alip يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 16:55:58

windows8 نىڭ ئۇيغۇرچىسىدىن رازى بولدىڭىزمۇ؟

windows8  نىڭ ئىگە تەرەپتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇشى بىزگە نىسبەتەن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش. شۇنىڭغا يارىشا ھەر قايسى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە ئۇنىڭ داغدۇغىسى ئاز بولمىدى.


ئۇيغۇرچە windows8  نى قوللاش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا كۆپ ھاجىتى يوقلارمۇ سېتىۋالدۇق. كومپىيۇتېرى يوق بىر تونۇشۇمغا دەسلەپتە ئۇيغۇرچە windows8  يېڭى چىققاندا گېپىنى قىلىپ بەرسەم، مەنمۇ ئۇيغۇر تىلىنى قوللاش يۈزىسىدىن بىرنى سېتىۋالاي، كېيىن كومپىيۇتېر سېتىۋالغاندا ئىشلىتەرمەن دەپ بىرنى سېتىۋالدى.


ئۆزۈممۇ باھاسى ئۆسۈپ كەتمەستە ئىككى نۇسخا سېتىۋالغان. سىرتقى ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇردىغان بىر قانچە كەسپى يۇمشاق دېتال ئىشلىمەسمىكى دەپ قاچىلىمىغانتىم. تۆنۈگۈن بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن قاچىلاپ كۆرۈپ باقاي دەپ قاچىلغانتىم، دېگەندەك ئۇ كەسپى دېتاللار windows8  تە ئىجرا بولمىدى.


تىلنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ كۆرسەم ئاساسى كۆرۈنمە يۈزىدىن باشقا ئىچكى قىسمى يەنىلا خەنزۇچە ئىكەن. مەسلەن: ئۈسكۈنە باشقۇرغۇچ 设备管理器، باشقۇرۇش قورالى 管理工具... دېگەنلەر. ئۇيغۇرچە سۆزلەردىمۇ نورمالسىزلىق بار. ئۈستەليۈزى دېگەندەك. ئۇيغۇرچە خەتلەرمۇ كۆركەم ئەمەس (بۇغۇ مەسلە ئەمەس، لېكىن مىكروسوفت ئاتايىن  windows8  نىڭ ئۇيغۇرچىسنى چىقارغاندىكىن كۆرۈنمە يۈز ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇرچە فونت ياساپ بەرسە بولاتتى)


ئۇيغۇرچە تىل يامىقىنىڭ چوڭلۇقى ئاران 2.8 مېگابايىت ئىكەن. بۇ سىغىمنى شۇنچىۋالا چوڭ مەشغۇلات سىستېمىسغا نىسبەتەن يوقنىڭ ئورنىدا دېيىشكە بولىدۇ.  


دېمەكچىمەنكى، شۇنچىۋالا داغدۇغا قىلغانغا چۇشلۇق windows8 نىڭ ئۇيغۇرچىسىدىن تازا قانائەت ھاسىل قىلمىدىم. باشقا بىر نەچچە تورداشلارمۇ ئۇيغۇرچىسى مۇكەممەل بولمىغاچقا خەنزۇچسىگە قايتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. windows8 نىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچىسى دۇنياۋى شىركەتنىڭ قىلغان تەرجىمىسىگە ئەمەس، پارتىزان تەرجىمانلارنىڭ تەرجىمىسىگە ئوخشاپ قاپتۇ.


بۇنداق بولىۋەرسە بۇنىڭدىن كېينكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يېتىدۇ. ھەممىنى ئۇيغۇرلۇق ھېسىياتىمىزغا تاينىپ قوللاۋەرگىلى بولمايدۇ.


atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 17:31:40

‏‏مەنمۇ دېگەندەك رازى بولمۇدۇم،ئەمما سېتىۋالغىنىمغا ئۆكۈنمەيمەن،مىكروسوفىتمۇ بىزنىڭ ھالالنى قەدىرلەيدىغىنىمىزنى بىلگەندىن كېيىن نىسبەتلەشتۈرۈپ باقار،ئاستا ئاستا ئۆلچەملىشىپ كېتەر

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 17:38:43

مەنمۇ شۇ نۇرغۇن ئەپلەرنىڭ قوللىماسلىقى سەۋەبىدىن يەتتىگە كۈچىۋالدىم

راستىمنى ئېيتسام كۆزنەك سەككىزدىن تازا رازى بولمىدىم،ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئەڭ چوڭ خۇشاللىق بولسا كېرەك

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 17:50:54

مېنىڭچە بولغاندا رازى بولغۇلۇق.دۆلىتىمىزدىكى 56مىللەتنىڭ ئىچىدە ئانا تىلىمىزنىڭ تىل بولىقىنىڭ 2-ئورۇندا ئېلان قىلىنىشى،شۇنىڭدەك ئانا تىلىمىزنىڭ بىر خەلىقئارالىق سېستىمىدىن ئورۇن ئېلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس.ئالىم مۇئەللىم قاتارلىقلارنىڭ بۇ ئەمگىكى تارىخ  بېتىدىن ئورۇن ئالغۇسى.ئالىم مۇئەللىم ئۆزىمۇ دېدىغۇ،بۇ سېستىمىدىكى تىل مەسىلىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇدەپ.ئۇنچە ئاسان ھاياجانلىنىپ كەتمەيلى.سىلى -ئالىپ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى بۇنداق دەپ ئولتۇرساڭلار باشقىلار قانداق قارا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!ۋىندوۋىسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش سىلىنىڭ بىرەر ئەپنى ئىشلىگىنىڭلارغا ئوخشىمايدۇ.ئانا تىلىمىزنى ئىشلەتكەندىكى ھاياجاننى نۇرغۇنلىرىمىز ئۆزىمىز بىلىمىز.شۇڭا ئىلمىيرەك بولايلى.ئانا تىل يەسلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشنى ،بۇ تور بېتىڭىزگە بەرگىنىڭىزدىن شۇنداق سۆيۈنگەن ئىدىم،بۇ يازمىڭىزدىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى.

wakit110 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 17:51:53

مەنمۇشۇ win8 نى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئورنىتىۋالغان دىگەندەك ئىككى سائەتتەك ئۇيغۇرچە تۇردى. بىراق ئانا سىستىما ئۇيغۇرچە بولغان بىلەن windows مۇھىتىدا ئىجرا بۇلىدىغان باشقا يۇمشاق دىتاللار ئاساسەن خەنزۇچە بولغاچقا كومپىيوتېرقوشتىللىق بوپقالدى.

شۇڭا كۈنەلمەي يەنە خەنچىگە قايتىۋالدىم دىگەندەك ئۇيغۇرچە نورمال تۇنىغان بىلەن خەت نۇسخىسى ئۆمچۈك پۇتىدەكلا،



لىكىن windows8 دىگەن بۇكاساپات شاش ئاتتەكلا ماڭا قەۋەتلا ياقتى ، مۇشۇ 3-تەرەپ ۋىروسخورلىرىنى قاچىلىمىسىمۇ ئۈزىنىڭ ۋىروسخورى بەك ياخشىكەن . ئۈزىنىڭ ئەپ دۇكىنىدىنلا قاچىلاپ ئىشلەتسە يۇمشاق دىتاللارنى بەكلا نورمال ئىشلەيدىكەن.

خۇلاسە كالام: مىنىڭ ئويلىغىنىم  

windows8 ماڭا بەكلا يارىدى خەت نۇسخىسى ئانچە يارىمىدى ، بولسا تىزرەك چالا يەرلىرى تۇلۇق تەرجىمە قىلىنسا خەت نۇسخىسىمۇ تۈزتىلسە ھەممىمىز ئۇيغۇرچە ئىشلەتسەك .windows تۇلۇق تەرجىمە قىلىنىپ كۈڭۈلدىكىدەك بولسا كۆپلەپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللارنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە تۇرىتكە بولغان بۇلاتتى.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 18:06:10

3- قەۋەتتىكى anur77نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭچە بولغاندا رازى بولغۇلۇق.دۆلىتىمىزدىكى 56مىللەتنىڭ ئىچىدە ئانا تىلىمىزنىڭ تىل بولىقىنىڭ 2-ئورۇندا ئېلان قىلىنىشى،شۇنىڭدەك ئانا تىلىمىزنىڭ بىر خەلىقئارالىق سېستىمىدىن ئورۇن ئېلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس.ئالىم مۇئەللىم قاتارلىقلارنىڭ بۇ ئەمگىكى تارىخ  بېتىدىن ئورۇن ئالغۇسى.ئالىم مۇئەللىم ئۆزىمۇ دېدىغۇ،بۇ سېستىمىدىكى تىل مەسىلىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇدەپ.ئۇنچە ئاسان ھاياجانلىنىپ كەتمەيلى.سىلى -ئالىپ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى بۇنداق دەپ ئولتۇرساڭلار باشقىلار قانداق قارا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!ۋىندوۋىسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش سىلىنىڭ بىرەر ئەپنى ئىشلىگىنىڭلارغا ئوخشىمايدۇ.ئانا تىلىمىزنى ئىشلەتكەندىكى ھاياجاننى نۇرغۇنلىرىمىز ئۆزىمىز بىلىمىز.شۇڭا ئىلمىيرەك بولايلى.ئانا تىل يەسلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشنى ،بۇ تور بېتىڭىزگە بەرگىنىڭىزدىن شۇنداق سۆيۈنگەن ئىدىم،بۇ يازمىڭىزدىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى.


باشتىمۇ دېدىم، قۇرۇق ھاياجانغا بىر نەرسە كەلمەيدۇ.

پۇلغا سېتىۋالغاندىكىن ئۇنداقكەن ياكى مۇنداقكەن دەپ پىكىر بېرىش ھوقۇقىمىز بار. پىكىرلىرىمىزنىڭ  windows8 نىڭ ئۇيغۇرچىسنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىسى بار. خېلى كۆپ ئادەمنىڭ windows8 تىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. مۇشۇنداق بولىۋەرسە كېيىن چىقماقچى بولغان office نىڭ ئۇيغۇرچىسى، windows9 نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى سېتىۋالدىغان ئادەم قالامدۇ؟

windows8 نى پۇلغا سېتىۋالماي، ھەقسىز، پارولىنى بۇزۇپ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى چىقىپتۇ. ئالپ تورىغا نەچچە قېتىم يوللىدى. ئۇيغۇرچسىنى قوللاش ئۈچۈن ئۇنداق تېمىلارنى چەكلەپ تۇرۋاتىمىز.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 19:28:50

ئاشۇ QQ شىركىتى ئون نەچچە يىل بولدى ئۇيغۇرچىنى قوللاپ قويمىدى،windows7 چىققاندا ئۇيغۇرچە يىزىقنى مالا جۇڭگۇلۇقتى دەپ قويماي چەتئەللىك ئەرەب يىزىقى بىلەن ئوخشاشلا سۈزۋەتتى. بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق كومپىيۇتۇر ساھەسىدە يىتىم قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىشنى يەنىلا شۇ چەتئەلنىڭ مىكروسوفىت شىركىتى قوللىدى،شۇكرى قىللى باللا . شۇ بىزنى قوللاپ قويۇپ windows8 ھازىرغىچە شىىنجاڭنىڭ ھۆكۇمەت دائىرلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمەيۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىمە مەن...  {:136:}

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 20:25:23

مەنمۇ دېگەندەك رازى ئەمەس. تۇنجى قېتىم ئۆزۈم ھەقلىق ۋىندوۋىس سېتىۋېلىپ قاچىلاپ ئىشلىتىشم. يېڭى كومپيۇتېر ئالغاندا قاچىلاپ ئىشلىتىمەن دېگەن win 8 نى ئاخىرى ئەبجەق كومپيۇتېرىمغا قاچىلاپ ئىشلەتتىم. سىستېمىنى چۈشۈرۈش، تىل بولىقى قاچىلاش دېگەندەك ئىشلار ئادەمنى ھەقىقەتەن بىزار قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنگلىزچە تىل بولىقىنىڭ 138MB بولىشى، لېكىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ 3MB غىمۇ يەتمەسلىكى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدا نۇرغۇن يېتەرسىزلىكنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئىشلارمۇ كېينچە ئوڭشىلىپ كېەر. لېكىن بۇنىڭغا مىكروسوفىتتىكىلەر ئىنكاس قايتۇرۇشى، بىزگە تېگىشلىك جاۋاب بېرىشى كېرەك.

format يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 20:38:28

سىز رازى بولماي خەنچىسىگە كۆچىۋالسىڭىز ، مەنمۇ رازى بولماي خەنچىسىگە كۆچىۋالسام ، ئۇمۇ رازى بولماي خەنچىسىگە كۆچىۋالسا .

ئەڭ ياخشسى بايقىغان مەسىلىلەرنى تەپسىلى خاتىرلەپ مىكروسوفتقا ياكى ئالىم مۇئەللىمگە يوللاپ بەرسىڭىز يا ئۇيان يا بۇيان ، ئۆتكەندە خەنچە نەشىردىكى كۆزنەك 8 كە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بىۋاستە قاچىلىغىلى بولمايتى كېيىن بۇ ئىشنى ئالىم مۇئەللىمگە ئىنكاس قىلساق ئالىم مۇئەللىم مىكروسوفتقا دەپتىكەن 2 كۈندىلا مەخسۇس ياماق ئېلان قىلىپ ئوڭشىدى.

مىكروسوفت سىزبىزنى تۆۋەن كۆرۈپ پىكىرمىزگە قۇلاق سالمايدىغان قاشاڭ شىركەتلەردىنمۇ ئەمەس ، ئەمما ئۇلار ئىزدىنىشقا كىرمەيدۇ  {:107:}

format يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 20:41:33

بەزىلەر ئۇيغۇرچە ئەپلەر بەك ئازكەن دەپتۇ ، بۇنى خەقتىن ئەمەس ئۆزىمىزدىن كۆرسەك توغرا بولىدۇ ، ئۇلارنى ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىمۇ ياساپ بېرىسەن دەپ قاشاڭلىق قىلساق ياخشى بولمايدۇ جۇمۇ

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 20:48:18

8- قەۋەتتىكى formatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز رازى بولماي خەنچىسىگە كۆچىۋالسىڭىز ، مەنمۇ رازى بولماي خەنچىسىگە كۆچىۋالسام ، ئۇمۇ رازى بولماي خەنچىسىگە كۆچىۋالسا .

ئەڭ ياخشسى بايقىغان مەسىلىلەرنى تەپسىلى خاتىرلەپ مىكروسوفتقا ياكى ئالىم مۇئەللىمگە يوللاپ بەرسىڭىز يا ئۇيان يا بۇيان ، ئۆتكەندە خەنچە نەشىردىكى كۆزنەك 8 كە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى بىۋاستە قاچىلىغىلى بولمايتى كېيىن بۇ ئىشنى ئالىم مۇئەللىمگە ئىنكاس قىلساق ئالىم مۇئەللىم مىكروسوفتقا دەپتىكەن 2 كۈندىلا مەخسۇس ياماق ئېلان قىلىپ ئوڭشىدى.

مىكروسوفت سىزبىزنى تۆۋەن كۆرۈپ پىكىرمىزگە قۇلاق سالمايدىغان قاشاڭ شىركەتلەردىنمۇ ئەمەس ، ئەمما ئۇلار ئىزدىنىشقا كىرمەيدۇ \"\"



شۇڭا ئۇلار بىز رازى بولغۇدەك قىلسۇن-دە \"\"


رازى بولمىغان يەرلىرىمىزنى مۇشۇنداق ئوتتۇرغا قويۇپ ئاندىن يىغىپ رەتلەپ مەلۇم قىلمايمىزمۇ. رازى بولغان يەرلىرىمىزنى، رازى بولمىغان يەرلىمىزنى دېمەي جىممىدە ئولتۇرساق مىكروسوفىت ئۇيغۇرلارنى بەك رازى قىلىۋەتكەن ئوخشايمىز دەپ كېيىنكى سىستېمىلىرىدىمۇ ئاشۇنداق چالا ئىش قىلىدۇ.


ubuntu نى بىر كىم پۇل بەرمىسمۇ پارتىزان تەرجىمانلار %98 ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بولدى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 21:56:31

Windows 9 كېلەر يىلى 11 ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ.


Windows 8  نى Windows Blue گە كۆتۈرۈش بۇ يىل يازدا تاماملىنىدىكەن،
Windows 8 نىڭ مۇكەممەل يېڭى ئەۋلات نۇسخىسى  Windows 9 ھېساپلىنىدىكەن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 22:11:10

مەن بۇ كۆزنەك 8 دىن رازى بولمايمۇ قالمىدىم، كۆزنەك 7نىڭ ئوغرى نەشىرىنى دەسلەپ ئىشلەتكەندە ئېكىسپىچىلىك كۆرمىگەن ئىدىم، بۇ ئاساسلىقى ئېكىسپىگە بەكلا كۆنۈپ قالغانلىقىدىن ئىدى، بىرەر يىل ئىشلىتىپ ئۇنىڭغىمۇ كۆندىم، ماۋۇ كۆزنەك 8 گە بولسا تىزلا كۆندىم، كۆنەلمىگەنلەرنىڭ نوقۇل تەرجىمىدىكى سەۋەپتىن بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن، كۆز دايىم خەنزۇچە نۇسخىسىنى كۆرۈۋەرگەندىن باشقا، يۆنۈلىشىتىمۇ دايىم سولدىن ئوڭغا ھالەتكە ئادەتلىنىپ قالغاچ، ئۇيغۇرچىدىكى ئوڭدىن سولغا ماڭغان يۆنۈلۈشكە كۆنۈشكىمۇ مەلۇم جەريان كېرەك، بىراق بۇ جەرياننى بېسىش ئانچە ئاسان ئەمەس، يولۇققان مەسىلىگە نىسبەتەن سەۋىرچانلىق، ئانا تىلغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت ۋە بۇندىن كېيىنكى ئۇزاق مەزگىلگە بولغان ئىشەنچ بولمىغاندا، بۇ يېڭى مىھماننى قوبۇل قىلىش ھەقىقەتەن قېيىن. مەن ئۆزەمگە 2 يۈرۈش(باللىرىم تەتىلدە كەلگەندە مەندىن كومپيۇتېر تالاشماي ئىشلىتىشى ئۈچۈن بىر كومپيۇتېر سەپلەپ بەرگەن ئىدىم)، جىيەن ئوغلۇمغا بىر يۈرۈش سېتىۋالغان ئىدىم، ئۈچ يۈرۈشنىڭ ھەممىنى قاچىلاپ بولدۇم، باللىرىمنىڭ كومپيۇتېرىنى تورغا چاتمىغانلىقىم ئۈچۈن ئاكىتىپلىمىغان ئىدىم، بىر دوستۇم ھازىر بۇ ئاكىتىپلانمىغان نۇسخىسىنى تالىشىپ خىجىل قىلىۋاتىدۇ.

مەن بۇ سېستىمانى ئىشلىتىش جەريانىدا مەسىلىلەرگە يولۇقمىدىممۇ ئەمەس، ھەل قىلىش ئۇسۇلىدىن يارىدەم سوراپ بىلىككىمۇ يوللىغان ئىدىم: http://bbs.bilik.biz/thread-25560-1-1.html

بىر قىسىملىرىنى ئۆزەم ھەل قىلىپمۇ بولدۇم، ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇرۇن بىلەلمىگەن ياكى چالا بىلگەن يەرلەرنى ھازىر بارا-بار چۈشۈنۈپ كېتىۋاتىمەن، يەنە نۇرغۇن جايلىرىغا بەلكىم ئامراق بولۇپمۇ قالارمەن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 22:16:48

مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا ھازىر ماۋۇ مۇنبەردىكى ھىچقانداق بىر تېمىدا [نەقىل] [تەھرىرلەش] [ئۆچۈرۈش]  [تېمىغا يۆتكەش] لەرنىڭ ھىچقاندىقى مۇشۇ كۆزنەك 8نى قاچىلىغان، 3، 4 كۈندىن بىرى ئىشلىمەيۋاتىدۇ، بۇ تاسادىبىي توغرا كىلىپ قىلىشمۇ ياكى راستىنلا كۆزنەك 8نىڭ ئىشىمۇ بىلمىدىم.

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 22:31:24

مەن تەرجىمىسىدىن ئەمەس يېڭى سىستىمىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن سەل رازى ئەمەس ،نىمە دىگەن بىلەن چوڭ ئۆزگىرىش بار ئەمەسمۇ!!مىكروسوفىتقا كەلسەك،ئۆز ۋاقتىدا microsoft uighur خەت نۇسخىسىنى كۆزنەك سىستىمىسىغا قوشقاندىلا،ئۇلاردىن مەڭگۈ رازى بوپكەتكەن!!!

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 22:57:01

ئالىم مۇئەللىمدىن بۈگۈن گەپ ئالدىم.windows Blue نىڭ خىزمىتى تۈگىگىلى بىر نەچچە كۈن بولۇپتۇ. دېمەك بۇرۇنقى تەرجىمە قىلىنمىغان جايلار بۇ قېتىم تولۇقى بىلەن تەرجىمە قىلىندى دېگەن گەپ. كۈتەيلى. ھېلىمۇ 80-يىللاردا باشلانغان كومپيۇتېرچىلىقىمىز 30 يىلغا يېقىن تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ مانا بۇ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى. ئەتە خۇدايىم بۇيرىسا كۆزنەك 8 ۋە كۆزنەك كۆك ھەمدە كۆزنەك 9 نى چۈشەندۈرۈپ دەرس ئۆتىمەن.  {:92:}

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 23:56:30

ماڭا بەك پاكىز كۆرۈنىدۇ بۇ 8.  باشقا جايلىرى يۈز پىرسەنت، ھىس قىلغىنىم، سېستىما خەت نۇسخىسى ئۈچۈن بىر قانچە خەت نۇسخىسى تەمىنلەنسە، خالىغىنىمىزنى تەڭشەپ ئىشلەتسەك. ئاندىن مۇشۇ ئۇ دېتالنى قوللىدى بۇنى قوللىمىدى دىگەن ئىش تۈگىسە.

ئاندىن ھىس قىلغىنىم. سېستىمىدا ئۇيغۇرچە يېزىققا تەڭشىگەندە ئاپتوماتىك ھالدا ئوڭدىن يازىدىغان، ئېنگىلىزچە، ياكى خەنزۇچە كىرگۈزگەندە ئاپتوماتىك شۇ تىل يۆنىلىشىگە كەلسە. مەسىلەن IE نىڭ ئادرىس كىرگۈزۈش ئورنىغا ئادرىس كىرگۈزسەك يۆنىلىش، ۋە باشلىنىشتا سەل كەمتۈكلۈكلەر بار.

ئەممازە بەك يەڭگىل...

مەن بەك رازى بۇ سېستىمىدىن. چۈنكى ئۇنىڭ چوقۇم مۇكەممەل ئۇيغۇرچىلىشىدىغىنىغا ئىشەنچىم بار.

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 13:31:26

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار توغرىسىدا ئالىم مۇئەللىم تېما يوللاپتۇ.كۆرۈپ باقساڭلارلا چۈشىنىپ قالىسىلە.مەندىكى ۋىندوۋىس 8 نى ئىشلەتكەندىكى ھاياجان تېخى بېسىلغىنى يوق.ھەممىمىز ئويلاپ كۆرەيلى!!!


http://www.alimahat.com/?p=2572

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 13:47:59

مەن Windows8 نى خوشاللىق بىلەن ئىشلىتىۋاتىمەن، يېنىمدىكىلەرمۇ بەك رازى! ئۇيغۇرچە يېزىقى بولسۇن، سىستېمىنىڭ ئۆزى بولسۇن، بەك ياقتۇرىمەن.

win8 بىر ئىنتايىن چىرايلىق باشلىنىش، تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ..

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 14:05:50

مەن Windows8 دىن چەكسىز رازى. كۆرنىشى چىرايلىق، سۈرئەت تىز. ھەممە تەرىپىگە بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ كۆندۈم. مۇشۇ Word 2013 نىڭ ھۆججەتنى PDF قىلىپ ساقلايدىغان، ۋە Word2003، Word2007 لەردە ئىچىلىدىغان ساقلاش ھالىتىنى تاپالماي شۇنىڭدىن سەل بېشىم قىتىپ تۇرىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ Word 2013 سەتەڭلىكىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم. مۇشۇ باھانىدا باچكا، يوليار، قاتارلىق مۇتەخەسسىلەر ئۈستىدە دەپ ئۆتكەن قىينچىلىقىمغا بىر ياردەم قىلىۋىتىڭلار، باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلاي.
بەت: [1] 2
: windows8 نىڭ ئۇيغۇرچىسىدىن رازى بولدىڭىزمۇ؟