markam يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 14:50:26

1-يۈرۈش خەلق پۇلى 4مىليون

3-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ ئۇبرۇتتىن تەدرىجى چېكىنىشى ۋە يىغىپ ساقلاش بازىرىنىڭ جانلىنىشى شۇنداقلا خەلق ئىچىدىكى قالدۇغىنىڭ ئازىيشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن 1-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ باھاسى 2007-يىلقى 1مىليون يۇەندىن ھازىرقى 4مىليون يۇەنگىچە قاڭقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،نۆۋەتتە 2-يۈرۈش خەلق پۇلى 400مىڭ يۇەن بولماقتا،

1-يۈرۈش خەلق پۇلى 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ،1955-5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇبرۇتتىن توختىغان،1-يۈرۈش خەلق پۇلى جەمى 12خىل باھا،62خىل باسما نۇسخا بولۇپ جەمى قىممىتى176555يۇەن(ھازىرقى باھا بويىچە 17.65يۇەن)بولۇپ پەقەت 7يىل ئۇبرۇت بولۇنغاشقا بازاردا ئاساسەن قالدۇغى ئىنتايىن ئاز قالغان،بولۇپمۇ ياخشى ساقلانغانلىرى بەكمۇ تەستە تېپىلىدۇ،شۇڭا ھازىر ئەڭ ياخشى ساقلانغانلىرى 6مىليوندىن ئاشتى،

1-يۈرۈش خەلق پۇلى ئىچىدە ئەڭ پۇلغا يارايدىغىنى يايلاۋاتقان ئات بولۇپ ھازىرقى باھاسى 1.5مىليون يۇەن،

ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇن يىللىق يىغىپ ساقلاش تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلار يىغىپ ساقلاش ساھەسىدىكى كىتاپ كونا پۇل قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى ئاساسى باركەن،بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا مۇشۇنداق كۇنا پۇل بەك كۆپكەن، شۇڭا بۇ تېمىنى يوللاشنى ئۇيلاپ قالدىم،يەنە بىرسى مۇشۇنداق يىغىپ ساقلاشقا قىزىدىغان دوسلار چ چ توپىدا تەجرىبە ئالماشتۇرساقمۇ بولىدۇ،253831529

markam يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 14:56:29

پۇللارنىڭ رەسىمىنى پەقەت يوللاللمىدىم، بولمىسا سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا بولاتتى

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 15:01:18

بىر مول(10 تىيىن)لۇق پۇلنىمۇ ئالارمۇ. مەندە 1980-يىلى چىققان بىرمولۇق بەك جېق. شۇنچە كۆپ بىر مولۇقنىڭ ھەممىسى 1980-يىلى بېسىلغانكەن دېسە.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 18:49:26

قىممىتى بار ، بازىرى يوق ...

limun5 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 20:08:38

دىمەكچى بولغىنىڭىز ھەممىسى تولۇق بولۇشى كېرەكما؟ يەنى بىر تىيىن، ئىككى تىيىن،ئۈچ تىيىن........ئون سومغىچە؟

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 23:40:42

ناۋادا 2-چى يۈرۈش خەلىق پۇلىنىڭ 18 كوي 8 مو 8 پۇڭ بىر يۈرۈش بولسا يىلى ھەر خىل بولسا قانچە پۇل بۇلىۋاتىدۇ .

markam يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 18:16:44

3-يۇرۇش پۇل ھازىر 3600 دەپ ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ
بەت: [1]
: 1-يۈرۈش خەلق پۇلى 4مىليون