Ray يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 07:57:50

ئۈندىدار سالۇنى توغۇرلۇق ئەھۋاللىشىپ باققان بولساق

   مەن يېقىندا مەركىزىمىزنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ مىكروخەت سالۇنىدىن بىرنى قۇرۇغان ئىدىم. ھازىر ھېچقانداق داۋرىڭى بولمىغان ئەھۋالدا بىزگە قېتىلغان ئادەم 70 نەپەر بولغان. قېتىلىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز بار ئىدى.

مىكروخەت سالۇنىنى ئېچىشتىن ئىلگىرى كىملىك، راست ئىسم-فامىلىڭىز بىلەن تىزىملىتىڭ، بولمىسا سىز ئۈچۈن ھېچقانداق ھېچقانداق مۇلازىمەت قىلالمايمىز،-دەپ ئاگاھنامە چىقىپ تۇرۇپتىكەن شۇنداق قىلغان ئىدىم. بىراق، شۇنداق بولسىمۇ يەنە يېقىندىن بۇيان مەركىزىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتسەم ماڭمايماۋاتىدۇ. قارىسام، سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىز 0-20 مىنۇتقىچە ماڭىدۇ دەپ خەت چىقىپ تۇرۇدۇ. خەت شۇ پېتىلا، ھېچقانداق بىر يېڭىلىنىش يوق.

مىكروخەت سالۇنى قۇرۇغان باشقىلاردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار سادىر بولىۋاتامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بۇنى قانداق ھەل قىلىدىكەنمىز؟

بولسا بىلىدىغانلىرىڭلارنى ئاۋايلىماي ئوتتۇرىغا تۆككەن بولساڭلار،رەھمەت!

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 17:43:40

ھە مەن تېخى بۇ مەندىلا بولىۋاتقان ئىش ئوخشايدۇ دەيمەن....

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 18:02:11

قۇرۇغان دېگىنىڭىز نېمە گەپ؟

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 18:20:10

ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنى شۇنداق سۈزۈپ قالىدىكەن ، شۇڭا ئەڭ ياخشى چارە مەزمۇننى رەسىم شەكلىدە ئىشلەش ئىكەن .بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرچە تونىمايدىغان تېلىفۇنى بارلار ھەم ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ .

فوتوشوپ cs6 cs5 لەردە ، ۋوردتىكى ياكى تور بېتىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپلا چاپلىسىڭىز نورمال چىقىدىكەن .

ئەمما مەن ئۇقالمىغان مەسىلە ،مەزمۇن جىق بولسا ئۇزۇۇۇۇۇۇن بىر رەسىم ياساشقا توغرا كېلەمدۇ ياكى پارچە پارچە ھالەتتە لايىھەلەمدۇ؟ رەسىم چوڭ كىچىكلىكى ۋە خەت قانداق تەڭشەلسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 18:25:50

3- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز دېگەن بىلەن ئۈستىدىكى تېما ئىگىسى دېگەن ئىككى گەپ

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 18:25:51

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 18:53:21

مەنمۇ شۇ ئۇچۇرىڭىز 10 مىنۇتتىن كېيىن ماڭىدۇ 20مىنۇتتىن كېيىن ماڭىدۇ دەپ قويۇپ ماڭماسلىق مەسلىسىگە قارىتا گەپ قىلىمەن .ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئۇچۇر بولسا ماڭمايدىكەن ..،

بۇنىڭغا بۇنچە ئۈنلۈك گەپ قىلىش كەتمەيدۇ،ئەكىس سادا ياڭرىتىپ

format يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 19:20:48

مەن قۇرغاندا ئۇنداق ھەقىقى ئىسىم كىرگۈزۈڭ دىمىگەن لىكىن قۇرۇپ قۇيۇپ ئەزا توپلاشقا ۋاقىت چىقماي تاشلاپ قويغىلى ئۇزۇن بولدى

fahru23 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 20:22:04

ماڭا ھەممىدىن بىلقۇت سالونى يارايدۇ ... مەزمۇنلىرى بول ، ھەم كۈندە يىڭىلىنىپ تۇردۇ .

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 21:56:39

ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنى نىمىشقا سۈزۈۋالىدىغاندۇ

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-31 22:51:55

لېكىن مۇشۇ بىلقۇتنىڭ ئەۋەتكەن ماقالىلېرى دائىم تەرتىپسىز كېلىدۇ. مەسلەن بەش مەزمون بولسا ئاۋال بىرىنچى ئىككىنچى بەت ئاندىن بەشىنچى بەت ئاندىن ئۈچىنچى بەت ئاندىن تۆتىنچى بەتنىڭ مەزمونى كۆرۈنىدىكەن. ياكى مىنىڭ تېلىفۇنۇمدا شۇنداق كۆرۈنەمدۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 00:25:33

مىسرانىمنىڭ ئىملاسى بەك ناچار، زېرىكتىم.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 00:31:09

بىز AFROOZ维药نامىدا ئۈندىدار سۇپىسى قۇرغىلى 6 ئايدىن ئېشىپتۇ.

ئۇيغۇرچە ياكى uy。。。دېگەن ناملاردا تىزىملاتساق، كىيىنچە يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن ھەممىنى يوق قىلمىسۇن دېگەن مەقسەتتە ئىسىمغا خەنچىنى قىستۇرۇپ قويدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندىلىك يوللانمىدا بىر-ئىككى پارچە ئۇيغۇرچە مەزمۇن، بىر پارچە ئىنگىلىزچە ، يەنە بى. پارچە خەنچە مەزمۇن قىلىپ يوللاپ مىڭىۋاتىمىز. مىڭكوخەن بالىلارمۇ خوش بولدى، خەنلەردىنمۇ نەچچىسى كىرىۋاپتۇ قارىسام.

سۇپىلار دەسلەپتە پەيدا بولۇشقا باشلىغاندا تېڭشۈن شىركىتى تىزىملىتىشنى ناھايىتى ئوڭايلاشتۇرغان. ھەرقاندا كىشى يېڭى بىر كىيۇ-كىيۇ نۇمۇر ئېلىپلا شۇ نۇمۇر ئارقىلىق بىر ياكى بىر قانچە سۇپا قۇرالايتى. ھازىر بەك مۇرەككەپلىشىپ كېتىپتۇ.

تېما يوللاشمۇ شۇنداق، بۇرۇن رەسىم بولامدۇ ياكى سۈرەتلىك خەۋەر بولامدۇ ھەر قاندىغىنى بىمالال يوللاۋىرىتۇق. ئىككى ئايدىن بىرى سىز دېگەندەك ئەھۋال پەيدا بولىۋالدى.

ئۈندىدار سۇپىسى قۇرغان بىرنەچچەيلەن پات-پات ئەھۋاللىشىپ تۇرىمىز. سىز دېگەن ئەھۋال ھەممىمىزنىڭكىدە بار. لېكىن باشقا ئاماللار بىلەن تېمىنى يوللىغىلى بولىدۇ.

مەسىلەن،

شۇ كۈنلۈك تېمىنى ئىشلەپ بولۇپ، ئۇنى مەلۇم بىر سانغا ياكى چىسلاغا ياكى ھەرىپكە باغلايسىز. ئاندىن ، مىسال ئۈچۈن، , bugunki timini korush uchun 20130401 ni bisip supigha yollang، دېگەندەك مەزمۇندىن بىرنى يېزىپ شۇ خەتنىڭ ئۆزىنىلا يوللىسىڭىز، ئەزالاردىن 20130401 دېگەن ساننى تولۇق، توغرا يوللىغانلارغا شۇ كۈنلۈك تېماڭلار ئاپتوماتىك ئەۋەتىلىدۇ. بۇنى تېڭشۈنمۇ توسالمايدۇ. ئاۋارىچىلىقراق بولسىمۇ، ھازىرقى بىردىنبىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل شۇ.

گېپىم مۈجىمەل چىقىپ قالغان بولسا بىزنىڭ سۇپىنىڭ نۇمۇرى 1574624066 نى قوشىۋىلىپ بىزگە گەپ قالدۇرۇپ قويۇڭ، ئىككىلا تەرەپ سۇپىنى تەڭ ئىچىپ تۇرۇپ دىيىشسە بەك ئوڭاي.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 00:48:51

مەلەك:

ھەممە تېمىنى فوتوشوپتا ئىشلەۋەرسە ئەزالارنىڭ ئېقىم مىقدارى توشىىماي قالىدۇ. cs تە لاھىيەلىگەن خەتلىك مەزمۇنلار كامىدا 180kb دىن 480kbغىچە كېلىدۇ. بۇنداق تېمىلار بىرەدەبىر يوللانسا مەيلى بولمىسا ۋايفايسىز تورغا چىقىدىغانلارغا تەس كېلىدۇ.

ياخشىسى ۋوردتا خەتنىڭ چوڭلۇقىنى 16 - 18 قىلىپ، بەتنىڭ كەڭلىكىنى نورمال كۆرۈنۈشىدىن ئازىراق قىسقارتىپ ماقالىنى تەييار قىلىۋىلىپ ئاندىن كىيۇكىيۇنىڭ كېسىش قۇرالىدىن پايدىلىنىپ (بۇغۇ بەك ئىپتىدائىي ئۇسۇل،شۇنداقتىمۇ، كۆپ قىسىم بالىلارنىڭ يانفۇنى ئۇيغۇرچىنى نورمال تونۇمىغاچقا مۇشۇنداق قىلىمىز)كېسىپ ساقلىۋىلىپ شۇنى يوللىسىڭىز بولىدۇ. تۈنۈگۈنكى ماۋۇ تېمىنى شۇنداق يوللىدۇق.

http://mp.weixin.qq.com/mp/appmsg/show?__biz=MjM5MDA5MjA4MA==&appmsgid=10000387&itemidx=1#wechat_redirect

رەسىمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى بولماس قىلىپ قوياپتۇ. يوللاۋىرىڭ. ئاپتوماتىك تەڭشىلىدىكەن.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 09:35:27

8- قەۋەتتىكى fahru23نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماڭا ھەممىدىن بىلقۇت سالونى يارايدۇ ... مەزمۇنلىرى بول ، ھەم كۈندە يىڭىلىنىپ تۇردۇ .

بىلقۇت سالونىنى قانداق قوشىمىز؟ئىسىمىنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.

hebibئەپەندىنىڭ سالونىنى قوشىۋالدىم ياخشى مەزمونلار بار ئىكەن.

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 09:48:41

6- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ شۇ ئۇچۇرىڭىز 10 مىنۇتتىن كېيىن ماڭىدۇ 20مىنۇتتىن كېيىن ماڭىدۇ دەپ قويۇپ ماڭماسلىق مەسلىسىگە قارىتا گەپ قىلىمەن .ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئۇچۇر بولسا ماڭمايدىكەن ..،

بۇنىڭغا بۇنچە ئۈنلۈك گەپ قىلىش كەتمەيدۇ،ئەكىس سادا ياڭرىتىپ

ئاۋۇ توردىشىمىز دېگەندەككەن،ئۇيغۇرچە ھازىر زادى ماڭمايدىكەن، لاتىنجە يازسىڭىز ماڭىدىكەن. ئەكس سادا ياڭراتمىدىم، تورنىڭ سەۋەبى بىلەن ئەكس سادا ياڭرىتىلىپ كېتىپتۇ.

berdem يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 10:29:43

مىكرو خەتتە ھازىرچە ئۇيغۇر يېزىقىنى تەلتۈكۈس توسىۋەتمىدى.ھازىرچە ئۇيغۇر يېزىقىدا پاراڭلاشقىلى،دوستلار چەمبىرىكىدىن يازما يوللىغىلى بولىدۇ.ئۇلارنىڭ QQ تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارىغاندا مىكرو خەتتىمۇ ئۇيغۇر يېـزىقىنى پۈتۈنلەي بايقۇت قىلىشى بەلكىم ۋاقىت مەسىلىسى بولۇشى مۈمكىن.ھازىرقەھۋال بەلكىم باشلىنىشى مۈمكىن. شۇنداق بولسا،بىزمۇ قاراپ تۇرماي قانونىي مەنپەتىمىزنى قوغداشقا تىگىشلىك.

xahriyar يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 12:17:02

مەن شېركەت نامىدا ئۈندىدار ئاممىۋىي ئۇچۇر سۇپىسىنى قۇرۇپ بولۇپ ، دەسلەپتە بىر سۈرەتنى باش سۈرىتى قىلغان . كىيىن باشقا سۈرەتنى ئالماشتۇرسام ھېچقانداق ئىنكاس يوق . بەيدۇلاپ تايىنى بار جاۋاپ تاپالمىدىم . مۇلازىمەتچىنى ئىزدىسەم ھەر دائىم « ئالدىڭىزدا 200 دىن ئارتۇق ئۆچرەت بار ، ساقلاڭ » دەيدۇ . باش سۈرەت ( ياكى LOGO ) نى قانداق ئۆزگەرتىدىغاندۇ ؟ \"\"

Ray يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 12:50:54

ھە، دېمەك بۇ ھەممىمىزدە سادىر بولىۋاتقان ئوخشاش ئەھۋالكەندە...

بەزى سۇپىلارغا قېتىلىپ بولۇپ، 1 رەقىمىنى يازسا ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى بارىدىغان بىر ئىقتىدار بار ئىكەندۇق. مەن شۇنى ئىزدەپ-ئىزدەپ ھېچ بىر يەردىن تەڭشەپ قىلالمىدىم. شۇنى قىلىپ باققانلار بولساڭلار شۇ توغۇرلۇقمۇ ئاز-تۇلا بىر نەرسە سۆزلىگەچ ئۆتۈپ كەتسەڭلەر بوپتىكەن.

rawajtap يوللانغان ۋاقتى 2013-4-1 14:21:44

3- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنى شۇنداق سۈزۈپ قالىدىكەن ، شۇڭا ئەڭ ياخشى چارە مەزمۇننى رەسىم شەكلىدە ئىشلەش ئىكەن .بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرچە تونىمايدىغان تېلىفۇنى بارلار ھەم ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ .

فوتوشوپ cs6 cs5 لەردە ، ۋوردتىكى ياكى تور بېتىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپلا چاپلىسىڭىز نورمال چىقىدىكەن .

ئەمما مەن ئۇقالمىغان مەسىلە ،مەزمۇن جىق بولسا ئۇزۇۇۇۇۇۇن بىر رەسىم ياساشقا توغرا كېلەمدۇ ياكى پارچە پارچە ھالەتتە لايىھەلەمدۇ؟ رەسىم چوڭ كىچىكلىكى ۋە خەت قانداق تەڭشەلسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟

ئۇزززززززززززۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇنننننننن قىلسىڭىز خەت بەك كىچىك بولۇپ قالىدىكەن.

مېنىڭ ئىزچىل مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىشىمگە ئاساسلانغاندا:

خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى 23، قۇر ئارىلىقىنى 31 (ئەلكاتىپ يازما خەت نۇسخىسى) قىلسىڭىز بىر قەدەر مۇۋاپىق. ئەمدى ھەر بىر پارچە رەسىمنىڭ رازمىرىغا كەلسەك: كەڭلىكى 485، ئېگىزلىكى 700 بولغا بىر قەدەر مۇۋاپىق ئىكەن.

ئەگەر دېگەنلىرىمنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز: تىلسىم (Tilsim) سالونى (ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ مەخسۇس مىكرو ئۇچۇر قانىلى، مەخسۇس كارخانىچىلىققا ئائىت مەزمۇنلار يوللىنىدۇ) غا ئەگىشىپ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئىزدەش نامى: hezine

بەت: [1] 2
: ئۈندىدار سالۇنى توغۇرلۇق ئەھۋاللىشىپ باققان بولساق