elqut_cn يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 14:21:06

ئا ، ئە ، ن ، ت ھەرىپلىرى بىلەن تونۇش ئويۇنى _ ئانا تىلىمنى ئۆگىنىمەن

ئا ، ئە ، ن ، ت ھەرىپلىرى بىلەن تونۇش ئويۇنى _ ئانا تىلىمنى ئۆگىنىمەن











ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم كەڭ مۇنبەر ئەھلى! ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەزىز قېرىنداشلار! كەمىنە ئەلقۇتتىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام.

ئالدىن بىر قانچە يازمىلىرىمدا، بىلپەت تىل ئۆگىنىش تاختا كومپىيوتېرى غۇلجا بازىرىغا سېلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ماڭا دوستۇم تەرىپىدىن بىر دانە ھەدىيە قىلىنغانلىغىنى ۋە شۇ ۋەجىدىن مەن ئاندىروۋ يانفون سېستىمىسى ۋە بۇ تاختا كومپىيوتېرنىڭ مەستانىسى بولۇپ قالغانلىغىمنى، ھەم مۇشۇ ئىشلار تۈرۈتكۈسىدى ئۆز ئانا تىلىم ئۈچۈن بىرەر ئەرزىگۈدەك ئىش قىلىپ بەرسەم دىگەن ئارزىيومنى مۇشۇ ئاندىروۋ يانفون سېستىمىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىيەت قىلىپ، ئاندىروۋ سېستىمىلىق تېلفون ۋە تاختا كومپىيوتېرلاردا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۇيغۇر ئىلىپبە ئۆگىنىش يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرىنى تۇزۇپ چىقىش ئىرادىسىگە كەلگەنلىگىمنى بايان قىلغان ئىدىم. ھەم بىر قانچە سىناق نۇسخىسىدىكى دىتاللارنى تورغا يوللاپ باققان ئىدىم. بۇگۈن توردىكى خالىس نىيەتلىك ئەپ ياساش ئۇستىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇئەپنىڭ تۈنجى دەرىسلىكىنىڭ دىتالىنى غەلبىلىك ياساپ چىقتىم.

بۈگۈن كۆپچىلىككە بۇ ئەپلەرنى ھەم بەھىرلەپ كەڭ ئۇستاز ۋە تورداشلارنىڭ بۇ دىتالغا بولغان تەكلىپ پىكىرلىنى توپلاپ شۇ ئاساستا قالغان قىسمىنى ياساپ چىقماقچى كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدى تەكلىپ بېرىشىنى سورايمەن.

ئالدى بىلەن بۇ دىتالنىچۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:

بۇ بىر ئويۇن دىتالى بولۇپ 4 ياشتىن 15 ياشقىچە بالىلارنىڭ ئوينىشىغا ماس كېلىدۇ. بالىلار بۇ دىتالنى ئاتا - ئانىلارنىڭ يېتەكچىلىگىدە كۈنىگە 30 مىنۇتتىن ئويناپ بەرسە 2 ئاي ئىچىدە ئانا تىل ساۋادى چىقىپ بولىدۇ.بۇ دىتال بىلىم قۇرۇلما ئۆگىنىش جەھەتتە 3 چوڭ تۈردىن تۇزىلىدۇ.

1. ھەرىپ تونۇش

2. ئىزلاپ يېزىش

3. سۆز جۈملىلەر بىلەن تونۇش.

بۈگۈن كۆپچىلىككە سۈنغۈنۈم 1 تۈرنىڭ تەكلىپ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى . بۇ تېمىدا مەن ھەم مۇشۇ 1 تۈردىكى دىتالنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.





ھەرپ بىلەن تونۇشۇش ئويۇنى :

بۇ ئويۇن ئىچكى قىسىمدىن 3 بۆلەككە بۆلىنىدۇ.

1) ھەرىپ تونۇش

بۇ تۈردە بالىلار ئىكراندى خالىغان ھەرىپنى بارماق بىلەن چەكسە شۇ ھەرىپ يوغۇنايدۇ ۋە ئوقۇلىشىنى ئوقۇپ بېرىدۇ.













بۇ قىسىمنى چوقۇم ھەرىپ تۇتاشتۇرۇش ئويۇنىنى ئويناشتىن بۇرۇن ئاتا- ئانىلار ياردىمىدە 10 مىنۇت مەشىق قىلىشى كېرەك.ئاندىن ئىككىنجى باسقۇچقا ئۆتسە ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ.



2) ھەرىپ تۇتاشتۇرۇش ئويۇن



بۇ بىر ئوخشاش ئىككى ھەرىپنى تېپىش ئويۇنى بولۇپ ئىكراندا ئىختىيارى ھالدا بىر جۈپتۈنھەرىپلەر ، ئىختىيارى تىزىلىدۇ.بالىلار بۇ ھەرپلەردىن ئوخشاش ئىككىسىنى بارماق بىلەن كەينى- كەينىدىن چەكسەغەلبە قىلغان بولۇپ بۇ ئىككى ھەرپ يوقايدۇ. ھەر بىر ھەرپنى چەكسە بۇ ھەرىپلەرنى ئوقۇلىشىنى ئوقۇپ بېرىدۇ . بۇ جەرياندا بالىلار ئويۇن ئوينىغاچ تەبىئىلا ھەرىپلەرنى تونالايدىغان ۋە ئوقالايدىغان بولىدۇ.

ھەرىپ تۇتاشتۇرۇش ئويۇنىنى بالىلار ئەقلى قابىلىيىتى ۋە يېشىغا قاراپ4، 6، 8، 12 ، 24 ھەرىپتىن تۇزۇلگەن شەكىللىرىنى تاللاپ ئويناشقا بولىدۇ.





















3) ئەستە ساقلاش مەشىقى

بۇنىڭدا بېرىلەن ھەرپلەر پۈتۈنلەي يوشۇرۇنغان بولىدۇ. قايسۇ كاتاكچىنى چەكسە شۇ كاتەكچىدىكى ھەرىپنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىدۇ ۋە شۇ ھەرىپ كۆرىنىدۇ. بۇ ھەرىپ بار ئورۇننى ئېسىدە تۇتۇۋىلىپ يەنە بىر ھەمراسىنى تاپقاندا ئارقىدىنلا بايىقى ئېسىدە ساقلىۋالغان كاتەكچىنى چەكسە ئىككىلا ھەرىپ كۆرۈنىدۇ، ئويۇن ھەممە ھەرىپ تولۇق كۆرۈنگۈچە داۋاملىشىدۇ، ئارقا - ئارقىدىن ئوخشاش ھەرىپ بار كاتەكچىنى چېكەلمىسە ھەرىپ كۆرۈنمەيدۇ.

بۇ باسقۇچتا بالىلار بالىلار ئەستا ساقلاش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھەرىپلەرنى ئەستا ساقلىۋالىدۇ. ئۈنىمى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ .

ئويۇنىنى بالىلار ئەقلى قابىلىيىتى ۋە يېشىغا قاراپ4، 6، 8، 12 ، 24 ھەرىپتىن تۇزۇلگەن شەكىللىرىنى تاللاپ ئويناشقا بولىدۇ.



ئويۇننى قاچىلاش ئۇسۇلى :

1- خىل ئۇسۇل :

دىتالنى چۈشۈرۈپ پىرىسنى يەشكەندىن كىيىن . يانفوننى چاتقۇ سىم ئارقىلىق كومپىيوتېرغا چېتىپ 91 ياكى 360 نىڭ يانفون باشقۇرۇش دىتالىغا تونۇتقاندىن كىيىن بىۋاستە دىتالنى قوش چېكىپ قاچىلاشقا بولىدۇ.

2- خىل ئۇسۇل: دىتالنى چۈشۈرۈپ پىرىسنى يەشكەندىنكىيىن ئۇنى تېلفون سىغىم كارتىسىغا كوپىيەلەپ ئاندىن ، سىغىم كارتىنى يانفونغا سېلىپ ، ھۆججەت كۆرۈش قورلالى ، ياكى ئەپ قاچىلاش قورالى ئارقىلىق ئۇ دىتالنى ئىزدەپ تېپىپ ئىجرا قىلسىڭىزلا قاچىلىنىدۇ.



دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :



ئىككى خىل تۈرى تەمىنلەندى بىرسى 4 ھەرىپ ۋە بۇ 4 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن بوغۇملار برگە بېرىلگن نۇسخا



چۈشۈرۈش



ئىككىنجى 6 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن نۇسخا ( بوغۇم كىرگۈزۈلمىگەن)





چۈشۈرۈش



ئەلقۇت مەرىپەت تورىدىن : ئەلقۇتwww.elqut.cn




tirkax يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 17:55:09

ئەمدى مېنىڭ ئەنجۈر تىلfۇن ئالماسلىقىمغا باھانە قالمىدى .

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 17:57:14

نىمە ئۈچۈن تەھرىرلىگەندە ياكى نەقىل ئالغاندا ئۇيغۇرچە يازغىلى بولمايدۇ ....

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 18:30:08

تېما ئەلا.

ئەپ دېگەنننى مۇنداق سۇنمامدۇ، بەزىلەرنىڭ يوللىغان نەرسىسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئەزا بولمىسا بولمىغان.{:136:}

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 11:21:13

مەنمۇ ئەلا باھالىدىم. \"\"
بەت: [1]
: ئا ، ئە ، ن ، ت ھەرىپلىرى بىلەن تونۇش ئويۇنى _ ئانا تىلىمنى ئۆگىنىمەن