86moshvk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 10:40:20

ئاغرىق پەسەيتىشنىڭ چارىسى[كۆچۈرۈلمە]

ئاغرىق پەسەيتىشنىڭ چارىسى



    ئامېرىكا «ئەرلەر ساغلاملىقى» ژۇرنىلىدا ئاغرىق پەسەيتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك چارىسى كۆرسىتىلگەن:

   ئېغىز كۆيۈپ قالغاندا: مۇز شوراش. «مەيلى ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولسۇن
ياكى قاتتىق نەرىسلەرنى يېگەندە ئېغىز ئىچى تىلىنىپ كەتسۇن ۋە ياكى قىزىق
يېمەكلىكلەرنى يەپ ئېغىز كۆيۈپ قالسۇن كىشىنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ» بۇ
ۋاقىتتا ئېغىزغا مۇز سېلىپ شورىسا، ئىششىقنى يوقىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

   مائۇس قول: سافانى مۇشتلاش. دائىم مائۇس ئىشلىتىدىغان ئاق ياقىلىقلار،
بالا كۆتۈرىدىغان ئانىلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئاغرىق سېزىمى بولىدۇ.
بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئارام ئالغاندا مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، ئوتتۇراھال
دەرىجىدە سافانى مۇشتىلاپ بەرسە، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

   باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغاندا: گەجگىگە مۇز تېڭىش. تۇرمۇش رېتىمىنى
مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاستىلىتىش. چۈنكى بېسىم باش ئاغرىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
گەجگىگە مۇز تېڭىپ 10-15 مىنۇتتىن كېيىن باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش پەسىيىدۇ.



   مەنبەسى: شىنجاڭ رادىيو تورى

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 18:45:31

ئاغرىق سېزىمىنى توختىتىش ياكى پەسەيتىشنىڭ ۋاقىتلىق چارىسى : دىققەتنى ئاغرىۋاتقان جايدىن باشقا ئىشلارغا بىر ئامال قىلىپ مەركەزلەشتۈرۈش...

balahor يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 21:09:43

جۇشڭچىنىڭ 007 نى دوراپ چىقىدىغان بىر كىنوسىدا پۇتىغا تەگكەن ئوقنى چىقىرىدىغان چاغدا رەڭلىك كىنو كۆرۈپ ئاغرىقنى پەسەيتىمە دەپ يۇرىتتى.......................
بەت: [1]
: ئاغرىق پەسەيتىشنىڭ چارىسى[كۆچۈرۈلمە]