atikaqa يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 09:00:01

قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى ئاۋىياماتكىدا

جەنۇبىي دېڭىز فىلوتىنىڭ مەلۇم مەشىق بازىسىدا تەربىيىلىنىۋاتقان ئايال ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرە قىزى رۇقىيە 8-مارت ئىككى ئايدىن كۆپرەك تۇرغان بۇ بازىدىن ئايرىلىپ، بىر قانچە سەپدىشى بىلەن بىللە "لياۋنىڭ"ناملىق ئاۋىياماتكىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە ئاتلاندى. رۇقىيە بۇلتۇر دېكابىردا ئەسكەر بولۇپ، جەمەتىنىڭ ئەسكەر بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانىدى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)



رۇقىيە (ئوڭ تەرەپتىكى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىز)

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 09:54:23

قەۋرىسى دەپ ئوقۇپتىمەن  {:107:}

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 09:54:32

قەۋرىسى دەپ ئوقۇپتىمەن  {:107:}

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 10:00:11

مەرھۇم قۇربان تۇلۇم بوۋىسىنىڭ ۋە ماۋ زېدوڭ ئالىيلىرىنىڭ روھى تازا ئەمىن تاپقۇدەك.

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 10:02:14

جەمەتىنىڭ ئەسكەر بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانىدى........

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 10:14:56

ئۇسسۇلچى مىللەت.

Fatema يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 10:22:45

مانا -مانا قۇنانكامنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ ئەۋرىسى رۇقىيە ئەسكەر بوپتۇ.  {:92:}  مۇبارەك بولسۇن! مۇبارەك بولسۇن!مانا ئۇلۇغ پايتىيەم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ سىلەرنى ئەسكەرلىككە تاللاپتۇ. پايتىيەنىڭ ئارغامچىسىگە مەھكەم ئېسىلساڭلار ھەرگىزمۇ ئازمايسىلەر! مۇشۇ «قىز ئەسكەر » دىگەن بۈيۈك نامىڭلارغا داغ كەلتۇرمەي «چوكان ئەسكەر» بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىڭلار ،يۇقۇرىدا پايتىيە توۋەندە بىز سىلەرنى داۋانلىق كۈزۈتۇپ تۇرمىز.ھەم يېقىندىن قوللايمىز. پاكلىق -قىزلارنىڭ ئەڭ ئەڭ ئېسىل ئەڭگۇشتىرى !

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 10:24:03

قۇربان تۇلۇم دېسە بىر قىزىق گەپ ئېسىمگە كېلىدۇ، بۇ ئادەمنى سەھنىگە ئاچىقىپ، بايلارنى سۆكۈپ سۆزلەپ بېرىڭ دېگەندە: بىزنىڭ باي غوجام ئوبدان ئەدىمىتى، مېنى ئوبدان باقاتتى، مەنمۇ بېقىلىۋېرىپ، تۇلۇم چاشقاندەك سەمىرىپ كەتكەن، قۇربان تۇلۇم دېگەن لەقىمىم شۇنىڭدىن قالغان،  دەپ سۆزلەپ كېتىپتىكەن، ئارقىسىدىن رەھبەرلەر نۇقۇشلاپ كېتىپتۇ \"\"

kukhelal يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 10:34:37

چاڭچىلى ئويناۋاتقاندەك قىلامدۇ نىمە؟

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 10:38:07

7- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قۇربان تۇلۇم دېسە بىر قىزىق گەپ ئېسىمگە كېلىدۇ، بۇ ئادەمنى سەھنىگە ئاچىقىپ، بايلارنى سۆكۈپ سۆزلەپ بېرىڭ دېگەندە: بىزنىڭ باي غوجام ئوبدان ئەدىمىتى، مېنى ئوبدان باقاتتى، مەنمۇ بېقىلىۋېرىپ، تۇلۇم چاشقاندەك سەمىرىپ كەتكەن، قۇربان تۇلۇم دېگەن لەقىمىم شۇنىڭدىن قالغان،  دەپ سۆزلەپ كېتىپتىكەن، ئارقىسىدىن رەھبەرلەر نۇقۇشلاپ كېتىپتۇ \"\"

\"\"


بۇنداق ئىشلار جىق جۇمۇ، « مەندە نېمە گۇناھ» دەپ بىر ھېكايە بولىدىغان.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 10:44:12

شىنجاڭ مەدەنيىتىنىڭ يېڭى سانىدىكى ‹‹ئوسمان راۋاپ ››دېگەن ھىكايە ئوبدان يېزىلىپتۇ.

قۇربان تاغا، ئوبدان يېتىڭ! نەۋرىڭىز ئۈمىدىڭىزنى ئىشقا ئاشۇردى.ئاھ....!

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 11:21:50

ئەۋرىشكىسى دەپ ئوقۇۋېلىپ قېيىپ كېتىپتىمەنا تېخى

oqutquchi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 11:44:54

كومپىيۇتېرىم سەل چاپاق بولغاچقا ئەۋرىسى دىگەندىكى س ھەرىپى ت ھەرپىدەك كۆرۈنۈپ كېتىپ،ئاۋىئاماتكىمىزدا مۇزىيمۇ بار ئوخشايدۇ دەپتىمەن..


قۇربان تولۇم جەمەتىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دەۋىرنىڭ ئالدىدا ماڭغىنىنى كۆرۈپ،ئۆزۈمدىن خىجىللىق ھېس قىلدىم ۋە ئۇلارنى چەكسىز پەخىرلەندىم.تەسىرلىنىپ ئابدۇللا ئابدۇرەھىم ئاكىمىزنىڭ ھېلىقى بىر ناخشىسىدا دىگەندەك:« بۇلاقلار ھەسرىتىنى تۆكتى كۆزۈمگە» بولدۇم.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 12:19:56

11- قەۋەتتىكى pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەۋرىشكىسى دەپ ئوقۇۋېلىپ قېيىپ كېتىپتىمەنا تېخى

--------------------------------------------------------


مەن ماۋۇ ئىنكاسنى ئوقۇپ كاللامغا غەلىتە خىياللار كىلىپ


قىيىپ كەتتىم    ^+^

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 13:09:46

مىللى ئارمىيەنىڭ چىرقى ئۆچمەپتۇ  \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 13:53:02

مەن تۇنۇمايدىكەنمەن بۇ قىزنى ،بولمىسا ئۇ ئىدەمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھالى كۈنى چاغلىقتى

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 14:06:23

يامان ناچار ئىنكاسلارنى يېزىپسىلە باللا. پەقەت قاملاشماپتۇ ئا دېگەنلىرىڭلا باللا.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 14:14:48

قانداق خىزمەت قىلدىكەن بۇ قىزلار ،،ئازراق ئۇچۇر بىلدىغانلار بولسا تۆكمەمسىلەر ماۋۇ يەرگە خەۋەردار بوپ قالنى بىزمۇ

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 14:54:50

نىمىگە تولۇم دەيدىغنىنى ئەمدى بىلىۋالدۇق

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 15:12:40

بۇ ئەسكەر قىزلارنى دۈشمەن تۇتۇۋالسا ئەسكىلىك قىلارمۇ ؟
بەت: [1] 2 3 4
: قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى ئاۋىياماتكىدا