nurbike يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 17:52:14

مۇنبەرداشلارنى يۇمۇرغا قېتىپ قويدۇم


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى! مەن بۇ مۇنبەرنى ئىزچىل مېھمان سۈپىتىدە زىيارەت قىلىپ كېلىۋاتقان، سادىق ئوقۇرمەن ئىدىم. بۇرۇن باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ ئانچە-مۇنچە كىرىپ ،ئەزا بولۇپمۇ باققان، لېكىن قاچان ئىزدىنىشقا كىرىپ قالدىم شۇنىڭدىن بۇيان باشقا مۇنبەرلەرنى ئاچمايدىغان، ھەركۈنى دېگۈدەك مۇشۇ مۇنبەردىن يېڭى-يېڭى خەۋەرلەرنى كۆرىدىغان، ھەرخىل تېمىدىكى بەس مۇنازىرىلەردىن بىلىم دائىرەمنى كېڭەيتىدىغان بولدۇم. ئىزدىنىشنى ھەقىقەتەن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا تەرەققى قىلىۋاتقان ،ھەر ساھەدىكى بىلىملىك كىشىلىرىمىز يىغىلغان ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىدىكى سەركە مۇنبەر دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.ئىزدىنىشتىكىلەرنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى،تېما-ئىنكاسلارنىڭ سەرخىللىقى ۋە مۇنبەرداشلار ئارا مېھرى-مۇھەببەت مېنى بارغانسېرى ئۆزىگە تارتتى. گەرچە كۆپنى بىلمىسەممۇ ،يېڭىكەن دېمەي ئاراڭلارغا قېتىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن



كۈندە زىيارەت قىلىپ تۇرغاچقا بۇ مۇنبەردىكى  مۇنبەرداشلار ماڭا ناتونۇش ئەمەس، شۇڭا تۇنجى قەدەمدە ھەرقايسىڭلارنى ئاز تولا يۇمۇر-چاخچاققا قېتىپ قويدۇم، ھەممىسى چاخچاق جۇمۇ، ئېغىر ئالماي كۈلۈپ بېرىشەلا...



ئەمسە باشلاپ كەتتۇق،داۋاي......




كىيىملىرى جۇل– جۇل بىر تىلەمچى پىنھان نىڭ ئالدىغا كەپتۇ.


پىنھان: مەن ساڭا پۇل بېرەلمەيمەن، بەرسەملا ھاراق ئىچەرسەن.


تىلەمچى: مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيمەن.


پىنھان: ئۇنداقتا قىمار ئوينامسەن؟


تىلەمچى: ئەزەلدىن قىمار ئوينىمايمەن.


پىنھان: قىزلارنى ئىزدەرسەن ھەقىچان.


تىلەمچى: مەن ئەزەلدىن قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ باقمىغان


پىنھان: ئۇنداقتا بەك ياخشىكەن، مەن ساڭا 100 كوي بېرەي. بىراق مەن بىلەن بىللە بىزنىڭ ئۆيگە بارىسەن، مەن ئايالىمغا


ھېچقانداق كەمچىلىكى يوق ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۆرسىتىپ قوياي.




فائىزە  ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ، ئىشخانىسىدىكىلەر ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ.


— دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ، خىزمەت جەھەتتە سىلەرگە ئېغىرلىقىمنى سالدىم، سەت بولدى – ھە، — دەپتۇ فائىزە


يالغاندىن يۈزى قىزارغان بولۇپ.


— ياقەي، دەپتۇ باپكار، — سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى بىر نەچچىمىز بۆلۈپ قىلىۋاتىمىز، مەن گېزىت ئوقۇيمەن،


زىلتار توختىماي  تېلېفون ئۇرىدۇ، سۈزۈك بولسا كۈن بويى باش لىدىرنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقمايدۇ...




يۈكسەل بىلەن ئوغلى بېلىق تۇتقىلى بىر قولۋاقنى ئىجارە ئاپتۇ، ئۇلار كۆلنىڭ ئىنتايىن تىنچ بىر يېرىدە نۇرغۇن بېلىق


بارلىقىنى بايقاپتۇ.


— نېمىدېگەن ياخشى، بىز بۇ يەرگە بەلگە سېلىپ قويۇپ ئەتىمۇ كېلەيلى! — دەپتۇ يۈكسەل— ماقۇل،


مەن بەلگە سالاي، — دەپتۇ بالىسى.


قايتىشتا يۈكسەل  بالىسىدىن:


— نەگە بەلگە سالدىڭ؟ — دەپ سوراپتۇ.


—  قولۋاق سىرتىغا بىر دۈگىلەك سىزىپ قويدۇم، — دەپتۇ بالىسى.


— ھەي دۆت، — دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ يۈكسەل، — ئەتە بىز بۇ قولۋاقنى ئىجارىگە ئالغىچە باشقىلار ئېلىپ كېتەمدۇ تېخى!




بىكارچىغا ياش ۋاقتىداسۈزۈك بىلەن توغراق تەڭلا  كۆيۈپ قالغان ئىكەن.


توي قىلىدىغان چاغدا قايسىسىنى ئېلىشنى بىلەلمەي،ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئادىل ،ھەققانى بىر ئۇسۇلىنى


يەنى تاماق ئەتكۈزۈش شەكلى بىلەن سىناپ بېقىش،قايسىنىڭ قولىنىڭ تۇز _ تەمى ياخشى بولسا شۇنىڭ بىلەن توي


قىلىشنى قارارغا كەپتۇ.ئارىسىدا سۈزۈكنىڭ  ئەتكەن لەڭمىنى ،بىكارچىغا بەكلا تېتىپ كېتىپتۇ.ۋەدە بۇيىچە؟


سۈزۈك بىلەن نىكاھ قىپتۇ.خىلى يىللاردىن كىيىن يەنە توغراق بىلەن كوچىدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ.بىكارچىنىڭ ئاغزى قىچىشىپ


توغراققا بىر كۇپلېت شېئىر چاقچاق قىپتۇ:


قېرىپ قالدىم دېسەممەن،


ساقىلىم يوق ئېڭەكتە.


سېنىڭ ئوتۇڭ كۆيمەكتە،


ھازىرغىچە يۈرەكتە.


توغراقمۇ بوش كەلمەپتۇ،ئۇلاپلا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب قايتۇرۇپتۇ.


كۆيۈۋاتقان ئاشۇ ئوت،


كۇكۇم ئەمەس مەڭگەندۇر.


ئىككىمىزنى ئايرىغان،


تەقدىر ئەمەس لەڭمەندۇر.





ياپراق ماگزىندا پېركازچىقلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە، كۆۋرۈك دۇككانغا نەرسە سېتىۋالغىلى كىرىپتۇ.


كۆۋرۈك:پاراشوت بارمۇ؟


ياپراق: بار،  خىلمۇ-خىللىرى بار.


كۆۋرۈك: مەن بىرنى سېتىۋالماقچى، ئەمما ئىشلىتىشنى بەك ياخشى بىلمەيمەن. مۈمكىن بولسا ئىشلىتىش قائىدىسىنى


چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.


ياپراق : بۇ تولىمۇ ئاسان، قاراڭ، پەيتى كەلگەندە شۇ تۇتقۇچنى تارتسىڭىز پاراشوت ئىچىلىدۇ.


كۆۋرۈك: ئەگەر ئىچىلمىسىچۇ؟


ياپراق: غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىچىك تۇتقۇچنى تارتسىڭىز زاپاس پاراشوت ئېچىلىدۇ.


كۆۋرۈك: ئەگەر ئۇ زاپاس پاراشوتمۇ ئىچىلمىسىچۇ؟


ياپراق: ئوھووووش ، نىمدا گېپى تولا ئاداش ماۋۇ!!  ئۇنداقتا ئېزىپ كەتمەي ئەكىلىڭ ،ماگزىنىمىز باشقىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ... دەپتۇ ھۆرپىيىپ.





گۈلھەكىم دادىسىغا دەپتۇ:  مەن ئىشقا ماڭغۇچە بۇ يولدىكى بېزەڭ ئەرلەرنىڭ ئادەمگە مىقتەك تىكىلىپ قارىشىدىن جىق تويدۇم!!


دادىسى: ئۇنداق بولسا ماۋۇ ياندىكى يول بىلەن ماڭساڭ بولمامدۇ؟


گۈلھەكىم: ۋاي ئۇ يولدا ئادەم يوق بەك زېرىكىشلىك ئىكەن....




ئەركتېكىن ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ قېرىلىقىغا تەن بەرمەي، ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ - دە، ھويلىدىكى


يوغان بىر تاشنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ كۈچەپ بېقىپتۇ. ئەمما بېلى قايرىلىپ، دېمى سىقىلىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن،


ئەركتېكىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. نۇرغۇن دوست - ئاغىنىلىرى ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ.


ئەركتېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ:


- كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار، مەن ياش چېغىمدىكىگە ئوخشاش تۇرۇپتىمەن، ماغدۇرۇمدىن كەتكىنىم يوق، - دەپتۇ.


- نېمىشقا مۇنداق دەيسىز؟ - دەپتۇ دوست - ئاغىنىلىرى.


ئۆيىمىزدىكى ھېلىقى يوغان تاشنى ياش چېغىمدا كۆتۈرۈپ باققان، ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆتۈرەلمىگەن. بىرنەچچە


كۈنىنىڭ ئالدىدا، بىر سىناپ باقاي دەپ ئۇرۇنۇپ باقتىم، ئەمما يەنىلا كۆتۈرەلمىدىم. دېمەك، مېنىڭ ماغدۇرۇم ياش


چېغىمدىكىگە ئوخشاش تۇرغان گەپ دەڭلار، - دەپتۇ .




مەتۇ بىلەن پىنھان ئۇدۇل قوشنا ئىكەن، بىر ئەتتىگىنى ئىشقا ماڭغاندا ئىككى خوشنا كارىدوردا ئۇچرىشىپ قاپتۇ.


مەتۇ ھاراقنى تولا ئىچىدىغان زابويكەن،پىنھان سوراپتۇ: ئاداش، ئاخشام يەنە مەس بولۇپ قايتىپ كەپسەندە؟


مەتۇ: ۋاي نەدە؟...مەن ھاراق ئىچمىگەنگە خېلى كۈنلەر بولاپ كەتتى جۇمۇ!~~


پىنھان:  تولا يالغان سۆزلىمە!  بىزنىڭ مۈشۈك ئاخشام سەن ياندۇرىۋەتكەن قۇسۇقنى يەپ ھازىرغىچە قوپالماي ياتىدۇ...




گۇدلاك نى دادىسى قۇرئان ئوقۇشنى بولسىمۇ ئۆگەنسۇن دەپ، مەھەللىسىدىكى قارىيغا ئوقۇشقا بېرىپتۇ. كۈندە كەچتە


پولات زورمۇ-زو بۇ قارىنىڭ قىشىغا مەلىدىكى پايلاقچىلار كۆرۇپ قالمىسۇن دەپ يۇشۇرۇن كىرىپ دەرس ئالىدىكەن .


بىر كۈنى قارىي دەرستە مۇنداق دەپتۇ: ئاللاھ بىزنى تۇپراقتىن ياراتتى، ئاخىرىدا يەنە تۇپراققا ئايلىنىمىز.


گۇدلاك بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ، قارىم ئۇنداقتا بىز كۆپ زىيان تارتمايدىكەنمىز، ئەگەر بىزنى ئالتۇندىن يارىتىپ، تۇپراققا


ئايلاندۇرغان بولسا يۈزدە-يۈز زىيان تارتاتتۇقكەن دېگۈدەك.





ئايتۇغ بىر پىخسىق ئادەم بىلەن توي قىپتۇ،ۋە ئۆزىمۇ ئېرىنىڭ پىخسىقلىقىغا شۇنداق كۆنۈپ كېتىپتۇكى، بىر كۈنى


ئايتۇغ ئۆيىدە ئولتۇرسا ، مەھەللىگە بىرسى پوشكال سېتىپ كەپ قاپتۇ، ئايتۇغ چىقىپ ئۇ پوشكالنى تۇتۇپ بېقىپ ،


بۇ پوشكالنى تۇتۇپ بېقىپ ، پوشكىلىڭ ئوخشىماپتۇ دەپ ئالماپتۇ دە ، ئۆيىگە كىرىپ بىر تەلەڭگىگە ئىسسىق سۇ قويۇپ ،


مايلىشىپ كەتكەن قولىنى يۇيۇپ ، ئۇنىڭ سۈيىدە لەڭمەن ئېتىپتۇ . ئېرى ئۆيىگە كېلىپ ھېلىقى لەڭمەننى يەپ ، بەك تېتىپ


كېتىپتۇدە ،ئايتۇغدىن لەڭمەننى قانداق ئەتتىڭ دەپ سوراپتىكەن ،ئايتۇغ بولغان ئىشلارنى پەخىرلىنىپ دەپ بېرىپتۇ .


بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئېرى ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى قويۇپ : - ھەي ئەخمەق ، قولۇڭنى تەلەڭگىدە يۇماي ،


ئېدىشتا يۇساڭ بىر ئاي تاماق ئېتىپ يىمەمتۇق - دېگىدەك...




ئىزدىنىش مۇنبەرنىڭ ئىقتىسدانى تۇتۇپ بولالماي كۈندىن-كۈنگە پىخسىقلىشىپ كېتىپتۇ ، بىر كۈنى ئۇ قىز دوستى


بىلەن مېڭىپ بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ . قىزنىڭ قورسىقى ئېچىپ تۇرۇپتىكەن، ئىزدىنىشقا : - ما


تاماقلارنىڭ پۇرىقى نېمىدىگەن مېزىلىك - ھە ! ،- دەپتىكەن ، ئىزدىنىش ناھايىتى سالاپەتلىك ھالدا : - ئەگەر


خالىسىڭىز ئاشخانىنىڭ ئالدىدىن يەنە بىر قېتىپ ئۆتەيلى ، - دەپتۇ




بىر كۈنى مۇئەللىم سازخۇماردىن  : - ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ بىر قولىدا مەشئەل ، بىر قولىدا كىتاب بار ،


قېنى سىز دەپ بېقىڭا ، بۇ نىمە مەنانى بىلدۈرىدۇ ؟دەپ سوراپتىكەن ، سازخۇمار تۇرۇپ كىتىپ : - ئۇ دىگەن


«ئۆيۈڭلاردا توك توختاپ قالسا ، مەشئەل ياندۇرۇپ كىتاب ئوقۇڭلار» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ - دەپتۇ





تۇماق بىر ماگزېنغا كىرىپ ئۇيان چۆگلەپ بۇيان چۆگلەپ، يا بىر نېمە ئالماپتۇ، يا چىقىپ كەتمەپتۇ.  شۇنىڭ


بىلەن پىركازچىك قىز كېلىپ: ئەپەندىم سىز نېمە ئالماقچى ئىدىڭىز ،بۇ يەردە ھەممە نەرسە بار بولمىسا، تاپالمىدىڭىزمۇ يە ؟


دەپ سوراپتۇ.


-.......


تۇماقتىن سادا چىقماپتۇ.


-ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭ، ئۆيىڭىزدە كەم نەرسە نېمە؟ مەن ھازىرلا سىزگە تېپىپ بېرىمەن- دەپتۇ قىز كۈلۈپ تۇرۇپ.


-بىزنىڭ ئۆيدە بىردىنبىر كەم نەرسە شۇ پۇل شۇ!!~~~ دەپتۇ ، تۇماق ئۇھسىنىپ.





سالام دۇنيا مەلۇم بىر ناھىيىگە بارغاندا بىرنەچچە يەردە قوچقار سوقۇشتۇرغاننى كۆرۈپتۇ. بازاردا ئايلىنىپ يۈرسە


بىر تونۇشى ئۇنىڭغا ھال ئېيتىپتۇ:


-بۇ يەرنىڭ ھەممە يېرى ياخشى، بىراق نېمىشقىكىن گۆش بەك قىس...


-شۇنىمۇ ئۇقالمىدىڭىزمۇ؟-دەپتۇ سالام دۇنيا، بۇ يەردە قوينى سويماي سوقۇشتۇرۇپ ئوينايدىكەن ئەمەسمۇ؟!...




ئەفىفىي يۇرتداش بىرنەچچە ئاغىينىلىرى بىلەن سودىگەرچىلىك قىلماقچى بولۇپ،مۇزداۋان ئارقىلىق ئىلىخوغا كېتىۋېتىپ،


كۈنەس تاغلىرىدىن ئۆتكۈچە يولنى قىسقارتىش ئۈچۈن«ئاتۇشۇڭغا بارغۇچە،چەكمەنىمنى سايە ئەتتىم....››دەپ ناخشا


توۋلاپ كېتىۋاتسا، ئالدىغا ئاتلىق بىر قازاق چارۋىچى ئۇچراپ قاپتۇ.


-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سەپەر قاياققا،قەيەردىن كېلىشىڭلار؟دەپ سوراپتۇ چارۋىچى.


-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئانچە-مۇنچە سودا قىلايلى دەپ ئىلىخوغا ماڭدۇق،ئاتۇشتىن كېلىۋاتىمىز.دەپتۇ يولۇچىلار.


-ئاتۇش؟..قانداق يەر ئۇ؟ ھەجەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن..دەپتۇ چارۋىچى قازاق.


-شۇنداق باغۇ-بوستانلىق،باغلىق گۈزەل بىر يۇرت ئۇ! دەپ ماختىنىپتۇ ئەفىفىي.


-ھەي،تايىنىلىقتۇ! باغۇ-بوستانلىق بولسا چەكمىنىڭنى سايە ئېتىشەمتىڭ!




زىيالىي كۆڭلى يېرىم ھالدا بىرسىگە دەپتۇ:


-كاماندروپكىدىن يېنىپ ئۆيگە كىردىن -دە،ئىشكاپقا قارىسام ھېچنىمە يوق، كارۋاتنىڭ ئاستىغا قارىساممۇ ھېچنىمە يوق...


-ئايالىڭدىن گۇمان قىلىپ قاپسەندە؟


-ئاداش! مەن بويتاق،ئۆيۈمگە ئوغرى كىرىپتۇ.........



zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-18 08:55:09

ئىشقىلىپ قىزلار كىرىسە قارشى ئالىمىز. يىگىتلەرنىمۇ قارشى ئالىدۇ.  {:92:}  .

ئىنكاس تەرتىپى بۇيىچە 1-3- قەۋەتتىكىچە تېما بىلەن قالغىنى ئۆز-ئارا پاراڭ بىلەن ھە! نۇربېكە، سىز قازاقما؟ كۆۋرۈك شۇنداق دەيدۇ.  {:136:}

nurbike يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 20:10:50

بۇنىڭ خەت نۇسخسى نىمانداق بولۇپ قالغاندۇ؟......قۇرلارمۇ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ، تەھرىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن \"\"

xahriyar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 20:21:45

سافادا ئولتۇرۇپ يۇمۇر ئاڭلايدىغان كۈنلەرگىمۇ ئۇلىشالايدىكەنمەن _ دىسەم ، يۇمۇرنى ئوقۇپ بولغىچىلا سافا قولدىن كېتىپتۇ . كىيىنكى يۇمۇرىڭىزنى ئوقۇماي تۇرۇپ سافاغا بەلگە سېلىپ قويۇپ ، ئاندىن ئوقۇش نىيىتىگە كەلدىم .  \"\"

abdrhimjan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 06:06:09

باشقا ئادەممۇ يوقتەك قىتۇ ھازى مۇنبەردە،مۇشۇ پۇرسەتتە بى بىزمۇ سافانىڭ يان تەرىپىدە بوسمۇ ئولتۇراپ يۇمۇر ئاڭلايلى شۇندامۇ يا ئەينا.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 10:02:38

قارشى ئالىمىز. يۇمۇرلار ھەقىقەتەن قىزىقكەن. رەھمەت.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 10:08:02

يۈكسەلنىڭ ئوغلى بىلەن بىلىق تۇتقىلى چىققان يۇمۇر قىززىقكەن.  {:92:}

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 10:45:03

سالام دۇنيانىڭ قىززىقكەن  {:92:}

Fatema يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 11:26:01

ۋەئەلەيكوم ئەسسالام .خۇش كەپسىز ئەزىز قېرىندىشىم .بۇ مۇنبەردە ساپالىق ھەم سالماق ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركۈملەپ كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 12:40:22

7- قەۋەتتىكى Fatemaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋەئەلەيكوم ئەسسالام .خۇش كەپسىز ئەزىز قېرىندىشىم .بۇ مۇنبەردە ساپالىق ھەم سالماق ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركۈملەپ كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.



بويتاق قىزلار كۆپرەك كېلىڭلار دەڭ، ئايپاتەم دىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 13:44:05

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى زىلتار بىر كۈنى كەچلىك تاماق يىگىلى ئاشخانىغا بېرىپتۇ.ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغاندىن كىيىن ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى ئۇنىڭغا چاي قۇيغاچ نىمە تاماق يەيدىغانلىقىنى سۇراپتۇ.زىلتارجىق ئويلانمايلا :

-گۆش مانتىسىدىن 10نى.-دەپتۇ.

ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى خوش دىگىنىچە كىتىپ بىردەمدىلا تەخسىگە 10 مانتىنى ئېلىپ كەپتۇ.زىلتار مانتىلارنىڭ سۇۋۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە كىچىك ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ مۇلازىمەتچىگە:

-مانتىلارنى مەن پولوغا تىگىشىمەن،مانتىنى ئاپىرىۋېتىپ،پولو ئەكىلىپ بىرىڭ،-دەپتۇ.

مۇلازىمەتچى خوش دەپ قايتىپتۇ.بىر ھازادىن كىيىن بىر تەخسىدە پولو ئېلىپ كەپتۇ.

زىلتار پولونى ئىشتىھا بىلەن يەپتۇ.يەپ بولغاندىن كىيىن دۇئا قىلىپ سىرتقا مېڭىشىغا ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى:

-ئۇكام،يىگەن پولونىڭ پۇلىسىنى بەرمەمسىز؟-دەپتۇ.

زىلتار:

-ئۇستام،مەن پولونى مانتىغا تىگىشكەن تۇرسام ،نىمىشقا پولونىڭ پۇلىسىنى بەرگۈدەكمەن.-دەپتۇ.

ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى:

-ئەمىسە مانتىنىڭ پۇلىسىنى،-دىيىشىگە زىلتار ۋاقىراپ كىتىپتۇ:

-مەن يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىسىنى تۈلەمدىم!

ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى ئاغزىنى ئېچىپلا قاپتۇ.

Fatema يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 13:44:48

8- قەۋەتتىكى bapkarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى Fatemaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋەئەلەيكوم ئەسسالام .خۇش كەپسىز ئەزىز قېرىندىشىم .بۇ مۇنبەردە ساپالىق ھەم سالماق ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركۈملەپ كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.



بويتاق قىزلار كۆپرەك كېلىڭلار دەڭ، ئايپاتەم دىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ

ۋېيېي!!!!\"\"ما ئۇكامنى....ۋاڭ كەمپىرنىڭ ئۇنداق سەت قىلىقى مەندە يوق جۇما!!!!! بۇ مۇنبەرگە كىرىۋاتقان \"ئايال \" يولداشلار كومپارتىيىنىڭ ئۇزۇن سىناقلىرىدىن ئۆتكەن مۇنەۋۋەر چوكانلاردۇر. قايلاپ تۇرۇپ پەن جىلىەن ھاڭقىزغا ئوخشىتىپ قويسىڭىز بىزگە ئېغىر ھاقارەت قىلغان بولىسىز. ھە راست مۇبارەك ئىسمىمغىمۇ ئېغىر دەخلى -تەرۇز قىلمىشى ئۆتكۇزدىڭىز !سىزدىن قاتتىق رەنجىدىم \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 13:49:43

خانقىزنىڭ ئەكسى ھاڭقىزكەندە

بىلىۋالدىم \"\"

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 13:54:45

11- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خانقىزنىڭ ئەكسى ھاڭقىزكەندە

بىلىۋالدىم \"\"

قىز ئاياللار ھەققىدىكى چۈشەنچەڭلار تېخىمۇ چوڭقۇرلاشسا بۇلاتتى ئاداش\"\"

maraz886 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 15:02:16


11- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خانقىزنىڭ ئەكسى ھاڭقىزكەندە

بىلىۋالدىم \"\"



يەنە بىر  يىڭى گەپ .




ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 15:09:55

12- قەۋەتتىكى yawuzbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خانقىزنىڭ ئەكسى ھاڭقىزكەندە

بىلىۋالدىم \"\"

قىز ئاياللار ھەققىدىكى چۈشەنچەڭلار تېخىمۇ چوڭقۇرلاشسا بۇلاتتى ئاداش\"\"


خېلى بىلىمەن مەن تېخى\"\"


قېرىپ قاقۋاش بولۇپ كەتكەن\"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 15:14:18

13- قەۋەتتىكى maraz886نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


11- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خانقىزنىڭ ئەكسى ھاڭقىزكەندە

بىلىۋالدىم \"\"



يەنە بىر  يىڭى گەپ .






مەن ئىجات قىلغان بولدۇمما شۇنداق قىلىپ؟\"\"


پاتىمە ئايلام شۇنداق ئىشلىتىپتۇغۇ\"\"

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 15:40:53

مىنىمۇ يۇمۇرغا قىتىۋاپسىز ھە؟ماڭا بەرگەن ئۇ يۇمۇرىڭىزدىكى ‹پاراشۇت ›نى دەسلەپ پاراشۇك دەپ ئۇقىۋىلىپ چۇشىنەلمەي بەك قىينىلىپ كىتىپتىمەن ،كىيىن چۇشەندىم ،سىزنى بىر يۇمۇرغا قاتاي دىگەنتىم قىتىپ يىزىۋاتقاندا يىرىمى ئىسىمدىن چىقىپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن يومۇر يازالمىدىم ..غۇلجلىق تورۇپ بىرمۇ يۇمۇر يازالماپتۇ دەپ ئويلايسىز بەلكىم لىكىن ئۇنداق ئويلىسىڭىز مىنىڭ ئامالىم يۇقتە.. \"\"

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 18:20:38

\"\"  {:92:}   {:92:}   {:92:}

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 18:27:42

10- قەۋەتتىكى Fatemaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى bapkarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى Fatemaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋەئەلەيكوم ئەسسالام .خۇش كەپسىز ئەزىز قېرىندىشىم .بۇ مۇنبەردە ساپالىق ھەم سالماق ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركۈملەپ كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.



بويتاق قىزلار كۆپرەك كېلىڭلار دەڭ، ئايپاتەم دىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ

ۋېيېي!!!!\"\"ما ئۇكامنى....ۋاڭ كەمپىرنىڭ ئۇنداق سەت قىلىقى مەندە يوق جۇما!!!!! بۇ مۇنبەرگە كىرىۋاتقان \"ئايال \" يولداشلار كومپارتىيىنىڭ ئۇزۇن سىناقلىرىدىن ئۆتكەن مۇنەۋۋەر چوكانلاردۇر. قايلاپ تۇرۇپ پەن جىلىەن ھاڭقىزغا ئوخشىتىپ قويسىڭىز بىزگە ئېغىر ھاقارەت قىلغان بولىسىز. ھە راست مۇبارەك ئىسمىمغىمۇ ئېغىر دەخلى -تەرۇز قىلمىشى ئۆتكۇزدىڭىز !سىزدىن قاتتىق رەنجىدىم \"\"




پاتىمە مەقسىتىمنى خاتا چۈشۈنۈپتۇ مانا، مېنىڭ دەۋاتقىنىم مۇنبىرىمىزگە ئېسىل قىزلاردىن كۆپرەك كىرگەن بولسا بويتاق ئاشتى يىگىتلىرىمىز تويىنى قىلىۋالارمىكىن دىگەن، باشقا مەقسەت يوق، ئىشەنمىسىڭىز زىيالى گۇۋاھ، شۇنىڭدىن سوراپ بېقىڭە (مېنىڭ خوتۇن بالام بار جۇما، مەنمۇ شۇ باشقىلارنى ئويلاپ دىگەن).
بەت: [1] 2
: مۇنبەرداشلارنى يۇمۇرغا قېتىپ قويدۇم