rainjas يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 11:04:13

ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى خىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلىدۇ[تېخنىكا]

Android.1 ئەپلىرىنى ئېچىش تېخنىكا خادىمىدىن 3نەپەر قۇبۇل قىلىنىدۇ

تېخنىكا ئىقتىدارى:

1. Java پروگرامما تىلىغا پىششىق بۇلۇش

2. Eclipse پروگرامما مۇھىتىغا پىششىق بۇلۇش

3.ئوبيېكتلىق پروگرامما لاھىيلەش ئىقتىدارى يۇقىرى بۇلۇش

4.ياخشى بولغان كود يېزىش ئادىتى يېتىلدۈرگەن بۇلۇشى، قۇرۇلمىسى ئېنىق، ئىسىم قۇيۇشى ئۆلچەملىك بۇلۇش

5.SQL تىلىغا (سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ) ھەم سانلىق مەلۇمات ئامبىرى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا پۇختا بۇلۇش

6.Google Android سىستېمىسى ئاساسىدا ئەپ دېتاللىرىنى ئېچىش(ئەگەرJava پروگراممىسىغا پۇختا بولۇپ، Androidئەپلىرىنى ئېچىش تېخنىكىسى مۇكەممەل بولمىسا ، شىركەت بىر ئاي مەخسۇس ھەقسىز تەربىيلەش ئىلىپ بارىدۇ)

7. مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى بۇلۇش

8.مىجەزى ئۇچۇق- يورۇق ، بىمالال پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ، ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە ماھىر بۇلۇشى كېرەك

9.ئىنگلىزچە سەۋىيىسى ياخشى بۇلۇش لازىم



2. iOS ئەپلىرىنى ئېچىش تېخنىكا خادىمىدىن 3نەپەر قۇبۇل قىلىنىدۇ

تېخنىكا ئىقتىدارى:

1.Objective-C ۋە C1 پروگراممىسىغا پىششىق بۇلۇش .

2.Xcode ئېچىش مۇھىتىغا پۇختا بۇلۇش

3. ئوبيېكتلىق پروگرامما لاھىيلەش ئىقتىدارى يۇقىرى بۇلۇش

4. ياخشى بولغان كود يېزىش ئادىتى يېتىلدۈرگەن بۇلۇشى،قۇرۇلمىسى ئېنىق،ئېنىقلىمىسى رەتلىك بۇلۇش

5.SqlServer ھەم سانلىق مەلۇمات ئامبىرى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى باشقۇرۇش ، ئېچىش ، تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئىلغارلاشتۇرۇش

6. Apple iOS ئاساسىدا ئەپ دېتاللىرىنى ئاچالايدىغان بۇلۇش

7. مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى بۇلۇش

8. مىجەزى ئۇچۇق- يورۇق ، بىمالال پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ، ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە ماھىر بۇلۇشى كېرەك

9 ئىنگلىزچە سەۋىيىسى ياخشى بۇلۇش لازىم.



3. بازار ئاچقۇچى خىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلىنىدۇ

ئاساسى شەرتلەر:

1. كەسىپكە ئىنتىلشى كۈچلۈك، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، كەسىپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، خېرىدارلار بىلەن بىمالال پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، ئۇچۇق- يورۇق، ئىنكاسى تېز، ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە ماھىر بۇلۇشى كېرەك.

2. كارخانا باشقۇرۇش دېتاللارىغا، تور مەھسۇلاتلىرىغا، ئەقلىي ئۈسكۈنىلەرگە قىزىقىشى يۇقىرى بولۇش، IT كەسپى ياكى يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش، سېتىش جەھەتتە تەجرىبىسى بارلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

3. پىلان ۋە نىشان بويىچە كۈندىلىك ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالايدىغان بۇلۇشى كېرەك.

4. خەنزۇچە سۆزلەش،يېزىشتا پۇختا،كومپيۇتېر مەشغۇلات ئاساسىي بولۇش كېرەك.



4.مۇئاۋىن دىرېكتور( بازارئىچىش )قۇبۇل قىلىنىدۇ

ئاساسى شەرتلەر:

1.بازار ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىش ، پىلانلاش ،ئېچىش ، ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى بۇلۇش

2.ئالاقىگە ، سۆز-ئىبارىلەرگە ماھىر بۇلۇش ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بۇلۇش

3.خىزمەتتە ئەستايىدىل ، جاپادىن قورقمايدىغان ، مەسئۇلىيەتچان بۇلۇش ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى ، تەشكىللەش ئىقتىدارى

يۇقىرى بۇلۇش.

4.تور، يۇمشاق دېتال ، ئۇچۇربازارلىرىنى ئېچىش ساھەسىدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق خىزمەت تەجرىبىسى بۇلۇش.

5.كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي تېلىفون سىستېمىسى ھەم يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش جەھەتتە تەجرىبىسى بارلار ئالدىن

قۇبۇل قىلىنىدۇ.

6.سېتىشنى تېزلىتىش ھەم شىركەتنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقە خىزمەت پىلانىنى تۈزۈش ھەم نازارەت قىلىش ، يىللىق ،پەسىللىك ، ئايلىق سېتىش پىلانىنى تۈزۈش.

7.ئېلان لاھىيىسىنى ، يىللىق ،پەسىللىك ، ئايلىق ئېلان خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈش.

8.بازار ئەھۋالىنى مۆرچەرلەش ھەم ئانالىز قىلىش ، مەھسۇلاتلارنى ئېچىش ، ئىشلەپچىقىرىش ، بازارغا سېلىش تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مەشغۇلات جەريانىغا پىششىق بۇلۇش.

9.يېڭى مەھسۇلاتنىڭ بازارغا كىرىش جەريانىنى نازارەت قىلىش، توغرا خامچوت پىلانىنى تۈزۈش.

10. كەسىپكە ئىنتىلشى كۈچلۈك ، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، كەسىپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ، خېرىدارلار بىلەن بىمالال پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، ئۇچۇق- يورۇق، ئىنكاسى تېز، ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە ماھىر بۇلۇشى ھەم بەلگىلىك يېزىقچىلىق قابىلىيىتى بۇلۇشى كېرەك



خىزمەت ۋاقتى ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 8سائەت بولىدۇ. توختام تۈزگەندىن كىيىن بەش خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرىلىدۇ. مۇئاشى 4000-8000 يۈەنگىچە؛بايراملىق،پەسىللىك،يىللىق مۇكاپاتلاردىن بەھرىمان بۇلىسىز.

ئەگەر بىزنىڭ شەرتلىرىمىزگە ماس كىلىدىكەنمەن دەپ قارىسىڭىز خەت ساندۇقىمىزغا ئۆزىڭىزنىڭ راست بولغان تەرجىمھالىڭىزنى يېزىپ ئەۋەتىڭ.خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ۋاقتىمىز ۋە سانىمىز چەكلىك.

Email: rainjas@outlook.com

شىركەت ئادرېسى:乌鲁木齐市百花村国际信息大厦 tel:13999820851

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 14:00:24

10يىلنىڭ ئالدىدا قىزىل بايراقتا قاتتىق دېتال تېجارىتى قىلىدىغان ئورنى، شامالباغدا تەربىيلەش مەركىزى بولىدىغان ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى شۇمۇ ياكى ئەمەسمۇ، ئەگەر شۇ بولساڭلار ئەجەپ ئۇزۇن يوقاپ كەتتىڭلارغۇ!!!

function يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 16:20:59

مەنمۇ ئون يىللار بۇرۇن تېلېۋوزۇردا ئېلانىنى كۆرگەن.

arislan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 18:51:37

ئەينى ۋاقىتتا خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن. يۇمشاق دىتالنىڭ بازىرى ئۆلۈپ يوقاپ كەتكەن، ئەمدى يۇمشاق دىتالنىڭ بازىرى ئېچىلغاندا يەنە پەيدا بوپتۇ. ئەمدى يوقاپ كەتمەڭلار ئەمدى...

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 19:23:11

تەلىۋىڭلار خېلى يۇقىرىدەك. جاۋاغا بەك پىششىق بولمىسىمۇ تور ياكى كىتاب ئارقىلىق ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان، Eclipse مۇھىتىغا پىششىق، SQL تىلىغا پىششىق بولمىسىمۇ ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان، ئىنگلىزچە سەۋىيىسى ياخشى بولسىمۇ بولارمۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 20:18:34

4- قەۋەتتىكى adreamofmineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەلىۋىڭلار خېلى يۇقىرىدەك. جاۋاغا بەك پىششىق بولمىسىمۇ تور ياكى كىتاب ئارقىلىق ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان، Eclipse مۇھىتىغا پىششىق، SQL تىلىغا پىششىق بولمىسىمۇ ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان، ئىنگلىزچە سەۋىيىسى ياخشى بولسىمۇ بولارمۇ؟



ماتېرىياللارغا تايىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى پىشىپتىمەن دەپ ئويلاۋىرىڭ، جىق نەرسىلەرنى خىزمەت جەريانىدا ئۆگىنىدىغان گەپ. كۆپىنچە پروگراممىرلار ئاساسى بىلىملەرنى ئىگەللىگەندىن كېيىنكى نەرسىلىرىنى ئەمەلى خىزمەت داۋامىدا ئۆگەنگەن.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 23:14:26

ھۇ ئەبگا ، بىرمۇنچە ئىنكاس يازسام ئۆچۈپ كەتتى. \"\" \"\" \"\"

قىسقا قىلىپ يەنە بىر قېتىم يازاي.

1. گوگول يېڭى ADT نى چىقىرىپتۇ. سېغىمى 402 مېگابايىت. بۇ ADT ئىكلىپىس ، ئاندروئىد 4.2.0 نەشىرىنىڭ SDK نى ئۆزئىچىگە ئالغان. باشقا نەشىرنىڭ SDKسىنى ئايرىم چۈشۈرىمىز.

2. JDKنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن يۇقۇرقى ADTنى قاچىلىساقلا ئەپ ياساش موھىتى قۇرۇلدى دىگەنلىك. بۇرۇنقىغا ئوخشاش 4 باسقۇچ مەشغۇلات قىلمىساقمۇ بولىدۇ.

3. ئاندروئىد تېلفونى بار بولسا مەۋھۇم تېلفوننى vertual device نى ئىشلەتمىسەكمۇ بولىدۇ، قول تېلفوننىڭ USB compile نى ئېچىپ قويۇپ، بېۋاستە تېلفوننى كومپىيوتىرغا چېتىپ پېروگرامما نەتىجىسىنى كۆرسەك بولىدۇ.

4. بۇرۇن c++/c تىلى بىلىدىغان بولسا مەخسۇس جاۋانى ئۈگۈنۈشنىڭ ھاجىتى يوق. Java تىلى بولسا C تىلىدىن تۈرلىنىپ چىققان.

5. OOP غا ئائىت پىروگىرامما تۈزەش تەجىربىسى بولسا تېخىمۇ ياخشى، بۇ قانداق كومپىيوتىر تىلى بولسا بولىۋېرىدۇ.

6. CSDN تور بېكىتىدە يەنە نۇرغۇن خەنزۇچە ماتىرياللار بار، ئېنگىلىز تىلى سەل ئاجىز بولسا بۇ تور بېكىتىدىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. بۇ تور بېكىتىدە يەنە نۇرغۇن پروگراممىلارنىڭ ئەسلىسىنى چۈشۈرۋالغىلى بولىدۇ.

7. ئېنگىلىز تىلىدا مەلۈم سەۋيەگە ئىگە بولۇش ناھايىتى موھىم. مۇتلەق كۆپ قىسىم ماتىرياللار ئېنگىلىزچە. ھېچ بولمىغاندا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى توردىن ئىزلەپ تاپالايدىغان سەۋيە بولۇش كېرەك.





4000 دىن 8000 غا قەدەر پۇل بەرسە يامان ئەمەسكەن، لىكىن ئالىدىغان ئادەم سانى ئاران ئۈچ نەپەر ئىكەن. قىزىققۇچىلار مەن يۇقۇردا دىگەن ئىككى ئەپنى چۈشۈرۈپ ئۆزۈڭلارنى سىناپ كۆرۈپ باقساڭلار بولغىدەك. شىركەتلەردە ئىشلىمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەپلەرنى ياساپ ئىشلەتسەك خىزمەت ئۈنۈمى يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ. خىزمەت بېسىمى يىنىكلەيدۇ.



نەچچە كۈندىن بېرى يول قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىدىغان ھېساپلىغۇچ ئەپ ياسىغان، كىمنى كۆرسەم داملىتىپ يۈرىۋاتىمەن. تېلفوندا ئۇيغۇرچە ئەپ ياسىدىم دەپ. \"\"
بەت: [1]
: ئالماس كومپيۇتېر چەكلىك شىركىتى خىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلىدۇ[تېخنىكا]