uyghurghol يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 12:20:55

تۈرك تىلى ئۆگىنىشتىكى ئەڭ يېڭى دەرسلىك

تۈرك
تىلى ئۆگىنىشتىكى ئەڭ يېڭى دەرسلىك




دىيارىمىزدا
تۈرك تىلىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ بارغانسېرى ئارتىشىغا قارىماي، تۈرك تىلى
ئۆگىنىشتىكى دەرسلىك كىتاپ ۋە سۆزلۈك كەمچىل بولۇپ كەلگەنىدى. بۇ نۇقتىنى كۆزدە
تۇتۇپ ئىبرەت كىتاپچىلىق شىركىتى توختى ھاجى تىللا، ئابلىز ئورخۇن، ئابلاجان
يۈسۈپلەرنىڭ تەييارلىشىدا «تۈرك تىلىدىن ئاساس»(ئۈچ قىسىم)نى نەشر قىلىپ تارقاتتى.
دەرسلىك 3 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 1- قىسىمدىكى ئالدىنقى 10 دەرستە تۈركچە ساۋات
چىقىرىش، ئېغىز كۆندۈرۈش ۋە تۈرك تىلىنىڭ تەلەپپۇزىنى ئىگىلەش ئاساس قىلىندى. بۇ مەقسەتتە
فونېتىكا يەنى تىل تاۋۇشى مەشىقى قوشۇمچە قىلىندى. كېيىنكى 23 دەرستە مورفولوگىيە ۋە
سىنتاكسىس ئاساس قىلىنىپ، تۈرك تىلىنىڭ تىلىمىزغا يېقىنلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئالدى
بىلەن دىيالوگ ۋە ئاددىي تېكىستلەردىكى جۈملىلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش، پىششىق ئوقۇش،
يادلاش، تېكىست مەزمۇنىنى سۆزلەش، سۆزلىشىش ۋە ئاددىي گىرامماتىكا بىلىملىرى قوشۇمچە
قىلىنىپ، كۆپ مەشىقلەندۈرۈلۈپ، ئۆگەنگۈچىلەرگە تۈرك تىلى ھەققىدە دەسلەپكى بىلىم بېرىش
مەقسەت قىلىندى. 2 - قىسىمدىكى دەسلەپكى 29 دەرستە ھەرخىل ئۈلگە جۈملىلەر بېرىلىپ،
كۆپ مىقداردىكى ئەتراپلىق كۆنۈكمىلەر ئارقىلىق تۈرك تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىغا ئائىت
خىلمۇ خىل جۈملە شەكىللىرى ئەمەلىي مىساللار بىلەن كۆرسىتىلدى. بۇ قىسىمدىكى مەزمۇنلارنىڭ
سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ دەسلەپكى بىلىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى
بالداققا كۆتۈرگۈسى. 2 – قىسىمدىكى كېيىنكى 16 دەرستە ۋە 3- قىسىمدىكى 5 دەرستە مورفولوگىيە
بىلەن سىنتاكسىسنى ئەقلىي بىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە بىر قىسىم گىرامماتىكا
بىلىملىرىنى تىل ئەمەلىيىتى بىلەن تەكرار بىرلەشتۈرۈپ، بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدىكى
تېكىستلەر ئارقىلىق سۆز بايلىقىنى كۆپەيتىش بىلەن ئىككى تىلغا تەرجىمە قىلىش مەشىقلىرى
بېرىلىپ، سۆزلەش، ئوقۇش ۋە تەرجىمە قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلەش نەزەردە
تۇتۇلدى. تۈرك تىلى ئۇيغۇر تىلىدەك يېپىشقاق تىل بولۇپ، گىرامماتىكىلىق فۇنكسىيەلەر
ھەرخىل قوشۇمچىلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئاساسىي جۈملە شەكلى، ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش
ئىگە - تولدۇرغۇچى - خەۋەر شەكلىدە بولسىمۇ، سۆز تەرتىپى نىسبەتەن جانلىق، شۇڭا دەرسلىك
مەزمۇنى مانا شۇ نۇقتىنى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پۈتۈن دەرسلىكنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسەن
ئوخشاش بولۇپ، تېكىست، سۆزلۈك، گىرامماتىكا ۋە كۆنۈكمىلەردىن تەركىب تاپتى. تېكىستلەر
تىل ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان ھالدا ئاساسەن ئەسلى نۇسخىلاردىن تاللاپ ئېلىندى.
سۆزلەرنىڭ دائىم قوللىنىلىدىغانلىرى ۋە زامانىۋى پەن- تېخنىكىغا ئائىتلىرى ئاساس قىلىندى.
گىرامماتىكىغا دائىر مەزمۇنلار دەرسلىكتە باشتىن- ئاخىر ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە،
ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە ئۆتۈش ئاساسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كۆنۈكمىلەردە ئاساسەن
تېكىست مەزمۇنىنى چۈشىنىش، گىرامماتىكا مەزمۇنلىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، تىل ئەمەلىيىتىگە
يېتەكچىلىك قىلىش مەقسەت قىلىندى.


كۈنىمىزدە
تۈركچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈككە بولغان جىددىي ئېھتىياجنىڭ تەقەززاسى بىلەن دەرسلىكنىڭ
ئۈچىنچى قىسمى سۆزلۈك بولدى. سۆزلۈككە تۈرك تىلىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان، ئەڭ
يېڭى سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىدىن يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇقى كىرگۈزۈلدى.



كىتابنىڭ
توپ ۋە پارچە تارقىتىش ئورنى: ئۈرۈمچى ئىبرەت كىتابخانىسى، ئۈرۈمچى يەنئەن يولى
133-نومۇر


(كۆكرەك
كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا)


ئالاقىلىشىش تېلفونى:0991-8551511

    QQ:
935859659


huqush يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 14:11:15

ما كىتاپنى ئالغانلار غاچچىدە پ د ف قىلمايلىما  {:92:}

italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 15:36:31

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 19:36:31

1- قەۋەتتىكى huqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما كىتاپنى ئالغانلار غاچچىدە پ د ف قىلمايلىما \"\"

نەشىرىياتچىلىقمىز ئۆلسۇن دېسەڭلار شۇنداق قىلىڭلار

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 18:52:40

ماۋۇ كىتاب راست ياخشى تۈزۈلۈپتۇ. \"\"
بەت: [1]
: تۈرك تىلى ئۆگىنىشتىكى ئەڭ يېڭى دەرسلىك