matros5 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 20:56:08

يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۈزۈملىرىنى كىم بىكىتىدۇ؟

يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۈزمىنى كىم بېكىتىدۇ ؟



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى.   


مەن << ئىزدىنىشنىڭ پايدىسى >> دېگەن تېمىلارنى يوللىغان  تورداش  ماتروس.


جەريان سۆزلىمەي ، گەپنىڭ  مېغىزنىلا دەي .     مۇنداق ئىش.    بىزنىڭ يېزلىق ھۆكۈمەت دېھقانلاردىن  << ياشانغاندا   كۈتۈنىش سۇغۇرتىسى >>  دېگەن  نامدا   كەڭ دېھقان ئاممىسىدىن  مەجبۇرى سۇغۇرتا پۇلى يىغىدى .   دېھقانلارنىڭ ئەتيازدا  يانچۇقىنىڭ بوش بولدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز ،    ئورگان كادىرلىرى  بىرلىشىپ  پۇلنى كۈزدە يىغايلى، ھازىر دېھقانلارنىڭ يېنىدا پۇل يوق  دېسەكمۇ ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىدى......  ئامال يوق  دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە باردۇق.  ئۇلارنىڭ ھال -ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ، ھەممىسى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى بىلەن  كۆپ چىقىمدار بۇلۇپ، ئېشىنغۇدەك پۇلى راستىنلا يوق دىيەرلىككەن .  



مىنىڭ بىلمەكچى بولغۇنۇم  بۇ سۇغۇرتا پۇلى يىغىش ئىشى ھەممە يېزىدا  مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلامدۇ؟  بۇ تۈزۈمنى كىم بىكىتكەن ؟   خەلق تۇرمۇشى ، خەلق تۇرمۇشى دەپ  ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيۋاتقان مەركىزى ھۆكۈمەتمۇ  ياكى  مۇقۇملۇق، مۇقۇملۇق دەپ تەشۋىق قىلۋاتقان ئاپتۇنۇم رايۇنمۇ؟      ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق تۈزۈمنى يۈرگۈزۈش كېرەك بۇلۇپ قالسا  نېمە ئۈچۈن  كۈزدە دېھقانلارنىڭ يانچۇقى پۇل كۆرگەندە ئاندىن ئېلىپ بارمايدۇ .   چۇقۇم   دېھقانلارنىڭ ئەڭ ئالدىراش، بارلىق دەسمىيلىرنى يەرگە سېلۋەتكەن مۇشۇنداق پەسىلدە ئېلىپ بېرىلشى كېرەكمۇ ؟  


بۇنداق بولسا خەلق تۇرمۇشى قانداق كاپالەتكە ئىگە بۇلىدۇ؟  مۇقۇملۇق قانداق ئىشقا ئاشىدۇ؟  دېھقانلارنى ئارامىدا قويمىسا  ئاندىن  بۇ مۇقۇملۇق بۇلارمۇ ؟        


  بۇنداق سۇئاللار ئىنتايىن  كۆپ .    يەنە يازسام  سۇئاللار يېغىپ كەتكۈدەك  ،  ھازىچە   باشقىسىنى قۇيۇپ تۇرۇپ ،  مۇشۇ سۇغۇرتا  پۇلىنى مەجبۇرى يىغىش توغرىمۇ ياكى خاتامۇ ؟  بۇ تۈزۈم ھەممە يېزىدا بارمۇ؟   مۇشۇنى بىر دەپ بەرگەن بولساڭلار .  


ۋاقتى بارلار  پىكىر قاتناشتۇرغان بولساڭلار،   يېزىلاردىكى ساقلانغان مەسلىلەرنى  ئەركىن  بىر  ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقساق. .....   


arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 23:25:12

بەزى ئىشلارغا پىنھانبەينىڭ سۆزى بويىچە ئەقلىم ھەيران، پەمىم سىڭايان.

ئەمما بىزنىڭ يۈرىتتىكى يېزىلىق ھۆكىمەتلەرنىڭ ناھايىتى نامىرات ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. بىرسى ئۆلۈپ كېتىپ، شۇنىڭ ئىشىغا پۇل چىقىم قىلماقچى بوپتىكەن، ئاجىرتىدىغان پۇل يوق، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئىشلىگەن تامچىلارنىڭ زاكالەت پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىپتۇ. كېسىپ، ياماپ قىلىدىغان ئىشلار بەك كۆپ. سۆزلىسە گەپ بەك كۆپ بولۇپ كەتكۈدەك. ئەسلى ھۆكىمەت بولغاندىكىن مۇشۇنداق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ئارتۇق پۇلى بولسا، ھازىرچە قەرىز قىلىپ ئىسپات يازغۇزۇپ، كۈزدە تۆلىتىۋالسىمۇ بولىدۇ. ھۆكىمەتنىڭ رولى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بولغاندىكىن، لىكىن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇنداق ئارتۇق پۇلى بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش. بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدىغان بىر يۇشۇرۇن خەۋپ بۇ ئارتۇق پۇللار  {:136:}

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 23:39:26

دېھقاندىن مەجبۇرى پۇل يىغىشنى تۈزۈم دەپ يۈرۈيدىغان قانداق كادىر سىز؟

ئۇ دېگەن خەنزۇ شۇجىنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەنلا بولىۋاتقان ئىش.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 00:03:19

دىھقانلاردىن مەجبۇرى پۇل يىغسا ، دىھقانلار ھوكۇمەتنى دىۋانىكەن دەپ ئويلاپ قالمامدۇ؟........

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 01:51:28

گەپ بۇ يىققان پۇلنىڭ دېھقانلارغا قانداق ئەمىلىي پايدا ئېلىپ كېلىشىدە .

مىسالغا : بىزنىڭ بۇ يېردە بۇرۇن ھۆكۈمەتكە ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەنلەرگە ئىشلىگەن يىل تارىخىغا قاراپ 8000-18000 غىچە پۇل تاپشۇرسىلا  پىنسىيە پۇلى ئالىدىغان ،داۋالىنىش پۇلى خېلى يۇقۇرى نىسبەتتە ئاتچوت قىلىنىدىغان بولغان،شۇ چاغدىمۇ بىرقىسىم ئادەملىرىمىز بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشمايمىز دەپ تۇرىۋېلىپ ،بىز خىزمەت ئىشلەپ ئاران ئۇنۇتقان، مانا ھازىر پايدىسىنى كۆرىۋاتىدۇ .بۇ سىياسەت دېھقانلار ئۈچۈن پايدىلىق سىياسەت ( ئەگەر بۇ سىياسەت بىز تەرەپتىكى سىياسەت بىلەن ئوخشاشلا بولسا ) مەلۇم ياشقا كەلگەندە پىنيىسە مۇئاشى بار،داۋالىنىش چىقىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدۇ ، لېكىنزە ،بىر ئوبدان سىياسەتنى ماۋۇ يەرلىق  كادىر-چوشقىلار ئىجرا قىلىشتا ئاممىغا خاتا چۈشەنچە بېرىدۇ مۇشۇنداق ................

ئاپاممۇ 15يىل دېھقانچىلىق مەيدانىدا ۋاقىتلىق ئىشچى «شەرىپى » بىلەن ئىشلەپ قويغىنىغا ئۈچ يىلدەك بولدى 2000 سومدەك پىنسىيە مۇئاشى ،90% داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ ، گەپ ئەمدى تېما ئىگىسىنىڭ دىگىنى بىلەن ماۋۇ سىياسەتمۇ ئوخشامدۇ دىمەكچى ........................

format يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 08:10:55

10يۈەنلىك دورىنى 50يۈەن باھا قويۇپ 40يۈەننى ئاتچوت قىلسا ھەمكارلىشىپ داۋالاش بولامدۇ ؟

izlen يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 09:24:42

بىزنىڭ تۇرپاندىمۇ ئاشۇنداق ئىش بار . ئەمما بىزنى ئۇنداق جەنۇپتىكىدەك  بوزەك ئىتەلمەيدۇ.

ئۆتكەندە ئۈيۈمگە دادۈيجاڭ كىرىپتۇ.  نىمە ئىش دىسەم ، جان سانىغا 100يۈەندىن سۇغۇرتاپۇلى

يىغىۋاتىمىز دەيدۇ .. بۇسۇغۇرتىنىڭ نىمە پايدىسى بار دىسەم 60ياش كىرگەندە سىزگە مائاش چىقىدىغان

قىلىمىز دەيدۇ.. بۇ ھۈكۈمىتىمىزنىڭ سىياسىتى يىلدا ئۆزگىرەپ تۇرىدىكەن . مەن بىرنەچچە يىل

تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ، بۇئىش ئەمەلدىن قالدى دىخانلارنىڭ سۇغۇرتا پۇلىنى ھۈكۈمەت بىر تۇتاش

كۈتۈرۋاتىدىغان بولدى دىسە زىيان تارتىپ كەتكىدەكمەن. بولدى مەن قاتناشمايمەن دىسەم، ياق ئۇنداق

بولمايدۇ. شۇنداق بۇلۇپ قالسا تاپشۇرغانلارنىڭكىنى قايتۇرۇپ بېرىمىز دەيدۇ..

مەن بولدى دۈيجاڭ مىنى بۇئىشقا زورلىماڭ . بۇئىش شەرىئەتكە ئۇدۇل كەلمەيدۇ مىنى نىمىلا دىسىڭىز

قاتناشمايمەن بولدى قىلىڭ دىۋىدىم ئاخىر گەپ تاپالماي چىقىپكەتتى..

ئىشقىلىپ بىزنىڭ تۇرپاندا سىياسىغاچېتىلىپ قالمىساقلا بىزنى ھەرقانداق ئەمەلدار بوزەك ئىتەلمەيدۇ..

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 10:24:00

بۇنداق ئىشلارنى ئاشۇ پوققورساق كادىرلار ھەيۋە بىلەن ئۇنىمىسا يالاقچىلىرىنى ئەگۈشتۈرۈپ جەرىمانە بىلەن ھەل قىلىۋاتسا بىزگە نىمە كەپتۇ ئارلىشىش . يامىنى كەلسە چەتئەلدىكى ئەسەبى كۈچلەرنىڭ پىلانلىشى دۆلەت ئىچىدىكى قارا نىيەتلەرنىڭ كۈچكۈرتىشى بىلەن قانۇن تۈزۈمگە قارشى چىقتى دەپ قالپاق كېيدۈرۈپ يېرىنى تارتىۋېلىشتىن يانمايدۇ بۇ قارا قورساقلار .

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 10:28:55

2 بالا توغقان ئاتا ئانىلارغا 60 ياشقا كىرگەندە يىلدا 600 كوي بىرىمىش پىلانلىق تۇغۇت كېنىشكى ئالسا 3000 كوي بىرىمىش. ئۇنىڭدىن بالىدىن يەنە بىرەرنى ئارتۇق تۇغۇپ چىداپ بېقىپ ئىنسابى بىلەن چوڭ قىلسا كۈندە 600 كوي بىرەلمىسىمۇ ھىچ بولمىسا ئايدا ياكى ئىككى ئايدا 600 كوي بىرەر. ساڭا پۇل بەردۇق چىقىپ كوچا سۈپۈر دەيدىغان، پۇلنى قېينى ئاپىسىنىڭ ئۈيىدىن ئەكىلىپ بەرگەندەك چوڭ سۆزلەيدىغان مىننەتخور كادىرلارنىڭ قۇلىغا قارىغاندىن مىڭ ئەۋزەل .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 11:33:12

يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ قاتنىشىشى دائىرىسى قايسى ؟



جاۋاب: ئومۇمەن يېشى 16 ياشقا توشقان(ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ، شەھەر- بازار ئىشچى خىزمەتچىلىرى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان يېزا نۇپۇسىدىكى دېھقان- چارۋىچىلار نۇپۇس تەۋەلىكى بويىچە ئۆز ئىختىيارى بىلەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ.



يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىسى قانداق توپلىنىدۇ؟ نۆۋەتتە شەخىسلەرنىڭ تاپشۇرۇش ئۆلچىمى قانداق بېكىتىلگەن؟ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش شەخسى سىچوتى قانداق تۇرغۇزۇلىدۇ؟



جاۋاب: يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىسى يەنى شەخىسلەر تاپشۇرغان راسخوت ،كوللىكتىپ ياردىمى ۋە ھۆكۈمەت تۇللۇقلىمىسىدىن ئىبارەت 3 قىسىمدىن تەركىب تاپقان، شەخىسلەرنىڭ تاپشۇرۇش ئۆلچىمى 100يۇەن، 200يۇەن ،300يۇەن ،400يۇەن، 500يۇەن،600يۇەن،700يۇەن، 800يۇەن،900يۇەن ،1000يۇەندىن ئىبارەت 10 خىل ئۆلچەمگە ئايرىلىدۇ.سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ. كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ نەپ ئالىدۇ.



سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش شەخسى سىچوتى قانداق تۇرغۇزۇلىدۇ؟



جاۋاب: ناھىيە- شەھەرلەر ھەر بىر يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارغا ئۆمۈرلۈك خاتىرلىنىدىغان شەخسى سىچوت تۇرغۇزۇپ بېرىشى كېرەك. شەخسىلەرنىڭ تاپشۇرغان قىسىمى، كوللىكتىپ ياردىمى، تۈرلۈ ك كارخانىلار، كەسپى ئورۇنلار، ئىجتىمائي تەشكىلات، يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە شەخىسلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا قىلغان مەبلەغ ياردىمى شۇنداقلا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سۇغۇرتا تاپشۇرۇشتا بەرگەن تۇللۇقلىما ياردىمىنىڭ ھەممىسى شەخسى سىچوتقا قوشۇۋىتىلىدۇ، شەخسى سىچوت زاپىسنىڭ ئۆسۈمى جۇڭگو خەلىق بانكىسى ئېلان قىلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپىراتلىرىنىڭ بىر يىللىق مۇددەتلىك ئامانەت ئۆسۈمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.     



يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى قانچە قىسىمدىن تەركىب تاپقان؟ قانچە ئۇزۇن چىقىم قىلىنىدۇ؟



جاۋاب: يەنى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسى سىچوت ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ، ھەمدە ئۆمۈرۋايەت بېرىلىدۇ.



مەركەز بېكىتكەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆلچىمى قانچىلىك؟



جاۋاب: ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ئايدا 55 يۇەن بولۇپ، مەركەز مالىيىسىدىن پۇتۇن مەسئۇل بولىدۇ.شارائىتى بار ناھىيە شەھەرلەر بۇ ئۆلچەم ئاساسىدا مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بولىدۇ. سۇغۇرتىنى جەمىئى تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشسا (تۇلۇقلاپ تاپشۇرغان قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمدە بۇ ئاساستا ئاشۇرۇپ تۆلىسە،پىنسىيىگە چىققاندا ئاشۇرغان ھەر بىر يىلىغا 2 يۇەن ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا قۇشۇلىدۇ. كېتىدىغان مەبلەغنى ناھىيە شەھەرلەر ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.



سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ۋاپات بولسا شەخسى سىچوتتىكى قالدۇق قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟



جاۋاب:سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار سۇغۇرتا تاپشۇرۇش مەزگىلىدە ۋاپات بولسا شەخسى سىچوت جوغلانمىسىدىكى ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردىمى ۋە ئونىڭ ئۆسۈمى تۇتۇپ قېلىنىپ قالغان قىسىمىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ. پىنسىيە پۇلى ئېلىش مەزگىلىدە ۋاپات بولسا شەخسى سىچوتتىكى قالدۇغىغا ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردىمى ۋە ئونىڭ ئۆسۈمى تۇتۇپ قېلىنىغاندىن كېيىن قالغان قىسىمىغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ . تۇتۇپ قېلىنغان ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردىمى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمى باشقىلارنىڭ پىنسىيە پۇلىنى تارقىتىشقا ئىشلىتىلدۇ.



يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان ۋاقىتتا يېشى 60 ياشقا توشۇپ بولغان ھەمدە شەھەر- بازار ئىشچى خىزمەتچىلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىدىن بەھرىمان بولمىغانلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش شەرتلىرى قايسىلار؟



جاۋاب: يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان ۋاقىتتا يېشى 60 ياشقا توشۇپ بولغان ھەمدە شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىدىن بەھرىمان بولمىغانلار، سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرماي تۇرۇپ ئايمۇ-ئايمۇ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئالسا بولىدۇ، لېكىن سۇغۇرتىغا قاتنىشى شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن پەرزەنىتلىرى سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرىشى كېرەك.



يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان ۋاقىتتا پىنسىيىگە چىقىش يېشى 15 يىلغا توشمىغان ۋە 15 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن دېھقان چارۋىچىلار سۇغۇرتا پۇلىنى قانداق تاپشۇرىدۇ؟



جاۋاب: 15 يىلغا يەتمىسە يىل بۇيىچە سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرىدۇ ھەمدە تۇللۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ. 15 يىلدىن ئېشىپ كەتسە يىل بويىچە سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرىدۇ ھەمدە پىنسىيىگە چىقىش ئۈچۈن ئاز دىگەندە 15 يىلدىن كەم تاپشۇرماسلىقى كېرەك.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 20:27:27

بەزى يېزىلاردا يەرلىك خاقان - شۇجىنىڭ گىپى قانۇندىن ئۈستۈن . \"\"

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 21:17:49

لىكىن بۇ دېگەن سۇغۇرتا تۇرسا ، ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ چۇقۇم مەجبۇرى بولماسلىق كېرەكتە .....

شۇنداقتۇ ؟؟؟

togrul يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 22:06:11

6- قەۋەتتىكى izlenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنىڭ تۇرپاندىمۇ ئاشۇنداق ئىش بار . ئەمما بىزنى ئۇنداق جەنۇپتىكىدەك بوزەك ئىتەلمەيدۇ.

ئۆتكەندە ئۈيۈمگە دادۈيجاڭ كىرىپتۇ. نىمە ئىش دىسەم ، جان سانىغا 100يۈەندىن سۇغۇرتاپۇلى

يىغىۋاتىمىز دەيدۇ .. بۇسۇغۇرتىنىڭ نىمە پايدىسى بار دىسەم 60ياش كىرگەندە سىزگە مائاش چىقىدىغان

قىلىمىز دەيدۇ.. بۇ ھۈكۈمىتىمىزنىڭ سىياسىتى يىلدا ئۆزگىرەپ تۇرىدىكەن . مەن بىرنەچچە يىل

تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ، بۇئىش ئەمەلدىن قالدى دىخانلارنىڭ سۇغۇرتا پۇلىنى ھۈكۈمەت بىر تۇتاش

كۈتۈرۋاتىدىغان بولدى دىسە زىيان تارتىپ كەتكىدەكمەن. بولدى مەن قاتناشمايمەن دىسەم، ياق ئۇنداق

بولمايدۇ. شۇنداق بۇلۇپ قالسا تاپشۇرغانلارنىڭكىنى قايتۇرۇپ بېرىمىز دەيدۇ..

مەن بولدى دۈيجاڭ مىنى بۇئىشقا زورلىماڭ . بۇئىش شەرىئەتكە ئۇدۇل كەلمەيدۇ مىنى نىمىلا دىسىڭىز

قاتناشمايمەن بولدى قىلىڭ دىۋىدىم ئاخىر گەپ تاپالماي چىقىپكەتتى..

ئىشقىلىپ بىزنىڭ تۇرپاندا سىياسىغاچېتىلىپ قالمىساقلا بىزنى ھەرقانداق ئەمەلدار بوزەك ئىتەلمەيدۇ..



  بىزنىڭ بۇ يەردە سىزدىگەندەك گەپنى قىلىپ قالساق تونىمىز تەييار . شەرىئەتكە ئۇدۇل كەلمەيدۇ دپ قويساققۇ دىننى ئەسەببى ئۇنسۇر بولۇپ كېتىمىز .

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 22:11:46

5- قەۋەتتىكى formatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10يۈەنلىك دورىنى 50يۈەن باھا قويۇپ 40يۈەننى ئاتچوت قىلسا ھەمكارلىشىپ داۋالاش بولامدۇ ؟





\"\"  ماندا ئىشمۇ با دەڭلا  

orhun1977 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 22:26:33

تۇنۇگۈن خۇتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيىسنىڭ چاقار يىزىسىدىن كەلگەن بىر كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق ئۇكىشىنىڭ دىيىشىچە ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ئائىللەردىن 100 يۈەندىن مەجبۇرى پۇل يىغىپ غاز، تۇخۇ چۇجىسى ئىلىپ بىرىۋىتىپتۇ. دىھقانلار نارازى بۇلغان ئىكەن مەجبۇرلاپتۇ يۇقۇرغا ئىنكاس قىلساڭلا بۇلمامدۇ. ھازىر بىر قانۇن بىلەن ئىدارە قىلنىدىغان دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز دىسەم پايدىسۇ يۇق يېزىدىكى باشلىقلار بىلىپ قالسا ئۈچ ئالىدۇ دەيدۇ.

ali015 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-24 13:36:32

جە نوبـتا بۇنداق ئىشلار ساماندەك، مەنمۇ ئالتە ئاي ئىشلەپ ۋاك دىگەن، ئىدىم  {:136:}

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-24 14:51:16

جەنۇب تەرەپتە بەك بەك بەكمۇ ئەسكى ناچار نىمىلەر بار.

يېزا شۇجىلىرى، يېزا باشلىقلىرى خۇددى بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھىدەك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ... خالىغان كەنتكە بېرىپ دېھقانلارنىڭ قوغۇن تاۋۇزىنى ئالىدۇ، بىچارە دېھقانلار قورقۇپ ئاران باققان قويلىرىنى سويۇپ ئۇلارنى مېھمان قىلىدۇ. توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى داستىخانغا تىزىدۇ.

خالىغانچە تۈزۈم چىقىرالايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا نىمىشقا بۇنداق، نىم ئۈچۈن دەپ قارشىلىق قىلىدىغان ئادەم يوق........ خالىغان يەرنى بىرە تۇغقانلىرىغا سېتىۋىتەلەيدۇ، خالىسا دېھقانلارنىڭ ئېتىزىغا سۇ بېرىدۇ، خالىمىسا بەرمەيدۇ. ئىچكىرىدە نىمە ئېھتىياجلىق بولسا دېھقانلار شۇنى تىرىڭلار دەيدۇ. بۇ يىل چىلاننىڭ بازىرى ياخشى، چىلان دەيدۇ، كىلەر يىلى قوغۇن دەيدۇ..... ئاپىرىپ ياخشىلىرىنى تاللاپ كۇلىدىكى زاۋۇتلارغا ساتىدۇ....................................... يىغىن ئېچىپ قالسا  دېھقانلارنىڭ كۈنى ياخشى، يىللىق كىرىمى يىلدىن يىلغا ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ.. دەيدۇ............



ئۆزۈم شاھىت بولغان ئىش:  مەلۇم يېزىدا شۇجى دېھقانلارغا ئۇنى تىرىڭلار، بۇنى تېرىڭلار دەپتۇ...... بىچارە دېھقانلىرىمىز ھارماي تالماي تېرىپتۇ. ھوسۇل ئوخشىماپتۇ، سۇ بەرمەپتۇ... قۇرۇپ كېتىپتۇ.. زىيان يەنە شۇ دېھقانلىرىمىزغا بولۇپتۇ.. لېكىن شۇيەردە قاچانلاردىن بېرى ئورۇنلىشىپ قالدىكى بىر خەنزۇ دېھقان مۇ باركەن........ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسغا ئۈسسۈپ كىرىپلا.. چاپىنىنى سېلىپ: قانداق نىمىلەر سەنلەر.. ئۇنى تېرىش دەيسەن، بۇنى تېرىش دەيسەن، تېرىسام سۇ بەرمەيسەن، زىيان بولدى. زىياننى تۆلەش دەپ يېتىۋاپتۇ............. شۇ زامان سۇ بېرىپ ، چاپىنىنىڭ توپىسىنى قېقىپ چىرايلىق كەيگۈزۈپ قويۇپ يولغا ساپتۇ...

يەنە بىرىنى دېمسەكمۇ بولىدۇ مېنىڭچە: كونا «باغ» دىگەن فىلىمگە ئوخشاش........

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-24 14:55:05

ئادەمنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى بولمىسا ئاشۇنداق گەپ .



ھازىرقىدەك مۇشۇ ۋاقىتلاردا يەنە ئاشۇنداق خالىغانچە چىقىرىلغان تۈزۈملەر بار... گىپىنى ئاڭلىمىسا تېخىمۇ يېزىدىكىلەر ئۆچ ئالىدىكەن ئاينا............ توۋا توۋا... بۇرۇنقى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دەۋردە قۇللار قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەن بولغىتى دەيمەن.. ھازىر بۇنداق.. تۇرسا

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-24 17:58:38

18- قەۋەتتىكى atilla705نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئادەمنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى بولمىسا ئاشۇنداق گەپ .



ھازىرقىدەك مۇشۇ ۋاقىتلاردا يەنە ئاشۇنداق خالىغانچە چىقىرىلغان تۈزۈملەر بار... گىپىنى ئاڭلىمىسا تېخىمۇ يېزىدىكىلەر ئۆچ ئالىدىكەن ئاينا............ توۋا توۋا... بۇرۇنقى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دەۋردە قۇللار قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەن بولغىتى دەيمەن.. ھازىر بۇنداق.. تۇرسا


ئۆزىنى  قانداق قوغدايدۇ؟؟    يۇقۇرىغا  ئەرىز قىلدىغانلارنى  مەخسۇس ئادەم  ئاجىرتىپ بېقىۋاتسا،  نوقتۇلۇق ئائىلە، گۇمانلىق ئائىلە ،  ئاسان ئەرىز قىلدىغانلار  دەپ   تۈرلەرگە ئايرىپ   كۆزۈتۈشكە مەخسۇس ئادەم  بىكىتىدۇ،  ئەرىز قىلغىلى ئۆيدىن چىقىپ بولغۇچە  قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىدۇ.




بەت: [1] 2
: يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۈزۈملىرىنى كىم بىكىتىدۇ؟