bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-19 00:09:17

ۋارگاس يوسا : كىتاپخانلىق ۋە ئەدەبىياتقا مەدھىيە


قىستۇرۇق: ئەدەبىياتىمىزدىكى مۇستەبىتلىك تەرجىمە ئەدەبىياتىمىزغىمۇ قاراسايىسىنى تاشلاپ يۈرگەن بۇ ئاي،بۇ كۈنلەردە مەيلى يازغۇچىلىرىمىز بولسۇن ۋە مەيلى تەرجىمانلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ «تەھرىرات» دەپ ئاتالغان چەيلەمخانىدىن باش-كۆزلىرى قان،ئىششىق پېتى تاراتقۇلارغا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن شۇنداق ناراھەت بولسا كېرەك،بەزى ئاتالمىش مۇھەرىرلەر سىزنىڭ ئەمگىكىڭىزگە ھۆرمەت قىلماي شۇنداق پۇتىۋېتىدۇكى، تىككەن كۆچتىڭىزنىڭ ياغاچتىن پەرقى قالمايدۇ،سىز چوقۇم ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ،ئۇلارنىڭ سىزىقىدىن چىقماسلىقىڭىز كېرەك،بولمىسا ئەۋەتكەن ئەسىرىڭىز بىر بولۇڭدا سولۇشۇپ تۇرغىنى تۇرغان.مەن مەزكۇر ئەسەرنى «دۇنيا ئەدەبىياتى»نىڭ تەۋسىيىسى بىلەن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ۋە مەزكۇر تەھرىراتمۇ ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ جىق پۇتىۋەتمەي شۇ پېتى بەرگەن ئىدى.تەرجىمە جەريانىدا يەر-جاي ناملىرى،كىشى ئىسىملىرىنىڭ توغرا ئېلىنىشى ئۈچۈن ئەسەرنىڭ خەنزۇچە،تۈركچە،پارسچە نۇسخىلىرىنى ئىسپانچە(ئانا نۇسخا)سىغا سېلىشتۇرۇپ چىققانىدىم،مۇستەبىت ئىران مەتبۇئاتى شۇنچە ئۇزۇن نۇتۇقنى ئاران پۇتاپ ئاران ئىككى-ئۈچ بەتلا بەرگەن،تۈركچىسىمۇ تولۇقسىز،خەنزۇچىسىدە ساق تۆت بۆلەك يەر چىقىرىۋېتىلگەنىدى،شۇنداقتىمۇ بۇ ئەسەرنى شۇنداق بىر ئىشتىياق بىلەن تەرجىمە قىلىپ پۇخادىن چىققانىدىم،بۇ يەردە ئانا ئارگىنالىمدىن ئېلىپ «ئىزدىنىش»ئەھلىنىڭ دېموكراتىك كۆزلىمىگە سۇندۇم.



كىتابخانلىق ۋە ئەدەبىياتقا مەدھىيە


-مـارىئـو ۋارگاس يوسانىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى


ۋارگاس يوسا (پېرۇ)


شىـــرئــەلــى مــامـۇت  تــەرجىمىـــــسى


     بەش يېشىمدا بولىۋىيىنىڭ كوچابامبا شەھىرىدىكى  ساللې مەكتىپىدە  قېرىنداش خۇسىتىنىيانولارنىڭ قولىدا ساۋادىم چىقتى. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئىش ئىدى. ئارىدىن 70 نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ كىتابلاردىكى سۆز-جۈملىلەردىن ئاپىرىدە بولغان تەسۋىرىي سېھرىگەرلىكنىڭ ھاياتىمنى نەقەدەر بېيىتقانلىقى؛ ماكان ۋە زامان چىگرىسىنى بۆسۈپ تاشلاپ مېنىمۇ كاپىتان نېمۇ بىلەن بىللە «دېڭىز ئاستىدا 20 مىڭ كىلومېتىرلىق سەپەر»گە ھەمراھ قىلغانلىقى ؛ دارتانىئان، ئاتوس ،پورتوس ۋە ئارامىسلار بىلەن بىرلىكتە بەدنىيەت باش ئېپىسكوپ رىشىلىئونىڭ پادىشاھقا قاراتقان سۈيقەستىنى قانداق تارمار قىلغانلىقلىرىمىز ۋە ياكى مارىئوسنىڭ جانسىز جىسمىنى يۈدگىنىچە پارىژنىڭ ئەۋرەز لەخمىسىدە دۈمچۈيۈپ كېتىۋاتقان ژان ۋالـژانـغا ئايلىنىپ قالغانلىرىم ھېلىھەم ئېنىق يادىمدا.


كىتاببازلىق خىياللىرىمنى تۇرمۇشقا، تۇرمۇشنى خىياللىرىمغا، ئەدەبىيات دۇنياسىنى مېنىڭ بىر پارچەمگە ئايلاندۇردى. ئاپام دەسلەپكى يازمىلىرىمنىڭ ئوقۇغانلىرىمنىڭ داۋامى ئىكەنلىگىنى ئېيتاتتى. چۈنكى ئوقۇغان ھېكايىلەرنىڭ خاتىمىسى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلاتتى ياكى ماڭا خۇددى خاتىمىسىنى باشقىچە چۈشۈرگۈم بار - يوقلىقىنى سوراۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.بەلكىم مەن تۇرمۇشۇم بىلەن ھېسابلاشماستىن ئۆمرۈمنى بېغىشلىغان ئىش موشۇ بولسا كېرەك : يىللارغا ئەگىشىپ ئۆسۈپتىمەن،چوڭ بولۇپتىمەن،قېرىپتىمەن.ئۇ ھېكايىلەر ماڭا بالىلىقىمدىنلا ھاياجان ۋە تەۋەككۈلچىلىكنى ئاتا قىلغانىكەن.


كاشكى ئاپاممۇ مۇشۇ سالۇندا بولغان بولسىدى ! ئۇ ئاسان ھاياجانلىناتتى. ئامادو نېرۋو ۋە پابلو نېرۇدانىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇسىلا يىغلاپ كېتەتتى؛   يوغان بۇرۇن، ئايپاڭباش بوۋام پېدرومۇ بىزگە ھەمراھ بولغان بولسا ! ئۇ يازغان شېئىرلىرىمنى كۆرسىلا ماختايتتى؛   تاغام لوچىئو ھەم شۇ . گەرچە ئۇ زامان ۋە ماكانلاردا ئەدەبىياتنىڭ ئەدەبىياتچىلارنى ئانچە بەك ياخشى باقالمايدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئۇ مېنىڭ ئەدەبىياتقا ئۆزەمنى پىدا قىلىشىـــمنى قوللايتتى، مۇشۇنىڭغا  ئوخشاش ئىنسانلار  ھاياتىمدا مېنى ھېچ تاشلىۋەتمىدى، ئۇلار مېنى ياخشى كۆردى، ئىلھاملاندۇردى، ئىككىلىنىپ قالغىنىمدا ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ۋە ئازغىنە تەلىيىمنىڭ سايىسىدە ۋاقتىمنىڭ كۆپ قىسمىنى بۇ ھاياجان ،ئىشتىياق، ۋە مۆجىزىلەر بىلەن تولغان يېزىقچىلىققا بېغىشلىيالىدىم ۋە ئاجايىپ بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقتىم. بۇ شۇنداق مۆجىزىكار دۇنيا ئىدىكى،ئۇ يەردە غەم-غۇسسىلاردىن قۇتۇلغىلى، ئاجايىپ ئىشلارنى ئادەتتىكى ئىشلارغا، ئادەتتىكى ئىشلارنى ئاجايىپ ئىشلارغا ئايلاندۇرىۋەتكىلى ، ئەنسىزلىكلەرگە خاتىمە بېرىپ، چېركىنلىكنى گۈزەللىككە، دەقىقىنى مەڭگۈلۈككە، ئەزرائىلنى ھورغا ئايلاندۇرىۋەتكىلى بولاتتى،


ئۇ چاغلاردا بىر پارچە ياخشى ھېكايە يېزىش ئاسان ئەمەس ئىدى. يېزىقچىلىق ئىشتىياقى سۆز ـ جۈملىلەرگە ئايلىنىپ بولغۇچە قەغەزدە قۇرۇپ قېلىپ، پىكىر- ئوبرازلار كۈچىدىن قالاتتى. ئۇلارنى قانداق تىرىلدۈرگۈلۈك؟ ھېلىمۇ بەختىمىزگە بىزگە ئۆگىتىدىغان ۋە ئۈلگە بولىدىغانغا ئۇستازلىرىمىز بولۇپ قالغانىكەن. فىلوبېردىن ئىستىداتنىڭ زېرىكمەي مەشق قىلىش ۋە سەۋر ـ تاقەتتىن كېلىدىغانلىقىنى؛ فولىكنېردىن تېمىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ياكى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان نەرسىنىڭ شەكىل (يېزىق ۋە قۇرۇلما)ئىكەنلىگىنى؛ مارتورېل، سېرۋانتىس، دېككىنس، بالزاك، تولىستوي، كونراد، توماس مانلار سان ۋە جەسۇرلۇقنىڭ بىر رومان ئۈچۈن سىتىلىستىك ماھارەت ۋە بايان قىلىش تاكتىكىسىغا ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىگىنى ئۆگەندىم. سارتېرى: سۆز دېمەك ھەرىكەتتۇر، بىر پارچە رومان،نامايىشنامە ياكى نەسىر (ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدىيە-ت) مۇبادا ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە ئەڭ ياخشى پۇرسەت بىلەن چىقىشىپ قالدىمۇ، ئۇ تارىخنىڭ چاقىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ، دەيتتى.ئالبېر كامۇ ۋە جورج ئورۋېللار ئەخلاق ـ پەزىلەتتىن يىراق ئەدەبىياتنىڭ رەھىمسىز ئەدەبىيات ئىكەنلىگىنى؛ ئاندېرى مالرو : قەھرىمانپەرۋەرلىك ۋە قەھرىمانلىق داستانلىرىنىڭ ھېلىھەم ئارگونات پالۋانلىرى ، «ئودېسسا» ۋە «ئېلىئادا» دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا مۇھىملىقىنى تەكىتلەيتتى.


كەمىنە ناۋادا بۇيەردە مەن مىننەتدار ئۇ يازغۇچىلارنى بىرمۇبىر ساناپ كەلسەم  ئۇلارنىڭ سايىسى بىزنى تامامەن قاراڭغۇلۇققا چۈمكىۋېتىدۇ . بۇنداق يازغۇچىلار ساناپ تۈگەتكۈسىز. ئۇلار ماڭا بايان ماھارىتىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئىنسان روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا شۇڭغۇپ كىرىشىنى ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغۋار نەتىجىلىرىنى مەدھىيلەپ، ئۇنىڭ تەلۋە-بىخۇدلۇقلىرىدىن قورقۇشنى ئۆگەتتى. ئۇلارمېنىڭ ئەڭ مېھرىبان، يېزىقچىلىقىمنى ئەڭ قوللاپ ـ قۇۋۋەتلىگەن دوستلىرىم ئىدى ؛ مەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئەڭ ناچار شارائىتتىمۇ ياشاشتىن ئۈمىد ئۈزمەسلىكىنى،  ھاياتلىق قۇرىغان ، بىز  نە ئوقۇش ۋە نە ھېكايە توقۇشتىن ئېغىز ئاچالمىغان چېغىمىزدىمۇ ھاياتنىڭ يەنىلا گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم.


بەزىدە ئىچىم سىقىلغانلاردا خىيال قىلىپ قالىمەن: مېنىڭ ۋەتىنىمگە ئوخشاش ئوقۇرمىنى ئاز، خەلقى نامرات، ساۋادسىزلىق ئېغىر، جەمئىيىتى ئادالەتسىز دۆلەتلەردە مەدەنىيەت ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىمتىيازى ئىكەن، ئۇنداقتا يېزىقچىلىق بىرخىل مۇتەكەببۇرلۇقنىڭ دەبدەبىسى بولۇپ قالامدۇ - قانداق؟ بىراق، بۇنىڭغا ئوخشاش دەرگۇمان خىياللار مېنىڭ يېزىقچىلىق ئىشتىياقىمنى ھېچقاچان سوۋۇتۇپ قويالىغىنى يوق. مەن ئىزچىل يېزىلىۋەردىم. يېزىقچىلىق ۋاقتىمنى پۈتۈنلەي ئىگىلەپ بولدى. مەن ئۆزۈمنىڭ قىلغانلىرىنى توغرا، دەپ قارايمەن، بىـــــــــز ئەگەر  جەمئىيەت يۈكسەك مەدەنىيەت،ھۆرىيەت،تەرەققىيات ۋە ئادالەتكە مۇشەررەپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن ئەدەبىيات چىچەك ئاچىدۇ،دەپ ئولتۇرىۋالساق ئەدەبىيات مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.ئەكسىچە،ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىزگە ئىلھام بەرگەن،گۈزەل خىياللار قوينىدىن قايتقىنىمىزدا رېئاللىققا سۇئال قويغۇزغان ئەدەبىياتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك . ئۇ زامانلاردا قىسسەخانلار تۇرمۇشقا مېھىر ـ مۇھەببەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئەپسانە ـ رىۋايەتلىرىنى باشلىغانىدى، شۇڭابۈگۈنكى مەدەنىيىتىمىز ئۇنچىلىك رەھىمسىزلىشىپ كەتمىدى.بىز  ئوقۇپ چىققان ئەشۇ ياخشى كىتابلار بولمىغان بولسىدى، بىز بۈگۈنكىدىن تېخىمۇ بەتتەر، تېخىمۇ مۇتەئەسسىپ، تېخىمۇ مۆڭ ۋە ئىتائەتكار ھالغا چۈشۈپ قالغان بولاتتۇق ، تەرەققىياتنىڭ ماتورى بولغان تەنقىدلەش روھىمۇ ئەسلا يېتىلمىگەن بولاتتى.  ئوقۇرمەنلىكمۇ يېزىقچىلىققا ئوخشاشلا ھاياتنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىگە قارشى بىر ئىسياندۇر. توقۇلما ئەسەرلەردىن ئۆز تۇرمۇشىدىكى كەم نەرسىلەرنى ئىزدىگەن ئادەم  رېئال تۇرمۇشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇتلەق ئېھتىياج ۋە روھىي ئاساسلىرىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى قايتا قۇرۇش كېرەكلگىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ (ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە بىلىش كېرەك ئەمەس). بىز تۇرمۇشىمىزسىرتىدىكى ئەشۇ ئارزۇلىغان كۆپلىگەن خىيالىي تۇرمۇشلارنى ياشاش ئۈچۈن  ھېكايە توقۇيمىز.


ئەگەر توقۇلما ئەسەرلەر بولمىغان بولسىدى، بىز ئەركىنلىكنىڭ قىممىتىنى، ئۇنىڭ ھاياتقا بەخش ئەتكەن گۈزەللىكىنى، ئەركىنلىكنىڭ زالىملارنىڭ مۇستەبىت ئىدىيىسى ۋە ياكى بىر دىننىڭ ئايىقىدا دەپسەندە قىلىنىشى تۈپەيلى ھاياتنىڭ دوزاخقا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگەن بولاتتۇق. ئەدەبىياتنىڭ ھەرتۈرلۈك بېسىملارغا قارىماستىن كۆزىمىزنى ئېچىپ قويغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلار ۋەتەنداشلىرىنىڭ بۆشۈكىدىن ـ گۆرىگىچە  ھەربىر ئىش ـ ھەرىكىتىنى جاھىلانە نازارەت قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن بارلىق رىجىم -كونتىروللارنىڭ ئەدەبىياتتىن قانچىلىك قورقىدىغانلىقىنى، ئۇنى باستۇرۇش ئۈچۈن نېمىشقا سېنزور تۈزۈمىنى ئورناتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نېمىشقا كۆزلىرىنى ئەركىن پىكىرلىك يازغۇچىلارنىڭ ئۈستىدىن ئايرىمايدىغانلىقىنى ئوبدان ئويلاپ باقسۇن. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى:ئۇلار تەسەۋۋۇر كۈچى كىتابلار ئارقىلىق كۈچۈيۈپ كېتىپ ئوقۇرمەنلەر  توقۇلمىنى مۇمكىن ئەركىنلىككە ئايلاندۇرىۋېتەرمىكىن ،  ئەدەبىيات جەڭگىۋار، قۇتراتخور بىر نەرسىگە ئايلىنىپ مۆلچەرلىگۈسىز بالايىئاپەتلەرنى تېرىپ بېرەرمىكىن،دەپ ئەندىشە قىلىدۇ.


ئۇلار رېئال تۇرمۇشتا ئوقۇرمەنلەرگە ئىزچىل جاھالەت ۋە تېرۇر سىياسەتلىرى ئارقىلىق قورقاق سېلىپ كېلىۋاتمامدۇ؟! ھېكايە توقىغۇچىلار ھېكايە توقىۋاتقان چاغدا خالاپ –خالىماي ياكى بىلىپ- بىلمەي بىر خىل نارازى كەيپىياتنى تەرغىپ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ كېسەللىكىنى، خىيالىدىكى دۇنيانىڭ  پانىي دۇنيادىنمۇ گۈزەل ۋە مۇھتەشەم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاۋاتقان بولىدۇ . بۇ ھەقىقەت ئەگەر ئىسپاتلىنىپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە كۆكلىگەن ھامان پۇقرالار بويۇنتاۋ، يۇقىرىنىڭ يالغان ـ ياماقلىرىغا ئىشەنمەيدىغان بولىدۇ. چۈنكى زالىملار خەلقنى تۆمۈر قەپەسلەرنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ بىخەتەر ۋە خاتىرجەم ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرمەكچى بولىشىدۇ.


مۇنەۋۋەر بىر ئەدەبىيات تۈرلۈك خەلقلەر ئارىسىغا كۆۋۈرۈك سالىدۇ.بىزگە شادلىق، قايغۇ، تەئەججۇپ  ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، ئارىمىزدىكى بۆلىنىشىمىزگە سەۋەب بولغان تىل، دىن، ئادەت ،ئەنئەنە ۋە خۇراپاتلىققا ئوخشاش تۇساقلارنى ئېلىپ تاشلايدۇ . يوغان ئاق لەھەڭ كاپىتان ئاھاپنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتكەن ۋاقىتتا، مەيلى توكيو، لىما ۋە ياكى تومبۇكتۇدىكى ئوقۇرمەنلەر بولسۇن ھەممىسىلا ئوخشاش قايغۇرىدۇ. ئېمما بوۋارىي خانىم زەھەرنى يۇتقىنىدا، ئاننا كارىنىنا ئۆزىنى پويىزنىڭ ئاستىغا ئاتقىنىدا، ژۇلىئان سورېل دار سوپىسىغا ياماشقىنىدا، «جەنۇب» تىكى دوكتۇر خۇئان دالمان پامپاس يايلىقىدىكى ئۇ كىچىك قاۋاقخانىدىن چىقىپ  قاتىلنىڭ خەنجىرىگە يۈزلەنگىنىدە ۋە ياكى  پېدرو پارامو كەنتىدىكى كومالالارنىڭ پۈتۈنلەي قىرىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغىنىدا، ئۇلارنىڭ ئوقۇرمىنى مەيلى بۇددىسىت، كۇڭزىپەرەس، خىرىستىئان ، مۇسۇلمان ۋە ياكى بىلەلمەيمىزچىلەر (ئاگنوستىك) بولسۇن، مەيلى ئۇ بۇرۇلكا ـ شىبلىت  ياكى شالۋۇر-چورۇق  كىيگەن ئىنسان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىدە ئەينى زىلزىلە پەيدا بولۇشى شەكسىز. ئەدەبىيات تۈرلۈك خەلقلەرنى قېرىنداشلىق رىشتى بىلەن باغلاپ، جاھالەت، ئېدىئولوگىيە، دىن، تىل ھەمدە نادانلىقنىڭ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئارىسىغا تىكلەپ قويغان توسۇقىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ.


ھەر دەۋردە قورقۇنۇچلۇق ھادىسىلەر كەم  بولمىغىنىدەك ،بىزنىڭ بۇ دەۋرمۇ قارام، تەلۋە، ئۆلۈمپەرەس تېرۇرستلارنىڭ زامانى بولۇپ قالدى. تېرۇرىزمنىڭ ئۆلۈۋېلىش شەكلى ئۆزىنىڭ  قەدىم ئەنئەنىسى بويىچە ئادەم ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق جەننەتكە كىرگىلى بولىدىغانلىقىغا، مەسۇم ئىنسانلارنىڭ ئىسسىق قېنىنىڭ كوللېكتىپ نومۇسنى يۇيالايدىغانلىقىغا، ئادالەتنى تىكلىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. دۇنيانىڭ تۈرلۈك رايونلىرىدا ھەركۈنى دېگۈدەك كۈرمىڭلىغان مەزلۇم ئەشۇ ئۆزلىرىنى مۇتلەق ھەقىقەتپەرۋەرلەر، دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ ئايىقىدا جان بېرىۋاتىدۇ. بىز ئىلگىرى زومىگەر ئېمپىرىيالىستلارنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن تېنچ، ئىجىل-ئىناق، مەدەنىيەت كۆپ قۇتۇپلاشقان، كىشىلىك ھۇقۇق ھۆرمەت قىلىنىدىغان بىر جەمئىيەت قۇرۇلۇپ دۇنيا قەتلىئام، ئېرقى قىرغىنچىلىق، قۇرال ئىستراتىگىيىسى ۋە يادرو ئۇرۇشىدىن قۇتۇلىدۇ، دەپ ئويلىغانىدۇق. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىدى. ئەسەبىي تەلۋىلىك شەكلى ئۆزگەرگەن بەدەۋىلىكلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. كەڭ دائىرىلىك نابۇدكار يادروۋىي قۇراللار يامراۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلۈكتە دۇنيانى قۇتقۇزىمىز، دەپ كاللىسىدىن كېتىۋاتقان  مەلۇم بىر ئوچۇم سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ بىر كۈنلەردە دۇنيانى يادروۋىي قىيامەتكە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك.شۇڭا  ئۇلارغا يۈزمۇيۈز جەڭ ئېلان قىلىشىمىز،كۈلىنى كۆككە سورىۋېتىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس-ۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ جىنايىتى پۈتۈن دۇنياغا يامراپ،ۋەھشىيانە قىلمىش ـ ئەتمىشلىرى بىزنى ھەركۈنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. ئۇلاردىن چۆچۈپ كەتمەيلى، ئۇلارنىڭ قەستى بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىي مۇساپىمىىزدە ئېرىشكەن ئەركىنلىكىمىزنى تارتىۋېلىشتا. ئەرك ۋە دېمۇكراتىيىمىزگە كۆز تەگمىگەي! بۇ دېمۇكراتىيە مەيلى قانچىلىك چەكلىك دائىرىدە بولسا ـ بولسۇن ،ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا كۆپ قۇتۇپلاشقان سىياسەت، تىنچ ھايات، ئەپۇچانلىق، كىشىلىك ھوقۇق، تەنقىدنى ھۆرمەت قىلىش، قانۇنىي تۈزۈم، دېمۇكراتىك سايلام، دۆلەتنى نۆۋەتلىشىپ ئىدارە قىلىش ... ۋەھاكازالاردىن دېرەك بېرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى رەھىمسىز تۇرمۇشتىن باشلىنىپ ئەدەبىياتتىكى توقۇش، قەلەمگە ئېلىش ۋە ئوقۇپ چىقىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدىغان ئۇ يۈزەكى گۈزەل تۇرمۇشقا (گەرچە ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئېرىشەلمىسەكمۇ) كۈنسېرى يېقىنلىىشىدۇ. بىز پەقەت ئۇ تەلۋە قاتىللاربىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىقلا  ئارزۇ ـ ئارمانلىرىمىزنى، غايىلىرىمىز بەدىلىگە روياپقا چىقارغان  ھەق ـ ھوقۇقلىرىمىزنى قوغدىيالايمىز.


كىچىكىمدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە پارىژغا بارسام، دەپ خىيال قىلاتتىم، چۈنكى فىرانسوز ئەدەبىياتى مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغانىدى. ئۇ چاغدا مەن پارىژدا ياشىسام، بالزاك، سىتاندال، بودلېر، مارسېل  پرۇستلار نەپەسلەنگەن ھاۋادىن نەپەس ئالسام چوقۇم ھەقىقىي يازغۇچى بولۇپ چىقالايمەن، دەپ ئويلايتتىم. مېنىڭچە مەن ئەگەر پېرۇدىن چىقمىغان بولسا ھېلىھەم ئاددىي بىر يەكشەنبىلىك ستون يازغۇچىلىقىنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمىگەن بولاتتىمكەن. توغرا، مېنىڭ ئۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئىبرەت- ساۋاقلىرىمنىڭ ھەممىسى فىرانسىيە ۋە فىرانسۇز مەدەنىيىتىنىڭ تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىيات بىرخىل ھەۋەس، چېنىقىش، مېھنەت ۋە جاھىلانە كۆنۈكۈشتىن ئىبارەت ئىكەن. مەن پارىژدىكى ۋاقىتتا سارتېرى ۋە كامۇلار تېخى ھايات ئىدى، يېزىۋاتاتتى. ئۇ ۋاقىت يۇنىسكۇ، بېككىت، باتاي ۋە سىئۇرانلارنىڭ دەۋرى ئىدى. بېرايخېتنىڭ دراممىلىرى، ئېنىگماربېرگماننىڭ كېنولىرى، ژان ۋېللار نامىدىكى فىرانسىيە دۆلەتلىك مىللىي تىياتىرخانىسى (TNP )، ژان  لوئى باررات نامىدىكى ئودىۋون تىياتىرخانىسى، يېڭى ئېقىم، يېڭى پروزىچىلىق ھەمدە ئاندېرى مالرونىڭ نۇتۇقلىرى (ئاجايىپ ئېسىل ئەدەبىي ئەسەر) دەۋر سۈرۋاتاتتى. ئۇ مەزگىلدە يەنە ياۋرۇپادا درامماتىك كۆرۈنۈشلەر ئەۋج ئالغان ، گېنرال دې گول مەغرۇرانە ئىلگىرلەۋاتقانىدى . بىراق فىرانسىيىدىن مىننەتدارلىقىمنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى ،مەن ئۇ ئارقىلىق لاتېن ئامېرىكىسىنى تونۇۋالدىم. مەن فىرانسىيىدە پېرۇنىڭ تارىخىي ۋە جۇغراپىيىلىك ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن تەشكىل تاپقان دۇنيانىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، بىرخىل ھاياتلىقنىڭ، شىرىن تىل ۋە يېزىقنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم. ئۇ چاغلاردا لاتىن ئامېرىكىسىدا يېڭىچە، جەسۇرانە بىرخىل ئەدەبىيات بارلىققا كېلىۋاتاتتى. مەن پارىژدا بورخېس، ئوكتاۋىئو پاز، كورتازار، گارىسيا ماركوس، كارلوس فۇئېنتىس،كابرىرا ئىنفانتې، خۇئان  رۇلفو، كارلۇس ئونېتتى، كارپېنتىر، ئېدۋاردىس، خۇسى دونۇسسو قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نادىر ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئىسپان تىلى ئىپىك ئەدەبىياتىنى يېڭىلىدى. ئۇلارغا ئاپىرىن! ئۇلارنىڭ مېھنىتى سايىسىدە  ياۋروپا ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ پەقەتلا سىياسىي زىلزىلە ئەۋج ئالغان، ئەشەددىي مىللىتارىستلار، بومبا ساقال پارتىزانلار يىغىلغان، مــامبو③، چاچاچا، مـــــــاراكا لاردىن باشقا نەرسىسى يوق بىر قىتئە ئەمەس، بەلكى دۇنياغا ئۆگەتكۈدەك ئىدىيە-ئەپكارى، سەنئەت شەكىللىرى، ئەدەبىي تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى ۋە دۇنياۋى تىلىغا ئىگىمەن بىر قىتئە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.


گەرچە  پېرۇ شائىرى سېسار  پاللىخو :« قېرىنداشلار، نۇرغۇن ئىشلار بىزنى كۈتمەكتە!»دېگەن بولسىمۇ، لاتىن ئامېرىكىسى تا ھازىرغىچە نۇرغۇن ئىسسىق ـ سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تەدرىجىي كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە كۇبا ۋە كۇبانىڭ چاپىنىنى كۆتۈرىدىغان ۋېنسۇئىلانى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان بولىۋىيە ۋە نىكاراگۇئاغا ئوخشاش بىر نەچچە سۈنئىي خەلق دېمۇكراتىيىلىرىلا قېپقالدى. ئەمما دېگەنبىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ باشقا جايلىرىدا دېمۇكراتىيە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. خەلقنىڭ تونۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ؛ لاتىن ئامېرىكىسى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ بىرازىلىيە، چىلى، ئۇرۇگۋاي، كولۇمبىيە، دۇمىنىكا خەلق جۇمھۇرىيىتى، مېكسىكا ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدە ئاساسەن ئوڭ ۋە سولچىللار پەيدا بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە قانۇنىي تۈزۈمگە رىئايە قىلىنىدۇ، سۆزلەش، تەنقىدلەش ئەركىنلىكى، سايلام ۋە ھۆكۈمەتنى يېڭىلاش تۈزۈملىرىگە ئىگە. بۇ توغرا يول، لاتىن ئامېرىكىسى ئەگەر بۇ يولدا بوشاشماي ئىلگىرىلەپ، چىرىكلىككە زەربە بەرسە، دۇنياۋى ئورتاقلىشىشقا داۋاملىق قاتنىشىدىغان بولسا ئىلگىرىكى ئۇ ھەدېسە كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىپ، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا كۈچلۈك، قۇدرەتلىك بىر قىتئەگە ئايلىنالايدۇ.


مەن ياۋروپادا مەيلى نەگىلا بارماي ۋە مەيلى روھەن جەھەتتىن بولسۇن ئەزەلدىن ياتسىراپ باقمىدىم. مەن ياشاپ ئۆتكەن پارىژ، لوندون، بارسېلونا، مادرىد، بېرلىن، ۋاشېنگىتون، نيويۇرك، بىرازىلىيە ۋە دۇمىنىكا خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزۈمنى خۇددى ئۆز ئۆيۈمدىكىدەك ھېس قىلدىم.ھاياتىمدا دائىما گۈزەل مەسكەنلەر كەم بولمىدى. مەن ئۇ يەرلەردە خاتىرجەم ياشاپ خىزمەت قىلدىم، ئۆگەندىم، ئوي ـ تەسەۋۋۇرلىرىمنى قاناتلاندۇردۇم. دوست ـ بۇرادەر، ئېسىل كىتاب ۋە يېزىقچىلىق ئۈچۈن خام ماتېرىياللارغا ئېرىشتىم. مەن ھېچ تەرەددۇتسىز دۇنيا گىراژدانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئۇ ئاتالمىش «يىلتىز»ىنى يوقۇتۇپ قويىدىغانلىقىغا،  ۋەتىنىمگە بولغان مېھرىمنىڭ سۇسلاپ كېتىشىىگە ئىىشەنمەيمەن (شۇنداق بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ھېچ گەپ ئەمەس) ،چۈنكى ئەگەر شۇنداق بولغان بولسىدى، مېنىڭ پېرۇدىكى تۇرمۇش ـ كەچمىشلىرىم يېزىقچىلىقىم ئۈچۈن ئىزچىل ئوزۇق  بولالمىغان ھەم ئەسەرلىرىمدىمۇ ئىپادىلەنمىگەن بولاتتى. يەنە كېلىپ ھېكايىلىرىمدىكى ماكان ئۈچۈن نېمىدەپ پېرۇنى تاللىمىغۇدەكمەن.


تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىمدىن ئايرىلىپ ئۇزاق يىل غۇربەتلەردە ياشىغىنىم ۋەتىنىم بىلەن ئارامدىكى رىشتىنى تېخىمۇ  چىڭىتىدۇ ھەم بۇ رىشتىگە قوشۇپ تېخىمۇ روشەن ئىدىيە ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى ئاتا قىلىدۇ،دەپ قارايمەن . بۇ سۆيگۈ ھاياتىمدىكى مۇھىم ۋە ئەرزىمەس نەرسىلەرنى ئايرىپ، يارقىن خاتىرىلەرنى ساقلايدۇ. ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يەرگە بولغان مېھىر ـ مۇھەببەتكە مەجبۇرلاش كەتمەيدۇ. بۇ مۇھەببەت خۇددى مەشۇقى، ئاتا ـ ئانىسى، پەرزەنتلىرى ۋە دوست- بۇرادەرلىرىگە بولغان مۇھەببەتتەك ئادەمنىڭ چىن يۈرىگىدىن كېلىدۇ.


پېرۇ ھەمىشە قەلبىمدە ياشايدۇ. چۈنكى مەن پېرۇدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، ئوقۇدۇم، بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك چېغىمنى ئۆتكۈزدۈم، خاراكتېرىمنى، ئارزۇ –ھەۋەسلىرىمنى ئۇچۇرما قىلدىم. چۈنكى مەن پېرۇدا سۆيگەن، كىنىگەن، كۈلگەن، قايغۇرغان ۋە ئستىگەن. پېرۇدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ۋەقە- ھادىساتلارنىڭ ھەممىسى مېنى ئوخشاش ھاياجانلاندۇرىدۇ، ماڭا تەسىر قىلىدۇ، باشقا جايلاردا يۈز بەرگەن ھادىسلەردىنمۇ بەكرەك غەزىپىمنى  كەلتۈرىدۇ. مەن بۇنداق قىلىشقا ئاشىق ئەمەس ياكى ئەتەي شۇنداق قىلمايمەن، ئەمەلىيەت شۇنداق. بەزى دۆلەتتىكىلەر مېنى ۋەتەن خائىنىغا چىقىرىۋەتتى. ناۋادا مەن ۋەتىنىمدىن ئايرىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالسام يەنە دۇنيا دېمۇكراتىك ھۆكۈمەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش، دېپلوماتىك ھەم ئىقتىسادىي ئىمبارگو چارىلىرى ئارقىلىق پېرۇ ھەربىي ھاكىمىيىتىنى جازالاتقۇزىمەن. بۇ مېنىڭ مەيلى پىنۇچېت، ئافغانىستان تالىبانلىرى، ئىراننىڭ ئىماملىرى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئېرقىي ئايرىمچىلىق سىياسىتى ۋە بېرمىنىڭ ھەربىي ھۆكۈمىتى بولسۇن بارلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ئورتاق قوللىنىدىغان ئۇسۇلۇم. ناۋادا پىرۇ يەنە سىياسىي تەۋرەمنىڭ قۇربانى قىلىنىدىكەن، يۇمران دېمۇكراتىيىمىزنى يەنە نابۇت قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن (ئۇ تەقدىرگە چۈشۈپ قالماس،پېرۇ خەلقىمۇ ئۇنى خالىمايدۇ) شۇ چاغدىمۇ ئوخشاش قارشى چىقىمەن. ئۇ چاغدىكى قارشىلىق قىلىشىم ھەرگىزمۇ بىردەملىك ئاچچىقتىن، ھاياجاندىن ئەمەس ياكى بەزىبىر كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ قەلىمىگە پەسكەشلەرچە تون پىچىپ ئۆگىنىپ قالغىنىغا ئوخشاش بىلەرمەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئۇ مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئېتىقادىم بىلەن بىرلەشكەن ھەرىكەتتىن ئىبارەت. مەن ئەزەلدىن مۇستەبىتلىك بىر دۆلەت ئۈچۈن ئەسلا ياخشىلىقتىن بىشارەت بەرمەيدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇ بەدەۋىلىك ۋە چىرىكلىكنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، ساقايتقىلى بولماس تىرەن يارا-يېرىقلارنى پەيدا قىلىشتىن باشقا نەرسىگە يارىمايدۇ. بۇ يارا كەلگۈسىنى ياللۇغلاپ ئەۋلادمۇئەۋلاد يۇقۇپ ماڭىدىغان ناچار ئىللەتلەرگە يول ئاچىدۇ ۋە ئاخىرىدا دېمۇكراتىيىنىڭ تۇغۇلىشنى كېچىكتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئىمبارگو قاتارلىق قولىمىزدىن كېلىدىغانلىكى چارىلەر بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن مۇستەبىتلىككە قارشى چىقىشىمىز كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەشۇ دېمۇكراتىك دۆلەتلەر ئۆزگىچە سىياسىي قاراشتىكىلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشتە بىزگە ئۈلگە بولالمىدى. ئۇ ئەزىمەتلىرىمىز خەلقنى ئىزىۋاتقان مۇستەبىتلەر بىلەن ياقا سىقشىىۋاتقاندا، بۇ دۆلەتلەر مۇستەبىتلەرگە قارشى قەھرىمانلارنى قوللىماقتا يوق، مۇستەبىتلەرگە ھەمىشەتەخسىكەشلىك قىلىپ كەلدى. بۇ قەھرىمانلار يالغۇز ئۇلارنىڭ  ئەمەس، بەلكى بىزنىڭمۇ ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن كۈرەشكەن ئىدى.


مېنىڭ بىر ۋەتەندىشىم- خۇسى مارىيا ئارگوئدېس پىرۇنى «ھەممە يېرى قان»دەپ تەرىپلىگەنىدى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ توغرا دېگەن. بىزبارلىق پېرۇلۇقلار خالايلى ياكى خالىمايلى، بىز ئەنئەنە، ئېرق، ئېتىقاد ۋە پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن مەدەنىيەتلەرنىڭ يىغىندىسىمىز. مېنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغىنى بىز ناسكا ۋە باراكاس قۇشلىرىنىڭ پېيىدىن ئىشلەنگەن زىلچا، توقۇلمىلار، دۇنيانىڭ قەھرىدىكى مۇزىيلارغا قويۇلغان موچكا ۋە ئىنكا فار ـ فۇرلىرى، ماچوپىچچو چوققىسى،كىئولاپ،بۈيۈك چىمو،چان چان ،سىپان⑩، لابروجا⑪،ئال سول⑫،لالۇنا ⑬ لارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز؛ بىز يەنە ئىسپان مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز. ئىسپانلار خۇرجۇن، خەنجەر ۋە ئاتلىرى ئارقىلىق پېرۇغا گىرىك، رىم، يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دىنى، ئەدەبىي ئويغۇنۇم، سېرۋانتىس،كىۋىدو، كونگورا ھەمدە ئاندىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ يۇمشاپ كەتكەن ئىسپان تىلىنى ئېلىپ كەلدى. ئىسپانلارنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ بۇ يېڭى قىتئەگە ئافرىقىمۇ كەلدى. ئافرىقىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ بەقۇۋۋەت ،قاۋۇل جىسمى، ناخشا مۇزىكىلىرى ۋە جۇشقۇن تەسەۋۋۇرلىرى ئارقىلىق پېرۇ مەدەنىيىتىنى جۇلالاندۇردى. بىز پېرۇغا سەل-پەل شۇڭغۇساق ئۇنىڭ بورخىسنىڭ قەلىمىدىكى ئالېفقا ئوخشاش دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن بىر نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرمەستىن، دۇنياۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى نەقەدەر ئاجايىپ ۋە نەقەدەر مۇھتەشەملىك !


ئامېرىكا قىتئەسىنى مۇستەملىكە قىلىشمۇ باشقا مۇستەملىكىچىلىكلەرگە ئوخشاشلا رەھىمسىز ۋە ياۋۇزلارچە ئېلىپ بېرىلغان. بىز بۇنى چوقۇم قاتتىق ئەيىپلىشىمىز كېرەك ۋە ئەيىپلەش بىلەن بىرگە ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپچىلىگىنىڭ بىزنىڭ بۈيۈك بوۋا ۋە كۆكۈل بوۋىلىرىمىز ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك ؛ ئۇلار ئامېرىكا قىتئەسىنى مۇستەملىكە قىلغان ئىسپانلار ئىدى. ئۇلار بۇ تۇپراقنىڭ ئۆز خۇجايىنلىرىنى يوقۇتۇپ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ئاق تەنلىك مۇھاجىرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ھەق گەپنى قىلغاندا، بۇنى تەنقىدلەش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى بىز ئىككى يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، سابىق مۇستەملىكە ئېلىدە ھۇقۇقنى قولىغا ئالغانلار ئىندىئانلارنىڭ ھۆرلىكى ۋە ئادالىتى ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشتا يوق، ئەكسىچە مۇستەملىكىچىلەرگە ئوخشاشلا ئاچكۆز ۋە قەبىھلەرچە ئىندىئانلارنى ئەزدى، ھەتتا بەزى دۆلەتلەر ھېلىھەم ئۇلارنى قەتلىئام ۋە ئاسمېلياتسىيە قىلىۋاتىدۇ. نەق گەپنى ئېيتايلى: ئىككى يۈز يىلدىن بۇيان تۇجۇلارنى ئازاد قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ئىدى، بىز بۇنى ئادا قىلالمىدۇق. بۇ ئازادلىق مەسىلىسى لاتىن ئامېرىكىسىدا ھېلىھەم بىربۇلۇڭدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ رەسۋا-شەرمەندىچىلىكلەر ئالدىدا ھېچكىم ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدۇ.


پېرۇنى ياخشى كۆرگىنىمدەك ئىسپانىيىنىمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭدىن چەكسىز مىننەتدارمەن ۋە كۆپ قەرزدارمەن. ئىسپانىيىگە رەھمەت، ئۇنىڭسىز مەن بۇ مۇنبەرگە چىقالمىغان، مەشھۇر يازغۇچى دېگەن بۇ ئاتاققىمۇ ئەسلا ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم. بەلكىم ئەشۇ نۇرغۇنلىغان شورپىشانە كەسىپداشلىرىمغا ئوخشاش ھازىرغىچە يازغانلىرىمنى نەشر قىلالماي، شان– شەرەپسىز، ئوقۇرمەنسىز يازارمەنلىكىنىڭ بىر قىرغىقىدا چۆرگىلەپ يۈرەر بولغىيتتىم، بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭمۇ ئۆز تالانتىنى نامايىش قىلىدىغان كۈنلەر (ئاجىزانە تەسەللى)كېلىدۇ. مېنىڭ ئەسەرلىرىم ئاساسەن دېگۈدەك ئىسپانىيىدە نەشر قىلىندى. قۇلىقىمغا نۇرغۇن مەدھىيە- ماختاۋلار كەلدى. كارلوس باررال⑭، كارمىن بالسېللى⑮ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن نۇرغۇنلىغان دوستلىرىمنىڭ ئەمگىكى بولغاچقا ھېكايىلىرىم ئوقۇرمەنلەرگە ئېرىشتى. مەن پېرۇ گىراژدانلىقىدىن ئايرىلىپ قالغىلىۋاتقاندا ئىسپانىيە قوينىنى ئاچتى. مەن پېرۇلۇق بولساممۇ، پاسپورتۇم ئىسپانىيىنىڭ. مېنىڭچە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھېچقانداق ئوخشىمايدىغان تەرىپى يوق. چۈنكى مەن ئەزەلدىن ئىسپانىيە بىلەن پېرۇنى ئوخشاش بىر شەيئىنىڭ ئىككى يۈزى،دەپ قارايمەن.بۇ پەقەت مەندەك كىچىككىنە بىر شەخس توغرىسىدىلا ئەمەس ،بەلكى  تىل، تارىخ، مەدەنىيەتكە ئوخشاش بۈيۈك رېئاللىقىمىز ئالدىدىمۇ  ئوخشاش.


ئىسپانىيە تۇپرىقىدا ياشىغان مەزگىلىم ئىچىدە 70 ـ يىللارنىڭ بېشى، ئەزىز بارسېلونادا ئۆتكەن بەش يىل ناھايىتى ئېنىق يادىمدا. ئۇ چاغدا فىرانكونىڭ مۇستەبىت رىجىمى ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى، ئادەملەرنى خالىغانچە ئۆلتۈرىۋاتاتتى. ئەمما ئۇ چاغدامۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستىدىكى يېپىنچىسىنىڭ جەندىدىن پەرقى قالمىغان ، بولۇپمۇ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كونتىرۇللىقى كۈچىدىن قالغانىدى. بارلىق يوچۇقلار چاك – چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەنىدى، ھۆكۈمەتنىڭ سېنزۇرلىرىمۇ كار قىلمايۋاتاتتى. ئىسپانىيە جەمئىيىتى بۇ يوچۇقلار ئارقىلىق بۇرۇن ئاغدۇرمىچىلىق ،دېيىلىپ قاتتىق چەكلەنگەن يېڭىچە ئىدىيە، كىتاب، تەپەككۇر، سەنئەت قارىشى ۋە شەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى. دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر شەھەر بارسېلوناغا ئوخشاش ئىسلاھاتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى پۇرسەتلەردىن ناھايىتى جايىدا پايدىلانغان،شەھەر ھاياتىنىڭ بارچە ساھەلىرىدە ئىدىيە ۋە ئىجاتكارلىقنىڭ زەۋقىنى يارىتالىغان ئەمەس. بارسېلونا ئىسپانىيەنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكىگە ئايلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن بارسېلوناغا بېرىپ كېيىنكى مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن دېموكراتىك ھاۋادىنمۇ نەپەسلىنىپ بېقىش كېرەك. ئۇ چاغدىكى بارسېلونا مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ئىدى. چۈنكى بارسېلونا رەسسام، يازغۇچى، ناشىر⑯، سەنئەتكارلار بىلەن تولغان بىر شەھەر بولۇپ، بۇئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى لاتېن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىن كېلىپ ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان ياكى ئولتۇراقلىشىش ئالدىدىكىلەر ئىدى؛ بىزنىڭ دەۋردە شائىر، يازغۇچى، رەسسام ياكى چاغداش مۇزىكانت بولغۇسى بارلارنىڭ ھەممىسى بارسېلوناغا چىقاتتى. بارسېلونادا ئۆتكەن ئەشۇ بىر نەچچە يىلنى ھېچ ئۇنتۇيالمايمەن. چۈنكى ئۇ يىللار مەن ئۈچۈن ئۆزۈمنى تونىغان، دوست تاپقان، پىلان ۋە ئەقلىي ئەمگەكلىرىم مول مېۋە بەرگەن يىللار ئىدى. بارسېلونامۇ بۇرۇنقى پارىژغا،  «ئىنجىل»دىكى بابىلغا ئوخشاش دۇنياۋى بىر شەھەرگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇ يەردە ياشاش ۋە خىزمەت قىلىىش ئاجايىپ ھوزۇر ئىدى؛ ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىن بۇيان ئىسپانىيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسى يازغۇچىلىرى ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ قېرىنداشلارچە بىردوستلۇق شەكىللەندى. چۈنكى ھەممە بىزنىڭ ئورتاق بىر ئەنئەنىگە خۇجايىن ، ئورتاق بىر غايە ۋە ئىشەنچكە ئىگە بىر ئىتتىپاق ئىكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلدى.چۈنكى بىز زالىملارنىڭ پەيمانىنىڭ تولغانلىقىغا، دېمۇكراتىك ئىسپانىيە ۋە ئىسپان مەدەنىىيىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە جەۋلان قىلدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىمىز.


بۇ ئىشلار ئۇنچىلىك توپتوغرا يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئىسپانىيەنىڭ مۇستەبىتلىكتىن دېمۇكراتىيىگە ئۆتۈش جەريانى ھازىرقى زامان تارىخىدا ھەقىقەتەن ئەڭ نادىر ۋە نەمۇنەۋىي مەزگىل ھېساپلىنىدۇ: تەمكىنلىك ۋە ئىدراك ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەپ، مۇخالىپ سىياسىي پارتىيىلەر خەلقنىڭ مەنپەئەتى بىلەن ھېساپلاشماستىن ،  دىنىي مەزھەپلەرنىڭ توقۇنۇشىنى توختاتقاندا، بۇ ئىشلار خۇددى سېھرىي رېئالىزملىق رومانلاردا تەسۋىرلەنگەندەك ئاجايىپ سىرلىق ھالدىلا يۈز بەردى. ئىسپانىيە مۇستەبىتچىلىكتىن ئەركپەرۋەرلىككە، نىسپىي تەرەققىياتتىن گۈللىنىشكە، ئىقتىسادىي توقۇنۇش ۋە ئۈچىنچى دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىك ھالىتىدىن ئوتتۇراھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتۈش يولى ئىدى؛ ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىگە قوشۇلۇشى ھەم قىسقىغىنە بىرنەچچە يىل ئىچىدە بىرخىل دېمۇكراتىيلەشكەن مەدەنىيەتكە يۈزلىنىشى دۇنياۋى ئالقىشنى قولغا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيىنىڭ زامانىۋىلىشىش قەدىمىمۇ تېزلەشتى. بۇ ئۆتكۈنچى مەزگىلگە يېقىندىن شاھىدلىق قىلىش ۋە ئۇنى ياشاش مەن ئۈچۈن ھاياجان ۋە ئىبرەتلىك بىر ساۋاق بولدى. ھەرخىل مىللەتچىلىك ئىپادىلىرى (ئىسپانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھازىرقى دەۋر ساقايتىپ بولالماس جاراھەتلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) بۇ بەختىيار تارىخقا ئەسلا زىيانكەشلىك قىلىپ سالمىسىكەن،دەيمەن.


مەن مىللەتچىلىك قىلمىشلىرىدىن بىزار، مىللەتچىلىك توغرىراقى يۇرتۋازلىق،بېكىنمىچىلىك، ياتلاش، بىلىمسىزلىك ۋە قۇرساقتىكى مىللىي كەمسىتىشنى پەردازلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى مىللەتچىلەر يۇرتىنىڭ تاساددىپىي شارائىتلىرىنى تەڭداشسىزلىق، ئەخلاق ۋە بارلىقپەرەسلىكنىڭ ئىمتىيازىغا ئايلاندۇرىۋالىدۇ. مىللەتچىلىك بىلەن دىنىي ئېتىقاد تارىختا ئەڭ قانلىق قەتلىئاملارغا سەۋەب بولۇپ كەلدى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ھازىرقى قان تۆكۈشۈشلەرمۇ بۇنىڭ مىسالى. لاتىن ئامېرىكىسىنى بالقانلاشتۇرۇشتا مىللەتچىلىكنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئېچىتخور يوق. تەلۋىلەرچە ئۇرۇشتا قان تۆكۈلىدۇ، زور مىقداردىكى پۇل مەكتەپ، كۈتۈپخانا، دوختۇرخانا قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەستىن، قۇرال – ياراققا خەجلىنىدۇ.


تار مەنىدىكى مىللەتچىلىك، چەتلەش ۋە مۇشتۇمزورلۇق ھەيۋىلىرى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئارىلاشتۇرۋالماسلىق كېرەك؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك ساپساغلام، مەردانە بىر تۇيغۇ بولۇپ، ئۇ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت دېمەكتۇر. چۈنكى ۋەتەن ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ ماكانىدۇر، ئۇ يەردە بالىلىقتىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز كۆكلىگەن،ئۇ يەرنىڭ تاش –تۇپراقلىرى  كۆزىمىزگە سىڭىشكەن ۋە ئۇ يەردە قان-قېرىنداش ، ئەل -ئاغىنە،سۆيگەن-سۆيۈشكەنلىرىمىز قالغان بولىدۇ.ۋەتەن ئۇ سەرگۈزەشتىلەرنى بىزگە يادىكار قىلىپ غېرىپلىقىمىزغا سايە بولىدۇ.


ۋەتەن پەقەتلا دۆلەت بايرىقى ۋە مارشى ئەمەس، بەلكى ئۇ بۈيۈك قەھرىمانلارنىڭ ھەقىقەت نۇتقىدۇر؛ ۋەتەن قەلبىمىزدە ياشايدۇ ۋە بىزنى بىر نەچچە كىشى ۋە بىر غېرىچ تۇپراقنىڭ ھەسرىتىگە مۇپتىلا قىلىپ ، قەيەرگىلا كەتمەيلى ھامىنى بىر كۈنى  قايتىپ كېتەلەيدىغان بىر ماكانىمىزنىڭ ھازىرلىقىنى قۇلىقىمىزغا ھەمىشە شىۋىرلاپ تۇرىدۇ.


پېرۇ مەن ئۈچۈن تۇغۇلغان، ئەمما ياشاپ باقمىغان ئاكرۇيپا بولۇپ، ئۇنى ئاپام، مۇمام ۋە تاغاملار ئەستىلىكلىرى ئارقىلىق ماڭا تونۇتقانىدى. چۈنكى مېنىڭ جەمەتىمدىكىلەرمۇ ھەممە ئاكرۇيپالىقلارغا ئوخشاش كەزگۈن تۇرمىشىدا ئاكرۇيپادىكى ئاق شەھەر رېستۇرانىنى ھەمىشە ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. پېرۇ گوياكى ئۇ قۇملۇقتىكى پىئۇرا، ئەشۇ پۇرچاق دەرىخى، ئەشۇ جاپاكەش تەخەي ئىدى.مەن چوڭ بولسام  پىئۇرالىقلار ئىشەكنى «پۇتقاقول» (چىرايلىق ئەمما ئېچىنارلىق بىر ئىسىم) دېيىشىدىكەن. پىئۇرادا بوۋاقلارنى بۇ دۇنياغا لەيلەك قۇشى ئەمەس، بەلكى ئەر – ئاياللارنىڭ جۈپلىشىشى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالدىم. بۇ خىل بىمەنە ئەخمەق قىلىش  ئەخلاقىي جىنايەتقۇ ! مېگىل مەكتىپى بىلەن ئۇنىۋېرسال سەنئەت سارىيىدا  قىسقا درامامنىڭ تۇنجى قېتىم سەھنىلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۈم. لىمادىكى گۈلنەزەر غارغالتىسى بويىدىكى دىيېگو  فېررى ۋە كولۇمبۇ كوچىلىرى كېسىشكەن جەينەكتە ( بىز ئۇنى ئىشرەتگاھ دەيتتۇق) ئۇچامدىكى كالتە ئىشتىنىم ئۇزۇن ئىشتانغا ئالماشتى، بىرىنچى قېتىم ئاغزىمغا تاماكا ئالدىم، تانسا ئويناش، قىزلارغا قاش ئېتىش ، تەلەپ قويۇشلارنى ئۆگەندىم. ئون ئالتە ياش چېغىم، كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتخانىسىنىڭ تۇپا – تۇمان ئۆرلەپ تۇرغان ئاۋارە تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىرلىقتىن ئىبارەت بۇ تۇنجى قۇرالىمغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ ئولتۇراتتىم. ئاخبارات بىلەن ئەدەبىيات ئۆمرۈمنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىدى؛ ئاخباراتچىلىق كىتابلار دۇنياسىغا ئوخشاشلا تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمنى ئارتتۇرۇپ، دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى تونۇشۇمغا، قىسما- قىسما ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىشىمغا تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە نامدار، ياخشى، ئەسكى ۋە پەسكەش ئادەملەرگىچە ھەممىسى بار ئىدى. مەن لېئونىسئو بىرادو ھەربىي مەكتىپىدىكى چېغىمدائاندىن پېرۇنىڭ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىنىڭ  قورغىنى ئەمەس ( بۇرۇن  مۇشۇ قورغاندىن چىقمىغانكەنمەن)، بەلكى توقۇنۇشلار ئەۋج ئالغان، ئۆزگىرىشچان، ھەرخىل ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار تۈپەيلى تەۋرىنىپ قالغان قەدىمىي بىر بۈيۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم.


بىز بىرنەچچە سان ماركوس ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ستۇدېنتلىرى كومسۇمۇللارنىڭ يەر ئاستى ياچېيكىسىدا دۇنيا ئىنقىلابى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەيتتۇق. پىرۇ دېمەك نەق مېنىڭ ئەشۇ ئەركىنلىك تەشكىلاتىدىكى قىز – ئوغۇل دوستلىرىمدۇر. مەن ئۇلار بىلەن ئۇدا ئۈچ يىل تېرۇرستلارنىڭ بومبا ھۇجۇمى، توكتىن قىسىشى، سۈيتقەستى ۋە ھەيۋە-قورقاقلىرىغا پەرۋا قىلماي دېمۇكراتىيە ۋە ھۆر مەدەنىيەتنى قوغداش ئۈچۈن كۆرەش قىلغانىدىم.


پىرۇ دېمەك پاترېسسىئادۇر. ئۇ مېنىڭ نەۋرە سىڭلىم بولۇپ، قاڭشارلىق، جەسۇر بۇ قىز بىلەن قىرق بەش يىل ئاۋۋال ھېلىمۇ تەلىيىم  ئوڭدىن كېلىپ  توي قىلىۋالغانكەنمەن، ئۇ مانا ھازىرغىچە يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان چاغلىرىمدىكى چالۋاقاپ چېچىلىدىغان غەلىتە خۇي-مىجەزلىرىمگە چىداپ كەلمەكتە، پاترېسىئا بولمىغان بولسا مېنىڭ ھاياتىم ئەشۇ ئەنسىز يىللاردا توزۇپ تۈگىگەن؛ ئالۋارو، گونزالو ھەم مورگانالارمۇ تۇغۇلمىغان؛ ئۆمرىمىزگە ئۆمۈر قوشۇپ بىزگە ھاياتنىڭ خۇشلۇق-خۇۋلۇقلىرىنى تېتىتىۋاتقان ئالتە نەۋرەممۇ دۇنياغا كەلمىگەن بولاتتى. پاترېسسىئا ھەممىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ چىرايلىق ئورۇندىدى.ئۇ خەرج-خىراجەت قىلىش، ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرۇش، مۇخبىرلارنىڭ دەۋەتسىز ئۈسۈپ كىرىپ زىيارەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،  خىزمەت ۋاقتىمغا تەسىر يەتمەسلىگى ئۈچۈن كىم بىلەن كۆرۈشۈپ – كۆرۈشمەسلىكىم، قاچان ساياھەتكە چىقىپ– چىقماسلىقىم، يول ھازىرلىقىنى تەقلەش، يۈك – تاقلارنى چۈشۈرۈشلەرگىچە ھەممىسىگە ئۈلگۈرەتتى.ئۇ ئىنتايىن ئەپۇچان بولۇپ، مېنى ئەدەپلەپ قويغۇسى كەلگەندە ئۇنىڭ: «مارىئو، سىز پەقەت يېزىقچىلىق ئۈچۈنلا تۇغۇلغان» دېيىشى ماڭا ئەڭ ئالىي ئىنئام بولىدۇ.


يەنىلا ئەدەبىياتقا قايتىپ كېلەيلى. بالىلىقىمدىكى جەننەت مەن ئۈچۈن ئەدەبىي ئەپسانىلەر ئەمەس، بەلكى كوچابامبادىكى بوۋامنىڭ يوغان ئۈچ ھويلىلىق چوڭ قورۇسىدا ياشىغان رېئاللىق ئىدى. نەۋرە ئاچا – سىڭىللىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىم بىلەن ياۋا ئادەم تارزان ، سالگارىلار توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئېيتىشاتتۇق: پىئۇرانىڭ ماستىر مەھەللىسىدىكى بىنالارنىڭ لەمپىسىگە ئۇۋا سالغان شەپەرەڭلەرنىڭ تىمتاس سايىلىرى ئىسسىق بەلباغدىكى ئۇ تۇپراقنىڭ يۇلتۇزلۇق كېچىسىنى سىرلىق قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئۇ يىللاردا يېزىقچىلىق مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئالقىش – ماختاشلىرىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان بىرخىل ئويۇنۇم، ئۇلاردىن ھەدىيە ئۈندۈرىدىغان كارامىتىم ئىدى. چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن مەن بىر نەۋرە، جىيەن، دادىسىدىن كىچىك قالغان يىتىم ئىدىم. دادام ئۆلۈپ كەتكەن ۋە جەننەتتە ئىدى. ئۇ ئېگىز بوي، خۇشچىراي ئادەم بولۇپ، ئۇچىسىدا ماترۇس فورمىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ سۈرىتىنى كارىۋېتىمنىڭ بېشىدىكى تومپۇچكامغا قويۇۋالغانىدىم. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئۇنى سۆيۈپ قوياتتىم. پىئۇرانىڭ بىر ئەتىگەنلىكىدە (مەن تاھازىرغىچە ئەشۇ كۈنكى روھىي زىلزىلىدىن قۇتۇلالىغىنىم يوق) ئاپام ماڭا بىر مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويدى: دادام بولمىش ئۇ ئادەم ھاياتمىش. پات ئارىدا ئاپام ئىككىمىز لىيماغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغۇدەكمىز. ئۇ چاغدا ئون بىر ياشتا ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ھاياتىمدىكى ھەممە نەرسە ئۆزگۈرۈپ كەتتى. مەسۇم بالىلىقىمدىن ئايرىلدىم، ھاياتىمنى يالغۇزلۇق، بەڭۋاشلىق، ياشلىق ۋە ئۇنىڭ غەم-تەشۋىشلىرى ئىگىلىدى. ئۆزۈمنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى كىتاب ئوقۇش ئىدى. ئېسىل كىتابلارنى ئوقۇش، كىتابلار دۇنياسىدىكى جىددىي، گۈزەل، بىر-بىرىدىن خەتەرلىك ھېكايىلەرنى بىرلىكتە ياشاش ئارقىلىق ئەشۇ ئەركىن، بەختىيار كۈنلەرگە قايتقاندەك بولاتتىم. ئۆزۈمنى قۇتقۇزۇشنىڭ چارىسى يېزىقچىلىق قىلىش ئىدى. خۇددى خەقلەرگە ئېيتقىلى بولمايدىغان بىر يامان ئىشقا كىرىشىپ كەتكەندەك ياكى شەھۋىتىگە پەرھىز قويۇلغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكنىگە ئوخشاش ئوغۇرلۇقچە يېزىقچىلىق قىلاتتىم. يېزىقچىلىق ئەمدى مەن ئۈچۈن بىر ئويۇن ئەمەس، بەلكى دەرد-ئەلەملەر بىلەن قارشىلىشىش، ھاياتنىڭ مۈشكۈلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش، تىرەجەش ۋە ئۇنىڭدىن قېچىشنىڭ يولى، ھاياتلىق باھانەم بولۇپ قالغانىدى، شۇ چاغدىن تا ھازىرغىچە ئۆزۈمنى قاچان مەيۈس، بىچارە، ئۈمىدسىزلىكنىڭ بۇسۇغىسىدا ھېس قىلسام شۇ زامات بارلىق ۋۇجۇدۇم، ئىشتىياقىم بىلەن يېزىقچىلىققا كىرىشىپ كېتىمەن. يېزىقچىلىق مەن ئۈچۈن تونىلنىڭ قارشى ئۇچىدىكى نۇرلۇق ماياك، كېمىسىز قالغان بىچارىنى ساھىلغا يەتكۈزۈپ قويغان سالغا ئوخشايدۇ.


يېزىقچىلىق گەرچە تولىمۇ مۈشكۈل بىر ئەمگەك بولسىمۇ، ھەربىر يازغۇچىغا ئوخشاش قان يۇتۇشقا مەجبۇر بولساممۇ، بەزى چاغلاردا پالەچلىنىپ ، تەسەۋۋۇرلىرىم قۇرۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلساممۇ، ئەمما ھېچقانداق نەرسە ماڭا ھاياتنىڭ لەززىتىنى يېزىقچىلىقچىلىك ھېس قىلدۇرالمايدۇ. غۇۋا بىر دېتالدىن يولغا چىقىپ مەلۇم بىرخىل تۇرمۇش تەجرىبىسىدىن شەكىللەنگەن ئوبرازلارنى تىكلەش، بۇ ئوبرازلارغا جان كىرگۈزۈش، ئۇنى ئادىمىيلىككە ئىگە قىلىش ۋە ئاندىن پىلاندىكى ئوي بىلەن گىرىمسەن ئۇ روھنى ھېكايىنىڭ نەق مەقسىتىگە ئۆرۈش ئۈچۈن ئايلاپ – يىللاپ ھېكايە توقۇيدىغان گەپ. فىلۇبېر: «يېزىقچىلىق بىرخىل ھايات» دېگەنىكەن. ھەئە،دېمىسىمۇ شۇ.  يېزىقچىلىق خىيال ۋە خۇشاللىقلار بىلەن تولغان بىرخىل ھاياتتۇر: يېزىقچىلىق خىيالدا چاقنىغان ئۇچقۇندۇر؛ ئۇ باشباشتاق جۈملىلەرنى گەپكە كىرگۈزگۈچە ئېلىشىش دېمەكتۇر؛ يېزىقچىلىق تەييارلىنىۋاتقان تېزىسقا ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈش ھەمدە ھېكايە ئۈچۈن ئاش-نانغا ئوخشاش مۇھىم بولغان كەيپىياتنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بۇ پايانسىز ئالەمنى خۇددى ئوۋچىغا ئوخشاش كېزىپ يۈرۈپ ئۇ مەززىلىك ئولجىنى ئوۋلىغانغا ئوخشايدۇ،چۈنكى ئۇ رەسىدە بولۇپلىۋالسا پۈتۈن ھېكايىنى يالماپ يۇتىۋېلىشنىڭ قەستىدە يۈرۈيدۇ ؛  بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان بىر پارچە رومان بىزنى مەست قىلۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ شەكلى- تۇرقى پۈتۈپ مۇستەقىل ياشاشقا، ھەرىكەت قىلىشقا تەمشىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئىدىيە ۋە ھېسىيات بولغاچقا،ئۇ ھۆرمەت تەمە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ پېرسۇناژلىرىغا بىكاردىن بىكار ھېچقانداق ۋەزىپىنى زورلاپ تېڭىپ قويغىلى، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىققىلى بولمايدۇ. بولمىسا ھېكايىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇخىل مەستلىك مېنى ئىزچىل مەپتۇن قىلىپ كېلىۋاتقان بىرخىل يېزىقچىلىق تەجرىبەم بولۇپ، بۇخۇددى ئاشىقنىڭ مەشۇقى بىلەن تۇنجى كەز  كۈن –كۈنلەپ،ئاي- ئايلاپ قۇشلاشقان چېغىدىكى ئۇ شىرىن ۋە مەستۇ – مۇستەغرەق تۇيغۇغا ئوخشاپ كېتىدۇ.


توقۇلما ئەسەرلەر توغرىلىق گەپ بولغاندا، مەن كۆپرەك رومان ئىجادىيىتى توغرىلىق توختۇلۇپ، دراما ئۈستىدە جىق گەپ قىلمىدىم. لېكىن بۇ توقۇلما ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىكى تولىمۇ نادىر بىرخىل ئىپادىلەش شەكلى ئىدى. بۇ قىلغىنىم ئەلۋەتتە ئادىل بولمىدى. مېنىڭ تۇنجى مەشۇقۇم دراماتورگىيە ئىدى. كىچىكىمدە لىمادىكى سېگورا تىياتىرخانىسىدا ئارتۇر مېللىرنىڭ «پىركازچىكنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق درامىسىنى تۇنجى كۆرۈپلا ھاياجانلانغىنىمدىن ھاپىلا-شاپىلا ئىنكالار تېمىسىدىكى كىچىك بىر پارچە دراما يېزىپ چىققانىدىم. مۇبادا 50 – يىللاردىكى لىمادا دراماتورگىيە تەرەققى قىلغان بولسىدى، مەن چوقۇم رومانچى ئەمەس، دراماتورگ بولغان بولاتتىم. ئەپسۇس  ئۇ چاغلاردا دراماتورگىيە ئاجىز بولغاچقا، مەن بارا-بارا پىرۇزا ئىجادىيىتىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. ئەمما مېنىڭ درامىغا بولغان ئىشتىياقىم ئەزەلدىن سۇسلاپ قالغىنى يوق. بۇخىل مەپتۇنكار تۇيغۇ بولۇپمۇ درامىغا مايىل مەلۇم كارتىنىلار ئۇچراپ قالغاندا خۇددى بىر خىل ئىنتىلىش،سېغىنىشقا ئوخشاش رومانلىرىمنىڭ روھىدا غىل –پال ئەكس ئېتىپ ئۆتتى. 70 – يىللارنىڭ ئاخىرى بىزنىڭ يۈز ياشتىن ئاشقان بىر ھامما تۇققىنىمىز ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن كۈنلىرىنى خىيال قىلىپلا ئولتۇرىدىغان بوپقاپتۇ.ئۇنىڭ ئۆتمۈش ۋە خىياللاردىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن  ئەتراپىدىكى رېئاللىقتىن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكى مېنىڭ بىر ھېكايەمنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەنىدى. مەن بۇ ھېكايىنىڭ ياخشى بىر دراما بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى، سەھنىلەشتۈرۈلگەن زامات  قالتىس ئالقىشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ھەۋەسكارانە بىر ئىلھام بىلەن نامايىشنامىسىنى  يېزىپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭ سەھنىلەشتۈرۈلگىنىنى كۆرۈش زەۋقى نېسىپ بولدى. ئايال قەھرىماننىڭ رولىنى نورما ئالىئاندىرو ئوينىغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھېكايە بىلەن ھېكايە، نەسىر بىلەن نەسىر ئارىلىقىدا خېلى ۋاقىتقىچە درامىدىن مېھرىمنى ئۈزەلمەي ئىككىلىنىپ يۈردۈم. ھەئە، يەتمىش ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ سەھنىگە چىقىپ (تەمتىلەپ چىقىپ دېيىشىم كېرەك ئىدى) ئويۇن قويۇش ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتتى. بۇ قېتىمقى زور تەۋەككۈلچىلىك ماڭا نېمىنىڭ مۆجىزە ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدۇردى. بىر ئۆمۈر پىرۇزا بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئادەم ئۈچۈن بىرنەچچە مىنۇتنىڭ ئىچىدە شۇنچە تاماشىبىننىڭ ئالدىدا بىر توقۇلما شەخسنىڭ رولىنى ئېلىش، توقۇلما تۇرمۇشنى ياشاش كارامەت بولماي نېمە! مەن ئەشۇ قەدىردان دوستلىرىم رېژىسسور ژان ئوللېي ۋە ئاكتىيۇرستكا ئايتانا سانچېس خېخونلارغا ئوبدانراق رەھمەت ئېيتالمىدىم. ئۇلارنىڭ ئىلھام -مەدەتلىرى بولغاچقا ماڭا بۇ خاسىيەتلىك تۇيغۇنى (بىر ئاز ئەندىشە ئارلاشقان بولسىمۇ) ئورتاقلىشىش نېسىپ بولدى.


ئەدەبىيات تۇرمۇشنىڭ توقۇلما ئىپادىلىنىشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىز، ياشام ۋە ئۆلۈمنىڭ بۇ سىرلىق قەسىرىدە ئېزىپ قالماسلىقىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ رېئال تۇرمۇشنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئۈمىدسىزلىكلىرىگە بولغان ناماقۇللىقى بولۇپ ، بىز بۇخىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھاياتلىق مۇئەمماسىغا ئاز- تۇلا بولسىمۇ جاۋاب تاپىمىز. بۇ ئاساسەن بىز گۇمانلىنىدىغانلارنىڭ ئىشىنىدىغانلاردىن كۆپلىگىمىزنى بىلدۈرىدۇ  ، بىز بۇ ئارقىلىق دۇچ كېلىۋاتقان شەخسىي ياكى ئىجتىمائىي تەقدىر، روھ، تارىخىي ئەھمىيەت ۋە ئەھميەتسىزلىك، ئىدراكى بىلىشنىڭ بۇ ھەم ئۇ تەرەپلىرى قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىزنى گاڭگىرىتىپ قويىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.


يىراق ئەجدادلىرىمىز ياشىغان ئەشۇ پاراكەندە شارائىت مېنى ھەمىشە خىيال دەرياسىغا غەرق قىلىدۇ. ئۇلار  ھايۋاندىن پەرقلەندۈرگۈچى مۇڭدىشالايدىغان تىلى شەكىللەنگەندىن كېيىن تاغ ئۆڭكۈرلىرىدە ۋەھىمىلىك كېچە (گۈلدۈرماما، چاقماقلار، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھۇۋلاش -ھۆركىرەشلىرى) قوينىدا گۈلخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ھېكايە توقۇشاتتى ،ئېيتىشاتتى. ئۇ نەق ئىنسانلار تەقدىرىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچى بولۇپ، ئىپتىدائىي ئىنسانلار توپى بارا-بارا ھېكايە ئېيتىشالايدىغان ئاۋاز ۋە تەسەۋۋۇردىن ھەيران قېلىۋاتقان پەيتتە مەدەنىيەت بارلىققا كەلدى. ئۇزاققا سوزۇلغان مەدەنىيەت باسقۇچى بىزگە ئاستا – ئاستا ئىنسانىيلىق ئاتا قىلدى، مەدەنىيەتكە ئۆز خاسلىقىنى ياراتقۇزدى. شەخسنى قەبىلىدىن ئايرىپ پەن، سەنئەت، ھۇقۇق، دېمۇكراتىيىنى پەيدا قىلدى. يەنە ئۇنىڭغا تەبىئەت، فىزىئولوگىيە ۋە كائىناتنىڭ سىرىنى يەشكۈزدى.ئۇنى سەييارىلەر ئارا كەزدۈردى. ئۇ چۆچەك، مەسەل، ئەپسانە – رىۋايەتلەر ئۇ چاغلاردا غەلىتە ھادىسە ۋە خەۋپ -خەتەرلەردىن چۆچۈپ كەتكەن ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ قۇلىقىدا گوياكى يېڭىچە بىرخىل كۈي بولۇپ ياڭرىدى. چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيا يات ۋە خەۋپلىك ئىدى. ئەرۋاھلارغا ئەمەل قىلىدىغان ئۇ دانىشمەنلەر ؛  تۇرمۇشنى ئاش – تاماقسىز، شەرت – شارائىتسىز، ئوۋ ئوۋلاش، ئايال قۇشلاش بىلەنلا ئۆتىدۇ، دەپ ئويلايدىغان ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن  ئۇ ھېكايىلەر گويا دىلىنى يورۇتقۇچى نۇر، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغۇچى بۇلاق ئىدى. ئىنسانلاردا كوللېكتىپ غايە  ۋە  ھېكايىچىلەر ئويغاتقان  ئارزۇنى ئورتاقلىشىش ئېڭى پەيدا بولغاندىن باشلاپلا ھاياتىنى ساقلاپ تۇرغان ئۇ ئاسارەت چاقىدىن قۇتۇلدى.بۇ چاق زىيادە تېز چۆرگىلەپ ئىنسانلارنى ئەقلىي خىزمەتتىن مەھرۇم قىلاتتى؛شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھاياتى غايە،ھالاۋەت، خىيال ۋە بىرخىل ئېنقىلابىي تەشەببۇسقا ئالماشتى: ئۇلارئەمدى ئۇ قاشانى ئۆرۈپ ئسلاھ قىلىشى،يېڭىلىشى كېرەك ئىدى؛ مەجازىي تۇرمۇش قەلبىدە قۇتراتقان ئستەك ۋە جاسارەتلىرىنىڭ كۆرەشلىرى ئۈچۈن مەدەتكاربولۇشى كېرەك ئىدى؛ئۆزلىرىنى گاڭگىرىتىپ قويىۋاتقان سىرۇئەسرارلارغا قىزىقىپ ئولتۇرىۋەرمەي ، ئۇلارنىڭ جاۋابىنى تېپىشى كېرەك ئىدى.


ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان بۇ باسقۇچ يېزىق پەيدا بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ جانلاندى. بۇ چاغدا ھېكايىلەرنى  ئاڭلىغىلىلا ئەمەس، كۆرۈپ ئوقۇغىلىمۇ بولاتتى.ئاخىر-ئاقىۋەت ئۇلار ئەدەبىياتنىڭ ئۆزلىرىگە ئىنئام قىلغان مەڭگۈلۈك پۇقرالىقىغا مۇشەررەپ بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتنى توختىماي تەرغىپ قىلىشىمىز،توقۇلما ئەدەبىيات بىلەن يالغۇز كۆڭۈللەرنى ئاۋۇتقىلى بۇلۇپلا قالماستىن،يەنە ھېسسىي ئەقلىي چېنىقىشنىمۇ جانلاندۇرغىلى ۋە تەنقىدلەش روھىنى ئويغاتقىلى بولدىغانلىقىغا يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنسانلارنى قايىل قىلىشىمىز كېرەك.مەدەنىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلىقى ،  يېڭىلىنىشى ھەمدە  ئۇنىڭ قەلبىدە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئابىدىلىرىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن توقۇلما ئەسەرلەر كەم بولسا بولمايدۇ. مەدەنىيەتنىڭ  چېكىنىپ ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيادىن بىغەم بەدەۋىي ھالىتىگە كېلىپ قالماسلىقى،ھاياتنىڭ سىقىلىپ مۇتەخەسىسلەر ئېيتقان سۈيئىستېمالىزم (ئۇلار شەيئىلەرنىڭ تېگىىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدى – ئارقى بىلەن كارى بولمايدۇ) ھالىتىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن توقۇلما ئەسەرلەر چوقۇم مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. مەدەنىيەتنى ماشىنىغا قۇل قىلىپ بەرمەستىن ،ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ خىزمىتىگە سېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەدەبىيات چوقۇم مەۋجۇت بولىشى كېرەك.چۈنكى ئەدەبىياتسىز دۇنيا ئارزۇ – ئارمانسىز، غايىسىز، ئادەملەر ئىتائەتكار،ئادىمىيلىكى مۇسادىرە قىلىنغان،ئۆزىدىن ھالقىش ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ، مەدەنىي ئارزۇسىنىڭ لېيى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئۇل قويىدىغان ماشىنا ئادەملەر دۇنياسىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.


غار-ئۆڭكۈرلەردىن كۆكسۆيەر ئىمارەتلەرگە، كالتەك – توقماقلاردىن كەڭ دائىرىلىك نابۇدكار قۇراللارغا، يەككە قەبىلىۋى تۇرمۇشتىن دۇنياۋىلاشقان دەۋرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئەدەبىياتنىڭ توقۇلما خاراكتېرى ۋە ئىقتىدارى ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى زور دەرىجىدە بېيىتىپ، ئىنسان بالىسىنىڭ يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممىسىنى  بوشاڭلىق، تەكەببۇرلۇق، ئىتائەتمەنلىكلەرگە قۇل بولۇشتىن ساقلىدى . بۇنچىلا كۆپ جەسۇرلۇق ، ئارزۇ ، تەسەۋۋۇرلارنى مەيدانغا چىقىرىشتا يالغانچىلىقلار ئىچىدىكى چىنلىق (ئەدەبىيات)نىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغنى يوق. شۇڭا ئىنسان بالىسى ئەدەبىياتتىن قۇۋۋەتلىنىپ ئۇلۇغۋار تەۋەككۈلچىلىكلەر قاينىمىدا رېئال تۇرمۇش مەدەنىيەتكە ئەسلا يول قويمايدىغان جىددىي ئويۇنلارنىڭ باش قەھرىمانلىقىنى ئوينايدۇ. ئەدەبىياتتىكى ئۇ يالغانچلىقلارنى  مەدەنىيەت ئارقىلىق قىزغىن تۇيغۇلارغا گېرىپتار بولغان ۋە ئۆزگەرگەن ئوقۇرمەنلەر روياپقا چىقىرىدۇ. ئەمما بۇ توقۇلما تەسەۋۋۇر بولغىنى ئۈچۈن مەدەنىيەت ئاددىي – ساددا رېئال تۇرمۇشقا مەڭگۈ گۇمانكار پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ئەدەبىيات بىرخىل سېھرىي كۈچ بولۇپ،ئۇ بىزئېرىشەلمەيۋاتقان نەرسىمىزنى خىيال قىلغان ھامان دەرھال ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ؛ مۇمكىنسىز تۇرمۇش شارائىتى (خۇراپىي ئىلاھىيەتچىلىككە ئوخشاش خۇراپىي ھەم ئەبەدىيەتچىل بىرخىل تۇيغۇ)غا دۇچ كەلگەندە، ئەدەبىيات بىزگە مۇرەسسەسىز، ئىسيانكار بىرخىل روھنى ئاتا قىلىپ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى  زورلۇق- زومىگەرلىكلەرنى ئازايتىش قاتارلىق تۈرلۈك پىداكارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. زومىگەرلىكلەرنى ئازايتالايدۇ، يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. چۈنكى مەدەنىي تارىخ تۈگىمەس بىر ھېكايىدۇر. شۇڭلاشقا بىز داۋاملق خىيال قىلىشىمىز،كىتاپ ئوقۇشىمىز ۋە يېزىشىمىز كېرەك؛بۇ ناچار شارائىتىمىزنى ئاۋۇندۇرۇشنىڭ ، ئۆمرىمىزنى ئىكەكدىگۈچى ۋاقىتنى مەغلۇب قىلىشنىڭ  ھەمدە مۇمكىنسىزلىكلەرنى مۇمكىنلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولـــــــى.



«دۇنيا ئەدەبىياتى»نىڭ2011-يىللىق سانىدىن ئېلىندى ۋە يەنە ئازراق تۈزىتىلدى










ئىزاھات:


    -مارىدىكى مەشھۇر تارىخىي شەھەرنىڭ ئاھالىسى


-ئارگېنتىنائەدەبىيات پىشۋاسى خورخى لوئىس بورخېسنىڭ رومانى


-كۇبادا بارلىققا كەلگەن يېڭىچە بىرخىل ئۇسۇل


-مۇزىكىلارغا تەڭكەش قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان شاقشاق قاپاق


- پىرۇنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى بولۇپ، «ھەممە يېرى قان»ناملىق ئەسىرى مەشھۇر


قەدىمىي بۈيۈك  ئېمپىرىيە


⑦⑧⑨- ئەسكىرىي مۇھاپىزىگە ئېلىنغان ئارخىئولۇگىيىلىك بۈيۈك سېپىل


- ئارخىئولوگىيىلىك ماكان      


⑪⑫⑬-ئارخىئولوگىيىلىك مازارلىقلار


- ئىسپانىيىلىك شائىر ۋە ناشىر ،ئۇ يوسادىكى ئىستىداتنى بايقىغان تۇنجى كىشى


-ئىسپانىيىدىكى نەشىر ھۇقۇقىنى ۋاكالەتەن بىجىرىش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ،ئۇ يوسانىڭ «شەھەر ۋە ئىتلار» ناملىق تۇنجى رومانىنى نەشىر قىلىشنى قوللىغان ۋە كۈچ چىقارغان كىشى


- نەشىرىيات سودىگىرى

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-20 10:16:33

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شىرئەلى ئاكا، بۇ تەرجىمىڭىزنى ژۇرنالدىنمۇ سۆيۈنۈپ ئوقۇغان ئىدىم. مۇنبەردە مۇكەممەل نۇسخىسىنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم. 1990 - يىللاردا باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقىنىمدا «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىدىكى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ قىزغىن شەيداسى ئىدىم. شۇ كۈنلەردە بىر پارچە ئوت ئىدىڭىز. ئابلىكىم ھەسەن، ئابدۇكېرىم ھاپىز، ئابابەكرى توختى، زامانىدىن پاكزات...قاتارلىق قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەرلىرىگىمۇ بەك ئامراق ئىدىم. يەنە ئەسەرلىرىڭىزنى كۈتىمەن. چ چ: 1752287903

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-20 16:06:07

رەھمەت ئۇكام، نۇمىرىڭنى قالدۇرغىنىڭدىن سۆيۈندۈم، ئۇ يىللاردا تۇرمۇش مېنىڭ قويۇم ئىدى،ھازىر مەن تۇرمۇشنىڭ قويى بوپقالدىم،مېنىڭمۇ شۇنداق ئوقۇغۇم، يازغۇم كېلىدۇ، بىراق تۇرمۇش مىنۇت تۇرغۇزماي تاغمۇ-تاغ، باغمۇ-باغ سۈرۈپ يۈرۈيدۇ....ئىنشائاللاھ بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر،ئامان بول ئىنىم.
بەت: [1]
: ۋارگاس يوسا : كىتاپخانلىق ۋە ئەدەبىياتقا مەدھىيە