alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 17:18:01

قىزىتمىدىن جىددىي ياردەم!

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.


  تىۋىپلىرىمىزنىڭ  جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىم.


  بورتالادىكى بىر تۇغقىنىمنىڭ قىزى(بەش ياش) بىر ھەپتىدىن بويان قىزىتىپ، يۆتۈلۈپ پەقەت ياخشىلىنىش بولماپتۇ. دوختۇرلار ئۇنىڭ قىزىتمىسىنى پەقەتلا چۈشۈرۈەلمەپتۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا سوغۇق ئۆتۈپ ئاغرىغاندەك تۇرىدۇ. ئىزدىنىشتىكى تىۋىپلىرىمىزنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.




  باشقۇرغۇچىلارنىڭ تېمامنى تېزرەك تەستىقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 20:22:18

مۇشۇ قىزىتمىنىڭ گىپى چىقسا مىنى تىتىرەك باسىدۇ،  3يىل ئاۋال قىزتىپ قىلىپ ، 7كۈن قىزتمام پەقەت چۇشمىگەن،  ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 41گە چىققان، دوختۇرنىڭ ئۇكۇللىرى قەتئى كار قىلماي،  ئاخىرى بىر دۇختۇر ھەدەمنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئاپام يىمىش، چىلان، نۇقۇت، يەنە نىمە بولغىيىتى ئاشۇلارنى ئارلاشتۇرۇپ شوگۇرۇچ قىلغان،  

توۋا، ھەر قىتىمدا يىرىم چىنە ئىچىتىم، ئىچىپ بۇلۇپلا تەرلەيتىم ، قىززىتمام سەل يانىتى، ئاشۇنداق قىلىپ قىلىپ، ئىككى كۈندە پۇتۇنلەي ياخشى بولغان،  



لىكىن شۇنىڭ ياقى قىززىتىمىدىن شۇنداق قورقىمەن،

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 20:39:23

مەن مۇشۇ كەمگىچە قىززىغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. مۇشۇ ئائىلىدە دورا ئىشلەتمەي قىزىتمە ياندۇردىغان ئىشلا بارمىدۇ. مەنغۇ تۇرمىدا ئاليومىن ئاچقۇشتا تاپانىغا ،تېقىمىغا ،بىلەك ،يەنە نەتى پىشانىمۇ ئىشقىلىپ بىريەلىرىگە سىرىپ تۇرۇپ قىزارتىپ ، ئاندىن سۇغاق سۇ پۇركۇپ يانمىغان قىزىتمىنى 10 مىنۇتتا ياندۇرۋەتكەننى كورگەن.

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 20:40:47

بۇرادەر قىزىتمىغا سەل قارىماڭلا.بىر ئاي ئالدىدا ساپساقلا يۇرگەن بىر ئاكىمىز قىززىپ ،قىززىتمىسى41 غا چىقىپ ،1-دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ،جىددى داۋالىتىپ ئاران ئوڭشالدى.لېكىن دوختۇرلار مېڭە پەردە ياللۇغى دەپ دىياگونۇز قويۇپتۇ.بۇنى ئاڭلاپ قىزىتمىدىن مەنمۇ قورقۇپ قالدىم،قالغىنىغا تادۇ بەگ.بىر زات ھېكىملەر بىر نېمە دەپ باقسۇن!

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 20:48:39

يالغۇغ بولسا قىززىيدۇ. ياللۇغنىڭ نەدىلىكىنى بىلگەندە سەۋەپ قىلسا بولامىكى .

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 20:52:24

قىززىغاندا لۈڭگىنى ئىلمان سۇدا يۆل قىلىپ بەدەننى توختىماي سۈرۈتسە قىزىتمىسى چۈشىدۇ. قىزىم قىزىپ قېلىپ دوختۇرغا ئاپارساق بۇنداق ئەھۋالدا ئۇكۇل ئۇرغىلى بولمايدۇ دەپ شۇنداق قىلغان.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 21:15:35

ئوغۇزغا بېرىلگەن زۇكام-قىزىتما قايناتمىسى


ۋە قىزىتما ياندۇرۇشقا ئائىت بەزى كەسپىي پاراڭلار يۇقىرىقى ئۇلىنىشتا بار.


ئاۋۋال قىزىتمىنىڭ كېسەللىك مەنبەسىنى تېپىپ ئاندىن چۈشۈرگۈلۈك ئىدى. چوڭراق دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالاتسۇن. بالىلاردىكى قىزىتمىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 21:29:43

لىكىن قىزىزىغاننىمىڭمۇ پايدىلىق تەرەپلىرى بارمىش

maraz886 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 07:41:00


7- قەۋەتتىكى elxat421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لىكىن قىزىزىغاننىمىڭمۇ پايدىلىق تەرەپلىرى بارمىش



ئۇنداقتا سىلە پايدىدىن قۇرقامسىلە




maraz886 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 07:54:52

ئاللاھتىن شىپلىق تىلەيمەن . بىمار قېرىندىشىمغا سەۋىر تىلەيمەن .



مەنمۇ بىر دوختۇر بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى سەمىڭىزگە سەپ قۇياي .

بەدەندە يۇقۇملىنىش پەيدا بولغاندا كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىل بىلەن،كىسەلگە قارشى تۇرغۇچى كۈچ ئوتتۇرسىدا تۇقۇنۇش يۇزبىرىدۇ. مانا مۇشۇ چاغدا بىمار قىززىيدۇ.

ئەگەر سىز كىسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىل (باكتىرىيە،ۋىروس دىگەندەك)لارنى توغرا بايقىسىڭىز بۇ قىزىتما بەك ئاسان چۈشىدۇ .قايسى خىل مىكروپتىن يۇقۇملانغاننى بىلمەي تۇرۇپ قالايمىقان دورا بەرسىڭىز نۇرمالنى باكتىرىيەلەر ئۈلۈپ كەتسە قىززىتما پەسەيمەي ئەكىسچە تېخىمۇ قىزىپ كىتىدۇ.

چۈنكى بەزى باكتىرىيەلەر نورمال چاغدا ئادەم بەدىنىنى قوغدايدۇ.



ئادەتتىكى قىززىتما بولسا بۇ كەمگە چۈشەر ئىدى.سىز شارائىتى ياخشىراق دوختۇرىانىلارغا ئاپىرىڭ .

بالىلار قاتتىق قىزىسا تارتىشىپ قالىدۇ.












elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 08:52:03

لىكىن قىزىزىغاننىمىڭمۇ پايدىلىق تەرەپلىرى بارمىش







ئۇنداقتا سىلە پايدىدىن قۇرقامسىلە





--------------------------------------------------------------

شۇنداق قورقىمەن، بۇ پايدىنىڭ خەتىرى چوڭ ئەمەسمۇ، ئاشۇنداق ئۇدا بىرھەپتە قىزىزىتسا ، بولىدىلا ئۇلارنى ئويلىغۇم يوق،  لىكىن ئانچە مۇنچە كىچىك قىزىتىشلارنىڭ بەدەننى تەڭشەش دەمدۇ، بەزى يامان سۈپەتلىك نەرسىلەرنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىشقا دەمدۇ پايدىسا بار دەپ كۆرگەن،

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 10:28:01

2- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن مۇشۇ كەمگىچە قىززىغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. مۇشۇ ئائىلىدە دورا ئىشلەتمەي قىزىتمە ياندۇردىغان ئىشلا بارمىدۇ. مەنغۇ تۇرمىدا ئاليومىن ئاچقۇشتا تاپانىغا ،تېقىمىغا ،بىلەك ،يەنە نەتى پىشانىمۇ ئىشقىلىپ بىريەلىرىگە سىرىپ تۇرۇپ قىزارتىپ ، ئاندىن سۇغاق سۇ پۇركۇپ يانمىغان قىزىتمىنى 10 مىنۇتتا ياندۇرۋەتكەننى كورگەن.



مەن قىزىپ قالسام سۇيۇق-سەلەڭ بىرەرنەرسە ئىچىپ يەنى سۇيۇقئاشتەك نەرسە ئىچپ بىر تەرلىنىپ ياتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئوڭشىلىپ كېتىمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 12:24:53

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئۈستىدىكى تورداشلارمۇ ئېيتىپ ئۆتۈپتۇ،سەۋەبىنى ئېنىقلىماي قىلغان دورا ياخشى تەسىر قىلمايدۇ. سوغۇقتىن قىزىتما بولغان بولسا يەنە سوغۇق ئۆتكۈزسە ئۆپكە ،جىگەر خىزمەتلىرىگە بەك زىيان قىلىدۇ. شۇڭا ئىسسىق تەبىئەتلىك تەرلەتكۈچى ، توسالغۇچى ئاچقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىپ،تەرلىتىش كېرەك. زۇكام جەۋھىرىگە ئوخشىغان دورىلارنى ئىشلەتكەنمۇ؟

تۆۋەندىكى تېمىدىنمۇ پايدىلىنىشقا بولىدۇ http://www.4tadu.com/?p=131

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 13:36:47

بىرسى ياردەم سوراۋاتسا، ماۋۇ يۈكسەل بىلەن تادۇبەگ ئىككىلىسى تور بېتىنىڭ ئېلانىنى لەپىلدىتىپ يۈرىدا  {:92:}  



يۆتەل بار ھالەتتە قىززىسا، تىۋىبلىرىمىزنىڭ يەرلىك كاشكاپلىرىنى دەملەپ ئىچسە ۋە تەرلەنسە ئاسانلا ياخشى بولاتتى.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 14:00:53

ئاخشامنىڭياغى ئىزدىنىشقا ئەزالىق ھالەتتە كىرىپ بولالماي ئەمدى كىرەلەىدىم. ئىزدىنىش جامائىتىنىڭ يول كۆرسەتكىنىگە رەھمەت. ئاخشام قىزىتمىسى خېلى چۈشكەندەك قىلىدۇ. قىزىتما بىلەن يۆتەل بىرلا كەلگەچكە دوختۇرلارمۇ كۆپ مالامەتتە بولۇپتۇ. دوستۇمغا تۇدۇبەگنىڭ بلوگىدىكى يازمىنى تەۋسىيە قىلاي.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 15:08:28

كاشكاپ نۇسخىسىدىن قالدۇرۇپ قوياي

چىلان،ئەينۇلا،يەرلىك شوخلا،خەشخەش(تىلمىغان)ئاق لەيلى ئۇرۇقى،سەرپىستان،زۇپا،يۇمغاقسۈت،پىرسىياۋشان،ئەنجۈر قېقى،ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى،قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،قاينىتىپ قىزىقراق پېتى ئىچىپ ،ھىم يۆگىنىپ يېتىپ تەرلەنسە بولىدۇ.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-23 21:28:22

ئىنشائاللاھ، قىزىتمىسى ياندى. ئەمما يۆتەل تېخىچە توختىماپتۇ. بۇنىڭغا قانداق سەۋەب قىلماق كېرەك؟
بەت: [1]
: قىزىتمىدىن جىددىي ياردەم!