Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 23:54:29

يىڭى كومپىيۇتېر قۇراشتۇراي دىگەن مەسلىھەت بىرىڭلار .

يىڭىدىن بىر كومپىيۇتېر قوراشتۇراي دىگەن قانداق سەپلىمە تاللاشتا ئىككىلىنىپ قالدىم مەسلىھەت بىرىڭلا، بۇ قىتىم سىتىۋالغان كۆزنەك8 نى قاچىلاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتەي مەنمۇ .  


باھاسىنى ماشىنا قىپى، كونوپكا تاختا مائۇس ھەم كۆرسىتىش كارتىسى يوق ھالەتتە 4500 يۈەن ئەپچۆرىسىگە توغىرلىساق بولاتتى .  كۆرسىتىش كارتىسى يوق ھالەتتە دىگىنىم توپلاشتۇرۇلغان تاختا ئالىمەن دىگىنىم ئەمەس، ھازىر يىنىمدا بىر كۆرسىتىش كارتىسى بار ۋاقتىنچە شۇنى ئىشلەتكەچ تۇرۇپ كىيىنكى قىتىمدا كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قاتىلىدىن بىرنى ئالماقچى.


ئادەتتە قىلىدىغان مەشغۇلاتلار ئىزدىنىشقا چىقىپ تىما كۆرۆش، توردىن كىنو كۆرۆش، ماتىرىيال چۈشۈرۈش ھەم 3د ئويونلارنى ئويناپ قويىمەن.


ئۆزۆم www.zol.com.cn نى ئايلىنىپ تۆۋەندىكى سەپلىمىلەرنى كۆرەپمۇ باقتىم، قالدى مەسلىھەتنى سىلەرگە قويدۇم ئەمىسە ... بەھۇزۇر ...



CPU       Intel酷睿i5 3470(盒装)      1           1190


主板        华硕 P8Z77_V LX          1           999


内存       金邦4G DDR3 1600          2           160


硬盘    希捷 1TB 720064MB 单碟    1          410


电源       航嘉多核WD500            1          339


显示器      三星S24B350FL             1          1209




@ziltar


@pinhan


@baqka


@Tedbirkar


yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 09:37:11

مەنمۇ بىرنى قۇراشتۇراي دېگەن لېكىن دېل شىركىتىنىڭ تور بېتىدىن كۆرسەممۇ خېلى يامان ئەمەسكەن.. بۇ توردىن ئېلىپ باققانلار بارمۇ ؟ بولساڭلار تەجىرىبەڭلارنى سۆزلەپ باقمامسىلەر؟



http://china.dell.com/cn/p/desktops.aspx?c=cn&l=zh&s=dhs&~ck=mn#!facets=43082~0~277696,230293~0~3504957&p=1&sort=-price

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 09:54:10

سەپلىمىنى ياخشى تاللاپسىز ، CPU غا I5 نى تاللاپ بەك ئاقىلانىلىك قىلىپسىز ، ئەمدى مۇشۇ سەپلىمىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئوبدان شامالدۇرغۇچتىن بىرنى ئېلىڭ



مەن 1~2نى تەۋسىيە قىلاي



http://item.taobao.com/item.htm?spm=a2106.m872.1000384.d178.2MnbYL&id=16171883332&scm=1029.newlist-0.prostd.110215&ppath=31332%3A43235%3B31332%3A100477%3B31333%3A100483



http://detail.zol.com.cn/cooling_product/index340714.shtml



http://detail.zol.com.cn/cooling_product/index314734.shtml



ئامما لېكىن شامالدۇرغۇچ بولسا ماندا بولسا باھاسى راۋرۇس ئۆزىمۇ راۋرۇسكەن ، ئاندا ماندا ماشىنغا سالمىسا گۇڭ كۆتۈرمىگىدەك

http://detail.zol.com.cn/cooling_product/index172944.shtml



ئاساسىي تاختىغۇ ياخشىكەن، بولىدىكەن

http://detail.zol.com.cn/319/318873/param.shtml

ما تاختىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ





قاتكا  {:92:}  (قاتتىق دېسكىغا) ھامان تاللىغاندىكىن 2TB لىقنى تاللاڭ باھاسى ناھايىتى 120 يۈەن ئەتىراپىدا پەرىقلىندۇ.

توك مەنبەنى ياخشى تاللاپسىز جۇما

، ئېكرانمۇ پەچەتكەن ، چەكمە ئېكراننىڭ باھاسى سەل تۆۋەن بولسا ئىدى win8 بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز پىچەت ئىش بولاتتى دە، لكىن باھاسى بەك ئۆرە ئىكەن كېيىن چۈشۈپمۇ قالار

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 09:55:34

ھە راست قىزىلبايراقتىن ئالسىڭىز يۇقارقى ئومۇمنىي باھادىن 200 يۈەن ئەتىراپىدا ئەرزان ئالالىشىڭىز مۇمكىن

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 10:49:26

بۈگۈن بىرسى قاتتىق دىسكىغا 固态硬盘 بىرنى قوشوپ ئىشلىتىش تەكلىپىنى بىرىپ قالدى بۇنىڭدا قانداق بولار ؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 10:56:24

固态硬盘 نىڭ باھاسى ئۆرە ، بولمىسا سېستىمىنىڭ تېز قوزغىلىشىغا پايدىسى بار ، لېكىن تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمەن بۇ ئۇسۇلنى

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 11:42:54

固态硬盘 ھەقىقەتەن نوچى ، ئۇنىڭ يېزىش ئوقۇش سۈرئىتى سىكونتىغا 520 مىگابايت ئەتراپىدا بولۇپ ، ئادەتتىكى قاتتىق دېسكىلارغا قارىغاندا نەچچە ئون ھەسسە تىز بولىدۇ . ئالدىنقى كۈنى قىزىل بايراققا بېرىپ بازارنى كۆرۈپ باققان ئىدىم ( ۋاقىت بولسىلا قىزىل بايراققا بېرىپ يېڭى چىقىۋاتقان قاتتىق دىتاللارنى ، ۋە چىقماقچى بولغان قاتتىق دىتاللارنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ كېلىمەن ) ھازىر بازاردا 固态硬盘 نىڭ ئەڭ چوڭى 512 گىگابايت بولۇپ ، باھاسى 4000 سوملارغا يېقىنلىشىدۇ(1 تىرابايتلىقىمۇ باركەن ، بىراق تاينى يوق ماركىلارنىڭ ئىكەن ) . 固态硬盘 نىڭ ئىشلەش پىرىنسپى بۇرۇنقى قاتتىق دېسكىلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ ، ئادەتتىكى دېسكىلار تەخسە شەكللىك پىلاستىنكىلاردىن تەركىپ تاپقان بولسا .  固态硬盘 گە توپلاشتۇرۇلغان ساقلاش ئۆزىكى ئىشلىتىلدۇ . يەنە بىر تەرىپى 固态硬盘 نىڭ ھەر بىر سىكتورىغا تەخمىنەن 100000 قېتىم كۆچۈرۈش ، يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان بولۇپ ، مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە بەزى چوڭ دىتاللارنىڭ log يېزىش (مەشغۇلات خاتىرسىنى خاتىرلەش)  ئىتىۋېتىپ ئىشلىتىش زۆرۈريىتى تۇغۇلىدۇ . شۇنداقلا سىغىم ۋە باھا جەھەتتە قۇبۇل قىلىش بىر قەدەر مۇۋاپىق ئەمەس . ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان بىر كىنونىڭ سىغىمىمۇ 10 گىگابايتقا يېقىنلىشىدىغان بۇ ھالەتتە، 512 گىگابايت سىغىم يىتىشمەي قېلىشى مۇمكىن ھەم باھاسىنىڭ يۇقىرلىقىنى قۇبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالىمىز . ھازىرقى قاتتىق دىتاللارنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسلىنىپ ھۆكۈم چىقارساق بىر مەزگىللەردىن كىيىن 固态硬盘 تېخىمۇ ئەرزان باھاغا چۈشىشى ، سېغىمى يۇقىرلىشى ، شۇنداقلا پىشقان بىر تېخنىكا ھالتىىدە ئوتتۇرغا چىقىپ ھازىرقى يىتەرسىزلىكلىرى ھەل قىلىنىشى تامامەن مۇمكىن .
شۇڭا ھازىرچە ئادەتتىكى قاتتىق دېسكىلارنى ئىشلىتىپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن .
تاللىغان باشقا سەپلىمىلىرىڭىز بولىدىكەن .
ئەسكەرتىش :
1 . ئانا تاختا تاللىغاندا مۇستەققىل سىن كارتا چۈشىدىغان تاخـتىلارنى تاللاڭ ، توپلاشتۇرۇلغان سىنكارتىسى بار بولغان تاختىلار بۇ سەپلىمىگە تۆۋەن كىلىپ قالىدۇ .
2. يېنىڭزدا بار بولغان سىنكارتىنىڭ ئاشۇ ئانا تاختىغا ماس كىلدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈڭ . بولمىسا ئانا تاختىنى ئېلىپ قۇيۇپ مۇستەقىل سىنكارتىنى ئىشلىتەلمەي قالىسىز .
3. ھازىر نۇردېسكا ئوقۇغۇچ ۋە نۇر دېسكىلارنىڭ دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى دىسەكمۇ بولىدۇ .  سېستىما قاچىلاش ، دېسكىنى رايونغا ئايرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى بارماق دېسكا بىلەنلا بىجىرگىلى بولىدۇ . ھەتتا Bios نىمۇ ۋىندوۋىس ھالىتىدە تۇرۇپ يازغىلى بولىدۇ .شۇڭا ئۆزىڭىزگە ياخشىراق ماركىدىكى بارماق دېسكىدىن بىرنى ئېلىپ كومپىيۇتېر سېستىما رىمونتچىسى قىلىپ ئىشلىتىڭ . بۇنداق بولغاندا بۇرۇنقىدەك نۇردېسكا جىجىلىپ كېتىش ياكى نۇر دېسكا ئوقۇغۇچ كونىراپ كېتىشتەك مەسىلىلەردىن قۇتۇلالايسىز . چاتاق يىرى شۇكى ، دىققەت قىلمىسىڭىز بارماق دېسكىنى ئاسانلا يۈتۈرۈپ قويۇشىڭىز مۇمكىن .

زىلتار دىگەندەك ، بۇ سەپلىمىگە چوقۇم ياخشى شامالدۇرغۇچ تاللاڭ . 200~300 سوملار ئەتراپىدا يامان ئەمەس شامالدۇرغۇچ ئالغىلى بولىدۇ .

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 12:07:40

پۇل جىق بولسا مەيلى لىكىن جىق دەپ ئىسراپ قىلسىڭىزمۇ بولمايدۇدە، ئىنكاسىڭىزدىن قارسام قوش لېنىيىلىك بىر تەرەپ قىلغۇچلارمۇ تەلىپىڭىزدىن ئىشىپ قالغۇدەك، ئويۇن ئوينايدىغان ئىشقا كەلسەك، E6500مۇ بولىدۇ، شۇ كۆرسىتىش كارتىسىغا كۈچىمىسىڭىز بولمايدۇ، ئاساسى تاختىغا Asus نى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، شۇ نام ئىلۋالغان تاختا، باشقا تاختلاردىن ئالاھىدە يەرلىرىنىمۇ بايقىمىدىم، 技嘉 مۇ بولىدۇ، ھەر ئىككىسىنى ئوخشاشلا 富士康نىڭ سىخىدا قوراشتۇردۇ، ئەگەر cpuغا intel نى تاللىسىڭىز ئاساسى تاختىغمۇ intelنىڭ ئۆزىكى ئىشلىتىلگەن تاختىنى تاللاڭ، ماسلاشتۇرۇشتا يۇقۇرى ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز، كۆپچىلىك مۇنداق بىر ئەھۋالغا ئۇچۇرغان بولىشى مومكىن باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ سەپلىمىسى ئۆزىنىڭ جىق پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسدىن تۆۋەن بولسىمۇ ئىنكاسى تېز، يىقىشلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ، بۇنداق كومپيۇتېرلار بۇرۇنقى ماركىلىق كومپيۇتېرلاردا كۆپ ئۇچرايتى، بۇ كومپيۇتېرلار قاتتىق دېتاللاردىكى يېزىپ قويغان نومۇرغا ئەمەس ئۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا، كۈچىگە،پۇختىلىقىغا، مۇقىملىقىغا قاراپ قوراشتۇرلاتى، ھازىرقىلىرى دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە ‹‹ئات›› يوغان بولسىلا ئۇنىڭ كۈچى بولامدۇ يوق، كارى يوق.

قاتتىق دېسكىڭىز ST500G بولسا مۇۋاپىق.

ئىچكى ساقلىغۇچقا Kingston 4G لىق توك بېسىمى V1.5ياكى ئۇنڭدىن تۆۋەن بولغاننى تاللاڭ.

توك مەنبەگە w450دىن تۆۋەن بوپ قالمىسۇن، موقىملىقىغا كەلسەك航嘉 بولىدۇ.

ئوپتىك قوزغاتقۇچقا Liteon 建兴 ئىشلىتىڭ.

چىرايلىقدەپ كىچىك ساندۇقنى تاللاپ قالماڭ، كىچىك قاپ بولمايدۇ، قاپ تاللىغاندا سوۋۇتىشى ياخشى چوڭىنى، ئىغىرىنى تاللاڭ، شاۋقۇن ئاۋازىدىن قۇتۇلۇپ قالسىز.

ئىكرانغا 19-22 سۇڭغىچە benQ ياكى AOCنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، كومپيۇتېر ئىكرانىنىڭ بۇنىڭدىن يوغنى يوغان.



ئۇنىڭدىن باشقا كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتى سېستىما ئىشلىتىش ئادىتىگىمۇ باغلىق، بىر تەرەپ قىلغۇچىسى قوش لېنىيەلىك، ئىچكى ساقلىغۇچىسى G2دىن يۇقۇرى كومپيۇتېرلارغا Windows xpنى ئىشلەتسىڭىز ھەقىقى ئۈنۈمىنى كۆرەلمەيسىز، شۇنداقلا بۇنى بايلىقنى خورتىش دىسەكمۇ بولىدۇ، تېزىملاش جەدىۋىلىنى ھەرقانچە تەڭشىسىڭىزمۇ ئوخشاش.



ۋىروسخور، باقاۋۇللار دىگەنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېر سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشتىكى يەنە بىر ئامىل، بەيدۇدىن 瑞星2011 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۈپ شۇنى يېڭىلاپ ئىشلىتىڭ، 360،QQ管家 دىگەن سويما لۈكچەكلەرگە يىقىنلاشماڭ، كۆڭلىڭىز بەك ئۇنماي قالسا安全卫士360 دىگەن لۈكچەكنى قاچىلاپ قويۇڭ، شۇ ياماق ياماش ۋە باشقا ئۇششاق چۈششەك ئىقتىدارلىرىنى دىمىسەم قەتئى تەۋسىيە قىلمايمەن. كومپيۇتېرىڭىزنى ھەقىقى كۈزىتىدىغان نەرسە بۇ.

ئەمدى ماڭا رەھمەت دەپ ئولتاماي، ئىشىپ قالغان 2000كويغان يېزىدا بولساڭلار چىشقاق پاقلاندىن بىر ئىككىنى ئەپ قويۇڭلار، چوڭ بولسا پايدىسىغا ساتىسلە ياكى ھېتتا قۇربانلىق قىلىسلە، ئىش قىلىپ زىيان چىقمايدۇ، شەھەردە بولساڭلا گاز ئەپ قويۇڭلار باھاسى ئۆسۈپ قالسا پايدا ئالىسلە، ياخشى كومپيۇتېرنى جىق پۇل خەجلىسەڭلىمۇ مەڭگۈ ئەپ بولالمايسىلە ئېھتىياجدىن چىقسا بولدى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 12:41:36

4500 گە مەن ئالماقچى بولسام، ئانا تاختىسىدا Raid قوللاش ئىقتىدارى بار تاختا ئالاتتىم، ھەم قاتتىق دېسكىدىن ئىككىنى ئالاتتىم. ئانا تاختا بىلەن بىللە كەلگەن قوزغىتىش پروگرامما دېسكىسىدا، RAID نىڭ Win8 قوزغىتىش پروگراممىسى بارمۇ، ياكى Win8 ئۇنى بىۋاستە تونامدۇ دېگەنلەرنى ئالدىن سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.


ئىككى قاتتىق دېسكىنى Raid 0 ئارقىلىق جۈپلىسىڭىز، سىغىمى 1T + 1T = 2T بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئوقۇش يېزىش سۈرئىتىمۇ بىر قاتلىنىدۇ، 120mb/s +120mb/s == 240mb/s ئەتىراپىدا، بۇ سۈرئەت تۇنجى ئەۋلاد ئۇيۇل دېسكىنىڭ سۈرئىتىگە باراۋەر. ئاز پۇل بىلەنمۇ «كۆپ سىغىم + تېزلەشكەن سۈرئەت» قىلغىلى بولىدۇ.


RAID نىڭ بىخەتەرلىكى قاتتىق دېسكىنىڭ ئۆمرى ۋە دېسكا گۇرۇپپىسىنى ئۈچۈرۈۋەتمەسلىككە باغلىق، شۇڭا، بىخەتەرلىكنى تاق قاتتىق دېسكا بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. زاپاسلاش ئادىتى ھەممە ئىشلەتكۈچىدە بولۇشى كېرەك.


ئەگەر ئانا دېسكا قوللىمىسا، Raid كارتىسىنى pci ياكى e-express ئوقۇرغا سېلىپ RAid قۇرۇپ ئۈستىگە سىستېما قاچىلىسىمۇ بولىدۇ. بىر ئاغىنەمگە شۇنداق قىلىپ بەرگەن ئىدىم، Win7 نى قاچىلاش جەريانىدا قوزغىتىش پروگراممىسى سورىدى، Raid كارتا بىلەن بىللە كەلگەن نۇر دېسكىدىن كۆرسىتىپ بەردۇق، نورمال قاچىلىنىپ نورمال ئىشلىگەن ئىدى.




تۈۋەندىكى ئادرىستىكى ئاساسىي تاختىنى پەقەت چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يوللىدىم، تەۋسىيە ئەمەس، تېما ئىگىسى ئۆزى تاللىغاي. قوللانمىدا ئېنىق يېزىقلىق بولىدۇ.

http://product.pconline.com.cn/mb/asus/478671_detail.html

دىكى مۇنداق مەزمۇنغا قارالسۇن:

磁盘阵列模式 RAID 0, RAID 1, RAID 5, RAID 10

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 12:46:54

ماۋۇ دەل سىز تاللىغان ئانا تاختىڭىز، RAID قوللايدىكەن:

华硕 P8Z77_V LX

http://product.pconline.com.cn/mb/asus/504885_detail.html

xatmen يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 15:18:57

مەن ئەرزانراق كومپىيوتىرغا ئېھتىياجى بار دوسلارنىڭ ھاجىتىگە يارىغىدەك ماۋۇ كومپىيوتىرنى يوللاپ قوياي . 1388 كويكەن .



http://item.taobao.com/item.htm?id=4259645927

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 15:59:44

ئۆزەكلىك قاتتىق دىسكىغا ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىنى بىرلەشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ،مانىڭدەك.شۇنىڭدا مىخانىكىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ سۇرئىتى تىزلەيدۇ.


http://blog.zol.com.cn/6057/article_6056483.html


http://diy.pconline.com.cn/cpu/reviews/1105/2420920.html


http://cpu.zol.com.cn/293/2937396.html

biqara يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 21:37:02

مەن ئۆزەكلىك(سۈپەتلىكىنى سېتىۋېلىڭ جۇمۇ) قاتتىق دىسكىغا ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىنى بىرلەشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن. 32گېگابايتلىق ئۆزەكلىق قاتتىق دسىكا ئىشلىتىڭ .مەن ئىشلىتىۋاتقىلى يېرىم يىل بولايى دېدى. شۇنداق تېز سۈرئەت. كومپىيۇتېر تېزلىتىشتىكى بۇمۇ بىر يېڭى ئۇسۇل.
بەت: [1]
: يىڭى كومپىيۇتېر قۇراشتۇراي دىگەن مەسلىھەت بىرىڭلار .