erdewil يوللانغان ۋاقتى 2013-3-21 09:11:10

[ئەڭ يېڭى كىتاب]بالا بېقىش نەمۇنىلىرى

      


      شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىيات تەرپىدىن پات ئارىدا نەشر قىلىنىدىغان ‹‹بالا بېقىش نەمۇنىلىرى››

ناملىق كىتاب كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغۇسى. بۇ كىتاب رەڭلىك نەشر قىلىنىدۇ.24فورمات.

     كىتابتا ئاساسلىقى 6-12ئايلىق بالىلارنى ئاغرىتىپ قويماي توغرا ئۇسۇللار بىلەن بېقىش جەريانى ، بوۋاقلارنىڭ خاس ئالاھدىلىكلىرى ئىنتايىن چۈشىنىشلىك قىلىپ بايان قىلىنغان بولۇپ،كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەربىر ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئادەتلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىۋېلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ كىتاب كېينكى كۈنلەردىكى پەرزەنت تەربىيلىشىدىمۇ مۇئەييەن ئاساس بولالايدۇ.


    كىتاب بىلىم بۇلىقى، بىر كىتاب--بىر ئالەم



نەشر قىلغۇچى: شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى بايرىقى ئاستىدىكى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى


نەشر قىلىنىدىغان ۋاقت:2013-يىلى ئاپرېل


ساتقۇچى: ھەر جايدىكى شىنخۇا كىتابخانىسى


تارقاق ساتقۇچى: شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى كىتاب تارقىتىش بۆلۈمى  تېلېفون 2823055


(ھازىردىن باشلاپ ئالدىن زاكاس قوبۇل قىلىنىدۇ.....)

saray يوللانغان ۋاقتى 2013-3-21 10:18:53

ماڭا نورۇزلۇق سوۋغا بولدۇغۇ بۇ،ھېلىلا بېرىپ ئالىمەن،رەھمەت

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-3-21 11:08:25

بۇرۇنراق چىقسىچۇ ، بوۋاقنى بېقىپ بالا قىلغاندا چىقىپتۇ مانا ........



بازاردا بارمۇ يا ؟ \"\"

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-3-21 13:41:39

كىتاپنىڭ بىرە ۋارىقىدا سېنىڭ ئىسمىڭ بامۇ يا؟ بولسا ئەپ قوياي.

قانداق زاكاس قىلىدىكەن؟ گاچىدەك تېما يوللايسەن دائىم.

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-3-21 17:04:52

بۇ تېلېفۇن نومۇرىغا رايۇن نومۇرى قوشماي ئۇرساقمۇ بولامدۇ؟ 2823055

uzunyol يوللانغان ۋاقتى 2013-3-21 19:24:28

يامان ئەمەس كىتابتەك قىلىدۇ، لېكىن

ئاپتورى كىم؟بۇ كىتابنى نېمىشقا يازغان؟ نەدە يېزىلغان ؟قاچان يېزىلغان؟

دىگەندەك ئۇچۇرلارنىمۇ يوللىسىىڭىز . بۇ كىتابنىڭ قانداق كىتاب ئىكەنلىكىدە ئۇقۇم بوپقالسا. رەھمەت.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2013-3-21 19:27:15

بۇ كىتاب تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن كىتابمىدۇ ياكى بىرەر تەتقىقاتچىنىڭ كۆزىتىش، تەتقىقات، تەجرىبىلىرى ئاساسىدا يازغا كىتابمىدۇ؟

august يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 00:11:16

1- قەۋەتتىكى sarayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماڭا نورۇزلۇق سوۋغا بولدۇغۇ بۇ،ھېلىلا بېرىپ ئالىمەن،رەھمەت



كىتاب ئاپرېلدا چىقىدۇ، دەپتۇ.

Anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2013-3-22 03:09:28

6ئايلىقتىن بۇرۇنقىسى چىقىپ بولغانمۇ ؟ چىقمىغان بولسا بالىلارنى 6ئايلىق قىلغان ئادەم بۇنداق كىتابىنى ئۆزى يازغۇدەك بولۇپ كىتەر .يا بالا دىگەن 6ئايلىق تۇغۇلمىسا.

saray يوللانغان ۋاقتى 2013-3-28 23:50:57

7- قەۋەتتىكى augustنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى sarayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماڭا نورۇزلۇق سوۋغا بولدۇغۇ بۇ،ھېلىلا بېرىپ ئالىمەن،رەھمەت



كىتاب ئاپرېلدا چىقىدۇ، دەپتۇ.

كىتابخانىدا شۇڭا يوقكەندە 033.gif
بەت: [1]
: [ئەڭ يېڭى كىتاب]بالا بېقىش نەمۇنىلىرى