86 يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 11:56:33

ئەمالارنىڭ كومپۇتېر ئۆگىنىشى

ئەمالارنىڭ كومپۇتېر ئۆگىنىشى


مەن مۇشۇ ھەپتىدە، ئەمالارنىڭ كۆمپۇتېر ئىشلىتىشنى ئۆگنىنىش كۇرسىغا ياردەمگەبارغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ كۆزى كۆرمىگەچكە، مائوس ئىشلىتىلمەيدىكەن، پەقەت كۇنۇپكا تاختىسى بىلەنلا ھەممە مەشغۇلاتنى قىلىش لازىمكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ دۇنيانىڭ قانداق رەڭدە، قانداق شەكىلدە ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان تۇغما ئەمالارمۇ باركەن. شۇلارغا كومپۇتېر ئۈگىتىدىغان ئىشكەن. ئۇلارنىڭ كومپۇتېر ئۆگىنىشى دەسلەپتە ئەقىلغا سىغمايدىغان بىر ئىشتەكلا بىلىندى. چۈنكى بىز ئېكرانى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ، ئاندىن بۇنى چۈشىنىپ تۇرۇپ، قۇلىمىز بىلەن مائوس ۋە كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن مەشغۇلات قىلىمىز. ئەمما كۆزىمىز كۆرمىسە ئېكراندا چىققان نەرسىنى كۆرمىسەك قانداق مەشغۇلات قىلىمىز؟


مانا مۇشۇنداق سۇئاللار بىلەن ئۇلارغا كومپۇتېر ئۆەىتىش مۇمكىنئەمەستەكلا بىلىندى. ئۇلارنىڭ قۇلىقى ساق، نېرۋىسى ساق، قۇلى ساقكەن. مانا مۇشۇ قۇلىقى ۋە قۇلىدىن پايدىلىنىپ كومپۇتېر ئۆگەندى. مەنمۇ ئۆزەمنى ھېچنىمىنى كۆرەلمەيدىغان ئەما دەپ تەسۋۋۇر قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا كومپۇتېرنى تونۇشتۇردۇم. كومپۇتېر نىمە قىلىدغان نەرسە، قانداق تۈزۈلگەن، بۇنى ئۆگەنگەندە نىمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟ دىگەنلەردىن باشلاپ، قاتتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال، بۇلارنى ئۆگىنىش ئۇسۇلى، قاتارلىق ئاساسى بىلىملەردىن باشلاپ يېتەكلىدىم. ئۇلارنىڭ كۆزى كۆرمىگەنلىكتىن، كۇنۇپكا تاىتىسىدا قانداق كۇنۇپكىلار بارلىقىنى كومپۇتېر بىلەن قانداق ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، قولنىڭ ھەر بىر بارماقلىرىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئورنى ، يەنى ھەر بىر بارماق قايسى ھەرىپ، قايسى رەقەم دىگەنلەرگە مەسئۇل بولىشى دىگەنلەرنى ئېيىتپ بىردىن -بىردىن ، بىر بارماق بىر بارماقتىن ئۇنىڭ ئاستىدا قايسى ھەرىپ بارلىقىنى تونۇشتۇرۇپ شۇ بويىچە مەشىق قىلدۇردۇم.ۋىندوس سېستىمىسى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىدىن باشلاپ ئگۈتۈپ، ھازىر ئۇلار چچ نى ئىشلىتىش،ۋوردنى ئىشلىتىش، ئېكشېلنى ئىشلىتىش، توردىن كېرەكلىك بىلىم ئىزدەشنى ئۆگنىش باسقۇچىغا كەلدى.


ئچىكىرىدىن بىر تۇغما ئەما كەلدى،( ئوقۇتۇشقا ياردەم قىلغىلى )، ئۇ كومپۇتېردا چچ سىغ اقاراپ باقسام 400 دەك ئادىمى باركەن، ھەتتا ئۇ توردا پايچېكى سودىسى قىلىۋېتىپتۇ، خۇددى كۆزى كۆرىۋاتقاندەكلا مەشۇغلات قىلۋاتىدۇ،بىزگە ئوخشاشلا ئىشلىتىدىكىن.ئەمالار كومپۇتېر ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئېكراننى ئېچشنىڭمۇ ھاجىتى يوقكەن. بۇنىڭ قۇرۇلمىسى، يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىقتىدارلىرى، قەدەملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ كاللىسىغا يېزىلىدىكەن.


كۇنۇپكا تاختىسى خۇددى قۇلىنىڭ بىر قىسىمىغا ئوخشاش بىمالال مەشغۇلات قىلىدىغان بولۇپ كېتىدىكەن.


بۇلارنىڭ كومپۇتېر ئگىنىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ دىيىشىڭلار مۇمكىن.بۇلار ئۈچۈن لاھىيلەنگەن بىر يۇمشاق دېتال باركەن، ئېكراندا نىمە چىقسا شۇنى ئوقۇپ بېرىدىغان. شۇنداق قىلىپ قۇلىقىدا ئاڭلاپ تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىدىكەن.ئۇلار كومپۇتېرنى كۆپ مەشۇغلات قىلىغاندىن كېيىن بۇ سېستىمىلار ۋە يۇمشاق دېتالنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش بۇيرۇق كۇنۇپكىلىرى ئۇلارغا ياد بولۇپ كېتىدىكەن.


شىنجاڭدا، ھەر مىلەتتىن بولۇپ 8000ئەتارپىدا مۇشۇنداق ئەمالار بار دەيدۇ.


مەن ئويلاپ قالدىم، ئۇيغۇر ئەمالارغا كومپۇتېر ئۆگىتىشىم ئۈچۈن ئېكراندىكىلەرنى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بېرىدىغان يۇمشاق دېتال زۆرۈر بولىدىكەن. چۈنكى بۇ ئەما كىشىلەر مەكتەپلەردە ئوقىيالمىغانلىرى، خەنزۇچىنى چورتلا بىلمەيدىغانلىرى بولىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر يۇمشاق دېتالنى كىملەر لاھىيەلەيدۇ؟


مەن، مۇشۇ كۇرسىنى ئۇيۇشتۇرغان كىشىدىن سوراپ باقتىم، ئۇمۇ مۇشۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ بىر شېركەتتىن سورىسا 300 مىڭ يۈەنگە لاھىيەلەپ بېرىمىز دەپتۇدەك، باھا تالاشسا 100 مىڭ يۈەندىن كەم بولسا قىلمايمىز دەپتۇدەك. شۇنىڭ بىلەن بۇ تۇغرۇلۇق مەندىن سورىۋىدى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ باققىن دىدىم.


ئەسلى مۇشۇ تۇنجى قېتىملىق كۈرس نەتىجىلىك-غەلىبىلىك بولسا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇقتىسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئەمالارغىمۇ مۇشۇنداق كۇرس ئاچماقچىدۇق دەيدۇ.


بىراق ھازىر مۇشۇ يۇمشاق دېتال كەم بولىۋېتىپتۇ.


بۇنى قىلىشقا زادى قانچىلىك كۈچ كېتىدىغاندۇ؟


Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 12:15:21

مەنمۇ ھەيران قالدىم . كيۇ كيۇ سىدا 400 دىن ئارتۇق ئادەم بارلىقىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم .
ئېكراندىكى خەتلەرنى ئوقۇپ بېرىدىغان يۇمشاق دىتالنى لايھىلەش يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئۇششاق ئىش ھالقىلىرىدىن تەركىپ تاپىدىغان مۇرەككەپ خىزمەت . ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرۈش تېخنىكىسىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغان گەپ . پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتىدا بىر ئوقۇتقۇچى قىز بار . دوكتورلۇق ماقالىسىنى مۇشۇ توغىرلىق يازغان . ھەم بۇ ماقالىسىمۇ نوپوزلۇق يىغىنلارغا قاتناشتۇرۇلغان . شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىدىكىلەر بۇ ئىشنى قىلماقچى بولسا ئاۋۋال يەنىلا شۇ قىزنى ئىزدەيدۇ . ئەگەر ھەمكارلىشىش ئويى بولسا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بەرسەم بولىدۇ .

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 12:50:01

windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچىسىدە باردەك قىلغانغۇ، «مېيىپ ھالىتى» دە قوزغىتىش دەپ.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 13:44:22

كۆزنىكىگە يازغان خەتنى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بىرىدىغان بىر سىستىما بار ئىدىغۇ . ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا .



لىكىن ھەيران قالدىم . ئۇلارنىڭ دىگىنىدىكى سىستىمىدا ئوقۇپ بەرسۇنمۇ دەيلى . لىكىن بىزگە قايسىسى لازىم ، ھەممىنى ئوقۇمدۇ ،قۇر ئاتلاپ ئوقۇمدۇ ................

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 13:59:25

خەنزۇچە «ئېكران ئوقۇپ بەرگەۈچى» ئەگەر خەنزۇچە خەت بولسا خەنزۇچە ئوقۇيدىكەن، ئېنگىلىزچە خەتلەرنىڭ ھەرىپ تەرتىپى بوىچە ھەرپنىلا ئوقۇيىكەن. كۇنۇپكا تاختىسىدىن قايسى ھەرىپ بېىسلسا شۇنى ئېنگىلىزچە ئوقۇپ بېرىدىكەن. ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغان ئىش بولسا، ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى تەرتىپى بويىچە ئوقۇپ بېرەلىسە، كومپۇتېر ئۈگەنگەندىن كېيىن ئىزدىنىشقىمۇ كىرىپ مۇنازىرە قىلالىشى مۇمكىن.



مۇشۇ بىر بەتنى مىسال ئالساق: ئىستىرىلكا كۆزنەكنىڭ قايسى بۆلىكىگە يۆتكەلسە شۇ يەردىن باشلاپ شۇ بۆلەكنىلائوقۇيدۇ. كۆزنەكتە Tab بىلەن يۆتكەيدۇ(باش بەت، مۇنبەر باش بېتى دىگەندەكلەر)، بىر مەزمۇننىڭ نەرىدىن باشلپ ئوقۇشنى يۆنۈلۈش كۈنۈپكىسى ئارقىلىق باشقۇرلىدىكەن(مۇندەرىجە تاللىغاندەك).

facebook يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 14:46:16

ئالدىنقى كۈنى چىقىپ كېتىپ بارسام 30 مېتىر ئالدىمدا بىرسى ئالدىدىكى يولنى ئىزدەپ كېتىپ بېرىپتۇ، مەن باراي دەپ يېتىپ بارغىچە ئالدىمدىكى گۇي ئۇ ئادەمنىڭ قولىنى مۈرىسىگە قۇيۇپ يېتىلىۋالدى، يېتىشىۋىلىپ ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاچ ماڭدىم، ئۇ كىشى مۇشۇ پېتى مېڭىپ پويىزغا چىقماقچى ئىكەن، بەلكىم مېنىڭ ئالدىمغا ئۈتۈۋالغان كىشى ياردەم قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن،

نەچچە يىللار بۇرۇن بىر دوستۇم دەرسىدە مېيىپلارغا قانداق ياردەم قىلىشنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، يەنە دەرستە كۆزلىرى تېڭىق ھالدا بىنادىن چۈشۈشنى مەشىق قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق مېيىپلارنىڭ ھېسسياتىنى ياخشىراق چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقىنى دىگەن ئىدى.

بۇ دۇنيا ناھايىتى ئېگىز-پەس ئىكەن، خۇددى بۇ دۇنيا مەستەك.

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 16:37:04

بىز كىچىگىمىزدىن تارتىپ، بىلىملەرنى دوسكا، كىتاپ دىگەندەك، كۆرۈش سېزىمىزىمىزدىن پايدىلىنىپ قۇبۇل قىلدۇق. مىڭ ئاڭلىڭغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دىگەن گەپمۇ بىلىم ئېلىش، يەنى بىر نەرسىنى چۈشىنىشتىمۇ ئاڭلاشقا قارىغاندا كۆرۈشنىڭ ياردىمى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. مۇرەككەپرەك تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگەنگەندە، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان قىسىملىرىنىمۇ ئىمكانقەدەر سىخمىسىنى سىزىپ، ياكى ھەركەتچان رەسىم قىلىپ، چۈشەنمەك تەس كېلىدىغان نەرسىلەرنى ئاسانلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ دەرىس سۆزلەيمىز. بىراق بۇ قېتىم كۆرۈش-نۇر سېزىمى يوق كىشىگە، ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقىمىغان نەرىسنى چۈشەندۈرۈشكە تۇغرا كەلدى. ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىشكە تۇغرا كەلدى. بۇ ئىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى ئاساسلىقى قانداق ئۆگىتىشكە ، شۇنىڭغا قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ئۆگەتكىلى بولىدۇ؟ دىگەن مەسىلىگە مەركەزلەشتى.

ئۆمرىدە يورۇقلۇقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، شەكىل دىگەننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، رەڭ دىگەن ئۇقۇمنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بۇ دۇنيانىڭ قانداق شەكىل ۋە رەڭلەردە ئىكەنلكىنى ئەزەلدىن بىلمەيدىغان بىر كىشىلەرگە كومپۇتېردىن ئىبارەت مۇشۇنداق مۇرەككەپ بىر جابدۇقتىن قانداق پايدىلىنىش، قانداق مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگىتىشكە تۇغرا كەلدى.

مەن ئويلىدىم، ئۇلاردا شەكىل، رەڭ دىگەن ئۇقۇملار بولمىغىنى بىلەن ھېچ بولمىسا ئۆزىنىڭ بەدىنىنى ، ئادەمنىغۇ بىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ كومپۇتېرنىڭ قۇرۇلمىسىنى شۇ ئەمانىڭ بەدىنىگە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللاندىم. كومپۇتېر تېخنىكىسى يوق ۋاقىتتا قاتتىق دېتال ، يۇمشاق دېتال دەيدىغان گەپلەرمۇ يوقتى. مۇشۇ تېخنىكا چىققاندىن كېيىن مۇشۇنداق ئاتالغۇلار، ۋە بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى بار بولدى. ئادەم بىلەن كومپۇتېرنى سېلىشتۇرساق، ئادەممۇ قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتالدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى بارلىق ئەزالار قاتتىق دېتال، تۇغۇلغان چېغىمىزدىلا بىز بىلەن بىللە بولغان روھىمىز بۇ ئاساسى سېستىما(ۋىندوسقا ئوخشاش)، كېيىن ئۆگەنگەن بىلىملەر بولسا، ئىشلىتىشچان يۇمشاق دېتال، مىڭىمىز مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، ھەم ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆزىمىز سىنئالغۇ كۆزى، ئېغىزىمىز ياڭراتقۇ، نېرىپ سېستىمىسى بولسا، كونتىروللىغۇچى، يۈرەك بولسا، ئېلىكتىر مەنبەسى، قان تۇمۇر ۋە قانلار بولسا، ھەر قايسى زاپچاسلارغا توك تەمىنلىگۈچى توك يولى، قولىمىز بولسا، مائۇس ۋە كۇنۇپكا تاختىسى، كىتاپ، دەپتەرلەر بولسا، سېرتقى ساقلىغۇچ (قاتتىق دېسكا، بارماق دېسكا، پلاستىنكا دىگەندەك). كومپۇتېرنىڭمۇ ھەر قايسى بۆلەكلىرىنىڭ نىمە رولى بولدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تۇغرا كەلدى. ئاندىن ئۇنىڭغا بۇيرۇق بېرىپ ئىشلىتش ئۈچۈن، كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىشكە ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر كۇنۇپكىنى 10 بارمىقىمىزغا تەقسىملاپ، ھەر بىر بارمىقىمىز قايسى ئىسىمدىكى كۇنۇپكىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئۆگىتىشكە تۇغرا كەلدى.

104 كۇنۇپكىنى بىر كۈندە بارماقلىرىغا مەھكەملەپ ئېسىدە ساقلاش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن ئوڭ قولنىڭ ۋە سول قولنىڭ 8 بارمىقى قايسى كۇنۇپكىلاردا تۇرىشىباش بارماق بولسا، ئىشلىتىش قېتىم سانى تەكرارلىشىنى ئەڭ يۇقرى بولغان بوش ئورۇن كۇنپكىسىغا مەسئۇل، ئەڭ ئاۋال ش8 بارماقنىڭ ئاستىدىكى 7 ھەرىپ، ئاندىن كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ يېنىدىكى ئىككى ھەرىپ قۇشۇلۇپ 9 ھەرىپنى ئېسىدە تۇتقىچە يادلىتىپ، ئاندىن يۇقۇرى قۇردىكى كۇنۇپكىلار ۋە تۆۋەن تەرەپتىكى كۇنۇپكىلارنىمۇ قۇشۇپ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئاز-ئازدىن قۇشۇپ مەشىق قىلدۇردۇم.

شۇنداق بىر ئىشنى بايقىدىمكى، بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ كۇنۇپكا ئۈستىگە يېزىقلىق ھەرىپلەرگە قاراپ خەت بېسىپ مۇشۇنداق يامان ئادەتلىنىپ قالغاچقا، خەت بېسىش سۈرئىتىمىز، ئاخىرىدا مۇشۇنداق بارماقلىرى ھەرىپلەرگە تەقسىملەنگەن ئەمالارغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن. ئۇلار ئۈچۈن بۇ ھەرىپلەرنىڭ كۇنۇپكا ئۈستىدە يېزىقلىق بولىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلارغا ئېكراننى ئېىچىپ قۇيۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئۇلار پەقەت بىزدىن ئېكراندىكى مەزمۇننى سورىغاندا ئاندىن لازىم بولىدىكەن.

مائۇس ئىشلىتىشنى قۇلايلىق دەيدىكەنمىز، بىراق كۇنۇپكا تاختىسىغا پىششىق بولۇپ كەتكەن كىشىنىڭ مەشغۇلات سۈرئىتى مائوس ئىشلەتكەندىن تېز بولىدىكەن. ئەمما ئۇلار بىر كۆزنەكتىن مەلۇم مەزمۇننى تېپىشتا بىزگە يەتمىگۈدەك(كومپۇتېر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئاۋۇ تۇغما ئەما كىشى شۇنداق ئۇستا بولۇپ كېتىپتۇ).

بىز كۆزىمىز بىلەن ئۇدۇللا كۆرۈپ تېپىۋالىمىز، ئۇلار بىردىن -بىردىن تەكشۈرىدۇ.

ئۇلار دەرس ئاڭلىغاندا كۆزى كۆرمىگەندىكىن، سۆزلەنگەن دەرىسكە دىققىتى بەك مەركەزلىشىدىكەن. ئۇلار پەقەت قۇلاق ۋە قول بىلەن مېڭىگە ئۇچۇر يوللايديغان بولغاچقا، بىزگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقۇرى تىرىشچانلىق چىدامچانلىقى بىلەن شۇ سەۋىيەگە يېتىدىكەن. كۆزى كۆرىدىغان ئادەمگە كومپۇتېرنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلاتلىرىنى بىلدۈرۈشكە ئۇزاق ۋاقىت كەتمەيدۇ، بىراق ئەمالارغا كۇنۇپكا تاختىسىنى قۇلىغا تۇتقۇزۇش ئارقىلىق قول بارماقلىرىنىڭ سېزىمى بىلەن نېرۋىسىغا يەتكۈزىدىغان بولغاچقا، قېيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىدىكەن.



بەزىلىرىدىن قاچاندىن باشلاپ كۆزۈڭ كۆرمەيدۇ؟ دەپ سوراپ باقتىم. ئۇلارنىڭ دىيىچىشە (ئاپىسى دەپ بەرگەن ئوخشايدۇ) ، ئۇلار ئاپىسنىڭ قۇسىقىدا چېغىدا ئاپىسى دورا يەپ، ياكى رېنتىگېنگە چۈشكەنلىك سەۋەپلىرى بىلەن، كۆزىگە تەسىر قىلىپ، تۇغۇلۇپلا كۆزى ياخشى كۆرمەيدىكەن ياكى شۇ چاغدىن باشلاپلا پەقەتلا بۇ دۇنيانى كۆرۈپ باقماپتۇ. بەزىلىرى چوڭ بولۇپ كۆزى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىرىمۇ باركەن. بەزىلىرىنىڭ 0.02 كەن، بىزنىڭ 1.5، 1.2 بولىدۇ. بەزىلىرى نەرسىنى خۇددى مىكروسكوپ بىلەن كۆرگەندەك كۆزىگە نەچە سانتىمېتىر يېقىن ئەكىلىپ ئاندىن سەل كۆرىدىغانلىرىمۇ باركەن.

مۇشۇ كۆزنىڭمۇ قانچىلىك مۇھىملىقىنى، ئۇنى ساق ۋاقتىدا قانچىلىك ئاسراشنىڭمۇ مۇھىملىقىنى بىلسەك بولىدىكەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 20:40:45

86 ‹‹كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى›› دىگەن بىر كىتاپ كىتاپخانىلاردا بار ئىزدەپ بىقىڭ. مۇشۇ كىتاپنى ئوقۇپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. كۆزى كۆرمەيدىغان، قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان، گەپمۇ قىلالمايدىغان بىر بالىنىڭ قانداق تەربىيلەنگەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر. ئوقۇم كۆزلېرىمگە ياش كەلگەنتى. خېلىن كېللىر ئىسىملىك بۇ قىز مۇشۇنداق كۆزى كۆرمەيدىغان، قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان بولسىمۇ لېكىن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياردىمىدە ئوقۇپ ئاخىرى ھەتتا خارۋارد ئونىۋىرسىتىتىغىمۇ ئىمتىھان بېرىدۇ بىر قانچە كىتاپمۇ يازىدۇ.

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 21:51:06



كەچۈرۈڭ تېما ئىگىسى، تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز سۇئالدىن بىرنى سوراي يەردەم قىلغان بولساڭلار،بەك جىددى ئىدى.

تۈنۈگۈن ئىشخانامدىكى كومپىيوتىر ساق قالغان، ئەتتىگەن ئاچسام، كومپىيوتىر نورمال قوزغالدى-يۇ لىكىن، جوزا يۈزىدە stop .............دىگەندەك بىر يېرىم قۇر ئېنگېلىسچە خەت چىقىۋېلىپ جوزا يۈزى ئېچىلمىدى . باشقىلار كومپىيوتىرىڭىز ۋىروسلىنىپتۇ دەيدۇ. ئۇنىڭدا 10 يىللىق ماتىرياللار بار ئىدى، بولۇپمۇ جوزا يۈزىدە بىر يىل قان-تەر ئاققۇزۇپ پۈتتۈرگەن خۇلاسە بار ئىدى. باشقا يەرگە كۆچۈرىۋالماپتىكەنمەن. قانداق قىلسام شۇ ماتىرياللارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا كومپىيوتىرنى ئاچالايمەن.

مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار سىلەردىن كۆپ خۇرسەن بولار ئىدىم. رەھمەت.


بەت: [1]
: ئەمالارنىڭ كومپۇتېر ئۆگىنىشى