شاراپ ئىچكەن ئۇيغۇر قىزى ناخشا [ناخشا-مۇزىكا]
ياخشى ئېيتىلغان ناخشىلار ئىكەن ، ئاڭلىغاچ ئوتتۇرايلى ھە ،بىكا ئوتتاغىچە.
شاراپ ئىچكەن ئۇيغۇر قىزى
ئۇغۇل بالا شۇنداق ياشىسۇن.
رەڭلىك سوروندا ھاراقنى گىرەلەشتۈرۈپ چىلاشقۇچە ئىچىپ دۇتتارنى قاباھەتلىك چىلىپ « مەي ئىچكەن ئۇيغۇر قىزى» دەپ مۇدھىش ناخشىنى قەبىھ ئىيتىش كېرەك زادى .
كاللىسىغا باشقا ئىجادىيەت كەلمەمدۇ دەيمەندە مۇشۇ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەرنىڭ .
جىكسون « پىجۇ ئىچكەن نىگىر جۇۋىنى » ، يانى « كوۋاس ئىچكەن گىرىك چوكىنى » ...دېگەندەك بۈيۈك تىمىلاردا ئەسەر ئىشلىگەن بولغۇيمىتى . ماۋۇ كۆرۈنۈشلەرنى ھەرقانچە قىلساممۇ مېنىڭكىدە قويغىلى ئۇنىمىدى.
ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزنىڭ كۈچىمىز مۇشۇ بىچارە ئۇيغۇر قىزلىرىغىلا يېتەمدا؟
مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن قايسى بىر كونكىرىت ئىش ھەل بولىدۇ؟
ئۇلارنىڭ ئەشۇنداق بولۇپ كېتىشىدە ھەرقايسىڭلارنىڭ «تۆھپىسى» يوقما؟
ئەجىبا ئۇيغۇر قىزلىرى تاشقى پىلانىتتىن كەلگەنما؟ شۇنچىلىك پەرىقلىق باھاغا قالىدىغان؟ نېمە ئۈچۈن ئىجدىمائىيەت ۋە جەمئىيەت نۇقتىسىدىن لىللا پىكىر قىلماي، «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقىمىغا» دېگەندەك ئەلىمىمىزنى قىزلاردىن ئالىمىز؟
ياشلىقىڭلاردا سەۋىرچانلىق بىلەن قىز دوسىتىنى ئەخلاققا يېتەكلەشنىڭ ئورنىغا ئۇلار تېخى ئاق قارىنى ئايرىغۇدەك ئەقلى يېتىلمىگەن ۋاقتىدا، قىلغۇلۇقنى قىلىپ تاشلىۋىتىپ ئۇلارنى شۇنداق چۈشكۈنلۈككە مەھكۇم قىلغان يىگىت؛
بىردەملىك «قىزلىق پەيزى» ئۈچۈن دىبالاردا قىزلارنىڭ ئىچىملىكلىرىگە دورا قۇيۇپ يۈرگەن ھەتتا ئۆز ئاغىنىسىنىڭ قىز دوستىغا چاڭ سالغان «پېچەت» يىگىت؛
خوتونىنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن تالاق قىلىۋىتىپ، قىزلىرىنى يالغۇز ئانىنىڭ ھەرنېمە قىلىپ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ قويغان «ئېنساپلىق» ئەر؛
«ئەركەكلىك»كى تۇتۇپ كېتىپ ئىككى ياكى كۆپ خوتون ئېلىۋالغان ئەر؛
بالىسىغا قۇچاقتىكى ۋاقتىدىن باشلاپ يالغانچىلىقنى ئۆگىتىپ، بالىسى ماڭغۇدەك بولغاندا، قىزىنى «يۇمۇلاپ، دۇمۇلاپ چوڭ بولىدۇ» غا تاشلىۋىتىپ، كوچا دوقمۇشىدا بېكار ئولتۇرۇپ ياكى ئۆيمۇ-ئۆي دوقۇراپ غەيۋەت قىلىپ ۋاقتىنى ئىچ-پۇشىقى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئانا؛
ئېرى بار تۇرۇپ ئاشنا ئوينايدىغان ئانا؛
ئەگەر مۇشۇ قىزلىرىمىز كۆزلىرىڭلارغا سىغمىسا، ئەشۇ قىزلىرىمىزنىڭ شۇنداق بولۇپ كېتىشىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەمەلىيەتلەرنى سەرگۈزەشتە قىلغان ھەرقانداق بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بار.
ئەمەليەتتە ئەشۇلارنى ئالاھىدە ئەيىبلىيەلىشىمىزدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلىقىنى سۆزسىز ئېتراپ قىلىشىدىن باشقا يەنە نېمە ئاساسىمىز ياكى سالاھېيىتىمىز بار؟
ئۇيغۇر قىزلىرى ھېچبولمىسا 99 پىرسەنتى توي قىلىشتا ئۇيغۇر يىگىتىنى تاللايدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزى باشقا مىللەت قىزلىرىدا كام تېپىلىدىغان ئېنساپ ۋە مەسئۇلىيەت. شۇڭا بارىنى قەدىرلەيلى، كەمچىللىكى بولسا كۆيۈنۈپ، ياردەم قىلىپ تۈزىتەيلى.
ئەگەر ئۇلار پەقەتلا كۆزىمىزگە سىغمىسا ۋە شۇنچىلىك بىڭسىمىز بار دەپ قارىساق، باشقا مىللەت قىزلىرىنىڭ ئېتىقادلىق، چىرايلىق ۋە ئەقىللىقلىرىدىن چېكىپ تۇرۇپ ئالايلى. لېكىن ئۆز قىزلىرىمىزنى سازايى قىلمايلى.
دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ ئويلىشىشقا تېگىشلىك مەسىلىمىز:
ھازىر ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتنىڭ تۈزۈكرەل قىزلىرى ئۇيغۇرغا تېگىشنى خالامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئېنىق.
نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟
بۇ بىزنىڭ قانداق ئەمەلىيەتلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
شۇڭا نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
ئاۋال مۇشۇنى بىر ئويلىنىپ باقساق بولمامدۇ؟
http://v.youku.com/v_show/id_XNTMwNzQ4OTY0.html
ئىككىنجى ناخشا
http://v.youku.com/v_show/id_XNTMwNzQ0NTk2.html
پېچەت ناخشىلارتى ئۇ ، بۇلدىغان ناخشىلاركەن.
3- قەۋەتتىكى Dana0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىككىنچى ناخشا ماڭا بەك ياقتى http://v.youku.com/v_show/id_XNTk3OTYyODU2.html