ئالتە شەھەر گۇرۇپپىسنى ئىزلەيمەن
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى :
يازدا خوتەنگە ئويناپ بارغان چېغىمدا،تاماق يەۋاتسام،بىر كىچىك بالا ئاشخانا ئالدىغا كەلگەنىدى،ئاشپەز ئۇستام ئۇنىڭغا بىرنەچچە مانتىنى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ بەردى .شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ سەرگەردان بالا ئىكەنلىكىنى بىلدىم .ئۇنى يېنىمغا چاقىرىۋالدىم ،ھەمدە ئۇنىڭ نېمە يەيدىغانلىقىنى سوراپ ئۇنىڭغا پولۇ ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ،گەرچە سەرگەردان بولسمۇ ،ئۇنىڭ كۆڭلى سۇنۇق ئەمەس ئېدى .ئۇنىڭ شوخ پاراڭلىرىغا كىرىشىپ قالدىم .ئۇنى خوتەندىكى سەپىرىمگە ھەمراھ قىلۋىلىشنى ئويلاپ .ئۇنى بازارغا ئېلىپ بېرىپ كېيىم ئېلىپ بېرىپ ،ئاندىن ئۇنى مەن چۈشكەن«مۇشتاغ»مېھمانخانىسغا ئاپىرىپ،ئۇنى يۇيۇندۇرۇپ،ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەن كېيملەرنى كېيگۈزۈپ،ئۇنىڭ بىلەن خوتەن سەپىرىنى باشلىدۇق .ئەلۋەتتە ،ئۇ ھەقىقەتەن شوخ ئېدى ،سەپىرىمنىڭ قانچىلىك كۆڭۈللۈك بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋىلڭلار .
نەق گەپكە كەلسەم ،ئۇ مېنىڭ ئايفونىمدىكى «ئالتە شەھەر»گۇرۇپپسىنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ھارمىدى ،بىر چاغدا كېچىدە ھاجەتكە چىقاي دەپ ئويغانسام ،ئۇنىڭ يەنە ناخشا ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بىلدىم .ئاخىرىدا مەن سەپىرىم ئاخىرلىشىدىغان چاغدا ،ئۇنىڭغا شافىلنى قالدۇرۇپ كەتتىم .ئۇ مەن ماڭدىغان چاغدا ،ئۆزىگە ئالتەشەھەر گۇرۇپپىسنىڭ ئىمزا قويۇلغان رەسىمى ۋە پىلاستىنكىسنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تاپىلىدى .
ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۇنىڭ ھاۋالسىنى ۋاقتىدا بېجىرەلمدىم .تۆنۈگۈن«شاۋكەتنىڭ تەتىلى»دىگەن كېنونى كۆرۈپ ،ئۇ ئىشلار ئېسمگە كەپ قالدى .شۇڭا ئۇ ھاۋالىنى بۇ قېتىم قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئورۇنداشنى ئويلىدىم .شۇڭا ئالتە شەھەر ئەزالىرىنى تونۇيدىغانلارنىڭ ماڭا ئالاقە ئادىرىسنى ئەۋەتىپ بېرىشنى سورايمەن .
قوشۇمچە :ئۇ بالا ھازىر خوتەندىكى ساۋاقدىشىمنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ،ئۇنىڭ ئۆيىدە يېتىۋاتىدۇ .ھەمدە بىزنىڭ بىر مۇئەللىم دوستىمىز خالىسانە ئۇنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ بېرۋېتىپتۇ .مەيلى قانداق بولسۇن ،مەيلى كىمنىڭ ناخشىسنى ئاڭلسىۇن ،بۇ ئۇنىڭ تاللىشى .مەن ئۇنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭ ماڭا ھاۋالە قىلغان ئىشىنى بېجىرىپ بەرمەكچى .ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئالتە شەھەر گۇرۇپپىسنىڭ ئىمزا قويۇلغان رەسىم ۋە پىلاستنكىسىنى تاپشۇرۇۋىلىپ،بالىلىق ھاياجاندا تاتلىق چۈشلەر بىلەن ئۇخلاپ قالدىغنىغا ئىشنمەن .
ئېلخەت:plusloveminus@sina.com
كۆزۈمگە ياش كەلدى... مۇشۇ كۈنلەردە بەك تېز تەسىرلىنىپ كىتىۋاتىمەن بىز ھەممىدىن ئاۋۋال بىر ئىنسان، توغرا قىپسىز، قالغان ئىشلار ئالدىرماي...
ئاۋۋال مېھىر-مۇھەببەتكە قانسۇن قۇتلىنىڭ! بىلىدىغانلار ياردەم قىلىڭلار. مۇشۇ بالىلارنىڭ كىرىپ تۇردىغان بىر خەنزۇچە مۇنازىرە تور بېكىتى بولدىغان xjrap دەپ ئىزدەپ بېقىڭ . بەلكىم يەنە باردۇر سىز ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز ، غەرىبى چوڭ كۆۋرۈك مەيخانا 1 - كوچىسى غا كىرىپ مىكىس بەزمىخانىسىنى ئىزدەپ تاپالىسىڭىز كەچ سائەت 9 دىن كىيىن ئالتە شەھەر گۇرپىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىچىى ئىرپاننى تاپالايسىز ....
西大桥 --酒吧一条街--MIX慢摇吧 مىكرو بلوگى
http://weibo.com/6city
ھىلىقى سىمىز ئاداشنىڭ
http://weibo.com/youngzanjir بۇ تېمىنى گۈللۈگ مۇنبىرىغا چاپلاپ قوياي. زەنجىر گۈللۈگنىڭ ئەزاسى.
1- قەۋەتتىكى pidayiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆزۈمگە ياش كەلدى... مۇشۇ كۈنلەردە بەك تېز تەسىرلىنىپ كىتىۋاتىمەن
مەنمۇ. سىزگە قايىل بولدۇم ... ئاللاھ سىزگە بەخىت ئاتا قىلغاي . مىنىڭ ئالتە شەھەر گوروپپىسىنىڭ نامىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم . كۆپچىلىككە رەھمەت .مەن ھازىر زەنجىر دىگەن ئاداشنىڭ مىكرو بىلوگىغا قىسقا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويدۇم .كۆپچىلىكنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم .رەھمەت .
نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . تېخى تۈنۈگۈن مۇراتنى كۆرگەنتىم ئاپىسى بىلەن ، نىمىشقا بۇ تېمىنى شۇ چاغدا كۆرمىگەندىمە .،.مىنىڭ پاپارىمدا زەنجىر باتى مەن دەپ قوياي ئۇنىڭغا .،.