elqut_cn يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 21:58:10

ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى 2013- يىللىق جەڭگە تەييارلىق قىلماقتا

ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى 2013- يىللىق جەڭگە تەييارلىق قىلماقتا


ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەزىز قېرىنداشلار ! پەقىر ئەلقۇتتىن كۆپچىلىككە ئوتلۇق سالام!

ئىككى يىلدىن بېرى غۇلجا شەھرىنىڭ ئۆسمۈرلەر كاماندىلىرىدىن بولغان << ئايخانا ئانا>> كاماندىسى، ۋە << غۇلجا شەھەر 12- باشلانغۈچ پۇتبول كاماندىسى>> ئەزىمەتلىرىنىڭ ئۇدا ئىككى يىل ئارقا- ئارقىدىن شەندوڭ لۇنىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن  <<لۇنىڭ>> لوڭقىسىنى تالىشىش مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر تەكلىپلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۇدا ئىككى يىل قوش چىنپىيون بولغانلىق خەۋىرىنى ئىز قوغلاپ بەرگەن ئىدۇق. شۇنداقلا ئۇ يەردە 10 نەپەر پۇتبول ئەزىمىتىنىڭ تەربىيىلىنىۋاتقانلىقىدىن  خەۋەردار قىلغان ئىدۇق. بۇ يىل ،بۇ ئەزىمەتلەرگە قەشقەردىن يەنە 4 نەپەر ئەزىمەت قوشۇلۇپ،شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە تەربىيىلىنىۋاتقان ئانا يۈرت ئەزىمەتلىرىنىڭ سانى 14 نەپەرگە يەتتى. ( بۇلارنىڭ تەپسىلىتانى ئايرىم تېما قىلىپ يوللايمىز)  



بۇلتۇرقى مۇناسىۋەتلىك فىلىملەرنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ :

http://i.youku.com/u/UNjU2NjkzNTY=/videos



بۇ يىل غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ ئەزىمەتلىرى يەنە 2013 - يىلدىكى مۇسابىقىغە جىددى تەييارلىق قىلماقتا. ھازىر كاماندىدا 7 ياشلىقتىن 12 ياشلىققىچە بولغان بالىلاردىن 50 كە يېقىن پۇتبول ئەزىمەتلىرى ئىزچىل، مۇنتىزىم تەربىيىلىنىپ مەشىق قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار كۈزنىڭ ئاچچىق شاماللىرىدىمۇ، قىشنىڭ  جانغا نەشتەردەك سانجىلىدىغان قەھرىتان سوغۇقلىرىدىمۇ، غۇلجىنىڭ بۇ يىل ياققان قېلىن ، قېلىن قارلىرىدىمۇ مەردانىلىق بىلەن مەشىقنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلارنىڭ پۇتبولغا بولغان مۇھەببىتى، ئىشتىياقى ،قەھرىتان قىشتىمۇ قەلبىنى ئىللىق باھاردەك ئىللىتىپ تۇردى. ئاتا - ئانىسىنىڭ ئارزۇسى، خەلقى، مىلتىنىڭ ئۈمىدنى ئاقلاش ئىرادىسى ئۇلارغا كۈچلۈك ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلىماقتا ئىدى. ئادەتتىكىچە مەشىق مەيدانى، ئاددى مەشىق ئۈسكىنىلىرى،كۆز قارچۈغۈدەك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان پۇتبول توپلىرى،يېزا تۇرمۇشى ۋە دىھقانلارغا خاس ئاددى - ساددا تۈرمۈش، ئادەتتىكى << ئەنئەنىۋى>> ئوزۇقلىنىش بويىچە بەدەنگە << قۇۋۋەت>> توپلاۋاتقان بۇ ئوغلانلار ئاددىلىقتىن ئۇنىڭدىنمۇ ئاددى بولغىلى بولمايدىغان مەشىق شائارئىتى ئاستىدا،  ئۆزلىرنىڭ ئەجداتلىرىغا خاس جەسۈرانە قەيسەرلىگى، ئۈمىدۋارلىقى،باتۈرلىقى بىلەن ، تەلەپچان، قاتتىق قول ئەمما كۆيۈمجان، ئىزچىل، بارلىقىنى شىجاڭ پۇتبولچىلىغىغا بېغىشلىغان قۇربانتاي ۋە ئەيساجان ... قاتارلىق ئۇستازلىرىنىڭ ئىلمىي، سېستىمىلىق، تېخنىكىلىق تەربىيىلىشى ئاستىدا جاپالىق مەشىق قىلىپ ئۆزلىرىنى تاۋلىماقتا. ئۇلار ئاچچىق شاماللىق كۈزنى، قەھرى بىلەن پۈتۈن ئالەمنى توڭلاتقان قەھرىتان قىشنى ئۇزىتىپ قويۇپ، ئاخىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن باھارنى كۈتىۋالدى. ئەمدى ئۇلارنى يازنىڭ پىژغىرىم تومۇز ئىسىقى،قۇياشنىڭ بەدەننى كۆيدۈرۈپ، كۆمۇردەك قاردىتىۋىتىشى،چىپىلداپ تەرلەش، چاكىلداپ ئۇسساشلار ... كۈتۈپ تۈرىۋاتىدۇ.

كۆز ئالدىمغا بۇلتۇرقى قىيىنچىلىققا تولغان، جاپالىق مۇسابىقە تەييارلىق خىزمەتلىرى ،ھېلىقى نەچچە سوتكىلىك جاپالىق پويىز سەپىرى كېنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.

ئەنە ھەر ياققا قاتراپ، چېپىپ مۇسابىقىغە بېرىپ كېلىش چىقىمىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چېپىۋاتقان تېرنىر يېتەكچىلەر، نەچچە يەرلەرگە بېرىپ ھەرخىل دۇق پاراڭلارنى ئاڭلاپ ساغىرىپ قايتىشلار...  كىشىنى كۆڭلىنى سۆيۈندۈرىدىغان، بىزنىڭ سەپىرىمىزنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىغان غۇلجا شەھەر << ئەمىن ئۆي مۇلۈك شېركىتى>> دىكى ئابدۇۋەلى ھاجىم، سەپەر جەريانىدا ئۇرۇمچىگىچە بالىلارنى ئۇزتىپ بارغان ۋە ئۇرۇمچىگىچە بېرىپ كۈتىۋالغان، بالىلارنى تاماققا ئورۇنلاشتۇرغان  ئابلىمىت <<كۆك قوشقار>> ئاكا ( ئاللا ئۇلارنىڭ تىجارەتلىرىگە بەرىكەت بەرگەي )، پويىز دا قاتتىق ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ نەچچە سوتكا يولنى باسقان ، تەييار چۆپ بىلەن قوساق تولدۇرۇپ ماڭغان،بىچارە ئانا يۇرۇت ئەزىمەتلىرى، سەبى پەرزەنتلىرىمىز. مۇشۇ بالىلارنى ئازراق بولسىمۇ ئازادە ئورۇنغا ئېرىشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ساق سالامەت بېرىپ كېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا قارانچۈق بولۇپ، نەچچە سوتكا يولنى ئوخلىماي ئۆرە تۈرۈپ ماڭغان ئاتا _ ئانا ۋەكىللىرى ۋە تېرنىرلار...  بۇ ۋەقەلەرنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۈر قىلالمىغان بولاتتىم.

كۈرەش تېخى ئاخىرلاشمىدى. ئۇ ئەمدىلا باشلاندى. ھەر قانداق جاپا مۇشەققەت، ھەرقاناداق قىيىن شارائىت بۇ ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ قالالمايدۇ، ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدۇ،ئۇلارغا خەلقىنىڭ، ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسى زور كۈچ قۇۋەت، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا مەرىپەت سۆيەر، كېچە -كۈندۈز خەلقىنىڭ غېمىنى يەيدىغان مەرىپەتچى كارخانىچىلىرى ۋە 10 نەچچە مىليون خەلقى بار. ئۇلارنىڭ قەلبىدە بولسا پۇتبولغا بولغان يۇكسەك ئىشتىياق، جوڭگو پۇتبولچىلىغى، جۈملىدىن شىنجاڭ پۇتبولچىلىغىنى پۇتكۈل خەلقاراغا تونۇشتەك يۇكسەك ئارزۇ - ئۈمىدى چولپاندەك چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇلار كەلگۈسىدە دۇنا پۇتبولچىلىغى ئاسمىنىدىكى چولپان يۇلتۇز بولۇپ چاقنايدۇ.

مانا مۇشۇنداق جاپالىق مەشىق، مۇستەھكەم ئىرادە ئۇلارنى شانلىق غەلبىلەرگە ئېرىشتۇردى. ئۇلارنىڭ ئاكىلىرى ئۇدا ئىككى يىل <<قوش ئۈزغۈن>> بولدى. شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ مەكتەپنى << ئىقتىساسلىقلارنى يېتىلدۇرۇش بازىسى>> قىلىپ بېكىتتى. شەندوڭدا لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە تەربىيىلىنىۋاتقان ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى 14 نەپەرگە يېتىپ، ئۆتكۈر، مىرەخمەتلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭدى.

بۇ يىلقى مۇسابىقە يىللاردىكىدىن تېخىمۇ جاپالىق ۋە مۈشكۈل. ھازىر شەندوڭدا بىزگە قارشى ئوينايدىغان، بىزدىن تاللاپ ئېلىپ قېلىپ كەينى بىر يىل، ئالدى 2 يىل مۇنتىزىم ،سېستىمىلىق تەربىيىلەنگەن 14 نەپەر ئوغلانىمىز بار. يىللاردا ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ھەر قايسى كۇلۇپ پۇتبول مەكتەپلىرى يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرىگە ئۇتتۇرۇپ كەلدى ۋە ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ كەڭ زىيارەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.نەتىجىدە بۇ يىل چوقۇم ئۇلارمۇ ئەتراپلىق تەييارلىق بىلەن كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇلار ئەڭ ياخشى شارائىت، ئاڭ ياخشى ئوزۇقلىنىش، ئەڭ ياخشى پۇتبول قوراللىرى ۋە كىيىم كېچەكلىرى بىلەن قوراللانغان. بىزنىڭ بالىلىرىمىز يەنىلا ئاددى يەر مەيداندا ،ئاددى شارائىت ۋە ئاددى پۈتبول چوقىيى بىلەن مەشىق قىلىپ ، <<سېسىق چوقاي بىلەن بوتىسقا جەڭ ئېلان قىلماقتا>> . ئوغلانلار! ئەزىمەتلەر غەيرەت قىلىڭلار! سىلەر ئۆز ھەيۋەڭلار بىلەن رەقىپ كاماندىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۆز جاسارىتىڭلار، ئىتىپاقلىقلىغىڭلار، ماسلىشىشچانلىقىڭلار،تېخنىكاڭلار،باتۇرلىقىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ ھەيرەتتا قالدۇرۇپ ئۇزغۇنلۇقنى قولغا ئېلىڭلار، ھۇررا !ۈ ھۇررا ! ھۇررا!

ئەلقۇت مەرىپەت تورىدىن  ئەلقۇت يازمىسى .

تۆۋەندىكىلەر بۇ ئەزىمەتلەرنىڭ مەشىق ئەھۋالىدىكى كۆرۈنۈشلەر:























  



















  









































  










matros5 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-24 00:05:29

بارىكاللا ئەزمەتلەر .......... تىرىشىڭلار ...............

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-24 00:12:58

ئىمكانىيىتى بولغانلار ما بالىلىرىمىزنىڭ پىشانسىگە سۈيۈپ قويمىساڭلار خاپا بولىمەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-24 00:19:54

بۇلتۇر ۋارتاردا تۇرغان بالا يېرىم سائەتكىچە بىرەر قىتىم توپ تۇتۇش پۇرسىتى بولماي بەك ئىچى پۇشۇپتىكەن...بۇ يىلمۇ چىمپىيون بولۇپ كەتسە بەك ياخشى بولاتتى. لۇنىڭدا تەربىيلىنىۋاتقان بالىلار لۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشسە بىزنىڭ بالىلار بىلەن مۇسابىقىلىشىپ قالامدۇ نىمە.

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-3-24 08:40:52

2- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىمكانىيىتى بولغانلار ما بالىلىرىمىزنىڭ پىشانسىگە سۈيۈپ قويمىساڭلار خاپا بولىمەن.

.................

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-3-24 18:28:38

تىمىغا ئالاقىسىز بىر سۆز:



نۇرغۇن ھەقىقەتلەر ئالدىدا ئۇيۇشالمىغان كىشىلەر ئىككى خەنزۇچە خەت ئاستىدا ئۇيۇشالايدۇ. ئەگەر بۇ دۆلەت ئۇلارنى ئېتىراپ(认可) قىلىدىغانلا بولسا ئۆزىنى ئۇنىڭ قوينىغا ئېتىشقا ھەرزامان تەييار \"\"
بەت: [1]
: ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى 2013- يىللىق جەڭگە تەييارلىق قىلماقتا