kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 20:07:26

شىنجاڭ ۋەكىللىرى بايلىق بېجى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى


         


   
  مەملىكەتلىك
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز چەكلىك شىركىتى تارىم
نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،
باش دېرىكتور جۇۋ شىنيۈەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا«ئومۇميۈزلۈك
ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىلگىرى، دۆلەت بايلىق باج نىسبىتىنى
مۇۋاپىق تۈردە ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بايلىقى مول بۇ رايوننى تېخىمۇ
كۆپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتۈرسە» دەپ تەكلىپ بەردى .



  
شىنجاڭ يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى
پۈتۈن بىر يىلدا، شىنجاڭنىڭ بايلىق بېجى جەمئىي 6 مىليارد 899 مىليۇن
يۈەنگە يېتىپ، 2011-يىلدىكى 6 مىليارد 468 مىليۇن يۈەن بىلەن سېلىشتۇرغاندا
430 مىليۇن يۈەن ئاشقان. بىراق، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە،
بۇ سان بايلىق بېجى ئىسلاھاتىدىن بۇرۇنقى 2009-يىلىدىكى بىلەن
سېلىشتۇرغاندا، 5 مىليارد يۈەن ئوشۇق يىغىلغان.



  5 مىليارد يۈەن بۇ
زادى قانداق ئۇقۇم؟ بۇ سان ئۈرۈمچىنىڭ 2012-يىللىق مالىيە خاراكتېرلىك
مائارىپ سېلىنمىسىغا تەڭ كېلىدۇ، شۇنداقلا 2013-يىللىق ئۈرۈمچىدىكى كەپىلىك
رايونلارنى ئۆزگەرتىپ سېلىشقا ئاجرىتىلغان مەبلەغ بىلەن تەڭ كېلىدۇ،
شۇنداقلا 2009-يىلىدىكى شىنجاڭنىڭ پۈتۈن قاتناش ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك
تاش يول قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىغا تەڭ كېلىدۇ. جۇۋ
شىنيۈەن مۇنداق دېدى: بايلىق بېجى ئىسلاھاتى ھەقىقەتەنمۇ شىنجاڭ
مالىيەسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ، بىراق نۆۋەتتە بايلىق بېجى نىسبىتى
شىنجاڭدەك بايلىقى مول رايونغا ماس كەلمەيدۇ.



  شىنجاڭ ئىجتىمائىي
پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئىلگىرى مۇخبىرنىڭ
زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن، شىنجاڭدا %1كىمۇ يەتمەيدىغان
بايلىق بېجى ئۇدا 17 يىل ئېلىندى،ئىنتايىن تۆۋەن بايلىق بېجى بايلىقتىن
يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە يەرلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز،
بايلىق بېجى ئىسلاھاتىدىن كېيىن باج نىسبىتى %5 كە ئۆستۈرۈلگەن بولسىمۇ،
بىراق بۇ باج نىسبىتىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە
سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن.

مەنبە: خەلق تورى

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 09:02:02

09-يىلدىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق تەكلىپ بەرگەنلەر بولغىيتتى بەلكىم.

ھەنىم بولسا ...



ئاشۇ باجنى شىڭشڭشىيادىن ئۆتكۈزمەي مۇشۇ يەردە خەجلەش شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەل قىلىدىغان مەسىلىسى، بولمىسا قانچە ئاشۇرسا بىكار.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 11:25:24

بەرسە بەرمىمسۇ بىزنىڭ قولىمىزغا نەپ بوپ تېگەرىمۇ بۇ پۇل .

terjime يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 12:37:38

ھەر ئون يىلدا بىر موما سىزىپ بېرىدۇ ، قورساق ئاچقاننى ئۇنتۇپ شۈلگەينى يۈتۈپ ساقلاپ ئولتۇرمىز .
بەت: [1]
: شىنجاڭ ۋەكىللىرى بايلىق بېجى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى