Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-19 14:44:21

يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنى ئەسلەپ

مەنىلىك ئۆتكەن ھايات



(زىيارەت خاتىرىسى)



مۇھەممەدجان تىلىۋالدى



يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق 1958- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ
سۇنتاغ يېزىسى شورۇق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە
ئۆز يۇرتىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-
ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغان. 1978- يىلى 9- ئايدىن
1983- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ
ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن 1996-
يىلى 12- ئايغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات
فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. خىزمەتتىكى ۋاقتىدا قەشقەر پېداگوگىكا
ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن كۆرسىتىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق
مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»
بولۇپ باھالىنىپ، مىدال بىلەن مۇكاپاتلانغان. 1991- يىلى نەشىر قىلىنغان
«ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا» ناملىق كىتابى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ
پەلسەپە- ئىجتىمائىي پەنلەر ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك
نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1996- يىلى 12- ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە
ئولتۇراقلىشىپ،  2012- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى 54  يېشىدا كېسەللىك سەۋەبى
بىلەن ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن
شۇغۇللانغان.

مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ قىسقىغىنە ئون نەچچە يىل ئىچىدە يېزىپ
نەشىر قىلدۇرغان كىتابى 25 پارچە، ئېلان قىلدۇرغان ماقالىلىرى 110 پارچىدىن
ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەن كىشى ئاپىرىن ئېيتماي قالمايدۇ.
چۈنكى، ئۇنىڭ ئىجادىي، ئىلمىي ئەمگەكلىرى كۈچلۈك دەۋرچانلىققا، روشەن
ئاكتىۋاللىققا، ئوچۇق پايدىلىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بىرى
كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا، ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ
دىققەت- ئىتىبارىغا نائىل بولۇش بىلەن  بىرگە، زاماننىڭ چايقاشلىرىدىن،
دەۋرنىڭ قاتتىق سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ كەلگەن ئىدى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى،
گەرچە ئۇ بالدۇرلا بىزدىن خۇشلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى
بىزگە ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولۇپ، سۆيۈپ ئوقۇشىمىزغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
شۇنداقلا كېيىنكىلەرنىڭ ھەم قەدىرلىشىگە ئېرىشىدۇ. بىز مەرھۇم يارمۇھەممەد
تاھىر تۇغلۇقنى چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن دائىم ياد ئېتىمىز، ئۇنىڭ باسقان
ئىزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز...

ئىمىن ئەخمىدى: (پىروفېسسور) مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق بۈگۈنكى
ئۇيغۇر مەدەنىيەت- تەتقىقات ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تالانىت ئىگىلىرىنىڭ
بىرى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا قانۇن، ئەخلاق، ئەدەبىيات-
سەنئەت، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردە قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ نۇرغۇنلىغان
ئىلىمىي ماقالە ۋە كىتابلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى،
مائارىپى، سەنئىتى، ئەدەپ- ئەخلاقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ئۆزىنىڭ
يالقۇنلۇق پىكىرلىرىنى بىزگە تەقدىم ئەتتى. بولۇپمۇ ئۇ «قۇتادغۇبىلىك
تەتقىقاتى» دا ناھايىتى زور نەتىجىلەرگە ئىرىشتى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»
توغرىسىدا يېڭىچە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە مەدەنىيەت
تەتقىقاتىدا باشتىن- ئاخىرى تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش،
ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يىڭى بىر يول، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبنى
شەكىللەندۇردى. گەرچە ئۇ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ،
ئۇنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىلىمىي تەتقىقاتتىكى ئىزدىنىشلىرى بىزنىڭ
بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتلىرىمىز ئۈچۈن ئۆرنەك بولالايدۇ. ئۇنىڭ
تىرىشچانلىقى، بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشچانلىقى، بىلىمگە ئىلمىي مۇئامىلە
قىلىش، بىلىمنى ئەمەلىي قوللىنىش، جەمئىيەتكە پايدا يەتكۈزۈش روھى ۋە
ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى بېرىش- كېلىشلەردە ئەخلاقىي مىزانلارغا ئىزچىل
رىئايە قىلىپ كەلگەنلىكى ھەممىمىزنىڭ ئۈگنىشىگە ئەرزىيدۇ.

مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان
ئىلمىي پىكىرلىرى مەدەنىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە تۇتاشتى. ئۇ يەككە بىر
تېمىدىلا ئەمەس، كىچىك بالىلارنى تەربىيەلەشتىن تارتىپ چوڭلارنىڭ قانداق
ئادەم بولۇشى، شەخسىي ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن تارتىپ جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭدىن
كېيىنكى تەرەققىياتىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ
پىكىرلىرىنى ناھايىتى جانلىق، باشقىلارنى قانائەتلەندۈرگىدەك دەرىجىدە
يەتكۈزدى. مەن ھەر قېتىم مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ بىزگە
قالدۇرۇپ كەتكەن ماقالىلىرى ۋە كىتابلىرىنى ئوقۇغىنىمدا، ئۇنىڭ يارقىن
سىيماسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە
ئەسلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر
تۇغلۇق توغرىسىدا سۆزلىشىمىز، مەخسۇس تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بىرىشىمىز زۆرۈر.
بۇ  مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنى ئەسلەشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى...

    غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر: (پىروفېسسور)  مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر
تۇغلۇق كىشىلىك خاراكتىر جەھەتتە تىرىشىپ ئۈگىنىدىغان، ئۈزۈكسىز ئالغا
باسىدىغان، قېيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان، بوزلۇقتىن يول ئېچىپ يۈرەكلىك
ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئىلمىي ئىجادىيەتنىڭ قىممىتىنى ماددىي
بايلىقنىڭ ئالدىغا قويىدىغان، جەمئىيەت، دەۋرنىڭ يۈزلىنىشىنى ئاڭلىق
كۆزىتىپ، ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلىدە بولىدىغان، راستچىل، دۇرۇس، خەلقچىل،
يۇرت سۆيەر، غەيرەت- شىجائەتلىك ئەر، دەۋرىمىز يىگىتلىرىنىڭ تىپىك ئۈلگىسى
بولۇشقا مۇناسىپ، خاس تەپەككۇر ئەندىزىسىگە ئىگە تەتقىقاتچى ئىدى. ئۇ
قىسقىغىنە ھاياتىدا ئاز بولمىغان مەنىۋىي قىممەتلەرنى ياراتتى. مېنىڭچە،
ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە
نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ،  بىرىنچى، يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق 20-
ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ  ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى
بىلەن بۇ ساھەدە يېڭى بىر يول ئاچقان شەخسكە ئايلاندى. 80- يىللاردا بىر
تۈركۈم شائىر ۋە ئالىملار ‹‹قۇتادغۇ بىلىك››نى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم
مۇھىتىغا، يەنى تار دائىرىدىكى زىيالىلار قاتلىمىغا تەقدىم قىلغان بولسا،
يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق بۇ ئەسەرنى نەسرىيلەشتۈرۈش، رومانلاشتۇرۇش ۋە
ئۇنىڭغا شەرھىي يېزىش ئارقىلىق  ئۇنى  يېڭى بىر سۈپەتكە ئىگە قىلدى ۋە  بۇ
ئەسەرنى تار مۇھىتتىن ھالقىتىپ مىللەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان كەڭ خەلق
ئاممىسى چۈشىنەلەيدىغان بىر ئەسەرگە ئايلاندۇردى. تېخىمۇ
ئەھمىيەتلىك  بولغىنى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق بۇ ئەسەرنى ياش- ئۆسمۈرلەر
دۇنياسىغىمۇ ئېلىپ كىرىپ، ئەسەرنىڭ  تارقىلىش ۋە ئۆزلىشىش دائىرىسىنى
كېڭەيتتى. بۇ ئەسەرنى بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ  قىممەت قاراش ۋە مىللىي غايە
تىكلەشتىكى ئەڭ مۇھىم مەنبەسى سۈپىتىدە تونۇتتى. ئىككىنچى، يارمۇھەممەد
تاھىر تۇغلۇق دەۋرىمىز ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ تاكامۇللۇقىغا
ئىنتىلىش، زامانىۋىي روھىي ساغلاملىق، چاغداش مەنىۋىي كامىللىقىنى تەشەببۇس
قىلىشنى ئىلىمىي ئىجادىيىتىنىڭ قانىتى قىلىدى. ئۇ بۇ تېمىدا يازغان
«ھاياتلىق ۋە نۇمۇس»، «ئەنئەنىنى سۆيۈش مىللەتنى سۆيۈشتۇر»، «قابىلىيەت ۋە
روھىيەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەدەپ- ئەخلاقنى ئىنساننىڭ زىننىتىنى
ئىكەنلىكىنى، ئەخلاقىي تاكامۇللۇقنى يۈكسەك غايە قىلىشنى ۋە دەۋرگە خاس
زامانىۋىي روھىي ساغلاملىق، مەنىۋىي كامىللىق ئىدىيەسىنى تىكلىمەي تۇرۇپ،
دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئارقىدا
قالىدىغانلىقىنى، شاللىنىپ قالىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆزلۈكىنى يوقىتىپ
قويىدىغانلىقىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇتتى. ئۈچىنچى، 2001- يىلى نەشر
قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيەسى›› دېگەن ئەسىرى ھەر خىل
ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئىچىدە تىڭىرقاپ قالغان، مىللىي تەربىيەدە كىرېزىسكە
پاتقان، تارىخىي ۋە مىللىي ئەنئەنىدىن ياتلىشىش ھادىسىسىگە دۇچ
كەلگەن  ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە مۇھىم بىر قوللانمىغا ئايلاندى.
بۇ ئەسەردە ھەم ئەنئەنىگە سادىق ھەم زامانىۋىي چۈشەنچىگە ئىگە ئەۋلادلارنى
يارىتىشنىڭ مەنىۋىي ئاساسلىرى كۆرسىتىلگەن بولغاچقا، بۇ ئۇيغۇر مائارىپ
تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇل ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. تۆتىنجى،  يارمۇھەممەد
تاھىر تۇغلۇقنىڭ  «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تەتقىقاتى كەڭ دائىرىلىك ۋە
سىستېمىلىقتۇر.  ئۇ بۇ گىگانىت ئەسەر  ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ
خاقانىيە ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرىنى، ئۇنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرىنى،
بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ   مەدەنىيەت مەنتىقىسىنى يورۇتۇشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ
بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا ئاتاپ
يازغان  2 مىليون خەتلىك  « ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› كە شەرھ» دېگەن قۇرال
كىتابى ئېنسىكلوپېدىيەلىك ماھىيەتكە ئىگە كاتتا ئەسەردۇر. پات ئارىدا
نەشرىدىن چىقىدىغان بۇ ئەسەر ‹‹دىۋان›› تەتقىقاتىدا ۋە ئۇيغۇر ئىدىيە -
مەدەنىيەت  تەتقىقاتىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ زور نەتىجىلەرنىڭ بىرىدۇر.
يېغىپ ئېيتقاندا، مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ 26 يىللىق ئىلمىي
ئىجادىيەت ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكەن ھايات، دەۋر دولقۇنلىرىدا غەۋۋاس بولۇپ
ئۈزگەن ھايات، زامانداشلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن ھايات، دەۋرداشلىرىنىڭ
ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ھايات دېيىشكە بولىدۇ.

ئاخىرىدا شۇنىمۇ تەكىتلەش زۆرۈركى، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەنلىرى ساھەسىدىكى
نوپۇزلۇق شەخىس يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ كىشىلىك ھاياتى ۋە ئىلمىي
تەتقىقات  نەتىجىلىرى مەخسۇس ۋە ئالاھىدە تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ بىر
تېمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، كىلەچەكتە ‹‹تۇغلۇقشۇناسلىق›› تىن ئىبارەت يېڭى بىر
تەتقىقات ساھەسى مەيدانغا چىقىپ، ئۇنىڭ نامى، روھى ۋە ئىدىيەسىنى تېخىمۇ
پارلىتىدۇ.

تۇرغۇن يىلتىز: (شائىر، ژۇرنالىست) يارمۇھەممەد تاھىر دېگەن بۇ مۇبارەك
ئىسىم بىلەن تونۇشلۇقۇمغا ساق 30 يىل بوپتۇ. مەن 1981-يىل 9-ئايدا ئوقۇشنى
تاماملاپ «خوتەن گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ
ئارىدىن بىرقانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىنلا، مۇخبىرلىقتىن بىلىم ئاشۇرۇش
كۇرسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە بولدۇم. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يېڭىدىن
يازغان ئەسىرىمنى ئېلىپ «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىغا باردىم ۋە
ئۇستاز مۇھەررىر ئەبەيدۇللا ئىبراھىم بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدۇم. ئاشۇ
يىللاردا، مەن «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئاكتىپ ئاپتورلىرىدىن بىرى
ئىدىم. ئەبەيدۇللاكام مېنىڭ ھۆسن خەت يېزىشتىكى ئالاھىدىلىكىمنى كۆزدە
تۇتتى بولغاي، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1982-يىل 1-سانىدىكى بارلىق
ئەسەرلەرنىڭ ماۋزۇ ھۆسن خەتلىرىنى يېزىشنى ماڭا تاپشۇردى. مۇندەرىجىدە
«ياڭرا تەمبۇر» ناملىق نەسر بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتورى يارمۇھەممەد تاھىر بولۇپ،
ئۇ چاغدا، مەن بۇ ئاپتور بىلەن تونۇشمايتتىم. مەن «ياڭرا تەمبۇر» دېگەن
ماۋزۇنى ئوبرازلىق خەت نۇسخىسى بىلەن تەمبۇرنىڭ شەكلىنى چىقىرىپ ساق بىر
ئاخشامدا يېزىپ بولغان ئىدىم... 1987-يىلى، مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا يۆتكەلدىم. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، قەشقەردە
يارمۇھەممەد تاھىر بىلەن تۇنجى يۈز كۆرۈشكىنىمدە، ئىككىمىز قىزغىن پاراڭغا
چۈشۈپ كەتتۇق ۋە مەن ئۇنىڭغا «ياڭرا تەمبۇر» ناملىق نەسرنىڭ ماۋزۇ خېتىنى
قانداق يازغانلىقىمنى سۆزلەپ بەرگىنىمدە، ئۇ مېنىڭ ئاشۇ ھۆسن خېتىمدىن
تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى، «ياڭرا تەمبۇر» ئۆزىنىڭ تۇنجى ئېلان قىلىنغان نەسرى
ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، يارمۇھەممەد بىلەن پات-پات
يوقلىشىپ، پىكىرلىشىپ تۇرىدىغان يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق.

مەن قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا ئىشلەۋاتقان ئاشۇ مەزگىللەردە، يارمۇھەممەد
«قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»
ھېكمەتلىرى بىلەن تويۇنغان «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا» ناملىق كىتابىنى بىز
1991- يىلى نەشر قىلدۇق. يارمۇھەممەدنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتىدىكى بۇ
تۇنجى ئەسىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەلسەپە- ئىجتىمائىي پەنلەر
ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك  مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئۆزى
ئۈچۈنلا شۆھرەت ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى قەشقەر ئۇيغۇر
نەشرىياتىغىمۇ شان-شۆھرەت بەخش ئەتكەن ئىدى.

1996-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يارمۇھەممەد ئائىلىسىنى كۆچۈرۈپ ئۈرۈمچىدە
ئولتۇراقلاشتى، شۇنىڭ بىلەن ئالاقىمىز بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالدى.
2004-يىلى، مەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى
تەھرىراتىدا ئىشلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن،
ئىككىمىز پات-پات ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولدۇق. شۇ مەزگىللەردە، ئۇ ئۆزىگە
«تۇغلۇق» فامىلىسىنى قوللاندى ھەمدە ئەسەرلىرىنى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق
ئىمزاسىدا ئېلان قىلىشقا باشلىدى. بىز ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا، ئىلىم
ھەققىدە، جۈملىدىن تەتقىقات، ئىجادىيەت ۋە ئىزدىنىش ھەققىدە پىكىرلىشەتتۇق.
ئۇ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا پات-پات ماقالە ئېلىپ كەلگەندە، مەن
ئالدىراش ئىشىمنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن ماقالىنى بىر قۇر ئوقۇپ
چىقاتتىم. يارمۇھەممەد قولىغا بىرەر ماتېرىيالنى ئېلىپ ئۈندىمەستىن
ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ماقالە
توغرىسىدىكى پىكىرلىرىمنى ئۇنىڭغا دەيتتىم، بەزىدە ماقالىدىكى ئايرىم
جايلارنى تۈزىتىش توغرىسىدا پىكىر بەرسەم، ئۇ مېنىڭ پىكرىمنى ئەستايىدىللىق
بىلەن ئاڭلايتتى ۋە ماقالىسىنى بەزىدە نەق مەيداندىلا ئۆزگەرتىپ تۈزىتىپ
بېرەتتى، بەزىدە ماقالىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىپ، ئەتىسىلا تۈزىتىلگەن
نۇسخىسىنى ئېلىپ كېلەتتى... ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق پەقەت
ئىككىمىزگىلا تەۋە بولۇپ قالماستىن، بەلكى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق بىلەن
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى
دوستلۇق، يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق بىلەن «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ
دوستلۇقى ئىدى. ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى يېزىلدى دەپ قارىغان ماقالىلىرىنىڭ
كۆپىنچىسىنى بىزگە بېرەتتى. يارمۇھەممەدنىڭ قولىدىن ئۆزۈم بىۋاسىتە
تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۆزۈم تەھرىرلىگەندىن كېيىن ژۇرنىلىمىزغا بېرىلگەن ماقالىلەر
بىرقەدەر كۆپ. مەسىلەن: ژۇرنىلىمىزنىڭ 2005-يىل 1-سانىغا بېسىلغان «قىممەت
تارازىسىدىكى قىسمەتلەر»دە ئىنساننىڭ قىممىتى گۆش-تېرىسىدە ياكى
قەددى-قامىتىدە ئەمەس، بەلكى روھىي كامالەتتە ئىكەنلىكى كىشىنى قايىل
قىلارلىق دەرىجىدە، تەسىرلىك مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى؛ ژۇرنىلىمىزنىڭ
2005-يىل 4-سانىغا بېسىلغان «ئىنسان تەبىئىتى ۋە نومۇس»تا ئىنسان تەبىئىتى
بىلەن نومۇس ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ باغلىنىش مۇپەسسەل مۇلاھىزە قىلىنىپ،
نومۇستىن مەھرۇم بولۇش ھېسابىغا ئېرىشكەن ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىنسانغا
قەدىر-قىممەت ئاتا قىلالمايدىغانلىقى، نومۇستىن جۇدا بولۇش ھېسابىغا
ئېرىشكەن ھەرقانداق ئىمتىيازنىڭ قىلچىمۇ ئېتىبارى بولمايدىغانلىقى قاتارلىق
ھەقىقەتلەر ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى؛
ژۇرنىلىمىزنىڭ 2006-يىل 4-سانىغا بېسىلغان «بەخت ئەلچىسى ـــ يۈسۈپ خاس
ھاجىپ»تا پەيلاسوپ، شائىر، دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھايات
پائالىيىتىدىن چۈشەنچە بېرىلگەن ئىدى. بۇلاردىن باشقا، يارمۇھەممەدنىڭ
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2006-يىل 6-سانىغا بېسىلغان «نومۇس ۋە
تەلىم-تەربىيە»، 2007-يىل 1-سانىغا بېسىلغان «نومۇس ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت
قىلىش»، 2007-يىل 5-سانىغا بېسىلغان «دېھقان ئەجرى زېمىننىڭ جېنى»،
شۇنداقلا «نومۇس ۋە ئەقىدە»، «كىشىلىك ھايات ۋە نومۇس»، «11-ئەسىردىكى
ئۇلۇغ ئىزچى»، «مەسئۇلىيەت ۋە قەرز»، «ئادىمىيلىك مىزانلىرى» قاتارلىق بىر
تۈركۈم ماقالىلەرنىڭمۇ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى ۋە پايدىلىنىلىش قىممىتى يۇقىرى
ئىدى...

يارمۇھەممەدنىڭ تەتقىقات ۋە ئىجادىيەتتىكى ئەستايىدىللىقى، ھەرقانداق بىر
ئەسەر ئۈستىدە ئىشلىگەندە ئۆزىگە تولىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدىغانلىقىدىن
ھەقىقەتەنمۇ قايىل ئىدىم. كۆپ ساندىكى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئەسەر يازغاندا
ئىملا قائىدىسىگە دىققەت قىلمايدىغانلىقىنى ياكى ئىملا قائىدىسىگە پىششىق
ئەمەسلىكىنى بىز مۇھەررىرلەر ئوبدان بىلىمىز. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تىلغا
ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، يارمۇھەممەد ئانا تىل-يېزىقنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتى،
تىل-يېزىقنى توغرا ئىشلەتمەسلىكنى ئانا تىل-يېزىققا قىلىنغان
ھۆرمەتسىزلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ قارايتتى ھەمدە يازغان ئەسەرلىرىدە
ئىملا خاتالىقى سادىر قىلمايتتى. ئۇنىڭ بۇ خىل ئەستايىدىللىقىنىمۇ
قەلەمداشلار ئۆزلىرىگە ئۆرنەك قىلسا بولىدۇ.

يارمۇھەممەد ئىزدىنىش روھىغا ئىنتايىن باي بولۇپ، يېڭىلىقنى ئاكتىپ قوبۇل
قىلىش، ئۆزىنى بىلىم بىلەن كۈچەيتىش، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز بىلىم يېڭىلاش
بىلەن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا ماھىر ئىدى. بۇنىڭغا مۇنداق بىر مىسالنى
ئوقۇرمەنلەرگە دەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ: 2010-يىل قىش پەسلى ئىدى. بىر كۈنى
چۈشتىن كېيىن، يارمۇھەممەد «ئەسسالامۇئەلەيكۇم!...» دېگىنىچە ئىشخانامغا
كىرىپ كەلدى. بىز قىزغىن كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشتۇق. ئاندىن، ئۇ يېڭىدىن يېزىپ
ئېلىپ كەلگەن ماقالىسىنى ماڭا بەردى (يارمۇھەممەد يېزىقچىلىقنى قەلەم بىلەن
قىلاتتى، ئەسەرلىرىنى ئۆز پوچېركىسى بىلەن بىزگە تاپشۇراتتى). مەن
ماقالىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ماقالە ئارگىنالىدا خېلى كۆپ
سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى، قۇر ئاراچلىرىغا سۆز-جۈملە
قىستۇرۇلغانلىقى، بەزى ئابزاس ۋە سۆز-جۈملىلەرنىڭ سىزىقلىق كۆرسەتكۈچ
بەلگىسى ئارقىلىق يۆتكەپ توغرىلاپ قويۇلغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە گەپ
قىلىپ: «سەن بۇ ماقالىنى مۇشۇ ئارگىنال قەغىزىگە بىرىنچى قېتىم يازغىنىڭ
بويىچە، قايتىدىن ئاق قەغەزگە كۆچۈرمەيلا ئېلىپ كەپسەن-ھە؟» دەپ سورىدىم.
ئۇ ئورنىدىن تۇرغىنىچە كۈلۈمسىرەپ: «شۇنداق، بۇ بىرىنچى ئارگىنال، قايتا
كۆچۈرۈپ چىقىشقا ۋاقىت يوق، مەن يېقىندىن بۇيان كۆپىنچە ئەسەرلىرىمنى
مۇشۇنداق بىرىنچى قېتىمدىلا پۈتكۈزۈپ ئادەتلىنىپ قاپتىمەن، شۇڭا مۇشۇنداقلا
ئېلىپ كەلدىم، يوقىتىپ قويما» دېدى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «مەن سېنى
دوستانىلىق بىلەن تەنقىد قىلىپ قوياي، تەكلىپ بېرەي» دېدىم. ئۇ كۈلۈپ
تۇرۇپ: «ھە...» دېدى. «ئاداش، ــ دېدىم ئۇنىڭغا سالماقلىق بىلەن گەپ
باشلاپ، ـــ سەن بىر مەسئۇلىيەتچان تەتقىقاتچى ھەم يازغۇچى، سەن بۇرۇن
ماقالە-ئەسەرلىرىڭنى ناھايىتى ئېدىتلىق پۈتكۈزۈپ ئېلىپ كېلەتتىڭ، بۇ قېتىم
ئېلىپ كەلگەن بۇ ماقالەڭنى تازا ئەستايىدىل ئىشلىمەپسەن. بۇنداق ئادەتلىنىپ
قالما، بولۇپمۇ سەن بۇنداق قىلساڭ قاملاشمايدۇ، بۇ مېنىڭ تەنقىدىم. ئەمدى
ساڭا تەكلىپ بېرەي: ھازىر كۆپ قىسىم يازغۇچىلار، بولۇپمۇ سەن-مەندەك ياشلار
ئەسەرلىرىنى كومپيۇتېردا يېزىپ ئادەتلىنىپ كەتتى. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام،
ماقالىلىرىمنى كومپيۇتېردا يېزىپ ئادەتلەندىم، ژۇرنال ئۈچۈن
تەييارلىنىدىغان ماقالە-ئەسەرلەرنىمۇ كومپيۇتېردا تەھرىرلەپ ئىشلەيمەن.
ئەمما، شېئىرنى يەنىلا قەلەم بىلەن يازىمەن، شېئىرنى كومپيۇتېردا
يازالمايدىكەنمەن. ساڭا دېسەم، سېنىڭمۇ ۋاقتىڭ قىس، يېزىۋاتقان ئەسەرلىرىڭ
كۆپ. شۇڭا، سەن ماقالە-ئەسەرلىرىڭنى كومپيۇتېردا يازساڭ بولاتتى...»
يارمۇھەممەد بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن: «كومپيۇتېردا خەت بېسىشنى
بىلمەيمەن» دېدى. مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىم: «سەن بىر نەمۇنىلىك يازغۇچى،
يېزىقچىلىقتا ئاكتىپ قوراللاردىن پايدىلىنىشنى، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك
بەھرلىنىشنى بىلىشىڭ كېرەك. قارا ئاداش، سەن ‹ئا› ھەرپىنى قەلەم بىلەن
يېزىش ئۈچۈن بىرقانچە سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ھەرپنى كوميۇتېردا يېزىشتا
ئىككى كۇنۇپكىنىلا باسىسەن-دە، بۇنىڭغا بىر سېكۇنت ۋاقىتمۇ كەتمەيدۇ! يەنە
دېسەم، بۇ ماقالەڭدە خېلى كۆپ سۆز-جۈملىلەرنى ئۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىپسەن، قۇر
ئاراچلىرىغا سۆز-جۈملە قىستۇرۇپسەن، بەزى ئابزاس ۋە سۆز-جۈملىلەرنى
سىزىقلىق كۆرسەتكۈچ بەلگىسى ئارقىلىق يۆتكەپ توغرىلاپ قويۇپسەن. بۇنداق
قىلغاندا، تەپەككۇرۇڭ تەرتىپلىك بولمايدۇ، يازغان ئەسىرىڭ كىشىگە
قالايمىقان كۆرۈنىدۇ، ئەڭ مۇھىمى كۆپ ۋاقتىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ... ئەگەر
كومپيۇتېردا يېزىقچىلىق قىلساڭ، سۆز-جۈملىلەرنى ئۆزگەرتىشمۇ، قۇر
ئاراچلىرىغا سۆز-جۈملە قىستۇرۇپ يېزىشمۇ ئىنتايىن قولايلىق بولىدۇ؛ بەزى
ئابزاس ۋە سۆز-جۈملىلەرنى يۆتكىمەكچى بولساڭ، بۇنداق سىزىقلىق كۆرسەتكۈچ
بەلگىسى ئارقىلىق يۆتكەپ كۆرسىتىپ ئولتۇرۇشۇڭنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. يۆتكىمەكچى
بولغان ئابزاس ۋە سۆز-جۈملىلەرنى ناھايىتى ئاسانلا دەل جايىغا
يۆتكىيەلەيسەن، سىزىۋېتىلگەن، ئۆچۈرۈپ توغرىلانغان بۇنداق ئارگىنالمۇ
مەۋجۇت بولمايدۇ-دە، ماقالە-ئەسەرلىرىڭ ناھايىتى تەرتىپلىك پۈتۈپ چىقىدۇ.
دېمەك، كومپيۇتېردا يېزىقچىلىق قىلساڭ ناھايىتى كۆپ ۋاقتىڭنى تېجىيەلەيسەن،
بىر كىتاب يېزىشقا كەتكەن ۋاقىتتا 2-3 كىتابنى يېزىۋېتىشىڭ تامامەن
مۇمكىن!» يارمۇھەممەد مېنىڭ تەكلىپىمنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلدى ۋە:
«شۇنداق قىلاي...» دېدى. مەن ئۇنىڭغا: «كېلەر قېتىم كومپيۇتېردا يازغان
ماقالەڭنى ئېلىپ كېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدىم. يارمۇھەممەد بۇ ئىشنى
تېزلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋەدە بېرىپ قايتىپ كەتكەن ئىدى...

يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتىدا ئەڭ ئاۋۋال يول
ئېچىپ ماڭغان ھەمدە بۇ يولدا خېلىلا ئىلگىرىلەپ مول مېۋىلەرنى خەلقىمىزگە
تەقدىم ئەتكەن ئىستېداتلىق تەتقىقاتچى ئىدى؛ ئۇ ئۆزىنىڭ توم-توم كىتابلىرى
ئارقىلىق، مىللىتىمىز كىشىلىرىنى «ئالىم بولۇشتىن ئاۋۋال ئادەم بولۇش»قا،
جۈملىدىن كىشىلەرنى نومۇس تۇيغۇسىدا ياشاشقا، ئىجتىھات بىلەن ياشاشقا،
ئەھمىيەتلىك ياشاشقا، ئۆزئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن چىن
پەزىلەت ئىگىسى ئىدى؛ ئۇ «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ بايراقدار-تۇغچىسى ئىدى. ئۇ
ئۆزىدە ئۇنىۋېرسال بىلىم ۋە ئۇنىۋېرسال ساپا ھازىرلىغان بولۇپ، قىسقا،
ئەمما ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتكەن ھاياتىدا دەۋرىمىز ياشلىرىغا ئۈلگە تىكلەپ
بەردى... يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى ھەممىمىزنىڭ
ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

يۈسۈپجان ياسىن: (يازغۇچى) مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئالدىنقى
ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۆرمەت قازانغان ۋە
سۆيگۈ بىلەن ئەسلەنگەن، قىممەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى
ئۈچۈن مەنىۋىي ئۇل سېلىشقا تىرىشقان تالانتلىق پېداگوك، پىكرى ئۆتكۈر
مۇتەپەككۇر ۋە تونۇلغان قۇتادغۇبىلىگشۇناستۇر.

مەرھۇم ناھايىتى پەزىلەتلىك،  ئېتىقادلىق، دۇرۇس، ئىشەنچلىك، تىرىشچان،
ۋەتەنسۆيەر، مىللىي ئەنئەنىگە سادىق، مىللىي ھاياتنى خۇسۇسىي ھاياتتىن
ئۈستۈن كۆرىدىغان مۇنەۋۋەر بىر كىشى ئىدى.  ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي
تەتقىقات بىلەن ئۆتكەن 30 يىللىق ھاياتىنى ئىككى دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
بىرىنجى دەۋرى 1983- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇ قەشقەر
پېداگوگىكا ئىنسىتىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا  ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىپ،
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن دەرس ئۆتكەن ھەمدە تالانتلىق پېداگوك
سۈپىتىدە تونۇلغان. ئۇنىڭ مۇنبەردىكى ھاياتى بەك قىسقا داۋام قىلغان
بولسىمۇ، بۇ جەرياندا ئۇ مول بىلىمى، ئىلغار مېتوتى،  ھېسسىياتلىق
نۇتۇقلىرى، تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى، بولۇپمۇ غۇرۇرغا تولغان ئوتلۇق قەلبى
ئارقىلىق نەچچە مىڭ ياشنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ئۇستازىغا ۋە قەلبىدىكى ئۆرنەك
شەخسكە ئايلانغان. كەسپىي ساھەسىدە ھەممىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا
ئېرىشىپ، شىنجاڭ بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› بولۇپ باھالىنىپ،  ئوردۇن
بىلەن تەقدىرلەنگەن. ئوقۇتۇش ھاياتىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي
مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشنىمۇ مۇھىم
ئورۇنغا قويغان. تەتقىقاتىنى دېداكتىك (تەربىيىۋىي) يۆنىلىشتىن باشلىغان.

يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ ئىلمىي ھاياتىنىڭ ئىككىنچى دەۋرى 1996-
يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان 16 يىللىق تارىختۇر. ئۇ بۇ مەزگىلدە
ئۈرۈمچىدە ياشاپ، بىر تەرەپتىن خۇسۇسىي نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى.
يەنە بىر تەرەپتىن تەتقىقات ساھەسىنى كېڭەيتىپ، دىققىتىنى كلاسسىك
ئەسەرلەر، ئائىلە تەربىيەسى،  مائارىپ، ئەخلاق، ئۆرپ- ئادەت ۋە ئىجتىمائىي
مەسىلىلەرگە قاراتتى. چۈشەنچە ۋە پىكىرلىرىنى يەنە ھەر خىل سورۇنلاردا،
سەھنىلەردە ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا كەسكىنلىك بىلەن ئوتتۇرىغا
قويۇپ، مىللەتنىڭ مەنىۋىي يېتەكچىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ دەۋر ئۇنىڭ
ھاياتىدىكى ئەڭ ھوسۇللۇق مەزگىلىدۇر، شۇنىڭدەك مىللەتنىڭ ئىشەنچىسىگە
ئىرىشكەن، سۆيگۈ ۋە ھۆرمىتىنى قازانغان دەۋرىدۇر.

   ھاياتىنى ئۈگىنىش، ئىزدىنىش، بىلگەنلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش بىلەن
ئۆتكۈزگەن يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ ھازىرغا قەدەر ‹‹ئوغلۇم، ئالدىڭغا
قارا››، ‹‹ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت››، ‹‹بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن››،
‹‹ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيەسى››، ‹‹ھاياتلىق ۋە نومۇس››، ‹‹ئادەمىيلىك
مىزانلىرى››، ‹‹قائىدە – يوسۇنلىرىمىز›› قاتارلىق 20 پارچىدىن كۆپرەك
كىتاب  نەشر قىلىندى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، ھاكىمىيەت
ئىدىيەسى، پەلسەپىسى، ئېتنوگرافىيەسى، ئەدەبىياتى، ئەخلاقى، پەن- مائارىپى،
ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى ۋە يات مەدەنىيەت ئالدىدىكى
پوزىتسىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل تېمىلار دا  ‹‹بۇلاق››، ‹‹مىراس››، ‹‹شىنجاڭ
سەنئىتى››، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››، ‹‹قەشقەر پېداگوگىكا ئىنسىتىتۇتى ئىلمىي
ژۇرنىلى››، ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا 110
پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئەمما، ئۇ بۇ نەتىجىلىرى بىلەن
مەغرۇرلانماي، ئۆمۈر بويى داۋراڭسىز ياشاپ، مىللەتنىڭ ئابرۇيى ۋە بىرلىكىنى
قوغداپ، بارلىقىنى مىللىي ئىستىقبالغا ئاتىدى. ئۇ ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس،
بەلكى بېغىشلاش ئۈچۈن ياشىغان ئۇلۇغ شەخستۇر. ھازىر ئۇ ئارىمىزدىن
ئايرىلدى، ئەبەدىيلىك ھاياتقا كۆچتى. ئۇنىڭ ئەزىز روھى بىز ئۈچۈن ئۆرنەك
بىر ئىنسان سۈپىتىدە قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالدى. بىز ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن
قايغۇرماقتىمىز. تارىخ تۆھپىكارلارنى ئۇنۇتمايدۇ! مىللەت ئۆزىنى
سۆيگەنلەرنى قەدىرلەيدۇ!  ئۇيغۇر مىللىتى سۆيۈملۈك پەرزەنتى يارمۇھەممەد
تاھىر تۇغلۇقنى مەڭگۈ  ئەسلەيدۇ!

روزىمۇھەممەد مۇتەللىپ: (يازغۇچى) مېنىڭ مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق
ئاكا بىلەن ئەسرالىشىش، پىكىرلىشىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم،
ئېرىشكەنلىرىم ناھايىتى كۆپ. مەن «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا ئائىلە
تېمىسىغا بېغىشلانغان «ئەخلاق بۆشۈكى- ئائىلە»، «ئاتىلارغا ئالەم يۈكۈنەر»،
«ئانىلاردىن ئالەم نۇر ئالار»، «ئوغۇللۇقنىڭ ھېكمىتى چەكسىز» قاتارلىق بىر
يۈرۈش ماقالىلىرىمنى ئېلان قىلدۇرۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن يارمۇھەممەد
ئاكام ماڭا تېلېفون قىپتۇ. ئۆزئارا ھال- ئەھۋال سۇراشقاندىن كېيىن، ئۇ
كۆرۈشۈشكە ۋاقتىم بار- يوقلۇقىنى سورىدى، مەن ۋاقتىم بارلىقىنى ئېيتىپ
ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى سىرتقا چىقتىم. بىز شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندىن
كەچ سائەت يەتتىگىچە شۇنداق ئوبدان پاراڭلاشتۇق، پىكىرلەشتۇق. ئۇ ماڭا
نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپلەرنى بەردى. تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى
يېزىشىم ئۈچۈن مەدەت بېرىپ رىغبەتلەندۇردى. مەن ئىجادىيىتىمدە يارمۇھەممەد
ئاكامنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۈلگە ئالدىم، پايدىلاندىم. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ماڭا
كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور دەپ قارايمەن.

     مېنىڭچە، يارمۇھەممەد ئاكامنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆپىنچە ئادەملىرىمىز
ھازىرغا قەدەر تولۇق پايدىلىنىپ كېتەلمىدى. ئەمما، بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر
ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەي قالمايدۇ. كەلگۈسىدە چوقۇم
يارمۇھەممەد ئاكام ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات، ئىلمىي ئىزدىنىشلار ئېلىپ
بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىر يۇرۇش قىلىپ نەشىر
قىلدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز، ئېلان قىلىنمىغان ياكى تولۇق
پۈتمىگەن ئەسەرلىرىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مەتبۇئاتلاردا
ئېلان قىلدۇرۇپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇشىمىز، شۇ ئارقىلىق
يارمۇھەممەد ئاكام ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ياخشى ئاساس سېلىشىمىز
لازىم...

ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر توغلۇق ئۇيغۇر
كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى بولۇپمۇ، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئىككى بۈيۈك
ئالىمىمىز بولغان مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ھەقىقىي مەنىسى
بىلەن تەتقىق قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىگە
نەزەر ئاغدۇرىدىغان بولساق، «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنىڭ ئۇنىڭ ئىلمىي
تەتقىقات پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق نىگىزى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
باشقىلار «قۇتادغۇبىلىك»نى ئىلمىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلغان بولسا،
يارمۇھەممەد تاھىر توغلۇق ئۇنىڭ دىداكتىك خاراكتېرىنى يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇپ
تۇرۇپ، «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا»، «بۇۋام شۇنداق ئۆگەتكەن»، «يۈسۈپ خاس
ھاجىبنىڭ ئائىلە تەربىيەسى»... قاتارلىق خاس ئەسەرلەرنى يېزىپ، مۇتلەق كۆپ
ساندىكى خەلقىمىزنى «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ ئىدىيىسى بىلەن تونۇتۇشتا
ئەڭ مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇنىڭ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى
دېگۈدەك ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىن ئۇزۇق ئالغان ئەسەرلەر
بولغاچقا، خەلقىمىزنىڭ ئەتىۋارلاپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن
ئالدى.

يارمۇھەممەد تاھىر توغلۇق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئالتۇن خەزىنىسىنى
قىزىشقا بارلىق زېھنىنى سەرپ قىلغان بولغاچقا، مەيلى قانداق ۋاقىت
بولىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ جەھەتتە ئىزدىنىشنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ
قويمىدى. رەھىمسىز كېسەل ھەققىدىكى دىئاگنوز قويۇلۇپ، ئۆزىنى كۈتۈش
باسقۇچىغا ئۆتكەن ئەشۇ كۈنلەردىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئارزۇلىرىدىن بىرى
بولغان « ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› غا شەرھ» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىگە
قەلەم تەۋرىتىپ، بىر تەرەپتىن داۋالانسا، يەنە بىر تەرەپتىن قولىغا قەلەم
ئېلىپ، بۇ ئارزۇسىنى تولۇق تاماملاپ كىتابنى پۈتكۈزدى. بۇنداق زور جاسارەت
تېخى بىزنىڭ كېسەلدىن خالىي، تىنى ساغلام كىشىلىرىمىزنىڭ قولىدىن كەلگىنى
يوق. ۋاقىتتىن پايدىلىنىش، پايدىلانغاندىمۇ ئادەمنىڭ قايىللىقىنى ھەم
ھۆرمىتىنى قوزغىغۇدەك دەرىجىدە پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۇ ئەسەرلەر روياپقا
چىقتى.

يارمۇھەممەد تاھىر توغلۇق خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى پىششىق
بىلىدىغان بولغاچقا، يازغان ھەر قانداق ئەسىرىدە شۇ خىل ئەنئەنىنى ئەكس
ئەتتۈرۈشكە  ۋە باشقىلارنىڭمۇ شۇ خىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا ئەھمىيەت
بېرىدىغان ھەقىقىي چىن مەنىدىكى تەتقىقاتچى ئىدى. مەن ئۇنى شۇ
تۈپەيلىدىنمۇ ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي ئۇستازى دەپ بىلىپ، يازغان ۋە يازماقچى
بولغان ئەسەرلىرىمنىڭ دەسلەپكى باھا بەرگۈچىسى قىلىپ، يېزىش ۋە ياكى
تۈزۈشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ پىكىرىنى ئېلىشنى مۇھىم دەپ بىلگەن ئىدىم. بىر
قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە بىز ئۆبېكستانلىق مەھمۇد ھەسەنىي توغرىلىق سۆزلىشىپ
قالدۇق. مەھمۇد ھەسەنىي ئۆزبېك خەلقىنىڭ بارلىق كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى
ئۆگىنىپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ نەچچە يۈزلىگەن رىسالىلەرنى تۈزۈپ نەشر قىلىپ
ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. بىز ئۇنى رايونىمىزدىكى قەلەم ساھىبلىرى
بىلەن سېلىشتۇردۇق. دەرۋەقە بىز ئىجادىي ئەسەرگە كۆپرەك ئەھمىيەت بىرىپ،
كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى دىداكتىك مەزمۇنلارنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا
ئانچە دىققەت قىلمايۋاتقان ئىدۇق.  ھەر ئىككىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارشى
ئوخشاش چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككىمىز يۇرۇقلۇققا چىقارغان
كىتابلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى شۇ خىل ئەسەرلەردىن ئىدىيە قوبۇل قىلغان
خاراكتېرگە ئىگە قىلىشقا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. ئوقۇرمەنلەرنىڭ
دىققىتىگە سۇنغان «قىزلارغا 100 نەسىھەت»، «ئوغۇللارغا 100 نەسىھەت»،
«ئاياللارغا 100 نەسىھەت»، «ئەرلەرگە 100 نەسىھەت»، «قىز –ئاياللار
ئەخلاقى»... دېگەن كىتابلىرىم شۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ نەتىجىلىرى ئىدى.
كېيىن بىز بىرلىكتە ھەممە ئۇيغۇر ئائىلىسىدە قۇرال كىتابلىق رول
ئوينايدىغان چوڭ ھەجىملىك «ئائىلە قامۇسى» دېگەن كىتابنى بىرلىشىپ
ئىشلىدۇق. بۇ كىتابنىڭ ھەر بىرىمىزگە تەۋە بولغان دەسلەپكى نۇسخىسىنى ھەر
ئىككىمىز كومپيۇتېردا تەييارلاپ، كېيىن بىرلەشتۈرۈپ ، نەشرگە يوللاشقا
تەييار قىلغان ۋاقتىمىزدا بۇنىڭغا سۇغۇق قول تەگدى. يەنى مېنىڭ خەلقئارا
چوڭ بازار يېنىغا جايلاشقان «سارتېكىن كىتابخانىسى»غا 2006-يىلى 12- ئاينىڭ
17- كۈنى ئوغرى كىرىپ، كىتابخانىدىكى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسى
(يىڭپەن) ئوغرىلاندى. «ئائىلە قامۇسى»نىڭ تولۇق پۈتكەن نۇسخىسى پىرىنتىردا
بېسىپ چىقىلمىغاچقا، شۇ قاتاردا ھەممىسى يۇقالدى. دەسلەپكى تىزىس شەكلىدىكى
ماتېرىياللارلا قولىمىزدا قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىز نەچچە قېتىم
تەييارلاپ باققان بولساقمۇ، لېكىن ئەسلىدىكىگە يەتمىگەچكە نەشر قىلىش
باسقۇچىغا يېقىنلاشتۇرمىغان ئىدۇق. يارمۇھەممەد مۇئەللىمنىڭ كېسىلى
ئېغىرلاشقانسېرى بۇ ئىشنى تىزراق تۈگىتىش ئىستىكى ھەر ئىككىمىزدە بولسىمۇ،
لېكىن نېمە ئۈچۈنكىن يارمۇھەممەد مۇئەللىم ھايات ۋاقتىدا يۇرۇقلۇققا
چىقىرالمىدۇق. نۆۋەتتە مەن ئەينى ۋاقىتتىكى خام ماتېرىيال ئاساسىدا
رەتلەۋاتىمەن. تىنچلىق بولسا يېقىندا تۈگىتىپ، ئۇنىڭ ھايات
ۋاقتىدىكى  «خەلقىمىز ئائىلىدە ھەممە جەھەتتىن پايدىلىنالايدىغان كىتاب
بولسۇن» دېگەن ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

ئادىلە ئەسقەر: (مەرھۇمنىڭ ئايالى) مەن يارمۇھەممەد بىلەن 26 يىل بىرگە
تۇرمۇش كەچۈرۈپتىمەن. بۇ جەرياندا ئۇ ماڭا ۋە بالىلىرىمىزغا ئىزچىل كۆڭۈل
بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ كەلگەن ئىدى. ئائىلىدىكى چوڭ- كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە
ماڭا ياردەملىشەتتى، مېنى بەك ئايايتى. سىرتلارغا چىققۇدەك بولسا نۇرغۇن
نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كېلەتتى، ئۆيگە ھەرگىز قۇرۇق قول كەلمەيتى. بالىلار
مەكتەپتىن كەلگەن ۋاقىتلاردا، ئۇلارنى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇشقا
رىغبەتلەندۈرەتتى، بىلىمنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بايلىق
ئىكەنلىكىنى، ئېسىل ئەخلاق- پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ قەدىر- قىممىتىنىڭ
يۈكسەك بولىدىغانلىقىنى ھارماي- تالماي چۈشەندۈرەتتى،  مەن ئۇنى ھەر
جەھەتتىن پەزىلەتلىك ئەر، مەسئۇلىيەتچان دادا دەپ قارايمەن.   يارمۇھەممەد
يەتتە يىل ئېغىر كېسەللىك دەردىنى تارتتى. ئەمما، ھاياتقا بولغان
ئۈمىدۋارلىقى، مۇھەببىتى سۇسلاپ قالمىدى.  ئۇ بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن
داۋالىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى.  ئۇ دائىم بىر
نەرسە يازغان ۋاقىتلىرىدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېزىشقا كىرىشىپ كېتەتتى،
ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا مەن يېنىدا تۇرۇپ «دورا ئىچىڭ، تاماقىڭىز سۇۋۇپ
كەتتى» دېمىسەم دورا ئىچىش، تاماق يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى...  

يارمۇھەممەدنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ- ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپلا بۇ
دۇنيادىن كېتىپ قالدى. ھازىر قولىمىزدا نەشىر قىلدۇرۇلمىغان بىر نەچچە
پارچە كىتابى ۋە ئېلان قىلىنمغان بىر قىسىم ماقالىلىرى بار، بىز
ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە، بۇ ئەسەرلەرنى رەتلەپ، ئېلان قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ
ھايات ۋاقتىدىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىنى رىئالىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز...



سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغۇچى: پەيزاۋات ناھىيە گۈللۈك يېزا ئاقتوقاي كەنتىدە، دېھقان



(«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013 - يىللىق 2 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.)

ALIF يوللانغان ۋاقتى 2013-3-19 15:11:00

ياخشى قىلىپسىلەر. گەرچە بۇ ئۇستازنىڭ دىدارنى كۆرۈش ۋە ئۇستاز بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش پۇرستى بولمىغان بولسىمۇ مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئاكىنى چۇڭقۇر سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمەن. ئاللا ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلغاي.

------

قوشۇمچە مەن بۇ ماقالىڭىزنى تور بېتىمگە يوللاپ قويدۇم .


مۇڭداشقۇ:1176474298

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2013-3-19 20:34:21





  ياراتقۇچى ئۇلۇغ اللاھ مەرھۇم ئۇستازنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلسۇن.



  اللاھ سىلەرنىڭمۇ ئارزۇيۇڭلارنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا مەدەت بەرسۇن.

tarboguz يوللانغان ۋاقتى 2013-3-20 02:17:33

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

     مىللىي ھاياتنى خۇسۇسىي ھاياتتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان مۇنەۋۋەر بىر كىشى ئىدى.نەقەدەر توغرا باھا!مۇشۇ باھانىڭ ئۆزدىىنلا مەرھۇمنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

tarboguz يوللانغان ۋاقتى 2013-3-20 02:22:37

بىز شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندىن كەچ سائەت يەتتىگىچە شۇنداق ئوبدان پاراڭلاشتۇق، پىكىرلەشتۇق..................... ھەي بۇ كىشى(مەرھۇم)(ئاللا جەننەت ئاتا قىلغايلا) بىلەن پاراڭلاشقان ئادەم ئۆزنىڭ نەدىلىكىنى ئۇنتۇلۇپ كىتىپ شۇ پىكىرنىڭ قاينىمغا غەرىق بولىدۇ.

tarboguz يوللانغان ۋاقتى 2013-3-20 02:24:52

«كومپيۇتېردا خەت بېسىشنى بىلمەيمەن» دېدى......................................گەرچە كومپۇيۇتۇردا خەت ئۇرۇشنى بىلمىسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ مىڭىسى بىر كومپۇيۇتۇر

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-3-20 11:02:08

بەشكېرەم دەۋاتاتتى.
بەت: [1]
: يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنى ئەسلەپ