Samsung Galaxy S 4 ئېلان قىلىندى
سامسۇڭ گەلەكسى يۈرۈشلۈك تىلپونىلىرىنىڭ چۈشىنى كۆرۈپ يۈرسەم ئەمدى مانا تىخىمۇ قاتىل تىلپونى ئېلان قىلنىپتۇ.
لاھىيلىنىشى ئەس ئۈچكە ئاساسەن ئۇخشايدىكەن
4-ئايلاردا بازارغا سىلىندىكەن،باھاسىنى ئېلان قىلماپتۇ
5 دىيوم ئىكران،تۆت يادرو ،4G ,3Gتورىنى قوللايدۇ
GSM نى ئۇنتۇپ كىتىڭلار
13 مىگاپىكىسىل كامىرا
ئالدى كامىرا بار ئەلبەتتە
تەپسىلىي سەپلىمىسىنى مەيەردىن كۆرىڭىزلەر
http://gdgt.com/samsung/galaxy/s/4/specs/
مانا ماۋۇ نەق مايدان سېن
40 مىنۇتلۇق يېرىدىن باشلاپ كۆرۈڭلار
بەك قىزىقكەن
مۇشۇ خەق مايناق چوڭ سورۇنلادىمۇ بەك ئەركىن سۆزلەيدۇ جۇمۇ
نۇرغۇن يىڭى ئىقتىدارلىرى قىتىلپتۇ، ئەس تەرجىمانى ،قوش كامىرادا تەڭ سۈرەتكە تارتىش،رەسىمگە ئاۋاز قىستۇرۇش..........
ئاخىردا I have a dream دەپ قۇياي
تۈگىدى
4G تور ئويناپ يۇرگەن ۋاقىتلار تارىخ بوپ كەتتى دە.. ئوقۇش پۈتكەن ئوخشىمامدۇ ۋەيرانى باي؟ قوش كارتىلىقىمۇ بارمۇ يا بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى،سامسۇڭ شىركىتى ئامېرىكىنىڭ نىيۇيوركتىكى دەۋىر مەيدانىدا يېقىندىن بېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان 4-ئەۋلاد GALAXY S يۈرۈشلۈك يانفونى-سامسۇڭ GALAXY S4 نى رەسمىي ئېلان قىلدى.سامسۇڭ شىركىتىنىڭ GALAXY S4 يانفونى مەزكۇر شىركەتنىڭ 2013-يىلى بازارغا سالغان ئەڭ كۈچلۈك،شۇنداقلا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى سەپلەنمىلىرىمۇ بايراقدارلىق دەرىجىسىگە يەتكەن بۇ يانفونىنىڭ كەلگۈسى بازىرىغا ناھايىتى زور ئۈمىد باغلىغان ئىدى.سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بۇ يانفونى بۇ يىلنىڭ 2-پەسلىدە رەسمىي سېتىلىشقا باشلايدىكەن. سامسۇڭ GALAXY S4 يانفونىغا مەزكۇر شىركەت بۇ يىلنىڭ يىل بېشىدا ئېلان قىلغان 1.8GHz لىق Exynos 5410 سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ،2GB RAM لىق ئىچكى سىغىم ساقلاش بوشلۇقى سەپلىنىلگەن بولۇپ،بۇ يانفون ئەڭ يېڭى Android 4.2.1 مەشغۇلات سېستىمىسىدا خىزمەت قىلىدۇ.سامسۇڭ GALAXY S4 يانفونىغا يەنە 4.99 دىيۇملۇق 1080P يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى Super AMOLED HD ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ،بۇ يانفون ئېكرانىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئالدىنقى ئەۋلاد GALAXY SIII يانفونىدىن خېلى زور دەرىجىدە ئىلغارلاشتۇرۇلغانىدى.
1- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4G تور ئويناپ يۇرگەن ۋاقىتلار تارىخ بوپ كەتتى دە..
تور سۈرئىتى ئاستا بولۇش قانداق ئازاپلىق ئىش ھە
3- قەۋەتتىكى tangriqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قوش كارتىلىقىمۇ بارمۇ يا
يوق چىغۋا نەچچە پۇلكەن؟ iphone 6 نى ھەرخىل دىيوملۇق چىقرىدىغاننىڭ گېپى بار. بىرخىلى4.8 دىيوملۇق چىقىرىدىغاننىڭ مىش-مىش گەپلىرى بار دەيدۇ. بەيدۇ بەبكېغىمۇ شۇنداق يېزىپ قويۇپتۇ بىرسى.
http://baike.baidu.com/view/4535369.htm ئايفوننىڭ سېستىمىسىنى دىمىسە زاپەر تېلفۇندىن قېلىشمايدۇ .سىگىنالىنىڭ ئاجىزلىقى 4800يۈەنگە ئالغان 4س تېلفۇننى 3 ئاي تۇتۇپ زىرىكىپ 3000 يۈئەنگە ئېلىشىغا سېتىۋېتىپ گېلەسكى ئىشلىتىۋاتىمەن . ئامما لىكىن ماۋۇ تېلفۇن تېلفۇندەكلا تېلفۇن .. يېڭى چىققىنى يانچۇققا قاراپ بېقىپ ئويناپ قۇيىدىغان گەپمىكىن .
2- قەۋەتتىكى Koxukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوقۇش پۈتكەن ئوخشىمامدۇ ۋەيرانى باي؟
خېلى بولدىغۇ،ئۇرۇمچىدە تۇرانى ساقلاپ ياتتىم..جاڭگال ئۆلچەۋاتامسىلە يەنە؟ماۋۇ تەرەپكە كەلسەڭلار ھايىت دەڭلا..
5- قەۋەتتىكى uquhuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
1- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4G تور ئويناپ يۇرگەن ۋاقىتلار تارىخ بوپ كەتتى دە..
تور سۈرئىتى ئاستا بولۇش قانداق ئازاپلىق ئىش ھە
كۇنۇپ قالدىم.تورنى بەك ئىشلەتمەسلا بولدۇم.قۇلۇمدا 1840-يىلى چىققان بىر تېلفۇن بار.يىتىپ ئاشىدىكەنغۇ شۇمۇ..

10- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى Koxukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوقۇش پۈتكەن ئوخشىمامدۇ ۋەيرانى باي؟
خېلى بولدىغۇ،ئۇرۇمچىدە تۇرانى ساقلاپ ياتتىم..جاڭگال ئۆلچەۋاتامسىلە يەنە؟ماۋۇ تەرەپكە كەلسەڭلار ھايىت دەڭلا..
يىلدا بىرەر ئىككى ئاي ئۆلچەپ قويىمىز، قالغان ۋاقىتتا ئىدارىدە. قايسى تەرەپتە ئۇ تۇرا.
14- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نىمانچە چوڭ تىلفۇن بۇ ؟![]()
5 سۇڭلۇق بولسا چوڭ دېگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ 5.5 سۇڭلۇق يانفونۇممۇ بەزىدە كىچىكلىك قىلىدۇ تېخى خېلى يېڭىچە ئىقىتدارلارنى قوشىدۇ، دەيدىغۇ؟
كۆز ئالمىسىغا ئەگىشىش تېخنىكىسى: يەنى كۆزىڭىز ئېكراننى كۆرىۋېتىپ ئاستىغا قارىغاندا بەت كۆز ئالمىسىغا ئەگىشىپ ئۆزلىكىدىن ئاستىغا سېيرىلىدىكەن.
悬浮触屏 لەيلىمە چەكمە ئېكران: قولىڭىز ئېكرانغا تەگمەيدۇ، پەقەت قولىڭىزنى ئېكراننىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇقتا ئوڭ-سولغا مىدىراتسىڭىزلا بەت ئۆرۈلۈپ، رەسمىلەرنى بەھۇزۇر كۆرەلەيدىكەنسىز.
ئۇنىڭدىن باشقا، ساغلاملىق ئەگىشىش تېخنكىسىدىن پايدىلىنىپ يۈرەك سوقىشىڭىز ۋە قاندىكى قەنت مىقدارىنى ئۆلچىيەلەيدىكەنسىز.
ئەگەر مۇشۇ تەسەۋۋۇر-پىلانلارنىڭ ھەممسى ئىشقا ئاشۇرۇلسا، يانفۇن ساھەسىدە يەنە بىر بۆسۈش خاراكتېرلىك سېتىش سوممسىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
نوكىيانىڭ windows8 سېستىمىلىق 820 سىنى كۆرۈپ باقتىم. here دىگەن ئىقتىدارى پەيزىكەن، قوزغۇتۇپ ئەتراپىڭىزنى مۇنداقلا ئايلاندۇرۇپ قويسىڭىز، ئاشخانا، مېىھمانخانا دىگەندەكلەرنى ئۇچۇرلىرى بىلەن ئېكراندا ئاقما ھالەتتە كۆرسىتىپ بېرىدىكەن، خالىغىنڭىزنى تاللاپلا يول باشلاشنى تاللاپ قويسىڭىز، يول باشلاش ئىقتىدارىنىڭ ياردىمىدە بارىدىغان يەرنى ئاسانلا تاپىدىكەنسىز.
17- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خېلى يېڭىچە ئىقىتدارلارنى قوشىدۇ، دەيدىغۇ؟
كۆز ئالمىسىغا ئەگىشىش تېخنىكىسى: يەنى كۆزىڭىز ئېكراننى كۆرىۋېتىپ ئاستىغا قارىغاندا بەت كۆز ئالمىسىغا ئەگىشىپ ئۆزلىكىدىن ئاستىغا سېيرىلىدىكەن.
悬浮触屏 لەيلىمە چەكمە ئېكران: قولىڭىز ئېكرانغا تەگمەيدۇ، پەقەت قولىڭىزنى ئېكراننىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇقتا ئوڭ-سولغا مىدىراتسىڭىزلا بەت ئۆرۈلۈپ، رەسمىلەرنى بەھۇزۇر كۆرەلەيدىكەنسىز.
كورىيەنىڭ sky vega a850 دېگەن يانفوندا دەل مۇشۇنداق ئىقتىدار بار. قولنى يانفونغا تەككۈزمەيلا ئوڭ-سولغا مىدىرلاتسا رەسىم ياكى قويۇلۋاتقان ناخشا ئالمىشىدۇ. كۆرۈۋاتقان قىسقا ئۇچۇرمۇ ئالمىشىدۇ. يەنە تېلېفون كەلگەندە قولنى يانفونغا تەككۈزمەيلا پۇلاڭلىتىپ قويسا تېلېفون ئۇلىندۇ. بۇ ئىقتىدار ماشنا ھەيدەۋاتقاندا بەك ئەسقاتىدىكەن.
16- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
14- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نىمانچە چوڭ تىلفۇن بۇ ؟![]()
5 سۇڭلۇق بولسا چوڭ دېگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ 5.5 سۇڭلۇق يانفونۇممۇ بەزىدە كىچىكلىك قىلىدۇ تېخى
Galaxy Note II نى ئىشلىتىكەنسىزدە
مەنمۇ تىلپون ئالماشتۇراي دېگەن
Nexus 4 نى ئالغۇم كىلۋاتىدۇ،لىكىن ئىكرانىنى سەل چوڭمىكىن دەيمەن
چوڭ بولسا تىلپون ئوينايدىغانغا ئامدان بولغىنى بىلەن يەنىلا قۇلايسىزدەك ئويلايمەن