Algha يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 09:33:44

بۇ 100 سومنى قانداق قىلىش كېرەك؟

    مەن نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئادىتىم بويىچە
ئۆينىڭ يېنىدىكى ئۇزۇن، ئەمما ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان يەردە كىتىپ بارسام 100
سوملۇق يېڭى پۇلدىن بىرنى تېپىۋالدىم. تېپىۋالدىميۇ بىراق ئۇ پۇلنى بىرسىدىن، بىر
يەردىن ئوغۇرلىغاندەك ھۇدۇقۇپ كەتتىم. ئۇ يەر، بۇ يەرگە قاراپ باقسام ئادىمىي زات
يوق، شۇنىڭ بىلەن قولۇمدا تۇتقان پېتى ياتاق ئۆيۈمگە يېنىپ كەلدىم. ئۆيگە يېنىپ
كىلىپ بۇ پۇلنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغۇرلۇق جىق ئويلاندىم. بىراق ھېچقانداق
ئۈنۈملۈك چارە تەدبىر تاپالمىدىم. بىرەر يەرگە ئاپىرىپ بېرەي دېسەم جوڭگۇدا
چەتئەللەردىكىدەك تېپىۋالغان نەرسىلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى نىشان قىلىپ
قورۇلغان مەخسۇس ئۇرۇن يوق ئىكەن. شۇڭا مەن سىلەردىن سوراپ باقسام: تېپىۋالغان
پۇلنىڭ خارەكتىرى قانداق بولىدۇ؟ سىز شۇ پۇلنى تېپىۋالغان بولسىڭىز قانداق
قىلاتتىڭىز؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 13:51:26

بىر ئۇستازدىن يۈتۈپ كەتكەن نەرسىنى تېپىۋالساق، ئىگىسىنى تاپالمىساق قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىسام مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:

شۇ نەرسىنى تېپىۋالغان جاينىڭ ئەتراپىغا ئىلان چىقىرسىز، قولىڭىزدىن كىلىشىچە ئىگىسىنى ئىزدەيسىز. ئىگىسى تېپىلمىسا ئىگىسىنىڭ نامىدا سەدىقە قىلۋىتىسىز.  





  تەكلىپىم سىزمۇ بر كۈچىڭىز بىلەن ئىگىسىنى سۈرۈشتۈرۈڭ. بۇ سەل ئاۋارچىلىقتەك بىلىنىدۇ، ئەمما قىلىش كىرەك. ئىگىسى چىقمىسا ئىگىسىنىڭ نامىدا ۋاپادارىمنىڭ كاتىسىغا ئۇرۋىتىڭ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 14:13:41

qassap تۇغرا دەيدۇ. ئۆز ئىگىسىنى تېپىش مۇمكىن بولمىسا، ئۆزىڭىز ئەھۋالىنى بىلىدىغان شۇ پۇلغا ئەڭ مۇھتاج بولغان كىشىگە سەدىقە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 14:43:33

پۇلنى تېپىۋالغان جايىدا ئۈنلۈك قىلىپ (ئەمما يېڭىزدىن ئۆتىۋاتقانلار ئاڭلىمىغۇدەك قىلىپ) 3 قېتىم ‹‹ ما پۇل كىمنىڭ؟›› دەپ توۋلايسىز، ئەگەر ئىنكاس بولمىسا، يانچۇققا چىرايلىق قاتلاپ سالىسىز، ئىش تامام ۋەسسالام.  {:92:}  \"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 15:16:13

مۇنبىرىمىزدىكى ئىلتىجالارغا قاراپ باقسىڭىز بىلىسىز.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 16:02:19

ئالتە ئايغىچە ئىگىسى چىقمىسا ئاندىن سەدىقە قىلار ئۇ پۇلنى.......

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 16:32:58

شۇ يەرگە يوغانراق قەغەزگە خەت يىزىپ ئىلان چىقىرىپ قويامسىز يا .

dadash يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 18:44:11

مەن يۈتۈپ كەتكەن 100 سوم پۇلۇم ھەققىدە ئېلان بىرەي دەپ ئىزدىنىشقا كىرگەن ئىدىم .. \"\"

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 18:45:57

تېتىقسىز

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 18:47:04

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 19:00:43

9- قەۋەتتىكى ayalman77نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئۆمرۈمدە پۇل تىپىۋالغان ئادەم ئەمەستىم،بۇلتۇر كەچكۈزنىڭ بوران چاپقۇنلۇق بىر كۈنىدە ، كۆزۈمنى ئاچالماي، يەرگە قاراپ (ئاچالىغان بولسام يەرگە قارىماستىم ھې ھې )كېتىۋاتسام ،يامغۇردا يەرگە چاپلىشىپ كەتكەن يىپ يىڭى 50كوي تۇرىدۇ.ئۇ يەر ماي قاچىلاش ئورنىغا يىقىن ئىدى. ئىشقا كىچىكمەي بارمىسام تىخى، بۇ پۇلنى بىر تەرەپ قىلمىسام تىخى.ۋاقىراي دىسەم كوچىدا ھەممە ئادەم ئۆيگە قاراپ قىچىۋاتىدۇ. مىنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىغۇدەك ئادەم يوق.بۇ پۇل ماڭا ئاۋارچىلىق تىپىپ بەردىغۇ دەپ ئويلاپ تۇرسام ماي قاچىلاش ئورنىنىڭ دىجۇرلىنىق بۆلىمىدە ئادەم بار ئىكەن. دەرھال شۇ يەرگە تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالدىم. ئىشتىن قايتىپ قارىسام ئۇ پۇلنى تامغا چاپلاپ قويۇپتۇ.

ئىشقىلىپ تىپىۋالغان پۇلنى خەجلەشكە قەتئى بولمايدۇ.

سىز ۋە ئاشۇ كىشىگە تەشەككۈر!

jappar826 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 19:04:34

بۇ دىلۇغا نىسپەتەن :مىنىڭچە پۇل تېپىۋالغان يەرگە ئېلان چىقىرىش بۇ بىر بىمەنىلىك(پەقەت يۈز يۈەن پۇلنى دىمەكچى.چۈنكى بىرىنچىدىن پۇلنىڭ ئىگىسى كۆپ چىقىپ كىتىشى مۇمكىن.ئىككىنچىدىن بىر پۇلنىڭ نۇمىرى يەنە بىر پۇلغا ئوخشىمايدۇ،بىراق ھىچكىممۇ يانچۇقىدىكى پۇلنىڭ نۇمىرىنى ياكى كۆرىنەرلىك بەلگىسىنى سىزگە ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ ).

شۇڭا پۇلنىڭ ئىگىسىنىڭ ھەققىدە سەدىقە قىلۋەتسە ياكى مۇراجەت قىلغانلارغا ئىئانە قىلىۋەتسە ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. (شەخسى قاراش)

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 19:17:09

ئەگەر تېپۋالغان پۇل 100كوي ئەمەس 100مىڭ كوي بولسىچۇ؟ ئەستايىدىل جاۋاپ بىرىپ بېقىڭلار.

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 19:23:14

مېھنەتسىز كەلگەن نەرسە مېھنەتلىك نەرسىنى سۆرەپ ماڭىدۇ.

شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھ تىلەيمەن.

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 20:28:35

14- قەۋەتتىكى kantirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېھنەتسىز كەلگەن نەرسە مېھنەتلىك نەرسىنى سۆرەپ ماڭىدۇ.

ماۋۇ ئىش مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 21:58:47

كەنجىنىڭ سۇئالىنى ناھايتى ئورۇنلۇق ،  تىپىۋالغان 100 يۈەن پۇلىنى بىر تەرەپ قىلماق ئاسان ،

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 22:20:48

ماجاڭ ئويناپ ئوتتۇرۋىتىڭ ...  {:107:}

nawa717 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 23:08:11

13- قەۋەتتىكى Kanjiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر تېپۋالغان پۇل 100كوي ئەمەس 100مىڭ كوي بولسىچۇ؟ ئەستايىدىل جاۋاپ بىرىپ بېقىڭلار.

ئىتىقاد بىلەن مەنپەئەتنىڭ ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللايدىغان مۇھىم سۇئالكەن بۇ...


دىمەك مەن بولسا ئىنشائاللاھ ، ئىتىقادىمنى تاللايتىم...

Algha يوللانغان ۋاقتى 2013-3-29 07:52:17

پۇلنى تېپىۋالغان يەرگىلا ئېلان چىقىرىپ ئىگىسىنى ئىزدەڭ دېگەنلەرگە:

بولىدۇ، مەن شۇنداق قىلاي. بىراق سىلەر ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؛ ھازىرقىدەك ئىجتىمائىي كود بۇزۇلۇپ بىر يەرلەرگە بېرىپ قالغان جەمئىيەتتە بىرەرسى مىنىڭ 100000 يۈەن پۇلۇم يۈتۈپ كەتكەن، سەن شۇنى تېپىۋاپسەن، قالغىنىنىمۇ چىقار دېسە-، مەن قانداق قىلارمەن؟!!!
بەت: [1] 2 3
: بۇ 100 سومنى قانداق قىلىش كېرەك؟