىدۇ دەپ پو ئېتىۋاتاتتى ! شۇ سىز قانچىلىك مەنپەئەت بىرەلەيسىز دىگەن مەسىلە .....

سىزنىڭ قۇرۇق يەل يېمىش دېگىنىڭىز مەسىلەن قايسى ئادەتتە ھەر بىر تۈرگە ئايرىم QS كىتىدۇ ، مەسىلەن چىلان ، قۇرۇق ئۈزۈم دىگەندەك ....



بۇ يەرلەرنىڭ ئېچىش مەيدانلىرىدىكى كارخانىلار كۆپىنچە ھەممىسى خەنلەرنىڭ خوتەننىڭ چىلانلىرىنى ئوراپ ئىچىكىرى چەتئەللەرگە يۆتكەيدۇ !!!!!


مۇمكىن بولسا شۇنداق زاۋۇتلارنىڭ ئالاقىلىش نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز. پايدا مەسىلىسىنى زاۋۇت بىلەن كونكىرىت سۆزلەشسەك بولىدۇ. رەھمەت

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 07:50:05

3- قەۋەتتىكى tuumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۇرپان تەرەپتە يېشىل ياقۇت قۇرۇق ئۈزۈم شېركىتى ھەمكارلىشىپ قىلىشى مۇمكىن.


رەھمەت. شۇ زاۋۇتنىڭ ئالاقىدار تور بەت ياكى، تېلېفون نومۇرىنى بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز
بەت: [1]
: ھەمكارلىشىدىغانلار بارمۇ؟