sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 07:03:50

ئاتا - ئانام ۋە دىپلوم

كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپنى ئوقۇش ، ئۆزۈم ئۈچۈن ماڭغىلى بولىدىغان بىر يولنى كۆپەيتىش ئىدى. لېكىن ئالىي مەكتەپكە قەدەم بېسىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھاياتىمدا پەقەت مەن ماڭىدىغان بىرلا يول قالدۇرۇپ قويغۇدەك ...


يېرىم يىل ئالدىدا مۇنبەرگە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمۇ ياكى قانداق قېلىش توغرىلىق تېما يوللىغان. بەزى ئاكا – ئاچىلار داۋاملىق ئوقۇ دېدى ، بەزىلىرى كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇ دېدى ، ئەلۋەتتە ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈق ئاساسىي بار ئىدى. لېكىن ئاخىرىدا ئاتا – ئانامنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى تاللىدىم ... تېخى ئۆزۈم قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتەپكە بارماي تۇرۇپلا ، تەييارلىقنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمى ، ئۆزۈمنىڭ ئىنتايىن چوڭ خاتالىقنى سادىر قىلغىنىمنى بىلدىم ( ئەلۋەتتە بۇ ئۆزۈمنىڭ قارىشى ... )


بۇرۇنقى تېمىلار :


http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=46560


http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=49952



بۇ يەردە يېرىم يىلنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى تېلغا ئالغىم يوق. مەكتەپنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى ئۇيغۇرچە خەنزۇچە يېزىپ ، دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن ئەرز قىلىدىغانغا تەييار قىلىپ قويغان. لىكىن ئاتا - ئانام تۇسۇۋالدى. ئىزدىنىشكە بۇ مەكتەپ توغرىلىق تېما يوللىساممۇ تەستىقلىماپتۇ ... توۋا ... ئىشقىلىپ كىيىنكى ئىنى – سىڭىللىرىم ، تەييارلىق ئوقۇيدىغان مەكتەپ 南昌工学院 بولسا قاتتىق ئىدىيىۋىي تەييارلىق بىلەن كىلىڭلار ...  


تەييارلىقتىن كېيىن بارىدىغان مەكتەپ ، كەسىپمۇ ياخشى ...  ھازىر بەك تەڭلىكتە قالدىم. بىر ياقتا ئاتا – ئانام ، بىر ياقتا مېنىڭ كەلگۈسۈم ... ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ باقتىم. ھەممىسى ۋاقتىڭنى ئىسراپ قالما 5 يىل ۋاقىت بۇنچىلىك نەرسىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ دەيدۇ ...


ئاتا – ئانام دەيدۇ : چىداپ ئوقۇۋەت ، پەقەت دېپلوم ئېلىۋىلىپ ئاندىن كېيىن ئۆزۈڭ نېمە قىلغىڭ بولسا شۇنى قىل.

مەن ئويلايمەن : 25 ياشتا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىمەن. بۇ جەرياندا ئازدۇر – كۆپتۈر ئىگىلىك تىكلىۋالارمەن ، لېكىن ئوقۇش پۈتتى ، توي قىلمامسەن، ئۇنى قىلمامسەن، بۇنى قىلمامسەن بىلەن باشقا مەجبۇرىيەتلىرىمنى ئادا قىلىشنى باشلىسام ، يەنە ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن قايسى پۇرسەت ؟ قايسى ۋاقىت ؟ ...


شۇنداق ياخشى پۇرسەتتە قارلۇقتا ئوقۇشنى تاللىدىم ، ئۆيدىكىلەر يەنە ئۇنمىغان ، ھازىرمۇ شۇ ...

ئۇلار ئىيتىدۇ : سېنىڭ مەكتىپىڭدىكى شۇ نەچچە مىڭ ئادەم ساراڭمۇ ، سەن ئويلىغاننى ئويلىيالمامدۇ ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇپ بىر ئىش قىلالىسا ، باشقا خەق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ نېمە قىلىدۇ ؟

مەن ئويلايمەن : مۇشۇ ئاتالمىش ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ قانچىلىك بىلىم ئالغىلى بولار ، ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەرنى ئۇلار چۈشىنەمدىغاندۇ ... ئەگەر ئاشۇ تۆمۈر تاۋاق بىرىدىغان قەغەز دىپلومنى دىمىسە ، كىشىلەر ئالىي مەكتەپتە يەنە ئوقارمۇ ؟ يۇقىرى ئوقۇش ھەققى ، تۇرمۇش پۇلى ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ... ئاشۇ بىر دىپلوم مۇشۇلارغا ئەرزىمدىغاندۇ ...


راستىنى دېسەم ئىشقىلىپ ساراڭ بولۇپ قالمىدىم ، لېكىن بۇ سوئاللار مېنى بەك قىينىدى. ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. ئالىي مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن تۈزگەن نۇرغۇن پىلانلىرىم قۇرۇق سىياھ پېتى قالدى.

مەن ئويلايمەن ، ئىنسان ھاياتى شۇنداق قىسقا ، نېمىشقا  ئۆز - ئارزۇ ئارمانلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىشكە ، تەۋەككۈل قىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنمايدىغاندۇ ، دائىم باشقىلار تەرىپىدىن ھاياتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ، بىرەر قېتىم ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ باقمايدۇ ، قىرىغاندا نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلىرىنى گۆرگە بىللە ئىلىپ كىتىدۇ . گەرچە مەغلۇب بولسىمۇ ، لېكىن ئارزۇ - ئارمانلىرى ئۈچۈن كۈرەك قىلالىدى ، كېيىن ئۆكۈنمەيدۇ ، بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر غەلبە ئەمەسمۇ ...

بەلكىم بۇلار «ئوسۇرغاققا ئارپا نىنى باھانە» دېگەندەك ئۆزۈمنىڭ بوشاڭلىقىدىن بولۇۋاتقان ئىشلاردۇر...

بەلكىم كەلگۈسۈم ئۈچۈن ھەقىقىي ئويلانغانلىقىمنىڭ مىسالىدۇر ...

ئەگەر ھازىر ئوقۇشتىن چېكىنسەم :

دىيارىمىزغا قايتىپ قارلۇقتا ئوقۇيمەن. 6 – ئايدا يېڭى قارار ئوقۇش باشلايدىكەن. ئۇ يەردە 1 يېرىم يىل ئوقۇپ ئاندىن كېيىن 2 يىل ئىشلەپ . چەتئەل تېلى ۋە كومپيۇتېر جەھەتتە پۇختا ئاساس سېلىۋېلىپ ، ئاندىن چەتئەلگە چىقىپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشنى پىلانلىدىم ...

ئەگەر داۋاملىق ئوقۇسام :

ئوقۇيمەن ... ئوقۇيمەن ... ئاندىن بېرىپ تۆمۈر تاۋاق تالىشارمەن ياكى ئۆزۈم بىرەر ئىش قىلارمەن ... باشقىسى خۇدايىمغا ئامانەت ...



مېنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىش ئاساسىم :

1. ئۆز كۆزۈمدە كۆردۈم ، بىلدىم ، ئالىي مەكتەپتە ئۆتكەن نەرسىلەرنى ئۆزۈم بۇلار ئۆتكەندىن ياخشى ئۆگۈنۈپ كىتەلىگىدەكمەن ...

2. ۋاقتىم بەك قىس. ھازىرلا كۈرەشكە ئاتلانمىسام ، كېيىن پۇرسەت بولمايدۇ ...

3. داۋاملىق ئوقۇۋەرسەم ، ھاياتتىن ، ئارزۇلىرىمدىن پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزگىدەكمەن ...



قېرىنداشلار ، ئاتا – ئانام بىلەن كەلگۈسۈم ئوتتۇرىدا قىسىلىپ قالدىم.esiyan ئاكام بىلەن تۈنۈگۈن پاراڭلاشقان ، نۇرغۇن ياخشى تەكلىپلەرنى بەردى. سىلەرمۇ بىر ئېغىزدىن ھەقىقىي كۆڭلۈڭلاردىكى گەپنى قىلساڭلار. ماڭا ھەقىقىي چىن يۈرىكىڭلاردىكى گەپ كىرەك . مەيلى ئوقۇ مەيلى قايتىپ كەل ، ئاساسىي بار گەپنى قىلساڭلار ، مەنمۇ ، ئاتا – ئاناممۇ بۇ تېمىدىكى باھالار ئارقىلىق ئويلىنىپ باقساق ...




sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 08:09:46

\"\"

algha_uyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 08:22:32

مەنمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ، خەنزۇتىلى سەۋىيەم تازا ياخشى ئەمەس ، ئىنگىلىزچە ئۈگىنىۋاتىمەن ، خۇدايىم بۇيرىسا خەنزۇتىلىنىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئۈگىنىمەن ، ھازىر ئۈرۈمچىدە مەلۇم بىر شىركەتتە يۇقىرى مۇئاشتا ئىشلەۋەتىمەن ، ئايدا يەنە ئىشتىن سىرىت يامان ئەمەس پۇل تاپالايمەن ، پىلانىم : مۇشۇنداق بىر يىل ئىشلەپ بېيجىڭ ياكى شېنجىندا بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۈگەنمەكچى ، سىزگە تەۋسىيەم ، مەكتەپتىن قانچە بالدۇر چىكىنسىڭىز شۇنچە ياخشى ، مىنىڭچە ئۇقۇشنى بېيجىڭدا ئوقۇسىڭىز ياخشى ، بېيجىڭدا ھەر نوچى تەربىيلەش ئورۇنلىرى بار ، بىر يىل ئوقۇسىڭىز نۇرغۇن بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز ، بىر يىلدىن كىيىن 6~7 مىڭ مۇئاشلىق خىزمەتنى گەپ يوق تاپالايسىز ، ئىقتىدارىڭىز بولسا خەق سىزنى ئىزدەيدۇ ... خىزمەتنى ئۈرۈمچىدە قىلسىڭىزمۇ ، ئىچكىردە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بولغان 4 يىل ئىچىدە ئوقۇماي ئايرىم يول تىپىپ كىتەلىشىڭىزگە ئىشىنىمەن .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 08:53:59

ئۈستىدىكى رەسىمنى ئۆزىڭىز سىزغان بولسىڭىز، قارلۇقتا ئوقۇشىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن، ئەمما كەلگۈسىدە چوقۇم يۇقۇرلاپ ئوقۇيسىز. نوقۇل رەسىم سىزىش ۋە گرافىك دىتاللىرىنى ئوينىتىش دەسلەپتە تېخنىكا بىلىنگەن بىلەن كىيىن ئۇنداق بولماي قارا ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ، چوقۇم نەزەرىيەدە يۇقۇرلاپ ئوقۇشىڭىز كىرەك، تېخنىكىدا،ياكى باشقۇرۇشتا،شۇندىلا ئىستىقبالىڭىز بولىدۇ.



ئەگەر ئالي مەكتەپتىكى كەسپىڭىز 建筑学 ياكى 工业设计 بولسا داۋاملىق ئوقۇشنى تاللاڭ،پۇشايمان قىلمايسىز.



ئەگەر ھازىر ئوقۇشنى تاشلاپ چىقىپ،كىيىن چەتئەلدە ئوقۇيمەن دىسىڭىز تولۇق كۇرۇستىن باشلاپ ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئالي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىكەنسىز پاك-پاكىز ۋاز كېچىڭ، جۇڭگۇ ياكى چەتئەلدىكى بولسۇن. تەربىيەنى باشقا مەكتەپلەردە باشقىچە ئۇسۇلدا ئالىمىز.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 08:59:42

3- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈستىدىكى رەسىمنى ئۆزىڭىز سىزغان بولسىڭىز، قارلۇقتا ئوقۇشىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن، ئەمما كەلگۈسىدە چوقۇم يۇقۇرلاپ ئوقۇيسىز. نوقۇل رەسىم سىزىش ۋە گرافىك دىتاللىرىنى ئوينىتىش دەسلەپتە تېخنىكا بىلىنگەن بىلەن كىيىن ئۇنداق بولماي قارا ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ، چوقۇم نەزەرىيەدە يۇقۇرلاپ ئوقۇشىڭىز كىرەك، تېخنىكىدا،ياكى باشقۇرۇشتا،شۇندىلا ئىستىقبالىڭىز بولىدۇ.



ئەگەر ئالي مەكتەپتىكى كەسپىڭىز 建筑学 ياكى 工业设计 بولسا داۋاملىق ئوقۇشنى تاللاڭ،پۇشايمان قىلمايسىز.



ئەگەر ھازىر ئوقۇشنى تاشلاپ چىقىپ،كىيىن چەتئەلدە ئوقۇيمەن دىسىڭىز تولۇق كۇرۇستىن باشلاپ ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئالي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىكەنسىز پاك-پاكىز ۋاز كېچىڭ، جۇڭگۇ ياكى چەتئەلدىكى بولسۇن. تەربىيەنى باشقا مەكتەپلەردە باشقىچە ئۇسۇلدا ئالىمىز.


كەسىپىم 软件工程 ... گىرافىك جەھەتتە ، سود ئىشلىرى جەھەتتە خىلى يامان ئەمەس ئېپىم بار.


ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى پىلانىدا مەخسۇس كارخانا مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ ئىشلىرى شىر ئۈچۈن خىلى تەييارلىقلارنى قىلدىم ھەم ھازىر يىقىن تۇنۇشلارنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى قىلىۋاتىمەن. ئۆزۈمنىڭ چۇقۇم بىر باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بار.


ھازىر ئاتا - ئانامنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تەڭسىزلىكتە قىلىۋاتىمەن ....



ئۇ رەسىمنى مەن سىزمىدىم. ئاباي قاراپ باقسام ماڭا ماس كىلىدىكەنتۇق. شۇڭا ئۆزگەرتىپ قويدۇم ...

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 09:31:07

ئۇكام sazhumar:



مۇشۇ تىمىدىكى تەپەككۇرىڭىزدىنلا ناھايتى زېرەكلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ ھەم سىزنىڭ كاللىڭىزدىكى سۇئاللاردىن تەجرىبىسى مول كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولغىنىڭىز ناھايتى ياخشى بىر ئىش. مەنمۇ مۇشۇنداق سۇئاللارنى بىشىمدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆز ۋاقتىدا ناھايتى قىينالغان بولغاچقا ۋاقىت چىقىرىپ سىزگە ئىككى ئېغىز بەزى تەجرىبەمدىن ئۆتكەن ئۇچۇرلارنى دەپ بەرگۈم كەلدى.



مەنمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلىق مەزگىلىدە بارغان مەكتىپىمدىن بەكمۇ ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدىم ھەم ئىككىلىنىشلەرمۇ بولغان. ئاشۇ ئۆلگۈر تەييارلىق مەزگىلى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپكە بولغان ئىشتىياقىنى ئاساسەن يوققا چىقىرىدۇ. لىكىن ماڭا نىسبەتەن تىل ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشۈمگە ناھايتى زور پايدىسى بولغاچقا ھازىر ئويلىسام شۇ تەييارلىق مەزگىلىدىكى ۋاقتىمىنىڭمۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. لىكىن شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى تەييارلىق مەزگىلىدىكى تىل دەرىسلىرىنى ئۆزىڭىز ئۆگىنىۋالىلىغان بىلەن رەسىمىي كەسىپ دەرىسلىرىنى ئۆزىڭىز مەكتەپتە ئوقۇماي ياخشى ئۆگىنىپ كىتەلىشىڭىز ناتايىن. سىز قايسى كەسىپكە قىزىقىسىز؟ سىز چەتئەلدە ئوقۇغۇم بار دەپسىز، چەتئەلدە نىمە كەسىپتە ئوقۇش پىلانىڭىز بار؟ چەتئەلدە تولۇق كۇرستا ئوقۇش توغۇرلۇق قانچىلىك بىلىسىز؟



يۇقىرىدىكى سۇئاللارنى سورىشىمدىكى مەقسەت سىزدە كەلگۈسىگە قارىتا ئېنىق بىر نىشان ۋە پىلان بولمىسا، مەكتەپتىن چېكىنگەندىن كىيىنكى ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۆزىڭىز ئويلىغان نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قىلىشىڭىزنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ. ئالىي مەكتەپتە سىز بىلەن ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ پىكىرى سىزنىڭمۇ كەلگۈسىدە شۇلارغا ئوخشاش ئويدا بولىدىغانلىغىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ چۈنكى ئالىي مەكتەپ بىر كەڭ سەھنىگە ئوخشايدۇ، سىز شۇ سەھنىدە قايسى ئورۇندا تۇرىشىڭىزنى نىمە قىلىشىڭىزنى بەلگىلەيدىغان ھوقۇققا ۋە پۇرسەتكە ئىگە. سىزگە ئوقۇسىڭىز ياخشى ياكى ئوقۇشتىن چېكىنسىڭىز ياخشى دەپ مەسىلېھەت بىرىش ئويۇم يوق، پەقەت سىز مەيلى قايسى قارارنى چىقارماڭ توغرا بولغان ئۇچۇرلار ئاساسىدە ئېنىق نىشان ۋە پىلان بىلەن قارارىڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇشىسىڭىز كەلگۈسىدە پۇشايماننىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپ بىر ياخشى مەكتەپ بولسا، سىز ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە مۇۋاپىققيەت قازىنىش ئېھتىماللىقىڭىز يۇقىرى بىر كەسىپنى تاللاپ ئۆگەنسىڭىز بۇ سىز ئۈچۈن ھاياتىڭىزدىكى بىر تىپىلغۇسىز پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن. يەنە كىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا كەسىپلا ئەمەس كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز، يەنى كىشىلەر بىلەن ئۈنۈملۈك ئالاقە قىلىش، مەكتەپ ۋە جەمىئيەتتىكى خىلمۇخىل پۇرسەتلەردە ئۆزىڭىزنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى، مەسلىلەرنى كۆپ تەرەپتىن ئىلمىي تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىىنى ئۆستۈرۈش دىگەندەك بىر ئىنسان ئۈچۈن بىر ئۆمۈر مۇھىم بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلىشىڭىز مۇمكىن. لىكىن مەيلى ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ياكى ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي مۇھىتى بىر قەدەر ناچار مەكتەپ بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنداق ناچار مەكتەپلەردە ئوقۇغاندىن كۆرە ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان بىرەر كەسىپنىڭ پىشىنى تۇتسىڭىز ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن.



سىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىڭىز چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش بولسا، ئۇ ھالدا سىز قايسى دۆلەتنى نىشان قىلغىنىڭىزغا ئاساسەن شۇ دۆلەت مائارىپىدا قوللىنىلىدىغان تىلنى ئۆگىنىشڭىزگە توغرا كىلىدۇ. ھەم سىز تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى تۈگەتمىگەن بولسىڭىز، سىز چەتئەلدە تولۇق كۇرستىن باشلاپ ئوقۇشىڭىز لازىم بولىدۇ. بىر چەتئەل تىلىنى ئالىي مەكتەپتە شۇ تىلدا دەرس ئوقۇغۇدەك ئۆگىنىش ئۈچۈن قايسى تىل ئىكەنلىكىگە قاراپ ئاز دىگەندىمۇ 2-3 يىل كىتىشى مۇمكىن. سىز چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىپ بولغاندا ئاندىن تولۇق كۇرسقا كىرسىڭىز ئەمەليەتتە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقتىڭىز بىر قانچە يىل ۋاقىت كەينىگە سۈرۈلىدۇ ھەم نۇرغۇن ئىقتىساد كىتىشى مۇمكىن. لىكىن سىزنىڭ تىل ۋە تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئوقۇش ۋە باشقا نەتىجىلىرىڭىز كۆرۈنەرلىك بولسا، بەلكىم بىر قانچە يىل ئوشۇق سەرىپ قىلغان بىلەن چەتئەلنىڭ داڭلىق مەكتەپلىرىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇش ئېھتىماللىقىڭىزمۇ بار، شۇغىنىسى بۇنداق بولۇشنىڭ ئىمكانىيىتى بەك چوڭ بولۇشى ناتايىن. چەتئەلدە ئوقۇماي بىرەر كەسىپ ئىگەللەپ شۇ كەسىپتىن پايدىلىنىپ ئىگىلىك تىكلەش ئويىڭىز بولسا، بەلكىم ئۇمۇ بىر ياخشى پىلان بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.



ئەمدى سىزنىڭ ھازىر كەسىپ ئوقۇماقچى بولغان مەكتىپىڭىز ياخشى مەكتەپ بولسا، سىز كەسىپىي دەرىسلەرنى ئوقۇغاچ بىرەر چەتئەل تىلىدا مەكتەپ پۈتتۈرگىچە پىششىق بولۇپ كىتىش ئىمكانىيىتىڭىز بار، بۇ ئەمدى سىزنىڭ قانچىلىك تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىزگە باغلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ھەقىقەتەن بىرەر كەسىپكە قىزغىن ئىشتىياقىڭىز بولسا ھەم ئۇ كەسپتە يۇقىرى چوققىغىچە ئۆرلەپ ئوقۇشنى پىلانلىسىڭىز، ئۇ ھالدا ئالىي مەكتەپنى ۋەتەندە تاماملاپلا چەتئەلگە ماگىستىر ياكى دوكتۇر ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز يەنە بولىۋىرىدۇ. بۇنىڭدا سىزنىڭ كەسىپ ۋە تىل نەتىجىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ياخشى بولسا، تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن چەتئەلدە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىڭىز خىلى زور بولۇشى مۇمكىن. مەنمۇ ۋەتەندە ئالىي مەكتەپ ۋە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىنى تاماملاپ ئاندىن كەلگەن. مىنىڭ تەجرىبەمدىن قارىغاندا، ۋەتەندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس مائارىپى ئىلغار بولمىسمۇ، لىكىن ھەر ھالدا ئاساسىي بىلملەرنىڭ تىرىشسىڭىز ياخشى ئىگەللەپ كىتەلەيسىز.لىكىن ئاسپىرانىتلىقنى ۋەتەندە ئوقۇپ ناھايتى ئۈمىدسىزلەندىم چۈنكى ئالىي مەكتەپلەردىكى پىروفىسورلارنىڭ ئاسپىرانىتلارنى تەلەپ بويىچە تەربىيەلىگۈدەك سەۋىيسى بارلىرىدىن 100 نىڭ ئىچىدىن بىرنى تىپىشمۇ قىيىن.



ئەمدى سىز ئىككى خىل تاللاشنىڭ ھەر بىرىدە يۇقىرىقىدەك پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى نەزەرگە ئىلىپ، ئوبدان ئويلىنىپ قارار قىلىڭ. ئەلۋەتتە، بۇ مىنىڭ شەخسىي قاراشلىرىم، باشقا تورداشلار تېخىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك، پىشقان ياخشى مۇلاھىزە ۋە مەسىلېھەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن. ئاخىرىدا سىزنىڭ بۇ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم قارارلارنىڭ بىرى بولغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى تاللاش ئىشىدا سالماقلىق ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن بىر ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان توغرا قارار چىقىرالىشڭىزغا تىلەكداشمەن.


oqutquchi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 09:32:42

چوقۇم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ،ئاندىن باشقا ئىشلارنى قىلىڭ. بۇ ھەممە ئادەملەر مېڭىۋاتقان يول.ھەرگىز خاتا بولمايدۇ.يۈكسەك ئارزۇ ئارمانلار سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز بولسىلا چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرگىلى 2 يىل بولدى.يەنە داۋاملىق يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئىشتىياقىم ھازىرغىچە سۇسلىماۋاتىدۇ.خىزمەت ئىشلىگەچ ئاسپىرانتلىققا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.كومپىيۇتېر كەسپىنى پۈتتۈردۈم . 26 ياشقا كىردىم.ئۆتەلىسەم ياكى ئۆتەلمىسەم كارايىتى چاغلىق. دوستلىرىم بىلەن بىرلىشىپ يۇمشاق دېتال،يانفون ئەپ پروگراممىلىرى ئاچىدىغان شىركەت قۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمىز.قايسى يول ئېچىلسا شۇ يولغا ماڭىمەن.

ئانا رازى-خۇدا رازى دەپ گەپ بار.ئاتا-ئانىڭىزنى خاتىرجەم قىلىڭ.ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ھەرقانچە بىكىنمە ياكى دەۋرگە ماس كەلمىسىمۇ بىراق ئۇلار سىزنى ھەرگىز يامان يولغا باشلىمايدۇ.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 09:40:39

alwun يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 09:47:51

ئۇكام، سىز ئالى مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى قارلۇقتىكىلەر سىزگە ئۆگۈتۈپ قويالمايدۇ. ئەمما قارلۇقتا ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى سىز ئۆزلىكىڭىزدىنمۇ ئۆگۈنەلەيسىز. ناۋادا سىز ئىلىم، تېخنىكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئاكادىمىك ئادەم بولىمەن دىسڭىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيۋىرىڭ. ناۋادا سودا- تىجارەت بىلەن بىلەن شۇغۇللىنىمەن دىسىڭىز ئۇ چاغدا ئۇقىمىسىڭىزمۇ مەيلى. ئۇنىڭغا تەۋەككۈلچىلىك، قاراملىق، كىشىلىك مۇناسىۋەت تەجىربىسى كىتىدۇ.

چەتئەلدە ئوقۇيمەن دەيدىكەنسىز ئوقۇشنى تاشلىماڭ. چەتئەلدىمۇ ئۇتتۇر بارغان ئادەمنى ئوقۇتىۋەرمەيدۇ. ئۇ يەردىمۇ ئوقۇش تارىخنى سۈرۈشتۈرىدۇ. ئۇ يەرگە چىقىپ 2-مۇ ئەمەس 3- بىر تىل بىلەن يەنە باشتىن باشلاپ ئوقۇيمەن دىسىڭىز تەس كىلىدۇ. ھەم ۋاقىت مەسىلىسىمۇ بار. بولمىسا يەنە مۇشۇ يەردە كەسپى كۇرۇسلاردا ئوقۇغانغا ئوخشاش ئۇ يەردىمۇ كۇرۇستا ئوقۇپ يېنىپ كىرىسىز.



مائارپ تۈزۈلمىمىزدە مەسىلە بارلىقىنى ئىنىق. بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ھەممىمىز قاقشايمىز. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئوقۇغان ئوقۇمىغاندىن ياخشى. قانداق ئوقۇش يەنىلا ئۆزىڭىزگە باغلىق. زۆرۈر دەپ قارىغان كەسىپلىرىڭىزنى ياخشى ئۆگۈنۈڭ. زۆرۈر دەپ قارىمىغانلىرىڭىزنى ئىمتاھاندىن ئۆتكۈدەكلا ئۆگۈنۈڭ. ئاندىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىز قىززىقىدىغاننى ئۆگۈنۈڭ.



ئوقۇش تاشلاپ ئىگىلىك تىكلىگەن سىتېۋ جوبىس، بىلگايتىس، زاكىربېرىگ، ئوقۇمىغان پەخرىدىن قارلۇقلار سىزگە ئۈلگە بوپ قالمىسۇن. بۇ دۇنيادا مەكتەپتىن چىكىنگەن، ئوقۇمىغانلار پەقەت ئۇلارلا ئەمەس. ئۇلار ئۇتۇق قازانغان ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر. ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى يەنىلا مەكتەپتە ئوقۇغان، ئالىي تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 10:08:20

ئاتا ئانىڭزنى ئوبدان قايىل قىلىپ ئۆزىڭىز توغرا دىگەن يولدا مېڭىڭ. بولمىسا كېيىن ھەي ئىسىت دەپ قالدىغان گەپ.ئاتا-ئانا مەڭگۈ باقىۋەندە ئەمەس. مەڭگۈ سىزگە ھايات يولىنى سىزىپ بىرەلمەيدۇ. ئۆزىڭز ئويلىغان يولدا مېڭىپ ئۆزىڭزنىڭ توغرلىقنى قارشى تۇرغانلارغا ئەمەلىيتىڭز ئارقىلىق كۆرسىتىڭ.شۇ ۋاقىتتا ئۇلارمۇ خوش سىزمۇ خوش. مەكتەپنىڭ تاينى بولمىسا چىكىنگەن ياخشى ياپسام پىشارمۇ كۆمسەم پىشارمۇ دەپ ۋاقىت ئۆتكۈزگەننىڭ پايدىسى يوق. بىزدە شۇ ھازىر دېپلوم چوڭ كېلىپ قالدى شۇ بولسا ياخشى ئورۇندا ئىشلىگىلى بولىدۇ تۆمۈر تاۋاققا ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ. ھازىر شەخسى شىركەتلەرمۇ كۆپەيگىلى تۇردى. ھۈنەرسىمان كەسىپنى قولىڭزغا ئېلۋالسىڭز بىرەسىگە تايانمايمۇ جان بېقىپ كىتەلەيسىز. گەپ ئۆزىڭزگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشتا. تۆمۈر تاۋاق يوق بىرە كشىنىڭ ئۆلەپ قالغىننى تېخى ئاڭلاپ باقمىدىم.

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 10:48:13

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سازخۇمار ئۇكام.!ئاۋۋال ئاللاھدىن سىزگەكۈچلۈك ئېتىقاد ۋە مول بىلىم تىلەيمەن.ئاخشام سىز بىلەن ئۇندىداردا پاراڭلىشىپ بولۇپ،ياتىقىچە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىدىم.ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۈمىدى ۋە سىزنىڭ بۇ ئوسال جوڭگۇ مۇئارىپىدىن ئۇمىدسىزلىنىپ گڭگىراپ قېلىۋاتقان ھالىتىڭىز خېلى بىر ۋاققىچە كاللامدىن كەتمىدى.ئادەم تۇغۇلغانكەن،مەلۈم بىر ئىستەك،غايە ئاساسىدا ياشىشى نورمال ئىش.لېكىن سىزنىڭ شۇ غايىڭىز رىئاللىقا ئۇيغۇنمۇ؟شۇ غايە سىز ئۈچۈن قانچىلىك نەپ بېرىدۇ؟بۇمۇ زورۇر ئويلىشىدىغان ئىش.بىز قانچىلىك ئالىيجاناپ بوپ كەتمەيلى سىز ئۈگەنگەن شۇ بىلىم مورتى كەلگەندە سىزنى بېقىش بىلەن باشقىلارغا قىممەت يارىتامىسا مەنچە بۇ نولگە تەڭ[شەخسى پىكىرىم].ئەتراپىمدا نۇرغۇن ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن بالىلار بار.شۇلارنىڭ ئىچىدىن مەكتەپنى ياخشى ئوقىغان ھەم نورمال ئوقىغان بالىلار بار.شۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى ئۈرۈمچىلىك بىر بالا يىشۇيەندە دورىگەرلىك كەسپىنى پۇتتۇرۈپ،تالاي خىزمەت ئورنىغا دوقۇرۇپ بولماي ھازىر بىر ماي قاچىلاش پۈنكىتىدا ماي قاچىلىغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.شۇ بالىنىڭ مۇشۇ ئىش بىلەنلا باغلىنىپ ئۆز كەسپىنى يەپ قويىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرايمەن.مۇنداق مىسال كەلتۇرسەم ساماندەك.

ھەر قاچان سىزنىڭ ئۈندىدارغا يوللىغان نەرسىلىرىڭىزغا بەك دىققەت قىلىمەن.مۇشۇ بالىنىڭ ئىچكىردىكى مەكتەپ ھاياتى قانداق كېتىپ بارغاندۇ دەپ!

گەرچە سىز بىلەن يۈز-تۇرانە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپ باقمىغان بولسساممۇ لېكىن سىزنىڭ مۇشۇ ئىزدىنىشقا يوللىغان ھەر بىر يازمىڭىزدىن كۆز ئالدىمغا بىر ئىتىقادلىق،تىرشچان.گۇزەل بىر ئۈمىد ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆتتەك ئۇرۇپ تۇرغان بىر يىگىت كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.ھەم سىزدىن زوقلىنىمەن شۇنداقلا پەخىرلىنىمەن.مەن ئويلايمەنكى ئالى مەكتەپلا چىقىش نۇقتا ئەمەس.ئىنسان تىرىشىمەن دىسىلا پۇرسەت كۆپ.ئەلۋەتتە ئالى مەكتەپتە تېرىشىپ ئوقۇپ نەپ ئالالىسا بۇ ئايرىم گەپ.شۇڭا بىزدە بىر گەپ بار:[مەسلىھەتنى كىشىگە سال،ئۆزەك بىلەن كېڭەش].ئەگەرشۇ مەكتەپ سىزگە نەپ بەرمىسە ئۇ يەردە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.ۋاقتىدا ئېسىمىزنىڭ بارىدا ئېتەكنى يىققۇلۇق!لېكىن يۇقىردا تورداشلارمۇ مىسال قىپتۇ كەسپىڭىز ياخشى بولسا ئالى مەكتەپتە چوقۇم ئوقۇڭ دەپ،ھەم بۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۈمىدىكەن.شۇنداق بولسا ئۇ يەردە روھىڭىزنى چۈشۈرۈپ يۈرگىچە ،يول تاپالىسىڭىز شىنجاڭ ئىچىدىكى سىزنىڭ شۇ كەسپىڭىزگە چۈشىدىغان مەكتەپلەرگە ئالمىشىپ كەپ،بار كۈچىڭىز بىلەن تېرىشىپ ئۈگۈنۈپ.قوشۇمچە تىل ئۆتكىلىنىمۇ چىڭ تۈتۈپ،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسىڭىز بولىدۇ.بۇ چاغدا ئوقۇش پۇتتۇرۇپ چەتئەلگە چىققاندا بىلگەجان ئىتقاندەك ئۆرلەپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.لېكىن سىزنىڭ قارلۇقتا ئوقۇپ،سودىنىڭ پىشىنى تۇتقۇڭۇز بولسا،بۇمۇ يامان ئىش ئەمەس .چۈنكى بىزنىڭ رايۇنىمىز ئالاھىدە ئاپتۇنۇم رايون بولغاچقا.ئۇيغۇر ئىستۇدىنتلار ئوقۇش پۇتتۇرۇپ،كۆپ قىسمى بىكار يۇرۇپ،ياكى مىنبىڭ ،باۋئەن،ياكى ئىلپساتار بوپ كىتىپ بارىدۇ.ئۇلار بارىدىغان مۇنبەرلەرگە ئاپتۇنۇم رايوننىڭ؟؟؟؟؟؟؟؟باشلىقلىرى يالۋۇرۇپ يۇرۇپ ئىچكىردىن تېخىچە يەرلىك شىۋىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان پىخەيلەردىن13مىڭ كىشلىك، ئۇقۇش پۇتتۇردىغان ماڭقىلارنى يۇقىرى مۇئاش تۇرلغۇ بىلەن تەمنىلەپ ئەكىلەرمىش،شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەرنى ئېچىش،تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېلدىغان شۇ غوجاملارنىڭ خىزمەت تاۋىقىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن يەنىلا قارلۇقنى تاللىغىنىڭىز ياخشى.دادام دائىم دەيدىغان[ئادەم دىگەم ھۆل نەرسە،ھەممىگە چىدايدۇ].چىداڭ ئۇكام!لېكىن سىز ۋە سىزگە ئوخشاش ئۇكىلىرىمىزنىڭ غايىلىرى سۇنمىسۇن!

nasin يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 11:42:38

ئالى مەكتەپ بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپ تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىنىڭ كەينىدە يۈرۈپ دەرس ئۈگتىدىغان بولسا، ئالى مەكتەپتە پۈتۈنلەي ئۆزى ئۈگىنىشكە توغرا كىلىدۇ. بىر كىم ئۈگىتىپ قويمايدۇ. مەكتەپ پەقەت شارائىت ھازىرلاپ بىرىدۇ. ئالى مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇپمۇ باقماي قايسى ئارزۇ-ئارمانلار كۆپۈككە ئايلىنىپتۇ؟ جۇڭگۇنىڭ ئالى مائارىپى، ئالى مەكتەپلىرى تېخى ئۇنچىۋالا ناچار دەرىجىدە ئەمەس. يۇمشاق دىتال كەسپىنىڭ نىمىسى بولمايدىكەن؟ مەنمۇ گىرافىكقا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتال ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىمەن. كۆپرەك تاللاش يولۇم بولسۇن دەپ ئويلىغان ئادەم چوقۇم ئالى مەكتەپنى تۈگۈتۈش كىرەك. ھازىرقى تاللاش يولىڭىز بىر قارلۇقكەن شۇنداقمۇ؟ ئالى مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كىيىنكى تاللاش يوللىرىڭىزنى دەپ بىرەي، 1. يۇرتقا قايتىپ مەمۇرى بولۇش. 2. يۇقىرىلاپ دۆلەت ئىچىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش. 3. شىنجاڭ ياكى ئىچكىرىدىكى يۇمشاق دىتال شىركەتلىرىدە ئىشلەش. 4. چەتئەلگە چىقىپ داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش. ئەگەر بىل گېيتىستەك تالانتلىق بولسىڭىز باشقا گەپ يوق،مىنىڭ پىكىرىم ئەڭ ياخشىسى ئالى مەكتەپنى بىر تۈگىتىڭ. ئاندىن بىر گەپ بولسۇن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 17:33:21

سىزنىڭ يازغانلىرىڭىزدىن قارىغاندا مۇستەققىل خارەكتىرگە ئىگە بالىكەنسىز ،مەنمۇ بىلگەنلىرىمنى يېزىپ باقاي.

ئەڭ ئاۋال سىز مەمۇرى بۇلۇشنى ئويلاشماڭ ،ئاندىن باشقا قارارنى چىقىرىڭ .ھۆكمەت خىزمەتچىسى بۇلۇش دىگەننى كالىدىن چىقىرۋېتىپ تۇرۇپ ئويلىسىڭىز ئىشلار ئاسان بۇلۇپ كىتىدۇ .

ئەگەر ئالى مەكتەپتە ئوقۇشنى تالىسىڭىز ،ئىچكىرىدىكى شارائىتلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ ،كەسىپنى راۋۇس ئوقۇپ ،چەتئەل تىلىنى ياخشى ئۈگۈنۈپ ،مەكتەپ پۈتۈرۈپ چەتئەلدە ئوقىسىڭىزمۇ ياكى ئىچىكىردىكى ياخشى كارخانىلاردا ئىشلىسىڭىزمۇ بولدۇ .

ئەگەر قارلۇق تەربىيلەش مەكتىپىدە ئوقۇسىڭىزمۇ ،يەنە يولىڭىزنى تېپىپ كىتىسىز .

ئەمما ئىچكىرىدە ئوقىسىڭىز ،پۇرسەت ،شارائىتلار كۆپىرەك . مەن ئالى مەكتەپتە ئوقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمەن .ئالى مەكتەپتە ئۇقىسىڭىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلىسىز،يېڭى ئىدىيە كۆز قاراشلار بىلەن ئۇچرىشالايسىز .

ھازىر نەنچاڭ دا تەربىيلەشتە ئوقىۋاتقان بولسىڭىز ،چەتئەل تىلىنى ياخشى ئۆگىنىڭ ،جەنۇپنىڭ تەرەققى قىلغان شەھەرلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كۈرۈپ كىلىڭ .

بىلىم ئىگەللەشنىڭ ئاساسلىق مەخسىتى خىزمەتچى بۇلۇش ئەمەس.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 21:11:24

كىم نىمە دەپ مەسلىھەت بەرسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا سىزگە يار يۆلەك بولىدىغىنى سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىز ئۇنىڭدىن قالسا قېرىنداشلىرىڭىز، ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىز.

ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇستەقىل بولغان بولسىڭىز، يەنى ئىقتىسادى جەھەتتە ئاتا-ئانىڭىزغا تايانمىغان بولسىڭىز ئۆزىڭىز مۇستەقىل قارار چىقىرىڭ، ناۋادا ئىقتىسادى جەھەتتە ئاتا-ئانىڭىزغا بېقىنغان بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلغىنىڭىز ئەۋزەل. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەيلى قانداق ئەيىپى بولسۇن، سەۋىيەسى ناچار بولسۇن، بىزنىڭ ئالى مەكتەپتە ئۈگۈنىدىغىنىمىز بىلىم ئەمەس، بەلكى قانداق قىلىپ بىلىم ئىگەللەش. مەيلى نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئالىي مەكتەپتە بىزگە شارائىت بار. يېتەرلىك ۋاقىت بار. 4 يىل ياكى 5 يىل قىسقا ۋاقىت ئەمەس. ئۆزىڭىز قىزىققاننى ياخشىراق ئۈگەنسىڭىز تامامەن بولىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاندىن چەتئەلگە چىقىپ يۇقۇرلاپ ئوقۇش، ياكى ئۆزىڭىز ئىگىلىك تىكلەش ۋە ياكى باشقا يوللارنى مېڭىپ كۆرۈپ بېقىشنى تاللىسىڭىز تامامەن بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئاتا-ئانىڭىز ھازىرقىدەك قارشى تۇرۇشى ناتايىن بەلكىم سىزگە يەنە ئىقتىسادى جەھەتتىن يار-يۆلەك بولىشى مۇمكىن.

oghlan008 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 21:45:34

قەشقەر تەۋەسىدە   建造师  كىنىشكىللىرى بار بالىلار بارمۇ؟بولسا مۇھىم ئىىش بار ئىىدى

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 13:15:26

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 16:17:48

رەھمەت سىلەرگە ...


مۇنبەرگە ئىنكاس يازغان ، ماڭا ئايرىم ئۇچۇر يوللىغان ، qq دا تەكلىپ بەرگەن ھەممىڭلارغا كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ...


داۋاملىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى قارار قىلدىم ...


رەھمەت سىلەرگە ...


\"\"

بەت: [1]
: ئاتا - ئانام ۋە دىپلوم