كىملىكىم قارا تىزىملىككە كىرىپ قاپتۇ
ئەتىگەن دۇكاننى ئېچىپ ئەمدى ئولتۇراي دەپ تۇرسام تېلىفۇنۇم سايراپ كەتتى، «ھە؟» دەپ تېلىفۇننى ئالسام بىر خانقىز:- «ياخشىمۇ سىز، مەن xx ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن تېلىفۇن قىلىۋاتىمەن، سىز بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىنئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىدە بەش تال كارتا بىجىرىپتىكەنسىز، بۇكارتىلار ھازىر قەرز بولۇپ قاپتىكەن، سىز قەرزنى تۆلمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ كىملىكىڭىز قارا تىزىملىككە كىرىپ قاپتۇ، بۇنداق كىملىكنى ھەر قانداق ئورۇندا ئىشلەتسىڭىز ئۆزىڭىزگە ئاۋارچىلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن قەرىزنى تۆلىۋىتىپ، كىملىكىڭىزنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋېلىڭ.»- دەيدۇ. مەن دېدىم:- «مېنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىن ئۆزۈمنىڭ كىملىكىدە كارتا بېجىرگەنلىكىم راس، بىراق ئىككىنلا بېجىرگەن، ئۇنىڭ بىرىنى ھازىرمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن، يەنە بىرىنى بۇندىن 5-6 يىل بۇرۇن توختىتىۋەتكەن تۇرسام قانداقسىگە مېنىڭ نامىمدا 5 تال كارتا بېجىرىلىپ قالىدۇ ۋە قەرىزگە ماڭىدۇ؟» دېسەم، «بۇنى مەن ئۇقمايمەن، سىز بىرلەشمە خەۋەرلىشىشكە بېرىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.مەن پەقەت سىزگە ياخشى بولسۇن ئۈچۈن سىزگە ئەسكەرتىپ قويدۇم.» دەپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى.
ئەمدى تورداشلار، مەن قانداق قىلىمەن؟ ئاشۇ قەرىزلەرنى تۆلەپ كېتەرمەنمۇ؟ كىملىكنىڭ قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغانلىقىنى قانداق تەكشۈرۈپ ئۇقىمىز؟ مەن ئىككى تال كارتا بېجىرگەن تۇرسام قانداقسىگە بەش بولۇپ قالىدۇ؟ مەن ئادەتتە كىملىكىمنى ياكى كىملىكىمنىڭ كۆپەيتمىسىنى بىرەر ئادەمگە بېرىپمۇ باقمىغان. ئۇ ئىككى تال كارتىنىمۇ مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئىمزا قويۇپ بېجىرگەن. ھازىر ئۇ كارتىنى ئاكام نورمال ئىشلىتىۋاتىدۇ، مەندە كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسى بار.
شۇڭا تورداشلارنىڭ ماڭا مەسلىھەت بېرشىنى ئۈمىد قىلمەن. قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قويىدىغان بولدۇم.
ئەمدى تورداشلار، مەن قانداق قىلىمەن؟ ئاشۇ قەرىزلەرنى تۆلەپ كېتەرمەنمۇ؟------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
نېمىشقا تۆلىگىدەكسىز ، ناھەققە يولۇققاندا ئۇنچىۋالا بىچارە بوپ كەتمەيلى . راستىنلا سىز بېجىرمىگەن بولسىڭىز ، ئۇلارنىڭ تىجارەت زالىغا كىرىپ ،باش مەسئۇلىنى ئىزدەڭ ۋە ئەگەر ماۋۇ ئىشنى 3كۈنگىچە ئېنىقلاپ بەرمىسەڭ 12315 غا تېلفون قىلىمەن ،ئەرز قىلىمەن دەپ ئۈستەل مۇشتلاڭ ! مەن تېلگىراف ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن ،بۇنداق يەردە ئىشلەيدىغانلار ئانچە مۇقىم بولمىغانلىقتىن ،ھىلە ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك ئېغىر ...ئۇلار لايىقىدا بىر تەرەپ قىپ بېرىدۇ.
ھەرقانداق ئىشتا پۈتۈن ئىمكانىيەت بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك بىر تيىننىمۇ قالدۇرماي تۆلىشڭىز، تۆلىمەسلىككە تېگىشلىك يېرىم تىيىننىمۇ قەتئى تۆلىمەسلىكىڭىز كېرەك ! بولمىسا سىزنىڭ ئۇۋالچىلىقىڭىز بىلەن بۇ ئىنسانلارنىڭ نېمە ئىشى ھازىر؟ كارتا بىجىرسە ئىمزا قويىدىغان گەپ ،كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسقىسى سىزنىڭ بولغان بىلەن ئىمزا سىزنىڭ ئەمەس ،ئۇنداق بولغان ئىكەن --كىملىكىمنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسقىسىنى ئۆزلىرىڭ رۇخسىتىمسىز كۆپەيتىپ بىجىرىپسىلەر ياكى باشقىلار كىملىكىمنىڭ ئوغرى كۆپەيىتمىسىنى ئالدىڭغا كۆتۈرۈپ كەلسە ئەسلى نۇسخىسى قەنى؟ دەپ سورىماي ئوغرىلارغا ماسلىشىپ ھوقۇقۇمغا دەخلى قىلىشىپسەن !--دەڭ ،سوتتىمۇ شۇنداق دەڭ ئاناس001 ئېيتقاندەك قىلىپ بېقىڭ بولمسا.......
سىز قەرزنى تۆلمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ كىملىكىڭىز قارا تىزىملىككە كىرىپ قاپتۇ، بۇنداق كىملىكنى ھەر قانداق ئورۇندا ئىشلەتسىڭىز ئۆزىڭىزگە ئاۋارچىلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن قەرىزنى تۆلىۋىتىپ، كىملىكىڭىزنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋېلىڭ.
==============================================================================================================================================================
( ھەرقانداق ئورۇندا ئىشلەتسىڭىز ئۆزىڭىزگە ئاۋارچىلىق ) لىكىن ماۋۇ قۇرۇق گەپ ، مەكتەپتىكى چاغدا بىر قانچە نومۇر ئىشلەتكەن، كېيىن تاشلىۋەتكەن ئىدىم، كۈنلەرنىڭ بىرى ئۇلارمۇ مىنى قەرىز تۈلە دەما؟ بىر نومۇرنى ئىشلەتمىسەك قانداق قىلىشىمىز كېرەك{:107:} سەمىمىي تەكلىپ: ئاللادىن سودىڭىزنىڭ رونات تېپشىنى تىلەپ، سىزگە تېلفۇن ئۇرغان ئاتالمىش ئادۇۋكاتنىڭ نۇمۇرنى سىزمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋېتىپ خاتىرجەم ھالدا تېجارەت قىلىڭ،..........ئەنسىرەشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. پۇلىڭىز باكا قالغان بولسا خەير ئىشلاغا ئىشلىتىڭ، ئۇلارنىڭكىنى ئىشلەتمەي باشقىنى ئىشلەتسىمۇ بۇلىدۇ،........... مەن بىر قېتىم ئۇچرىدىم بۇ ئىشقا.
بۇلىدۇ ھەممە كارتنىڭ قەرزىنى تۈلەيمەن دەيسىز. تۈلەيسىز تامام. ئەگەر قەرز بولغان پۇلنى تاپشۇرمىسىڭىز بۇنىڭدىن كىيىن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ھەرقانداق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولالمايدىكەنسىز.
كىملىكنى ھەر قانداق ئورۇندا ئىشلەتسىڭىز ئۆزىڭىزگە ئاۋارچىلىق دىگىنى يالغان گەپ. قىپقىزىل ئالدامچىلىق.
نېمە بولۇپ كېتىپ بارىدىغاندۇ بۇ جاھان؟
مەھمۇت32دېگەندەك ئاشۇ ئاتالمىش ئادوۋكاينىڭ تېلىفون نومۇرىنى سىزمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋېتىپ ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ. قانداقلارچە ئادۇۋكات تېلىفون ئۇرىدۇ ... مەنچە سىزگە تېلىفون قىلغىنى ئادوۋكات بولماستىن بەلكى بىرەر بىرلەشمە خەۋەرلىشىش دۇكىنىدىكى خادىم . ئۇ سىزنىڭ نامىڭىزدا باشقىلارغا كارتا بېجىرىپ بەرگەن ... كېيىن ئىشنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ سىزگە «تەكلىپ» بەرگەن ... مىنىڭمۇ پىراۋامدىن 15 نۇمۇر يۇق قارا تىزىملىككە چۇشۇپ قاپتىمەن، كىملىك تەكشۇرۇش پۇنكىتلىرىدا باشقىلارنى 1 مىنۇتتا تەكشۇرسە مىنى بىر سائەتتە تەكشۇرەيدۇ؟ خاتىرجەم ئىشلىتىڭ ! بۇلار قارا تىزىملىككە كىرگۇزسە كۆچمە خەۋەرلىشىش ياكى جۇڭگو تىلگىرافى ئىشلىتىڭ !


مۇنداق ئىشنى مىسال قىلىپ بېرەي: مەن ئىشلەتكەن بىر مۇقىم تېلېفۇننىڭ گەدىنىگە نەچچە يۈز يۈەن ئارتىلىپ قاپتۇ، ئۆزىنى سانجىدىكى ئىدارىدىن كەلدىم دەۋالغان بىر قىز مېنى كەسىپ زالغا چاقىرىپ كېلىپ، شۇ پۇلنىڭ مانداق- مانداق قىسىمىنى تۆلىۋېتىشنى، ئاندىن خاتىرىنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ قىز كەسپ زالىدا ئىشلىمەيدۇ، لېكىن شۇلارنىڭ ئىشخانىسىدا بولغان ئىش- بىر دېھقانغا تېلېفۇندا «تالونىڭىزنى ئەتە تاپشۇرىمەن..» دىگەچكە كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشتى-دە، پۇلنى چىقىرىپ تالون بېرىدىغانسىز، دىسەم، «ھەئە.. لېكىن بۇ يەردە كېسەلمەيمەن، ناھىيە زالىغا بارايلى..» دېدى، شۇنىڭ بىلەن تاكسىدا ناھىيە زالىغا باردۇق، زالغا كىرىپ كۆزىگە قارىسام، ئۇياق- بۇياققا قاراپ، «ھېلىقى ئادەم يوقكەن، .. ماڭا ئىشەنسىڭىز، پۇلنى سىزدىن مەن ئېلىۋالاي، قەغەزگە ھۆججەت يېزىپ بېرەي، تالوننى ئەتە ھەل قىلىپ بېرەي..» دەيدۇ، مەن «ئەمىسە سىز تالوننى ھەل قىلغاندا ئالاقىلىشەيلى..» دەپ قويۇپ كېتىپ قالدىم. يېزىدىكى كەسىپ زالىدىكىلەرنىڭ ئۇ قويمىچىغا قانداقچە سۈكۈت يارىتپ بەرگەنلىكىنى بىلمىدىم، شۇ چاغدىكى مەسئۇلمۇ باشقا يېزىغا يۆتكلىپ قاپتۇ كېيىن قارىسام.. ئالدامچىلار جىق بوپ كىتىپتۇ ھە كەچۈرگەيسىلەر ! ئىنكاس يېزىۋاتسام بوۋىقىم بەك يىغلاپ كىتىپ خەتلەرنى خاتا يېزىپتىمەن. بەكلا خىجىل بولدۇم.

شۇنىڭ بىلەن 10086 دا ئىشلەيدىغان بىرسىدىن مەسلىھەت سورىساق ، ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئەرىز قىلىشىمىزنى ، ئادەتتە بىر كىملىككە ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 دانە كارتا بىجىرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى .
ئاغىنەمنىڭ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئىشى چىقىپ قېلىپ ، 10086نىو بوۋىسىغا بېرىپ ئەزىر قىلدى ، ئۇلار باشتا بۇز بىزدىكى سەۋەنلىك ئەمەس دەپ تۇرىۋاپتىمىش ، لىكىن ئاغىنەممۇ بوش كەلمەي ، ئۇنداقتا ئاشۇ كارتىلارنىڭ نەدە بىجگرگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىڭلار ، مەن ئاقسۇدىن چىقىپ باقمىدىم ، يەنە كىلىپ سىلەرنىڭ تۈزىمىڭلاردا بىر كىمللىككە 15 نەپەردىىن ئارتۇق كارتا بىجىرگىلى بولمايدىغان تۇرسا ، قانداقسىگە 156 نەپەر بۇلۇپ قالىدۇ ، مەن بىر ئادەم شۇنچىۋالا كارتىنى ئىشىلتىپ بولالامدىم دەپ بىر ئالا توۋا قىلىپتىكەن ، باردى - كەلدى كىرا تاماق دىگەنلەرنى كۆتىرىپ 对不起,我们业务工作的有洞 دەپ ، قەرىزنىمۇ كۆتىرەپ ، ئاق تىزىمككە چۈشۈپ قايتىپ كەپتىكەن .
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ دۇكىنىنى ئېچىۋاتقان بىر تونۇشۇم بار ئىدى. ئۇنىڭ دۇكىنىدا بولغان تۆۋەندىكى سۆھبەتتىن قانداق ئىشلىغىنى بىلەلىشىڭىز مۇمكىن:
بىر خوتۇن كىردى.
- كا بېجىرەي دېگەن.
- قانداق كا بېجىرىسىز..... بىر قاتار..... چۈشەندۈرۈشلەر.....
- شىڭ پىڭ جىنى ئەكىلىڭ.
- ئەكەمەپتىكەنمە!
- ئەمسە خەقنىڭ شىڭ پىڭ جىسىغا بېجىرىپ قويىمەن، مەيلىمۇ؟ كېيىن ئۆزگەرتاممايسىز؟
- مەيلى، كا دېگەننى بى-ئىككى ئاي ئىشلىتىپ ئاتىمىز. ئۆزگەرتىپ نىم قىلدۇ!
--------------
شۇنداق قىلىپ ئۇ تونۇش، تۆنۈگۈن كارتا بېجىرىپ، كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتكەن بىرەيلەننىڭ كىملىكىنى يەنە بىر نۇسخا كۆپەيتىپلا،
بۈگۈنكى خېرىدار خوتۇننىڭ كارتىسىنى بېجىرىۋەتتى.
مەن دېدىم:
- خەقنىڭ كىملىكىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتسەڭ قانداق بولىدۇ؟
- ھىش نىم بوممايدۇ! - دېدى ئۇ.
---------------------
ئەمدى قارىسام، سىزگە چوقۇم «ھىش نىم بوپتۇ» !
مېنىڭ ئۇ تونۇشۇم ھازىر ئۆلدى. شۇڭا بۇ ئىشىڭىزنىڭ ئۇ تونۇشۇم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
بۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تارماق ھەمكارچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇشىدىكى سەۋەنلىك. يەنە شۇنداق تېلېفون قىلسا، كىملىكىمنى رۇخسەتسىز ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقۇمغا دەخلى قىلدى دەپ بىرلەشمە شىركىتىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىڭ ۋە كىملىكىڭىز ئارقىلىق بېجىرىلگەن كارتىلار نەچچە يىل ئىشلىتىلگەن بولسا، ھەر يىلىنى 100 مىڭ يۈەندىن ھېسابلاپ، نەچچە يۈز مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلىڭ.
ئاخىرىدابىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئادەملىرى سىزنى ئىزدەپ كېلىپ، ئەرزىڭنى قايتۇرۇۋالغان، بەرىبىر ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمەيسەن (دېمىسىمۇ ئۇنداق تۆلەم ئالالمايسىز)، دەپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، سىزگە يا مەڭگۈلۈك ھەقسىز كارتىدىن ئىككىنى بېجىرىپ بېرىدۇ يا باشقا بىر نېمە قىلىدۇ.
-------------------
بىر كۈنى ئەتتىگەندە ھاڭغىرقايدىكى يەرگە سۇ قۇيىۋېتەي دەپ چىقسام، يېرىمنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئېگىز بىر مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپ كېتىپتۇ. شەھەرگە كېتىپ، بىر ئايدىن كېيىن كەلسەم، بولغان بۇ ئىشنى قارىمامدىغان. خوتۇن-خەقتىن سورىسام ھېچنەرسە ئۇقمايدىكەن. مۇنارغا قارىسام مەلۇم خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ خەڭسوچە ماركىسى تۇرىدۇ شۇنىڭ بىلەن شۇلارغا تېلېفون قىلدىم.
مەن بىر دېھقانتىم، يېرىمگە مەندىن رۇخسەتسىز مۇنار قاداپ قويۇپسىلەر. بۇ قانداق ئىش دەپ جېدەل قىلدىم.
شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلار كېلىپ، ساڭا مەڭگۈ ھەقسىز ماڭدىغان كارتىدىن ئىككىنى بېجىرىپ بەرسەك، جېدىلىڭ تۈگەمدۇ؟ دېگەنتى.... شۇنداق قىلدۇق. ئەمما ئۇ شىركەتنىڭ مۇلازىمىتى بەك ناچار بولغاچقا، كارتىنى ئىشلەتمەي، ھازىر كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭكىنى ئىشلىتىۋالدىم.
تورداشلارغا رەھمەت،خېلى ياخشى پىكىرلەرنى بىرىپسىلەر.ئۇلار بىلەن قىنى بىر زاكۇنلىشىپ بىشىمغا كەلگىننى بىر كۆرەي
ھە راس بۇ مۇنبەردە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتە ئىشلەپ باققانلار يوقمىدۇ؟بولسا ئاشۇلار بىر پىكىر بېرىپ باقسا بولاتتى.ئۇلاردىن ئۆمۇت كۇتكىلى بولماسمۇ يا؟