bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 20:18:00

شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ داڭلىق ماقالىسى (ئۇيغۇرچە تەرجىمە)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم قېرىنداشلار، دۇنياغا مەشھۇر بىئولوگىيە ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ (Shoukhrat Mitalipov) بۇ يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى "Cell"يەنى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەخسۇس بىئولوگيە ژورنىلى بولغان "ھۆجەيرە" ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلىنىشى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلگە سالدى. بۇ زور بۆسۈش ئامرىكا، ئەنگىلىيە، جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىدا كۆپ قىتىملاپ خەۋەر قىلىنىپ، ئالىمنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئىنسانلارنى كەلگۈسىدە تۆرەلمە غول ھۆجەيرىدىن پايدىلىنىپ ئىنسان ئەزالىرىنى يىتىشتۈرۈپ كېسەل داۋالاش مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ دەپ قارىماقتا. مۇشۇنداق مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگىمۇ تور ۋاستىسى ئارقىلىق خەۋەر قىلىندى، لىكىن مەزكۇر ئىلىم-پەننى يىڭىلايدىغان بۆسۈش خاراكتىرلىك تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا تەرجىمە قىلىنپ دەرھال ئېلان قىلىنماسلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەن شۆھرەت ئاكىنىڭ تەتقىقاتلرىغا يىقىندىن ئەگىشىپ ئۇنىڭدىن بىرەسمىي تەلىم ئالغان بىر ياش بىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكىگە قارىماي ۋاقىت چىقىرىپ كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە بۇ ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئەسلى ماقالە بويىچە تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشىنى باش تارتسام بولمايدىغان بۇرچۇم دەپ قارىدىم. مەن كۆپىنچە بىئولوگىيە دەرسلىرىنى خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە ئوقۇغانلىقىم ھەم تەرجىمە قىلىشتا تەجىربەمنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى بەزى سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالماسلىقىم تەبىئىي، شۇنداقتىمۇيىتەرسىزلىكلىرىمگە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلىدە بولۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. تۆۋەندە ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنىڭ ئەسلى شەكلى ئۇلىنىشىۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھوزۇرۇڭلاردا:





http://download.cell.com/pdf/PIIS0092867413005710.pdf?intermediate=true





تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسان


تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى









ماساخىتو تاچىبانا1،
پوۋلائاماتو2، مىچىل سىپارمەن1،
نۇرىيا مارتى گۇتىرەز1، رىباكا تىپنىر-ھەججىز1، خوڭ ما1،
يۇنجۇ كاڭ1،ئالىمجان پولات1، ھىيۇ-ساڭ لى1،6،
ھاسايتىپ سىرىتانادومچاي3، كەيىس ماستىرسون2، جانىن لارسون2،
دەبېرا ئىيتون2، كەرىن سەدلىر-فىرەد2، داۋىد باتاگلىيا2،
داۋىد لى2، دىيانا ۋۇ2، جېففىرى جەنسېن1،4،فىلىپ
پاتتون2، سۇمىتا گوكھايىل5، رىچارد ل. سىتوفىر1،2،
دون ۋولف1،شۆھرەت مۇتەللىپوف1،2


1 ئورىگون ساغلاملىق
پەنلىرى ئۇنۋىرىستىتى، ئورىگون دۆلەتلىك پىرىماتلار تەتقىقات مەركىزى، كۆپىيىش ۋە
يىتىلىش بىئولوگىيىسى بۆلۈمى. ئامرىكا، ئورىگون، بىۋېرتون 185-كوچا غەربىي شىمال
505-نومۇر، 97006


2 ئورىگون
ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنۋىرىستىتى، تۇغۇت ۋە ئاياللار كېسەللىك ئىلىمى فاكۇلتىتى،
كۆپىيىشئېندوكرىنولوگىيە
سى (ئىچكى
ئاجراتماشۇناسلىقى)بۆلۈمى. ئامرىكا،
ئورىگون، پورتلاند غەربىي جەنۇپ سام جېكسون باغچا يولى 3181-نومۇر، 97239


3ماخىدول ئۇنىۋىرستىتى،
چىش دوختۇرلۇقى فاكۇلتىتى، چىش بىئولوگىيىسى بۆلۈمى. باڭكوك، تايلاند، 10400


4ئورىگون ساغلاملىق
پەنلىرى ئۇنۋىرىستىتى، ئاياللار سالامەتلىكى تەتقىقات تارمىقى. ئامرىكا، ئورىگون،
پورتلاند غەربىي جەنۇپ بوند كوچىسى 3303-نومۇر، 97239


5بوستون ئۇنۋىرستىتى
مىدىتسىنا ئنىستىتۇتى. ئامرىكا، ماسساچۇسېتىس، بوستون شەرقىي كونكورد كوچىسى
72-نومۇر، 02118


6ھازىرقى ئادېرىسى:ئوسوڭ
مىدىتسىنا يىڭىلىق يارىتىش فوندى، تەجىرىبىخانا ھايۋانلىرى مەركىزى. كورىيە،
چۇڭباك، 363-951








ئاپتۇر ئامرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى ئورىگون دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇنسىمانلار) تەتقىقات مەركىزى، كۆپىيىش ۋە يىتىلىش بىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن






تەرجىمە قىلغۇچى: بىلگەجان







قىسقىچە مەزمۇنى: تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى (SCNT, somatic cell nuclear transfer) ئارقىلىق تەن ھۆجەيرىسىنى تولۇق پوتىنسىئاللىق (plutipotent) تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى(embryonic stem cells, ESCs) ھالىتگە قايتا پروگراممىلاش بولسا كېسەللىك كىلىپ چىقىش مىخانىزىملىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاش يوللىرىنى تىپىپ چىقىشتا بىمارغا خاس يادروسى يۆتكەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يىتىشتۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم ئۇسۇلى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئىنسان يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يتىشتۈرۈش ئۈستىدىكىئىلگىرىكى ئۇرۇنۇشلار تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۆلۈشى تۈپەيلى مەغلۇپ بولغان ئىدى.نۆۋەتتە، بىز بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىككى نۇقتىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇدۇق، يەنى ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش باسقۇچىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنىشى ۋە مۇۋاپىق ئاكتىپلاشتۇرۇلماسلىقىدىن ئىبارەت. بۇ يىتەرسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى مەقسەت قىلىپ لايھىلەنگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى بىزنى ئىنسان يادروسى كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يتىشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىر تەن ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى يەنە بىر يادروسى ئىلىۋىتىلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈلگەندە، پەقەت ئىككى تۇخۇم ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈلگەن ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرە لىنىيىسى مۇۋاپىققيەتلىك ھالدا يىتىشتۈرۈپ چىقىلدى. يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى نورمال جۈپ خىروموسوملۇق ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلىدى ھەم بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ گىېنلىرى مۇتلەق ھالدا ئاتىلىق بولغان تەن ھۆجەيرىسىدىن كەلگەن. بۇ خىل يادرو كۆچۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرنىڭ گېن ئىپادىلىنش ۋە ئىندۇكسىيەلىنىش (differentiation) ئالاھىدىلىكى نورمال تۆرەلمىدىن ئىلىنغان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى. بۇ نەتىجە تەن ھۆجەيرىلىرىنىڭ تولۇق پوتىنسىئاللىق ھالەتكە مۇۋەپپىقيەتلىك ھالدا قايتا پروگراممىلانغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.





مۇقەددىمە



بۆلۈنۈش ئىككىلەمچى ئوتتۇرا مەزگىلى (MII, metaphase II) دە توختاپ تۇرۋاتقان تۇخۇم ھۆجەيرىسىدە كۆچۈرۈلگەن تەن ھۆجەيرىسى يادروسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى قايتىدىن تۆرەلمە مەزگىلىدىكىگە ئۆزگەرتەلەيدىغان سىتوپلازمىلىق ئامىللار مەۋجۇت. قوش ماكانلىق ھايۋانلاردا تۇنجى قىتىم بايقالغاندىن تارتىپ (Gurdon, 1962)، تەن ھۆجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش (somatic cell nuclear transfer, SCNT) تىېخنىكىسىنىڭ بىر قاتار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا مۇۋاپپىققىيەتلىك بولۇشى يادروسىزلاندۇرۇلغان ۋە ياكى ئۇرچۇق يىپچىلىرى چىقىرىۋىتىلگەن تۇخۇم (سىتوپلاست) نىڭ قايتا پروگراممىلاش خۇسۇسىىيىتىنىڭ ھەممە جانلىقلاردا ئۇنۋىرسالىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى (Campbell et al., 1996; Solter, 2000; Wilmut et al., 1997, 2002). بىراق، SCNT تېخنىكىسىنىڭ ھايۋانلارنى كلونلاشتا غايەت زور قوللىنىشچانلىقى بولسىمۇ، لىكىن تۇخۇمدىكى ئامىللارنىڭ قايتا پروگراممىلاش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت مىخانىزىمى بىزگە يەنىلا ئومۇمەن نامەلۇم.



ئىنسانلاردا، SCNT ئارقىلىق تەن ھۆجەيرىسىنى تولۇق پوتىنسىئاللىق (plutipotent) تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى(embryonic stem cells, ESCs) ھالىتگە قايتا پروگراممىلاش بولسا كېسەللىك كىلىپ چىقىش مىخانىزىملىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاش يوللىرىنى تىپىپ چىقىشتا بىمارغا خاس يادروسى يۆتكەلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يىتىشتۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم ئۇسۇلى دەپ قارىلىپ كەلگەن (Lanza et al., 1999; Yang et al.,

2007). گەرچە ئۆتكەن 10 يىلدىن بىرى سانسىزلىغان سىناقلار ۋە ئۇرۇنۇشلار بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئىنسان يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىش تېخى غەلبىلىك بولمىغان ئىدى. بۇ يولنى توسۇپ مەغلۇبىيەتكە سەۋەب بولۇۋاتقىنى بولسا SCNT ئارقىلىق يىتىشتۈرۈلگەنئنسان تۆرلمىلىرى بالدۇر ئۆلۈپ كىتىپ، بۇ تۆرەلمىلەردىن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىش مۇمكىن بولمىغان. كۆپىنچە ھاللاردا، SCNT تۆرەلمىلىرى 8 ھۆجەيرە باسقۇچىدىن ئۆتەلمەيلا ئۆلۈپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ كۆچۈرۈلگەن يادرودىكى گېنلارنىڭ ۋاقتىدا ئاكتىپلاشماسلىقىدىن بولغانلىغى پەرەز قىلىنغان (Egli et al., 2011;Noggle et al., 2011). بىر نەچچە قىتىملىق ئەھۋاللاردا، SCNT تېخنىكىسى ئارقىلىق يىتىشتۈرۈلگەن تۆرەلمىلەر گەرچە تۆرەلمە خالتىسى (بلاستۇلا)باسقۇچىغىچە يىتىلگەن بولسىمۇ، لىكىن تۇراقلىق تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى (ESC) ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن ياكىتەتقىقاتچىلار ئايرىپ ئىلىشقا ئۇرۇنمىغان (Fan et al., 2011; French et al.,2008). تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب تېخى ئىنىقلانمىغان بولسىمۇ، لىكىن ئىلگىرىكى ئۇرۇنۇشلاردىكى ئىنسان تۇخۇمىغا ئىشلتىلگەن SCNT تېخنىكىسى ئۇسۇللىرى (پروتوكول، protocol) پىرىمات تىپىدا بولمىغان ھايۋانلار ئۈچۈن لايھەلەنگەن. ئىلگىرى، بىز SCNT تېخنىكىسىنى پىرىماتلار تىپىدىكى ھايۋانلارغا خاس قىلىپ ياخشىلاش ئارقىلىق گانگې دەرياسى مايمۇنى (rhesus monkey) نىڭ يىتىلگەن تىرە ھۆجەيرىسىنى يادرو يۆتكەش تېخنىكىسى (SCNT) دىن پايدىلىنىپ مۇۋاپپىقيەتلىك ھالدا تۆرەلمە غول ھۆجەيرە ھالىتىگە قايتا پروگراممىلاپ چىققان ئىدۇق (Byrne et al., 2007;Sparman et al., 2009). شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز خۇددى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىنسان MII باسقۇچىدىكى تۇخۇم ھۆجەيرىسىمۇ چوقۇم قايتا پروگراممىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقتۇق.



يىقىنقى بىر نەچچە كۆزىتىش نەتىجىلىرى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك. ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسى يادروسىدىكى ئېرسىي ماددىلار (خىروموسوملار) نىڭ ئىلىپ تاشلىنىشى سىتوپلاست (ئۇرچۇق يىپچىلىرى ئىلىۋىتىلگەن تۇخۇم ھۆجەيرىسى) نىڭ داۋاملىق قايتا پروگرممىلاش ئىقتىدارىغا سەلىبىي تەسىر كۆرسەتكەن (Noggle et al., 2011). بىراق، بىر تەن ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى ئۆز خىروموسوملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈلگەندە كۆپ ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە بولغان بۇ تۇخۇم تەرەققىي قىلىپ تۆرەلمە خالتا باسقۇچىغىچە تەرەققىي قىلالىغان ھەم ئۇنىڭدىن ESC يەنى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئىلىش مۇمكىن بولغان. بۇ كۆزىتىشلەرنىڭ ئېھتىمالغا يىقىن بىر چۈشەندۈرۈلىشى بولسا ئىنسان MII باسقۇچىدىكى تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىدىكى قايتا پروگراممىلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان ئامىللار خىروموسوم ياكى ئۇرچۇق يىپچىلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرغان بولۇشى ھەم تۇخۇمنى يادروسىزلاندۇرۇش جەريانىدا بۇ ماددىلار ئىلىپ تاشلانغان ياكى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، SCNT تېخنىكىسى جەريانىدىكى تۇخۇمنى يادروسىزلاندۇرۇش، تەقدىم قىلىنغان يادرونىڭ كۆچۈرۈلىشى ياكى سىتوپلاستنىڭ ئاكتىپلىشىشى قاتارلىق جەريانلارنىڭ بىرى ياكى بىر نەچچىسى تۇخۇم سىتوپلازما سۈپىتىگە سەلىبىي تەسىر ئىلىپ كىلىپ تولۇق پروگراممىلاش ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتقان بولۇشى مۇمكىن.



يۇقىرىدىكى جەريانغا باغلىنىشلىق بولغان ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ئويلاشقان ۋاقتىمىزدا، بىز يىقىندا كۆزەتكەن MII مەزگىلىدە تۇرۋاتقانئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنىڭ سان كىمەيتىپ بۆلۈنۈشتە توختىشىنىڭ تۇراقلىق بولمايدىغانلىقى ۋە ئاسانلا مىخانىك مەشغۇلاتلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈردۇق (Tachibana et al., 2013). بۇرۇن بىز سىتوپلاستنىڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشىگە خاس ھەرىكەتلىرىنىڭ بۆلۈنۈش ئارا دەۋرىدە تۇرۋاتقان تەن ھۆجەيرە يادروسىنىڭ كۆچۈرۈلگەندىن كىينكى قايتا شەكىل رەتلىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق (Mitalipov et al., 2007). بۇ خىل شەكىل رەتلىنىش بىلەن SCNT تۆرەلمىسىنىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇلغاندىن كىينكى تەرەققىياتى ئوڭ تاناسىپلىق باغلىنىشقا ئىگە. شۇڭا، بىز تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسىزلاندۇرۇلىشى ۋە تەقدىم قىلىنغان يادرونىڭ كىرگۈزۈلۈشى جەريانىدا ئىنسان سىتوپلاستىدىكى سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ئامىللىرىنى ساقلاپ قىلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى سىستىمىلىق ھالدا باھالاپ چىقتۇق. شۇنداقلا، بىز ئادەتتىكى ئۆلچەملىك سىتوپلازمىنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغان ئۇسۇللارنىڭ SCNT ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ يىتىلىشى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ يىتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. دەسلەپتە بىز گانگې دەريا مايمۇنىنى ئىشلىتىپ پىرىماتلارنىڭ مۇۋەپىققىيەتلىك ھالدا يادرو كۆچۈرۈلۈشى ئۈچۈن مۇھىم ئامىللارنى باھالاپ چىقتۇق. ئاندىن، بىز ساغلام پىدائىيلار تەقدىم قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىلىرىنى ئىشلىتىپ SCNT تېخنىكىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم مۇكەممەللەشتۇردۇق ھەم مىتودتىكى ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئىنسان SCNT تۆرەلمىسىنىڭ تۆرەلمە خالتىسى باسقۇچىغا يىتىلىشىنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز مۇشۇ تۆرەلمىلەردىن بىر قانچە يادرو كۆچۈرۈلگەن تۆرەلمە غول ھۆجەيرە (NT-ESC) لىنىيىلىرىنى ئايرىپ ئالدۇق ھەم بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ يادروسىدىكى DNA نىڭ مۇتلەق ھالدا يادرو تەقدىم قىلغۇچى ئاتىلىق تەن ھۆجەيرىسى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدۇق. بىز يەنە قايتا پروگراممىلاشنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك بولغانلىغىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىنسان NT-ESC لىرى ئۈستىدە كۆپ مىقداردىكى كۆپ ھەسسىلىك تەنچە تەجىرىبىلىرىنى ئىلىپ باردۇق.



ئىزاھات: يۇقىرىدىكىسى ماقالىنىڭ مۇقەددىمە قىسىمى. كىلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ماقالىنىڭ نەتىجە، مۇنازىرە ۋە تەجىرىبە جەريانلىرى دىگەن قىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىقىمەن (نېسىب بولسۇن). تورداشلارنىڭ چۈشەنچىلىرى ۋە تەنقدى پىكىر-تەكلىپلىرى ۋە ياكى ياخشى باھالىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.



تۆۋەندە پۈتۈن ماقالىدە ئىشلىتىلگەن پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار تىزىمىلىكى بىرىلىدى.





(پايدىلىنغان ماتىرىياللارنى بۇ يەردە بىرىشنىڭ چوڭ ئەھمىيتى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئۆچۈرۋەتتىم، قىزىققۇچىلار ئەسلى ماقالىغا قارىسا بولىدۇ)






داۋامى بار




مەنبەسى: ئەلداۋا مۇنبىرى



2013-يىلى باھار ئېىينىڭ 19 كۈنى، ئامرىكا

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 21:00:12

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

مەن تېخى بۇ ماقالىڭىزنى بۇ يەرگىمۇ كۆچۈرۈپ قويسىكەن دەپ تۇراتتىم...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 21:04:29

ئەجەپ خوشال قىلدىڭىزلار ئادەمنى \"\"

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 21:05:24

ئابايام چۈشتە تاماق يىگەچ تۆنۈگۈنكى جاھاندىكى ئىشلار پىروگراممىسىنى كۆرۈپ قالسام بۇلىدۇ...ماۋۇ تارىخىدا پوجاڭزىدىن باشقا نەرسە ئىجاد قىلىپ باقمىغان لەقۋالار ئۆزىچە شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى گۇمانلىق دەپ ۋالاقشىپلا كەتتى يە پولونىڭ پەيزىنى ئۇچۇرۇپ...ئەگەر تىنچ ئوكيان تۆمۈر يۇلىغا مەدىكارچىلىق قىلغان بىرىنىڭ ئۇرۇقى بولغان بولسا ئامىرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگۇلۇق ئانداق ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلدىيەي دەپ كاپشىپ س س ت ۋ نىڭ قاناللىرى يىتىشمەي قالار بولغىيتتى...



ئەلا تىما!

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 21:13:23

ماۋۇ بىزنىڭ كۆز كاردىن چىقىپ بولغىچە پەۋەردىگار شۆھرەت ئەپەندىنىڭ ئەجىر مىۋىسىدىن بەندىلىرىنى بەھرىمان قىلغاي، ئامىن! \"\"

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 21:17:02

تۆۋەندىكىسى ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى قېرىندىشىمىز بۇرھان يوللىغان شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ مەزكۇر ماقالىسى توغرىسىدىكى ئوبزوركەن. بۇنىڭدىن ئېىنىق بىلىشكە بولىدۇكى، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە ھەرگىز يالغانچىلىق يوق، پەقەت بەزى تەھرىرلەش ۋە يىزىقچىلىقتىكى كام-كۇتلۇقلار مەۋجۇت. دىمىسىمۇ بۇنچە ئالدىراپ باسقان ماقالىدا ئۇنچىلىك سەۋەنلىك ساقلىنىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، مەن شۆھرەت ئاكام تۈزىتىش بەرگەندىكى كىين ئاندىن نەتىجە ۋە مۇلاھىزە قىسمىنى تەرجىمە قىلاي دەيمەن.



بۈگۈن ئەنگىلىيە «تەبئەت» ژورنىلىنىڭ ئورگان تور بىكىتىدە مۇنداق بىر خەۋەر ئىلان قىلىندى.

http://www.nature.com/news/stem- ... aking-paper-1.13060

خەۋەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق.

يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىنسان غول ھۈجەيرىسىنى كىلون قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىدەك دۇنياۋى تەتقىقات نەتىجىسنى ئىلان قىلغان بىر پارچە ماقالە بەس مۇنازىرە ئاستىدە قالدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمغان بىر ئوبزورچى ماقالىدە تۆت خاتالىق بارلىقنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل ئاپتۇرى شۆھرەت مۇتەللىپ تەبئەت ژورنىلى تەھرىراتىغا بۇ تۆت خاتالىقنىڭ ئۈچى ماقالىنى بېسىشقا بەك ئالدىراپ كەتكەنلىكىتىن كىلىپ چىققات سانىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتكى خاتالىق ئىكەنلىكىنى بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىلان قىلىنغان ماقالىنىڭ بۇنداق كىچىك نوخسانلاردىن خالى بولالمايدىغانلىقىنى قەيىت قىلىپ ئۆتتى. قارايدىغان بولساق بۇ دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ماقالە ئاپتۇرنىڭ قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندىن تارتىپ قۇبۇل قىلىنغىچە ئاران ئۈچ كۈن كەتكەن ۋە ئون 12 كۈن ئىچىدە توردا ئىلان قىلىنىپ بولغان. شۇڭا شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ خاتالىقلارنى توغرا چۈشنىشكە بولىدۇ دەپ ۋە تۆتىنچى خاتالىق بولسا ئىتىبارغا ئالغۇسىز دەپ قارىدى.

شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە \" بىزنىڭ ئىرىشكەن نەتىجىمىز راسىت، ئىرىشىلگەن ھۆجەيرىلەرمۇ راسىت، باشقا ھەممە نەرسىلەر راسىت \" دېدى.

شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە ئۆزىنىڭ چارشەنبە (تۈنۈگۈن) ياۋرۇپادىن قايتىپ ماقالە ئىلان قىلىنغان ژورنال \"ھۆجەيرە\" نىڭ باش تەھررى ۋە بىرقىسىم ژورنالىسىتلاردىن بىر قانچە پارچە ئىلخەت تاپشۇرۋالغانلىقىنى ئېيتىتى. ئۇ يەنە\" مەن ئۆيگە بىر قانچە سائەت ئىلگىرىلا قايتىپ كەلسەم تەھرىر ۋە باشقا بىر مۇنچە كىشىلەر ساراڭ بولايلا دەپ قاپتۇ\" دېدى. ئۇ يەن بۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى ئاپتۇرى بولغان ماساخىتو بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ماقالىنى يازغاندا سانلىق مەلۇماتلاردا بىر قانچە ئورۇندا كىچىك نوخسانلارنى سادىر قىلغانلىقىنى دەللىلگەنلىكىنى ئېيىتى ھەمدە \"ھۆجەيرە\" ژورنىلىنىڭ تەھرىراتى بىلەن مەسلەتلىشىپ خاتالىقلارنى تۈزىتىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

بۇ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئوبزورچىنىڭ كۆرسەتكەن خاتالىقلىرى ئاساسەن ماقالىنى يېزىش جەريانىدا رەسىملەرنىڭ ئىزاھاتى چالا ۋە خاتا بولۇپ قېلىش قاتارلىق مەسلىلەر بولۇپ نۆۋەتتە ئالىم شۆرەت مۇتەللىپ بۇ خاتالىقلارنىڭ نەتىجىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ دەپ قارىدى. شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى قايتىلاپ بېقىشنى ۋە ماقالىسىنى يەنە بىر تەپسلى كۆرۈپ چىقسا بولىدىغانلىقىن قەيىت قىلدى. بۇنڭىسىزمۇ نۇرغۇنلىغان ئالىملار \"ھۆجەيرە\" ژورنىلىنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە بىر ماقالىنى قۇبۇل قىلىشى ھەققەت تارىختا بولۇپ باقمىغان ئىش ئىكەنلىكىگە ھەيران قالغان ئىدى. بەزىلەر بۇ ژورنالنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدىلا بىر پارچە ماقالىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرۈپ قۇبۇل قىلغانلىقى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن توردا ئىلان قىلغانلىقى ھەققەتەن بەك ئالدىراپ كەتكەنلىك ۋە ئىلمى تەتقىقان ئەخلاقىغا تاقىشىدىغان مەسلە دەپ قارىدى. لېكىن شۆھرەت مۇتەللىپ \" بۇ ئىشتا بىزمۇ ئالدىرخسانلىق قىلىپ ماقالىنىڭ يېزىلىش جەھەتتىكى نوخسانلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزەتمەپتۇق، بۇ ژورنالنىڭ خاتالىقى ئەمەس بەلكى بىزدىكى خاتالىق دېدى ۋە ئالدىمىزدا ئېچىلماقچى بولغان بىر خەلقئارالىقى مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ بايقالغان مەسلىلەرنى تۈزۈتۈپ بۇ تەتقىقات نەتجىسىنى جامائەتىچىلىككە ئاشكارلايىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى.



مىنىڭ شەخسى پىكىرىم: \"ھۆجەيرە\" دىگەن ژورنال \"ئىلىم-پەن\" ۋە \"تەبئەت\" دىگەندەك ژورناللارنىڭ ئاپتۇر بىلەن بۇرۇنلا كىلىىشپ قويۇپ بۇنداق ياخشى نەتىجىنى ئىلان قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىشتىن قورقۇپ ئالدىراپلا ئۈچ كۈن ئىچىدە قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان. ئەمەلىيەتتە ئىلمى ساھەدە بۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان مەسلە. كۆپلىگەن ژورناللار ئادەتتە ئەڭ تىز بولغاندىمۇ بىر ئاي ئەڭ ئاستا بولغاندا بىر ھەتتا ئۇنڭىدىنمۇ ئارتۇق ۋاقىت تەپسىلى تەكشۈرۈش ۋە قايتا تۈزتۈپ تولۇقلاش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاندىن بىر پارچە ماقالىنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئىلان قىلىش يەنە بىر جەريان تەپەل قىلىدۇ. لېكىن شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ماقالىسى ئاران 12 كۈن ئىچىدە تورغا چىقىپ بولغان. بۇ ئېنىقلا تەھرىرى ۋە مۇھەررىلەر ئۇقۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئىلان قىلغان ماقالە بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئوبزور خەۋەرنىڭ «تەبئەت» ژورنىلىنىڭ باش بىكىتىدە ئىلان قىلىنىشىنى مەلۇم جەھەتتىن «ھۆجەيرە» ژورنىلىنىڭ مۇنداق ياخشى تەتقىقات نەتجىسىنى ئۆزىدىن بۇرۇن ئىلان قىلۋالغانلىقى ھەسەت قىلىش ۋە شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ 2007 يىلدىكى زور بايقاش خاراكتىرلىك نەتىجىلەرنى ئەمدى «تەبئەت» ژورنىلغا سۇنماي بەلكى «ھۆجەيرە» ژورنىلىغا بىرىپ ئۆزىنى داغدا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش دەپ بىلىشكىمۇ بولىدۇ. نىمىلا دىمەيلى مەيلى ژورنال بولسۇن ياكى ئاپتۇر بولسۇن بۇ بىر مەيدان تۆھپىگە ئالدىراشتىن مۇشۇنداق ئاقۋەتنى پەيدا قىلغان. بۇمۇ بىر ھىسابتا بۇ ماقالىنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەشكە ۋە ئاپتۇرلارنى ئالدىراقسانلىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇشقا پايدىسى بار.

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 21:17:52

بىلگەجان ئىزدىنىش مۇنبىرىدىمۇ بار ئىكەندە،ياخشى قىپسىز بۇ يەرگىمۇ يوللاپ.سىزنى بۇ يەردە كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇم.ئەلانى بېسىۋەتتىم.بۇ تېما جەۋھەر تېما بولۇشى كېرەك. \"\"

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 21:39:19

@Bilig، مەن دەل سىزنىڭ تەۋسىيە قىلىشىڭىز بىلەن بۇ يازمامنى ئىزدىنىشقىمۇ يوللاپ قويدۇم. \"\"



@Marshal، رەھمەت قېرىندىشىم. شۇنداق، مەن ئىزدىنىشتىمۇ بار{:92:}



بۇ يازما توغرىسىدا ۋە شۆھرەت ئاكىنىڭ نەتىجىسىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا ئەلداۋا تورىدا نۇسرەت ئىسىملىك تورداش بىلەن ناھايتى قىزىق مۇنازىرىلەرنى ئىلىپ باردۇق، قىزىققۇچىلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مۇشۇ مۇنبەردىمۇ بۇ تىما توغرۇلۇق قىزىق مۇنازىرەلەرگە ئىشتىراك قىلسام دەيمەن، كۆز قارىشىڭلارنى، سۇئالىڭلارنى تارتىنماي ئوتتۇرىغا قويغايسىلەر، قېرىنداشلار.



http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2375&page=2#lastpost

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 22:27:25

bilgejanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

..... ئۇنىڭدىن بىرەسمىي تەلىم ئالغان ....

بۇ سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 22:27:32

مۇشۇ ماقالىگە قوشۇمچە قىلىپ ئۇقۇملارغا چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا بۇ ساھەنى بىلمەيدىغانلارمۇ ئانچە مۇنچە چۈشەنچىگە ئىگە بولسا دىگەن ئۈمىدتتىمەن.

ئۆزەمنىڭ كۆرگەنلىرىنى ئېسىمدە قېلىشىچە يېزىپ قوياي. خاتا بولۇپ قالغان بولسا تۈزۈتۈپ قويارسىلەر.

تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى - توخۇم ھۆجەيرىسى ئۇرۇقلانغاندىن كىيىن بۆلۈنىشكە باشلايدۇ، ئىككى ، تۆت ، سەككىز ، ئون ئالتە ..... بۆلۈنۈپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە ئاندىن ئۆزنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلىپ ئىنسان ئەزالىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يۈرەك ، ئۆپكە، مېڭە قول ۋە پۇت دىگەنگە ئوخشاش. غول ھۆجەيرە دىگەن ئوقۇمنىڭ كۆرسىتىدىغىنى دەل ھۆجەيرىلەر ئۆز خاسلىقىنى نامايەن قىلىشتىن بۇرۇنقى ھۆجەيرىلەردۇر.

ھۆجەيرىلەر ئىچىدە مىڭە ھۆجەيرىلىرى قايتا بۆلۈنمەيدۇ. باشقا ئەزالارنىڭ ھۆجەيرىلىرى بۆلۈنۈپ يېڭىلىنىدۇ.

تېخنىكىلىق جەھەتتىن قارىغاندا غول ھۆجەيرىدىن بەدەننىڭ ھەرقانداق ئەزاسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

مېنىڭ قارىشىمچە غول ھۆجەيرىنى كېلونلاش ئەمەلگە ئاشتى دىگەن سۆز ئەمەلىيەتتە كېلون تېخنىكىسى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشتى دىگەنلىك. شۆھرەت مۇئەللىمگە يېڭى ئۇتۇق - غەلبىلەرنىڭ نىسىپ بولۇشىنى تىلەيمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 23:01:39

مۇشۇ باھانىدە بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا پاراڭلارنىمۇ قىلىشساق بولامدۇ؟

بىرسىگە

ئالدىنقى يىلى ياپۇنىيەلىك نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈر بىلەن بۇ تۈرنىڭ پەرقىنى قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ؟

يەنە بىرى

يەنە ئالدىنقى توكيو ئونۋىرسىتىدا بىر تاز بۇ توغۇرلۇق تاققا تۇققا پاراڭ قىلىپ ئاخىرىدا تەتقىقاتىدا ساختا مەلۇمات بەرگەنلىكى ئېنىق بولغاندەك بىر نىمە بولغان.

كورىيەدىنمۇ 5يىللار بۇرۇن بۇ توغۇرلۇق بىر سەتچىلىك چىققاندەك ئىسىمدە.

شۇنداقلا بۇ تېمىدىكى تەتقىقاتتا ساختىلىق ئۈزۈلمەيدىكەن.بىر قىلغان تەجرىبىنى يەنە بىر قىلسا مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشى ناتايىنكەن.سەۋەبىنى غول ھۈجەيرىنىڭ يىتىلىش مۇھىتى دىگەندەك تاينى يوق سەۋەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ تۈگىتىدىكەن....

ئۇنداق بولسا سوراپ باقسام

بۇنداق تۈردىكى تەتقىقاتلار پەقەتلا شۇنداق بولۇپ قالغان ئېھتىماللىقلا ئەمەستۇ؟



ھىم

سۇئاللار قارا قۇرسىغا سورالدى

ئالىمغا ھاقارەت قىلىش ياكى ھۆرمەتسىزلىك قىلىش نىيىتىم يوق

ئاغزاكى تىلدا چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز خوشال بولاتتىم

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 23:15:10

شۆھرەت ئاكىمىزنىڭ بۇ نەتىجىسىىدىن ئىنتايىن خوش بولدۇم ھەم پەخىرلەندىم،خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئالدىدىمۇ بىر ماختىنىۋالدىم. بىر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجىلەرنى يارىتىشى بىزدەك سويما تەتقىقاتچىلارغا كۆپ ئىلھام بىرىدىغان بىر ئىش.

بىراق بۇ تەتقىقاتنىڭ ، يەنى تۆرەلمە بولۇپ يىتىلىش ھالىتىدىكى غول ھۈجەيرىنى كلونلاش ھەم ئۇنى بۇزۇۋىتىشى ئەخلاق ئىتقادقا ئۇيغۇنمۇ ئۇيغۇن ئەمەسمۇ بۇ جەھەتتە ئازراق گۇمانىم بار. بۇنى مۇشۇ تىمىدا بىر ئوبدان تەھلىل قىلىپ باقساق. مەن بۇنداق غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىنى ئانچە بەك چۈشىنىپ كەتمەيمەن، شۇڭا بىلگەجان ۋە باشقىلار بىلگىنىڭلارنى بىر دەپ باقاسىلەر.

BOLTURK يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 23:19:09

ئەمدى غوراقاپاق ئىتنىڭ بالىلىرى پۇلنىڭ كۆزىگە ئايىماي ياغاچ تىقىدۇ-دە شىۋىتسىيىگە تۇلا قاتىراپ!

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 01:33:46

@ziyali

@tepekkurchi

شۆھرەتكام بۇ ھەقتە CNN زىيارەتىدە خىلى چۈشەنچە بىرىپتۇ. (تۆۋەندىكى گەپلەردە خاتالىق بولۇشى مۇمكىن) بۇنىڭدا تۇخۇم ھۆجەيرىسى ئېسپىرما بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇلمايدۇ، بۇ بەك چوڭ پەرىق! بەلكى تېرە ھجۈيرىسىنى توخۇم ھۆجەيرىگە قاتىدىكەن، ئاندىن بۆلىنىش باشلىنىدىكەن. بۇنداقتا كىلون ئادەم بولىدۇ دېگەن گەپ يوق، ھەم ئوخشاش تېخنىكىنى مايمۇنلارغا سىناپ بىقىپتۇ، ھەم ئۇنداق تۆرەلمە بولۇپ كىلون مايمۇن يىتىشمەپتۇ. شۇڭا ئەخلاق مەسىلىسى يوق دېدى.



يەنە بىرىگە، ھەممە ئەۋرىشكىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماپتۇ، ئاز بىر قىسمىدا بوپتۇ، شۇنداقتىمۇ بىرسى بولسىمۇ، ئىشقا ئىشىش مۇمكىنچىلىكى ئىسپاتلاندى دېگەن گەپ.



تەبئەت ژۇرنىلىدىكى خاتالىق خەۋىرىنى ھەم ئىنكاسلارنى ئوقۇپ چىقتىم. ھىس قىلغىنىم، شۆھرەتكام يەنىلا بەك مەسئۇليەتچانلىق كۆرسىتىپتۇ، ھەقىقەتەن كەسىپ ئەخلاقى ھەم كىشىلىك ئەخلاقى باركەن (ھەممە مەسئۇليەتنى ئۆزەم ئۈستۈمگە ئالىمەن دېيىش ئاسان گەپ ئەمەس). لېكىن ماڭا يەنىلا بەكىرەك شۇ ژۇرنالنىڭ ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ سەۋەنلىكىدەك بىلىندى. ماقالىگە ئەتراپىلىق ۋە ئىنچىكە باھا بىرىدىغان شۇلار، بىسىشقا بەك ئالدىراپ كىتىپتۇ، بەلكىم شۇ دېيىلگەندەك بۇ ژۇرنال رىقابەتچىلىرىدىن بەك ئەنسىرەپ قالغان بولسا كېرەك. ئىشقىلىپ يەكۈن ۋە جەرياندا خاتالىق يوقكەن، پەقەت ماقالە ئۆزىدە ئۇششاق \"ئىملا خاتالىقى\" دەرىجىسىگە غا ئوخشاپ كىتىدىغان خاتالىقلار باركەن.



ئادەتتە ھەرقانچە داڭلىق ئادەم بولسىمۇ، ما ماقالىنى 6 كۈندە بىسىپ بەر دېيەلمەيدۇ، ئۇنى يەنىلا ژۇرنال تەھرىراتى بېكىتىدۇ. مەنچە بولغاندا ئوخشاش مەسئۇليەت شۇ ژۇرنال تەھرىراتى ۋە ئوقۇپ باھالىغۇچىلاردىمۇ بولۇشى كېرەك. بولمىغاندا ژۇرناللارنىڭ ھەممىسى سۈپەت جەھەتتە تۈگەشكەن بولاتتى بۇ چاققا.



خوجايىنىمنىڭ دېيىشىچە ھازىر جۇڭگۇ دا ماقالە يىزىش بېسىمى بەك ئىشىپ كەتكەچكە، نىمىنى تەتقىق قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان، ياكى تەتقىقاتىدا تەجىربىنى قانداق ئىشلەشنى بىلەلمەي قالغان ئاپتورلار قاملاشمىسىمۇ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ئەۋەتىپ باقىدىكەن چەتئەلدىكى چوڭ ژۇرناللارغا. بەزى باھالىغۇچىلار قاراپلا رەت قىلغىنى بىلەن، بەزى باھالىغۇچىلار ئەسلى ئاپتورغا مۇنداق تەجىربە قىلىپ بىقىڭلار، ياكى نىمىشقا مۇنداق قىلمىدىڭلار دەپ مەسلىھەت بېرىدىكەن (ئادەتتە ھەممە ماقالە مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتىدۇ، ئەگەر ماقالە بەك ياخشى يېزىلغان بولسا، باھالىغۇچىلاردىن ئاسانلا ئۆتۈپ ئىتتىك بىسىلىدۇ)، بۇنىڭدىن پايدىلانغان ئاپتۇرلار نەق شۇ كۆرسەتمە بويىچە ئىش قىلىپ، ئاخىرى بىسىلغۇدەك بىر ماقالە يېزىپ چىقىدىكەن. بۇ خىل ئۇسسۇلنى جۇڭگۇلۇقلار بەك ئىشلىتىۋاتىدۇ دەيدۇ ھازىر. بىر ئىشلارنى باشلاپ قويۇپ، «ئەمدى نىمە قىلاي؟» دەپ غەلىتە يولدا ئۈگىنىشتە بۇ، خۇددى بىز مەسىلىگە يولۇقساق پروفىسسورلىرىمىزدىن سورىغاندەك، بۇلار ئەخلەت ماقالە يوللاش يولى بىلەن سورايدىكەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 09:06:11

@Bidar-Qutlan، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ تىمىغا ئىشتىراك قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. بۇ يەردىكى بىرەسمىي دىگەننىڭ مەنىسى مەن 2008-يىلى شۆھرەت ئاكام بىلەن كۆرۈشكەندىن تارتىپ ئۇ ماڭا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى ھەم 2009-يىلى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلغان ۋاقتىمدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ناھايتى كۈچلۈك تەۋسىيە خېتىنىڭ ياردىمى بولغان بولسىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ قولىدا بىلىم ئىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، مانا ھازىر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇنۋىرىستىتىمغا قوبۇل قىلىنغان ئىدىم. مەن ھازىرقى مەكتىپمگە كەلگەندىن كىيىنمۇ مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ يىڭى تەتقىقاتلىرى ئۈستىدە تېلىغۇن، ئىلخەت ۋە بىر نەچچە قىتىم ئىلمىي يىغىنلاردا يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈشلەردە دىگەندەك تەلىم ئىلىپ تۇرغان ئىدىم. مەن ھازىر ئوقۇش پۈتتۈرگەن تەجىرىبىخانا ۋە يىتەكچى پرافىسورنىمۇ ئۇ ئۆزى بىر قوللۇق تەۋسىيە قىلغان ئىدى. گەرچە مەن رەسمىي ئۇنىڭ شاگىرىتى بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭدىن ئازدۇر-كۆپتۇر يۇقىرىدىكى ۋاستىلەر ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشكەنمەن. مىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزۈم دەل شۇ ۋەجىدىن كەلگەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 09:09:43

«كلون»سۆز ئېنگلىزچىدىكى «جىنىسسىز كۆپىيىش»دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى «clone» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. مىسالەن، كىشىلەر ئەتىياز كۈنى دەل ـ دەرەخنىڭ شېخىنى كېسىپ ئېلىپ يەرگە قەلەمچە قىلىپ تىكسە، ئاز كۈندىن كېيىن ئۇ قەلەمچە تۇتىدۇ ـ دە، بىخ چىقىرىشقا باشلايدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى «كىلون»لاش دېمەكتۇر. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئادەتتە جىنىسسىز كۆپىيەلمەيدۇ. شۇڭا ئالىملار ئۇزۇندىن بۇيان ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنى كىلونلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتىدۇ.





كىلون قوي «دولى»نىڭ يارىتىلىشىدىكى ھالقىلىق نۇقتا شۇكى، ئۇنىڭ تۆرىلىشىگە ئاتىلىق ئۇرۇق ئارىلاشمىغان. ئالىملارنىڭ دولىنى يېتىشتۈرۈش جەريانى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا ئايرىلىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتا، ئالىملار ئالدى بىلەن بىر تۇياق شوتلاندىيە قارا قويىغا جىنىسىي ھورمۇننىى ئۇرۇپ ئۇنىڭ توخۇمدانىنى غىدىقلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى ئىنچىكە نەيچە بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ يادروسىنى ئايرىۋېلىپ، يادروسىز قۇرۇق ھۆجەيرىنى قالدۇرغان. ئىككىنچى باسقۇچتا، ئالتە ياشلىق فىنلاندىيە دورسېت ساغلىقىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى يوق ئادەتتىكى سۈت بېزى ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىنى ئېلىپ، ئۇنى شوتلاندىيە قارا قويىنىڭ قۇرۇق قالدۇرۇلغان توخۇم ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزگەن. ئاندىن بۇ شالغۇت ھۈجەيرىنى ئېلېكتر ئېپۇلىسى ئارقىلىق غىدىقلاپ ئۇنى يېڭى بىر ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرغان، ئاندىن ئۇنى يەنە نەيچىدە خۇددى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدەك پارچىلاپ، تەدرىجىي ھامىلە شەكىللەندۈرگەن. ئۈچۈنچى باسقۇچتا، ئۇ ھامىلىنى ئۈچىنچى بىر ساغلىقنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرگۈزۈپ يېتىلدۈرگەن. شۇنداق قىلىپ كىلون پاقلان «دولى»نورمال قوزىلاردەك تۇغۇلغان. دولىدىكى ئېرسىيەت ماددىسى ـ DNA پۈتۈنلەي ئىككىنچى قوينىڭ ھۈجەيرىسىدىكى كەلگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمدىن يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، دولىنىڭ تۆرىلىش جەريانىنى ھەقىقىي جىنىسسىز كۆپىيىش دېيىشكە بولىدۇ.




كىلون تېخنىكىسى ئىنسانلارنىڭ ئىلىم ـ پەن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن بىر تۈرلۈك كاتتا مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرە يادروسىنى پارچىلاش تېخنىكىسى، ھۈجەيرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە كونترول قىلىش تېخنىكىسىنىڭ غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇنداقلا بىئولوگىيە ئەسىرىدىن ئىبارەت يېڭى بىر دەۋرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى نامايەت قىلدى.



كىلون قوي دولىنىڭ تۇغۇلۇشى، بېئولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى بۇ مۇھىم بۆسۈشنىڭ زور ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. چۈنكى، كىلون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سورتلۇق زىرائەتلەر، نەسىللىك ئۆي قۇشلىرى ياكى ئۆي ھايۋانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى، نەسىل تاللاپ يېتۈشتۈرۈش سىزونىنى )دەۋرىيلىكى ـ تەرجىماندىن(قىسقارتىپلا قالماي، بەلكى نەسىل تاللاپ يېتىشتۈرۈش دائىرىسىنىمۇ كېڭەيتكىلى بولىدۇ.

بىئولوگىيە ئالىملىرى، كىلون تېخنىكىسىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. چۈنكى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر تۈرلەر، بولۇپمۇ نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ھايۋانلارنىڭ جىنىسلىق كۆپىيىش شەرتى ئىنتايىن قاتتىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ سانىمۇ ناھايىتى ئاز. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىگە تايانغاندا ئۇلارنى نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىدىن قۇتۇلدۇرماق تەس. شۇڭا، كىلون تېخنىكىسى ئۇلارغا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز ئامەت ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كىلون تېخنىكىسىنىڭ تىبابەتچىلىك ساھەسىدىكى ئىستىقبالىمۇ ئىنتيىن پارلىق، بەزى ئالىملارنىڭ پەرىزىچە، كىلون تېخنىكىسى ئارقىلىق بەزىبىر سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە ئادەم ئورگانىزمىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنى ئاشۇ ئورگانىزمى ئۆلگەن ئادەملەرگە كۆچۈرۈش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدىكەن. دۇرۇس، بۇنداق پەرەزلەر ناھايىتى نۇرغۇن تالاش ـ تارتىشلارغا سەۋەپ بولماقتا.

مەنبە : ئوكيان قامۇسى

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 09:12:58

شۆھرەتكامنىڭ بۇ نەتىجىلىرى زور بۆسۈش خارەكتىرلىك، غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىنى يىڭى بىر باسقۇچقا باشلاپ كىرىدىغان بىر چوڭ ئىش ھەم بىز ئۇنىڭ مۇشۇ ساھەدە پۈتۈن دۇنيادىكى بىردىنبىر باشلامچى بولۇپ مېڭىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز. ئالىمنىڭ بۇ نەتىجىسى بىر تەرەپتىن كىشىنى خۇشال قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئادەمنى كلونلاشقىچە نۇرغۇن جەريانلار بولسىمۇ، لىكىن بۇ نەتىجە ھەقىقەتەنمۇ كەلگۈسىدە ئادەمنى كلونلاشتەك ئەخلاققا يات قىلمىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا سەۋەب بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. بۇنى خۇددى ئېينىشتىيننىڭ نەتىجىلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە زور تەھدىت بولىۋاتقان يادرو قوراللىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىشى، نوبېلنىڭ پارتلاتقۇچ دورىنى كەشىپ قىلىشىنىڭ زور مىقداردىكى قىرغىنچى قوراللارنىڭ ياسىلىشىغا سەۋەب بولغانلىغى بىلەن ئوخشاپ كىتىدۇ.



كلونلاش پەقەت ئىسپىرمىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا ئوخشايدىغان بىرىكمە ھۆجەيرىنى تەن سىرتىدا ھاسىل قىلىش دىگەنلىك. ئۇرۇقلانغان توخۇم بىلەن تەن ھۆجەيرىسىدىن يادرو كۆچۈرۈپ قايتا پروگراممىلانغان توخۇمنىڭ پەرقى نىمە؟ پەقەت ئىسپىرمىنىڭ ئورنىنى باشقا تەن ھۆجەيرىسى ئالدى دىگەنلىك، ھەم بۇ خىل ھۆجەيرە ئەمەليەتتە بىلاستۇلا باسقۇچىغا يىتلىدى دىگەن سۆز، شۇ بىرىكمە ھۆجەيرىنىڭ pluripotent (تولۇق پوتىنسىئاللىق) ئىكەنلىكىنى، multipotent (كۆپ خىل پوتىنسىئاللىق) ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. دىمەك، بۇ يادرو كۆچۈرۈلگەن ھۆجەيرىنىڭ بالياتقۇغا ئورۇنلاشتۇرۇلسا تولۇق يىتىلىپ بىر ھامىلىگە ئايلىنىش پوتىنسىئالى بار دىگەنلىك. پەقەت پەرق، بۇرۇن بىر يىتىلۋاتقان تۆرەلمە ئۆلتۈرۈلۈشى كىرەك ئىدى، ئەمدى پەقەت ئورگان يىتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئىندۇكىسىيەلەش ئارقىلىق ئورگان يىتىشتۈرۈش مەقسىتىدە تەن سىرتىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ. مىنىڭ سۇئالىمنىڭ ئەندىشىسى كىشىنىڭ بۇ مەسلىگە قانداق قارىشىغا باغلىق. دەل مۇشۇ خىل ئەندىشە بولغاچقا، دۇنيادىكى ئىنسان ئەخلاقى گۇرۇپپىلىرىبۇ تىخنىكىغا قارشى تۇرۋاتىدۇ.


يەنە بىر ئىش تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى ئەسلىدىنلا pluripotent، سىز دىگەندەك multipotent ئەمەس. پەقەت plutipotent ھالىتى دەسلەپكى بىر قانچە ھۆجەيرە بۆلۈنىشىدىلا مەۋجۇت بولىدۇ، بۇ سىزنىڭ ھۆجەيرىنى قايسى ۋاقىتتا يىغىشىىڭىزغا باغلىق، يەنى شۆھرەت ئاكا بۇ ھۆجەيرىلەرنى بىلاستۇلا باسقۇچىغا بارغاندا ئاندىن يىغقاچقا multipotent غول ھۆجەيرىلەرنىلا ئالالايدۇ. سىز باشقا بىرىنىڭ بۇ خىل ھۆجەيرىنى 4 ھۆجەيرە باسقۇچىدىلا يىغىۋىىلپ يەنى پۈتۈن فۇنكىسىيەلىك ۋاقتىدىلا يىغىىپ بۇنى تەن ئىچىگە كۆچۈرۈپ تۆت ھامىلە ھاسىل قىلىشقا ئىشلەتمەيدۇ دىيەلەمسىز؟





بىرنىچىدىن، مەن ھەممىمىزنىڭ مەلۇم يىڭى تېخنىكا ۋە يىڭى شەيئىلەرگە قارىتا ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق، توغرا ۋە ئىلمىي باھادا بولۇشىمىز كىرەكلىكىنى ئەسكەرتمەكچى. مەن بۇ تېخنىكىنىڭ ئەھمىيىىتى يوق، قارشى تۇرايلى دەپ تەتۈر مۇقام توۋلىغىنىم يوق، بەلكى ئۆز شەخسىي قارىشىم بويىچە بۇ تېخنىكىنىڭ بەزى يوشۇرۇن تەرەپلىرىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويدۇم.



سىز دىگەندەك بۇ تېخنىكا كەلگۈسىدە ئەزا ئورگانلارنى يىتىشتۈرۈشكە ئاساس بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ھەرگىزمۇ سىز كېسىپ ئىيتقاندەك ئاشۇ تىلغا ئالغان كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىىنى ياكى بىر قىسىمىنى ساقايتىشقا بولىدۇ دىيىشكە تېخى بەكلا بالدۇرلۇق قىلىمىز، شۇڭا بولمىغان ئىشقا ئۇنچىۋالا كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇشىڭىز مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، غول ھۆجەيرىدىن ئەزا يىتىشتۈرۈشكىچە نۇرغۇن جەريان كىتىدۇ ھەم شۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كىرەككى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى راك ھۆجەيرىلىرىدەك چەكسىز بۆلۈنۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەم توغرا ئىندۇكسىيەلەنمىسە قانداق ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرى ئىنسان تۆرەلمىسىدىن ئايرىۋىلىنغاندىن كىيىن بۇنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىكى نامۇۋاپىقلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ تېخى بىرەر كېسەلنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىپ باقمىدى، بەلكى يەنىلا iPS دەپ ئاتىلىدىغان چوڭلار غول ھۆجەيرىسىدىن قايتا پروگراممىلانغان ھۆجەيرىلەر كىلىنىكىدا 1 تىپلىق دىئابىت كېسىلى قاتارلىق بىر نەچچە خىل كېسەللەرنى داۋالاشتا مۇۋەپپىقيەتلىك بولدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ خىل چوڭلار بەدىنىدىن ئايرىپ ئىلىنغان غول ھۆجەيرىلەرنى ئاساسلىقى تۆت خىل گېننى قوزغىتىش ئارقىلىق (تۇخۇم ھۆجەيرىسى ئىشلىتىلمەيدۇ) قايتىدىن تۆرەلمە غول ھۆجەيرە ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن induced pluripotent cell iPS ھۆجەيرىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئاچقۇچلۇق تەتقىقاتلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان John Gurdon بىلەن Shinya Yamanak غا 2012-يىللىق نوبىل مۇكاپاتى بىرىلدى. يەنى بىر تېخنىكا ئىلغار بولسىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئىجابىي قىممىتى ئىسپاتلانغاندىلا ئاندىن ھەققىي تۈردىكى قىممەتكە ئىگە بولىدۇ ھەم نوبىل مۇكاپاتىغا لايقلىشىدۇ. بۇنى تىلغا ئىلىشىم، ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ مۇۋاپپىقيەتلىك ئايرىپ ئىلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ تېخنىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى قىممىتىنى كۆرۈشكە تەشنامەن ھەم بۇ تېخنىكا كەلگۈسىدە كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلىشى زېئاللىققا ئايلانغاندىلا بۇ تېخنكىغا ھەققىي ياخشى باھالارنى بىرەلەيمىز. بۇنىڭ بىر ئىلىم پەندىكى زور ئىلگىرلەش ئىكەنلىكىدە ۋە ئالىمىمىزنىڭ ياراتقان نەتىجىسىدە شەك يوق، شۇنداق بولغاچقا مەن ئۇنىڭ ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىشقا خالىسانە تۇتۇش قىلدىم. لىكىن بىز بۇ تېخنىكىنىڭ ئەمەليەتتە قوللىنىشىنى كۆرمەي تۇرۇپ پەرەزگە ئاساسەن سىزدەك كېسىپ ھۆكۈم قىلساق بەلكىم توغرا بەلكىم خاتالىشىش ئېھتىماللىقىمىز بار ھەم ھازىرچە سەل ئالدىراقسانلىق قىلغانلىق بولۇشى مۇمكىن.



ئىككىنچى، سىز مىنىڭ سۇئالىمنى توغرا چۈشەنمەپسىز، مەن سىزدىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بىلەن يادرو كۆچۈرۈلگەن تۇخۇمنىڭ پەرقىنى سورىشىمدىكى مەقسەت جىننىسسىز كۆپىيىشتىن باشقا بىئولوگىيلىك جەھەتتىكى پەرقلەر ئىدى، ھەم بۇنى سىز ئەمەس بەلكى شۆھرەت ئاكاممۇ تېخى ئېنىق بىلمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ھەر ئىككلىسى بىر تۆرەلمىگە ۋە ئىنسانغا ئايلىنىش پوتىنسىئالىغا ئىگە. بۇ ئىككىسىنىڭ ھەقىقىي پەرقىنى بىلىش ئۈچۈن يەنە كۆپ مىقداردا تەتقىقاتلار كىتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئىسپىرما ھۆجەيرسى يادروسىىنىڭ ئورنىنى تەن ھۆجەيرە يادروسى ئالغاندىن كىين ئەمەليەتتە گېنتىكا جەھەتتىن ھاسىل بولغان ھامىلىنىڭ ئاتىسىمۇ-ئانىسىمۇ بىر دىگەنلىك ھەم بۇنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغىنىنى تېخى تولۇق بىلىپ بولغىنىمىز يوق. مەن سىز بىر مۇنچە چۈشەندۈرۈگەندەك نوقۇل ھالدا بۇ تېخنىكىنىڭ تېخنىكىلىق ۋە قوللىنىشچانلىق جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى سىزدىن سورىمىغان ئىدىم. شۇڭا توغرا چۈشىنىۋالغايسىز. يەنە دىسەم يەنە شۇ، ھەم سىزمۇ دەپسىز بىلمەيمەن دەپ، بۇ تېخنىكىنىڭ كەلگۈسىدە يامان كىشىلەر تەرىپىدىن ئىنساننى كلونلاشتا ئىشلىتىلىپ قىلىش ئېھتىماللىقىنى يوق دىگىلى بولمايدۇ. مەن بۇ ئارقىلىق بۇ تېخنىكىنى چەكلەش تەرەپدارى ئەمەسمەن، پەقەت مۇشۇ خىل ئەندىشىدە ئىكەنلىكىمنى ئىيتىپ قويدۇم. مەنچە مىنىڭ بۇ خىل ئەنسىرىشىمنى ئورۇنسىز دىگىلى بولمايدۇ.



ئۇچىنچىدىن، سىز ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى بىر ھاياتلىق دەپ قارىمايدىكەنسىز، لىكىن مەن سىزنىڭ سىز مىسال قىلغان قۇرئان-كەرىم ئايەتلىرىنى ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرەلەيدىغان ياكى چۈشەندۈرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم. ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى دىگەندە، سىز شەكىل كىرگۈزۈشنى جان بىرىش بىلەن ئوخشاش دەپ ئويلامسىز؟ ئۇنداقتا ئۈچ ھەپتە بۇرۇن، يەنى يۈرەك سوقۇشتىن بۇرۇنقى تۆرەلمە سىزچە بىر ھاياتلىق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بۇ بۇقتىدا ئايەتنى توغرا ھالدا بىئولوگىيلىك ھادىسىلەرگە باغلاپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ مىنى قايىل قىلالىسىڭىز، ھازىرقى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى دەيدىغان قارىشىمنى ئۆزگەرتىشىممۇمكىن، لىكىن ھازىرچە ئۇ قارىشىمنى ساقلاپ قالىمەن. تۇخۇم ھۆجەيرىسى باشقا ھەر قانداق ھۆجەيرىدىن ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە، ئۇنىڭ بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلمەي تۇرۇپ، تۇخۇمنى ئىشلىتىشنى ئاساس قىلغان تېخنىكىلارنىڭ كەلگۈسىدە قانچىلىك زور پايدىلىق نەتىجىلەرنى ئىلىپ كىلىشىگە يەنىلا كۆرگەندىن كىيىن قايىل بولىمەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 09:31:13

يۇقىرىدىكىسى مىنىڭ بىر تورداش بىلەن قىلغان مۇنازىرەمدىكى مىنىڭ يازغانلىرىم ئىدى، بەزى قوشۇمچە پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالسا ياكى تېخىمۇ كۆپ مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەقسەتتە يوللاپ قويدۇم.



دىن تەرەپتىن مەندىن كۆپ بىلىملىك قېرىنداشلارنىڭ ئىزدىنىشتا بارلىقىنى بىلىمەن بولسا، سىلەرنىڭ ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدىكى قۇرئان كەرىمدە دىيلگەنلەرنى تېخىمۇ مەنىسىنى يىيىپ چۈشەندۈرۈپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن. مەن خاتالاشقان بولسام كۆز قاراشلىرىمنى توغرىلىۋىلىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن. رەھمەت!

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 09:43:27

ئىزدىنىشنى قىززىتىدىغانغا تېما چىقتى مېنى ، يېقىن يۇرۇقلارغا خەۋەر قىلايلى ، ئىزدىنىش ئېچىلدى دەپ !

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 10:08:27

@ziyali:

مۇشۇنداق ياخشى سۇئاللارنى سورايدىغان تورداشلار بار مۇنبەردە مۇنازىرە ئەلۋەتتە قىززىيدۇ، سۇئاللىرىڭىزغا زور ئىشتىياق بىلەن جاۋاب بىرىشكە تەييارمەن.



iPS دەپ ئاتىلىدىغان چوڭلار غول ھۆجەيرىسىدىن قايتا پروگراممىلانغان ھۆجەيرىلەر كىلىنىكىدا 1 تىپلىق دىئابىت كېسىلى قاتارلىق بىر نەچچە خىل كېسەللەرنى داۋالاشتا مۇۋەپپىقيەتلىك بولدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ خىل چوڭلار بەدىنىدىن ئايرىپ ئىلىنغان غول ھۆجەيرىلەرنى ئاساسلىقى تۆت خىل گېننى قوزغىتىش ئارقىلىق (تۇخۇم ھۆجەيرىسى ئىشلىتىلمەيدۇ) قايتىدىن تۆرەلمە غول ھۆجەيرە ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن induced pluripotent cell iPS ھۆجەيرىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئاچقۇچلۇق تەتقىقاتلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان John Gurdon بىلەن Shinya Yamanaka غا 2012-يىللىق نوبىل مۇكاپاتى بىرىلدى. يەنى بىر تېخنىكا ئىلغار بولسىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئىجابىي قىممىتى ئىسپاتلانغاندىلا ئاندىن ھەققىي تۈردىكى قىممەتكە ئىگە بولىدۇ ھەم نوبىل مۇكاپاتىغا لايقلىشىدۇ. بۇنى تىلغا ئىلىشىم، ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنىڭ مۇۋاپپىقيەتلىك ئايرىپ ئىلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ تېخنىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى قىممىتىنى كۆرۈشكە تەشنامەن ھەم بۇ تېخنىكا كەلگۈسىدە كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلىشى زېئاللىققا ئايلانغاندىلا بۇ تېخنكىغا ھەققىي ياخشى باھالارنى بىرەلەيمىز.



بۇنى تەپسىلىي قىلىپ چۈشەندۈرسەك، ئۆتكەن يىللىق نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككى غول ھۆجەيرە ئالىمىنىڭ ئىچىدىكى Gurdon دىگەن كىشى دۇنيادا بىرنىچى بولۇپ 1963 يىلى پاقا تۇخۇمىدىن قايتا پروگراممىلانغان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىنى يىتىشتۈرۈپ كلونلاش تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان ئاتاقلىق ئەنگىلىيە ئالىمى. ئۇ بىر زوئولوگ، تۆرەلمەشۇناس ۋە ھۆجەيرە بىئولوگىيە ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن ھاياتىنى ئوخشىمىغان تۈردىكى ھايۋانلارنىڭ تەن ھۆجەيرىلىرىنى غول ھۆجەيرە ھالىتىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن زور ئەجىر سىڭدۈرگەن ئەنگىلىيە ئالىمى بولۇپ، ئۇنىڭ تۆھپىسى تارىخ بىتىدە مەڭگۈ قالىدىغىنى ئېنىق. ئەمدى Gurdon بىلەن ئۆتكەن يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ تەڭ ھەقلىق ئىگىسى بولغان يامانكا بولسا تەن ھۆجەيرىسى بىلەن غول ھۆجەيرىنىڭ گېن ئالاھىدىلىكىنى ئۈزۈل كېسىل سىلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تۆت خىل گېننىڭ چوقۇم پەقەت بارلىق غول ھۆجەيرىلەرگىلا خاس ھالدا ئىپادىلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە مۇشۇ تۆت خىل گېننى تەن ھۆجەيرىسىگە كىرگۈزۈش ياكى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاللىقاچان ئىندۇكسىيەلەنگەن ھۆجەيرىلەرنى غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرۇشتا مۇۋاپپىقىيەت قازانغان. بۇ خىل ھۆجەيرىلەر ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرە (induced pluripotent cell, iPS) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل iPS ھۆجەيرىلىرى كىلىنىكىدا زور ئەمىلىي ئىشىلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولغانلىقى ۋە ئاللىقاچان كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىككى ئالىمغا 2012-يىللىق نوبىل فىزىئولوگىيە ۋە مىدىتسىنا مۇكاپاتى بىرىلدى. بۇ ئالىملار ھەقىقەتەن شۇ شەرەپكە لايىق ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدۇ.
بەت: [1] 2 3 4 5
: شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ داڭلىق ماقالىسى (ئۇيغۇرچە تەرجىمە)