توردىن سېتىۋالغان مالنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ،نۇرغۇن تورداشلار بىزنىڭ تور بېكىتىمىزدىن مال سېتىۋالغاندا ، دائىم تېلفۇن ۋە QQدا مېلىمىز نەگە كەپتۇ دەپ سوراپ تۇردى ، يەنە بەزىلەر تاۋباۋ ياكى باشقا توربېكەتلەردىن مال سېتىۋېلىپ مېلىنىڭ نەگە كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي قېينلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، ئادەتتە سىز مەيلى تاۋباۋ قاتارلىق خەنچە توربېكەتلەردىن مال سېتىۋېلىڭ ياكى بىركۈن ، ئاي خېنىم قاتارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردىن مال سېتىۋېلىڭ مالنى سېلىۋەتكەن ھامان بىر تال يوللانما نۇمۇرى چىقىدۇ ، سىز دەل مۇشۇ يوللانما نۇمۇرى ئارقىلىق مېلىڭىزنىڭ نەگە كەلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرالايسىز ، مەسلەن تۆنۆگۈن شېنجىندىن ئۈرۈمچىگە سېلىۋەتتۇق ، بۈگۈن ئۈرۈمچىگە كەلدى ، باياتتىن ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە سېلىۋەتتۇق دىگەندەك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسىىز .
ئادەتتە ساتقۇچى سىزگە مالنى سېلىۋەتكەندىن كېيىن سىز ئۇلاردىن يوللانما نۇمۇرىنى ۋە تېز يوللانما شىركىتىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ ، ئەمدى شۇ يوللانما نۇمۇرىنى تۆۋەندىكى بەتلەردىكى كاتەكچىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ يان تەرەپتىكى ئىزدەش(查询)دىگەن خەتنى باسسىڭىز ، ئىز قوغلاش ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيسىز
ھەر قايسى تېز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئادىرسلىرى تۆۋەندىكىچە :
جوڭگو پوچتىسى(EMS): http://app.baidu.com/app/enter?appid=148083
شېنتۇڭ تېز يوللانمىسى:http://app.baidu.com/app/enter?appid=131406
يۈەنتۇڭ تېز يوللانمىسى :http://app.baidu.com/app/enter?appid=131218
شۈنفېڭ تېز يوللانمىسى:http://app.baidu.com/app/enter?appid=162416
جۇڭتۇڭ تېز يوللانمىسى:http://app.baidu.com/app/enter?appid=150735
تىيەن تىيەن تېز يوللانمىسى: http://app.baidu.com/app/enter?appid=150514
جەيجىسوڭ تېز يوللانمىسى : http://app.baidu.com/app/enter?appid=150739
مەنبە :بىركۈن تورسودا مۇنبىرى (http://bbs.birkun.com/forum.php?mod=viewthread&tid=20) ھەربىر تېز يوللانما شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ تورى بار، بەيدۇنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنى يوق.
تەشۋىق قىلىدىغان ئىش بولسا ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان Google دەك بەتلەرنى تەشۋىق قىلىلى.
1- قەۋەتتىكى KANTIRنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەربىر تېز يوللانما شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ تورى بار، بەيدۇنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنى يوق.
تەشۋىق قىلىدىغان ئىش بولسا ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان Google دەك بەتلەرنى تەشۋىق قىلىلى.
ئاشۇ تېز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى خېلى ئوبدانلا مۇرەككەپ ، خەنچىنى پىششىق بىلمەيدىغان تورداشلىرىمىز تاپالماي قالمىسۇن دەپ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى يوللاپ قويدۇم ، گوگۇلنىڭ ئاشۇنداق تېز يوللانمىلىرىنى تەكشۈردىغان بېتى بولسا يوللىمامسىز؟ http://www.kuaidi100.com مۇشۇ تور بەتتىن تەكشۈرسەڭلارمۇ بولىدۇ، ھىساۋات تىزىملىتىپ قويساڭلار ھەر قېتىم تەكشۈرگەن نەرسىلەرنى ساقلاپ قويىدۇ. يەنە تېخى مال سىز تۇرۇشلۇق شەھەرگە يىتىپ كەلگەندە تېلفۇنغا ئۇچۇر كېلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغىلى بولىدۇ. ئۇزۇن بولدى ماڭا بۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى...
2- قەۋەتتىكى formatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
1- قەۋەتتىكى KANTIRنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەربىر تېز يوللانما شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ تورى بار، بەيدۇنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنى يوق.
تەشۋىق قىلىدىغان ئىش بولسا ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان Google دەك بەتلەرنى تەشۋىق قىلىلى.
ئاشۇ تېز يوللانما شىركەتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرى خېلى ئوبدانلا مۇرەككەپ ، خەنچىنى پىششىق بىلمەيدىغان تورداشلىرىمىز تاپالماي قالمىسۇن دەپ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى يوللاپ قويدۇم ، گوگۇلنىڭ ئاشۇنداق تېز يوللانمىلىرىنى تەكشۈردىغان بېتى بولسا يوللىمامسىز؟
مەن Google نىڭ شۇنداق بېتى بار دېمىدىم، تەشۋىق قىلىشقا توغرا كەلسە Google دەك ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان بەتنى تەشۋىق قىلىلى دېدىم.
بەت:
[1]