wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 22:45:56

بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇراجەتنامىسى ...

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! جەمىئىتىمىزدىكى مېھرىبان ئاتا -ئانىلار ،قېرىنداشلار

م،مەن شاۋۇرتاي 7-كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق دولقۇن ياسىن ،بۇ يىل 49ياش ،چىندىل يېزا تاڭنۇر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى .  

مېنىڭ بۇ مۇراجىئەتنامىنى سۇنۇشتىكى مەقسىتىم : 2013-يىلى  1-ئاينىڭ 27-كۈنى بورتالا ئوبلاستلىق دوختۇرخانىدا ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى سەۋەبىدىن بالنىستا يېتىپ ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىددى خاراكتىرىلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىم ئېنىقلاندى . 1-ئاينىڭ 28-كۈنى دەرھال ئاپتونۇم رايونلۇق تىببي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ ،تەكشۈرۈتىلگەندىن كېيىن نەتىجە يەنىلا ئوخشاش چىقتى . بىز بۈگۈنگىچە تەكشۈرۈش ھەققى ئۈچۈن 200مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خىراجەت قىلدۇق. دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە  جىددى يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلمىغاندا ،ھاياتىمغا خەتەر يېتىشى مۈمكىن ئىكەن .بۇنىڭ ئوپراتسىيە ھەققى ئۈچۈن 600(ئالتە يۈز مىڭ يۈەن) داۋالاش ھەققى كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ رىئاللىق ئالدىدا مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئوپراتسىيە ۋاقتى يېقىندا.

مېنىڭ ئائىلە ئەھۋالىم ئانچە ياخشى ئەمەس ، مەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى ئائىلەمدە بەش جان با ، ئۇلار مېنىڭ مۇئاشىمغا قاراشلىق ، ئۈچ بالام مەكتەپتە ئوقۇيدۇ . ئايالىم خېلى بۇرۇنلا خىزمەتتىن قالدۇرۇلغان . بۇ كېسەلنى داۋالىتىش ئۈچۈن ، ئۆيدىكى بارلىق بېساتىمنى سېتىپ ،ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز قولدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغان بولسىمۇ ،بۇ پۇل يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسگە يەتمەيدىكەن .

جەمىئىتىمىزدىكى ھەر ساھە ،ھەر كەسپتىكى مېھرىبان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ،مىنىڭ داۋالىنىپ ساقىيىشىم ئۈچۈن ، شۇنداقلا ئىللىق ئائىلە قوينىغا تېزرەك قايتىشىمغا ئاز -تولا قولۇڭلارىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىڭلارنى سوراپ يۇقىرىدىكى مۇراجىئەتنامىنى سۇندۇم. ئالاقىلاشقۇچى :  نەبىجان (چىندىل مەركىزى مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى )  ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى : 13095133331




ئەسلى مەنبە :بورتالا ئۇچۇر تورى


http://bortala.cn/resim/2013/0319/2202.html

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 23:00:42

ئاللاھ شىپاتلىق بەرسۇن ھەم ھەر بەندىسىنى ئىنسان ئاجىزلىقىدىن ئۆزى تاقەت قىلالمايدىغان، ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمايدىغان كىسەللەردىن پاناھلىق بەرسۇن.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 23:41:37

مەن 100يۈەن ئاتىدىم. پۇلنى ۋاپادارىمنىڭ كارتىسىغا سالساق بولامدۇ؟ يەنى بىر سوم پىلانى كارتىسىغا؟

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 00:01:01

50سوم، قېنە قايسىڭلار يەتكۈزۈپ قويالەيسىلەر، مەن پەقەت ئامانەت قەرىز كارتىسىدىن ئۇرالايمەن، بىر ياردەم قىلىڭلار ساۋاپ تېپېشىم ئۈچۈن.

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 00:02:13

بىر سوم پىلانىنىڭ كارتىسى قايسى بانكىنىڭ؟ نۇمۇرىچۇ؟

umid2003 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 11:25:09

ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن ،بىزمۇ قاراپ تۇرماسمىز، مۇشۇنداق ئېغىر كېسەللەرنى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلىدىن چىقىم قىلىپ داۋالىنىشقا بولمامدىكىنە ؟،ئېغىر ئاغرىقلارنى داۋالاش سۇغۇرتىسى 大病保险دەپ پۇل تۇتىدۇبولمىسا !
بەت: [1]
: بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇراجەتنامىسى ...