tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 15:10:14

ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى دورا ياسالما تۈرلىرى

بۇ يازمىنى ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ياسالما تۈرلىرى ھەققىدە تەپسىلىيرەك بىر مەلۇمات بېرىش مەقسىتىدە تەييارلىدىم.

ياسالمىلار چوڭ جەھەتتىن بىر نەچچە تۈرلەرگە،كىچىك جەھەتتىن نەچچە ئون تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ

تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ،ياسىلىش ئۇسۇلى ۋە شۇ ياسالما
شەكلىدىن بىر ئىككىدىن دورىنى ئۈلگە شەكلىدە تۇنۇشتۇرىمىز ۋە شۇ تەرتىپتە
داۋاملاشتۇرىمىز.

       مەجۈن(يۇغۇرۇلما)دورىلار

مەجۈن سۆزى ئەرەبچىدىكى يۇغۇرۇلغان ياكى خېمىردەك قىلىنغان مەنىدىكى بىر
سۆزدۇر. تېبابەتتىكى كۆچمە مەنىسى بولسا بىر نەچچە خىل دورىلارنى تالقانلاپ
، ھەسەل،شېكەر،ناۋات قىيامىغا ئوخشىغان قىياملار بىلەن يۇغۇرۇلغان خېمىر
كۆرۈنۈشلۈك دورا ياسالمىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەجۈن دورىلار ئىچىدىن ئىستىمال
قىلىش ئۈچۈن ياسىلىدۇ.

بۇ مەجۈن ياسالمىسى تېبابەتتىكى ئىشلىتىش دائىرى ئەڭ كەڭ ياسالما تۈرى
بولۇپ،ياسىماق ئوڭاي،ساقلاش مۇددىتى ئۇزۇن(تەخمىنەن ئۈچ يىل)تەسىر قىلىش
ئۈنۈمى يۇقىرى(ئاشقازاندا تىز ئېرىيدۇ)سوزۇلما كېسەللىكلەرگە ئاساسەن مۇشۇ
ياسالمىلار ئىشلىتىلىدۇ.

مەخۈن ياسالمىلىرى تەركىبى،تەسىرى ۋە ياساش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا
ئاساسەن ئۆز ئىچىدىن
خېمىرلار،ئىتتىرىفىللار،ئايارەجلەر،تەرياقلار،جاۋارىشلار،لوبوبلار،مۇپەررىھلەر،مەجۈنلەر،لوئۇقلار
دەپ توققۇز تۈرگە ئايرىلىدۇ.

مەجۈن ياسالمىلىرىنىڭ سۈپىتىگە مۇنداق بىر نەچچە تەلەپ قويۇلىدۇ:

تالقان دورىلار چوقۇم ياسالمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئېزىلىشى ، يەنى
سوقىدىغانلىرىنى ئايرىم،ئېرىتىدىغانلىرىنى ئايرىم،سالايە قىلىدىغانلىرىنى
ئايرىم تەييارلاش كېرەك.

ئاشقازان ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان جاۋارىشقا ئوخشىغان ياسالمىلارنىڭ ئاشقازاندا
ئۇزۇنراق تۇرۇپ،ياخشىراق تەسىر قىلىشى ئۈچۈن نىسبەتەن يىرىكرەك سوقۇش
كېرەك. قالغانلىرىنى يۇمشاق سوقۇش كېرەك.

جاۋاھىراتلار ۋە قىممەت پۇللۇق دورىلار شۇنىڭدەك مەستىكىدەك يىلىملار ناھايىتى يۇمشاق سالايە قىلىنىشى كېرەك.

دورىنىڭ قۇيۇق سۇيۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇشى يەنى ئۇماچتەك بەك سۇيۇقمۇ
بولۇپ كەتمەسلىكى ۋە زىيادىمۇ قاتتىق بولۇپ كەتمەسلىكى بەلكى ھالۋىدەك
بولۇشى،ھەممە تالقانلار تەكشى ئارىلاشقان بولۇشى كېرەك.

رېتسىپ تەركىبىدىكى دورىلار ئىمكانقەدەر يېڭى بولۇشى،پاكىز تاسقالغان
،ئېرىغدالغان بولۇشى،شۇنداقلا دورا سوققان ۋاقىتتا مەلۇم خىل دورىنىڭ خوراپ
كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دورىنىڭ مىقدارى سوقۇلغاندىن كېيىن
ئۆلچىنىشى كېرەك.

مەجۈنلەرنى تەييارلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى نۇقتىلار:

ھەسەلنى ئۆلچەم بويىچە قىزىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىپ قول كۆيمىگۈدەك بولغاندىن
كېيىن ئاندىن دورىلارنى ئېلەشتۈرۈش .بۇ يەردىكى ئۆلچەم سۇس ئوتتا
قىزىتىش،پار ئۈستىدە قىزىتىش،ئاپتاپتا قىزىتىش،قايناقسۇغا سېلىپ قىزىتىش
قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ،ھەر كىم يار بەرگىنىچە تەييارلىسا بولىدۇ.

تەييارلىماقچى بولغان دورىلاردا مېغىزلار بولسا ھەسەل قىزىق ۋاقتىدا
سېلىش،يىلىم دورىلار بولسا ئەڭ ئاخىرىدا سېلىش،زەپەرنى بالدۇر،ئىپار
ئەنبەر،ۋەرەقلەرنى ئاخىرىدا ئارىلاشتۇرۇش كېرەك.

ئىتتىرىفىللارغا ئىشلىتىدىغان ھەسەل خام ھەسەل بولسا ياخشى،چۈنكى قاينىتىلغان ھەسەل بەكرەك ئىسسىق بولۇپ ئۈچەيگە پايدىسىز.

دورا بىلەن ھەسەل بىردە ئۈچ نىسبەتتە بولسا بولىدۇ،بىردە ئىككى ياكى بىر يېرىم نىسبەتتە ياسايدىغانلارمۇ بار.

قىممەت پۇللۇق ئېسىل دورىلارغا چوقۇم ھەسەلنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.

تەييارلىنىپ بولغان دورىنى بولسا بىر نەچچە كۈن تىندۇرۇپ،ئوبدان پىشقاندىن
كېيىن پاكىز يۇيۇلۇپ قۇرۇتۇلغان ئەينەك،دورىغا ئىشلىتىدىغان سۇلياۋ قۇتا
قاتارلىقلارغا ئازراق بوشلۇق قالدۇرۇپ قاچىلاش لازىم. قاچىلاپ بولغاندىن
كېيىن دورا ئىسمى قاتارلىق بەزى چۈشەندۈرۈشلەرنى چاپلاپ قويۇش كېرەك.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 17:00:53

رېتسىپقا مۇناسىۋەتلىك يازما بۇ يەردەhttp://www.4tadu.com/?p=250،

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت يازمىلار تادۇبەگنىڭ كۆلبىسىدە

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 18:31:39

خېمىر دورىلار

بۇ مەجۈناتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ،تالقاننى دورىنىڭ قايناتقان سۈيى ، شېكەر ياكى ناۋات قىيامى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدىغان،(يەنى قاينىتىش كۆرسىتىلگەن دورىلارنىڭ قاتتىقلىرىنى چالا سوقۇپ،بىر كېچە قايناقسۇغا چىلاپ،ئاندىن سۇس ئوت بىلەن ئۈچنىڭ بىرى قالغۇچە قاينىتىپ ،شۇ قاينىغان سۇ بىلەن شېكەر ياكى ناۋاتنى قىيام قىلىپ،ئاندىن ھەسەلنى قوشۇپ،ئارىلاشتۇرۇپ،ئارقىسىدىن قالغان تالقانلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ) مەجۈنگە قارىغاندا سەل سۇيۇقراق ۋە يۇمشاقراق ياسىلىدىغان ياسالما تۈرىدۇر.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش خېمىر دورىلارنىڭ قىيامىنى قۇيۇقراق ئېلىش ،لېكىن كۆيۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

خېمىر دورىلاردىن ئۈلگىلەر:

خېمىرى ئەۋرىشىم

قىرقىلغان ئەۋرىشىم300گرام؛ئەرقى گاۋزىۋان،ئەرقى گۈل،تاتلىق ئالما سۈيى،بىھى سۈيى، ئالما سۈيى 120مىللىلىتىردىن؛ ئاق سەندەل بەش گرام؛سۇنبۇل ھىندى،تۇرۇنجى پوستى،مەستىكى رۇمى،قەلەمپۇر،لاچىندانە،سازەج ھىندى تۆرت گرامدىن؛ئۇد ھىندى ئۈچ گرام؛ ھەسەل 180گرام؛ ئاق قەنت 500گرام،پاكىز سۇ 1500مىللىلىتىر؛

تەييارلىنىشى: قىرقىلغان ئەۋرىشىمنى سۇغا ئۈچ كۈن چىلاپ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ،تىرىپىنى تازا مىجىپ،سۈيىگە قەنت ،مېۋىلەر سۈيى ۋە ئەرەقلەرنى قۇيۇپ قىيام قىلىپ ،ھەسەلنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئارقىدىن قالغان دورىلارنىڭ تالقىنىنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.

تەسىرى:يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ،نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ.

ئىشلىتىلىشى: مېڭە،يۈرەك،جىگەر كېسەللىكلىرى،يۈرەك ئاجىزلىقى،خاپىغان.تۇتقاقلىق ۋە ئۇمۇمى بەدەن ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

خېمىرى بىنەپشە

بىنەپشە 40گرام؛ئاق شېكەر 150گرام.

شېكەرنى قىيام قىلىپ ،ئۇنىڭغا سوقۇپ تەييارلانغان بىنەپشىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.

تەبىئىتى:سۇغۇق

تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ،كۆڭۈلنى خۇرسەن قىلىدۇ،سەپرانى سۈرۈپ،قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ.يۈرەك قوزغىلىش،ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى،يېقىلما كىسەل،بۆرەك كېسەللىكلىرىگە بېرىلىدۇ.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 18:42:43

سۇپىغا يوللىسام بولا؟

مەنبەنى يوغان بېسىپ..  {:92:}  

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 19:18:15

ئەلۋەتتە بولىدۇ.بۇتېمىنىڭ داۋامى بىرەر ئايدا چىقىپ بولارمىكىن.  {:92:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-25 12:06:02

ئىتتىرىفىللار

ئىتتىرىفىل دېگەنلىك ئۈچ خىل مېۋە(ھېلىلە،بەلىلە،ئامىلە) چۈشكەن دورا دېگەنلىك بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىتتىرىفىللارنىڭ تەركىبىدە چوقۇم ھېلىلە،بەلىلە،ئامىلە دېگەنلەر ئاساسى دورا بولىدۇ،ئەمما بۇلار چۈشكەن دورىلارنىڭ ھەممىسى ئىتتىرىفىللار بولمايدۇ.

ئىتتىرىفىللار مەجۈن ياكى سۇپۇپ شەكلىدە تەييارلىنىشى مۇمكىن.

ئىتتىرىفىللارنىڭ تەركىبىدىكى دورىلار زىيادە قۇرغاق بولغاچقا،نەملىكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ ، ئۆز پېتىچە ئىشلىتىلگەندە ئاشقازان-ئۈچەينى قۇرۇتۇپ،ئۈچەي توسۇلۇش ياكى سانجىقىنى پەيدا قىلىدۇ.بۇ ئەكس تەسىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن تالقانلاپ بولۇپ ، سېرىقماي ياكى بادام مېيىدا مايلاپ،ئاندىن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇش لازىم.بۇ ئىتتىرىفىلنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىدۇر.

ئىتتىرىفىللارنىڭ تالقىنى يۇمشاق،خېمىرى قاتتىقراق بولىدۇ.

دورا ياسىلىپ ساقلاش جەريانىدا ئۆز ئارا تەسىرلىشىپ،قاينىغان ئۇماچتەك بۇلدۇقلايدۇ،مانا بۇ ئۇنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.دورىنىڭ تېشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بەك لىق قاچىلىماسلىق لازىم.

ئىتتىرىفىللار بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە تەسىرى كۈچىيىپ ئاندىن تۆۋەنلەيدۇ ياكى يوقايدۇ.

ئۈلگىلەر

ئىتتىرىفىل سەغىر

سېرىق ھېلىلە،قارا ھېلىلە،كابۇل ھېلىلىسى،ئامىلە،بەلىلەپوستى 48گرامدىن؛ھەسەل 732گرام.

تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى:مېڭىنىڭ ئەزالارنى مۇھاپىزەت قىلىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ،زېھنى قۇۋۋەتنى كۈچەيتىدۇ،يەل خارەكتىرلىك بۇۋاسىرنى يوقىتىدۇ،بولۇپمۇ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك.

ئەرقى گاۋزىۋان بىلەن ئون گرامغىچە بېرىلىدۇ.

ئىتتىرىفىل ئەپتىمۇن

كابۇل ھېلىلىسى،ئامىلە،سېرىغ ھېلىلە 40گرامدىن؛كاۋاك تۇربۇت،ئەپتىمۇن.سانا 20گرامدىن؛ساترەنجى ھىندى،بىستىپايەج ھىندى،ئۈستىقۇددۇس،قىزىلگۈل 12گرامدىن؛ رۇمبەدىيان،قاراتۇز 8گرامدىن؛ھەسەل 732گرام. قان تازىلاش،نېرۋا قوزغىلىنىشى پەسەيتىش،تىنچلاندۇرۇش،غەيرى تەبىئى بەلغەم ، سەپرا ،سەۋدا ماددىلىرىنى سۈرۈش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ ،ھەر خىل ئەسەبى كېسەللىكلەر،سوغۇقتىن بولغان،ساراڭلىق،تۇتقاقلىق،مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.ھەمدە ئاق قان دانچىلىرى كۆپىيىپ كېتىش،يۈرەك قان تومۇرى قېتىش كېسەللىكلىرىگىمۇ قوشۇمچە بېرىلىدۇ.

6-9گرامغىچە ئىككى ۋاق بېرىلىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-27 13:51:18

ئايارەجلەر

بۇنىڭغا سەل كەڭرەك سەھىپە ئاجرىتىمىز.

ئەلقانۇن كىتاۋى دورىلار بابى،ئايارەجلەر پەسلىدە مۇنداق بايان قىلىنغان:

‹‹زۆرۈر مۇقەددىمىلەر ھەققىدە بىر پەسىل: مەن ئېيتىمەنكى ئايارەج –تۈزەتكۈچى سۈرگىنىڭ ئىسمىدۇر. بۇ ئۇنىڭ تەبىرى.ئۇنىڭ لۇغەت مەنىسى ئىلاھى دورا دېمەكتۇر. مەلۇم سۈرگىلەرنىڭ بىرىنچىسى رۇفۇس ئايارەجدۇر؛ قەدىمكى زاماندا ئايارەنج ئىسمى بىلەن شۇ دورىنى ئىپادىلەيتتى. كېيىنچە ئۇنىڭدىن باشقا دورىلارمۇ شۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىشقا باشلىدى. سۈرگىنىڭ ئىلاھى دورا دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى : سۈرگىنىڭ تەسىرى قۇۋۋەتلەرگە تاپشۇرۇلغان بىر ئەمىر ئىلاھدىن ئىبارەت. قەدىمكى زامانلاردا ئايارەجلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ئىچۈرۈلگەنكى ،تېۋىپلار شەھمەنزەل،خەربەق ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشاش نۇقۇل سۈرگىلەرنىڭ زەرەرىدىن قورققان .بۇلارنى ئىشلەتمەكچى بولغانلىرىدا ئۇلارغا ئۆتكۈزگۈچى،تۈزەتكۈچى ۋە زەھەر قايتۇرغۇچى نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىنلا ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالىغان.كېيىنچە بۇ نەرسىلەرگە ئۆگىنىپ،ئۇلارنىڭ قايناتمىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان،كېيىن ئۇلارنى شۇ پېتىچە ئېلىپ ھەر شەكىلدە ئىستىمال قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلغان. تېۋىپ شۇنىمۇ بىلىپ قويسۇنكى ،قايناتما ۋە ھەب دورىلىرىغا قارىغاندا ئايارەجلەر بەك زەرەرلىك ئەمەستۇر،ئۇلارنى ئىشلەتمەسلىكنىڭ سەۋەبى ئۇلار زەرەرلىك بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ۋە يامان ئادەتلەر نەتىجىسىدىندۇر،قايناتما ۋە ھەبلەر ماددىنى بەدەننىڭ يېراق يەرلىرىدىن ئايارەجلەرچىلىك تارتالمايدۇ››.

مىسال ئۈچۈن شۇ ئەلقانۇن كىتاۋىدىن ئايارەجلەرنىڭ بىرسى كەلتۈرۈلىدۇ.

‹‹ئايارەج پەيقىرا – بۇ يەنى ئاچچىق ئايارەج ،بۇ سەبرىدىن تەييارلانغان ئايارەجدۇر؛ئۇنىڭغا دارچىنمۇ قوشۇلىدۇ،چۈنكى بۇ لەتىف بولۇش بىلەن بىرگە ئۈچەيلەر ۋە ئاشقازانغا پايدا قىلىدۇ،ئۇنىڭغا يەنە خۇددى شۇنىڭ ئۈچۈن ھەمدە شۇ ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قېلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن مەستىكى ۋە سەرەندىپ دارچىنىمۇ قوشۇلىدۇ،زەپەرمۇ قوشۇلىدۇ ، چۈنكى ئۇ ماددىلارنى يېتىلدۈرىدۇ ۋە يۈرەك بىلەن ئاشقازاننى قۇۋۋەتلىك قىلىدۇ. بېراق زەپەر بەزىدە باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋەزنىنى كېمەيتىش ياكى پۈتۈنلەي قوشماسلىققا توغرا كېلىدۇ. ئاسارۇنمۇ قوشۇلىدۇ،چۈنكى ئۇ ئىچىنى سۈرۈش ۋە رۇتۇبەتلەرنى چۈشۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. بىلسان ياغىچى ۋە بىلسان ئۇرۇقى ئاشقازاننى كۈچەيتكىنى ۋە ئېرىتىپ تارقاتقىنى ۋە پادىزەھرى(زەھەر قايتۇرغۇچى)لىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن قوشۇلىدۇ. بەزى كىشىلەر سەبرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچەي سويۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىزخىر چېچىكى،سەبرىنىڭ ھارارىتىدىن كېلىدىغان زەرەرنى ئاشقازان ۋە باشتىن قايتۇرۇش ئۈچۈن قىزىلگۈل قوشىدۇ. .....››

قەدىمكى تېۋىپلار سەبرىنى ئىسلاھ قىلغۇچى نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىردە بولغان،ھازىرمۇ شۇنداق بولسا كېرەك. ئىسلاھ قىلغۇچى دورا بىلەن سەبرىنىڭ نىسبىتىنى سەككىز ياكى ئالتە ھەسسە ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ياكى ئاز قىلغان .

مىسالەن ئايارەج پەيقىرانىڭ ئىككى خىل نۇسخىسىغا قاراپ باقايلى:

بىرىنچى نۇسخا(كۆپ ئىشلىتىدىغان مەشھۇر نۇسخا)

سۇنبۇل،دارچىن،ئۇدبىلسان،ھەببىلسان،سەلىخە،مەستىكى،ئاسارۇن،زەپەر 8گرامدىن؛سەبرى 64گرام؛ھەسەل 384گرام؛

ئىككىنچى نۇسخا:

سەبرى،مەستىكى،تۇربۇت،رۇمبەدىيان،سوقمۇنىيا،ھىندى تۇزى تەڭ مىقداردا .

ئەمدى گەپكە كەلسەك ئايارەجلەر كۆپىنچە مەجۈن ھالەتدە،بەزىدە قۇرس ۋە بەزىدە سۇپۇپ ھالەتدە ياسىلىدۇ. ئايارەجلەر باشقا سۈرگىلەرگە ئوخشىمايدۇ،يەنى باشقا سۈرگىلەردە يوق خۇسۇسىيەت ئايارەجلەردە بار.ئىبىنسىنا ئايارەجلەرنى مۇسھىل(سۈرگۈچى)ۋە مۇسلىھ(ئىسلاھ قىلغۇچى)دېگەن. مۇسھىل دېگەندە ئايارەجلەر قۇيۇق ۋە بۇزۇق خىلىتلارنى بەدەننىڭ يېراق ۋە چوڭقۇر جايلىرىدىن تارتىپ چىقىرىدۇ،باشقا سۈرگىلەر بولسا ئۇچرىغاننى سۈرۈپ ماڭىدۇ. مۇسلىھ دېگەندە بولسا ماسلاشتۇرغۇچى،ياخشىلىغۇچى بولۇپ ،زىيانلىق ماددىلارنى زىيانسىزلاشتۇرىدۇ.

ئايارەجلەر كۆپىنچە شۇ نۇسخىنى ئىجاد قىلغان كىشىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ،بۇ دورا ئاچچىق بولغاچقا ئايارەج دەپ ئاتىلىدۇ،ئايارەج بەزىدە سەبرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ،چۈنكى سەبرى ناھايىتى ئاچچىقتۇر.ئايارەجلەر ياسىىلىش ۋە ساقلىنىشتا ئىتتىرىفىللارغا ئوخشايدۇ،لېكىن ئايارەجلەرنىڭ تالقىنى ياغ بىلەن ياغلانمايدۇ،ئىستىمالدا كۈندە كەچتە بىر قېتىملا يېيىلىدۇ.كەينىدىن مۇناسىپ قايناتمىلار ئىچۈرۈلسە ياخشى.ئايارەجلەر ئۆز تەركىبى بويىچەبۆرەككە زىيان قىلغاچقا ، بۇنى ئىستىمال قىلىۋاتقان ۋاقىتتا مۇۋاپىق مىقداردا چىلان يىيىش لازىم،چۈنكى چىلان بۇنىڭ تۈزەتكۈچىسى.ئايارەجلەر ئىتتىرىفىللار بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلسا مېڭىنى،گۈلقەنت بىلەن ئىستىمال قىلىنسا ئاشقازاننى تازىلايدۇ.شۇڭا ئۇنى مۇناسىپ قوشۇمچىلار بىلەن ئىستىمال قىلغان ياخشى.

ئايارەجلەردىن ئىككى مىسال:

ئايارەج جالىنۇس(گالىن ئىجاد قىلغان نۇسخا)

شەھمەنزەل،غارىقۇن،ئەنسىل،سوقمۇنىيا،قارا خەربەق،پەرفىيۇن،ھۇپارىقۇن48گرامدىن؛ بىستىپايەج،كامازىرىيۇس،ئەپتىمۇن،سەلىخە 21گرامدىن؛ مۇرمەككى،سەكبىنەچ،ئۇزۇن زىراۋەندە،يۇمىلاق زىراۋەندە،ئاق مۇچ، قارامۇچ،پىلپىل،دارچىن،جاۋۇشىر،قۇندۇز قەھرى،تاغ كەرەپشە ئۇرۇقى12گرامدىن؛ھەسەل 504گرام.

يۇقىرىقى دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىتى: ئىسسىق

تەسىرى: ئاغرىق توختىتىش،نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش،ھەر خىل جاراھەتلەرنى ساقايتىش،ھەيزنى راۋان قىلىش؛

ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: تۇتقاقلىق،ساراڭلىق،تارتىشىپ قېلىش،تىترەش،پالەچ،لەقۋا،سەكتە،باش ئاغرىقى،شەقىقە،باش قېيىش،گاسلىق،قۇلاق ئاغرىقى،بۇغۇم ئاغرىقلىرى،يانپاش ئاغرىقى،چاچ چۈشۈپ كېتىش،جۇزام،يامان سۈپەتلىك جاراھەت،ئۆسمە،دوۋساق بوشىشىپ كېتىش،سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

كۈندە كەچتە 10گرام ،ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يەيدۇ.

ئايارەج لوغانزىيا(لوغانزىيا ھەكىم ئىجاد قىلغان نۇسخا)

شەھمەنزەل18.6گرام؛ئەنسىل،غارىقۇن،مەھمۇدە،قارا خەربەق،ئوشەق،ئۈستىقۇردىيۇن 16.8گرامدىن؛ ئەپتىمۇن،كامادەرىيۇس، مۇقەل،سەبرى 13.1گرامدىن؛ سازەج ھىندى،كۈدە ئۇرۇقى، پىرسىياۋشان،سەلىخە،ئاقمۇچ،قارىمۇچ،پىلپىل، زەپەر،دارچىن، بىستىپايەج،سەكبىنەچ،ھۇپارىقۇن،جاۋۇشىر، قۇندۇزقەھرى،تاغ كەرەپشە ئۇرۇقى، ئۇزۇنچاق زىراۋەندە،ئەپسەنتىن،پەرپىيۇن،سۇنبۇل، ھۇماما ،زەنجىۋىل 7.5گرام؛ ، جىنتىيانا ئۈستىقۇددۇس 5.6گرامدىن .

دورىلارنى قائىدە بويىچەسوقۇپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ئىمكان بولسا ئالتە ئاي ساقلاپ ئاندىن 3-12گرامغىچەبېرىلىدۇ،دورىنىڭ كەينىدىن ئەپتىمۇن سۈيى ئىچۈرۈلسە ياخشى.

بۇ دورىنىڭ مەنپەئەتى ناھايىتى كۆپتۇر ،بەدەندىن بۇزۇق ماددىلارنى تازىلايدۇ،بارلىق سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلارنى يەنى ساراڭلىق، تۇتقاقلىق، قۇلاق ئېغىرلىق، پالەچ،سەكتە كېسەللىكلىرىنى يوق قىلۇر،مەيدىنى پاك قىلۇر،جىگەرنىڭ،بالىياتقۇنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچۇر،ھەيزنى راۋان قىلۇر،نەپەس قىستاش،مۇپاسىل،نىقرەس،ئېرقۇننىسا،كونا جاراھەت،بەھەق،بەرەس،قۇبا،جۇزام،خانازىر،سەرتان،ئىستىسقا كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلۇر.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 14:21:46

تەرياقلار

بۇ سۆزنىڭ ئەسلى يۇنانچە بولۇپ تىھرياكا دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرتىپ ئېلىنغان دەيدۇ،تەرياك ياكى تەرياق نامىدا ئاتىلىدىغان،تەركىبىگە ‹‹پادى زەھرە›› قوشۇپ ياسىلىدىغان خىلمۇخىل زەھەرلەرگە قارشى بىر خىل مۇرەككەپ دورا نامى.

تەرياقتىكى ‹پادەزەھرى› زەھەر قايتۇرغۇچى ئاساسى تەركىب بولۇپ ،مەدەنى ۋە ھايۋانى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. مەدەنى پادىزەھرىلەر كانلاردىن چىقىدىغان بولۇپ ،رەڭگى بەش تۈرلۈك بولىدۇ.زەھرەمۆھرە مۇشۇ تۈردىن بولۇپ،پارسچە فادزھر مئدنى (پادەزەھرە مەدەنى)دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ھايۋانى پادەزەھرەلەر ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىدىن چىقىدۇ.تېكە يادا تېشى مۇشۇ تۈردىن بولۇپ،فادزەھرە،تەرياقى فارۇق تەبىئى،تەرياقى فارىسى(پارسلارنىڭ زەھەر قايتۇرغۇچى دورىسى)دېگەن ناملاردا ئاتىلىدۇ،بۇ دورا ھەققىدە كىلاسسىك تېببى ئەسەر ئىختىياراتى بەدىئىيدە تەپسىلى سۆزلەنگەن. ئات يادا تېشى ھەم مۇشۇ تۈردىن بولۇپ پارسچە گاۋزەھرەج دېيىلىدۇ.

تەرياقلار يۈرەك،مېڭە،جىگەر قاتارلىق رەئىس ئەزالارغا يۈزلەنگەن زەھەرلەرنى قايتۇرۇپ ئۇلارنىڭ نورمال خىزمەت ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ.ئىچكى ئەزالارغا تەسىر كۆرسەتكۈچى زەھەرلىك ئامىللارنىڭ مەنبەسى ئوخشاش بولمىغاچقا ،تەرياقلارمۇ ئاشۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ماسلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ ھەم شۇنىڭغا خاس نام بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن تەرياقلارنىڭ بەزىسىگە ئەفئا يىلىنى،بەزىلىرىگە ئەپيۇن قوشۇلىدۇ.ياسىلىىش شەكلى ھەر خىل بولۇپ،مەجۈن،ئىتتىرىپىل،ھەب،بانادۇق شەكىللىرىدە ياسىلىدۇ.تەرياقلار ياسىلىپ ئالتە ئاي چىنە قاچىلاردا ساقلانغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.

تەرياق ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە ھاسىل قىلماقچى بولغانلار ئەلقانۇن كىتاۋىنىڭ مۇرەككەپ دورىلار بابى تەرياقلار پەسلىگە مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ.

تەرياقنىڭ چوڭ نۇسخىلىرىنى بېرىشتە بىراز ئىككىلىنىپ قالدىم. ئەلقانۇن كىتاۋى بۇرۇنقى نەشرىدىكى بەزى دورىلارنىڭ قايسى دورا ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغاچقا ئۇ يەردىكى مۆتىۋەر نۇسخىلارنى يازمىدىم،باشقا كىتابلاردىكى نۇسخىلار تولۇق ئەمەستەك ھېس قىلدىم. تەرياق نۇسخىسىلىرىنى كېيىنرەك قالدۇرۇپ قوياي.
بەت: [1]
: ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى دورا ياسالما تۈرلىرى