(قۇتلان) رودىپاي خەتلەردىن قانداق قۇتىلىمىز؟
ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر، مەن 5،6 يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئېلىپ، قوشۇمچە كەلگەن رەسىم ھۆججىتىنى چىكىپ تاشلىغىنىم بىلەن كومپيۇتېرىمنىڭ بارلىق USB ئېغىزلىرى پالەجلىشىپ، ھىچقانداق دېتال چاتقىلى بولمىغان ئىدى، شۇندىن بىرى ناتونۇش كىشىلەردىن كەلگەن قوشۇمچىسى يۈكلەنگەن خەتلەردىن ئىھتىيات قىلىپ، ئوقۇمايلا ئەخلەتخانىغا تاشلايتىم، بەزىدە ئادەمنىڭ غېدىقىنى كەلتۈرۈپ، مېنى گۆل بېلىقتەك كۆرۈپ قالغان دەلتىلە يەمچۈكسىمان خەتلەرنى يوللاپ، ئۇنىڭغا ھەرخىل قىستۇرمىلارنى قوشۇپ ئىبەرتسە، قاراپمۇ قويماي، 垃圾邮箱 غا يولىلۋىتەتتىم،-دە قايتا ئەۋارە قىلىشدىن قۇتىلاتتىم، ئالدىنقى قېتىم 2 خەتداندىن ئايرىم-ئايرىم بىرىدە ۋورد نى يەنە بېرىدە ئېكسالنى قوشۇمچە قىلغان ، ئىملا خاتالىقىنىڭ تولىلىقىدىن مەزمۇنىدا نېمە دېمەكچىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان، ئوپمۇ ئوخشاش 2 پارچە ئەخلەت خەت كەلگەن ئىكەن، مەن ئۇنىڭ قوشۇمچىسىگە قاراپمۇ قويماي 垃圾邮箱 غا ھەيدىۋەتكەن ئىدىم، ئادەتتە 垃圾邮箱 غا يوللانغان خەتلەر قايتا تەكرار كەلمەيدىغاندەك قىلاتتى، بۇ قېتىم باشقا ئىككى ئەبلەختىن ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوپ-ئوخشاش 2 خەت كەلگەن ئىكەن، مەن ئۇنىڭ قوشۇمچە ۋورد ۋە ئېكسال ھۆججىتىنى كۆرۈپ دەرغەزەپتە ھەتتا خەتنى ئېچىپمۇ باقماي، بۇ خەتنىمۇ 垃圾邮箱غا يوللىغان ئىدىم، ئەپسۇس، بۇ خەت يوقالماپتۇ، تەكرار-تەكرار 删除 دەپمۇ، 垃圾邮箱 دەپمۇ، مەشغۇلات قىلىپ باقتىم، ھەربىر مەشغۇلاتتا بۇ ئىككى رودىپاي، يوقۇلىدۇ، ئەممە بەتنى دەرھال يېڭلىساملا يەنە پەيدا بولىدۇ، بۇ رودىپايدىن پەقەت قۇتۇلالمىدىم. قانداق قىلغاندا بۇنداق رودىپايلاردىن ئۈزۈل-كىسىل قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭغا ياخشى دورا بولمىسا، مەن بۇ ئېلخەتدانىمدىن مەڭگۈلۈك ۋازكەچمەكچى. ئېلخەتدانىمنىڭ ئىسمى: Bidarerfan&gmail.com ئىدى.


2- قەۋەتتىكى adeli0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىز ئادەتتە قايسى خەت ساندۇقنى ئېلشتسىزكىن چچ خەت ساندۇقنىڭ مەخسۇس مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى تازىلاش ئىقتدارى بار ،سىز ئېنىق دەپ بەرسڭىز سىزىگە قانداق بىر تەرەپ قېلشنى دەپ بىرەي
دەپ بېرىپتىغۇ. سىزگە قاندىغى بولسا بولىتى
ئەخلەت ھۆججەت دەپ مەلۇم قىلىش report as a spam ئېقتىدارىدىن پايدىلىنىپ باقىسىلا ..
مەن بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇقۇپ باقمىدىم . كەلگەن ئېلخەتنىڭ سول تەرىپىدە شۇ ئېلخەتنى تاللىسىڭىز ئۈستىدە يېڭى تىزىملىك پەيدا بولىدۇ. بۇ تىزىملىك سۈرەت شەكلىدە، چاشقاننى ئۈستىدە تەڭلەپ تۈرسىڭىز خېتى چىقىدۇ. ئۈندەش بەلگىسنىڭ سۈرىتى بولغان كونۇپكا ئاشۇ Report spam (报告垃圾邮件) دىگەن كونۇپكا شۇ. شۇنى بېسىپ مەلۇم قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ. تەلىيڭىز بولسا ئاشۇ ئېلخەت ئادرىسىدىن ئەمدى خەت تاپشۇرۋالمايسىز.
ئەخلەت ئېلخەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى مۇلازىمىتىرلارنىڭ ھەممىسىدە بولۇپ كەتتى، شۇنىڭدىن پايدىلانماي شۇنداق ياخشى ئىسىملىك ئېلخەتتىن ۋاز كەچسىڭىز ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. بۇ خەتنى پەقەتلا ئاچماڭ ،ياكى بىر تارماق مۇندەرىجە قۇرۇپ شۇنىڭغا سېلىۋىتىڭ ھەم شۇ ئادرستىن كەلگەن خەت بولسا شۇ تارماق مۇندەرىجىگە كىردىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇڭ
بەت:
[1]