ۋاكالەتچى تور بەتلەردىن پايدىلىنىش ھەققىدە
ۋاكالەتچى تور بەت، ۋاكالەتچى مۇلازىمىتردىن پايدىلىنىپ تور بەتلەرگە چىقىش بىخەتەرمۇ؟ بىر نەرسە چۈشۈرۈشچۇ؟ بۇ ھەقتە ياخشىراق ئامال-چارە ۋە تېخنىكلارنى تونۇشتۇرساڭلار؟ .....................................................جوڭگۇ ئىچىدىلا بولسىڭىز دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە سۈركىشىدىغان زىيارەتنى قىلمىغىنىڭىز تۈزۈك.
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىخەتەر ئەمەس، ئۇنداق قىمماڭ ئوبدان VPN تاپالسىڭىز ئىشلىتڭ . ئىشلىتشڭىزگە باغلىق. ئوبدان نەرسە سىزنىڭ تېخنىكىڭىزغا باغلىق بىلىدىغانلار بىرەر بىكەتنى تەۋسىيە قىلساڭلار... شۇ يەردىن ئاتلايلى. ئەڭ ياخشىسى ئاشكارلىماڭلار. ئىزدىنىشتە ئاشكارىلانغان ۋاكالەتچى تور بىكەتلەر نەچچە كۈنگە قالمايلا توختاپ قالىدۇ. يەنە بىرى بەيدۇغا «دەيلى ۋاڭ يې» دەپ يازساڭلار ساماندەك تېپىپ بىرىدۇ. شۇ يەردىن ئىشلىتىڭلار. ئەڭ نوچىسى ئەركىنلىك ئىشىكى دەپ ئاڭلىغان.
ئۇنى پەقەت تاپالمىدىم. شۇ گەپنىڭ ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچىسنى گوگىلغا كىرگۈزۈپ بولغۇچە چەكلىۋېتىدۇ {:92:} دوڭتەيۋاڭ بېلىقلار نەلەرگە كەتكەندۇ دەپ ساقلاپ ئولتۇرغان گەپما ؟

{:136:} ئەڭ ياخشىسى تامغا ياماشمىغان تۈزۈككەن ، تامغا يامىشىپ يۈرۈپ ئاۋارچىلىققا قالغان ئوقۇغۇچى بالىلار بەك جىق ، تامدىن يىقىلسا بوش يىقىلمايدۇ جۇمۇ ,ئاتلاش دىتاللىرىمۇ تۈزۈك ئىشلىمەيدۇ ،بىر ئىككى كۈن ئىشلەپلا ئۈنىمدىن قالىدۇ ،بەك ئاۋارچىلىق ئۆيىڭىزنىڭ شەخسى تورىنى ئىشلىتىپ ھەرگىزمۇ ئاتلىماڭ ...تور ساقچىلىرىنى بىردەمدىلا ئۆيىڭىزگە كىلىپ بولىدۇ ، بىشىمدىن ئۆتكەن ئىش بۇ ...
تورخانىلاردا چىقسىڭىز بولىدۇ ، لىكىن تورخانىدا چىقتىم دەپ قانۇنسىز دەۋلەتنىڭ سىياسىتىگە زىت ئىش قىلىپ قويسىڭىز يەنىلا بىرەمدە تىپىۋالىدۇ ، تورخانىلاردا ئاتلاپ مۇۋاپپىق توغرا پايدىلانسىڭىز بولىۋىرىدىكەن ... ھازىر ھەممە جاينىڭ تور بىخەتەرلىكى ئەترىتى بار (ج خ ئىدارىسىنىڭ)، شۇلار ئەتىسى ياكى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە سىزنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلىدۇ. دۆلىتىمىزدە ھەقىقى دىمكراتىيە ئەمەلگە ئاشقاندا، جۇڭگو چۈشى ئەمەلگە ئاشقاندا، ئاساسى قانۇن ئىجرا بولىدىغان بولغاندا ئاندىن ئاتلاپ يۈرمەيمۇ ھەرقانداق توربېكەتنى كۆرگىلى بولىدىغان بولىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئۆمۈدۋار بولايلى باللا، يولداش شى جىنپىڭدا ئۆمۈد زور.
13- قەۋەتتىكى omar14نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
لىكىن تورخانىدا چىقتىم دەپ قانۇنسىز دەۋلەتنىڭ سىياسىتىگە زىت ئىش قىلىپ قويسىڭىز يەنىلا بىرەمدە تىپىۋالىدۇ ، تورخانىلاردا ئاتلاپ مۇۋاپپىق توغرا پايدىلانسىڭىز بولىۋىرىدىكەن ...
قانۇنسىز دەۋلەتنىڭ

ھۆكىمەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە «ئاتلىغانلار» نى تۇتۇشنى رەسمى نىيەت قىلىپ شۇنداق بىر قورالنى ياساپ تارقاتسا....
ھەممەيلەن ئۆزىچە «ياخشى قورالكەن..» دەپ ماختاپ ئىشلەتسەك، ئارقىدىنلا ئورنىمىزنى ئېنىق مەلۇم قىلىپ بەرسە.......
جىنىم تۇققانلىرىم، كاللاڭلارنى ئىشلىتىڭللار، ھۆكىمەت تۇتالمايدۇ ئەمەس، تاپالمايدۇ ئەمەس، تازا تاپىدۇ، ھەم تۇتىدۇ.... (تور ھققى تۈگىسە توختايدۇيۇ.....)
ئەنچۈەنتىڭنىڭ كارى بولمىغىنى، (يەنى سىز ئاتلىسىڭىزمۇ كىلىپ سىزنى تۇتمىغىنى...) بىر بولسا سىزنى كۈزتىۋاتقىنى، يەنە بىر بولسا «بىر قانچە كۈن كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۋالسۇن...» دەپ مىھرى-شەپقەت قىلغىنى....
خاتىرجەم بولۇڭ، ئەنچۈەنتىڭ دىگەن جەنۇپنىڭ يالاقچى (ئارپەي) لىرىگە ئوخشاش بىكاردىن-بىكار ئادەم تۇتمايدۇ، تۇتۇشقا توغرا كەلسىمۇ نەچچە يىل كۈزىتىپ ئىسپات توپلاپ شۇنداق بىر تۇتۇدۇكى..... قىلغانلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىزمۇ ئۇلار سىزگە تەپسىلى ۋاقتى ۋە ئورنى بىلەن دەپ بېردۇ..... پەقەت ئىتراپ قىلىپ «راس» دپ بەرمەي ئامالىڭىز يوق! پۇل تۆلەپ قۇتۇلغىلى بولامدۇ-يوق؟ بۇنى بىلمەيمەن..... ئەمما تاياق-توقماقنى تازا يەيدىغان گەپ!

فەيسبۇكتا قىلىدىغان نورمال ئالاقە، تايمىسنىڭ راس-يالغان خەۋەرلىرىنى كۆرۈش، يۇتىيۇبتىن ھەرخىل mvلەرنى كۆرۈش... دېگەندەك ئىشلارمۇ بارتى. شەخسەن مەن چەتئەلنىڭ بىر قىسىم كارخانىلىرى ئىشلەتكەن ئىجادىي ئېلانلارنى بەك كۆرەتتىم. شۇمۇ يوق بولدى


بەت:
[1]
2