تور بېتىگە ئېلان قويغان توربەتچىلەر دىققەت!
تور بېتىگە ئېلان قويغان توربەتچىلەر دىققەت!
يېقىندىن بېرى تور ئالدىراش بولۇپ قېلىپ تور بەتكە ئانچە قارالمىغان ئىدىم . بىر قانچە تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە تور بېتىمىزدە ياد دىنلارنى تەرغىپ قىلىدىغان ئېلان پەيدا بولۇپ قاپتۇ. تەكشۇرۇپ باقسام گۇگۇل تەمىنلىگەن ئېلانلار قاتارىدا كۆرۈنگەن ئېلان ئىكەن.
بۇ ھايات نۇرى دىگەن تور بەتتىن بېرىلگەن ئېلان بولۇپ ئىنجىل تەۋرات قاتارلىق كىتاپلار ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى تەرغىپ قىلىدىكەن لىكىن قۇرئانغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يوق. ئۇ ئېلان رەسىمىدە 回族专用网站 دىگەن خەت كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن ۋە بۇ ئارقىلىق بىزنى خاتا ئۇقۇمغا باشلايدىغاندەك قىلىدۇ. ئەقلىم ھەيران قالغىنى گۇگۇلدىن مەن بۇرۇنلار ساقلام، دورا، جىنسىيەت ۋە دىنغا دائېر مەزمۇنلاردىكى ئېلانلارنى قىلتىرلىۋىتىشنى تەڭشەپ قويغان ئەمما بۇ ئېلانلار قىلتىرلانماي يەنىلا كۆرىنىۋاتاتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن گۇگۇل ئارقا باشقۇرۇشىغا كىرىپ بۇ ئېلاننىڭ ئادرىسىسىنى بىۋاستە چەكلىۋەتتىم.
مەن بۇ ئېلاننى چەكلىۋەتسە يۇقارقى ئېلان كۆرۈنمىدى لىكىن ئەتىسى يەنە بىر ئېلان كۆرۈنۈپ قاپتۇ << بىر مۇسۇلمان ئايال ئاخىرى ئاللانى ئاتام دىدى >> دىدى دەپ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئېلان ئادرىسىنى تەكشۈرسەم بۇمۇ يۇقارقى ھايات نۇرى دىگەن تور بەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇنىمۇ يۇقارقى ئۇسۇلدا چەكلىۋەتتىم
مەقسەتكە كەلسەك :
بىز بىكەت باشلىقلىرى قارىغاندا ھەر ۋاقىت گۈگۈل ئېلانىنى تەكشۈرۈپ يۇقارقىدەك شۇبھىلىك ئېلانلارنى چەكلەپ تۇرمىساق گۇناھقا شېرىك بولۇپ قالغۇدەكمىز. شۇڭا كۆپچىلىك دىققەت قىلايلى ، ياكى بۇ گۇگۇل ئېلانىدىن ۋاز كېچەيلى ! مەنمۇ بىر مەزگىل تەكشۇرۇش ئېلىپ بارىمەن يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق بولىۋەرسە بۇ نەچچە يىللىق گۈگۈل ئېلانىدىن ۋاز كېچىمەن.
ئەسكەرتىش يۇقارقى شۈبھىلىك ئېلانلار ئارقىلىق چېكىلگەن تور بەت ئادىرىسىغا كىرسىڭىز ، خەنۈزۈچە ۋە ئۇيغۇرچە مەزمۇندا بەتلەر بار ئىكەن ، ئاللا بىزگە رەھمەت قىلسۇن ، بىزنى توغرا يوللارغا باشلىسۇن. ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلارنىڭ ئازدۇرىشىدىن پاناھ ئەيلىسۇن ئامىن !
گۇگۇل ئېلانىنى ئېلان ئادرىسى ئارقىلىق چەكلەش ئۇسۇلى :
ئۇسۇلى :
- 允许/屏蔽广告 تۈرىنى تاللاپ ئۇنىڭدىكى بىرىنجى تاللاش تۈرى
广告客户网址 نى تاللاپ شۇ بەتتە كۆرۈنگەن كۆزنەككە بايىقى ئېلان چەككەندە كۆرۈنگەن سىز كۆرنۈشنى خالىمىغان ئېلان ئادرىسىنى كىرگۈزىسىز. دىققەت قىلىدىغان ئورۇن شۇكى تولۇپ ئادرىسىنى كىرگۈزۈش بىلەن بىللە يەنە www نى ئېلىۋىتىپ بىر كىرگۈزىمىز . ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن يەنە ئاساسى ئادرىسنىمۇ كىرگۈزىمىز مەسىلەن :
- www.elqut.cn دىن باشلانغان ئېلانلارنى چەكلىمەكچى بولسىڭىز بۇ ئادىرىسلارنى ئايرىم ئايرىم كىرگۈزۈپ چەكلەيمىز
- www.elqut.cn
- elqut.cn
- www.elqut.cn/
- elqut.cn/
- www.elqut.cn /?
- سىز چەككچەندە كۆرۈنگەن ئېلان ئادرىسىنىڭ تۈزىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئېلان بەرگىنىگە تەشۋىقاتقا كۈچگىنىگىغۇ ھە دېسەم. ئەمما، ماۋۇ نامەرتلىكى پەقەت كاللامدىن ئۆتمىدى. نەق گەپنىڭ ئۆزىنى دېمەي، مۇسۇلمان، ئاللاھ ... دېگەن گەپلەرنى قوشۇپ، يەنە تېخى مۇسۇلمانچە كېيىنگەن قىزنىڭ دۇئا قىلىۋاتقان رەسىمىنى كىرشتۈرۈپ ئىشلىگەن ئېلان رەسىمىگە قارىساملا، بۇ تەشۋىقاتنى قىلىۋاتقانلارنىڭ كۇرسى نەزىرىمدىن موللاقلاپ چۈشۈپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق گرىمسەن ئۇچۇرلار بىلەن باشقىلارنىڭ كۆزى ۋە ئەقلىنى ئالداش بەدىلىگە ئۆزىنى تەشۋىق قىلماقچى بولغان نامەرد ئىنسانلارنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان نەرسىسى قانچىلىك ھەقىقىي بولماقچى؟!...
مۇشۇ ھايات نۇرى دىگەن تور بەتنىڭ ئاستىدا نازارات تېلىفۇنى، پاش قىلىش دىگەندەك ھېلىقىدەك تور ساقچىلېرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسولى دىگەندەك مەزمونلار قەتئى كۆرۈنمەيدىكەن. بۇ تور بەتنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكۈدەك خاككىرلار يوقمىدۇ ئارىمىزدا. Domain Name: hayatnuri.com
Registered at http://www.dynadot.com
Registrant:
The Administrator c/o Dynadot Privacy
PO Box 701
San Mateo, CA 94401
United States
Administrative Contact:
The Administrator c/o Dynadot Privacy
PO Box 701
San Mateo, CA 94401
United States
privacy@dynadot.com
1-650-585-4708
Technical Contact:
The Administrator c/o Dynadot Privacy
PO Box 701
San Mateo, CA 94401
United States
privacy@dynadot.com
1-650-585-4708
Record expires on 2013/10/30 UTC
Record created on 2012/10/30 UTC
Domain servers in listed order:
ns1.padlockmail.com
ns2.padlockmail.com
>>> Last update of whois database: 2013/03/21 23:37:10 PST <<<
1- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇنداق گرىمسەن ئۇچۇرلار بىلەن باشقىلارنىڭ كۆزى ۋە ئەقلىنى ئالداش بەدىلىگە ئۆزىنى تەشۋىق قىلماقچى بولغان نامەرد ئىنسانلارنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان نەرسىسى قانچىلىك ھەقىقىي بولماقچى؟!...
ئىشقىلىپ دىنىي ساھەدە بۇ خرىستىئان تەشۋىقاتچىلاردەك ئالدامچى، يالغانچى، ساختىپەزلەر بەك ئاز ئۇچرايدۇ. ئۆزىنىڭ توغرا دىنىنى بورمىلاپ، ئىيسا مەسىھنىڭ دېگەنلىرىنى يالغانغا چىقارغىنى يەتمىگەندەك، باشقا دىن مەنسۇپلىرىغىمۇ ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىقنى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئۆگىتىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كاتولىك تەشۋىقاتى، پروتەستان تەشۋىقاتى قىلىدىغان بەزى ئۇيغۇر خرىستىئان مىسيونېرلارنى تونۇيمەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان قىياپەتتە تۇرۇپ، مۇسۇلماننىڭ ئېتىقادىنى ئوغرىلايدىغان نۇمۇسسىز ئوغرى، يالغانچى، ئالدامچى مۇرتەد.
ماۋۇ تور بەت كاتولىك خرىستىئانلارنىڭ دىن تارقىتىش مەركىزىنىڭ خەنچە تور بېتى. بۇ تور بەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادا قانداق پائالىيەت قىلغانلىقى ھەققىدە قىسقا ئۇچۇر بولغاندىن سىرت، تور ژورنىلى قاتارلىقلار باركەن. 2012-يىلى 5-ئايدىكى ژورنىلىنى ئوقۇپ باقسام، مەخسۇس مۇسۇلمانلارغا قانداق دىن تەشۋىق قىلىشنى دەرستە ئۆگىتىپ مەشىق قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر باركەن.
http://www.glecenter.org/cn/wwd-nwsltr.php
ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئاغىنەم ئۇچۇر قىپتۇ، ئىزدەش تورنىڭ يان تەرپگە چىققان ئىلانلاردا چاتاق باركەن، دەپ
قارسام يەنە شۇ خىرستىئانلارنىڭ ئىلانلىرى..ئاغىنەم ئىزدەش تورىغا تىلفۇن قىلپ ئۇ ئىلاننى ئەتكۈزۋەتتى. ئىزدىنىشتىكى جوھۇتلار بۇنىڭدىن بەك ئىلھاملىنىپ كەتتى.
4- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
1- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇنداق گرىمسەن ئۇچۇرلار بىلەن باشقىلارنىڭ كۆزى ۋە ئەقلىنى ئالداش بەدىلىگە ئۆزىنى تەشۋىق قىلماقچى بولغان نامەرد ئىنسانلارنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان نەرسىسى قانچىلىك ھەقىقىي بولماقچى؟!...
ئىشقىلىپ دىنىي ساھەدە بۇ خرىستىئان تەشۋىقاتچىلاردەك ئالدامچى، يالغانچى، ساختىپەزلەر بەك ئاز ئۇچرايدۇ. ئۆزىنىڭ توغرا دىنىنى بورمىلاپ، ئىيسا مەسىھنىڭ دېگەنلىرىنى يالغانغا چىقارغىنى يەتمىگەندەك، باشقا دىن مەنسۇپلىرىغىمۇ ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىقنى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئۆگىتىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كاتولىك تەشۋىقاتى، پروتەستان تەشۋىقاتى قىلىدىغان بەزى ئۇيغۇر خرىستىئان مىسيونېرلارنى تونۇيمەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان قىياپەتتە تۇرۇپ، مۇسۇلماننىڭ ئېتىقادىنى ئوغرىلايدىغان نۇمۇسسىز ئوغرى، يالغانچى، ئالدامچى مۇرتەد.
ماۋۇ تور بەت كاتولىك خرىستىئانلارنىڭ دىن تارقىتىش مەركىزىنىڭ خەنچە تور بېتى. بۇ تور بەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادا قانداق پائالىيەت قىلغانلىقى ھەققىدە قىسقا ئۇچۇر بولغاندىن سىرت، تور ژورنىلى قاتارلىقلار باركەن. 2012-يىلى 5-ئايدىكى ژورنىلىنى ئوقۇپ باقسام، مەخسۇس مۇسۇلمانلارغا قانداق دىن تەشۋىق قىلىشنى دەرستە ئۆگىتىپ مەشىق قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر باركەن.
http://www.glecenter.org/cn/wwd-nwsltr.php
![]()
بۇ ئېنىقلا كاززاپلىق ئەمەسمۇ؟
نۇرغۇنلىرىمىز قىزىقىپ كۆرۈپ باقىدىكەنمىز ئۇ تور بەتنى ، مەنمۇ كۆرۈپ باقتىم ، كىردىم لىكىن شۇنچە زورۇقۇپ ئوقۇياي دىسەممۇ ئىچىمنى بىر نەرسە تاتىلىغاندەك ، دەملىرىم سىقىلىپ كەتتى ، ئاخىرى چىدىيالماي چىكىنىپ چىقتىم . ئۇ ئازغۇنلار خوش بولۇپ كەتمىسۇن . تور بىتىنىڭ زىيارەت مىقدارى ئاشسا . شۇنداق، ئەڭ ياخشىسى ئۆچۈرىۋېتىڭ. ئۇلارنى بايقۇت قىلىمىز دەپ نۇرغۇن زىيارەت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ سېلىشىمىز مۇمكىن. مەن ئۆچۈرەلمىدىم بولسا باشقۇرغۇچىلار ئۇ رەسىمنى ئۆچۈرىۋەتسە
ئىشقىلىپ ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى بۇزۇش ئۈچۈن ھەپىلىشىدىغان خۇمسىلار بەكلا كۆپىيىپ كەتتى.
مەخسۇس مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇلارغا قانداق دىن تارقىتىشنى ئۆگىتىدىغان قوللانمىلارمۇ كۆپكەن.
http://www.bolchicago.org/dailydevotions/2009_muslim/09_cn_simplified.pdf
رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى كۈچىيىدۇ. بۇ شەيتان مىسيونېرلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنىڭ كۈچىيىشىنى خالىمىغاچ، رامىزاندا مەخسۇس مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر نېمىلەرنى نىيەت قىلىدىكەن، نېمە نىيەت بولاتتى؟ شۇ مۇسۇلمانلار خرىستىئان بولسۇن دېگەن غەزەر نىيەت. بۇ غەرەزنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؟ دېگەن مەقسەتتە قوللانما كىتاب تۈزۈپتۇ. كىتابنىڭ مۇقاۋىسى مانا:
بۇ قوللانمىنى تۈزگۈچىلەر:\"مۇسۇلمانلار كۆرمىسۇن، بۇ قوللانما خرىستىئانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن، بۇ ئىنجىل تارقىتىش ماتىرىيالى ئەمەس. بەرىبىر ئۇلار (مۇسۇلمانلار) سىزنىڭ ئۇلارغا دۇئا قىلىشتىكى مەقسىدىڭىزنى چۈشەنمەيدۇ!\" دەپ ئالاھىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپتۇ، مانا:
بۇ كىتابتا بىز ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك گەپلەرمۇ باركەن. بىزنىمۇ خرىستىئان قىلىشنى قاتتىق ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ.
بۇ قوللانمىدا مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچراشقاندا نېمىلەرنى دېيىش، نېمىلەرنى دېمەسلىك ھەققىدە ئالاھىدە دېققەت قىلىدىغان ئىشلانى تەكىتلەپتۇ.
قىسقا تەرجىمىسىنى يېزىپ قوياي:
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسيا مەسىھنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلايلى
قايسى ئىشلاردىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟
1. مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ شەخسىيىتىگە ھاقارەت قىلماڭ، لېكىن ئۇنى پەيغەمبەر دەپ قوبۇل قىلماڭ. بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئۇلارنىڭ ئىيسانى تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش خالاس، باشقىلارنى باھالاش ئەمەس.
2. قۇرئاننى تەنقىت قىلماڭ.
3. سىياسىي سەزگۈر تېمىلاردىن ئۇزاق تۇرۇڭ. مەسىلەن: پەلەستىن مەسىلىسى، ئىسرائىلىيەنى ماختاش دېگەندەك.
4. ئىيسانى تەڭرىنىڭ ئوغلى دەپ چىڭ تۇرۇۋالماڭ. مۇسۇلمانلار بۇنى چۈشەنمەيدۇ ۋە ئىشەنمەيدۇ. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۇلار ئىنجىلنى ئوقۇپ بولغاندا چۈشەندۈرسىڭىز بولىدۇ.
5. پاراڭلاشقاندا چۈشقا گۆشى يېيىش ۋە ھاراق ئىچىشنى تىلغا ئالماڭ. بىز خرىستىئانلارنىڭ مەقسىدى خەقكە ئىيسانى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت، تاماق قائىدىسى تۈزۈپ بېرىش ئەمەس. ھاراقكەشلىكنى توغرا ئەمەس دەپ قويۇڭ، مۇسۇلمانغا ھاراق تەڭلىمەڭ.
ئالاھىدە دېققەت قىلىدىغان نوقتىلار:
1. ئورتاق كۆز قاراشلاردىن باشلاپ قول سېلىڭ: مۇسۇلمانلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئامال بار ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق ئىشىندىىغان، بىرلىككە كەلگەن ئوقۇملاردىن باشلاڭ، بۇنىڭ ئىنجىل تارقىتىشقا كۆپ پايدىسى بار. ئۇلار بىر ئاللاھقا ئىشنىدۇ. ..........
2. ھېكايە ئېيتىپ بېرىڭ......
3. ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىڭ.
4. سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارنى ئىزدەپ زىيارەت قىلىڭ.
5. تالاش-تارتىش قىلماڭ. نەزىرىيە سۆزلەش بىلەن مۇسۇلمانلارنى قايىل قىلىش ئېھتىماللىقىڭىز ئىنتايىن تۆۋەن. غەربلىكلەرنىڭ لوگىكىسى مۇسۇلمانلارغا ئاقمايدۇ. مۇسۇلمانلار بىلەن ئىختىلاپلىشىپ قالسىڭىز، ئۇلارنى ئىسلامنى تېخىمۇ قوغداشقا مەجبۇرلاپ قويىسىز.
6. قۇرئاننى ئوقىسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئۇنى ئىنجىل تارقىتىشتىكى بىردىنبىر ۋاستە قىلىشقا بولمايدۇ. .......
داۋامىنى ئۆزەڭلار ئوقۇۋېلىڭلار خەنچىسى ياكى ئېنگلىزچىسىدىن. Apostle to Islam دەپ توردىن ئىزدىسەك، ئىسلامغا قەست قىلىدىغان نۇرغۇن سۈيقەستچى خرستىئان مىسيونېرلارنىڭ ھىيلە-مىكرىدىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھازىر يەھۇۋا شاھىتلىرى 耶和华见证人 Jehovah\"s Witnesses سەل ئاۋۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. ۋاقتىم چىققاندا بۇ ئالدامچىلارنىڭ كىملىكى، تارىخى توغرىسىدا بىر تېما يازىمەن، ئىنشائاللاھ.
10- قەۋەتتىكى elqut_cnنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ئۆچۈرەلمىدىم بولسا باشقۇرغۇچىلار ئۇ رەسىمنى ئۆچۈرىۋەتسە
سىز www.elqut.cn تور بېتىڭىزگە چىقارغان ئاشۇ رەسىمنى شۇ ئەلقۇت تور بېتىڭىزدە تۇرۇپ مەنبەدىن ئۈچىرىۋەتسىڭىزلا، ئىزدىنىشتىكى ئۇلىنىشتا رەسىم ئاپتۇماتىك كۆرۈنمەيدۇ، ئۇ ئادرېسلارنىمۇ ئېلان قىلغان بولمايسىز. يا مەن خاتا چۈشىنىپ قالدىممۇ؟ دۇرۇس يول بىلەن ئەمەس بەلكى يۇقىرىقىدەك كاززاپلىق ۋە سۈيقەست بىلەن ئۆز دىنىغا چوقۇندۇرسا «پەرۋەردىگارى» بۇ خىل چوقۇنۇشنى راۋا كۆرسە، ئۇ ‹‹پەرۋەردىگار›› مۇ چاغلىقكەن. قانداقمۇ ئالاملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، قىيامەت كۈنىنىڭ ئېگىسى... دېگەندەك سۈپەتلەرگە ئىگە ياراتقۇچى بولالىسۇن؟!... نەۋزۇبىللاھ! ما مۇنبەردىكى بىر قانچىسى ئاۋۇ قوللانمىنى يادلاپ سۇ قىۋەتكەن ئوخشايدۇ.
ئاتېئىزمچىلار ئىككى دىن مۇرىتلىرىنى سوقۇشقا سېلىپ تاماشا كۆرىۋاتمىغاندۇ ؟
ئۇنداق ناچار ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خىرىستيان دىنىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ قانچىلىك ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى دۆت ئادەممۇ بىلەلەيدۇ ،شۇ ئاتالمىش «خىرىستيان»؛لارنىڭ بىلەلمىگىنىگە مەن ھەيران مېنىڭچە بۇ قورقۇنىچلىق ئەمەس ، ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى بىزنىڭ ئىتىقادىمىزنىڭ ئاجىز بولۇشى ، مېنىڭچە بۇ كىتاپلارنىمۇ ئوقۇپ باقسا بولىدۇ ، بىراق ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ دىنىنى ياخشى چۈشۈنۈڭ ، قۇرئان كەرىمنى ياخشى چۈشۈنىڭ ئاندىن سىز باشقىلارنىڭ قاراشلىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلالايسىز . ئەھلى مۇسۇلمان بولسىڭىزلا ، سىزنى توغرا يولدىن ھىچكىم ئايرىۋىتەلمەيدۇ . بۇ ئېلانلارغا كەلسەك ، ئۇلارنىڭ ئېلان بەرگىنىنىڭ ئۆزىلا بۇ خىرىستىئان دىنىنىڭ جاھان سەھنىسىدە تەۋرەپ قالغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ، چۈنكى ھەقىقەت ئېلانغا موھتاج ئەمەس ...
بەزى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ھەيرانمەن ، ئاڭلىسام خىرىستىئان مۇرتى بولۇۋاپتىمىش (ئەمما مەن كۆرۈپ باقمىدىم ) ئىسلام بىلەن تۇغۇلغانتىڭ ، ئۆزەڭنىڭ ئىسلام دىنىڭنى چۈشۈنۈپ باقمايسەن ، ئۆزەڭنىڭ ئىتىقادىڭمۇ ،ئىبادىتىڭمۇ ئىسلامدا چاغلىق ، يەنە خىرىستىئان بولۇۋالىسەن ، ھەي .... سېنىڭ خىرىستاندىكى ئىتىقادىڭمۇ چاغلىق ...
15- قەۋەتتىكى dilnazukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاتېئىزمچىلار ئىككى دىن مۇرىتلىرىنى سوقۇشقا سېلىپ تاماشا كۆرىۋاتمىغاندۇ ؟
ئۇنداق ناچار ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خىرىستيان دىنىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ قانچىلىك ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى دۆت ئادەممۇ بىلەلەيدۇ ،شۇ ئاتالمىش «خىرىستيان»؛لارنىڭ بىلەلمىگىنىگە مەن ھەيران
ھەيران قالماڭ، خرىستىئانلار دىن تارقىتىش يولىدا ۋاستە تاللىمايدۇ. ھەر قانداق رەزىل،؟؟؟؟؟؟؟؟ۋاستىنىمۇ دىن تارقىتىشتىن ئىبارەت\" ئۇلۇغۋار\" غايىسى ئۈچۈن ئىككىلەنمەي ئىشلىتىۋېرىدۇ. ئېنگلىزچە بىلگەن بولسىڭىز، مەن يۇقىرىدا نەقىل ئالغان خەنچە پ د ف كىتابلارنى چىقارغۇزغان ئورگانلار ھەققىدىكى ئېنگلىزچە ماتىرىياللارنى كۆرۈپ بېقىڭ دەيتتىم.
为穆斯林世界祷告30天 دېگەن كىتابنى تەيۋەندىكى خەنزۇلار چىقىرىپتۇ، كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى ئالاقىلىشىش ئادرېسىغا قارىسام http://www.omf.org/omf/home/about_omf پروتەستان خېرىستىئانلارنىڭ مىسيونېرلىق تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىگە باغلىنىشلىق ئىكەن. James Hudson Taylor نىڭ كىملىكىنى، http://www.wycliffe.org/ نىڭ قانداق ئورگانلىقىنى بىلگەن كىشى بۇنىڭ جوڭگۇدىكى ئاتىئىزىمچىلارنىڭ قىلغان ئىشى ئەمەسلىكىنى قاراپلا بىلەلەيدۇ. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى مەركەزلەرنىڭ تەلىماتى بىلەن ئىش قىلىدىغان چوڭ تەشكىلات ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ.
تۇڭگانچە ياسىنىپ، ئىسلامنى تەتقىق قىلىپ مۇسۇلمانغا قانداق دىن تەشۋىق قىلىشنى مەشىق قىلىۋاتقانلار چىقارغان 靠此记号得胜 تور ژورنىلىنى چىقارغۇچىلار ۋاتىكان روم چېركاۋىغا باغلىق بولغان كاتولىك خرىستىئان مىسيونېرلار ئىكەن. مانا قاراڭ: http://www.glecenter.org/en/whwer_hstry.php
بۇلار ئاتىېئىزمچىلار چىقارغان تاماشا ئەمەس. چەتئەلدىكى خرىستىئان تەشكىلاتلار قىلىۋاتقان پىلانلىق، نىشانلىق ئىشلار ھەممىسى.
ئىچكىرىدىكى خەنزۇ خرىستىئانلارنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بىر ۋىدىئو فىلمىنى كۆرگەنتىم، ئۇنىڭدا ئۇلار \"ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ئېرۇسالىمغا بېرىشقا\" قەسەم قىلىۋېتىپتىكەن. بۇ دېگەنلىك، شىنجاڭدىن قىرغىزىستان، ئاندىن ئۆزبىكىستان، ئازەربەيجان، ئىران قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق پەلەستىنگە بارىمىز دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى خرىستىئانلاشتۇرغاندىن كېيىن ئېرۇسالىمغا كىرىپ ئىيسا مەسىھنىڭ پادىشاھلىقىنى تىكلەيمىز دېگەن گەپ.
ئىشقىلىپ، بىز ئۇخلاپ ياتقان بىلەن، بىزنىڭ ئىسلامىي ئىمانىمىزنى يۇقىتىشنى قەستلەپ ياتقان دۈشمەنلىرىمىز سەگەكلىك بىلەن بىزگە ھۇجۇم پەيتىنى پايلاپ تۇرماقتا.
ئاتىئېىزمچىلارنىڭ \"تاماششا\" كۆرگۈسى كېلىپ قالسا، باشقا باشقا دىن مۇرتلىرىنى ئۆز ئارا ئۇرۇشقا سالمايدۇ. بەلكى مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلماننى ئۇرۇشقا سالىدۇ، خۇددى خۇراز بىلەن خۇرازنى، كالا بىلەن كالىنى سوقۇشقا سېلىپ ئويۇن كۆرگەندەك. ....
بەزى گەپلەر قىسقارتىلدى.
بۇ گەپلەر راسىتمۇ؟ {:92:}
ئىشقىلىپ، بىز ئۇخلاپ ياتقان بىلەن، بىزنىڭ ئىسلامىي ئىمانىمىزنى يۇقىتىشنى قەستلەپ ياتقان دۈشمەنلىرىمىز سەگەكلىك بىلەن بىزگە ھۇجۇم پەيتىنى پايلاپ تۇرماقتا.
ئاتىئېىزمچىلارنىڭ \"تاماششا\" كۆرگۈسى كېلىپ قالسا، باشقا باشقا دىن مۇرتلىرىنى ئۆز ئارا ئۇرۇشقا سالمايدۇ. بەلكى مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلماننى ئۇرۇشقا سالىدۇ، خۇددى خۇراز بىلەن خۇرازنى، كالا بىلەن كالىنى سوقۇشقا سېلىپ ئويۇن كۆرگەندەك. ....
بەزى گەپلەر قىسقارتىلدى.
دېمەك ئاتىئېزىمچىلارنىڭ ئەقلى ۋە ئەخلاقى سىزدىن ياخشىكەن. بۇنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئېتراپ قىلالايدىكەنسىز. بىراق خىرىستىئانلارنىڭ ئەخلاقسىز، يارىماس، ئەقىلسىز بىر توپ دۈشمەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىزكەن. ئاپىرىن سىزگە. مۇكاپاتنىڭ چوڭىنى ئالارسىز.