ئايفۇندىكى ئۇيغۇرچە «خاتىرەم»گە يازغان مەزمۇننى قانداق ساقلايمىز؟
ھۆرمەتلىك تورداشلار، يېقىندا بىر ئايفۇن ئالغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە "خاتىرەم"يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ كۈندىلىك تەسىراتلارنى يېزىپ قويىۋاتقان ئىدىم، لېكىن ئۇ مەزمۇنلارنى قانداق ساقلاش ۋە تېلپۇننى كومپيۇتېرغا چاتقاندىن كېيىن ۋوردقا كۆچۈرىۋېلىشنى بىلەلمەي قالدىم. "خاتىرەم"يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى يازغاندىن كېيىن، "گۈدۈككە يوللاش"،"سىناغا يوللاش"،"ئېلخەتكە يوللاش"، "ئايمەسىنجىگە يوللاش"دېگەندەك 4 بۇيرۇق كۆرسەتمىسى چىقىدىكەن. ئۇنى كومپيۇتېردا ئىشلىتىدىغانئېلخىتىمگە يوللىسام ئۇنىڭغا بارماپتۇ، مەن قانداق قىلسام ئۇنىڭغا كىرگۈزگەن مەزمۇنلارنى ئۇزۇن ھەم بىخەتەر ساقلىيالايمەن؟ "خاتىرەم"گە زور مىقداردا خەت كىرگۈزۈپ كومپيۇتېردا يېزىقچىلىق قىلغاندەك مەقسەتكە يەتكىلى ھەم ئۇنى ۋوردقا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟
يانفۇن ئۇستىلىرىنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
پەجېس دەپ بىر يۇمشاق دىتال بار,شۇنى قاچىلاڭ,ۋورد بىلەنبەسلىشەلەيدۇ,شۇنىڭدىلا يېزىڭ ئۇيغۇرچە \"خاتىرەم\" نى نەدىن چۈشۈرىدۇ؟ خالىسىڭىز تېلفونىڭىزغا رەسىم ھۆججىتى قىلىپ ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ، يەنى ئايفوننىڭ يۇمۇلاق كۇنۇپكىسى بىلەن ئېتىش(关机) كۇنۇپكىسىنى تەڭ باسسىڭىز ئايفون ئېكىرانىدا كۆرۈنگەن ھەرقانداق مەزمۇننى رەسىمگە تارتىپ ساقلىۋالىدۇ. ئاۋال ‹‹خاتىرەم›› گە مەزمۇننى يېزىپ بولغاندىن كېيىن تاقىۋەتمەي ئايفوننىڭ يۇمۇلاق كۇنۇپكىسى بىلەن ئېتىش كۇنۇپكىسىنى تەڭ بېسىڭ، رەسىم ھۆججىتى قىلىپ ساقلىۋالالايسىز.2- قەۋەتتىكى abdulehedنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇرچە \"خاتىرەم\" نى نەدىن چۈشۈرىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم
Appغا
دەپ يازسىنڭىز چىقىدۇxatirem
رەھمەت، خەنزۇچە خاتىرە دەپتەردە ساقلىۋالساق بولىدىكەن، بولىدىغان وقەتكەن بۇ، كومپيوتېردىن بەكلا ازاتقا چىقاردى بۇ، ەمدى ۇيغۇرچە ېلكىتاپ قاچىلاشنى ۆگەنسەم بولاتتى.