matros5 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-25 19:17:13

2003 ئىشخانا دېتالىدىن ياردەم قىلساڭلار.

2003ئىشخانا دېتالىدىن ياردەم قىلساڭلار.




ئەسسالامۇ
ئەلەيكۇممۇنبەر ئەھلى
:


مەن گەرچە يېڭىلىققا ئوتتەك ئىشتىياقىم
بار بىر تور ھەۋەسكارى بولساممۇ، ئەمما خىزمەت ئېتىياجى سەۋەبلىك2003
excelنى
پىششىق بىلمىسەم بولمايدىغان ھالغا كىلىپ قالدىم .ئەسلى مەن 2007 excelئىشخانا دېتالىنى ئىشلىتەتتىم،   يېڭى خىزمەت ئورنۇمغاكەلگەندىن كېيىن بۇ يەردەچوڭ كىچىك ھەممە كىشلەر2003 excelنى ئىشلىتىدىكەن.ئامال يوق مەنمۇ 2003 excelنى ئىشلىتىشكە
باشلىدىم.ئەمما ئۇنتۇپلا كىتىپتىمەن،باشلىقىمنىڭ ئالدىدا بىر نەچچە قېتىم جىددى
ئىشلارداتىز قىلىپ بۇلالماي يەرگە قاراپمۇ
قالدىم .سەۋەبى 2003 excelنى پىششىق بىلمىگەنلىكىمدە.    كومپىيۇتىردىكى يۇمتاللارنى 2007excel گە ئۆزگەرتىۋىتەي
دېسەم كومپىيۇتىر مىنىڭ ئەمەس،ھەمبۇ يەردىكىلەر 2007 excelنى ئىشلىتەلمەيدىكەن، مەن ئۇلارغا
شۇنچە دېسەممۇ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ بولالمىغىدەكمەن.    شۇڭا قارغۇنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس دېگەندەكمەنمۇ excel2003 نى ئۆگنەي دېگەن ..ئەمما تۇلۇقراق بىر دەرىسلىك تاپالمىدىم
..



شۇڭا تورداشلار ياردەم قىلىپ2003excelنى تۇلۇق چۈشەندۇردىغان بىر دەرىسلىك تېپىشىپ بېرەرمىكىن
دېگەن ئۈمۈتتە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.بەك بولمىسا جەدۋەل لاھىلەش ۋەبەت
لاھىلەپ بېسىپ چىقىرىش چۈشەندۈرۈلگەن دەرىسلىك بولسىمۇ مەيلى
...... ( مىنىڭ كۆپ شۇغۇللىندىغىنىم excelدا چوڭ ھەجىملىك ، سان سىپىر بىلەن يېزىق ئارلىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە جەدۋەل لاھىلەپ، ئۇنى بېسىپ چىقىرىپ باشلىقىمنىڭ قۇلغا تۇتقۇزۇش)



ئەسكەرتىش: نېمە قىلىسىز كونىلىققا ئېسىلىپ، 2007،2013 نى
ئۈگۈنىڭ.
ياكى ئۇلارنى 2003 نى ئىشلەتمەسلىكنى
تەۋسىيە قىلىڭ دېگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ.
مىنىڭ ھازىر باشقا تاللىشىم يوق
.


matros5 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-25 19:35:33



                                       2003 ئىشخانا دېتالىدىن ياردەم قىلساڭلار.

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى:



مەن گەرچە يېڭىلىققا ئوتتەك ئىشتىياقىم بار بىر تور ھەۋەسكارى بولساممۇ، ئەمما خىزمەت ئېتىياجى سەۋەبلىك 2003excel نى پىششىق بىلمىسەم بولمايدىغان ھالغا كىلىپ قالدىم . ئەسلى مەن 2007 excelئىشخانا دېتالىنى ئىشلىتەتتىم،يېڭى خىزمەت ئورنۇمغا كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردە چوڭ كىچىك ھەممە كىشلەر 2003 excelنى ئىشلىتىدىكەن. ئامال يوق مەنمۇ 2003 excelنى ئىشلىتىشكە باشلىدىم. ئەمما ئۇنتۇپلا كىتىپتىمەن، باشلىقىمنىڭ ئالدىدا بىر نەچچە قېتىم جىددى ئىشلاردا تىز قىلىپ بۇلالماي يەرگە قاراپمۇ قالدىم . سەۋەبى 2003 excelنى پىششىق بىلمىگەنلىكىمدە.كومپىيۇتىردىكى يۇمتاللارنى 2007excel گە ئۆزگەرتىۋىتەي دېسەم كومپىيۇتىر مىنىڭ ئەمەس، ھەم بۇ يەردىكىلەر 2007 excelنى ئىشلىتەلمەيدىكەن، مەن ئۇلارغا شۇنچە دېسەممۇ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ بولالمىغىدەكمەن.شۇڭا قارغۇنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس دېگەندەك مەنمۇ excel2003 نى ئۆگنەي دېگەن .. ئەمما تۇلۇقراق بىر دەرىسلىك تاپالمىدىم ..



شۇڭا تورداشلار ياردەم قىلىپ 2003excel نى تۇلۇق چۈشەندۇردىغان بىر دەرىسلىك تېپىشىپ بېرەرمىكىن دېگەن ئۈمۈتتە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بەك بولمىسا جەدۋەل لاھىلەش ۋە بەت لاھىلەپ بېسىپ چىقىرىش چۈشەندۈرۈلگەن دەرىسلىك بولسىمۇ مەيلى...... ( مىنىڭ كۆپ شۇغۇللىندىغىنىم excel دا چوڭ ھەجىملىك ، سان سىپىر بىلەن يېزىق ئارلىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە جەدۋەل لاھىلەپ، ئۇنى بېسىپ چىقىرىپ باشلىقىمنىڭ قۇلغا تۇتقۇزۇش)



ئەسكەرتىش: نېمە قىلىسىز كونىلىققا ئېسىلىپ، 2007،2013 نى ئۈگۈنىڭ. ياكى ئۇلارنى 2003 نى ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىڭ دېگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ. مىنىڭ ھازىر باشقا تاللىشىم يوق .

arislan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-25 20:15:04

باغۋەن دەپ ئوفىس ئائىلىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۈگىتىدىغان بىر دەرىسلىك بار. ئىزدە تورىدىن باغۋەن دەپ ئىزدەپ بېقىڭ. سىزگە ياردىمى زور بولىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-3-25 20:48:15

2007 excel نى بىلىشىڭىزمۇ تايىنلىقكەن. بولمىسا 2007 نى بىلگەن ئادەمگە 2003 دېگەن ئويۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش. تىزىملىك، سىرتقى كۆرۈنۈشى ئازراق ئوخشىمىغاندەك قىلغان بىلەن excel دا ئىشلىتىدىغان فۇنكىسىيە، بۇيرۇقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-25 21:47:33

excel2003 ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلغاندا خىلى قىينىلىسىز جۇمۇ،كاتەكچە ئىچىگە بىر جۇملە ئۇيغۇرچە خەت يىزىپ يەنەبىر كاتەكچىگە يۆتكىسىڭىز جۇمىلىڭىز تەتۇر بۇلىۋىلىپ مىنى خىلى ئاۋارە قىلىتى،بەك تەسلىكتە ئوڭشايتىم

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-25 22:37:06

2003 كە نىسبەتەن 2007 ياكى 2010 نىڭ تىزىملىكنىڭ ئورنىدا ئۆزگۈرۈش بولغان بىلەن ئىقتىدارىدا ياخشىلىنىش بار ھەم ئۇيغۇرچىنى قوللىشى ياخشىراق.

2003 تە سۆزلەنگەن بىلىم- ساۋات كۆپرەك بولغاچقا كۆنۈۋالغۇچە بىراز ۋاقت كېتىدۇ.

كۆنۈپ قالسىڭىز زىرىكمەيسىز.

korqak يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 08:53:55

http://www.56.com/u11/v_NjczMjQyMDE.html



بۇنى بىر كۈرۈپ چىقىڭ...............



ئەمەليەتتە 2003نۇسخىسى بىلەن 2007نۇسخىسىدا چوڭ پەرىق يوق، شۇ ھەر بىر بۇيرۇق چىكىش ئورۇنلىرى ئوخشاش ئەمەس.............2007دە ئازىراقلا ئىقتىدار ئارتۇق(قولغا يېقىن)

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 12:32:19

3- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2007 excel نى بىلىشىڭىزمۇ تايىنلىقكەن. بولمىسا 2007 نى بىلگەن ئادەمگە 2003 دېگەن ئويۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش. تىزىملىك، سىرتقى كۆرۈنۈشى ئازراق ئوخشىمىغاندەك قىلغان بىلەن excel دا ئىشلىتىدىغان فۇنكىسىيە، بۇيرۇقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش.



شۇ تايىنلىق ،تايىنلىق بولغاچقاياردەمسوراپئولتۇرۇپتىمەن.... ..    ئاقماس پاراڭنى قۇيۇپياردەم بېرىدىغانيول كۆرسىتىڭە ...   خېلى ئۇستا ئوخشايسىز.........




kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 12:49:33

office بىلىمى دەپ گووگلې، بىڭلاردىن ئىزدەڭ.

JasurBay يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 13:17:34

ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل 2007 نۇخىسىسى ئۈچۈن بىر قىستۇرمىسى بار، شۇنىڭ ئىجرا قىلىۋەتسىڭىز Office ئائىلىسىدىكى ئەزالارنى قوزغاتسىڭىز 经典菜单 دەپ بىر تىزىملىك قوشۇلىدۇ، بۇ تىزىملىكنىڭ ئاستىدىكى كۆرۈنمە يۈزى ساپلا 2003 نۇسخىدىكى بىلەن ئوخشاش، مەنچە مۇشۇ قىستۇرمىنى قاچىلاپ ئىككى نەشىرنى تەڭ ئىشلەتسىڭىز بىر تەرەپتىن ئۈگىنىسىز يەنە بىر تەرەپتىن ئىشنى ئاخسىتىپ قويمايسىز.

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 13:57:11

ماۋۇنى ئورنىتىۋېلىڭ « ms office2003 بۇيرۇقىنى 2010 دا كۆرسىتىش يېتەكچىسى»

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 16:32:23

excel غا ئوخشاش مەشغۇلات قىلىدىغاننەرسىىنى بىرسى نەق مەيداندا ئۆگىتىپ قويسا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. توردىكى دەرسلىكلەردىن پايدىلانسىمۇ ئانچە قۇلايلىق ئەمەس. ئۈرۈمچىدە بولغان بولساڭلار يېرىم كۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگۈتۈپ قۇياركەنمەن.

misiran يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 15:51:56

تۆۋەندىكى تور بەتنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ:http://www.enet.com.cn/eschool/zhuanti/excel2003/

مىنىڭچە مۇشۇ بەتتىن بىلمەكچى بولغان نەرسىڭىزنى تاپالايسىز، بۇ يەردىن تاپالمىسىڭىز نەق قىلماقچى بولغان مەشغۇلاتىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ، شۇ بۇيىچە نىشانلىق ياردەم بېرەيلى.

سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 16:46:15

http://pan.baidu.com/share/link?shareid=403698&uk=504992749

بۇ بۇلسا باغۋەن دەرىسلىكىنىڭ بەيدۇ تور دىسكىسىدىكى ھەمبەرىرلەش ئادىرسى ، چۈشۈرۋېلىڭ .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 20:36:50

بۇلار سىزگە ئەسقاتىدۇ


office2010 ھۆججىتىنى ھەممە office97-2003 مۇ قوللىسۇن


ms office2003 بۇيرۇقىنى 2010 دا كۆرسىتىش يېتەكچىسى


Office بىلىملىرى ...

بەت: [1]
: 2003 ئىشخانا دېتالىدىن ياردەم قىلساڭلار.