shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-3-24 23:14:16

«سەرسان روھ» رومانى ھاسىلاتلىرى

سەرسان روھ


(ئەخەت تۇردى)



غېرىب دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا،


ۋىسال قەدرىنى ئاشىق گادادىن سورا.


ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنە، نە تەم،


بۇنى ئۆز ئېلىدىن جۇدادىن سورا!


                                   ـــ ئابدۇرېھىم
تىلەشۇپ ئۆتكۈر



يۇقىرىدىكى رۇبائىي پىشقەدەم تۈۋرۈك يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى بولغان ئەخەت
تۇردىنىڭ «سەرسان روھ» ناملىق رومانىغا يېزىلغان. مۇشۇ رۇبائىينىڭ ئۈستى قىسمىغا
ئاپتور: «بۇ كىتابنى ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، چەت ئەللەردە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان
بارلىق ۋەتەنداشلىرىمغا بېغىشلايمەن!» دەپ بېغىشلىما يازغان. بۇ روماننى مەن
دەسلەپتە 2002-يىلى يازدا ئوقۇپ تۈگەتكەنىدىم. مانا بۈگۈنكى كۈندە مەيلى ئوقۇش،
ئۆگىنىش، خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ۋەتەن سىرتىدا تۇرۇۋاتقان بارلىق
قېرىنداشلىرىمنىڭ بولسۇن ۋە ياكى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە
جاپالىق بىلىم ئېلىۋاتقان ۋە ياكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە قامغاقتەك يىراقلارغا
تاشلانغان قېرىنداشلىرىمنىڭ بولسۇن ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇشلارغا، كەمسىتىلىشلەرگە
ئۇچرىغان دىللىرىنىڭ بىردەم بولسىمۇ تەسكىن تېپىشى ئۈچۈن ۋەتەنسىزلىك،
سەرگەردانلىق ھاياتنى يورۇتۇپ بەرگەن بىردىنبىر گىگانت ئەسەر ـــ «سەرسان روھ»
تەھلىل-تەسىراتلىرىنى كىچىككىنە سالام سۈپىتىدە يوللايمەن! ھەر جايدا ئامان
بولغايسىلەر!


«سەرسان روھ» رومانى 1995-يىلى ئاپرېلدا يېزىشقا باشلىنىپ، 1998-يىلى
مارتتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان. ھۆرمەتلىك يازغۇچى ئەخەت تۇردى بۇ رومانىنى يېزىش
ئۈچۈن مەككىدىن پاكىستاننىڭ راۋالپىندى دېگەن يېرىگىچە، قەشقەردىن ئۈرۈمچى
ئارىلىقىدا يېزىلغانىكەن. ئەسەر مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە زوردۇن سابىرنىڭ بۇ رومانغا
يېزىلغان باھاسى بېرىلگەن. زوردۇن سابىرنىڭ يېزىشىچە، ئاپتور بۇ تېما ئۈستىدە
ئىزدىنىپ، ئىككى قېتىم چەت ئەللەرگە بېرىپ، نۇرغۇنلىغان «سەرسان روھ» ئىگىلىرى
بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتتە بولغان، ۋەتەننىڭ بىر سىقىم تۇپرىقى تۇتىيا بولغان
ئادەملەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئاخىرقى تىنىقىدا ئانا يۇرتىنى
زىكىر قىلىپ جان ئۈزگەن مۇساپىرلار توغرىسىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلارنى ئاڭلىغان...
شۇڭا بۇ رومان ھەم تۇرمۇش چىنلىقىغا، ھەم بەدىئىي چىنلىققا ئىگە بولغان.


  ئەمىسە
روماننىڭ ئۆزىگە قايتىپ كېلەيلى!  


روماننىڭ
قىسقىچە مەزمۇنى: رومان باش پېرسوناژى ئاقكۆڭۈل تىجارەتچى ئاتىخان ۋە ئۇنىڭ ئون
ئالتە ياشلىق ئوغلى ئەكبەر مىلادىيە 1948-يىلى ئىيۇل ئايلىرىدا ھەج تاۋاپ ئىشقىدا
قەشقەردىن يولغا چىقىپ، سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ جىددە، مەككە شەھەرلىرىگە يېتىپ
بارغۇچە بولغان سەپەر جەريانىدىكى ھەيران قالارلىق ئىشلار، پاجىئەلەر، ۋەھىمىلىك
سەرگۈزەشتىلەر ۋە ئۇ جايغا يېتىپ بارغاندىن كېيىنكى يۇرتىغا قايتالماي ئۇزاق يىل
تارتقان ھەرەجلىرى، جاپالىق كەچۈرمىشلىرى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرى تەسۋىرلەنگەن.
روماندا، يەنە ھېلىمشادەك ئاقكۆڭۈل، پىداكار، ھەققانىيەتچى قىمارۋازمۇ، غوجىموللىدەك
ئاغزىدىن ئىماننى چۈشەرمەيدىغان، رەزىل، ئاچكۆز كىشىمۇ، مۇسا داڭقاندەك مۇساپىرچىلىقتا
ھەمدەرت بولىدىغان ئاجىز كىشىلەرمۇ، ئەبۇلەھەب ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھارىستەك چەتئەللىك
ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرمۇ مۇناسىپ ئورۇن ئالغان.


بۇ رومان
ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسمى ـــ دېڭىزغا تۇتاشقان يوللار،
ئىككىنچى قىسمى ـــ قۇياش سۆيگەن يەر. بىرىنچى قىسمىدا ھەج سەپىرىدىكى جەريانلار،
ئىككىنچى قىسمىدا ھەج قىلىش ۋە ھەجدىن كېيىنكى ئۇزۇن يىللىق مۇساپىرچىلىق، يۇرتىغا
قايتالماي، ئورۇنلىشىپ قالغاندىكى ھايات ۋەقەلىرى سۆزلەنگەن.


روماننىڭ
تەپسىلىي مەزمۇنى:


قەشقەرلىك
ئاقكۆڭۈل تىجارەتچى ئاتىخان مۇسۇلمانچىلىق پەرزىنى ئادا قىلىش ۋە ئاتىسىنىڭ جان
ئۈزۈش ئالدىدا قىلغان ۋەسىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەككە-مۇكەررەمگە ھەج
قىلغىلى بارماقچى بولىدۇ. ئۇ تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ بولۇپ، ئون ئالتە ياشلىق
ئوغلى ئەكبەرنى ئېلىپ، ھەج ئۆمىكى بىلەن كىچىككىنە كارۋان بولۇپ ئۇيۇشۇپ يولغا
چىقىدۇ.


سەپەرگە
ماڭغانلار ئىچىدە، ياۋاش، ئاقكۆڭۈل تىجارەتچى مۇسا داڭقان، ئاچكۆز نەپسانىيەتچى،
ئىمانى سۇس غوجىموللا، قىمارۋازلىقتىن قول ئۈزۈپ، يامان يولدىن قايتىپ، توۋا
قىلغىلى ماڭغان ھېلىمشا، بۇلارغا يول باشلاپ ماڭغان قاسىم تايغان، مۇسا داڭقاننىڭ
ئايالى ئاسىيە خېنىم، ۋە ئوغۇللىرى بىلەن ماڭغان ئۈچ قېرى موماي قاتارلىقلار بار
ئىدى. ئاتىخان ئۆزىنىڭ ئورۇنلۇق گەپلىرى، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى بىلەن
كارۋاندىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، غوجىموللا بولسا، پاكلانغىلى
ماڭغان ھېلىمشانى ئىچى قوتۇرلۇق بىلەن ساقچىلارغا پارا بېرىپ چېگرىدىن
ئۆتكۈزمەيدۇ. بىراق ھېلىمشانىڭ تەلىيى كېلىپ، غوجىموللىنىڭ سۇيىقەستى ئەمەلگە
ئاشمايدۇ. كارۋان يول مېڭىپ، خەتەرلىك چوققىلار بىلەن قاپلانغان مىڭتېكە داۋىنىغا
كەلگەندە، ئۇلار كۆپ ھەرەج تارتىدۇ. دەل شۇ چاغدا، غوجىموللىنىڭ پاكىستانغا ئەپ
ماڭغان «ھەپتىيەك» دەۋالغان ماللىرى قېچىر بىلەن تەڭلا قىيادىن پەسكە غۇلاپ
كېتىدۇ. غوجىموللىنىڭ مىسكىن قىياپىتىگە ئىچى ئاغرىغان ئاقكۆڭۈل ھېلىمشا خەتەرگە
تەۋەككۈل قىلىپ، يۇقىرىغا ئېلىپ     چىقىدۇ.
بىراق، ھاياتىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ سۈزۈپ چىققانلىرى سۇدا ئېرىۋاتقان نەشە
ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھېلىمشا غەزەپلەنگىنىدىن، قىيادىن تاشلىۋېتىدۇ، كارۋاندىكىلەر
غوجىموللىغا نەپرەت ياغدۇرىشىدۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن، غوجىموللا ئاتىخان ۋە
ھېلىمشادىن قىساسىنى ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويىدۇ.


كارۋان
چۆلدە كېتىپ بارغاندا، ئوندەك ئاتلىق قاراقچىلارغا ئۇچرايدۇ. بۇ چاغدا ھېلىمشا
تەدبىر بىلەن قاراقچى باشلىقىنى تۇتقۇن قىلىۋېلىپ، كارۋاندىكىلەرنىڭ جېنى ۋە
مېلىنى ساقلاپ قالىدۇ. بىراق، ھېلىمشاغا بىر قاراقچى ئاتقان پىچاق تېگىپ كېتىدۇ.
ئۇلار كەربالا چۆلى (باغداتنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇق)دە بىر مۇنچە خەلققە ئۇچرايدۇ،
ئۇلار بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، يەم-خەشەكلىرىنى تولۇقلىۋالىدۇ. كېچىسى،
ئەكبەر قاتارلىقلار غەلىتە ئىشقا يولۇقىدۇ، يەنى، بۇ يەردە ياشايدىغان كەرگىللەر
ئۆز ۋاقتىدا كەربالا جېڭىگە قاتنىشىپ، ئىمام ھۈسەيىننى ئۆلتۈرگەن يەتمىش ئادەمنىڭ
ئۇرۇق-ئەۋلادى بولۇپ، ئۇلار بۇ شاھزادىنى ئۆلتۈرىدىغان چاغدا، بۇ زات: «خۇدايىم،
سەنلەر قىيامەتكىچە بىر-بىرىڭلارنى ئىتتەك تالاپ ئۆتۈپ كېتىشەرسەن!» دەپ ئۇلارنى
قارغىۋەتكەنىكەن. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇلار ھەر كېچىسى ئىتتەك قاۋىشىپ، تاتىلىشىپ، بىر-بىرىنى
تونۇماي تالىشىپ چىقىدىكەن، ئەتىسى ھېچنېمە بولمىغاندەك ئۆتۈۋېرىدىكەن. بۇ ئىش
ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كەلگەنىكەن. ئەكبەر شۇ كېچىسى
ئۇخلىيالماي، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ    چىقىدۇ
ۋە قاتتىق ھەيران بولىدۇ.


شۇنداق
قىلىپ، بۇ 29 كىشىلىك ھەج كارۋىنى قەشقەردىن يولغا چىقىپ 97 كۈن بولغاندا،
پاكىستاننىڭ كانجۇت ۋىلايىتىگە يېتىپ كېلىدۇ. ھەم شۇ يەردىن مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن
راۋالپىندىغا يولغا چىقىدۇ. ھېلىمشانىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ ھەتتا ھوشىدىن كېتىدۇ.
يەھيا خوجا قاتارلىق ۋەتەنداشلىرىنىڭ خەيرىخاھلىق قىلىشغا ئېرىشىدۇ. لېكىن،
غوجىموللىنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستى بىلەن ئاتىخان «نەشە ساتقانلىق» جىنايىتى بىلەن
لاھور تۈرمىسىگە ئۈن-تىنسىز سولىنىدۇ. تۈرمىدە شىرمىلەڭ ۋە سىيىتمىلەڭ ئىسىملىك
پاكىستانلىق ئىككى ئاكا-ئۇكىنىڭ خەيرىخاھلىق قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. 23 كۈندىن كېيىن
جۇدالىقتىن ساراڭ بولايلا دەپ قالغان ئاتا-بالا ئاخىر كۆرۈشىدۇ. ئاتىخان ئەكبەرنىڭ
ئېشەكنى سېتىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كېتىدۇ. چۈنكى، ئېشەكنىڭ ئۇچىلىقىدا
ئۇلارنىڭ بارلىق مال-مۈلكى ـــ ئۇلارنىڭ ھەجگە بېرىپ قايتىپ كېتىشىگە يېتىدىغان
خىراجىتىنى ساقلاۋاتاتتى. ئەكبەر بۇنى بىلمەي سېتىۋەتكەنىدى. كېيىن ئاتىخان مىڭ
مۇشەققەتلەر بىلەن ئاقلىنىپ چىقىدۇ. ئەمما، ھېلىمشا كېسەلدىن ھالسىزلىنىپ جان
ئۈزىدۇ. ھېلىمشا قىزى ئۈچۈن ۋەسىيەت قالدۇرغان 20 تىللا ئاتىخان بىلەن ئەكبەرگە
خېلى يار-يۆلەك بولىدۇ.


كارۋان
ئاخىرى كاراچىدا تۇرۇپ قالىدۇ. كارۋاندىكىلەر قول ھۈنىرىگە تايىنىپ كىرىم قىلغاچ
تۇرىدۇ. ئەكبەر قۇيماق سېتىپ يۈرۈپ يەمەنلىك مۆتىۋەر سەئىد تاھا ئىسىملىك مۇددەرس
بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ھەم ئوقۇش ئارزۇسىغا يېتىدۇ. ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىشلار
گىرەلىشىپ كەتكەندەك، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەسىرۇھ ئىسىملىك بىر ئەرەب ئۆز ئېلى
يىراقتا قالغان ھاجەتمەن تاۋاپچىلارنى ئالداپ بىر مۇنچە پۇلىنى ئېلىۋېلىپ، ئەرزان،
ناچار ياتاقلىق پاراخوت بېلىتى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار جىددەگە يېتىپ كېلىدۇ. ھەم
سەرف يېزىسى ئارقىلىق مەككىگە كىرىپ ئاخىرى مۇرادىغا يېتىشىپ بەيتۇلمۇقەددەسنى
تاۋاپ قىلىشىدۇ.


ھەج قىلىش
ئاخىرلىشىپ، قايتىشنىڭ يولىنى قىلىۋاتقاندا، شۇم خەۋەر ئاڭلىشىدۇ. شىنجاڭنىڭ يولى
تۇسۇلۇپتىمىش، ئازادلىق ئارمىيە دەيدىغان ئادەملەر كېلىپ ھۆكۈمرانلىق
قىلىۋېتىپتىمىش. بۇ خەۋەرگە ئۇلىشىپ،«چەتئەلگە چىققانلارنى سوتلايدىكەن،» دېگەندەك
يالغان-ياۋىداق خەۋەرلەرمۇ يېتىپ كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەككىدىكى ئاتۇش
راباتتا تۇرۇپ قالىدۇ. كېيىن ئاتىخان بىلەن ئەكبەر بۇ يەرگە پاتماي، ماكانسىز،
ئاچ-زېرىنلىق ھاياتقا قەدەم قويىدۇ. ئۇلار ھەرەمدىنمۇ قوغلىنىدۇ. ئاسماننى
يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ، بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزىدۇ. ئاخىرى، بەگتۆمۈر
ئىسىملىك قاغىلىقتىن كەلگەن ھۈنەرۋەن مۇساپىر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ ئىلتىپاتى
بىلەن قونالغۇغا ئىگە بولىدۇ. ئاتىخان سەتىراشلىق ھۈنىرى بىلەن تۇرمۇشىنى
قامدايدۇ. شۇ جەرياندا ئەبۇلەھەب بىلەن تونۇشۇپ دوست بولۇپ قالىدۇ. ئەكبەرمۇ
ئەبۇلەھەبنىڭ ئوغلى ھارىس بىلەن تونۇشۇپ داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇسىغا يېتىدۇ. ئاتىخان
پاسار ھاجىم دېگەن كىشىنىڭ قايتا-قايتا دەۋىتى بىلەن ئەرەب چوكانغا ئۆيلىنىدۇ. ھەم
سادات (ئاتىخان دەسلەپتە ھېلىمشا دەپ ئات قويغانىدى) ئىسىملىك بىر بالىلىقمۇ
بولىدۇ. ئاتىخاننىڭ ئەرەب ئايالى سۇھەيبە بىر قېتىملىق يىلان ۋەقەسىدىن كېيىن،
ئۆيىگە ـــ مىسىرغا كېتىدۇ. ئاتىخانمۇ ئامالسىز كەينىدىن بارىدۇ. قېيىنئاتىسى
ئاتىخاننى شۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشقا ئۈندەيدۇ. ئاتىخان مىسىردا ئون يىل تۇرۇپ
قالىدۇ. كېيىن، ئاتىخان ئەكبەرگە تارتىشىپ قايتىپ كېلىدۇ.


ئەكبەر
ئوقۇشىنى توختىتىپ، جىددەدە مىلىچماللار
دۇكىنى ئاچىدۇ. كېيىن ھارىسنىڭ تەكلىپى بىلەن چاربازارچىلىق قىلىپ، يۇرتمۇ يۇرت
كېزىپ مال ساتىدۇ. شۇ جەرياندا «ئەساكىر ئۆتىڭى»دىكى ئىبنى ئەساكىر ئىسىملىك بوۋاي
بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئۇ شۇ جايدا ھەبزە ئىسىملىك ساھىپجامال ئەرەب قىزىنى ياخشى
كۆرۈپ قالىدۇ. ھەم نەچچە قېتىم ئۇچرىشىشقا چىقىدۇ. بىراق، ھەبزەنىڭ ئاكىسى ھەبزەنى
باشقا بىرىگە ياتلىق قىلماقچى بولىدۇ. ھەبزە بىلەن ئەكبەر بۇلاق بويىغا ئۇچرىشىشقا
چىققاندا، يامان  نىيەتلەر تەرىپىدىن پاش
بولۇپ قېلىپ، تاشبوران قىلىنىدۇ. باش-كۆزى يارىلانغان ئەكبەر يېرىم جان ھالەتتە
بوۋاي تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنىدۇ. كېيىن ھەبزە توي قىلىپ كېتىدۇ. ئەكبەر بارا-بارا
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەبزىنى ئۇنتۇشقا باشلايدۇ. لېكىن، يۇرتىغا بولغان
سېغىنىشنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.


ئۇلار
ئەكبەرنىڭ يېزىشى ئارقىلىق بىر پارچە ئەرزنامە يېزىپ سەئۇدى پادىشاھى فايسالغا
سۇنىدۇ. ھىممەتلىك پادىشاھ ئۇلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئەركىنلىك
بېرىپ، نورمال سودا قىلىشىغا كاپالەت بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەكبەر «شىركىتى
سالام» دېگەن بىر شىركەتنى قۇرىدۇ. غوجىموللا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ئەكبەردىن
پاناھلىق تىلەيدۇ ھەم ۋازېلىن سودىسىغا قىزىقتۇرىدۇ. ھەم سودىدا چاتاق چىقىرىپ،
ئاران قۇرۇلغان شىركەتكە چوڭ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئەكبەر ئۇنى ئەيىبلەپلا بولدى
قىلىدۇ. ئەكبەر گۈلبەھرەم ئىسىملىك بىر قىز بىلەن توي قىلىدۇ ۋە ئىككى قىز بىر
ئوغۇللۇق بولۇپ، پەرزەنتلىرىنى ئەرەب مەكتەپلىرىگە بېرىپ، ئۆيىدە ئانا تىلىدا
ئوقۇش-يېزىشنى ئۆگىتىدۇ.


ئاتىخان
مىسىردىن قايتىپ كېلىپ، قەشقەرگە قايتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ. ئەكبەر شىركىتى،
ئۆي-ۋاقىغا تارتىشىپ، دادىسى بىلەن ماڭالماي كېيىنچە قايتماقچى بولۇپ، دادىسىنى
يولغا سالىدۇ. ئاتىخان ئافغانىستاندىن بەدەخشان يولى ئارقىلىق قايتىپ كەتمەكچى
بولىدۇ. لېكىن، ئۇ قانۇنسىز يول ئارقىلىق كىرىدىغان بولغاچقا، ئافغانىستان چېگرا
ساقچىخانىسى تەرىپىدىن سولىنىدۇ، ھەم شۇ يەردىن قايرتىپ كېلىدۇ. لېكىن، ئاز كۈن
ئۆتمەي، ئاتىخان ۋەتەن ئىشقىدا ئارمان بىلەن كۆز يۇمىدۇ.


مىلادىيە
1975-يىلى ئەكبەرنىڭ گۈللەپ-راۋاجلىنىۋاتقان شىركىتى غوجىموللىنىڭ قارا نىيىتى
بىلەن ئېغىر چىقىم تارتىدۇ. يەنى، غوجىموللا پۇلغا خىيانەت قىلىپ، گېرمانىيە
مىيۇنخىندىن سېتىۋالغان ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر ساختا چىقىپ، پارتلاپ كېتىدۇ ۋە
غوجىموللىمۇ پارتلاپ، ئۆلىدۇ. بۇ چىقىملار ئەكبەرگە ھەقىقەتەن ئېغىر كېلىدۇ. دوستى
ھارىسنىڭ ياردىمى بىلەن قەرزلەرنى قايتۇرۇپ، شىركەتنى ئىزىغا سېلىۋالىدۇ.


مىلادىيە
1980-يىلى ئەكبەر ھارىسنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن كانتوندىكى (گۇاڭدۇڭ) بىر قېتىملىق
يەرمەنكىگە قاتنىشىش پۇرسىتىدە نۇرغۇن تۈگىمەس رەسمىيەتلەرنى بېسىپ، كانتوندىن
قەشقەرگە قايتىپ، ئاخىرى ئۆيىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ.


ئون ئالتە
يېشىدا ئاتىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن ئەكبەر 32 يىل ئۆتۈپ، 48 ياشلىق قىران مەزگىلگە
قەدەم قويغاندا، ئۆز ۋەتىنىگە، كېچە-كۈندۈز ۋەسلىگە زار بولغان يۇرتىغا قايتىپ
كېلىدۇ. ئەكبەر زور ھاياجان بىلەن ئۆيىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ماڭىدۇ، رومان
ئاخىرلىشىدۇ.



بۇ روماننىڭ
بەدىئىيلىكى كۈچلۈك بولۇپ، رومان پېرسوناژلىرىغا ئەگىشىپ گاھىدا يىغلىساق، گاھىدا
كۈلۈمسىرەپ كېتىمىز. نۇرغۇن بىلىملەر، نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىلەن تولغان بۇ كىتابنى
ئوقۇپ چىقسىڭىز، شەكسىزكى، بىر قېتىملىق ئۇزۇن سەپەرگە چىققاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ
قالىسىز.


ئاخىرىدا،
مۇشۇنداق بىر ئېسىل، نادىر ئەسەرنى ھوزۇرلىنىشىمىزغا، ئويلىنىشىمىزغا، ۋەتەننىڭ
قەدرىنى ھېس قىلىشىمىزغا سۇنغان ھۆرمەتلىك يازغۇچىنىڭ ئەزىز تېنىنىڭ سالامەت،
قەلىمىنىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇشنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەپ، يازمامنى
ئاخىرلاشتۇراي!




ئەسكەرتىش:


  بۇ يازما پەقەت ئىزدىنىش مۇنبىرىگە خاس. ھېچقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ ئەكىتىشكە بولمايدۇ!



arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-3-26 19:42:53

قۇسۇر ئىزلەپتۇ دەپ رەنجىپ قالماڭ. جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن قارىغاندا بۇ ھەج ئۆمىكى ئىراققا بېرىپ يەنە ئايلىنىپ پاكىستانغا كەلگەندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. ئەسلى ئەسەرنى ئوقۇپ باقمىغاچقا تەسىرات ماقالىسىگە قارتا شۇنداق ئويغا كېلىپ قالدىم.

بۇ تەسىرات ماقالىسى ياخشى يېزىلىپتۇ. روماننىڭ ئۆزىنى ئوقۇغاندەك بولدۇم. رەھمەت.

farwana يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 07:26:31

ماڭا يارىمىغان رومانلارنىڭ بىرى بۇ ، يەنە بىرسى ئاي يامغۇرى ، يەنە بىرسى ئابدۇراھمان قاھارنىڭ ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى دېگەن رومانى . مەزمۇنى پۈچۈك ، قۇرۇق ئەقلىيە سۆزلەر جىق .
بەت: [1]
: «سەرسان روھ» رومانى ھاسىلاتلىرى