ئۈرۈمچى شەھرىدە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كوچىسىدىن يەتتىسى بەرپا قىلىنماقچى
ئاسىيا كىندىكى تورى 16 – مارت خەۋىرى: 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، مۇخبىرنىڭ
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىك جەمئىيىتىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك باشلىقى
ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى
شەھىرى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر كوچىسىدىن يەتتىنى بەرپا قىلماقچىكەن،
مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى مەركەزلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ماركا ۋە
كۆلەم ھاسىل قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىر كۈچىنى
يەنىمۇ كېڭەيتمەكچى ئىكەن.
ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر جەمئىيىتى سايباغ
رايونىدىكى خوتەن كوچىسى، يېڭى شەھەر رايوندىكى ۋېنجۇ يولى، بۇلاق تاغ رايونىدىكى يىكەنكۆل جەنۇبىي، شىمالىي يولى، ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي
تېخنىكا رايونىدىكى چېگرا ئېغىزى يولى، تەڭرىتاغ رايونىدىكى
تېنچلىق جەنۇبىي يولى، داۋانچىڭ رايونىدىكى سەيۋوپو مۇسۇلمانچە تائاملار
كوچىسى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى فاڭجيا ئېكىنزارلىقى مەزىلىك تائاملار
كوچىسى قاتارلىق يەتتە كوچا مۇسۇلمانچە تائاملار كوچىسىدىكى ئۈلگىلىك
كوچىلار قىلىنىدۇ.
«تاللىنىپ چىققان بۇ يەتتە كوچىغا قارىتا بىز مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى
باشقۇرۇش بويىچە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز. بۇندىن باشقا،
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر جەمئىيىتىمۇ بۇ يەتتە كوچىدىكى
يېمەك ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىگە خاس
ئۇسلۇب بەرپا قىلىشىنى پائال قوللايدۇ، شەرتكە توشۇدىغان تىجارەتچىلەرگە
يەنە يۆلەش مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ بېرىپ، كارخانىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ،
مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كوچىسى تاۋار ماركىسى شەكىللەندۈرۈپ، تەسىر كۈچىنى
ئاشۇرىدۇ» ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىك جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىبى
جاڭتاۋ مۇخبىرغا شۇنداق دىدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىك
جەمئىيىتى يەنە ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ
مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلىرىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش ئۆلچىمىنى تېزرەك تۈزۈپ
چىقىپ، ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ تېزراق چەتئەللەرگە
چىقىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپتۇ.
بۇ يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، شەنشى، يۈننەن
قاتارلىق بەش ئۆلكە، رايون خەلقئارادىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى
گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش ئۆلچىمىدىن پايدىلانغان ئاساستا، «مۇسۇلمانچە
يېمەكلىكلەرنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش قائىدىسى» نى ئورتاق تۈزۈپ چىققان.
ھازىر ئېلىمىزدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن، مۇسۇلمانچە
يېمەكلىك ئۆلچىمى يوق. 2009 – يىل، نىڭشيا «نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم
رايونىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش قائىدىسى» نى
ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، بۇ «قائىدە» غەربتىكى بەش ئۆلكە ئىتتىپاقلىشىشتىن
بۇرۇنقى بىردىن بىر مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش
ئۆلچىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خەۋەر كىشىگە مۇنداق تۇيغۇ بېرىدىكەن:
ئۈرۈمچىدە ھازىرغىچە تۈزۈك مۇسۇلمانچە تائاملار بار كوچا يوق، ئۈرۈمچىدە مۇسۇلماندارچىلىق ئەمدىلەتىن باشلىنىۋاتىدۇ.
كونسول كوچىسىدەك بىر ئوبدان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ، ئۆرپ - ئادەت كوچىلىرىنى يوق قىلىپ ، يوقىلاڭ بىر يەرلەرگە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كوچىسى ياسامدىكەن ؟
1- قەۋەتتىكى xahriyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كونسول كوچىسىدەك بىر ئوبدان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ، ئۆرپ - ئادەت كوچىلىرىنى يوق قىلىپ ، يوقىلاڭ بىر يەرلەرگە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كوچىسى ياسامدىكەن ؟
تىكىپ سۆكۈشتىن بۆلەك قىلىدىغان ئىش بولمىسا قانداق قىلىدۇ، كۈن ئۆتكۈزۈش كىرەكتە يەتتە ئەمەس، يەتمىش مىڭنى كۆپەيتىۋەتسىمۇ نىجىسلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك تېرۇرىنىڭ قارا سايىسىدىن قوتۇلالمايمىز. ئاتاق باشىقا ئىش باشىقا .
ئەتىياز كىرىدى . كەچلىك بازار قىزىيدۇ دىگەن گەپ . شۇنىڭ ئۈچۈن ياپقان چىرايلىق نامدە بۇ . ئۇ يەرىدە نېمە ساتىدۇ ئوبدان بىلىمىز . شۇ... خەنزۇلارمۇ بېشىغا شاپاق بۆك بىلەن تۇڭگان ياغلىقلىرىنى سېلىۋېلىپلا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ساتىدىغان دۇكان ئاچىدۇ ھەقىچان. دەۋلەتنىڭ غەمخورلىقى بىلەن بازارلىرىمىز نازارەت قىلىنىپ تۇرلىۋاتىدۇ! بىر دوستۇم كونسۇل كوچىسىدا بىر خەنسونى سوقۇپ قويۇپ يەنە بىر دوستۇمغا ھال ئېيتسا، ئۇ دوستۇم «نەدىن تاپتىڭ» دەيدۇ. مۇشۇنداق تېڭىرقاشلارنى ئوڭشاش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشمىكىنە. ئۈرۈمچى ئەمدى كۆپ دىنلىق شەھەر بوپتۇ دە؟
8- قەۋەتتىكى kabanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۈرۈمچى ئەمدى كۆپ دىنلىق شەھەر بوپتۇ دە؟
ئۈرۈمچى خېلى زامانلاردىن بۇيانلا كۆپ خىل دىن ، كۆپ خىل مىللەت ، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان شەھەرغۇ .......
ئۈرۈمچىدە ھېلىمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان خرىستيان چىركاۋى ، بۇددا ئىبادەتخانىسى ۋە ئىسلام مەسچىدى بۇنىڭ دەلىلى . پەقەت ئىسلام مەسچىدلىرىنىڭ سانى باشقا دىنىي قۇرۇلۇشلاردىن بىر قەدەر كۆپ . لىكىن بۇ ئۈرۈمچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سالماقنى ئېگىلەيدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ .
يەنىلا ئىتتىپاق يولى، سەنشىخاڭزا، كونسۇل كوچىلىرىدىكى قاينام تاشقىنلىققا يەتمەيدۇ. مۇشۇ مۇسۇلمانچە يىمەكلىك دىگىنى شۇ ھالال يىمەكلىك دىگىنىمۇ ئەمدى ... كونسۇل كوچىسى خارابىگە ئايلاندۇرۇلغاندىن بېرى تاشۋاي كوچىسى (يەنئەن يولى)غا ئۆتۈپ باقمىدىم دېسەم كىم ئىشىنىدۇ! ئۈرۈمچى ئۈرۈمچى ئەمەستەكلا تۇيىلىدىغان بوپقالدى ئىككى-ئۈچ يىلدىن بېرى... ھازىرقى مۇسۇلمانچە يىمەكلىك بىلەن ھالال يىمەكلىكنىڭ پەرقى بار .مۇسۇلمانچە------ يىمەكلىكلەر پەقەت چوشقا گۆشى ،چوشقا مېيى ،،،قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرىلمىغان يىمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ .
ھالال -----------يىمەكلىكلەر بولسا يۇقارقىلار قۇشۇلمىغاندىن باشقا ،، گۆشى ۋە مايلىرى ئىشلىتىلگەن ھاۋاناتلار ھەقىيقى مۇسۇلمانچە ئۇسۇلدا ئۆلتۈرىلگەن ،يەنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان كىشىدىن بىرى ،مالنى بۇغۇزلاشتىن بۇرۇن پاكىزە تاھارات ئېلىپ ،پىچاق سېلىشتىن بۇرۇن «ئاللاھۇ ئەكىبەر »دەپ پىچاق سالغان بۇلىشى كېرەك .
بىز يەۋاتقان نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانچە يىمەكلىك دېگەن نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەمىلىيەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ .كۆپچىلىك بولسا مۇسۇلمانچە دىگەن بەلگىسى باركەن دەپ يەۋەرمەي سەل دىققەت قىلىپ يېگەن بولساق .
12- قەۋەتتىكى bolturkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كونسۇل كوچىسى خارابىگە ئايلاندۇرۇلغاندىن بېرى تاشۋاي كوچىسى (يەنئەن يولى)غا ئۆتۈپ باقمىدىم دېسەم كىم ئىشىنىدۇ!
كونسول كوچىسى تېخى تۈگىشىپ كەتمىدى . گەرچە ئىلگىرىكى ھاياتىي كۈچىدىن سۆز ئاچقىلى بولمىسىمۇ ، ھازىرغىچە كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە يەنىلا ئۆز كىشىلىرىمىز تىجارەت قىلىۋاتىدۇ . ياتلارنىڭ سايىسىمۇ يوق . خاتىرىجەم كېلىۋىرىڭ .
ئەپسۇسلىنارلىقى \" جەزىرە \" كىتابخانىسى بىلەن \" بەش تونۇر \" سامسىخانىسىنى چېقىۋىتىپ يامان قىلدى - دە .....
جەزىرە كىتابخانىسى پەرھات تۇرسۇننىڭمىتى ياكى باشقىلارنىڭ؟17- قەۋەتتىكى functionنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جەزىرە كىتابخانىسى پەرھات تۇرسۇننىڭمىتى ياكى باشقىلارنىڭ؟
ئۆزھالكامنىڭتىغۇ دەيمەن . ئىشقىلىپ مەن ئۆزھالكامنى ئۇ كىتابخانىدا كۆرۈپ باقمىغان . شۈكرى ئاللاھ! ھەي...بۇ كۈنلەر.....