«ئاچىل» نى ئاڭلايلى!
"ئاچىل" نىڭ بۇ نۇسقىسىنى ئەتىگەندە شۇنداق ياقتۇرۇپ قايتا-قايتا ئاڭلاۋاتىمەن، ھەم سىلەرنىمۇ مەن بىلەن بىللە ھوزۇرلانسىكەن دەپ ... دىگەندەك.
ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ دۇتتار بىلەن ئېيتقىنى بەك ياخشى، تېكىستى ماۋۇنىڭدىن پەرقلىندىكەن. ئۇنىڭدا «بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق، تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق» «ھامان كەلسە بىر ئۆلۈم» دېگەندەك مىسرالار بار. مىنىڭچىمۇ ئابدۇرھىم ھىيىت ئاكنىڭكىدەك ياخشى چىقماپتۇ ،بۇ ناخشىدا شېردىكى مەخسەت ئىپادىلەنمەپتۇ.ئابدۇرھىم ھىيت ئاكا ناخشا ئىيتسا تىكىستنى بەك ياخشى يورتۇپ بىردۇ ئادەمنى شۇ ناخشا نىڭ ئىچىگە ئىككىرىپ كىتىدۇ،
ئارتىس:ئابدۇرېھىم ھېيىت
ئالبۇم:ئانا تىل ناخشا:ئاچىل
ناخشىلار قاچىلىنىۋاتىدۇ ! 5-20 سىكونتقىچە ساقلاڭ !
1.ئاچىل - ئابدۇرېھىم ھېيىت
مەن ئابدىرھىم ھىيىت ئاكىنىڭ ئاچىل دىگەن ناخشىسىنى ئىۋەتسەم چىقماپتىغۇ؟ ئابدۇرېھىم ھېيىت مەن ھۆرمەتلەيدىغان سەنئەتكار.
ئاچىل دىگەن ناخشىنىمۇ ياخشى ئېيتىپتۇ.
ئەپسۇسلىقى
ئەسلى مۇزىكىسىنى بەك سەت بۇزىۋېتىپتۇ.تۇرپان قۇمۇلدا ئاقارتىش ھەركىتى ۋە دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ غەيرى رەسمى مارشى بولغان ناخشىنى بۇنداق بۇزىۋەتسە،تۇرپان قۇمۇلنىڭ بىرلىشىپ ئەرز قىلسا ئاقىدۇ. ناخشىنى ياخشى ئېيتىپتۇ، شەھلا خانىمغا رەھمەت. Olive@ بۇرادەر مەن مۇزىكىسى بۇزۇلۇپ كەتكەندەك ھىس قىلمىدىمغۇ، ئەسلى پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ.
ئېمەرئاكىنىڭ دۆلەت ناخشىسىنىڭ مۇزىكىسىنىمۇ ھەر خىل ئىشلەپ خىلمۇ-خىل ئوقۇپ يۈرىدۇ. ئاز دىگەندىمۇ 5 خىل ئۇسلۇپتا ئېيتقان نۇسخىلىرىنى كۆردۈم. كەڭ قورساقراق بولىلى ۋاي. تېكىستىغا كەلسەك، ئۆزەم ياخشى بىلمىگەندىكىن گەپ قىلماي، يۇقۇردا تورداشلار كۆرسىتىپ ئۆتۈپتۇ. ئاچىل
گۈللەر ئاچىلاي دەيدۇ ئاچىل،
باشقا سانجىلاي دەيدۇ ئاچىل.
بۇ گۈلنىڭ يۈرەك ئوتى ئاچىل گۈل ئاچىل،
تەنگە يامىشاي دەيدۇ ئاچىل .
ئاچىل ئاچىلمىساڭ گۈل قايدا ئاچىل ،
گۈلۈم ماڭا ناز قىلۇر ئاچىل دادەي.
كۈلۈپ مىنى ماز قىلۇر ئاچىل ،
گۈل قەدرىنى بىلمەيسەن ئاچىل گۈل ئاچىل.
زىمىستاننى ياز قىلۇر ئاچىل،
ئاچىل ئاچىلمىساڭ گۈل قايدا ئاچىل .
بەش ئالتە زامان بولدى ئاچىل،
ئالەم ئۆرگىلەي دەيدۇ ئاچىل.
يۈرەكتىكى زەرداپ سۇ ئاچىل گۈل ئاچىل ،
قانغا ئايلىناي دەيدۇ ئاچىل.
ئاچىل ئاچىلمىساڭ گۈل قايدا ئاچىل ،
گۈل دەردىدە خۇن بولدۇق ئاچىل دادەي .
تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق ئاچىل،
قورقۇنچىدىن قاتتىق تاش ئاچىل گۈل ئاچىل .
بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق ئاچىل،
ئاچىل ئاچىلغاندا بىر گەپ بار ئاچىل.
ياش تالىپلار ئۇخلاشما ئاچىل دادەي،
گۈل يولىغا پۇتلاشما ئاچىل .
بۇ گۈل ئۈچۈن جان پىدا ئاچىل گۈل ئاچىل،
ھەرقەدىمىڭگە مىڭ تىللا ئاچىل.
ئاچىل ئاچىلمىساڭ گۈل قايدا ئاچىل،
غەيرەت گۈلۈم ئاچىلغىل ئاچل ئاچىل.
ھىممەت گۈلۈم ئاچىلغىل ئاچىل،
بۇ گۈل ئىچىن بەرسەم جان ئاچىل گۈل ئاچىل.
قاچان بولسا بىر ئۆلۈم،
يا ئۆلۈم يا بىر كۆرۈم ئاچىل.
ئاچىل ئاچىلغاندا بىر گەپ بار ئاچىل ئەسلىدىكى بىر ئوبدان يېزىلغان ۋەتەن شىئرى مۇھەببەت قۇشىقىغا ئۆزگىرىپ ئېيتىلىپتۇ! دوسلار ، مۇشۇ ياپۇنلۇقلار قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندا چىقىدىغان بىر مۇزىكا بار شۇنداق مۇڭلۇق ، شۇ فىلىمنىڭ ئىسمى يىپەك يولىغا ساياھەتمۇ بىر نېمە ، شۇ مۇزىكىنى تاپالمايۋاتىمەن . يېڭى يىپەك يولى دىگەن فىلىمنى تاپتىم ، دىل كۇيى دىگەن مۇزىكىكەن لېكىن مۇشۇننىڭدەك مۇڭلۇق ئەمەس ، تاپقان مۇزىكىلىرىم .
http://v.youku.com/v_show/id_XMTQzMjMwNzgw.html ئابلەت ئابلىكىم باشقا ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى بەك بەلەن ئىشلەپ قوياتتى. لېكىن بۇ «ئاچىل»نى بۇنداق ئېيتقىنىنى ياقتۇرمىدىم.
كېرەم ئابدۇگۈل ناخشىلىرى ئۇسلۇبىدا ئېيتىلىپتۇ.
ئەلۋەتتە، كىچىك چېغىڭلاردىلا بوۋا-مومىلىرىڭلاردىن ئاندا-ساندا ئىپتىخارىي تۈستە غىڭشىپ ئىيتىپ قويىدىغان «ئاچىل»نى ئاڭلىغان بولساڭلار، چوقۇمكى مەندەك ھېسسىياتتا بولاتتىڭلار. ياقتۇرمىدىم.
جەڭگىۋارلىقى ،مەقسىتى يوقاپ كەتكەندەك.... رەھمەتلىك مومام ئۆز بېشىدىن شۇ قوزغىلاڭنى كەچۈرۈپتىكەن، ئاكىسى شۇ يېغىلىقتا(جەڭ،تۇرپان شىۋىسى)قازا قىلغان ئىكەنتۇق،كىچىكىمدە شۇ ئۇرۇشلار توغرىلىق بەك تولا سۆزلەپ بېرەتتى،بۇ ناخشىنىمۇ شۇنداق مۇڭلۇق ئېيتىپ يىغلاپ كېتەتتى،مۇشۇ ناخشىنىڭ ئاھاڭىدا يەنە نۇرغۇن باشقا قوشاقلارنى قوشۇپ ناخشا قىلىپ ئېيتىپ بېرەتتى.شۇ چاغلاردا كىچىككەنمەن، بىلگەن بولسام ئۈنئالغۇغا ئېلىپ ساقلاپ قويار ئىدىم،دېمەكچىمەن بۇ ناخشىنى يەنە شۇ تۇرپان قۇمۇل تەرەپنىڭ كىشىلىرى بولۇپمۇ شۇ ئۇرۇشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن بوۋاي مومايلار بولسا يەنە ئۆز ئەسلى پۇرىقى بويىچە ئېيتالىشى مۇمكىن،ئەپسۇس بۇنداق كىشىلىرىمىز ھازىر يوقنىڭ ئورنىدا قالدىدە بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تولىمۇ ياخشى بىر تۇيغىغا ئىرىشكەندەك ھىس قىلىۋاتىمەن.....
مانا ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئورۇنلىغىنى
مانا ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئورۇنلىغىنى
ئابدۇرېھىم ھېيت ھاجى ئاكىمىز ئېيتقىنى نوچىىكەن .
بۇ ئاكىمىزنىڭ يەنە بىر ناخشىسى بولىدىغان «ئوتلۇق قانلار تامغان يەرلەر كۆچۈپ كەتمەيدۇ ،ئوتلۇق تەندىن ئاققان تەرلەر قۇرۇپ كەتمەيدۇ» دەيدىغان،بۇ قېتىم يېڭى رەتلەپ چىقىلغان MP3 ناخشىلا توپلىمىدا ئۇ يوقكەن
ئاھ ئاتىلار جىڭلەردە شەھىد،
بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت.
دىگەن ناخشىسىمۇ ياخشى.
16- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئابدۇرېھىم ھېيت ھاجى ئاكىمىز ئېيتقىنى نوچىىكەن .
بۇ ئاكىمىزنىڭ يەنە بىر ناخشىسى بولىدىغان «ئوتلۇق قانلار تامغان يەرلەر كۆچۈپ كەتمەيدۇ ،ئوتلۇق تەندىن ئاققان تەرلەر قۇرۇپ كەتمەيدۇ» دەيدىغان،بۇ قېتىم يېڭى رەتلەپ چىقىلغان MP3 ناخشىلا توپلىمىدا ئۇ يوقكەن
ئۇ ،(كەتمەيدۇ) دىگەن ناخشىكەن.مەندە بار.
يەنىلا دۇتار بىلەن ئېيىتقىنى ياخشىكەن، ئاددى ئەمما مۇڭلۇق
بەت:
[1]
2