dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 10:53:15

سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا ماڭدىم

پالتاخۇن(غېنى سەمەد)



شەرىئەتنىڭ ھۆكمى دەيدىكەن


جان ئانامنىڭ ئارزۇسى ئىكەن


مېنىڭ نەسلىم ئۈزۈلمىسىكەن...


شۇ  داۋاندىن ئۆتۈپ كېتەلمەي


توي قىلىپمۇ قالار ئوخشايمەن


ھەي...


كەلمىشلەرگە يالغۇز يۈزلىنىپ


ئۆتۈپ كەتسەمچۇ تەنھا  پېتى، تەنھا پېتى !


ئېست


مەن ئاخىرى ئاغىنىلىرىمدەك


بويتاقلىقتىن يانار ئوخشايمەن...



بويتاقلىقتىنغۇ يانارمەن شۇنداق،


مۇھەببەتتىن يېنىش مۇمكىنمۇ ؟


قېنى ئاشۇ مەن ساقلاۋاتقان قىز،


ئاھ بىلمىدىم، تاپالارمەنمۇ ؟



ۋەيران بولدى ئۆستەڭ بويلۇرۇم،


خىياللىرىم ئۇرماقتا پەرياد.


سۈكۈتلەرگە كۆمۈلۈپ كەتتىم،


نازۇك دىلىم بولماقتا بەرباد.



ئەجدادلار پو ئاتمىسۇن !


بىزگە قالغىنى


دەسسەپمۇ بولالمايۋاتقان ناتىۋان  تۇپراق


تايىنى يوق ھەسرەت


ئەسقاتماس  غورۇر


مەۋجۇدلىقىنى يۇقىتىۋاتقان سۆيگۈ


مۇشۇ ئۇلۇغ ئاسارە-ئەتىقىلىرىم بىلەن


ھۆر-پەرىلەرنى تېپىپ


چۆچەكلەردەك مۇھەببەتلىشەيمۇ ؟



ئوخشاش، ئوخشاش ، ھەممىسى ئوخشاش


بىر ئايال كىشى ئۆيۈڭگە مۇھەببەتسىمان بىر نەرسىنى


مەنپەئەتنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇلىيەت دەپ ئىسىم قۇيۇۋالغان يەنە بىر نەرسىنى


ئۆزگەرمەس مىجەزى ۋە بارلىق تارىخى بىلەن قۇشۇپ سۆرەپ كىرىدۇ


خۇددى ساڭا ئوخشاش


سەن ئاشۇ تەڭداشسىز ماكاندا سەۋر ئىلكىدە بالاڭنى ئەركىلەتمەكچى بولىسەن


ئوڭ-تەتۈر تىنىپ


بالاڭنىڭ ئانىسىنىڭ، ماغدۇرۇڭنىڭ،چۆنتىكىڭنىڭ كۆزىگە قاراپلا ئۆتىسەن




مەن يۇرتقىمۇ بېرىپ كېلەرمەن،


دادامنىڭ قەبرىسىدە مۇڭلار تۆكەرمەن


بەلكىم


ئانام تاپقان قىزغا قالارمەن


مەيلى كىم بولسۇن


مېىھرى ئىسسىق نىكاھ سۈيىدە


بەختلىكمۇ بولۇپ قالارمەن


يا جاھاندىن تويۇپ كېتەرمەن...



ئەي مۇسۇلماندارچىلىق !


بالام دەپلا ئۆتكەن جان ئانام !


خۇدا بەرسە بولىدىغان ئەي غايىب بالام!


مەن سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا ماڭدىم ...

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 07:46:10

ئوخشاش ھىسيات

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 09:37:43


10- قەۋەتتىكى hellolifeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاغىنىمىزنى خۇدايىم ساقلىماپتۇ-دە! \"\"

يۇقىرىقى بىر جۈملىنى يېزىپ بولۇپ مەن تونۇيدىغان غېنى سەمەت شۇمىدۇ دەپ سەل ئىككىلىنىپ قالدىم، چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى «غېنى سەمەد» ئىكەن، ئەگەر ئۇ بولماي قالسا، يۇقىرىقى چاقچىقىمنى قايتۇرۇۋالدىم، ئۆزرىلىكمەن!


                                                                                                                                   


يۈسۈپجوووووووووون!سىز تۇنۇيدىغان غېنى شۇ ئەينا،قەشقەرگە بېرىپمۇ تاپالمىدىم مەن سىنى،تۇتىيا بۇلۇپ كىتىۋاتامسەن نىمە.......




xahriyar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 13:01:08

بۈيۈك مەقسەدلەرنى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈپ يۇرت سەپىرىگە جابدۇندىڭىزمۇ ؟ سەپىرىڭىز قۇتلۇق بولغاي !

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 13:08:44

ھەي پالتاخۇن ...ئاۋۇ باش بىلەن قاشنى ئوڭشايمەن دېگىنىڭگىمۇ يىللار بوپكەتكەن، سەن ئوۋغا چىقىپ ئوۋلانغانلارنىڭ تىپىك نەمۇنىسى بوپقالدىڭ،خەيرلىك بولسۇن ئىشلىرىڭ، ئېسىڭدە تۇتكى،يىگىت سۆز بېرىدۇ،بۆز بەرمەيدۇ.

durustori يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 15:21:02

بۇ مەن يېقىننىڭياقى كۆرگەن ئەڭ چۈشىنىشلىك ۋە چوڭقۇر مەنىلىك شىئىرسىمان بىر نەرسە ئىكەن !

تەنھالىق چۆللىكىدىن ئائىلە بوستانلىقىغا  قاراپ يولغا چىققىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! ئاللا مەنزىلىڭىزگە تىزرەك يەتكۈزسۇن !


dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 15:38:07

پالتاخۇن بىلەن ئەتىگەن دىدار-مۇلاقەت بۇلۇشقان كوت-كوتتا،پاراڭ ئارلىقىدا ئۇشبۇ سۆھبەتلارنى زىكرى قىلىشقاچ توينىڭ پارىڭىنى قىلىپ قالدى ھەم بۇ شېئىرنى كۆرۈشكە سۇندى،قارىسام پەچەت چىقىپتۇ،شۇڭا ئۆزىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىزدىنىشقا يوللاپ قويدۇم.تۇنۇشىدىغان سۆھبەتداشلارنىڭ پالتاخۇننىڭ كىيىنكى قەدەملىرىگە بەرىكەت تىلىشىنى ئۈمىتلەيمىز \"\" \"\" \"\" \"\"

Afredot يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 16:54:22

داۋانچى قۇلىقىدىن سۆەپ كىرىڭلا پالتاخۇننىڭ ئىزدىنىشتىلا قىلىۋىتەيلى تويىنى، مەن بىر يىل بولدى بۇ گال پالتىنىڭ قارىسىنى كۆرمىگىلى \"\"

xahriyar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 17:16:50

ئىزدىنىش مۇنبىرى >>>>> لەتىپە-چاقچاقلار>>>>> سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا ماڭدىم \"\"

پالتىكامنىڭ چاخچىقى ئوخشايدۇ . \"\"

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 23:07:38

ھەر قانچە بولسىمۇ ئەمدى چاق-چاق قىلماس \"\" \"\" \"\"

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 23:10:38


5- قەۋەتتىكى Afredotنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

داۋانچى قۇلىقىدىن سۆەپ كىرىڭلا پالتاخۇننىڭ ئىزدىنىشتىلا قىلىۋىتەيلى تويىنى، مەن بىر يىل بولدى بۇ گال پالتىنىڭ قارىسىنى كۆرمىگىلى \"\"


                                                                                                         


ئىزدىنىشتىمۇ پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ بەزىدە




Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 01:25:14

مەن بۇ شىئېرنى ياختۇردۇم.

hellolife يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 01:45:31

ئاغىنىمىزنى خۇدايىم ساقلىماپتۇ-دە!  {:92:}  

يۇقىرىقى بىر جۈملىنى يېزىپ بولۇپ مەن تونۇيدىغان غېنى سەمەت شۇمىدۇ دەپ سەل ئىككىلىنىپ قالدىم، چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى «غېنى سەمەد» ئىكەن، ئەگەر ئۇ بولماي قالسا، يۇقىرىقى چاقچىقىمنى قايتۇرۇۋالدىم، ئۆزرىلىكمەن!

Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 05:17:29

سالام ھايات !

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 12:28:31

ياخشى يېزىلغان شېئىركەن.

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 20:12:57

ئۇماقلىقىنى ما سۇمبۇل ساچ  غەنىكامنىڭ  {:92:}

yatwash يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 20:22:33

{:92:}

0996 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 10:20:08



خۇش كېلەرسەن دوستۇم،

ساددا سالىمىمنى ئىلىك ئېلىپ.

چەك_چىگراسىز:

مۇھەببەت_نەپرەتنى،

گۈزەللىكنى،

جايغۇ_ھەسرەتنى،

خوشاللىقنى،

............،

قەلبىڭگە پۈكۈپ.

چەك_چىگراسىز دۇنيانى،

قەلىپ تۆرەڭگە پۈكسەڭ:

ئىككى دۇنيا سىنىڭ ئەمەسمۇ؟

چەك_چىگراسىز كائىناتنى،

قەلىپ تۆرەڭگە پۈكسەڭ:

بۇ دۇنيا ئانا تۇپراق ئەمەسمۇ؟

بەلكىم شەخسىيەتچ ئىدۇرمەن،

ئەدادلىر ىمىزدەك:

جان بو لسا جاھان،

ئاش بولسا قازان.

ئاۋال تائام ئاندىن كالام.

.........

....

.

oghlan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 21:46:57

غېنى سەمەت ئۇ بىر رىۋايەت

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-25 08:37:31

پالتاخۇن يۇرتقا بېرىپ بولغان ئوخشىمامدۇ  {:90:}   {:90:}   {:90:}
بەت: [1]
: سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا ماڭدىم