86moshvk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 10:43:41

يۇمۇرلار

يۇمۇرلار





1-يۇمۇر



        بىر ئايال كەچلىك سىمېنىدىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايىتۋېتىپ كەينىگە بىر
ئەرنىڭ چۈشىۋالغانلىقىنى سېزىپ قاپتۇ. ئۇ ئايال قورقۇپ ئەمدى قانداق
قۇتۇلارمەن دەپ ئويلاپ بىر قەبرىستانلىقنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتۇ ۋە
كاللىسىغا شۇ زامات ئەقىل كېلىپ، بىر قەبرىگە قاراپ « دادا، مەن قايتىپ
كەلدىم، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپتىكەن، كەينىدىكى ئەر قورققىنىدىن ئالدى
كەينىگە قارىماي بەدەر تىكىۋېتىپتۇ. ئايالنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ ئەمدى
كېتەي دەپ تۇرسا قەبرە ئىچىدىن «قىزىم، يەنە ئاچقۇچنى ئالماپسەندە؟» دىگەن
بۇغۇق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، ئايالمۇ قورققىنىدىن يۈگەرگەن پېتى قېچىپ
كېتىپتۇ. بۇ چاغدا قەبرە ئىچىدىن بىر قەبرە ئوغىرسى چىقىپ « ئادەمنى خىزمەت
قىلغىلى قويماي، مۇشۇنداق قورقۇتۇپ جېنىڭنى ئالىمەن تازا» دەپ تۇرۇشىغا
يېنىدا بىر بوۋاينىڭ قەبرە تېشىغا خەت ئويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قىزىقىپ
نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپتىكەن، بوۋاي ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ « قارىمامسەن
بۇ ۋاپاسىزلار مېنىڭ ئىسمىمنىمۇ خاتا ئويۇپ قويۇپتۇ…..» دەپتۇ. بۇنى
ئاڭلىغان قەبرە ئوغىرسى ئاللا كاللا دەپ توۋلىغان پېتى قېچىپ كېتىپتۇ.
بوۋاي كۈلۈپ« تېخى مەن بىلەن سودا تالاشقىدەك بولدۇڭما؟ ئۇنىڭغا تېخى
بالدۇرلۇق قىلامدىكى….» دەپ سۆزلەۋېتىپ قولىدىكى خەت ئويىدىغان نەرسىسى
يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ، بوۋاي ئېڭىشىپ ئالاي دەپ قارىسا ئوت-چۆپنىڭ ئارىسىدا
بىر قول ئۇ نەرسىنى تۇتۇپ تۇرغىدەك، بوۋاي ئەجەبلىنىپ تۇرسا چۆپلۈكنىڭ
ئارىسىدىن « ئۆلگۈڭ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟ نىمە مېنىڭ قەبرە تېشىمنى
قالايمىقان چوقۇيسەن؟» دىگەن ئاۋاز كېلىپتىكەن، بوۋاي قورققىنىچە دۆڭدىن
دومىلاپ دىگەندەك چۈشۈپ قېچىپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا بىر ئەخلەت تەرگۈچى
ئوت-چۆپنىڭ ئارىسىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ« ۋۇ ئاناڭنى، بىر تال ئەسكى تۆمۈرنى
ئېلىۋېلىش ھەجەپمۇ تەسكە چۈشتا» دىگۈدەك



2-يۇمۇر



          بىر كۈنى كەچتە بىر چىرايلىق قىز ئۈرۈمچىدىكى 4- دوختۇرخانا يەنى
ساراللار دوختۇرخانىسى يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتسا ، قىپ – يالىڭاچ بىر ئەر
قوغلاپ كىلىۋاتقىدەك ، ئۇ قورۇققىنىدىن جىنىنىڭ بىرىچە قىچىپتۇ . ھىلىقى
ئەرمۇ كەينىدىن داۋاملىق قوغلاپتۇ . بىر چاغدا ئۇ قىز ھىچ يەرگە قاچقىلى
بولمايدىغان يەرگە كىلىپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۈكىنىپ ئولتۇرۇپ ، يىغلاپ
تۇرۇپ . ھىلىقى ئەرگە مىنى نىمە قىلسىڭىز قىلىڭ ، لىكىن ئۆلتۈرىۋەتمەڭ .
دەپ يالۋىرىپتۇ .

بۇنى ئاڭلىغان ئەر ئۇنىڭغا قاراپ ھىجىيىپ تۇرۇپ ، گىپىڭىز راست بولسا ھازىردىن باشلاپ مىنى سىز

قوغلاڭ . دىگۈدەك



3-يۇمۇر



       ساقچىلار قىمار ئويناۋاتقان تۆت كىشىنى تۇتىۋاپتۇ.

_سىلەر قىمار ئويناشنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىگىنى بىلمەمسىلەر؟_دەپ سۇراپتۇ ساقچى.

_مەن قىمار ئوينىمىدىم ،مەن پەقەت كۆرۇپ تۇرغان ،_دەپتۇ ئۇلارنىڭ بىرى.

ساقچى يەنە بىر ئادەمدىن سوراپتۇ.

_ مەن ئاپتۇبۇس ساقلاۋاتقانتىم ،_ دەپتۇ يەنە بىرى.

ئۇچىنچى ئادەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،دەرھاللا :

_ مەن يۇرگىنىمنى ساقلاۋاتقان،_ دەپتۇ.

ساقچى قۇلىدا قارتا تۇتقان 4-ئادەمگە قاراپ مۇنداق دەپتۇ:

_ سېنىڭ قولۇڭدا ماددى ئىسپات بار ،سەنغۇ تىنىۋالالماسسەن .ئۇ ئادەم بىر دەم قۇلىغا ، بىر دەم ساقچىغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ:

_ ساقچى ئەپەندىم ،سىزنىڭچە ،مەن كىم بىلەن قىمار ئوينىغاندىمەن



4-يۇمۇر



          بىر كۇنى قەشقەرلىك بىر بوۋاي تۇققان يوقلاپ غۇلجىغا بېرىپ ،
تۇققىنىنىڭ ئويىنى تاپالماي ، كوچىدا كېتىپ بېرىپ ، بىر نەچچە ياش بالىلار
يولنىڭ بويىدا پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان يەرگە كېلىپ قاپتۇ ، بوۋاي بۇ ياش
بالىلاردىن سوراپ باقاي دەپ ، تۇققىنىنىڭ ئادىرسىنى سورىسا ، بۇ ياش
بالىللارنىڭ ئىچىدىن بىرسى ، بوۋاينى ئەخماق قىلىش ئۇچۇن — سىلى سورىغان
جاينى مەن بىلىمەن ، مەن دەپ بىرىشتىن ئىلگىرى سىلىدىن بىر تېپىشماقنى
سورايمەن ، دەپ بىرەلىسە سىلە سورىغان جايغا ئاپىرىپ قويىمەن — دەپتۇ ،
بوۋاي — بولىدۇ سوراڭ —- دىسە ، ياش بالا تېپىشماقنى باشلاپتۇ :

— ئالدىدا بىر چاقى بار ، كەينىدە ئىككى چاقى بار ، تۇز يەردە كېتىپ بېرىپلا ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ ، ئۇ نىمە ؟

— ئايرۇپىلان .

—ئايرۇپىلان ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، شۇ نەنىڭ ئايرۇپىلانى ؟
ئامىركىنىڭمۇ ، گىرمانىيەنىڭمۇ ، ياپۇنىيەنىڭمۇ ، جۇڭگونىڭمۇ شۇنى
سوراۋاتىمەن .

— ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن .

— ئۇنداق بولسا يەنە بىرنى سوراي ، ئىككى تۇمۇر رېلىسنىڭ ئۇستىدە ئۇزۇن بىر نەرسە نۇرغۇن يۇكنى ئېلىپ ماڭىدۇ ، ئۇنىمە ؟

— پويىزغۇ .

—پويىز ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، شۇ نەنىڭ پويىزى ؟ ئامىركىنىڭمۇ ،
گىرمانىيەنىڭمۇ ، ياپۇنىيەنىڭمۇ ، جۇڭگونىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن .

— ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن .— دەپ بولۇپ بوۋاي بۇ بالىنىڭ ئۆزىنى
كولدىرلىتىۋاتقانلىغىنى سېزىپ ئاچچىغى كەپتۇدە ياندۇرۇپ ئۇ ياشتىن سوراپتۇ :

— مەن سەندىن بىر تېپىشماق سوراپ باقاي ، سەن جاۋاپ بىرەلەمسەن قېنى ؟

— سورىسىلا .

— سەن بىلەن ماڭا ئوخشاش ئادەم ، چېچىنى ئۇزۇن قويىۋالىدۇ ، قېشىغا ئانچە
مۇنچە ئوسما قويىۋالىدۇ ، قولىغا خېنە قويىدۇ ، ئويدە بولسا تاماق ئېتىدۇ ،
كىر قات يۇيىدۇ ، ئۇنىمە ؟

— ئايال كىشىغۇ .


— ئايال كىشى ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، مەن ئاناڭمۇ ، ئاچاڭمۇ ، سىڭلىڭمۇ شۇنى سوراۋاتىمەن



adeljan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 08:02:51

\"\" \"\" بەك قىزىق ئىكەن؟

adeljan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 08:06:14

\"\" \"\" \"\" بەك قىزىق ئىكەن يەنە بۇلسا يۇللىساڭلار؟ \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 12:05:27

ئەنۋەر مۇنبىرىدىكى ئەلقۇتنىڭ يۇمۇرلىرىدىن ئارىيە



4. گېرمانىيەدە بىرسى ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ساھەدىكى بىلىمىمىزنىڭ يوقلۇقىنى مۇشۇ گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىن تازا ھېس قىلىپ، ھەربىي بىلىملەرنى ئۆگىنىدىغان مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپتۇ. بىر كۈنى دەرستە مۇئەللىمى : «ئەگەر دۆلەت رەئىسى كەلسە، رەئىسكە ئاتاپ 9 پاي توپ ئوقى ئېتىلىدۇ» دېسە، ئوقۇغۇچى : «ئەگەر بىر پاي ئوقتا ئۆلسە، يەنە داۋاملىق ئېتىۋېرەمدۇ؟» دېگۈدەك.



5. گېرمانىيەدىكى ئىككى ئۇيغۇر ئافرىقىغا ساياھەتكە بېرىپتۇ، ئۇلار تەبىئىي ھايۋانات باغچىسىدا كېتىۋاتقاندا، ئارىسىدىكى بىرسى بىر يولۋاسقا تاش ئېتىپتىكەن، يولۋاس ئۇلارنى قوغلاپتۇ.

تاش ئاتقىنى ئاغىنىسىگە قاراپ: «چاپە بول، دەرەخكە چىقىۋالايلى» دېسە، يەنە بىرى: «نېمىگە قاچىمەن، تاشنى يا مەن ئاتمىسام» دېگۈدەك.



6. بىر يىگىت ئوبيېكتىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپتۇ، قىزنىڭ ئاپىسى ناھايىتى تەقۋادار ئايال بولغانلىقتىن بالىدىن : «يىگىت، تاماكا چېكەمسىز؟» دەپ سورىسا يىگىت: «قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەندە چېكىمەن» دېگۈدەك.



7. مىيۇنخېن شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ناھايىتى سەمرىپ كېتىپ، دوختۇردىن ئورۇقلاشنىڭ ئامالىنى سوراپتۇ.

دوختۇر : «سىز ئىككى ھەپتە پىيادە مېڭىپ بېرىڭ» دەپتۇ .

ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ھېلىقى سېمىز ئۇيغۇر دوختۇرغا تېلېفون قىلىپ: «مەن ھازىر پولشانىڭ چېگرىسىغا كەلدىم، داۋاملىق مېڭىۋېرەيمۇ؟» دەپ سورىغىدەك.

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 13:35:07

\"\"

terjime يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 15:44:27

كەنىت كادىرىلىرى دەپنىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى تېجەش توغرىسىدا يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرلىشىپتۇ . بىرسى قوپاپ « بولدى بۇندىن كىيىن جەسەت ساندۇقى ئىشلەتمەي كۆمىلى ، ئۆرەكنى كىچكىرەك كولايمىز » دەپتىكەن ، يەنە بىرسى « مىنڭچە تىك تۇرغۇزۇپ كۆمسەك ئۆرەك كولايدىغان يەر تېخىمۇ تېجىلىدۇ » دەپتۇ . «مۇشىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىش كىتەمدۇ» دەپتۇ ئۈچۈنچىسى غاڭزىسىنى تازلىغاچ « تىك تۇرغۇزۇپ يېرىمىنى كۆمسەك ، ھەم ئۆرەك كىچكلەيدۇ ، ھەم قەۋىرە تېشى تۇرغۇزۇدىغان يەرمۇ تېجىلىپ قالىدۇ ، تېخى بىر قارسىلا كىمنىڭ يەرلىكى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ » .

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 19:00:17

ئىككەيلەن ئوۋغا چىقىپتۇ، ئاردىن بىرسى ئىھتىياتسىزلىقىتن ياردىن يىقىلىپ چۇشۇپتۇ، يەنە بىرى جىددىيلىشىپ دەرھال 120گە تىلفۇن بىرىپتۇ.

__ۋەي ۋەي ئاغىنەم ياردىن يىقىلىپ چۇشتى ، ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن،

__ھۇدۇقماڭ، ئاۋال ئاغىنىڭىزنىڭ ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەنلىكىنى جەزملەشتۇرۇڭ

بىر چاغدا تىلفۇندىن ۋاڭ قىلغان ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇدە، تىلفۇننى ئىلىپ ئەمدى قانداق قىلىمەن دەپتۇ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 19:20:58

90.گېرمانىيەدە بىر ئۇيغۇر، بىرسىنى ئېشەك دەپ قويغانلىئاقتىن، ئۇ كىشى سوتقا ئەرز قىلىپ، سوت ئېچىلىپتۇ.

سوتچى، ئۇيغۇرنى گۇناھكار دەپ، 5000€ جەرىمانە قويۇپتۇ.

ئۇيغۇر نارازى بولغان ھالدا، سوتچىدىن مۇنداق سوئال سوراپتۇ:

--ئەگەر، مەن ئېشەكنى قېچىر دېسەم گۇناھكار بولامدىن يوق ؟

سوتچى: ياق.

ئۇيغۇر: ھېلىقى ئەرز قىلغان كىشىگە قاراپ تۇرۇپ، نېمىگە كۈلىسەن قېچىر . – دېگۈدە

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 19:39:16

5- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

90.گېرمانىيەدە بىر ئۇيغۇر، بىرسىنى ئېشەك دەپ قويغانلىئاقتىن، ئۇ كىشى سوتقا ئەرز قىلىپ، سوت ئېچىلىپتۇ.

سوتچى، ئۇيغۇرنى گۇناھكار دەپ، 5000€ جەرىمانە قويۇپتۇ.

ئۇيغۇر نارازى بولغان ھالدا، سوتچىدىن مۇنداق سوئال سوراپتۇ:

--ئەگەر، مەن ئېشەكنى قېچىر دېسەم گۇناھكار بولامدىن يوق ؟

سوتچى: ياق.

ئۇيغۇر: ھېلىقى ئەرز قىلغان كىشىگە قاراپ تۇرۇپ، نېمىگە كۈلىسەن قېچىر . – دېگۈدە

نېمىشقا ھەممە يومۇرغا مەجبۇرى چىگرا سىرتىدىكى ئۇيغۇرنى قىستۇرۋالىسىز؟ چىگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ پىلانلىشى بىلەن تەشكىللىك ئاساستا يوللاۋاتامسىز يا

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 20:41:21

{:92:}

RaZiL17 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 22:03:56

\"\"

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 22:24:38

دادىسى: ئوغۇلۇم مەن ئۆزەم ساڭا بىر قوللۇق خۇتۇن تاللاپ بىرەي.

ئوغلى: ياق،

دادىسى: ئۇ قىز بىلگايدىسىنىڭ قىزى ،

ئوغلى: ماقۇل.



دادىسى بىلگايتىسنىڭ قىشىغا بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرشۇپ



دادىسى: بىلگايتىس ئەپەندىم، قىزىڭىزنى ئوغلۇمغا ئىلىپ بىرەيمىكىن دەيمەن،

بىلگايتىس: ياق، سىزكىم، مەن سىزنى تۇنۇمايمەن

دادىسى: ئوغلۇم دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىجرايەتچىسى،

بىلگايتىس: بۇلۇدۇ، كىلەر ھەپتە ئۇلارنى كۆرۇشتۇرەيلى،



دادىسى دۇنيا بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى بىلەن كۆرشۇپ



دادىسى: بالامىنى بانكاڭلارنىڭ ئىجرەيەت رەئىسلىكىگە سايلىساڭلار قانداق،

باش دىرىكتور: بولمايدۇ.

دادىسى: ئوغۇلۇم بىلگايدىسىنىڭ كۈيئوغلى جۇمۇ،

باش دىرىكتور: بۇلىدۇ، ئەتىلا ئىشقا چۇشسۇن.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 09:33:22

ما ئاخىرسىدىكى بۇلىدىكەن



خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى : قايسىڭلار سۇنىڭ فورمۇلاسىنى يېزىپ بىرەلەيسىلەر؟

- مەن

- دوسكىغا چىق

ئوقۇغۇچى سۇنىڭ فومۇلاسىدىكى 2 نى ئۈستىگە يازماي ئاستىغا يېزىپ ساپتۇ

ئوقۇتقۇچى : ھەي يازغىنىڭ سۇنىڭ فومۇلاسىمۇ ياكى يۈندىنىڭ فورمۇلاسىمۇ؟

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 09:43:05

ئۈستىدىكى يۇمۇرنى ئوقۇپ، بىر دوستۇمنىڭ دەپ بەرگىنى ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

ئۆزى غۇلجىلىق ئىدى، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىدا خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بىرەيلەننى سۇنىڭ خىمىيىلىك فورمىلىسىنى يېزىشقا بۇيرۇپتۇ، ئوقۇغۇچى خاتالىشىپ 2نى ھىدروگىننىڭ ئاستىغا يازماي، ئوكسىگىننىڭ ئاستىغا يېزىپ قويۇپتىكەن، ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ كېتىپ:«ئاۋۇ ئوكسىگىننى دومىلاپ كەتمىسۇن دەپ ئاستىغا تىرەك قويۇپ قويۇپسەندە» دەپتۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 10:19:46

ھەي مۇزىكفان سۇنىڭ فورمۇلاسىدىكى ئىككى شۇ ھىدروگىننىڭ ئاستىدا جۇمۇ. قارىغاندا دوسكىغا چىققان ئۆزەڭلا ئوخشايسىلە ھە... \"\"

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-17 10:41:10

\"\" \"\"

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 10:54:16

10- قەۋەتتىكى Musicfanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما ئاخىرسىدىكى بۇلىدىكەن



خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى : قايسىڭلار سۇنىڭ فورمۇلاسىنى يېزىپ بىرەلەيسىلەر؟

- مەن

- دوسكىغا چىق

ئوقۇغۇچى سۇنىڭ فومۇلاسىدىكى 2 نى ئۈستىگە يازماي ئاستىغا يېزىپ ساپتۇ

ئوقۇتقۇچى : ھەي يازغىنىڭ سۇنىڭ فومۇلاسىمۇ ياكى يۈندىنىڭ فورمۇلاسىمۇ؟



بېشىڭلىدىن ئۆتكەن ئىشكەندە بۇ؟

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 15:33:35

ھەممىدىن قىزىقى @Musicfan@ نىڭ فورمۇلا يازغىنى بولدى.  {:92:}  



رەھمەت، كۈلۈۋالدىم. \"\"
بەت: [1]
: يۇمۇرلار