maraz886 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 13:07:46

[كۆچۈرۈلمە]ئۇيغۇرلاردا مۇنداق چولپانلارمۇ بار



ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، دۇنيا گىتار ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق گىتار ماھىرى، ئوت يۈرەك مۇزىكانت، ئىقتىدارلىق ناخشىچى مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن 1969ـ يىلى 10ـ ئاينىڭ 4ـ كۈنى تۇغۇلۇپ، 1991ـ يىلى 6ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ گەرچە ئاران 22 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ، ئۆمرىدە 15 يىلدىن ئارتۇق مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە نۇرغۇن ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلىپ، خەلقىمىزگە سوۋغا قىلغان.

ئۇ 4 يېشىدىن باشلاپ ساز چېلىشنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق 7 يېشىدا خوتەن ۋىلايەتلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل خوتەن ۋىلايەتلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلەپ، نۇرغۇنلىغان ئېسىل ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان. ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خوتەن دىيارىنىڭ چوڭ ـ كىچىك مەيدانلىرىدا ئويۇن قويغاندىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت ـ ناھىيەلەردە ھەتتا، بىر قانچە قېتىم خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق سەھنىلەردە ئويۇن قويۇپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولغان. شۇنداقلا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.


    ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»، «قاپقارادۇ قاشلارىڭ»، «پاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ»، «ئانا»، «ياشلىق كۈيى»، «توي ناخشىسى»، «كەلمىدىڭ»، «تەنھا»، «ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە»... قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق ئېسىل، تاللانغان، شوخ ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلغان ۋە بىر قانچە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ۋە VCDپلاستىنكىلىرى نەشىر قىلىنغان. شۇنداقلا شۇ نادىر ناخشا ـ مۇزىكىلرىنى سەھنىلەردە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ناخشلىرى 80ـ 90ـ يىللاردا مودا بولۇپ كەلگەن. ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشلىرى قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق...


ئۇ بىزدىن ناھايىتى تېزلا ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات! ناخشلىرى ھەر ۋاقىت خەلقىمىز بىلەن بىللە!




تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى.

koktikin يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 14:33:34

1991يىلى VCDپىلاستىنكىسى بار بولغىيتمىتى ؟

uzunyol يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 15:10:47

مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

سەنئەت ساھەسىدىن باشقا ساھەلەردىكى ئۇيغۇر چولپانلىرىمىزنى،چولپان بولمىسىمۇ تالانتلىق كىشىلىرىمىزنىڭ تەرجىمالىنى شۇنداق ئاڭلىغىم بار. بولسا شۇنداق كىشىلىرىمىزنىمۇ تونۇشتۇرسىڭىز.

QoxYurak يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 15:53:16

1991- يىلى شىنجاڭدا تېىخى ئوموملاشمىغان.

كىينچە شەخسلەر سىنئالغۇ لىنتىسىنى VCD قىلىپ ئىشلىگەن.

orkesh يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 16:24:25


2- قەۋەتتىكى uzunyolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

سەنئەت ساھەسىدىن باشقا ساھەلەردىكى ئۇيغۇر چولپانلىرىمىزنى،چولپان بولمىسىمۇ تالانتلىق كىشىلىرىمىزنىڭ تەرجىمالىنى شۇنداق ئاڭلىغىم بار. بولسا شۇنداق كىشىلىرىمىزنىمۇ تونۇشتۇرسىڭىز.


مىنىڭمۇ شۇنداق ئاڭلىغۇم بار،شۇڭلاشقا باشقىلار يوللىغاننى كۆرۈشكە ياقتۇرۇپ كۆرىمەن،قانداقلا ساھەدىن بولمىسۇن سىزمۇ بىرەرنى يوللىمامسىز دوستۇم!باشقىلار يوللىغاننى ئوقۇش ۋە باھا بىرىش بەك ئاسان ئىش ئىكەن.


مەن تېخى كىچىك ۋاقتىمدا مەرھۇمنى تېلۋېزور ئىكرانىدىن كۆرۈپ ۋە شۇنچىلىك تونۇلغىنىغا 40ياشلارغا يېقىن باردىمىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن.




kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 18:08:51

مۇقام




ئانام


dadash يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 18:27:54

نەقىل : « دۇنيا گىتار ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق گىتار ماھىر»

بەزى سۈپەتلەرنى ئويلىشىپ بەرسەك بولامدىكىن ، ياكى راستتىنلا شۇنداقمىدى؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 18:30:05

نەقىل : «  ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»، «قاپقارادۇ قاشلارىڭ»، «پاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ»، «ئانا»، «ياشلىق كۈيى»، «توي ناخشىسى»، «كەلمىدىڭ»، «تەنھا»، «ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە»... قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق ئېسىل، تاللانغان، شوخ ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلغان»

--------

باشقىسىنىغۇ دېمەي، ماۋۇ «ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە» نىمۇ ئۆزى ئىجاد قىلغان بولغىيمىتى؟

maraz886 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 20:00:07

6- قەۋەتتىكى dadashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەقىل : « دۇنيا گىتار ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق گىتار ماھىر»

بەزى سۈپەتلەرنى ئويلىشىپ بەرسەك بولامدىكىن ، ياكى راستتىنلا شۇنداقمىدى؟

راست . ئۇنىڭ خەلىقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئالقىشلارغا ئىرىشكەنلىكى توغرۇلۇق بىر چاغلاردا چوڭلاردىن ئاڭلىغانمەن

maraz886 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 20:06:02


7- قەۋەتتىكى dadashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەقىل : « ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»، «قاپقارادۇ قاشلارىڭ»، «پاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ»، «ئانا»، «ياشلىق كۈيى»، «توي ناخشىسى»، «كەلمىدىڭ»، «تەنھا»، «ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە»... قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق ئېسىل، تاللانغان، شوخ ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلغان»

--------

باشقىسىنىغۇ دېمەي، ماۋۇ «ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە» نىمۇ ئۆزى ئىجاد قىلغان بولغىيمىتى؟



بۇيەردە بىر ئۇقۇشماسلىق باركەن.دوستۇم


مۇقامنى ئىجاد قىلمىغان بەلكى شۇمۇقامنىڭ مۇزىكىسىنى گىتتار بىلەن ئۇرۇنلىغان .

ئەمما ۋايىغا يەتكۈزۈپ....


elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 21:50:56

مىنىڭ كىچىك ۋاقتىمىدىكى ئەڭ ئامراق چولپىنىم ئىدى،  ئاۋازىمنىڭ سەتلىكىگە باقماي ‹‹ كىرىپ قاپتۇ ئانام چۇشۇمگە›› ئىيتىپ قۇيتۇم.


omar14 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 22:22:22

خەلقئارا گىتتار سەھنىسىدە تونۇلغان

=====================



ماۋۇ گەپ راسلا چەكتىن ئىشىپ كىتىپتۇ ، گىتتاردىن خەۋىرى بارلار بىلىمىزغۇ ئەخمەتجان چالغان گىتتارنى

jessurane يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 22:26:15

ئويلاپ باقساق ،بەلكىم مەرھۇم ھايات بولوپ ئىشلىرى داۋاملاشقان بولغان بولسا دۇنياۋى چولپان بولوپ قالاتتى دەپ ئويلايمەن...

مۇرات ناسىرىفنىمۇ شۇنداق ئولايمەن،لىكىن ھەممىسى بۇرۇن كەتتى .ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتپۇللا ھەممسى بۇرۇن كەتتى،ئەگەر شۇلار ھايات بولغان بولسا ...بىزلەر مۇشۇنداق تەتۈر پىشانىمىدۇق،بەلكىم ئىگىمىزنىڭ بۇنداق ئورونلاشتۇرىشىدا بىر ھىكمەت باردۇ.....

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 22:26:28

ئاق چەكمىگەن بولسا ھازىرغىچە ناخشا ئىيتىپ دەي چىقارغان بولسا لوبەن بولوپ كىتەتتىدە رەھمەتلىك،، \"\"

maraz886 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-29 09:34:55


13- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاق چەكمىگەن بولسا ھازىرغىچە ناخشا ئىيتىپ دەي چىقارغان بولسا لوبەن بولوپ كىتەتتىدە رەھمەتلىك،، \"\"



ئاق چەكمىگەن بولسا ....ھەي بۇقانداق گەپ ئەمدى.


مۇشۇ بىر چولپان ئۆلسە چۇقۇم ئاق چىكىپ قېتىپ قالامدىغاندۇ؟دەپ سۇرىغۇم كىلىدۇ ئۈزەمدىن




fahru23 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-29 10:36:39

14- قەۋەتتىكى maraz886نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


13- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاق چەكمىگەن بولسا ھازىرغىچە ناخشا ئىيتىپ دەي چىقارغان بولسا لوبەن بولوپ كىتەتتىدە رەھمەتلىك،، \"\"



ئاق چەكمىگەن بولسا ....ھەي بۇقانداق گەپ ئەمدى.


مۇشۇ بىر چولپان ئۆلسە چۇقۇم ئاق چىكىپ قېتىپ قالامدىغاندۇ؟دەپ سۇرىغۇم كىلىدۇ ئۈزەمدىن




fئەمما ئۇنىڭ ئاق چىكىپ قېتىپ قالغىنى ئەمىلىيەت .

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-29 11:53:45

9- قەۋەتتىكى maraz886نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


7- قەۋەتتىكى dadashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەقىل : « ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»، «قاپقارادۇ قاشلارىڭ»، «پاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ»، «ئانا»، «ياشلىق كۈيى»، «توي ناخشىسى»، «كەلمىدىڭ»، «تەنھا»، «ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە»... قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق ئېسىل، تاللانغان، شوخ ناخشا ـ مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلغان»

--------

باشقىسىنىغۇ دېمەي، ماۋۇ «ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە» نىمۇ ئۆزى ئىجاد قىلغان بولغىيمىتى؟



بۇيەردە بىر ئۇقۇشماسلىق باركەن.دوستۇم


مۇقامنى ئىجاد قىلمىغان بەلكى شۇمۇقامنىڭ مۇزىكىسىنى گىتتار بىلەن ئۇرۇنلىغان .

ئەمما ۋايىغا يەتكۈزۈپ....







        <<كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە>>دېگەن ناخشىنىڭ تېكىستىنى قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇر شائىرى يازغان.

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-29 11:54:02

11- قەۋەتتىكى omar14نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەلقئارا گىتتار سەھنىسىدە تونۇلغان

=====================



ماۋۇ گەپ راسلا چەكتىن ئىشىپ كىتىپتۇ ، گىتتاردىن خەۋىرى بارلار بىلىمىزغۇ ئەخمەتجان چالغان گىتتارنى




         ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ دۇنيا سەھنىسىدە ئالقىشلانغانلىقى خىيالىي گەپ بولۇشى مۆمكىن.لېكىن،مۇزىكا ئورۇندىشى ۋە ناخشا ئېيتىشىدا ئاجايىپ بىر تەبىئىي جۇشقۇنلۇق بار ئىدى.مۇزىكا چالالمىساممۇ،ئەمما،ناخشا - مۇزىكىدىن خېلى ئوبدان ھوزۇر ئالدىغان مەن ئەخمەتجان مەمتىمىننى تا ھازىرغىچە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر گىتتارچىسىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتىمەن.ئەمما،سىزنىڭ ئاۋۇ ئىنكاسىڭىزدىن سەل ئەندىكىپ قالدىم...

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-29 11:54:11

13- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاق چەكمىگەن بولسا ھازىرغىچە ناخشا ئىيتىپ دەي چىقارغان بولسا لوبەن بولوپ كىتەتتىدە رەھمەتلىك،، \"\"

        






       kuwruk نىڭ ماۋۇ ئنكاسىدا ھەممىلا مەنە چىقىدىكەن مانا!



      



        

maraz886 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-29 16:32:36

15- قەۋەتتىكى fahru23نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

14- قەۋەتتىكى maraz886نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


13- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاق چەكمىگەن بولسا ھازىرغىچە ناخشا ئىيتىپ دەي چىقارغان بولسا لوبەن بولوپ كىتەتتىدە رەھمەتلىك،، \"\"



ئاق چەكمىگەن بولسا ....ھەي بۇقانداق گەپ ئەمدى.


مۇشۇ بىر چولپان ئۆلسە چۇقۇم ئاق چىكىپ قېتىپ قالامدىغاندۇ؟دەپ سۇرىغۇم كىلىدۇ ئۈزەمدىن




fئەمما ئۇنىڭ ئاق چىكىپ قېتىپ قالغىنى ئەمىلىيەت .  



بۇ مىش-مىش پاراڭدىن ئارىيەمۇ ياكى سىز ئىنىق بىلەمسىز ؟



راسىت سىز ئۇنىڭ ھەممە ئىشىدىن خەۋەردارمۇسىز ؟




بەت: [1] 2
: [كۆچۈرۈلمە]ئۇيغۇرلاردا مۇنداق چولپانلارمۇ بار