bilim8 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 09:42:00

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى جىددىي ياردەمگە مۇھتاج (海棠)[كۆچۈرۈلمە]

013-يىللىق جۇڭگۇ Bبىرلەشمىسىنىڭ تىزىملاش ئىشلىرى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ھازىرقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا خەيتاڭ گۇرۇھى مەبلەغ بېرىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن، شىنجاڭ (ئەسلىدىكى تاشئالما) كوماندىسى مەبلەغ قوللىغۇچى ئورۇننىڭ چىقىشىنى كۈتىۋىتىپتۇ. شىنجاڭ كوماندىسى بۇلتۇر مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 2013-يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشدىغانلىقى ئۈچۈن Bبىرلەشمىگە داۋاملىق قاتنىشىدىغان بولغان ئىدى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا خەيتاڭ گۇرۇھىنىڭ ۋاز كېچىشى سەۋەبىدىن. كوماندا ئەڭ چوڭ مەبلەغ مەسلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. 20-چىسىلا Bبىرلەشمىنىڭ قاتنىشىدىغان كوماندا تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر بۇ 7كۈن ئىچىدە دىيارمىز كوماندىسىنى قوللايدىغان بىرەر ئورۇن چىقمىسا، بۇيىللىق Bبىرلەشمىدىن چېكىنىپ چىقىشى تۇرغانلا گەپ. ئەگەر شۇنداق بولسا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدىن ئۇيۇشما لوڭقىسى بىلەن تەنھەرىكەت يىغىنىلا قالدى.

شىنجاڭ كوماندىسى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۆز مەيدانىدا جىياجۇكەي كوماندىسى بىلەن ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ 1-ئايلانما شاللاش مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ. غەلبە قىلغان كوماندا 2-ئايلانمىغا قەدەم قويىدۇ!

4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە جىياڭسۇنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە 2013-يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول تاللاش مۇسابىقىسگە قاتنىشىدۇ.

20ياشلىقلار گۇرۇپپا ئەھۋالى (شىنجاڭ تاشئالما 4-ئۇرۇققا بۆلۈنگەن.)

جىياڭسۇ رايۇنى (D) بېيجىڭ جېجياڭ جىياڭسۇ شىنجاڭ



يەنە بىر 18ياشلىقلار كوماندىسىمۇ تاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ

18ياشلىقلار گۇرۇپپا ئەھۋالى (شىنجاڭ كوماندىسى 4-ئۇرۇققا بۆلۈنگەن)

جىياڭسۇ رايۇنى (B) جېجياڭ جىياڭسۇ جىلىن شىنجاڭ



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىن بۇ قېتىم 2كوماندا ئەۋەتكەن



تۆۋەندىكىسى Bبىرلەشمىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ تىزىملىكى (1-ئايدىكى تىزىملىك، مۇقىم تىزىملىك 20-چىسىلا چىقىدۇ)

1.شىنجاڭ ياشلار كوماندىسى (ئەسلىدىكى تاشئالما)؛ 2.ئىچكى موڭغۇل كۆكخوت شەرق كوماندىسى؛ 3.شەنشى لاۋمەنچىڭ؛ 4.شەنشى داتەي

5.جىياڭشى لىيەنشىڭ؛ 6.كۈنمىڭ تولۇڭ؛ 7.شىنجىن فېڭپېڭ؛ 8.چىڭخەي سېنكى؛ 9.تىيەنجىن پاراۋۇز بېشى؛ 10.خېبىي جۇڭجى؛ 11.بېيجىڭ يىتۇڭ؛ 12 . شەندۇڭ پۇتبولى (ياشلار)؛ 13.شەندۇڭ پېڭدىڭ؛ 14.بېيجىڭ سەنگاۋ؛ 15.گەنسۇ ئاۋشىن؛ 16. لىياۋنىڭ پەنزاۋشۈي؛ 17.يۈننەن لىيجاڭ؛ 18.سەنشى چىتەي؛ 19.شاڭخەي جۇڭباڭ؛ 20.مېيجۇمېيشەن.(ئۆلكىلىك ناھىيە كوماندىسى ئوخشايدۇ). 21. چىڭخەي سۇ كالىسى قاتارلىقلار...

بارلىق ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىللىرى ،مىللەت سۆيەر كارخانىچىللىرىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ شىنجاڭ پۇتبول كوماندىمىزنى ساقلاپ قالايلى!،نىمىلام دىگەن بىلەن2012-يىلى بۇ كوماندا بىزنىڭ قەلبىمىزگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ...


مەنبە  :  


http://www.nur.cn/news/2013/03/112024.shtml


tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 20:44:07

يەنە ئىككى كۈنلا قاپتىمۇ نېمە؟!!زادى ھېچكىم چىقمىغانمىدۇ؟!!
بەت: [1]
: شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى جىددىي ياردەمگە مۇھتاج (海棠)[كۆچۈرۈلمە]