Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-5-25 22:08:44

(بىلىك) نىسپىيلىك نەزەرىيسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە









كىرىش



نىسپىيلىك نەزەرىيسى يېقىنقى زامان فىزىكا تارىخىدىكى گىگانىت نەزەرىيە سىستىمىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ كۋانت نەزەرىيسى بىلەن ئوخشاش تارىخى دەۋىردە ئوتتۇرىغا چىقتى، ھەمدە ھازىرقى زامان فىزىكا نەزەرىيەلىرى ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىدى.فىزىكىنى، جۈملىدىن زامانىۋى پەن-تېخنىكىنى بىر (سېلىنىۋاتقان) بىناغا ئوخشاتساق، نىسپىيلىك نەزەرىيسى بىلەن كۋانت نەزەرىيسىنى بۇ بىنانىڭ ئۆگزىسىنى تىرەپ تۇرىۋاتقان ئىككى تۈۋرۈك دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. كۋانت نەزەرىيسى ھەققىدە ‹‹ كۋانت دۇنياسىغا كىرىش›› دىگەن يازمىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن ئىدى. بۇ يازمىدا بولسا نىسپىيلىك نەزەرىيسى ئۈچۈنئاممىباپ بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.ئالدى بىلەن نىسپىيلىك پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان‹‹گالىلىي ئالماشتۇرىشى›› كۆرسىتىلىپ، كىلاسسىك مەنىدىكى نىسپىيلىك ئۇقۇمى باشلانما نوختا سۈپىتىدەئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.ئاندىن تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق، زامان-ماكان كوردېنات سېستىمىسى تونۇشتۇرىلىدۇ ھەمدە ( يورۇقلۇق مەنبەسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان) يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ چەكلىك بولۇش پىرىسنسىپىدىن پايدىلىنىپ كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان ئېنىرتسىيلىك سېستىمىدا يۇقىرى تېزلىكتىكى جىسىملارغا نىسبەتەن ‹‹لورىنتىز ئالماشتۇرۇشى›› كۆرسىتپ ئۆتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زامان-ماكاننىڭ قىسقىرىشى، يۇقىرى تىزلىكتىكى جىسىم ماسسىىسىنىڭ چوڭىيىپ كىتىشى قاتارلىق نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدىكى ‹‹غەيرى›› ھادىسىلەر چۈشەندۈرۈپ ئۆتىلىدۇ.ئاخىرىدا ئېنىشتىيىننىڭ مەشھور بولغان ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسىى كۆرسىتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى بايان قىلىپ ئۆتىلىدۇ.





بەلگە جىسىم،پايدىلىنىش سېستىمىسى ۋە نىسپىيلىك پىرىنسىپى


مۇتلەق ماكان ۋە زامان ئۇقۇمى ئەڭ دەسلەپتە نىيوتۇننىڭ ‹‹ تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىلىق پىرىنسىپلىرى›› دىگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. نيوتۇننىڭ قارىشىچە، مۇتلەق ۋاقىت (ياكى زامان) كىشىلەر تەرىپىدىن ھېس قىلغىلى بولمايدىغان ماتېماتىكىلىق ئۇقۇم بولۇپ،سىرىتقى ھېچقانداق نەرسىگە نىسپەت بولمىغان ھالدا ئالەمدە بىرخىل رېتىمدا تەبى ئاقىدىغان مەۋجۇتلۇق؛ نىسپىي ۋاقىت بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، سەزگىلى بولىدىغان سىرىتقى ئۆلچەش ئارقىلىق بىرەر ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىش مەزگىلىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، كۆپىنچە بىزلەر تەرىپىمىزدىن ئىشلىتىلىدىغان ۋاقىت ئۇقۇمىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇتلەق بوشلۇق (ياكى ماكان) بولسا ھەرۋاقىت ئوخشاش ھەم مىدىرلىماي تۇرىدىغان، سىرىتقى ھېچقانداق نەرسىگە نىسپەت بولمىغان بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ؛ نىسپىي بوشلۇق (ياكى ماكان) بولسا مەلۇم ھەرىكەتلىنىدىغان ئۆلچەمگە قارىتىلغان بولۇپ، جىسىملارنىڭ ئورۇننى بەلگىلەشتە قوللىنىلىدۇ...

دىمەك، يۇقارقى بايانلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇتلەق زامان ۋە ماكانفىزىكىلىق ھادىسىلەرگە باغلىق بولماي پەقەت فىزىكىلىق ھادىسىلەرگە سەھنە ۋە ئارقا كۆرۈنۈش ھازىرلايدۇ.

نىيوتۇن ئۆز نەزەرىيەلىرىدە مۇتلەق زامان ۋە ماكان ئۇقۇمىنى قوللانغان بولسىمۇ يەنىلا گالىلىينىڭ نىسپىيلىك پىرىنسىپىغا ۋارىسلىق قىلغان. نىسپىيلىك پىرىنسىپىدا شۇنداق دىيىلىدۇ: « فىزىكا قانۇنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان تەڭلىمىلەر ھەر بىر (مۇۋاپىق) پايدىلىنىش سېستىمىسىدا ئوخشاش شەكىلگە ئىگە بولىشى كىرەك».



ھەرىكەت بىر-بىرىگە نىسپەتەن نىسپىي بولغانلىقى ئۈچۈن مەلۇم نەرسىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى يەنە بىر نەرسىنى بەلگە قىلىپ تۇرۇپ تەسۋىرلەشكە مەجبۇر بولىمىز. مانا مۇشۇنداق بەلگە قىلىنغان نەرسە ياكى نەرسىلەر سېستىىسى «پايدىلىنىش سېستىمىسى» دىيىلىدۇ. مەسىلەن،پويىزدا ئولتۇرغان بىز پويىزنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن سىرىتتىكى دەل-دەرەخ، تاغ-دەريالارنى بەلگە قىلساق پويىز شۇلارغا نىسپەتەن مېڭىپ كىتىۋاتقان بولىدۇ. ئەگەر پويىزنىڭ دېرىزىلىرى مەھكەم يېپىلىپ، پويىز سىلىق ماڭسا ئىچىدە ئولتۇرغان بىز پويىزنىڭ ماڭغان ياكى ماڭمىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز، بىزنىڭ بەلگىمىز ئۆزىمىز ئولتۇرغان ۋاگۇن بولغاچقا پويىز تىنىچ تۇرغان ياكى ماڭغىنىنى ئىلغا قىلالمايمىز. دىمەك، ھەرىكەتنى بىلىشتە بىزگە بىر پايدىلىنىش سېستىمىسى لازىم بولىدۇ.





ئ
ېنىرتسىيلىك پايدىلىنىش سېستىمىسى ۋە گالىلېې ئالماشتۇرۇشى



يۇقىرىدا بىز نىسپىيلىك پىرىنسىپىدا فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ ھەربىر مۇۋاپىق پايدىلىنىش سېستىمىسىدا ئوخشاش شەكىلگە ئىگە بولۇشى كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۇق. بۇ يەردىكى مۇۋاپىق پايدىلىنىش سېستىمىسى ئېنىرتسىيلىك پايدىلىنىش سېستىمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئاددىي قىلىپ نىسپىي تىنىچ ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان سېستىمىنى ئېنىرتسىيلىك سېستىما دەپ ئاتايمىز.مەسىلەن، تىنىچ تۇرغان ياكى تەكشى كىتىۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە فىزىكا قانۇنىرى تامامەن ئوخشاش شەكىلدە. بۇ يەردە نىسپىي تىنىچ تۇرۇش ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت قىلىش بىز دەۋاتقان ئېنىرتسىيەنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا نيوتۇننىڭ بىرىنچى قانۇنىنى يەنە ئېنىرتسىيە قانۇنى دەپمۇ ئاتايمىز. تۆۋەندە ئېنىرتسىيەلىك پايدىلىنىش سېستىمىسىدىكى گالىلېي ئالماشتۇرىشىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.









رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكt=0 دە Sۋە′Sدىن ئىبارەت ئىككى ئېنىرتسىيەلىكسېستىما بىر-بىرىگە ئۈستۈنمۇ-ئۈست چۈشكەن،ئاندىن′S تەكشى تېزلىك v بىلەن x ئوقىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان بولسا′S دىكى ماكان ۋە زامان كوردېناتلىرى(′x′,y′,z t) بىلەن S تىكى ماكان زامان كوردېناتلىرى (x,y,z t) ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئالماشتۇرۇش مەۋجۇت بولىدۇ:









يەنى بۇ دىگەنلىك،ھەرىكەت قىلىۋاتقان سېستىمىدىكى ماكان- زامان نوختىسى بىلەن تىنىچ تۇرغان سېستىمىدىكى ماكان-زامان نوختىسى گالىلېي ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ماتېماتىكىلىق مۇناسىۋەت بىلەن باغلىنىدۇ:



                                          S*(گالىلېي ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى)=′S.






يۇقارقى ئالماشتۇرۇشنى مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرسەك، بىكەتتىن چىقىپ تەكشى تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان پويىز ۋاگونى ئىچىدە ئۇچۇپ كىتىۋاتقان بىر چىۋىننى ۋاگون ئىچىدە تۇرۇپ كۆزەتكۈچى ′S   كوردېنات سېستىمىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكەن؛ بىكەتتە تۇرۇپ كۆزەتكۈچى S كوردېنات سېستىمىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكەن بولىدۇ. چىۋىننىڭ بوشلۇقتىكى زامان - ماكان كوردېناتى يەر يۈزىگە نىسبەتەن، يەنى بىكەتتىكى كۆزەككۈچىگە نىسبەتەت(x,y,z t)بولسا، ۋاگون ئىچىدىكى كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن (′x′,y′,z t)بولىدۇ. بۇلار ئارىسىدىكى ماتېماتىكىلىق مۇناسىۋەت دەل گالىلېي ئالماشتۇرىشى ئارقىلىق تىكلىنىدۇ. ۋاگون xئوقىنى بويلاپ vtئارلىق مېڭىپ بولغانلىقى ئۈچۈن چىۋىننىڭ ۋاگون ئىچىدىكى xكوردېناتى بولىدۇ، y ۋە zئوقلىرى ئۆزگەرمەي پاراللېل يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن ، بولىدۇ. گالىلېي كوردېنات سېستىمىللىرىدا ۋاقىت كوردېنات سېستىمىسىغا قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ.بۇ دىگەنلىك، يەر يۈزىدىكى كۆزەتكۈچىنىڭ سائىتى بىلەن ۋاگوننىڭ ئىچىدىكى كىشىنىڭ سائىتى ئوپمۇ-ئوخشاش قەدەمدە ماڭىدىغان بولۇپ، ۋاگوننىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتىسز. شۇڭا بولىدۇ.





گالىلېي ئالماشتۇرۇشى كىلاسسىك مەنادىكى كوردېنات ئالماشتۇرۇشى بولۇپ،ئۆز-ئارا نىسپىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككى ئېنىرتسىيلىك سېستىما ئارىسىدىكى ماتېماتىكىلىق باغلىنىشنى ئىپادىلەيدۇ.كىلاسسىك فىزىكىدا ھامان ماكرو جىسىملارنىڭ تۆۋەن تېزلىكتىكى (تۆۋەن تېزلىك دىگىنىمىزدە تېزلىكنىڭ يورۇقلۇق تېزلىكىگە سېلىشتۇرغاندا چەكسىز كىچىك ئىكەنلىكىگە قارىتا ئېيتىلغان) ھەرىكىتىنى ۋە ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش مەسىللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ھالبۇكى، مەسىلە مىكرو زەرىچىلەر (ۋە باشقا) يۇقىرى تېزلىكتىكى جىسىملارنىڭ ھەرىكەت ۋە ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىگە كەلگەندە كىلاسسىك فىزىكا چەكلىمىلىككە ئۇچىرايدۇ،قاچانكى جىسىملارنىڭ تېزلىكى نۇر تېزلىكى c=299,7 92,458 m/s گە يېقىن بىر تېزلىككە يەتكەندە يۇقارقى گالىلېي ئالماشتۇرۇشى كۈچكە ئىگە بولماي قالىدۇ.



تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق، زامان-ماكان كوردېناتى ۋە ھادىسە



   پويىز، پاراخۇت ۋە ئايروپىلانلارنى ماددىي نوختا (جىسىملارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلىنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپ پەقەت ماسسىغا ئىگە بىر نوختا سۈپىتىدە تەسۋىرلەش) دەپ قارىساق تۈز رىلىستا كىتىۋاتقان پويىز بىر ئۆلچەملىك بوشلۇقتا، يەنى x ئوقىنى بويلاپ كىتىۋاتقان بولىدۇ، پاراخۇت ئىككى ئۆلچەملىك تەكشىلىكتە يەنىx,yتەكشىلىكىدە كىتىۋاتقان بولىدۇ، ئايروپىلان بولسا ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق يەنىx,y,zكوردىنات سېستىمىسى ئىچىدە ئۇچۇپ كىتىۋاتقان بولىدۇ...

ئەمدى،تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىمىز؟ ئەمەلىيەتتە بىز ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىن مۇنداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ:



تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنىڭمۇ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئىگىزلىكى بولغاندىن سىرىت بۇ ئۈچ ئۆلچەمنىڭ سىرتىدا يەنە بىر ئۆلچەم ۋاقىت ئۆلچىمى بولىدۇ. گىئومېتىرىيە نوختىسىدىن، ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقنى بىر دانە كۇب دىسەك، تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق بۇ كۇبنىڭ ئالتە دانە ئايلىنىش ئوقى بويىنچە ئايلىنىشىدىن شەكىللەنگەن «ھايپېرى كۇب» يەنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۇب دەپ قاراشقا بولىدۇ.



تۆۋەندە تۆت ئۆلچەملىك ھايپېر كۇب كۆرسىتىلدى.









بىز بىلىدىغان ئۆچ ئۆلچەملىك بوشلۇق ئۈچ ئۆلچەملىك كوردېنات سېستىمىسى ئىچىدىكى جىسىمنىڭ ئورۇنىنى،يەنى ماكان بوشلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ؛ تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق بولسا جىسىمنىڭ مەلۇم ۋاقىتتا مەلۇم ئورۇندا تۇرغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىت-ئورۇن كوردېناتىنى كۆرسىتىدىغان كوردېنات سېستىمىسى زامان-ماكان كوردېناتى دەپ ئاتىلىدۇ.زامان-ماكان كوردېنات سېستىمىسى ئىچىدىكى خالىغان بىر نوختا «ھادىسە» دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى ئۇنى مەلۇم بىر ۋەقەنىڭ قاچان ۋە قەيەردە يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان پارامېتىرلار توپلىمى دىيىشكە بولىدۇ.ھادىسە نىسپىيلىك نەزەرىيسىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ، كىيىنكى بايانلاردا «لورىنتېز ئالماشتۇرىشى» نى چۈشەندۈرۈشتە مۇھىم رول رول ئوينايدۇ.



مايكىلسون-مورلېي تەجىربىسى ۋە يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ چەكلىك بولىشى



19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كىشىلەر ئېلىكتىر-ماگنېت دولقۇنلىرى ۋە يورۇقلۇقنىڭنىڭ باشقا دولقۇنلارغا ئوخشاش مەلۇم مۇھىتتا تارقىلىش كىرەكلىكىگە ئىشىنەتتى. مەسىلەن، ئاۋاز دولقۇنى ھاۋانى ياكى باشقا نەرسىلەرنى ۋاستە قىلىپ تارقىلىدۇ، ھاۋاسىز ۋاكۇم ئىچىدە ئاۋاز دولقۇنى تارقىلالمايدۇ... مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، يورۇقلۇقمۇ چوقۇم مەلۇم بىر مۇھىتنى ۋاستە قىلىپ تارقىلىشى كىرەك بولاتتى. كىشىلەر بۇ مۇھىتنى « ئېسىر» (Ether) دەپ ئاتىدى.

1881- يىلى ۋە 1887- يىللىرى ئامېرىكىلىق مايكېلسون ۋە مورلېي ئاتالمىش «ئېسىر» نى تەجىربە ئارقىلىق بايقاپ چىقىش ئۈچۈن فىزىكا تارىخىدا داڭلىق بولغان «مايكىلسون-مورلېي تەجىربىسى» نى ئىشلىدى.

يەر شارى قوياش ئەتىراپىدا ئايلىنىش جەرىيانىدا سىكونتىغا تەخمىنەن 30،000 مېتىر تېزلىك بىلەن(ئالەمگە لىق تولغان) «ئېسىر» مۇھىتى ئىچىدە ئۈزۈپ كىتىۋاتقان بولىدۇ،بۇنى «ئېسىر ئېقىمى»   u=30,000 m/sتېزلىك بىلەن يەر يۈزىنى سىپاپ ئۆتىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ.تەجىربىنىڭ مەخسىتى، يورۇقلۇقنىڭ «ئېسىر ئېقىمى»غا ئوخشاش ۋە قارشى يۆلىنىشتە تارقىلىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت بىلەن «ئېسىر ئېقىمى»نى توغرىسىغا كىسىپ ئۆتكەن يۆلىنىشتە تارقىلىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت پەرقىنى ھېساپلاش ۋە شۇ ئارقىلىق «ئېسىر ماددىسى» نىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاش ئىدى. بۇ ۋاقىت پەرقى ناھايىتى كىچىك بولۇپ ئۆلچىگىلى بولمىسىمۇ (نەزەرىيە جەھەتتىن بىر يۆلىنىشتىكى يورۇقلۇق تېزلىكى يەنە بىر يۆلىنىشتىكىدىن تېزىرەك بولغاچقا) تەجىربە ئارقىلىق ئىككى يورۇقلۇق دەستىسىنىڭ فازا پەرقىنى بايقاپ چىقىش مۇمكىن دەپ قارىلاتتى...

ئەپسۇسلىنارلىق يېرى قايتا-قايتا ئىشلەنگەن تەجىربە نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، ھېچقانداق فازا پەرقى مەۋجۇت ئەمەس چىقتى تەجىربە قۇرۇلمىسى ۋە جەرىيانىدا ھېچقانداق خاتالىق يوق ئىدى... ئارىدىن 18 يىل ئۆتۈپ 1905- يىلىغا كەلگەندە ئالبېرىت ئېنىشتېيىن بۇ تەجىربىگە نىسبەتەن شۇنداق يەكۈن چىقاردى:ئاتالمىش « ئېسىر» مەۋجۇت ئەمەس، يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى مەنبەنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا چەكلىك بىر تۇراقلىق قىممەتنى ئالىدۇ.كىيىن ئېنىشتىيىن مۇشۇ ئاساستا ئۆزىنىڭ ئىككى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىككى پەرەز ئېنىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان «تارمەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نىڭ ئىككى پىرىنسىپى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار:



1) فىزىكا قانۇنلىرى بارلىق ئېنىرتسىيلىك سېستىمىلاردا ئوخشاس؛

2) يورۇقلۇق تېزلىكى بارلىق ئېنىرتسىيلىك سېستىمىلاردا ئوخشاس.




بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئالدىنقى بۆلەكتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىسپىيلىك پىرىنسىپىدۇر، ئىككىنچىسى يورۇقلۇقنىڭ ھەرقانداق ئېنىرتسىيلىك سېستىمىدا مەيلى ئۇ جىم تۇرغان بولسۇن، مەيلى تەكشى تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان سېستىما بولسۇن مۇقىم تېزلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ يورۇقلۇق مەنبەسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمدى تۆۋەندە بۇ پىرىنسىپلارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ «لورىنتېز ئالماشتۇرىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز.




ۋاقىتنىڭ نىسپىيلىكى ۋە لورېنتىز ئالماشتۇرىشى



يۇقارقى بۆلەكتىكى «گالىلېي ئالماشتۇرۇشى» دا نىسپىيلىك پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز-ئارا نىسپىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككى ئېنىرتسىيلىك سېستىمىغا نىسبەتەن ئوخشاش بىرجىسىمنىڭ ئورۇن-ۋاقىت كوردېنات ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. گالىلېي ئالماشتۇرۇشى كىلاسسىك مەنىگە ئىگە بولۇپ، گالىلېي كوردېناتىدا ۋاقىت مۇتلەق، ئورۇن ۋە تېزلىك ئىككى سېستىمىنىڭ نىسپىي تېزلىكىگە قارىتا ئۆزگۈرىدۇ. مەسىلەن، تىنچ كۆل يۈزىدە تەكشى تېزلىكتە كىتىۋاتقان موتۇرلۇق قېيىق ئۈستىدە بىر ئادەم قولىدىكى مىلتىق بىلەن قېيىقنىڭ مېڭىش يۆلىنىشىگە قاراپ ئوق چىقارسۇن. قېيىقنىڭ تېزلىكى u=5ms ، ئوقنىڭ تېزلىكى v=300ms بولسا ئوقنىڭ تىنىچ كۆلگەنىسبەتەن تېزلىكى 305ms بولىدۇ. يەنى، ئوقنىڭ تىنىچ كۆلگە نىسبەتەن تېزلىكى قېيىق تېزلىكى بىلەن ئوقنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان كوردېناتتىكى ئېتىلىش تېزلىكىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ.






2D Lorentz 4.png






ئەگەر تېزلىكلەرنى 1000,000 ھەسسە چوڭايدى دەپ قارىساق، يەنى ئوقنى يورۇقلۇق زەرىچىسى بولغان بىر تال فوتۇن دەپ قارىساق؛ قېيىقتىكى مىلتىق تۇتقان ئادەمنى 5000,000msتېزلىك بىلەن كىتىۋاتقان، بىر تال ئاتوم كىچىكلىكىگە قەدەر ئۆزگەرگەن «مىكرو ئادەم» دەپ قارىساق، «ئوق» نىڭ يەرگە نىسبەتەن تېزلىكى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن 305000,000ms بولامدۇ؟ يەنى، مەلۇم تېزلىك بىلەن كىتىۋاتقان«مىكرو ئادەم» بىر تال فوتون ئېتىپ چىقارسا فوتوننىڭ تىنچ تۇرۇپ كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئارتىپ كىتەمدۇ؟ ھەتتا «مىكرو ئادەم»نىڭ تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىگە تەڭ بولغان ئەھۋالدا، ئۇ ئېتىپ چىقارغان فوتون تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولامدۇ؟



ئېنىشتېيىن 1905-يىلى ئۆزىنىڭ «ھەرىكەتتىكى جىسىملارنىڭ ئېلىكتېر-دېنامىكىسى» دىگەن ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان «تارمەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» دە ئىككى پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان ئىدى، ئۇلارنىڭ بىرى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پەرىزى دىن ئىبارەت. بۇ پەرەز نوقۇل خىيالى تەسەۋۇر ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، «مايكېلسون-مورلېي تەجىربىسى»نىڭ نەتىجىسىدىن چىقىرىلغان يەكۈن ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى...



ئېلىكتېر-ماگنىت دولقۇنلىرى جۈملىدىن يورۇقلۇق، يۈكسەك تېزلىكتىكى مىكرو زەرىچىلەر ھەتتا تېزلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ماكرو جىسىملارغا نىسبەتەن كىلاسسىك مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى ۋە «گالىلېي ئالماشتۇرۇشى» تەسىرگە ئىگە بولماي قالىدۇ. چۈنكى، جىسىملار تۆۋەن تېزلىك بوشلۇقىدىن يۇقىرى تېزلىك بوشلۇقىغا ئۆتكەندە كىلاسسىك نەزىرىيەدىكى«مۇتلەق ۋاقىت» ئۇقۇمى كۈچتىن قالىدۇ. ئاددى قىلىپ يىغىنچاقلىغاندا، كىلاسسىك سېستىمىدا ئورۇن (ياكى ماكان)نىسپىي، ۋاقىت (ياكى ماكان) مۇتلەق؛ يۇقىرى تېزلىك سېستىمىسىدا ماكان-زامان نىسپىي بولىدۇ.زاماننىڭ نىسپىي بولىشى ھەر بىر ئېنىرتسىيلىك سېستىمىسىدا ئۆزىگەخاس «ۋاقىت ئوقى»نىڭ بولىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ...   



تۆۋەندە ۋاقىت ئوقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقتا «ھادىسە» ئارلىقلىرىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان « لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى» نى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:



ئۈچ ئۆلچەملىك كوردېنات بوشلۇقىدا كۆرۈنگەن بىر نوختىدىن كوردېنات بېشىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇق كوردېنات سېستىمىسىنىڭ سېمېتىرىك يۆتكىلىشى بىلەن ئۆزگۈرۈپ قالمايدۇ. يەنى، |OS′|=|OS| بولىدۇ. ئوخشاش پىرىنسىپ بىلەن تۆت ئۆلچەملىك گىئومېتىرىيەدە «ھادىسە ئارلىقى» ئۆزگەرمەيدۇ. تۆت ئۆلچەملىك كوردېنات سېستىمىسىنى تەكشىلىككتە سىزىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پاراللېل يۆتكەلگەن yۋەzئوقلىرىنى ھىسابقا ئالماي، شۇ يۆلىنىش بويىنچە يۆتكەلگەن xئوقى ۋە ۋاقىت ئوقىنى سىزىش ئارقىلىق چۈشەندۈرىمىز.رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تىنچ تۇرغان ئورۇن-ۋاقىت كوردېناتى بىلەن نىسپىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئورۇن-ۋاقىت كوردېناتىغا نىسبەتەن «ھادىسە ئارلىقى» تۇراقلىق ئۆزگەرمەس قىممەت ئالىدۇ.






2D Lorentz 1.png




ئىككى كوردېنات سېستىمىسىغا نىسبەتەن «ھادىسە» نوختىسىنى تەسۋىرلەشتە مەلۇم ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋېتى مەۋجۇت بولسا بۇنى ماتېماتىكىلىق ئىپادە بىلەن S′=(L)*S قىلىپ ئىپادىلەشكە بولىدۇ. بۇ يەردىكى L لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى غا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ماتىرىسسا شەكىلدە يازساق تۆۋەندىكلىدەك بولىدۇ:







2D Lorentz2.png




دىمەك بىز تۆتلۈك ماتىرىسسا L نىڭ بارلىق ئېلىمىنتلىرىنى تېپىپ چىقساق لورېنتىز ئالماشتۇرۇشىنى ئاسانلا يېزىپ چىقالايمىز. تەپسىلى ھىساپلاش جەرىيانىنى قالدۇرۇپ، ھىساپلاشتىن كىيىن ماتىرىسسا L نى تۆۋەندىكى شەكىلدە يېزىپ چىقىمىز.

   




2D Lorentz 3.png





بۇ xۋە tئوقىغا نىسبەتەن ھىساپلاپ چىقىرىلغان لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى. y ۋە zئوقلىرى ئۆزگەرمەي پاراللېل يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن ، بولىدۇ، شۇڭا تۆت ئۆلچەملىك ماكان-زامان كوردېنات سېستىمىسىدا لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى تۆۋەندىكىدەك شەكىلگە ئىگە بولىدۇ.








قوش گېزەكلەر سەپسەتىسى



يۇقارقى بۆلەكتە ئېنىشتېيىننىڭ «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى»دە ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى پەرىزى: « 1) يورۇقلۇقنىڭ ۋاكۇمدىكى تېزلىكى چەكلىك مىقتار بولۇپ، يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ نىسپىي ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىزھالدا دائىم تۇراقلىق بىر قىممەتنى ئالىدۇ؛ 2) ئېنىرتسىيلىك سېستىمىدا فىزىكا قانۇنلىرى ئوخشاش بولىدۇ.» ئاساسىدا ۋاقىت ئوقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئۆلچەملىك كوردېناتلاردا يۇقىرى تېزلىكتىكى جىسىملارنىڭ ماكان-زامان نىسپىيلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. دىمەك، يۇقىرى تېزلىكتىكى ھەرىكەت ئوبىكتلىرىنى كۆزەتكۈچىلەرگە كۆرە ئۆز-ئارا نىسپىي ھەرىكەتتىكى ئوخشىمىغان ئىككى كوردېنات سېستىمىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكەن «ھادىسە»لەرنىڭ نىسپىي پەرىقلىق بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئۆتتۇق. تۆۋەندە يۇقىرى تېزلىكتىكى كوردىنات سېستىمىسىدا ۋاقىتنىڭ ئاستىلاپ قالىدىغانلىقىنى داڭلىق بولغان «خىيالى تەجىربە»، ئاتالمىش قوش گېزەكلەر سەپسەتىسى ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.




Twins paradoxs 2.png






رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، قوشگېزەك ئاكا-ئۇكىلارنىڭ بىرى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئىكەن. ئۇباشقا يۇلتۇزلار سېستىمىسىدىكى پىلانىتلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان ئالەم كىمىسىگە ئولتۇرۇپ، يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىن بىر تېزلىكتە ئۇچۇپ كىتىدۇ، ئۇنىڭ قوشگېزەك قېرىندېشى ئۇنى ئۇزۇتۇپ يەر يۈزىدە قالىدۇ. قوشگېزەكلەرنىڭ ھەرئىككىسىدە ئوخشاش سائەت بولۇپ، راكىتا ئىچىدىكى ئاكىسى سائېتىگە قاراپ ۋاقىتنى ھېساپلاپ، ئالەم كىمىسىدىكى سائەتكە كۆرە ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى دىگەن ۋاقىتتا تەكشۈرۈشىنى تاماملاپ يەر يۈزىگە قايتىپ كىلىدۇ. لىكىن، تولىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى، ئۇ ئۆزىنىڭ يەريۈزىدە قالغان قوشگېزەك ئۇكىسىنىڭ قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالىدۇ، قوشگېزەك ئۇكىسىمۇ ئاكىسىنىڭ ياپياش تۇرغىنىدىن چۆچۈپ كىتىدۇ...



مۇشۇنداق ئەقىلگە سىغمىغۇدەك زىدىيەتلىك ھادىسە دەل يۈكسەك تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان (كوردېنات سېستىمىسىدا) سائەتنىڭ ئاستىلاپ قېلىشى، يەنى «زاماننىڭ قىسقىرىش» تەسىرىدىن ئىبارەت لورېنتىز ئالماشتۇرۇشىدىكى ماتېماتىكىلىق يەكۈندىن كىلىپ چىققان. جىسىملاريۈكسەك تېزلىكتە ھەرىكەت قىلغاندا، شۇ جىسىمغا يۈكلەنگەن سائەت، يەنى شۇ جىسىمغا نىسبەتەن ئېيتىلغان ۋاقىت «ئاستىلاپ» قالىدۇ؛ شۇنداقلا جىسىم ئۇزۇنلۇقى « قىسقىراپ» قالىدۇ. بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «ماكان-زاماننىڭ قىسقىرىشى» دەپ ئاتىلىدۇ. تۆۋەندە بۇلارنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز...


ماكان-زاماننىڭ قىسقىرىشى



ئەگەر بىر كوردېنات سېستىمىسى يۇقىرى تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا ئۇ كوردېناتتىكى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى نىسپىي تىنىچ كوردېناتتىكى ئۇزۇنلۇق بىرلىكىدىن كىچىك بولىدۇ؛ ۋاقىت بىرلىكىمۇ نىسپىي تىنىچ تۇرغان كوردېنات سېستىمىسىغا نىسبەتەن قىسقا بولىدۇ. بۇلار ئاتالمىش «ئۇزۇنلۇقنىڭ قىسقىرىش» ۋە « سائەتنىڭ ئاستىلاپ قېلىش» تەسىرلىرىدىن ئىبارەت.
















رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، بىر راكىتا تىنىچ تۇرغان چاغدا ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى راكىتا كوردېناتىدىمۇ، يەر كوردېناتىدىمۇ ئۇزۇنلۇقى ئوپئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر راكىتانىڭ تېزلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %86.6 گە تەڭ بولغاندا راكىتانىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەسلىدىكىنىڭ يېرىمىچىلىك، تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %99.5 گە تەڭ بولغاندا ئەسلىدىكىنىڭ چارەك ئۇزۇنلۇقىچىلىك، تېزلىكى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %99.995 گە تەڭ بولغاندا ئەسلىدىكىنىڭ سەككىزدىن بىرىچىلىك قىسقا بولىدۇ...

ئۇزۇنلۇقنىڭ «قىسقىراپ قېلىشى» قانداقتۇر رىئال پاكىت بولماستىن، يەر يۈزىدىكى تىنىچ كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن يۇقىرى تېزلىكتىكى ھەرىكەت كوردېناتىدىكى ۋە تىنىچ كوردېناتتىكىجىسىملارنىڭ ئۆلچىمىدىكى پەرقتىن ئىبارەت. تۆۋەندىكى رەسىم بۇنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بىرەلىشى مۇمكىن:







ئۇزۇنلۇقنىڭ قىسقىرىشىنى «لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى» دىن پايدىلىنىپ ئاسانلا كالتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ.



Length contraction.png




رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئۇزۇنلۇقى Lبولغان بىر جىسىمنىڭ تىنىچ ھالەتتىكى كوردېناتلىرى x1 ۋە x2بولسۇن، يەنى( )؛ ھەرىكەتتىكى كوردېناتلىرى ۋە بولسۇن، (يەنى ) لورېنتىز ئالماشتۇرۇش فورمۇلالىرىغا ئاساسەن

















بولىدۇ، تىنىچ كوردېناتتا ۋاقىتلار ئوخشاش، يەنى ئوخشاش ۋاقىتتا جىسىمنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئۆلچىدۇق ،شۇڭا











نى كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز.بۇ دىگەنلىك تېزلىك قانچە يۇقىرى بولغانسىرى ھەرىكەتتىكى كوردېناتتىكى ئۇزۇنلۇق تىنىچ كوردېناتتىكى كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن شۇنچە «قىسقا» بولىدۇ.



ۋاقىتنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىنى تۆۋەندىكىدەك «خىيالى تەجىربە ئۇسۇلى» بىلەن كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ. vتېزلىك بىلەن كىتىۋاتقان پويىز ئىچىدە تۇرغان مۇرات قولىدىكى قولچىراقنى تىك يۇقۇرىغا قارىتىپ ئاچتى. بۇ پويىزنىڭ ئىچىدە تۇرغان مۇراتقا نىسبەتەن تىك تۈز سىزىق بويىنچە يۇقىرىغا تارقالغان يورۇقلۇق بولۇپ، ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدىغان ھادىسە؛ لىكىن، يەر يۈزىدە تۇرغان فاتىمە قولچىراق نۇرىنىڭ پويىزنىڭ ھەرىكەت يۆلىنىشىگە قىيپاش يانتۇ سىزىق بويىنچە تارقالغانلىقىنى كۆرىدۇ.





Time delation.png




رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، مۇراتقا نىسبەتەن يورۇقلۇقنىڭ ۋاگوننىڭ ئۈستىگە يېتىپ بارغاندىكى ۋاقىت ۋاگون ئېگىزلىكىنى يورۇقلۇق تېزلىكىگە بۆلگەنگە تەڭ بولىدۇ؛ فاتىمەگە نىسبەتەن يانتۇ سىزىق ئۇزۇنلۇقىنى يورۇقلۇق تېزلىكىگە بۆلگەنگە تەڭ. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى گىئومېتىرىيەلىك شەكىل ئارقىلىق ھېساپلاپ چىقىشقا بولىدۇ. رەسىمدىكى تىك ئۇزۇنلۇق dيانتۇ ئۇزۇنلۇق l ۋە پويىزنىڭ ھەرىكەت ئارلىقى vt بىر تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭدا يانتۇ تەرەپنىڭ كۇۋادراتى ئىككى تىك تەرەپنىڭ كۇۋادىراتلىرىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن l=cTۋەd=vt لارنى ئورۇنىغا قويۇپ، مۇراتقا نىسبەتەن ۋاگون ئىچىدىكى ۋاقىت T بىلەن فاتىمەگە نىسبەتەن يەر يۈزىدىكى ۋاقىت tنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز.








مەسىلەن، پويىز يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %60 تېزلىكى بىلەن كىتىۋاتقان بولسا يەريۈزىدە 10 مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن پويىز ئىچىدە 8 مىنۇت ئۆتكەن بولىدۇ، دىمەك پويىز ئىچىدە 2 مىنۇت ۋاقىت قىسقاردى. ئەگەر پويىزتىنىچ تۇرسا مەخرەج بىرگە تەڭ بولۇپ t=T بولىدۇ؛ ئەگەر پويىز تېزلىكى بارا بارا چوڭىيىپ يورۇقلۇق تېزلىكىگە چەكسىز يېقىنلاشسا مەخرەج نۆلگە چەكسىز يېقىنلىشىدۇ، بۇ چاغدا پويىز ئىچىدىكى ۋاقىت قىسقىراپ نۆلگە چەكسىسز يېقىنلىشىدۇ.



ئاتالمىش ماكان-زاماننىڭ قىسقىرىشى تىنىچ كوردېناتتىكى كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن نىسپىي ھەرىكەتتىكى كوردېناتلارنىڭ ئۆلچىنىشى بولۇپ، بىر خىل «ھادىسە»نىڭ ئىككى خىل كوردېناتتىكى ئوخشىمىغان كۆزەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان ئىككى خىل كۆرۈنىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ماكان-زاماننىڭ قىسقىرىشىدىن باشقا ھەرىكەتتىكى جىسىملارنىڭ ماسسىسىنىڭ «چوڭىيىپ كىتىش» تەسىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئېنىشتېيىننىڭ مەشھور« ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى»نىڭ كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلىش ئاساسىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە بۇھەقتە توختۇلىمىز ھەمدە سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىنى ئاتوم بومبىسىنىڭ پىرىنسىپى بىلەن تاماملايمىز.




تېزلىك، ھەرىكەت مىقتارى ۋە ماسسا





ئۆز-ئارا نىسپىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككى ئېنىرتسىيلىك سېستىمىسىدا جىسم ئورۇنى ۋە ۋاقتىنىڭ ئىككى سېستىمىدىكى كۆزەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ «لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى» ئارقىلىق قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئۆتتۇق. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك جىسىم تىنىچ كوردېنات سېستىمىسىغا نىسبەتەن مەلۇم تېزلىك uبىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا ئۇنىڭ ھەرىكەتتىكى كوردېناتتىكى تېزلىكى ′u نى ھەم «لورېىنتىزئالماشتۇرۇشى» دىن پايدىلىنىپ كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ.تېزلىك ئورۇن ئۆزگۈرىشى بىلەن ۋاقىت ئۆزگۈرىشىنىڭ نىسبىتىگە تەڭ بولغاچقا بۇئۆزگۈرۈشلەرنى ئورۇن ۋە ۋاقىتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش فورمولالىرىغا قويۇپ، ئاخىرىدا ھەرىكەتلىك سېستىمىسىدىكى جىسىم تېزلىكنى ھېساپلاپ چىقىمىز. تۆۋەنىكى رەسىمدە تەپسىلاتى كۆرسىتىلدى.





relativistic velosity.jpg




فىزىكىدا تېزلىك جىسىمنىڭ ھەرىكەت مىقتارىنى بەلگىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقتار. ھەرىكەت مىقتارى دىگىنىمىزجىسىم ماسسىسى بىلەن تېزلىكىنىڭ كۆپەيتمىسى بولۇپ، فىزىكا قانۇنلىرى ئىچىدە ھەرىكەت مىقتارى ساقلىنىدىغان مىقتار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى، سېستىما ئىچىدە مەلۇم ھادىسە يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى ئومۇمى ھەرىكەت مىقتارى ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىنكى ئومۇمى ھەرىكەت مىقتارىغا تەڭ بولىدۇ. ئۇ، ئېنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا ئوخشاشلا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق قانۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. فىزىكىدا ساقلىنىش قانۇنلىرى بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، نۇرغۇن پىرىنسىپ ۋە فىزىكىلىق تەڭلىمىلەر ساقلىنىش قانۇنلىرى ئارقىلىق ئىزاھلىنىدۇ ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ...تۆۋەندە بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ھەرىكەت مىقتارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا ئاساسەنكەلتۈرۈپ چىقىرىلغان جىسىمنىڭ (ھەرىكەت قىلىۋاتقان كوردېناتتىكى) «نىسپىي ماسسا» ۋە (تىنىچ كوردېناتتىكى) «تىنچ ماسسا» ئۇقۇملىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.





Relcollision3.gif





رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، u1 تېزلىك بىلەن كىتىۋاتقان شارچە، u2 تېزلىك بىلەن كىتىۋاتقان شارچىگە سوقۇلغاندىن كىيىن ئىككىسى جۈپلىشىپ ئورتاق تېزلىك V بىلەن ھەرىكەت قىلغان. ھەرىكەت مىقتارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغان ئاساسەن سوقۇلۇشتىن بۇرۇن ۋە كىيىنكى ھەرىكەت مىقتارلىرى تەڭ بولىدۇ، شۇڭا


Mass transform 2.png






بولىدۇ. ئىككى شارچىنىڭ تېزلىكلىرىنى لورېنتىز ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئالماشتۇرغاندىن كىيىن يۇقارقى تەڭلىمىگە قويساق تۆۋەندىكىدەك نەتىجە كىلىپ چىقىدۇ:




Mass transform 1.png




ئەگەردەسلەپتە ئىككىنچى شارچە جىم تۇرغان بولسا شارچىنىڭ ماسسى تۆۋەندىكى تەڭلىمە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ:








بۇ يەردىكى m0 جىسىمنىڭ تىنچ ماسسىسى دەپ ئاتىلىدۇ؛ m بولسا ھەرىكەت قىلغاندىكى نىسپىي ماسسىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

يۇقارقى تەڭلىمىگە ئاساسەن، بىر جىسىم نىڭ تىنچ تۇرغاندىكى ماسسى 1كىلوگرام بولۇپ، ئەگەر ئۇ جىسىم يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ %60 بويىنچە ھەرىكەت قىلسا ماسىسى 1.25 كىلوگرام بولىدۇ.



كىلاسسىك فىزىكىدا ماسسا كوردېنات سېستىمىسىغا باغلىق بولمىغان ھالدىكى ئۆزگەرمەس مىقتار دەپ قارىلىدۇ، لىكىن نىسپىيلىك نەزەرىيسىدە ماسسا ھەرىكەتلىك ھالەتتە نىسپىيلىككە ئىگە بولىدۇ. مۇتلەق تىنىچ تۇرغاندىكى ماسىسى بىز دائىم تىلغان ئالىدىغان ماسسا، يەنى«تىنىچ ماسسا» دىن ئىبارەت.دەل مۇشۇ خۇسۇسىيتى نىسپىيلىك نەزەرىيسىدىكى ئەڭ مۇھىم تەڭلىمە، بەلكى پۈتۈن فىزىكىدىكى ئاددى لىكىن دەۋىر بۆلگۈچ تارىخقا ئىگە تەڭلىمىنىڭ مەيدانغا كىلىشىنىڭ ئاساسىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە، فىزىكا تارىخىنى ئەمەس، دۇنيا تارىخىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن مەزكۇر تەڭلىمە ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.



نىسپىي ئېنىرگىيە ۋە ھەرىكەت مىقتارى مۇناسىۋېتى





ئىلگىركى بۆلەكلەردە ماكان-زاماننىڭ نىسپىيلىكىنى «لورېنتىز ئالماشتۇرۇشى» ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتتۇق ھەمدە بۇلاردىن پايدىلىنىپ كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان تېزلىك ئالماشتۇرۇشىدىن ۋە ھەرىكەت مىقتارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىدىن پايدىلىنىپ جىسىم ماسسىسىنىڭمۇ نىسپىيلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق. دىمەك، جىسىمنىڭ ماسىسى مۇتلەق بولماستىن ئوخشىمىغان كوردېنات سېستىمىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكۈچىلەرگە(ئۆلچىگۈچىلەرگە) نىسبەتەن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۇق.تۆۋەندە نىسپىيلىك نەزەرىيسىدىكى ئېنىرگىيە ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.



ئېنىرگىيە ساقلىنىدىغان بىر مىقتار. جىسىملارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرلىشىشى،جۈملىدىن (ئېلاستىك) سوقۇلىشى، رىئاكسىيلىىشىشى، بىر-بىرىگە ئايلىنىش،...قاتارلىق جەرىيانلار جىسىسملار ئارىسىدىكى ئېنىرگىيە ئۆتۈشۈش جەرىيانلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جەرىياندا ئومۇمى ئېنىرگىيە ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر شارچە تىنچ تۇرغان يەنە بىر شارچىغا سوقۇلغاندىن كىيىن سوقۇلۇش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئىككىنچى شارچە مەلۇم تېزلىككە ئىگە بولىدۇ. دىمەك، ئەسلىدە تىنىچ تۇرغان ئىككىنچى شارچە مەلۇم ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىگە سوقۇلۇش كۈچى ئارقىلىق ئېرىشتى، يەنى بىرىنچى شارچىنىڭ ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىككىنچى شارچىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى. ئەمدى بىز ئىككىنچى شارچە ئىگە بولغان ئېنىرگىيە ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى:











شارچە ئىگە بولغان چەكسىز كىچىك ئېنىرگىيە سوقۇلۇش كۈچى بىلەن چەكسىز كىچىك يۆتكىلىشنىڭكۆپەيتمىسىگە تەڭ بولىدۇ (ئىلگىرى ئېنىرگىيەگە ئىش قىلىدىغان كۈچ دەپ ئېنىقلىما بەرگەن ئېدۇق، يەنى كۈچ تۈرتكىسىدە يۆتكىلىپ ئىشلەنگەن ئىش ئېنىرگىيەگە تەڭ بولىدۇ).










سوقۇلۇش كۈچى يەنە ھەرىكەت مىقتارىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە تەڭ بولغاچقا ئېنىرگىيەنى شارچە ئىگە بولغان تېزلىك بىلەن چەكسىز كىچىك ھەرىكەت مىقتارىنىڭ كۆپەيتمىسى شەكىلدە تۆۋەندىكىدەك يېزىشقا بولىدۇ.







بۇ يەردىكى ماسسا ئۈچۈن نىسپىي ماسسىنى ئالساق ھەمدە ھەرىكەت مىقتارىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە نىسبەتەن ئېنىتىگىرالىنى ئالساق ئاخىرىدا نىسپى ئېنىرگىيەگە ئېرىشىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدە كونكېرىت ھېسابلاش جەرىيانى كۆرسۈتۈلدى.




Mass energy 1.png




يۇقارقى كەلتۈرۈپ چىقىرىلىش جەرىيانى پۈتۈنلەي ماتېماتىكىلىق جەرىيان بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە ئالىي ماتېماتىكا سەۋىيىسى ھازىرلىغانلار ئۈچۈن تولىمۇ ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك يەكۈن. ئالىي ماتېماتىكا ئاساسى بولمىغانلار ھازىرچە پەقەت شارچە ئىگە بولغان ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىنىڭ رەسىمدىكى دائېرىگە ئېلىنغان ئىپادىگە تەڭ بولىدىغانلىقىنى، تىنچ ئېنىرگىيەسىنىڭ بولسا ماسسىا بىلەن يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ بولىدىغانلىقىنى بىلسە كۇپايە. بىز بىلمەكچى بولغان ئەڭ ھالقىلىق يەكۈن شۇنىڭدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە ئېنىشتىيىن يۇقارقى يەكۈننى پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان ئۇسۇل «خىيالى تەجىربە» ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ يەردە تونۇشتۇرمايمىز، قىزىققانلار ئىزدىنىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.



ئەمدى ئېنىرگىيە بىلەن ھەرىكەت مىقتارى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار، بۇنى كۆرۈپ باقايلى:



يۇقارقى يەكۈندە شارچىنىڭ نىسپىي ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى كۆرسۈتۈلدى. شارچىنىڭ ئومۇمى ئېنىرگىيەسى قانداق بولىدۇ؟ھېساپلاش جەرىيانىدىن بىز شارچىنىڭ تېنچ ئېنىرگىيەگىمۇ ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق، ئۇنداقتا شارچىنىڭ ئومۇمى ئېنىرگىيەسى ھەرىكەت ئېنىرگىيە بىلەن تېنچ ئېنىرگىيەنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ



E=E rest.png



شۇنداق بولغاندا شارچىنىڭ ئومۇمى ئېنىرگىيەسى









بولىدۇ.ھەرىكەت مىقتارى بولسا






بولىدۇ. ئەمدى ئېنىرگىيەنى ھەرىكەت مىقتارى ئارقىلىق ئىپادىلىسەك





بولىدۇ ۋە ئاخىرىدا



غا ئېرىشىمىز. بۇ دەل ئېنىرگىيە بىلەن ھەرىكەت مىقتارىنىڭ مۇناسىۋەت فورمولىسىدىن ئىبارەت.بۇنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىش ۋە ئەستە ساقلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭ سىزىۋالساق گىئومېتىرىيەدىكى «گوگو تېئورمىسى» ئارقىلىق بۇ مۇناسىۋەتنى رەسىملىك كۆرسۈتۈپ بەرگىلى بولىدۇ.






ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى ۋە ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىشى



يۇقارقى بۆلەكتە كۆرسىتىلگىنىدەك، جىسىمنىڭ ئىگە بولغان ئومۇمى ئېنىرگىيەسى ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى بىلەن تىنچ ئېنىرگىيەسىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر جىسىمتىنىچ تۇرغان بولسا ئۇنىڭ ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى نۆلگە تەڭ بولۇپ، ئومومى ئېنىرگىيە تىنىچ ئېنىرگىيەگە تەڭ بولىدۇ. بۇ جىسىم تىنچ تۇرغاندىمۇ ئېنىرگىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. جىسىمنىڭ تىنچ ئېنىرگىيەسى جىسىمنىڭ تىنىچ ماسىسى بىلەن يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ بولىدۇ.












بۇ دەل ئېنىشتېيىننىڭ مەشھور «ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى»دىن ئىبارەت.بۇ تەڭلىمە ئېنىرگىيە بىلەن ماددا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەڭ ئاددى شەكىلدە ئىپادىلەپ كەلگەن فىزىكا تارىخىدىكى، بەلكى دۇنيا تارىخىدىكى دەۋىر بۆلگۈچ نەزەرىيۋى ئاساستىن ئىبارەت.تەڭلىمىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ناھايىتى كىچىك ماسسا ئارقىلىق ناھايىتى چوڭ ئېنىرگىيەگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يورۇقلۇق تېزلىكىتەخمىنەن300,000,000m / sبولۇپ، ئۇنىڭ كۇۋادىراتى 900,000,000,000,000,00m2|s2 چوڭلۇقتىكى قىممەت بولىدۇ. بۇ غايەت زور سان بولۇپ، بىر كىلوگرام ماسسا ئېنىرگىيەگە ئايلىنىپ قالسا 900,000,000,000,000,00جول ئېنىرگىيەگە ئايلىنىدۇ...



دەل مۇشۇ تەڭلىمە تۈرتكىسىدە دۇنيا تارىخ سەھىپىسى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى. تۆۋەندە قىسقىچە تارىخ بايان قىلىش بىلەن ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىش تارىخى ئارقا كۆرۈنىشىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز.



1905-يىلى ئېنىشتېيىن تارمەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى بەرپا قىلدى. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى بولۇپ ماسسا بىلەن ئېنىرگىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاددى ۋە ئىخچام مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىقتى.1911-يىلى رۇزۇرفورد ئاتومنى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئاتوم تۈزۈلىشىنى بايقاپ بورنىڭ ئاتوم مودېلىغا ئاساس سالدى. 1932-يىلى جەيمىز چادىۋىك نىتىروننى بايقاپ ئاتوم يادروسىنىڭ مۇسپەت زەرەتلىك پروتون ۋە زەرەتسىز نىتىروندىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى بايقىدى. نىتىروننىڭ بايقىلىشى زەنجىرسىمان يادرو رىئاكسىيسىگە ئاساس سېلىپ بەردى.

ئاتوم يادروسىدا نىتىرون سانى پەرىقلىق بولغان ئېلىمىنتلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇنداق ئېلمىنتلار ئىزوتوپلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئېغىر ئېلمىنتلاردىن ئىزوتوپلۇق ئاتوم يادرولىرى ناھايىتى تۇراقسىز بولۇپ، يادورو پارچىلىنىپ تۇراقلىقىراق بولغان يېنىك يادرولارغا ئايلىنىدۇ ھەمدە بىر قىسىم ئېنىرگىيەنى رادىئاتسىيەلەپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئېلىمىنتلارنى رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپلار دەپ ئاتايمىز.






1938-يىلىغا كەلگەندە تۇنجى بولۇپ تەجىربىخانىدا يادرونى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق پارچىلاش گىرمانىينىڭ بېرلىن شەھرىدەOtto Hahn،Lise Meitnerۋە Fritz Strassman قاتارلىق ئۈچ ئالىم تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. تۇنجى زەنجىرسىمان يادرو رىئاكتورى ئىتالىيلىك   Enrico Fermiۋە ھونگىرىيەلىكLeo Szilardقاتارلىق فىزىكىچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلدى. ئۇلار ئۇران- 235 نىڭ زەنجىر رىئاكسىيسىدە باھايىتى كۈچلۈك پارتىلاش كۈچى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ يەتتى...

بۇ دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپا مەزگىللىرى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا گىرمانىيلىك ئالىملارمۇ دەل مۇشۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى فىزىكا ئالىملىرى شۇ يەردە ئىدى.سىياسى چەھەتتە ناتسىستلار كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، نۇرغۇن ئالىملارنى بۇنىڭغا سەپەرۋەر قىلىۋاتقان ئىدى.








ئېنىشتىيىننىڭ تەڭلىمىسى غايەت زور ئېنىرگىيە پەيدا قىلىدىغان نەزەرىيە ئاساسى تىكلەپ بەرگەچكە ئەينى ۋاقىتتا ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىشى ئېمپىرىياللارئارىسىدا يوشۇرۇن كۈنتەرتىپكە كىرىپ بولغان بولۇپ، مەسىلە كىمنىڭ بۇرۇن ياساپ چىقىشى ئىدى.Leo Szilardناتسىتلارنىڭ ئاتوم بومبىسىنى ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ياسىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، ئامېركىدا پانالىنىۋاتقان ئېنىشتىيىننىڭ يېنىغا بىرىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېركا زۇڭتۇڭى روزۋېلت قا خەت يېزىشقا ئېنىشتېيىننى قايىل قىلىدۇ. ئاقساراي ئېنىشتىيىننىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن دەرىھال يوشۇرۇن تەتقىقات بازىسى قۇرۇپ ئاتوم بومبىسى پىلانىنى باشلىۋېتىدۇ...








دەرۋەقە 1944-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا تۇنجى ئاتوم بومىسىنى ياساپ چىقىدۇ ۋە يېڭى مېكسىكا شىتاتىدا سىناق قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كىيىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلبە قازىنىشنىڭ كوزۇرىنى تىكلەيدۇ...



1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6- ۋە 9-كۈنلىرى ئامىرىكا ياپۇنىيەنىڭ ناگاساكې ۋە خىروشىما ئاراللىرىغا ئالدى كەينى بولۇپ ئىككى ئاتوم بومبىسى تاشلاپ، ھەددى ھىساپسىز ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئاسىيادا ئۈتۈلۈك قازىنىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان ياپۇن بۇنىڭ تەسىرىدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارللايدۇ...










گەپنىڭ قىسقىسىنى ئېيتقاندا دۇنيا تارىخىنى ئاتوم بومبىسى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئەگەر نىمىسلار ئامېركىدىن بۇرۇن ياساپ چىققان بولسا قانداق بولار ئىدى؟ ياپۇنلار تەسلىم بولمىغان بولسىچۇ؟ بۇلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۇرىغا قالدى. ئەمدىكى گەپ، نۆۋەتتە يەنىلا يادرو مەسىلىسى ئىنسانىيەتكە تەھدىت سېلىپ تۇرماقتا. قاراپ باقىدىغان بولساق، نۆۋەتتىكى ئېمپىرىيال كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ قورچاقلىرى يادرو بومبىسىغا ئىگە، مۇسۇلمان دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسى بۇنىڭغا ئىگە ئەمەس... ئېراق يادرو بومبىسىغا ئىگە بولسا بولمايدۇ دىگەن بانا بىلەن ئامېركىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچىراپ سادام ھۆكىمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن تۈگىمەس خاتىرجەمسىزلىككە پېتىپ قالدى...



تېخى يېقىندا شىمالى كورىيە ئاتوم تەھتىدى بىلەن ئامېركىغا پوپوزا قىلىپ، بىرمەيدان سىياسى ھىلە نەيرەڭلەرنى ئوينىدى. شىمالى كورىيەدەك قالاق ۋە لۈكچەك دۆلەتنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن پوپوزا قىلىشى «ئاكىسىغا ئۇششۇقلۇق قىلىش»تىنباشقا نەرسە ئەمەس...









نۆۋەتتە يەنىلا ئاتوم بومبىسى كۈچلۈك سىياسى كوزۇر سۈپىتىدە دۇنيا سەھنىسىدە پۇت تىرەپ تۇرماقتا. لىكىن، مەيلى قانداق سىياسى ئويۇن ۋە ھىلە-نەيرەڭلەر بولمىسۇن ئىنسانلار ۋە يەرشارى تىنىچلىق ۋە ئىتىپاقلىققا مۇھتاج ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. دۆلەت باشقا باشقا بولغان بىلەن يەرشارى بىر، ئالدىراپ ئاتوم بومبىسى ئاتقان بىلەن كىيىنكى ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قىيامەت-قايىم بولىشى مۇمكىن!









يۇقىردا ئاز-تولا تارىخ ۋە سىياسەتتىن سۆزلىگەن بولدۇق... ئەمدى شۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ پىرىنسىپى قانداق قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى:





ئاتوم يادىروسى نىتىرون ئارقىلىق بومباردىمان قىلىنغاندا ئىككى دانە يادروغا پارچىلىنىدۇ. مۇھىم نوختا شۇ يەردىكى، پارچىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئاتوم ماسىسى پارچىلانغاندىن كىيىنكى ئاتوم ماسسىللىرىنىڭ يىغىندىسىدىن چوڭىراق بولىدۇ.بۇ پەرق شۇنى چۈشەندۈرىدۇ، بىر قىسىم ماسسا پارچىلىنىش جەرىيانىدا ئېنىرگىيەگە ئايلىنىپ كىتىدۇ. ئېنىشتېيىننىڭ ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسىگە ئاساسەن بۇ ئازغىنە ماسسا پەرقى ناھايىتى چوڭ ئېنىرگىيەنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.














ئەگەر ئۇران-235 يادروسى دانە نىتىرون بىلەن سوقۇلغاندا ئىككى دانە كىچىك يادىرو ۋە ئىككى دانە نىتىرون ھاسىل بولۇش بىلەن بىرگە ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ئىككى نىتىرون باشقا يادرولارغا سوقۇلغاندا يەنە ئوخشاش جەرىيان يۈز بىرىدۇ-،دە بۇ جەرىيان زەنجىرسىمان ھالدا تاكى ئېلمىنت مىقتارى تۈگىگىچە داۋامىلىشىدۇ. ئەگەر كونترول قىلىنمىسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غايەت زور ئېنىرگىيەنى قويۇپ بىرىدۇ ۋە ۋەيران قىلغۇچ پارتىلاشنى شەكىللەندۈرىدۇ.

















1945 -يىلدىكى ياپۇنغا تاشلانغا ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ خەۋىرىنى ئۇققاندىن كىيىن ئېنىشتىيىن بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرغان... شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇنىڭ سەۋەنلىكى دىگىلى بومايتتى. ئاتوم ئېنىرگىيەسىنى سىياسەتكە، يازۇرلۇققا ئىشلەتمىسە، تىنىچلىق ۋە ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىش ئۈچۈن ئىشلەتسە ئەلبەتتە ئۇنىڭ تۆھپىسى بولاتتى!نىملا بولمىسۇن، ئۇ ئىنسانىيەت ئېلىمپەن تارىخىدا مۆۋجىزە ياراتقان فىزىكا ئالىمى...







--------------------------------------------------------------------------------------------



ئېنىشتېيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىدى.ئېھتىمال كېينچە بىز كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسىدە ئوتتۇرىغا قويغان «ئالەملىك تارتىشىش دولقۇنى» دىگەن ئۇقۇم ھەققىدە قىسقىچە توختۇلىشىمىز مۇمكىن...


ئىزدىنىشقا قۇرۇق كەلمەي دەپ، ئىزدىنىش ئېچىلمىغان مەزگىلدە «قۇتادغۇبىلىك» كە يازغان مەزكۇر تېمىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ، قىسمەن تەھرىرلەپ قويدۇم.بۇ يازمىلارنىڭ چۈشىنىشلىك ۋە ئاممىباپ بولىۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقى ھەققىدە پىكىر بىرىلىشىنى سورايمەن!


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-5-25 23:15:45

ئېسىل تېمىكەن قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن... \"\"

ئەمدى ئولتۇرۇپ ئالدىرماي بىر ئوقۇي. \"\"{:90:}

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-5-25 23:19:27

ئېسىل ئوخشايدۇ ئالدىيماي كۆرەي مېنمۇ

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-25 23:57:15

ئىزدىنىش ئىچىلىپتۇغۇ؟{:92:}\"\"

uzchi يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 00:00:41

تەپسىلى ئۇقۇمۇدۇم ... خىتىنى سەل يوغان قىلىپ تەڭشەپ قويساڭلار ... جانا بى باشقۇر غۇچىلار ....تەستىقلاشتىن ئاۋال ئاشۇنداق يەرلىرگە قاراپ تەستىقلايدۇ . تىما دىگەنننى ....

مۇندالا قاراپ باقسام بىلىگ خىلى كۇچ سەرىپ قىلىپ يازغان تىمىدەك تۇردۇ ئالدىماي چۇشىنىپ تۇرۇپ ئۇقۇپ ئاندىن ھاياجىنىمنى يازاي ....

uzchi يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 00:03:58

ھە......... پىنھان تەستىقلاپتىكەن دە .... ئورۇنسىز ئاغرىنىپتىمەن خاپا بولۇشمىغايلا ...

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 11:03:00

پىزىكىنى ھېكايە يازغاندەك يېزىۋېتىپسىلەغۇ. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭكىنىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىپ باقامسىلە يا؟

sogukbulak يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 11:39:49

جامائەت مەندىن باشقا ھىچقايسىڭلارنىڭ قولى ئەلانى بىسىشقا بارمىدىما؟مەنغۇ قۇتادغۇبىلىكتە ئوقۇپ بولغان بولمىسا!

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 11:59:51

ئەلاغا لايىق، ياقتۇردۇم. تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ يازساڭلا، «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» دەك كىتاپ بولغۇدەك.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 13:05:07

ئەلا بېسىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ قانداق \"\"

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 14:57:41

Bilig نىڭ يازمىلىرىنى سېغىنىپ قالغانتۇق. ئاخشام تور ئېچىلغاندىلا يېزىشنى باشلىغان ئىدىڭىز ھە؟

ئىنكاس بىلەن ساقلىۋىلىپ ئالدىرىماي ھەزىم قىلاي \"\"

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 15:11:07

ئەلانى بېسىپ قويۇپ تۇرۇپ ئالدىرماي ئوقۇي.

ataman188 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 15:25:59

ئىنكاس

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 15:35:34

رەھمەت ئىنىم!

بولسا PDF قىلىپ ياساپ، ئېسىپ قويساق بوپتىكەن.

POLO211 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 16:56:56

ئىسىل تېمىكەن، ئەلا كەتتى

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 17:14:57

6- قەۋەتتىكى tumaqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىزىكىنى ھېكايە يازغاندەك يېزىۋېتىپسىلەغۇ. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭكىنىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىپ باقامسىلە يا؟

شۇنداق دىگىنىڭلىگە رەھمەت،لىكىن ھەر نەرسىنى كەسىپ ئىگىسى ئۆزى قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۆھرەت مۇتەللىپ نىڭ ئۇ يېڭى ماقالىسى ھەققىدە @bilgejan تەرجىمە ماقالىسى يېزىپ تورلارغا چىقاردى. ئىزدىنىشتىمۇ بىر كۆچۈرۈلمىسى بولسۇن ئۈچۈن ئۇنىڭ ماقالىسىنى بۇ يەرگىمۇ چاپلاپ قويىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 18:55:05

بەك چۈشىنىشلىك يېزىلىپتۇ، رەھمەت بىلىك!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 20:30:12

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى! مەن گەرچە بۇ مۇنبەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئەزاسى بولساممۇ، ئۆزەم بىلىپ بىلمەي مۇنبەرداشلار بىلەن پىكىرلىشىشنى ياقتۇرۇپ قاپتىكەنمەن، مەنمۇ نۇرغۇنلارغا ئوخشاش پات-پات ئىچىلىپ قالامۇ دىگەن تامادا ئىزدىنىشنى چىكىپ يۈردۈم. ئاللاھقا شۈكرى، مەيلى نىمە ئىش بولغان بولسۇن، بۇ مۇنبەر قايتا ئىچىلىپتۇ، ناھايتى خۇشال بولدۇم.



نەق گەپكە كەلسەك، قېرىندىشىم بىلىگىنىڭ بۇ يازمىسى ناھايتى ئاممىباپ ھەم چۈشىنىشلىك ماقالە بوپتۇ، ئاپرىن!! @Bilig ئەپەندى، مەن سىز تەۋسىيە قىلغاندەك، بايا مەن تەرجىمە قىلغان شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ مۇشۇ ئايدا ئېلان قىلىنغان داڭلىق ماقالىسىنى يوللاپ قويدۇم، پات ئارىدا تەستىقلىنىپ ئىزدىنىشتىمۇ بىر نۇسخىسى بولۇشىنى بەكمۇ خالايمەن. لېكىن ئۇ ماقالە ئۆزلەشتۈرمە ئەمەس بەلكى ئەينەن تەرجىمە بولغاچقا، كەسىپىيلىكى سەل كۈچلۈكرەك چىقتى، لىكىن تورداشلار سۇئال سورىسا چۈشەندۈرۈپ قويىمەن، ھەم ماقالىنىڭ تولۇق قىسمى تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندا يەنە بىر زاغرا تىلدىكى ئىزاھات خارەكتىرلىك يانداشمىدىن بىرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن. تەكلىپىڭىزگە رەھمەت!



ئېسىل تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 21:36:49

17- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇ ماقالە ئۆزلەشتۈرمە ئەمەس بەلكى ئەينەن تەرجىمە بولغاچقا، كەسىپىيلىكى سەل كۈچلۈكرەك چىقتى، لىكىن تورداشلار سۇئال سورىسا چۈشەندۈرۈپ قويىمەن، ھەم ماقالىنىڭ تولۇق قىسمى تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندا يەنە بىر زاغرا تىلدىكى ئىزاھات خارەكتىرلىك يانداشمىدىن بىرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن. تەكلىپىڭىزگە رەھمەت!





بولسا شۇنداق قىلىڭ!


يازغانلىرىمىز كەسپى ۋە پايدىلىنىشقا بولغۇدەك ئۆلچەملىك بولمىسىمۇ، مۇھىمى باشقىلارنىڭ ئېلىمپەن ۋە تېخنىكا مۇنازىرلىرىگە قىزىقىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئاز كۆپ تۆھپىسى بولالىسىلا شۇ ھىساپ. سىزمۇ بىلىسىز، پەن ۋە مائارىپى بىزدىن كۆپ ئىگىرى كەتكەنلەرنىڭ مەخسۇس تەبى پەن مۇنازىرە تورلىرى، نۇرغۇنلىغان ئاددىيلاشتۇرۇلغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىلىرى بار، تېلىۋېزورلىرىدا پەننى ھۆججەتلىك فىلىملەر، ئېلىمپەن يېڭىلىقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشلىرى بار. دىمەك، ئۇلاردا بىرخىل كەيپىيات بار...


بىزلەردە ئەڭ كۈچلۈك مېدىيا ۋاستىلىرى بولغان تېلىۋېزورلاردا بولسا پەننىي خەۋەرلەر يوق دىيەرلىك، ناخشا-ئۇسسۇل ۋە تېلىۋېزىيە تىياتۇرى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ توردىن ئاساسلىقى مۇنبەرلەر بار، مۇنبەرلەردە بولسا ئەنئەنىۋى سوقما پاراڭ شەكىلدىكى تەكرار تېمىلارلا بار...


مېنىڭچە بىز ئاز تولا ئوقۇغانلار ئېغىر ئالماي بىلگەنلىرىمىزدىن ئاممىباپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىللىرىنى كۆپلەپ يوللاپ تورلاردا بولسىمۇ بىر ئىلىم مۇنازىرە كەيپىياتى يارىتىشقا تىرىشساق كۆپ پايدىسى بولىشى مۇمكىن. سىز يازغاندەك شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ دۇنياۋى نەتىجىللىرى نۇرغۇن ئىلىم سۆيەر ياشلارنى روھلاندۇرۇشى مۇمكىن... مەكتەپتە تەس دەپ قارىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى ئېلەشتۈرىۋاتقان تەبى پەنلەر ئەگەر بىزلەر تەرىپىمىزدىن ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈلسە بىرەر ئوقۇغۇچى بۇنى كۆرۈپ ئېلىھاملىنىپ قالسا كىيىن ئۇنداقلاردىن شۆھرەت مۇتەللىپ، ئەركىن سىدىق ۋە تاشپۇلات روزى ئاكىلىرىمىزغا ئوخشاشلار يېتىشىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق ئادەملەرنىڭ كەلگۈسىدە يېتىشىپ چىقىشى ئارىمىزدىن مېلىيونېرلار چىققاندىنمۇ ۋەزنى ئېغىر بىر ئىش دەپ قارايمەن، تەبى مېلىيونېرلارمۇ چىقسۇندە!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 21:53:08

دىگىنىڭزگە تامامەن قوشۇلىمەن. مەن يىقىندا مۇۋاپپىقيەتلىك ھالدا دىسسىرتاتسىيەمنى يىزىپ پۈتتۈرۈپ، ھەم ئوڭۇشلۇق ياقلاپ تۈگەتتىم. ھازىر خىلى كۆپ ۋاقتىم بار، چوقۇم يەنە ئاددى پەننى بىلملەرنى كۆپلەپ يوللايمەن. نۇرغۇن بىلىم ئىگىلىرىنىڭ بىزنىڭ توپىمىزغا قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



كىچىككىنە تەكلىپ، بىز تەبىئىي پەن ئالىملىرىغا باھا بەرگەندە ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئاساس قىلساق دەيمەن، دىمەكچى كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى بىر قاتار تىلغا ئالسىڭىز ھەممىسىنى ئوخشاش رەۋىشتە كۆرگەن بولىسىز، لىكىن سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بىلەن مەمۇرى خىزمەت ئۆتەۋاتقانلارنى ئايرىۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋەتەندىكى ئۇ خىل ئەمەل تۇتقاننى بەكرەك چوڭ بىلىدىغان خاھىىشنىڭ سىز بىزدەك ئىلىم كىشىلىرىدە بولۇشى تازا مۇۋاپىق ئەمەس، بولسا بىز جەمىئىيەتنى مۇشۇنى توغرا تونۇشقا يىتەكلىسەك بولىدۇ. بەزى گەپلەرنى ئوچۇق دىيىش سەل بىئەپ بولىدىكەن، لىكىن پەقەت مەقسىتىم ئالىمنى ئالىم، ۋە قالغانلىرىنىمۇ ئۆز لايىقىدا ئاتىساق دەيمەن. نىمىلا دىسە كىشىنى باشقىلاردىن پۇتاق تاپتى دەيدىغان تور مۇھىتىدا سەل ئېغىزى تۇتۇق بولۇپ قالىدىكەن كىشىنىڭ...
بەت: [1] 2
: (بىلىك) نىسپىيلىك نەزەرىيسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە