tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 09:55:53

تېببى نۇجۇمنى بىلەمسىز؟


(ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش)


سۆز بېشى


خەلقىمىز ئىچىدە ھېلى ھەم بىرە ئىشنى قىلماقچى ياكى ئىش باشلىماقچى بولساق

« يا.. بىسمىللاھ… ئون ئىككى ۋاخ يىگىرمە تۆت سائەت ! » دەيدىغان ، «
پالانى ئىش تېخى مۇنداق بولماپتۇ » دىسە « تېخى سائىتى كەلمىگەن ئوخشايدۇ »
دەپ جاۋاب بىرىدىغان يەنە خەيرلىك سۆزلەرنى، ياخشى تىلەكلەرنى ئېيتقان
چېغىمىزدا «ئېغىزىڭىزدىن سائەت چىققاي!» دېسەك، ئاچچىقىمىزدا خەيرسىز يامان
سۆزلەرنى ئېيتقىنىمىزدا « ھاي ئۇنداق دىمە! ئېغىزىڭدىن سائەت چىكەتمىسۇن
يەنە! » دەيدىغان سۆزلەش ئادىتىمىز بار.


(ماقالىنىڭ ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى بۇيەردىن ئوقۇڭ تىببى نۇجۇم 1)


( ئالاقىدار جەدۋەللەرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى تىببىي نۇجۇم توغىسىدا 4-قىسىم جەدىۋەلنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى قالغان ھۆججەت سىغىمى چوڭ يوللانمىدى، لازىم  بولسا ئىبەرتىپ بىىمىز)


دىنلارنىڭ توغرىسى تاتلىق دىن –ئىسلام ۋە ئىلاھى مۆجىزە-
شىرىن كىتاب « قۇرئان » ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە نۇردەك
ئېقىپ كىرىپ روھىمىزدا ئاجايىپ تەڭداشسىز ئۇرۇننى ئىگىلەپ تۈرلۈك
ئىش-كۈشلەرنى باشلىغاندا ئەقىدىمىزدىكى ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت ۋە
ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىدىغان «بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم!» دېگەن ئۇلۇغ
كەلىمىنىڭ كەينىگە «سائەت» سۈزىنى قېتىۋالغانلىقىمىزدىن قارىغاندا
ئەجداتلىرىمىز ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئالەم ۋە ئادەم ئۈستىدە توختاۋسىز
ئىزدىنىپ ئاسترونومىيە جەھەتلەردە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ بۇنىڭدىن
ئەمىلى پايدىلانغان ھەم باشقىلارغا تارقاتقانمىكىن دەپ قارايمەن .

مەن يۇقارقىدەك سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا «ئادەمنىڭ ئاغىزىدىن قانداقمۇ سائەت
چىقسۇن؟» دەپ ئويلاپ قالاتتىم چۈنكى مىنىڭ نەزىرىمدىكى «سائەت» خېلى
ۋاقىتلارغىچە قول سائىتىنى ياكى ئۈستەل سائىتىنى بىلدۈرەتتى. دېمەك
ئەجدادىمنىڭ سائەت قارىشى بىلەن مەندەك بىر ئەۋلاتنىڭ سائەت چۈشەنچەم
ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر ئارىلىق پەيدا بولغانلىقىنى، بۇ ئارلىقنى تۇنۇپ يىتىش
ئۈچۈن شۇنداقلا ئەجدادىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ توغرىسىدا
ئىزدىنىشكە تامامەن ھۇقۇقلۇق دەپ قاراپ بۇ ئىلىم ئۈستىدە ئاز-تولا ئىزدىنىپ
باقتىم . گەرچە مەن ئىلمى نۇجۇم توغرىسىدا مۇكەممەل ھۆكۈم – شەرھلەرنى ،
ئاجايىپ سىر ئەسرالارنى دەپ بىرەلمىسەممۇ لېكىن يۇلتۇزلارنى ئاز – تولا
چۈشەنگەندەك بولدۇم .

شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتمەكچىمەنكى بۇ كىتاپنى تۈزۈشتىكى مەقسىتىم ئىلمى
نوجۇمنى ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ بېقىش يەنى
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىلگىرى تەتقىق قىلغان ھەم ئىشلەتكەن تېببى نۇجۇمىنى
قايتىدىن ئىزدەپ قېزىپ ئۇنى ھازىرىقى زامان ئۇيغۇر تېبابىتىگە
ئۆزلەشتۈرۈشكە ياردەم قىلىش ھەم باشقىلار بىلەن مۇشۇ جەھەتتە ئورتاقلىشىش
بولۇپ ھەرگىزمۇ تەقدىرچىلىك ياكى پالچىلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەمەس.

بۇ كىتاپتا بايان قىلىنغان بولۇپمۇ ھەرقايسى سەييارە-يۇلتۇزلارنىڭ ھەرقايسى
بۇرۇجلاردىكى ئورنىنى بىلدۈرىدىغان سان –ساناق قىممەتلەر بولسا
خەلقئارادىكى ھازىرقى زامان ئاسترونومىيە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى –
تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ زامانىۋى پەن –تېخنىكىلىق قورالىدىن پايدىلىنىپ
ھەرقايسى سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەت يۆلىنىشىنى، تىزلىكىنى، سەييارىلەرنىڭ
ئورنى ۋە يۇلتۇزلار ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ناھايىتى توغرا ئۆلچەپ چىقىشتىن
شۇنداقلا ئۇزاق مۇددەتلىك ئىلمى ئىزدىنىش تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىدىن كەلگەن.
بەزى سان ساناقلارنىڭ توغرا – ئىشەنچىلىك بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن
ياۋروپادىكى بىرقانچە ئاسترونومىيىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك
ماتىرياللىرىنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ چىقىش بىلەن بىرگە
(دوستلىرىمنىڭ نەزىرىدە كۇپېر بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن) يەنە بەزى سانلىق
قىممەتلەرنى (ئاي فازىسى توغرىسىدىكى) ئىسلام ئەللىرنىڭ تۈزگەن يۇمشاق
دېتالدىكى مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلىرىغا سېلىشتۇرۇپمۇ باقتىم ئاخرىدا يەنىمۇ
بىر پەللە ئىشەنچىلىك بۇلىشى ئۈچۈن NASA (ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم ئىشلار
مەھكىمىسى) نىڭ ئاسترونومىيىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللىرىغا بىرمۇ-بىر
سېلىشتۇرۇپ دەلىللىدىم.

يا رەببىھ !


بىز ئۆلۈم يىتىمدىن باشىقىدا ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ
بىر-بىرىمىزنىڭ تەلەپپۇزىنى دوراشتىن قانغۇچە خۇشاللىق تېپىۋاتقىنىمىزدا
«باشقىلار» يەر شارىنىڭ ئۇ قېتىدا ئولتۇرۇپ ئىلغار پەن-تېخنىكىنىڭ
ياردىمىدە ھەج ئۈچۈن يىغقان پۇلىمىزنىڭ راست- يالغىنىنى ئايرىغۇدەك ، ئەمەل
ئۈچۈن ئۇيقۇمىز كەلمەي چەككەن تاماكىمىزنىڭ نەشە ياكى سىگارت ئىكەنلىكىنى
بىلىۋالغۇدەك ، زىمىستان قىشتا يالاڭئاياغ كىتىۋاتقان ئانا – بالا
تىلەمچىنىڭ ئۇرۇق – سېمىزلىكىنى ماڭغاندىكى ئىزىدىن ئۇقۇۋالغۇدەك دەرىجىگە
بېرىپتۇ يا !….

ھېلىمۇ ياخشى« كۆزىدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ» دىگەندەك
ئىلغار پىكىرلىك دوكتور – ئالىم ئۆلىمالىرىمىز ، دىنىي خادىملىرىمىز، ھەر
ساھە كەسىپلەردىكى تۇغرا پىكىرلىك زىيالىيلىرىمىز ، پەخىرلەنگۈدەك
ئانىلىرىمىز بار ئىكەن. ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلار ھەرۋاقىت بىزنى
سەگىتىپ مەرىپەتكە چاقىرىپ نىشاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ، بولمىسا ياراتقۇچىنىڭ
سۈزىنى ئاڭلىماي يارىلىشىمىزدىن ئاغرىنىپ ئۆزىمىزدىن تۆۋەنلەرگە بۇقىغا
يانغان كالىدەك ھۆركىرەپ ئۆزىمىزدىن يۇقىرىلارغا پاھىشىلەردەك قىلىق
چىقىرىپ ئەتىدىن كەچكىچە كۆز بۇياپ يۈرەرمىدۇق، يۈرىكىمىز پارتلاپ كەتكۈدەك
ناھەقچىلىقنى كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرسىمۇ «تەقدىرگە مۇشۇنداق پۈتۈلگەن،
تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ» دەپ نومۇس قىلماي بىزنى ياراتقان ئاللاھىمىزغا
ئارتىپ قۇيۇپ بەخىرامان يۈرىۋىرەرمىدۇق…

ئاللاھقا مىڭ شۈكرى! تۇغرا پىكىرلىك ئالىم –ئۆلىمالارنى، خەلىقنى
يېتەكلىگۈچى زىيالىلارنى،خەلىقپەرۋەر، ئېتىقادلىق ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنى
ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ھەم سېپىنى ئۈزلىكسىز كۈچەيتكەي .

بىلگەنلىرىمنىڭ ئازلىقىدىن شۇنداقلا يېزىقچىلىققا ناقىسلىقىمدىن بۇ
بىر«نازۇك» تىمىنى بۇزماي دىگەن ئىدىم، لېكىن كىتابنى تۈزۈشتىكى مەقسىتىم
بىرىنچىدىن ئاز-تولا بىلگەنلىرىمنى ئاۋامغا سۇنۇپ بۇ جەھەتتە باشقىلار
بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. ئىككىنچىدىن تېببىي نۇجۇم جەھەتتە مۇناسىۋەتلىك
ئورۇن-شەخىسلەرنىڭ ھەرخىل ياردەم قوللاشلىرىغا ئېرىشەلىسەم باشقىلارنى
ئۇستاز تۇتۇپ بۇ جەھەتتە مەخسۇس بىر تەتقىقات تېمىسىنى چۆرىدەشنى
ئويلىغانلىقىم. ئۈچىنچىدىن قىزىقىشىم داۋامىدا بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى
مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئەتراپلىق بىلىش ئۈچۈن خەلىقارادىكى مۇناسىۋەتلىك
تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە شەخىسلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ
بەزى مەسىلىلەرنى سوراپ ئۈگۈنۈشكە توغرا كەلدى. ناۋادا بۇ كىتاب نەشىر
قىلىنىپ قالسا مەن بۇ كىتابنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ
رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن دەرھال چەتئەللەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئالىم
ئۇستازلىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇشۇ تېما جەھەتتىكى بوشلۇقۇمنى
تولدۇرۇشتەك مەقسەتلەردە بۇنىڭغا تۇتۇش قىلدىم. كىتاۋىمدىكى قاراشلىرىم
ناھايىتىمۇ «يۇمران» بولغاچقا بۇلارنى ئىلمى ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن
بەزىبىر بايانلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن
ئەينەن كۆچۈرۈپ ئېلىپ پايدىلاندىم. بەزى قىممەتلەرنى دەريادىن قاشتېشى
ئىزدىگەندەك ئىزدەپ ناھايىتى ئەجىر بىلەن مارجان قىلدىم. كىتاپتىكى
سۆزلىرىمدە خاتالىق، تەكرارلىق ياكى ئارتۇقلۇق بولۇپ قېلىشى تەبىئى ، ئەپۇ
قىلىپ مېغىزىنى ئالغايسىلەر.

ئاخىرىدا ھەرساھە-ھەر كەسىپلەردىكى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق تۈرلۈك ئىشلار
ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھەم كۈرەش قىلىۋاتقان ئەزىزلەرگە، ئىلىم تەھسىل-تەتقىق
يۇلىدا توغرانەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىپ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان
ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى بۇيۇك ئالىم- پىروفىسسور ۋە تەتقىقاتچى خادىملارغا،
شۇنىڭدەك ئۇلارنى قوللىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ رەھمەت
قىلىشىنى تىلەيمەن!


ئىلمى نۇجۇم توغرىسىدا


(ئىزاھات: «تېببىي نۇجۇم» توغرىسىدا ئەزىزلەرگە سۆز قىلىشتىن
بۇرۇن بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىلگىرىكى زامانلاردا ناھايىتى تونۇش
بولغان لېكىن ھازىرقى زامانغا نىسبەتەن بىزگە بىر ئاز گۇڭگا بولىۋاتقان
«ئىلمىي نۇجۇم» توغرىسىدا سۆز قىلىشقا توغرا كەلدى، مەقسىتىمىز ئىلمىي
نۇجۇمنى تېبابەت ساھەسىگە تەتبىقلاش بولغانلىقى ئۈچۈن گەپنى باشقا جايدىن
باشلاشقا توغرا كەلدى ،توغرا چۈشەنگەيسىزلەر)

ئىلمى نۇجۇم توغرىسىدا كۆپ سانلىق كىشىلەر مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە شۇنداق
بولسىمۇ تۆۋەندە مەن يەنىلا 12- ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئەدىب ۋە
شائىر نىزامى ئەرۇزى سەمەرقەندىنىڭ « چاھار ماقالە » ناملىق
ئەسىرىنىڭ(مىللەتلەر نەشرىياتى ، پارسچىدىن بارات رەجەپ تەرجىمىسى)
مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىغا مۇراجەت قىلماقچىمەن. (بۇ مەشھۇر ئەسەر
شەمسۇلمائالى ۋەشمېگىر قابۇسنىڭ « قابۇسنامە » دېگەن ئەسىرى بىلەن بىرلىكتە
« كىتابلار ئانىسى » دەپ ئاتىلىپ جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىدىمۇ ئۈزىگە
مۇناسىپ ھۆرمەتلىك ئۇرۇننى ئىگىلىگەن)

ھېكايەت : يەمىنىد دەۋلە سۇلتان مەھمۇد بىننى ناسىرىددىن غەزنە شەھرىدىكى
ۋاقتىدا، بىر قېتىم ئۇ بوستانلىق باغچىنىڭ شىپاڭىدا ئولتۇراتتى . بۇ
شىپاڭنىڭ تۆت ئىشىكى بار ئىدى . ئۇ تۇساتتىن بۇرۇلۇپلا ئەبۇ رەيھان
بىرۇنىدىن : « مەن قايسى ئىشىكتىن چىقىپ كېتىمەن؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ
ئويلىغىنىنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ ، مېنىڭ سېلىنچامنىڭ ئاستىغا قويۇپ
قۇيۇڭ » دېدى .

بۇ تۆت ئىشىكنىڭ ھەممىسى سىرتقا ئېچىلاتتى .ئەبۇ رەيھان ئۇستۇرلاب(قەدىمكى
ئاسترونومىيىدە يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى بىلىشتە ئىشلىتىدىغان بىر خىل جابدۇق
ياكى تەخسە شەكىلدىكى سەييارىلەر مودېلى) كەلتۈرۈپ ، يۇلتۇزلارنىڭ
يۈنىلىشنى ۋە قۇياشنىڭ ئېگىزلىكىنى مۇقىمداپ ، سائەتنى خاتىرىلىۋالدى .
ئاندىن كېيىن نەتىجىسىنى بىر پارچە قەغەزگە يېزىپ سۇلتان مەھمۇدنىڭ
سېلىنچىسىنىڭ ئاستىغا سېلىپ قويدى. سۇلتان مەھمۇد : « يېزىپ بولدىڭىزمۇ؟»
دەپ سورىدى . ئۇ : « يېزىپ بولدۇم » دەپ جاۋاب بەردى .

كىم بىلسۇن سۇلتان مەھمۇد ھۈنەرۋەنلەرنى چاقىرىپ كېلىپ ، پالتا ۋە تۆمۈر
گۈرجەكلەر بىلەن شەرق تەرەپتىكى تامدىن بەشىنچى بىر ئىشىكنى ئاچقۇزدى .
ئاندىن كېيىن ، ئۇ ئاشۇ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى .

ئۇ ئەتراپىدىكىلەرنى بۇيرۇپ ، قەغەزنى ئەكەلدۈرۈپ كۆردى .ئەبۇ رەيھان
خېتىدە : « سىز بۇ تۆت ئىشىكتىن چىقماي ، شەرقىي تامدىن بىر ئىشىك ئاچقۇزۇپ
شۇ ئىشىكتىن چىقىپ كىتىسىز » دەپ يازغانىدى. سۇلتان مەھمۇد بۇنى كۆرۈپ
ئەكسىچە ئاچچىقلىنىپ كېتىپ : « بۇنى ئېلىپ چىقىپ ھويلىغا تاشلىۋېتىڭلار »
دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. ئەتراپىدىكىلەر بۇيرۇقنى ئىجرا قىلدى. بىراق ئۇ ئۆگزە
بىلەن زېمىن ئارلىقىدا بۇرۇنلا تور تارتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئەبۇ رەيھان
ئالدى بىلەن تورغا چۈشۈپ، تور يىرتىلغاندىن كېيىن يەنە يەر يۈزىگە چۈشتى.
شۇڭلاشقا ئۇ زەخىملەنمىدى.

سۇلتان مەھمۇد ئۇنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرىدى. ئۇنىڭغا : « ئەي ئەبۇ رەيھان ،
بۇ قېتىم سىز بۇنى ئويلىمىغان بولغىيتتىڭىز؟ » دەپ سورىدى. ئەبۇ رەيھان : «
سۇلتان ھەزرەتلىرى، بۇنى ئويلاپ يەتكەنىدىم » دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان
مەھمۇد يەنە نېمىگە ئاساسەن ئويلاپ يەتكەنلىكىنى سورىدى. ئەبۇ رەيھان
ئۆزىنىڭ غۇلامىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى خاتىرە دەپتەرنى ئالدى. ئۇنىڭ
خاتىرىسىگە قىسمەت-تەلىيى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار بولغان ئەھۋاللارنى
پۈتكەنىدى. ئۇ خاتىرىنى ۋاراقلاپ بۈگۈن دۇچار بولىدىغان ئىشلارغا كەلگەندە،
خاتىرىسىگە : « مەن يۇقىرىدىن تاشلىۋېتىلىمەن، ئەمما خاتىرجەم يەرگە
چۈشۈپ، ھېچقانداق زەخمىلەنمەيمەن » دەپ يازغانىدى. بۇ خاتىرىمۇ سۇلتان
مەھمۇدنىڭ ئاچچىقىنى قوزغاپ قويدى ۋە تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى. ئۇ
ئەتراپىدىكىلەرگە : « ئۇنى تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىپ قاماپ قويۇڭلار » دەپ
بۇيرۇق چۈشۈردى. ئەتراپىدىكىلەر ئەبۇ رەيھاننى غەزنىنىڭ تاغ چۇقىسىغا
ئېلىپ چىقىپ ئالتە ئاي قاماپ قويدى .

ھېكايەت :


ئالتە ئاي ئىچىدە بىرمۇ ئادەم سۇلتان مەھمۇدنىڭ ئالدىدا ئەبۇ
رەيھاننىڭ ئىشى توغرۇلۇق ئېغىز ئاچالمىدى. بۇ ۋاقىت ئىچىدە، بىر غۇلامنى
مەخسۇس ئۇنىڭ يېتىپ-قوپۇش ۋە بېرىش-كېلىش ئىشلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقا
تەيىنلىدى.

بىر كۈنى، بۇ غۇلام غەزنىنىڭ ئوتلاق مەيدانىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ، بىر
پالچىغا يولۇقۇپ قالدى.پالچى ئۇنى چاقىرىپ: « ئىقبالىڭغا باقسام، بىر ئىش
زاھىر بولغۇدەك. ئەگەر ماڭا ھەدىيە بەرسەڭ، تەپسىلىي بايان قىلىپ بېرىمەن »
دېدى. غۇلام ئۇنىڭغا ئىككى دىرھەم پول بەردى. پالچى: « سىزنىڭ يېقىن
كىشىڭىز مۇشكۈلاتقا ئۇچراپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن بۇ مۈشكۈلات ئۆتۈپ كېتىپ،
كىمخاپ تونغا ئېرىشىپ قايتىدىن قەدىرلەشكە ئېرىشىدىكەن » دېدى. غۇلام تاغقا
قايتىپلا بۇ ئىشنى خۇجاينىغا بىر قۇر سۆزلەپ بەردى. ئەبۇ رەيھان كۈلۈپ
كېتىپ:« ھەي ئەخمەق! سىز نادانلىق قىلىپسىز. پالچىغا ئىككى دىرەم پۇلنى
بىكارغا بېرىپسىز » دېدى.

سۇلتان مەھمۇدنىڭ ئەھمەدى ھەسەن مىمەندى ئىسىملىك بىر ۋەزىرى بار ئىدى.
ئالتە ئايدىن بىرى ئەبۇ رەيھان ئۈچۈن گەپ قىلىشقا پۇرسەت كۈتۈپ يۈرەتتى.دەل
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شىكارگاھتا پادىشاھنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ۋە خۇشال
كەيپىياتتا ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ ئاستا-ئاستا تېمىنى ئىلمىي نۇجۇمغا
يۆتكىدى. ئۇ: « بىچارە ئەبۇ رەيھاننىڭ ئىككىلا قىياسى توغرا چىققانىدى، ئۇ
بىرەر ھەدىيىگە ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە زىندانغا قاماپ قۇيۇلدى »
دېدى. سۇلتان بۇ سۆزگە جاۋابەن:« ۋەزىر ئەئزەم، سىز بىلىسىز، بۇ ماڭىمۇ
ئايان. كىشىلەر ئۇنى بىلىم-ھېكمەتتە ئالەمدە تېپىلغۇسىز كىشى بولۇپ،
ئۇنىڭغا بەلكى ئەبۇ ئەلى سىنا تەڭلىشەلىشى مۇمكىن دېيىشىدۇ. بىراق ئۇنىڭ
ئىككىلا قىياسى مىنىڭ رايىمغا خىلاپ كەلدى. پادىشاھلار گوياكى كىچىك بالىغا
ئوخشايدۇ. پادىشاھقا گەپ قىلغاندا ئۇلارنىڭ رايىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان گەپنى
قىلىش كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن پادىشاھنىڭ ھەدىيىسىگە
ئېرىشەلەيدۇ. ئۇ كۈندىكى ئىككى قىياسنىڭ بىرەرسى خاتا بولغان بولسا ئۇنىڭ
ئۈچۈن ياخشى ئىش بۇلار ئىدى. ھېلىمۇ مۇنداق قىلايلى. ئەتە مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى
يەتكۈزۈپ، ئۇنى زىنداندىن ئېلىپ چىقىڭلار ھەمدە ئۇنىڭغا ئات ۋە ئالتۇن
زەرلىك ئېگەر-تۇقۇم،كىمخاپ تون، يىپەك سەللە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىڭ
دىنار تىللا پۇل، مالاي ۋە غۇلاملارنى ھەدىيە قىلىڭلار » دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ رەيھان قۇيۇپ بېرىلدى. بۇ ئىش دەل پالچىنىڭ دېگەن كۈنى
يۈز بەرگەنىدى. سۇلتان مەھمۇد ھەدىيە قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى
ئۇنىڭغا بەردى.سۇلتان يەنە ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدى ھەم ئۇنىڭغا : « ئەي ئەبۇ
رەيھان!سىز ئەگەر مىنىڭ ھەدىيەمگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، مېنىڭ قۇلىقىمغا
ياخشى ئاڭلىنىدىغان گەپنى قىلىڭ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزىڭىز سۆزلىمەكچى بولغان
گەپنى قىلماڭ » دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئەبۇ رەيھاننىڭ خۇلق-مىجەزى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى.پادىشاھ
ئۈچۈن خىزمەت قىلسا ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ.ئىشلار توغرا كېتىۋاتامدۇ ياكى
خاتامۇ ئەڭ مۇھىمى پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە يېقىشى، پادىشاھنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى
بويىچە گەپ قىلىشى كېرەك.ئەبۇ رەيھان ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلىم
ئەھلىلىرىنىڭ ھەممىسى كېلىپ ئۇنى قۇتلۇقلاشتى.ئەبۇ رەيھان پال باققۇچى
دېگەن سۆزنى ئۇلارغا بىر قېتىم سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، كىشىلەر ھەيرانلىق
ھېس قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەۋەتىپ پال باققۇچىنى تاپتۇرۇپ
كەلدى.بىراق بۇ كىشى ئەسلىدە قارا قۇرساق كىشى ئىدى. ئۇنىڭ بىلىمى تۇلىمۇ
كەمچىل ئىدى. ئەبۇ رەيھان ئۇنىڭدىن: « سىزنىڭ تۇغۇلغان ئاي، كۈن، ۋاقتىڭىز
بارمۇ؟ » دەپ سورىدى. ئۇ : « بار » دەپ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى ئەبۇ
رەيھانغا يېزىپ بەردى. ئەبۇ رەيھان بىر كۆرۈپلا ئەسلىدە ئۇنىڭ پېشانىسىگە
پۈتۈلۈپ كەتكەن، كېيىنكى ئىشلارنى قىياس قىلالايدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى
بىلدى.بۇنداق كىشى نېمە دېسۇن، ئېغىزىغا كەلگىنىچە سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ
سۆزى چوقۇم راست بولۇپ چىقىدۇ.


ھېكايەت :


مىنىڭ بىر قىزىم بار ئىدى.ئۇ ھىجىرىيە 519-يىلى
(مىلادى1125-يىلى) 2-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇغۇلغانىدى. ئۇ دەل كۈن بىلەن ئاي
كېسىشىش پەيتى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا تۇغۇلغان ئادەمنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن
بەخت يۇلتۇزى پارلاق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى قىياس
قىلالايتتى.

بۇ قىز ئونبەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭغا ئىلمىي نۇجۇم ئۆگىتىشكە باشلىدىم.
ئۇمۇ مۈشكۈل مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرەلەيدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر سۆزى
چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئېسىلزادىلەر كېلىپ
ئۇنىڭغا رەم سالدۇرىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ھۆكۈم ۋە قىياسى دائىم كېيىنكى
ئىشلار ئارقىلىق ئىسپاتلاندى.

بىر كۈنى بىر موماي ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا : « مېنىڭ ئوغلۇم ئۆيدىن
چىقىپ كەتكىلى تۆت يىل بولدى.ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق، ئۇنىڭ ئۆلۈك ياكى
تىرىكلىكىنى بىلەلمىدىم.ئۇ تىرىكمۇ، ئۆلۈكمۇ ماڭا بىر پال ئېچىپ بەرسىڭىز،
نېمە نەتىجە چىقسا مېنى ۋاقىپ قىلسىڭىز» دېدى.

قىزىم ئورنىدىن تۇرۇپ، قۇياشنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەپ، يۇلتۇزلارنىڭ بۇلۇڭ
گرادۇسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تۇغۇلغان ۋاقىت، كۈننى يېزىپ،ئۆمۈر يۇلتۇزىنىڭ
يۆنىلىشىنى بېكىتتى. ئاخىرىدا مومايغا :« ئوغلىڭىز قايتىپ كەلدى »
دېدى.موماي ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن خاپا بولۇپ : « ئى قىزچاق،
ئوغلۇمنىڭ ھازىرلا كېلىشىدىن ئۈمىدىم يوق، سىز ماڭا ئوغلۇمنىڭ تىرىك ياكى
ئۆلۈك ئىكەنلىكىنى دەپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ » دېدى. بۇنى ئاڭلىغان قىزىم يەنە
: « مەن سىزگە دېدىم، ئوغلىڭىز قايتىپ كەلدى. سىز قايتىپ بېرىپ قاراپ
بېقىڭ. ئەگەر قايتىپ كەلمىگەن بولسا، سىز كېلىپ مېنى ئىزدەڭ. مەن سەۋەبىنى
ئىزدەپ كۆرەي » دېدى.

موماي ئۆيىگە قايتىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ ئوغلىمۇ دەل ئۆيگە يېتىپ كەلگەن
بولۇپ، كىشىلەر تېخى ئېشەككە ئارتىلغان يۈك-تاقلارنى چۈشۈرىۋاتقانىكەن.
موماي ئوغلىنى باغرىغا بېسىپتۇ. كېيىن موماي قىزىمنىڭ يېنىغا كېلىپ: « راست
ئىكەن،ئوغلۇم قايتىپ كەلدى. بۇ سوۋغاتلارنى سىزگە سوغا قىلىمەن،
تەلىيىڭىزنىڭ ئوڭدىن كېلىشىنى تىلەيمەن » دەپ ئىككى تال ياغلىقنى ئېلىپ
قىزىمغا بېرىپتۇ.

مەن كەچتە ئۆيگە قايتىپ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، قىزىمدىن نېمە ئىش
بولغانلىقىنى،نېمىگە ئاساسەن بۇنىڭغا ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ: «
مەنمۇ بۇ نەتىجىنى ھېسابلاپ چىقمىغانىدىم.دەل ھېساب تۈگىگەن شۇ پەيتتە بىر
تال چىۋىن ئۇچۇپ كېلىپ، ئۆمۈر يۇلتۇزىنىڭ يېنىغا چۈشتى.شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم
يورىدى.كۆڭلۈمدە بۇ موماينىڭ ئوغلى قايتىپ كەلدى دەپ ئويلىدىم.مەن بۇنى
مومايغا دېسەم،موماي يەنە ئىنچىكىلەپ سوراشقا باشلىدى.بۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭ
ئوغلى كەلگەنلىكىگە تېخىمۇ ئىشەندىم.مەن گوياكى ئۇلارنىڭ ئېشەك ئۈستىدىن
نەرسىلەرنى چۈشۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم » دېدى.

بۇ ئىش مېنى پېشانىسىگە پۈتۈلگەن، كېيىنكى ئىشلارنى قىياس قىلالايدىغان
كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا ھەقىقى ئىشەندۈردى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ ئىشقا يەنە
باشقىچە چۈشەنچە بېرىش مۇمكىن ئەمەستۇر.


ھېكايەت:

مەن ئالىم ئۆمەر ھەييامنىڭ كەلگۈسى ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى ئۆز
كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بولساممۇ، بىراق ئۇنىڭدەك بۈيۈك دانىشمەننىڭ
مۇنەججىملەرنىڭ بىشارىتىگە بۇنچىۋالا ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرمەپتىكەنمەن.

ھىجىرىيە 507-يىلى (مىلادى1113-يىل) قىش مەزگىلى ئىدى. مەرۋى شەھرىدە
پادىشاھ ۋەزىر سەدرىددىن مۇھەممەد بىننى مۇزەپپەرگە ئادەم ئەۋەتىپ،
ئۇنىڭدىن ئالىم ئۆمەر ھەييامى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ شىكارغا
چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قار ۋە بوران يوق بىر نەچچە كۈننى تاللاپ بېرىشنى
بۇيرىدى.

ئالىم ئۆمەر ھەييامى بىلەن ۋەزىرنىڭ بۇرۇندىنلا تونۇشلۇقى بار ئىدى. ئۇ
دائىم ۋەزىرنىڭ ئۆيىگە باراتتى. ۋەزىر ئۇنى چاقىرتىپ كېلىپ، پادىشاھ
تاپىلىغان ئىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. ئۆمەر ھەييامى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،
ۋەزىر بىلەن خوشلاشتى. ئۇ ئىككى كۈن سەرپ قىلىپ، بولىدىغان كۈننى
بېكىتكەندىن كېيىن پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە تاللىغان كۈننى دەپ بەردى.

تاللىغان كۈن يېتىپ كەلگەن كۈنى پادىشاھ ئاتقا مىنىپ، ئەمدىلا توخۇنىڭ
چىللىغان ئاۋازى يېتىپ بارالايدىغان جايغا بارغىنىدا، ئاسماندا بۇلۇتلار
پەيدا بولۇپ، بوران چىقىپ، قار ئۇچقۇنلىرى ئۇچقۇنداشقا باشلىدى.كىشىلەر
بۇنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتىشتى. پادىشاھ قايتماقچى بولۇپ تۇرغىنىدا،
ئالىم ئۆمەر ھەييامى: « پادىشاھ ئالىيلىرى خاتىرجەم بولسىلا، بۇلۇت
ھازىرلا تارقاپ كېتىدۇ ۋە بەش كۈن ئىچىدە قار-يامغۇر ياغمايدۇ » دېدى.بۇ
گەپ بىلەن، پادىشاھ يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلەۋەردى. دېگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەي
بۇلۇتلار تارقاپ كەتتى. بەش كۈن ئىچىدە قار-يامغۇر ياغمىدى ھەم ھېچكىم
ئاسماندا بۇلۇت كۆرمىدى. ئىلمىي نۇجۇم كۆپ ئىشلىتىلسىمۇ، ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي
ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ. مۇنەججىملەرنىڭ ئۆزىمۇ ھەددىدىن تاشقىرى بۇنىڭغا
ئىشىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھەر بىر قىياسنىڭ توغرا چىقىشى پۈتۈنلەي
تاسادىپىيلىقتۇر.

ئۇشبۇ كىتاپنىڭ تېبابەتكە مۇناسىۋەتلىك ماقالىسىدىكى ھېكايەتتىن قىسقارتما :

…..شۇنىڭ بىلەن خارەزمشاھى بېرىشنى خالىمايدىغان ئۇ ئىككى نەپەر ئالىمغا: «
سىلەر ئىككىڭلار بېرىشنى خالىمىساڭلار، مەن ئەلچىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن،
ئۆزۈڭلار خالىغان تەرەپكە يول ئېلىڭلار » دېدى….

ئەبۇ ئەلى سىنا ۋە ئەبۇ سەھىل مەسىھى پادىشاھنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن يول
باشلىغۇچىسى(بىلەن بىرگە) ئەبۇل ھۈسەيىن سۇھەيلى ۋە خارەزمشاھ بىلەن
خوشلىشىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بامدات نامىزى بولغۇچە ئەللىك پەرسەڭدىن
ئارتۇق يول يۈرۈپ، بىر بۇلاق بېشىغا يېتىپ كەلدى.بۇ ۋاقىتتا، ئەبۇ ئەلى
سىنا كالېندارنى ئېلىپ، سەپەرگە ئاتلانغان ۋاقتىغا قاراپ، ياخشىلىق ۋە
يامانلىق تەلىيىنى ھېسابلاپ، تەپسىلى قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئەبۇ سەھىل
مەسىھىگە: « بىز يولغا چىققان ۋاقىت خەيرىلىك ۋاقىت ئەمەس ئىكەن. يولدىن
ئادىشىپ قالغىنىمىزنى ۋە يولدا نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرنى
تارتىدىغانلىقىمىزنى كۆردۈم » دېدى. ئەبۇ سەھىل مەسىھى: « ھەممىمىز
ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغۇچىلارمىز. بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە ھاياتىمنى
ساقلاپ قېلىشىمنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئىككى كۈندىن كېيىن بالا-قازا
يۇلتۇزى ماڭا چۈشىدۇ. ئېھتىمال ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالماسلىقىم
مۇمكىن.بۇندىن كېيىن، بەلكىم روھىمىز كۆرۈشىشى مۇمكىن » دېدى.

ئۇلار داۋاملىق يول يۈردى. ئەبۇ ئەلى سىنانىڭ ھېكايە قىلىشىچە، تۆتىنچى
كۈنى بوران چىقىپ، قۇم-توپىلار ئۇچۇپ، ئاسمان قاراڭغۇلاشتى. قۇم-بوران
يوللارنى پۈتۈنلەي كۆمۈۋەتكەنىدى. ئۇلار يولدىن ئادىشىپ قېلىشتى. بوران
توختىغاندىن كېيىن، يول باشلىغۇچىمۇ قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بىلەلمىدى. ئەبۇ
سەھىل مەسىھى خارەزىمنىڭ قاتتىق ئىسسىق باياۋانىدا ئۇسسۇزلۇقتىن مەڭگۈلۈك
ئۇ ئالەمگە رىھلەت قىلدى.

يول باشلىغۇچى ۋە ئەبۇ ئەلى سىنا مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن ئاخىرى باۋەردكە يېتىپ كەلدى….


يەنە مۇشۇ كىتاپتىكى « نۇجۇم ئىلمىنىڭ ماھىيىتى ۋە مۇنەججىملەرنىڭ كامىل ئىلمى »نىڭ باشلانمىسدا مۇنداق بايانلار قەيت قىلىنغان :

ئەبۇ رەيھان بىرۇنىنىڭ « كىتابۇتتەفھىم فى سەنائەتۇتتەنجىم » (ئىلمى نۇجۇم)
دېگەن كىتابىنىڭ بىرىنچى بابىدا: « بىر ئادەم تۆت خىل ئىلىمدىن خەۋەردار
بولمىسا مۇنەججىم دېگەن نامغا سازاۋەر بۇلالمايدۇ. بۇ تۆت خىل ئىلىم
تۈۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. ھەندەسە(گېئومېتىرىيە)؛ 2.
ھېساب(ماتېماتىكا)؛ 3. ھەيئەت(ئاسترونومىيە)؛ 4. ئەھكام(ئىلمىي نۇجۇم) »
دەپ يېزىلغان.

ھەندەسە(گېئومېتىرىيە)بولسا سىزىق، تەكشىلىك، مۇجەسسەمات (ستېرېئومېتىرىك
ئۆلچەش يەنى بوشلۇقتىكى ئۆلچەش) ھەمدە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى
يەنى ئۇلارنىڭ شەكىللىنىش قۇرۇلمىسى ۋە ھالىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.»

« ھېساب(ماتېماتىكا) بولسا سان بىلەن سان ئوتتۇرىسىدىكى يەنى بىر-بىرىنىڭ
بارلىققا كېلىش ۋە بىر-بىرىنىڭ يوق بولۇش مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان
ئىلىمدۇر.مەسىلەن: ئىككىگە بۆلۈش ئۇسۇلى، ھەسسىلەش، قۇشۇش، ئېلىش،
كۆپەيتىش، بۆلۈش، جەبرۇ مۇقابىلە(ئالگېبىرالىق ھېساپلاش)قاتارلىقلار.»

« ھەيئەت(ئاسترونومىيە) ئىلمى بولسا ئاسمان جىسىملىرى سىستېمىسىنىڭ ئەھۋالى
ۋە ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمدۇر. مەسىلەن:
كەۋاكىب(ئاسمان جىسىملىرى)نىڭ سۈپەت ۋە سانى ھەمدە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى
مۇناسىۋەت قاتارلىقلار. ھەر بىر كورەھا(سەييارىلەر)نىڭ ھەرىكىتى ۋە
ئەھۋالى، يۇلتۇزلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە ھەرىكەت دائىرە (ئوربىتا،
يول) قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. ھەيئەت ئىلمىگە دائىر « مەجەستى »(بۈيۈك
تەرتىپلەر) دېگەن ئەسەر ۋە نىرىزنىڭ ئەسىرىدە بۇ ئىلىمنىڭ پىرىنسىپلىرى
ناھايىتى ئىنچىكە بايان قىلىنغان ۋە شەرھىلەنگەن. ئىلمى زىج
(ئاسترونومىيىلىك ھىسابلاش ئىلمى) ۋە ئىلمى تەقاۋىم (كالىندارچىلىق ئىلمى)
ھەيئەت ئىلىمىدىن بۆلۈنۈپ چىققان ئىلىمدۇر.

ئەھكام(ئىلمىي نۇجۇم) ئىلمى بولسا ھەيئەت(ئاسترونومىيە) ئىلىمىدىن بۆلۈنۈپ
چىققان بىر تارماق ئىلىمدۇر. ئۇ قىياس قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىلىدۇ.يەنى
يۇلتۇزلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، پايدا ۋە زىيان ھادىسىلىرى ھەمدە
ئون ئىككى بۇرۇجنىڭ ھالەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىرىغا ھۆكۈم قىلىش ،
مەسىلەن: دۆلەت ياكى شەھەرلەردە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقە، مەدەن،
ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتى، شۇنداقلا يۇلتۇزلارنىڭ
ھەرىكەت ئوربىتىسى ۋە ھالەتلىرىگە ئاساسەن خەيرىلىك كۈنلەرگە ھۆكۈم قىلىش
قاتارلىقلار.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بارلىق ئىلىملەر ئەبۇ مەئشەربەلخى ، ئەھمەد
ئابدۇلجەلىل سەجىزى، ئەبۇ رەيھان بىرۇنى، گۇشيار جىلى قاتارلىقلارنىڭ
ئەسەرلىرى ئىچىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

مۇنەججىملەر جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن پاك، ئاق كۆڭۈل بولىشى، ھەمدە يەنە
بىر خىل قەتئى بوشاشمايدىغان روھقا ئىگە بۇلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا
چوڭقۇر، سىرلىق تىلسىماتلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بېشارەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى
سۈرەلەيدۇ. مۇنەججىملەر پال ئاچقاندا بىر شەرت باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ
تەلىيى ۋە سائادىتى كەلگەن پەيتتە، يەنى خەيرىلىك كۈنلەردە پال ئېچىشى
كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئېيتقان قىياسلىرى چوقۇم ئەمەلدە
كۆرۈلىدۇ.»

دېمەك ئاسترونومىيە ئاسمان جىسىملىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ
ئاساسلىقى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى، ئاسمان جىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى
ئۆز-ئارا تەسىرلەر، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆزىدىكى فىزىكىلىق ھالەتلەر ۋە
ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش، ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان يۈكسەك
ئىلمىيلىكنى تەلەپ قىلىدىغان بىر پەن.

ئىلمىي نۇجۇمنىڭ چېتىلىدىغان دائىرسى ھەرخىل-ھەر ياڭزا بولۇپ ئۇنى بىر-ئىككى بەت سۆز بىلەن ئىزاھلاش ئاسان ئىش ئەمەس….

ئەمدى ماقالىمىزنىڭ ئاساسى مۇددىئاسى بولغان تۈۋەندىكى مەزمۇنلارغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.


تېببىي نۇجۇم توغرىسىدا


تېببىي نۇجۇم توغرىسىدىكى شەرھلەر مەزمۇن قىلىنغان
ماتېرىياللار بىزنىڭ نەشىرياتلىرىمىزدىن چىقمىدىمۇ ياكى خەلقىمىز ئىچىدە
بېسىلىپ يېتىلىپ نەشىرياتلارغا سۇنۇلمىدىمۇ ۋە ياكى بارلىرىنى مەن
ئۇچرىتالمىدىممۇ شۇڭا مەن بۇ توغرىسىدا ھاجى ئابدۇلھەمىد ئەلىنىڭ-«
ئۇيغۇرلاردىكى تېببى ئاسترونومىيە قاراشلىرى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
تېزىسلىرى» – (« ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى » ژورنىلىنىڭ 1998-يىلىدىكى 3-سانىغا
بېسىلغان) دېگەن ماقالىسىدىن بەزى بايانلارغا قايتىشنى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ
قارىدىم :

« …نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقاتى ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە
ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقاتىدىكى ئالاھىدە بىر
تەتقىقات تۈرى بولغان ئۇيغۇرلاردىكى « تىببى ئاسترونومىيە » قاراشلىرى
ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى. ئەمەلىيەتتە تېبابەت ئىلمى ئىنسانلارنىڭ
ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پەن بولۇپ، ئىنسانمۇ
تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى. شۇنداق ئىكەن، ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈش
فىزىئولوگىيىسى ۋە كىسەللىك ئۆزگۈرىشىمۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەرخىل
ئۆزگۈرۈشلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

بۇ نۇقتا ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن بايقالغان ھەم بۇ توغرىسىدا مەخسۇس
تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. ناھايىتى
بۇرۇن نۇرغۇن قېتىملاپ ئەمەلىي كۆزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق
داۋاسازلىق ئىشلىرىدا چوقۇم ئاسترونومىيىلىك قانۇنىيەتكە رىئايە قىلىشنىڭ
زۆرۈرلىكى تونۇپ يېتىلىپ، بۇ ھەقتە ناھايىتىمۇ قىممەتلىك بولغان مىراسلار
قالدۇرۇلغان. مەسىلەن: قولىمىزدا نەق بار ئۇيغۇر تىببى كلاسسىك
ئەسەرلىرىدىن « قارا بادىن كەبىرى » نىڭ بىرىنچى تومىدا مەخسۇس يەككە
دورىلارنىڭ تەبىئىيتىنى يۇلتۇزلارنىڭ تەبىئىيىتى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرگەن
ۋە دورا ياساش ھەم ئىشلىتىشتە يۇلتۇزلارنىڭ دەۋرىگە رىئايە قىلىش لازىملىقى
ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى
مەزگىللىرىدە مۇھەممەت ھاشىم دېگەن كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان « كەشپۇل
ئەسرار » (كۆچۈرۈلگەن قول يازما) دېگەن كىتابتا تۈرلۈك كىسەللىكلەرگە
دىئاگنوز قۇيۇشتا يۇلتۇزلارنىڭ دەۋرىگە ئاساسلىنىش ئۇسۇللىرى بايان
قىلىنغان. ئوردۇ تىلى بىلەن تاش مەتبەئەدە 1864-يىلى بېسىلغان « ئەنۋارى
نۇجۇم ۋە ئاپتاپى نۇجۇم » دېگەن كىتابتا تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا
بولۇشىنىڭ يۇلتۇزلار دەۋرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ تەدبىرى بايان
قىلىنغان. مەشھۇر تېۋىپلىرىمىزدىن فارابى ، ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا، يۈسۈپ
خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، جامال قارشى قاتارلىق كلاسسىكلىرىمىزنىڭ
تېبابەت نەزەرىيە ئاساسلىرىدىكى تىببى ئاسترونومىيىلىك قاراشلىرىنى مىسال
قىلىش مۇمكىن.يېقىنقى زامان ھۆكۈمالىرىمىزدىن قەشقەرلىك ھەيدەر ئاخۇنۇمنىڭ
شاگىرىتى سوفى ئاخۇنۇمنى مىسال قىلىش مۇمكىن. بۇ زات ھەققىدە ئىبراھىم
نىياز « تارىختىن قىسقىچە بايانلار » دېگەن كىتابىنىڭ 29- بېتىدە مەلۇمات
بېرىپ « بۇ كىشىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى ‹ تىپى لوقمان › سىستېمىسىدا بولۇپ،
كېسەل داۋالاشتا قۇشلار ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن تەييارلانغان دورىلار بىلەن
سانسىزلىغان ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتقان. ئۇ ئىلمىي نۇجۇمدىن خېلى
مەلۇماتلىق بولغاچقا كېسەللىكلەرنى يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ
تەكشۈرۈش، كېسەل كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىش ئۇنىڭ
داۋالاشتىكى ئالاھىدىلىكى ئىدى » دېگەن. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن
مەشھۇر تېۋىپلىرىمىزدىن تەجەللى ھەزرەتمۇ « تېببىي ئاسترونومىيە » گە
ناھايىتى كامىل زات ئىدى. بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا كىشىنى ھەيران
قالدۇرىدىغان نۇرغۇن رىۋايەتلەر بار. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە ھېس
قىلغانلىرىمدىن بولسا، خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك
شىپاخانىسىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالىرىمىزدىن ئىمىننىياز ئاخۇنۇم، ئەمەت ھاجىم،
تۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇم، تۇردى ھاجىم، غۇجى باھاۋۇدۇن ھاجىم قاتارلىقلارمۇ
كېسەل كۆرۈش، دورا بېرىشتە « تېببىي ئاسترونومىيە» بىلىملىرىگە پۇختا
بولغاچقا ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەرگە، روھى ھالەتكە، شارائىتقا،
دورىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلاتتى. شۇنداق بولغاچقا
ئۇلارنىڭ دىئاگنوزى توغرا، بۇيرۇغان دورىلىرى ھەم ئەرزان، ئۈنۈمى يۇقىرى
بۇلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خەلقىمىزنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.

بىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى تۆت چوڭ ماددا يەنى
ئوت، شامال، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت بولۇپ بۇ تۆت ماددا تەبىئەتتە مەۋجۇت
بولۇۋاتقان، بىر-بىرىگە زىت بولغان، ئەمما بىر-بىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن يەنە
بىرىكىپ، ئسۈملۈكلەردە ئۈندۈرمىنى، ھايۋانلاردا تۆرەلمىنى، مەدەنلەردە
مۇئەييەن بىر جىسىم شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ- دەپ قارىلىدۇ. تەبىئەت
ھادىسىلىرىدىن قارىساق پەسىل تۆت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىمۇ بىر-بىرىگە
ئوخشىمايدۇ، ئەمما يەنىلا بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە.
شۇنداقلا ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ مەيلى باتىنى ياكى زاھىرى قىسمىدا پەيدا
بولغان ھەرخىل كېسەللىك بولسۇن ھەممىسى شۇ تۆت خىل ماددىنىڭ ئىپادىسى
بولغان تۆت خىل ھالەت يەنى سەپرا، قان، بەلغەم ۋە سەۋدانىڭ نورمال ۋە غەيرى
نورمال بۇلىشىغا باغلىق بولىدۇ. شۇنداقلا يۇلتۇزلارنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى
ئوخشىمىغان بولغاچقا بىز ياشاۋاتقان بۇ ماكانغا بولغان تەسىرىمۇ
ئوخشىمايدۇ. ئەجدادلىرىمىز بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ ئىزدىنىش ئارقىلىق
مۇكەممەل بولغان بىر نەزەرىيىۋى ئاساسنى ئورناتقان. مەسىلەن: «
قۇتادغۇبىلىك » ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارمۇ قۇياشنىڭ ئىكلىپتىكا ھەرىكەت
يولىدىكى نۇرغۇن يۇلتۇزلارنى 12 بۇرجقا بۆلۈپ، ھەر 3 بۇرجنى بىر پەسىلگە،
بىر يىلنى تۆت پەسىلگە ئايرىغان. ئۇنىڭ ئايرىش ئۇسۇلىدا ئەتىياز پەسىلدە
قۇياش ھەمەل، سەۋر، جەۋزا بۇرجلىرىدا تۇرىدۇ؛ ياز پەسلىدە سەرتان، سۇناپە،
ئەسەد بۇرجلىرىدا تۇرىدۇ؛ قىش پەسلىدە جەدى، دەلۋە، ھود بۇرجلىرىدا تۇرىدۇ.
ئەمما ھەمەل، ئەسەد، قەۋس بۇرۇجلىرىنىڭ تەبىئىتى ئاتەش؛ سەۋرى، سۇناپە،
جەدى بۇرجلىرىنىڭ تەبىئىتى تۇپراق؛ جەۋزا، مىزان، دەلۋە بۇرجلىرىنىڭ
تەبىئىتى شامال؛ سەرتان، ئەقرەب، ھود بۇرجلىرىنىڭ تەبىئىتى سۇ بولىدۇ – دەپ
قارايدۇ.شۇنىڭدەك زىمىنىدىن باشقا قۇياش ۋە ئاي ،مارس(مىرغا)،
مىركۇرىي(ئاتارۇد)، مۇشتىرى(يۇپىتىر)، زۆھرە(ۋېنىرا)، زۈھەل(ساتورن)
قاتارلىقلارنىمۇ ئاناسىر ئەربەئە بويىچە قۇياشنى قۇرۇق ئىسسىق، مارىسنى
قۇرۇق ئىسسىق، ئاينى ھۆل سۇغۇق، مىركۇرىينى مۆتىدىل، مۇشتىرىنى قۇرۇق
سۇغۇق، زۆھرەنى ھۆل ئىسسىق ، زۆھەلنى قۇرۇق سۇغۇق دەپ 12 بۇرۇج بىلەن 7
سەييارىنى ئۆز خۇسۇسىيەتلىرىگە ماس ھالدا زىچ بىرلەشتۈرۈپ 12 بۇرجنى سابىت
يۇلتۇزلار، 7 سەييارە شۇ سابت يۇلتۇزلارنى دەۋىر قىلىپ ئايلىنىپ
تۇرىدىغانلىقىنى، ئەگەر مەلۇم بىر سەييارە ئايلىنىپ ئۆز خۇسۇسىيىتىگە ماس
بۇرجقا كەلگەندە شۇنىڭغا ماس خۇسۇسىيەتنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى؛
ئەگەر ماس كەلمىسە ئۇنىڭ شۇ خىل ئۆز خۇسۇسىيىتىنىڭ ھېچقانداق رۇلى
بولماستىن، بەلكى زىت ئەھۋاللارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
مەسىلەن: شامالغا تەئەللۇق سەييارە، تۇپراققا تەئەللۇق بۇرجقا كىرسە بوران
چىقىدۇ. ھەم قان بىلەن سەۋدا ئارلىشىپ كېتىپ ياكى غەيرى قاننى ياكى غەيرى
سەۋدانى پەيدا قىلىپ شۇ خىل كېسەلنىڭ پەيدا بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ
قارايدۇ ۋە باشقىلار.

ھازىرقى زامان ئاسترونومىيىسى شۇ نەرسىنى ئىسپاتلىدىكى، 12 بۇرج ئۆز ئىچىگە
ئالغان ئىكلىتىپكا 12 يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ فىزىكىلىق ۋە
خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئەسلا ئوخشىمايدۇ.شۇڭا يەرشارىدىكى ھەر بىر
ھاياتلىق، ھەر بىر ماددا، ھەر بىر تەبىئى ھادىسە ۋە تەبىئى ئاپەت ھەم
تۈرلۈك كېسەللىكلەر ئاشۇ سەييارىلەرنىڭ يەرشارىغا بولغان تۈرلۈك فىزىكىلىق
تەسىرلىرىنىڭ سىرتىغا چىقمايدۇ.

دېمەك، يۇقىرىقى بايانلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز
ئۆز ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ، تەبىئەت ھادىسىلىرىگە بولغان تونۇشى،
كۆزىتىشى، يەكۈنلىشى ئاستىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن ئىلمىي قاراشلىرىنى تېبابەت
ئىلمىگە سىڭدۈرۈپ ئالاھىدە ھەم ئۆزگىچە بولغان تىببى ئاسترونومىيە
قائىدىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە ئۇنى تېببىي ساھەدە قوللىنىپ،
ئىنسانلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش
ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىلىم-پەن تەرەققى قىلغان
بۈگۈنكى كۈندە، بىز يەنىلا تارىخىي مىراسلاردىن ئايرىلغىنىمىز يوق ھەم
ئايرىلالمايمىز. بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ھەم ئىلمىي
ئاساسى كۈچلۈك بولۇپ، نەزىرىيىسى ۋە ئەمىلىيىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا
ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان ئەنئەنىلىرىمىزدىن يىراقلاپ كېتەلمەيمىز. ئەكسىچە
ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ رۇلىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا تارىخىي
مىراسلارنى كۆپلەپ قېزىشقا ھەم ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا توغرا
كېلىدۇ. بۇ جەھەتتە تىببى ئاسترونومىيە ئىلمىنى قېزىش، رەتلەش، شاكىلىنى
ئېلىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش ھەم ئۇنى يېڭى تېببىي ئۇتۇق سۈپىتىدە
دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ
زۆرۈر.»

ئەزىز ئۇقۇرمەنلەر يۇقۇردىكى ماقالىدا قەيت قىلىنغىنىدەك مەيلى ئۇيغۇر
تىبابىتى ياكى باشقا تىبابەتتە بولمىسۇن ۋەياكى ھازىرقى زامان ئىلىم – پەن
تەتقىقاتىدا بولمىسۇن ئادەم ئورگانىزىمى ئۆزىنىڭ سان-سۈپەت ۋە ھاياتلىقىنى
ساقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن سىرىتقى دۇنيادىن ئۈزىگە كېرەكلىك ماددىلارنى قوبۇل
قىلىشى ھەم كېرەكسىزلىرىنى توختاۋسىز چىقىرىپ تۇرىشى ئاساسى شەرت ، مانا بۇ
ئاددى ساۋاتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى ئادەم تەبىئەتنىڭ ئايرىلماس بىر
قىسمى، خۇددى مۇھىتىمىزدا يۇد ماددىسى كەم بولسا بوينىمىزغا بىر پارچە
ئارتۇق گۆش( يەنى پۇقاق) چىقىپ سان – سۈپەت ۋە ھەجىمىمىزدە ئۆزگۈرۈش پەيدا
قىلغىنىغا ئوخشاش، ئەتراپىمىزدىكى كىچىك مۇھت چوڭ مۇھىتنىڭ تەسىرىگە، چوڭ
مۇھت ئالەمدىكى تېخمۇ چوڭ مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن . (بۇيەردىكى
مەن دېمەكچى بولغان «تېخىمۇ چوڭ مۇھت» چەكسىز ئالەمنى كۆرسىتىدۇ) دېمەك،
ئادەم ئورگانىزىمى –ئالەمنىڭ تەسىرىنى ۋاستىلىك ياكى بىۋاسىتە قوبۇل
قىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلغان تەسىرگە مۇناسىپ ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىپ ئۆزىنىڭ
مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش بىلەن بىرگە مۇناسىپ تەسىر تارقىتىدىغان ئالەم
تەڭپۇڭلۇق زەنجىرىدىكى دائىملىق بىر ھالقا، ئالەم گويا ساتاردىكى باش تار
بولسا ئادەم ساتاردىكى باش تارغا مۇناسىپ تۈزۈلگەن قۇشۇمچە تار، باش تارنىڭ
تىترىشىدىن چىققان ئاۋاز دولقۇنى ئۈزىگە مۇناسىپ تۈزۈلگەن قۇشۇمچە تارغا
يۇلۇققاندا ئاۋازى كۈچىيىپ مۇڭ چىقىرالامدىكىن دەيمەن.

ھېلىھەم بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان گېرمانىيىنىڭ 3- قېتىملىق تۇرپان
ئارخىئولوگىيە ئەترىتى تۇرپاندىن قولغا چۈشۈرگەن تېبابەتچىلىككە ئائىت
يازما يادىكارلىقنىڭ پارچىلىرىدا(قوچۇ‹ئىدىقۇت› ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە
كۆچۈرۈلگەن)

« كىمنىڭ تېنىگە سۈگەل چىقسا، ئىككى كۈنلۈك ئاينى كۆرگەندە يەرگە سىيىپ
لېيىنى ئېلىپ سۆگەلگە سۈرتسە، سۈگەل يۇقايدۇ » دېگەندەك تېببىي مەلۇماتلار
بېرىلگەن. مانا بۇنىڭدىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ داۋالاش ۋە دورىگەرلىك
جەھەتلەردە تېببىي نۇجۇمدىن خېلى بۇرۇنلا پايدىلانغانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس
ئەمەس.


يۇلتۇزلار ۋە سەييارىلەر توغرىسىدا


يۇلتۇزلار توغرىسىدا سۆزلەشكە توغرا كەلسە بەلكىم ئاسماندىكى
ھەر بىر يۇلتۇز ئۈچۈن ئوندىن كىتاب پۈتۈپ چىقىدۇ دېسەك ھەرگىزمۇ
ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ ئەلۋەتتە. سەھىپىمىزنىڭ قىسلىقى تۈپەيلى بۇيەردە
مەن ئىخچامغىنا ئىزاھاتلارنى سۇنۇپ ئۆتەي:

ھاۋا ئۇچۇق ئاخشىمى پىلىلداپ چاقنىغان يۇلتۇزلارنى كۆرىمىز. ئاسماندىكى
يۇلتۇزلارغا زەن سالساق، پىلىلداپ تۇرغانلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى،
پىلىلدىماي بىر خىل نۇر تارقىتىپ تۇرغانلىرىنىڭ ناھايىتىمۇ ئازلىقىنى ياكى
يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.بۇ يەردىكى پىلىلداپ تۇرغان
يۇلتۇزلار- تۇرغۇن يۇلتۇزلار دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بولغان
ئارىلىقى ناھايىتىمۇ يىراق بولۇپ، ئۇنى كىلومېتىر بىلەن ئىپادىلىسەك خۇددى
دەريا سۈيىنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى تامچە ئارقىلىق ، بىر دۆۋە خاماندىكى
بۇغداينىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى بۇغداي دانچىسىنىڭ سانى بىلەن ئىپادىلىگەندەك
بولۇپ قالىدۇ.شۇڭلاشقا يۇلتۇزلارنىڭ ئارىلىقلىرى ئادەتتە «ئاسترونومىيە
بىرلىكى»(قۇياش بىلەن يەرشارىنىڭ ئارىلىقى 150 مىليون كىلومېتىر بولۇپ بۇ-
بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى بولىدۇ) ياكى يۇرۇقلۇق يىلى(ئادەتتىكى نۇرنىڭ
بىريىل ئىچىدە بىسىپ ئۆتكەن ئۇمۇمى مۇساپىسى بىر يۇرۇقلۇق يىلى بولىدۇ)
بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئاسترونوملار يۇلتۇزلارنىڭ يۇرۇقلۇق دەرىجىسىنى
دەرىجىگە ئايرىغان يەنى ناھايىتى يورۇقلىرى 1- دەرىجىلىك يۇلتۇز، ئۇنىڭدىن
قالغانلىرى 2-دەرىجىلىك يۇلتۇز، 3- دەرىجىلىك يۇلتۇز…كۆز بىلەن كۆرگىلى
بولىدىغان ئەڭ خىرە يۇلتۇزنى 6-دەرىجىلىك يۇلتۇز دەپ ئايرىدى. تەپسىلى
ساناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا پۈتۈن بىر كۈندە كۆز بىلەن كۆرگىلى
بۇلىدىغان يۇلتۇزنىڭ سانى ئادەتتە كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىدەك كۆپ
بولمايدۇ. مەسىلەن: 1-دەرىجىلىك يۇلتۇزدىن جەمئىي 20 سىلا، 2-دەرىجىلىك
يۇلتۇزدىن 46 سى، 3- دەرىجىلىك يۇلتۇزدىن 134، 4-دەرىجىلىك يۇلتۇزدىن 458،
5-دەرىجىلىك يۇلتۇزدىن 1476 سى، 6- دەرىجىلىك يۇلتۇزدىن 4840 ى بار.
ھەممىنى قوشقاندا 6974 چىقىدۇ.

بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئاسماننىڭ يېرىمىنىلا كۆرەلەيدۇ، ئۇنىڭ قالغان
يېرىمى ئۇپۇق ئاستىدا قالىدۇ، ئۇنى بىز كۆرەلمەيمىز شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرقانداق
ۋاقىتتا بىز ئاسماندىن كۆرەلەيدىغان يۇلتۇز ئاران 3000ئەتراپىدا چىقىدۇ.

ئەگەر كۆزىمىزنى تېلىسكوپ بىلەن قوراللاندۇرساق، ئەھۋال زور دەرىجىدە
ئوخشىمايدۇ. ھەتتا ئەڭ كىچىك تېلىسكوپ بىلەن قارىغاندىمۇ 50مىڭدىن ئارتۇق
يۇلتۇزنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، زامانىۋى تېلىسكوپ ئارقىلىق كۆرگىلى
بولىدىغان يۇلتۇز ئاز دىگەندە بىر مىلياردتىن ئاشىدۇ. ئەمەلىيەتتە،
ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانى ھەرگىز بۇنىڭلىق بىلەن چەكلەنمەيدۇ.بەزى
يۇلتۇزلارھەقىقەتەن بىزدىن بەكمۇ يىراقتا بولغاچقا ئەڭ چوڭ تېلىسكوپ
ئارقىلىقمۇ ئۇلارنىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئىنتايىن يىراقتىكى بەزى
يۇلتۇزلار سىستېمىسى غايەت زور تېلېسكوپتا پەقەت تۇتۇق نۇرلۇق داغ بولۇپ
كۆرۈنىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئىچىگە نەچچە يۈز مىلىيارد يۇلتۇز يۇشۇرۇنغان
بولىدۇ.


قۇياش(Sun)


قەدىمدىكى ئاتىلىشى: شەمس ، ياشىق


بىر تۇتاش بەلگىسى:


بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇز ئەلۋەتتە قۇياش ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ
بىز بىلەن ئارىلىقى 150 مىليون كىلومېتىر بولۇپ، قۇياشتىن تارقالغان نۇر
499 سېكۇنت(تەخمىنەن8.3 مىنۇت) ئىچىدىلا يەر شارىغا يېتىپ
كېلەلەيدۇ.قۇياشتىن باشقا يەرشارىغا ئەڭ يېقىن شۇنداقلا كۆزىمىز بىلەن
كۆرەلەيدىغان يۇلتۇز سېنتاۋۇراس((centaurus يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى رىگىل كېنت
(rigil kent بەزى كىتاپلاردا تالىماك دېيىلگەن) يۇلتۇزى بولۇپ، بىز بىلەن
بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 41تىرلىيون كىلومېتىر كېلىدۇ.بۇ سان قۇياشنىڭ بىز
بىلەن بولغان ئارىلىقىدىن 270ھەسسە ئارتۇق. رىگىل كېنت يۇلتۇزىدىن چىققان
يۇرۇقلۇق تۆت يىل ئۈچ ئاي توققۇز كۈندىن كېيىن، ئاندىن يەرشارىغا يېتىپ
كېلەلەيدۇ.

قۇياش – قۇياش سىستېمىسىدىكى مەركىزى ئاسمان جىسمى، ئۇنىڭ ماسسىسى1027Í2
توننا بولۇپ، يەرشارى ماسسىسىنىڭ 330 مىڭ ھەسسىسىدىن كۆپرەككە توغرا
كېلىدۇ.دىئامېتىرى تەخمىنەن 1 مىليون 392 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارىنىڭ
109 ھەسسىسىگە تەڭ. مۇنداقچە سېلىشتۇرغاندا قۇياشنى بىردانە ۋاسكېتبولغا
ئوخشاتساق يەرشارىنى بىرتال قۇناق دېنىغا ئوخشتىش مۇمكىن.

قۇياش بىر چوڭ ئوت شارىغا ئوخشايدۇ، ئۇ ھەرۋاقىت غايەت زور ئېنېرگىيە
چىقىرىپ، يەرشارىغا يۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ئاتا قىلىدۇ. ئەمما يەرشارىنىڭ
قۇبۇل قىلالايدىغان قۇياش ئېنېرگىيىسى قۇياش ئۇمۇمى رادىئاتسىيە
ئېنېرگىيىسىنىڭ ئاران 2 مىلىيارد 200 مىڭدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.

قۇياش تاشقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرسى 6000 سېلسىيە گرادۇس بولۇپ قۇياش
مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرسى تەخمىنەن 15 مىليون سېلسىي گرادۇسقا يېتىدۇ.

قۇياش سىستېمىسى – قۇياش، سەككىز چوڭ سەييارە( ئەسلىدە توققۇز چوڭ سەييارە
ئىدى، 2006-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى خەلىقئارالىق ئاسترونومىيە ئىلمى بىرلەشمە
يىغىنىنىڭ 26-نۆۋەتلىك چوڭ يېغىنىدا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئاسترونومىيە
ئالىمىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن پلۇتون قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەر
قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلدى. چۈنكى ئۇ سەييارىلەردە بولىدىغان 3خىل شەرتنىڭ
بىرىگە چۈشمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىۋى قاراشتىكى «توققۇز سەييارە»
ئاتالغۇسىغا خاتىمە بېرىلىپ« قۇياش سىستېمىسىدىكى سەككىز چوڭ سەييارە
»دېگەن ئاتالغۇ مۇقىملاشتۇرۇلغان) ئاتمىشچە ھەمراھ، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان
كىچىك سەييارە ۋە نۇرغۇن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، ساناقسىز ئاقار يۇلتۇز
جىسىملىرى ھەمدە قۇياش سىستېمىسى بوشلۇقىغا تولغان سەييارىلەر ئارا
ماددىلاردىن تەشكىل تاپقان ئاسمان جىسىملىرى سىستېمىسىدۇر.

قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسى ئىنتايىن كەڭ. مەسىلەن: پلۇتوننى قۇياش
سىستېمىسىنىڭ چېگرىسى دەپ قارايدىغان بولساق ئۇنىڭ قۇياش بىلەن بولغان
ئارىلىقى 40 ئاسترونومىيە بىرلىكى بولۇپ، تەخمىنەن 6 مىلىيارد كىلومېتىر
كېلىدۇ. ئەگەر سائەتلىك سۈرئىتى 1500 كىلومېتىرلىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ
قۇياشتىن پلۇتونغا بارماقچى بولسىڭىز ئۇدا 457 يىل ئۇچۇشىڭىزغا توغرا
كېلىدۇ.

قۇياش بولسا بۇ سىستېما ئىچىدە مەركىزىي ئاسمان جىسمى بولۇپ قۇياش
سىستېمىسىدىكى بارلىق ئەزالار قۇياشنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىدۇ. سەككىز چوڭ
سەييارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يېقىندىن يىراققا بولغان
تەرتىپى مۇنداق:


  1. مېركۇرىي(Mercury)

  2. ۋېنېرا  (Venus)

  3. يەرشارى(Earth)

  4. مارس(Mars)

  5. يۇپىتىر(Jupiter)

  6. ساتۇرن(Saturn)

  7. ئۇران (Uranus)

  8. نېپتۇن(Neptune)


مېركۇرىي بىلەن ۋېنېرادىن باشقا قالغان ئالتە سەييارىنىڭ ئۆز ھەمراھى بار.


بۇ سەييارىلەر ئۆزى  نۇر تارقاتمايدۇ ئەمما قۇياشتىن كەلگەن
نۇرلارنى قايتۇرىدۇ.شۇڭا ئۇ بىزنىڭ كۆزۈمىزگە ئۇڭاي  چېلىقىش بىلەن بىرگە
باشقا يۇلتۇزلارغا ئوخشاش كۆرۈنۈشتە پىلىلدىماستىن بىرخىل ھالەتتە
كۆرۈنىدۇ.


مېركۇرىي(Mercury)


قەدىمدىكى ئاتىلىشى: ئاتارۇد، ئارزۇ


بىر تۇتاش  بەلگىسى:


مېركۇرىينىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 0.387 ئاسترونومىيە
بىرلىك بولۇپ تەخمىنەن 58 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇياش سىستېمىسى
ئىچىدىكى قۇياشقا ئەڭ يېقىن سەييارە .سىكۇنتىغا 47.89 كىلومېتىر تېزلىك
بىلەن قۇياشنى 87.969 كۈندە يەنى 0.24085 يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىپ
چىقىدۇ.ئۆز ئوقىدا 58.65 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ. مېركۇرىينىڭ
ھەمراھى يوق . ئۇنىڭ ھەجىمى قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى سەييارىلەر ئىچىدە
كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرۇپ ئەڭ كىچىك سەييارە پلۇتوندىن
چوڭ. ئۇنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولغانلىقتىن
كۈندۈزدىكى سىرىتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرسى 427 سېلسىي گرادۇسقا چىقسا
كىچىلىك تېمپېراتۇرسى نۆلدىن تۆۋەن 173 سېلسىي گرادۇسقا چۈشىدۇ. ئۆز ئوقىدا
ئايلىنىش دەۋرى 59 كۈن بولۇپ يەر شارىنىڭ كۈنىدە 176 كۈندە مېركۇرىيدا بىر
كېچە-كۈندۈز بولىدۇ، مانا بۇمۇ مېركۇرىي يۈزىنىڭ كېچە-كۈندۈزلۈك
تېمپېراتۇرىسىدا زور پەرقلەرنىڭ بولىشىدىكى بىر سەۋەب. ئۇنىڭ يۈزىنىڭ
تېمپېراتۇرسى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئىككى قوشنىسى ۋېنېرا ۋە
يەرشارىنىڭكىگە ئوخشاش قېلىن ئاتموسفېراسى يوق شۇ سەۋەپتىن مېركۇرىيدا
مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن ئاسمان ھەمىشە قاپقاراڭغۇ تۇرىدۇ، ۋېنېرا
بىلەن ئاي شارىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. مېركۇرىيدىكى ناھايىتى
شالاڭ بولغان ئاتموسفېرا قۇياشنىڭ شامىلىدىن كەلگەن غەنىيمەتلەر بولۇپ
ئۇنىڭ زىچلىقى يەرشارى ئاتموسفېراسىنىڭ %12 گە توغرا كېلىدۇ.ئاساسلىق
تەركىبى گېلىي(%42)، پارغا ئايلانغان ناترىي(%42)، ئوكسىگېن(%15)
قاتارلىقلار. ئۇنىڭ يۈزىدىكى تاغ جىنسلىرى قۇياش نۇرىنى كۆپلەپ سۈمۈرسىمۇ
قايتۇرۇشچانلىقى ئاران%8 بۇلغاچقا مېركۇرىي قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى ئەڭ
غۇۋا سەييارىلەرنىڭ بېرى بولۇپ قالغان.بىزنىڭ ئاسمىنىمىزدا مېركۇرىي
سۈبھىدە ياكى كۈندۈزدە پەيدا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن يەرشارىدا تۇرۇپ ئۇنى
كۆزىتىش نىسبەتەن قىيىنراق.


ۋېنېرا  (Venus)


قەدىمدىكى ئاتىلىشى: زۆھرە، سەۋىت، شۈكۈر


بىر تۇتاش  بەلگىسى:


ۋېنېرانىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 0.723 ئاسترونومىيىلىك
بىرلىك بولۇپ تەخمىنەن 108 مىليون كىلومېتىر. سېكۇنتىغا 35.03 كىلومېتىر
تېزلىك بىلەن قۇياشنى 224.701 كۈندە يەنى 0.61521 يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىپ
چىقىدۇ.يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرسى 465-485 سېلسىي گرادۇسقا يېتىدۇ. ۋېنېرادا
زىچ ئاتموسفېرا قاتلىمى بار، ئاتموسفېرادىكى كاربۇن4 ئوكسىدىنىڭ تەركىبى
ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ% 97 تىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.ئاتموسفېرانىڭ
تۆۋەن قاتلىمىدىكى كاربۇن4-ئوكسىدىنىڭ مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ %99 كە
يېتىدۇ، يەرشارىنىڭ يەر يۈزىگە يېقىن ئاتموسفېراسىدىكى كاربۇن4-ئوكسىدىنىڭ
مىقدارى ئاران %0.03 ؛ بۇنىڭدىن باشقا ۋېنېرا ئاتموسفېراسىدا يەنە ئاز
مىقداردا ئازوت، ئارگون، كاربۇن2 ئوكسىدى، سۇ پارى قاتارلىقلار بار.ۋېنېرا
يۈزىگە 30-40 كىلومېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىكتىكى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا
تامچىسىمان قويۇق سولفات كىسلاتاسىدىن تەركىب تاپقان ئىنتايىن قېلىن تۇمان
بار.

ۋېنېرا ئاتموسفېراسى %76 قۇياش نۇرىنى قايتۇرالايدۇ، شۇڭا ۋېنېرا ئاسماندا
بەك يۇرۇق كۆرۈنىدۇ. قالغان %24 قۇياش نۇرى ئەسلىدە ۋېنېرانىڭ يۈزىگە
چۈشكەندىن كېيىن ئالەم بوشلىقىغا قايتىپ كېتىشى كېرەك ئىدى. لېكىن
ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى قويۇق كاربون4 ئوكسىدى توسالغۇلۇق رولىنى ئوينايدۇ .
قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋېنېرانىڭ يۈز قىسمىدا بارغانسېرى
توپلىنىپ، تېمپېراتۇرسىمۇ بارغانسېرى ئۆرلەپ، ھازىرقى ئويلاپ يەتكۈسىز
دەرىجىگە يېتىپ، ئاتالمىش« پارنىك ئېففېكتى » نى ھاسىل قىلغان.


يەرشارى(Earth)


سەھىپىنىڭ قىسلىقى تۈپەيلى ئاي شارىنى ئۈزىگە ھەمرا قىلغان
ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق بىزگە تونۇش بۇ سەييارە ئۈستىدە
توختالماي ئۇنىڭ بىردىن-بىر ھەمراھى ئاي شارى ئۈسىتدە ئازراق توختىلايلى:


ئاي شارى(Moon)


قەدىمدىكى ئاتىلىشى: قەمەر، يالچىق


بىر تۇتاش  بەلگىسى:


ئاي- يەرشارىنىڭ بىردىن-بىر ھەمراھى بولۇپ يەرشارى بىلەن
بولغان ئارىلىقى يەرشارىغا ئەڭ يېقىنلاشقاندا 363300 كىلومېتىر
يىراقلاشقاندىكى ئارىلىقى 405500 كىلومېتىر بولۇپ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى
384401 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئېكۋاتۇر دىئامېتىرى 3476.2 كىلومېتىر،
يەرشارىنىڭ ماسسىسى ئاينىڭكىدىن 81 ھەسسە ، ھەجىمى 49 ھەسسە چوڭ. ئاي
سىرىتقى يۈزىنىڭ ئۇمۇمى كۆلىمى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كۆلىمىگىمۇ يەتمەيدۇ.

سىكۇنتىغا 1.023 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن يەرشارىنى 27 كۈن 7 سائەت 43 مىنۇت
11.559 سىكۇنتتا بىر ئايلىنىپ چىقىش بىلەن بىرگە ئۆز ئوقىدىمۇ بىر
چۆرگىلەپ چىقىشقىمۇ يەنە مۇشۇ ۋاقىت كىتىدۇ.ئاي يۈزىدە كەڭ تۈزلەڭلىكلەر
ئېگىز تاغلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن چوڭ-كىچىك كىراتىرلار(ئوتتۇرىسى بىر
پارچە يۇمىلاق تۈزلەڭلىك، ئەتراپى يۇمىلاق تاغ ھالقىلىرىدىن تۈزۈلگەن، تاغ
ھالقىلىرىنىڭ ئېگىزلىكى بىر قانچە مىڭ مېتىر كېلىدۇ) بار .ئايدا سۇ ، ھاۋا
يوق بولۇپ نۆۋەتتە مۇزنىڭ بارلىقى ئىنىقلاندى .ئاينىڭ ئاتموسفېرا ناھايىتى
يوق دىيەرلىك بولغاندىمۇ ناھايىتى شالاڭ-نېپىز. كېچىدىكى ئاتموسفېرانىڭ
تەركىبى ئارگون(%40)، نېئون(%40) ۋە گېلىي(%20) بولۇپ قۇياش چىققان ۋاقىتتا
ئاز مىقداردا مېتان ۋە ئاممونىيە قېتىلىدۇ. بەزى جايلىرىنىڭ
ئاتموسفېراسىدا ناھايىتمۇ ئاز مىقداردىكى ھىدروگېن، رادون، ناتىرىي،
پولونىي ۋە كالىي ئاتومى قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى بايقالدى.


مارس(Mars)


قەدىمدىكى ئاتىلىشى: مىرىخ، كۇرۇد، ئاڭراق


بىر تۇتاش  بەلگىسى:


مارسنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 1.524 ئاسترونومىيىلىك
بىرلىك، تەخمىنەن 228 مىليون كىلومېتىر. سېكنوتىغا24.13 كىلومېتىر تېزلىك
بىلەن قۇياشنى 686.980 كۈندە يەنى 1.88089 يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىپ
چىقىدۇ.ئۆز ئوقىدا 1.026 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ. مارس
ئاتموسفېراسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كاربون 4 ئوكسىدى بولۇپ %95.3 نى
ئىگىلەيدۇ.ئۇنىڭدىن قالسا ئازوت بولۇپ%2.7 نى ئىگىلەيدۇ، مارس
ئاتموسفېراسىدىكى سۇنىڭ مىقدارى يەر شارى ئاتموسفېراسىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ
ئاران مىڭدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. مارس يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرسى
20-140-سېلسىي گرادۇس ئارىلىقىدا.تۆت پەسىللىك ئۆزگۈرۈشى بار.

مارس كېچە ئاسمىنىدا خۇددى چوغدەك قىپقىزىل نۇر چاقنىتىدۇ. تېلىسكوپ بىلەن
قارىغاندا لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ئوت شارىغا ئوخشايدۇ.تەتقىقاتقا
ئاساسلانغاندا مارسنىڭ يۈز قىسمىدىكى تاغ جىنىسلىرىنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر
ماددىسى كۆپ ئىكەن.بۇ تاغ جىنسلار يىمىرىلىش رولىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قۇم-
توزانلارغا ئايلانغاندا، ئۇنىڭدىكى تۆمۈر ماددىلىرى ئوكسىدلىنىپ، قىزىل
رەڭدىكى تۆمۈر ئوكسىدىغا ئايلانغان. مارسنىڭ يۈزى ئىنتايىن قۇرغاق، سۇيۇق
ھالەتتىكى سۇ يوق، دائىم دېگۈدەك بوران چىقىدۇ. مۇشۇنداق قايتا-قايتا
داۋاملىشىپ تۇرىدىغان قۇم-بوران مارس يۈزىنى قېلىن تۆمۈر ئوكسىدى تۇزانلىرى
بىلەن قاپلاپ قويغان، نەتىجىدە مارسنىڭ يۈزى قىزىل كۆرۈنىدىغان بولۇپ
قالغان. قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىدە، مارس كېچىدە قىپقىزىل چوغدەك نۇر
چاقنىتىدۇ.

مارسنىڭ ئىككى ھەمراھى بولۇپ مارسقا يېقىنراقىنىڭ ئىسمى فوبۇس(Phobos) يىراقتىكىسىنىڭ ئىسمى دېيمىس (Deimos).


يۇپىتېر(Jupiter)


قەدىمدىكى ئاتىلىشى:مۇشتەرى، ئوڭاي

بىر تۇتاش بەلگىسى:

يۇپىتېر-قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ سەييارە بولۇپ ئۇنىڭ قۇياش بىلەن
بولغان ئارىلىقى 5.205 ئاسترونومىيە بىرلىك يەنى تەخمىنەن 778 مىليون
كىلومېتىر، سىكۇنتىغا 13.6 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن قۇياشنى 4332.589 كۈندە
يەنى 11.86223 يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ.ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىغا
0.41354 كۈن كېتىدۇ. ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىدىن مىڭ ھەسسىدىن
ئارتۇق.ماسسىسى قۇياش سىستېمىسىدىكى باشقا سەككىز سەييارىنىڭ يىغىندىسىدىن
ئېشىپ چۈشىدۇ.باشقا چوڭ سەييارىلەرگە ئوخشاش يۇپىتېرنىڭ قاتتىق ھالەتتىكى
سىرىتقى يۈزى يوق بولۇپ 966 كىلومېتىر قېلىنلىقتىكى بۇلۇت قەۋىتى بىلەن
قاپلانغان سىرىتقى يۈزى بار.تېلىسكوپ بىلەن كۆزەتكەندە بۇ بۇلۇت قەۋەتلىرى
يۇپىتېر يۈزىدە يول-يول كەتكەن ئالا-چىپار رەڭدىكى بەلۋاغلار بولۇپ
كۆرۈنىدۇ. يۇپىتېر ناھايىتى زور بولغان بىر گاز ھالەتتىكى سەييارە. ئەڭ
سىرىتقى قەۋىتى ئاساسلىقى مولېكۇلا ھالەتتىكى ھىدروگېندىن تەشكىل تاپقان
قېلىن ئاتموسفېرا بولۇپ چوڭقۇرلىغانسېرى تەدرىجىي سۇيۇق ھالەتكە ئۆزگۈرىدۇ.
يۇپىتېرنىڭ ئاتموسفېرا بۇلۇت چوققىسىدىن 10مىڭ كىلومېتىر تۆۋىنىدە سۇيۇق
ھالەتتىكى ھىدروگېن بىر مىليون بار يۇقىرى بېسىم ۋە ئادەتتىن تاشقىرى
يۇقىرى تېمپېراتۇر ئاستىدا سۇيۇق ھالەتتىكى مېتال ھىدروگېنغا ئايلانغان.
يۇپىتېرنىڭ مەركىزى سىلىكات تۇز تاشلىرى ۋە تۆمۈردىن تەركىب
تاپقان.يۇپىتېرنىڭمۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى باشقا چوڭ سەييارىلەردە بۇلىدىغان
ئالاھىدىلىكلەرگە ئوخشاش نۇر ھالقىسى بار بولۇپ ئاساسلىقى كىچىك تاش
پارچىلىرى ۋە قار كاللەكلىرىدىن تۈزۈلگەن. يۇپىتېرنىڭ نۇر ھالقىسىنى
كۆزەتمەك بەكلا تەس، ساتۇروننىڭكىدەك بە ھەيۋەت كۆرەنمىسىمۇ تۆت ھالقىغا
بۆلۈنگەن.نۇر ھالقىسىنىڭ كەڭلىكى 6500 كىلومېتىر ئەمما قېلىنلىقى 10
كىلومېتىرغىمۇ بارمايدۇ.

يۇپىتېرنىڭ 16 ھەمراھىنىڭ 12 سى كىچىكرەك، قالغان تۆتى چوڭ بولۇپ يۇپىتېر پەيدا بولغاندا بىرگە شەكىللەنگەن دەپ قارالماقتا.


ساتۇرن(Saturn)


قەدىمدىكى ئاتىلىشى: زۇھەل، سەكەنتىر، شانقار


بىر تۇتاش  بەلگىسى:


ساتۇرن قۇياش سىستېمىسىدىكى ئىككىنچى چوڭ سەييارە، دىئامېتىرى
119300 كىلومېتىر، ئۇنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 9.58 ئاسترونومىيە
بىرلىك يەنى تەخمىنەن 1مىلىيارد 430 مىليون كىلومېتىر، سىكۇنتىغا 9.64
كىلومېتىر تېزلىك بىلەن 10759.2 كۈندە يەنى 29.4577 يىلدا قۇياشنى بىر
ئايلىنىپ چىقىدۇ. ئۆز ئوقىدا 10سائەت 39 مىنۇتتا بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ.

ساتۇرن قوشنىسى يۇپىتېرغا ناھايىتى ئوخشاپ كىتىدۇ، سىرىتقى يۈزى سۇيۇق
ھالەتتىكى ھىدروگېن بىلەن گېلىي، ئاتموسفېراسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى
ھىدروگېن، ئۇندىن قالسا ئاز مىقداردىكى گېلىي ۋە مېتان. ساتۇرن قۇياش
سىستېمىسىدىكى بىردىن بىر زىچلىقى سۇنىڭ زىچلىقىدىن تۆۋەن بولغان سەييارە.
ئۇنىڭ بۇلۇت قەۋىتىمۇ يۇپىتېرنىڭكىدەك نەقىشلىك ئەمما غۇۋاراق. كىشىنى
بەكراق جەلپ قىلىدىغىنى ئۇنىڭ نۇر ھالقىسى بولۇپ قۇياش سىستېمىسىدىكى
يۇپىتېر بىلەن ئۇراننىڭمۇ نۇر ھالقىسى بولغىنى بىلەن ساتۇرىننىڭكىدەك يورۇق
ۋە جەلپ قىلارلىق ئەمەس.كىشىلەر يەرشارىدا تۇرۇپمۇ كىچىك بىر تېلىسكوپ
بىلەن ئۇنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ.نۇر ھالقىسىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 274000
كىلومېتىر، قېلىنلىقى ئاران 10 كىلومېتىر ئەتراپىدا ، نۇر ھالقىسىنىڭ
كەڭلىكىگە يەرشارىنى دوملاتساق خۇددى ۋاسكېتبولنى پىيادىلەر يۇلىغا قويۇپ
دوملاتقاندەك بولىدۇ. نۇر ھالقىسى 7 بولۇپ ئاساسلىقى مۇز ، چاڭ- توزان ۋە
تاش پارچىلىرىدىن تەركىب تاپقان.تەخمىنەن ھەر 15 يىلدا بۇ نۇر ھالقىسى
يوقاپ كېتىپ يەنە پەيدا بولىدۇ.سەۋەبى بۇ سەييارە ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا
ئۇنىڭ نۇر ھالقىسى ئوخشاش بولمىغان نوقتىدا بىزگە يۈزلىنىدۇ، ئۇنىڭ يان
تەرىپى يەرشارىغا يۈزلەنگەندە قارىسىڭىز ئۇنىڭ نېپىز نۇر ھالقىسى
كۆرۈنمەيدۇ.

ساتۇرننىڭ نۆۋەتتە رەسمى ئېتىراپ قىلىنغان ھەمراھىدىن 18 بار، بۇ ھەمراھلار
ئىچىدە ئەڭ چوڭى ھەم ئاتموسفېرا قەۋىتى بارلاردىن پەقەت تىتان (Titan)
ئىسىملىك بىرى بار.

ئۇران (Uranus)

بىر تۇتاش بەلگىسى:

ئۇران- قۇياش سىستېمىسىدىكى ئۈچىنچى چوڭ سەييارە، ئېكۋاتور دىئامېتىرى
51800 كىلومېتىر، قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 19.2 ئاسترونومىيە بىرلىك
يەنى تەخمىنەن 2 مىلىيارد 870 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ. سىكۇنتىغا 6.81
كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن 30685.4 كۈندە يەنى84.0139 يىلدا قۇياشنى بىر
ئايلىنىپ چىقىدۇ . ئۆز ئوقىدا 17سائەت 14 مىنۇتتا بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ.

ئۇراننىڭ ئاتمۇسفېراسى ھىدروگېن(%83)، گېلىي(%15)، مېتان(%2) ۋە ئاز
مىقداردىكى ئاتسېتىلېن بىلەن كاربون-ھىدروگېن بىرىكمىلىرىدىن تەركىب
تاپقان.

1977-يىلى ئۇراننىڭ9 ھالقىلىق نۇر ھالقىسى بايقالغان، ئۇراننىڭ نۇر ھالقىسى
يۇپىتېر ۋە ساتۇرننىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.ئەڭ سىرتىدىكى ۋە بەشىنچى ھالقىنىڭ
كۆپ قىسمى نەچچە ئىنگلىز چىسى كېلىدىغان مۇز پارچىلىرى بولۇپ پۈتكۈل ھالقا
ناھايىتى كىچىك چاڭ-توزانلارغا تولغان.

ئۇراننىڭ ئاز بولغاندىمۇ 22 ھەمراھى بار بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەش چوڭ
ھەمراھىنىڭ ئىچىدە يەنە ئۇراننىڭ 3-ھەمراھى تىتانىيا(Titania) بىلەن
4-ھەمراھى ئوبېرون(Oberon) ئەڭ چوڭ ھىساپلىنىدۇ.

نېپتۇن(Neptune)


بىر تۇتاش بەلگىسى:

نېپتۇننىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 30.1 ئاسترونومىيە بىرلىك يەنى
تەخمىنەن 4مىلىيارد 500 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ. سىكۇنتىغا 5.43 كىلومېتىر
سۈرئەت بىلەن 60189 كۈندە يەنى 164.793 يىلدا قۇياشنى بىر ئايلىنىپ
چىقىدۇ، ئۆز ئوقىدا 16سائەت 7 مىنۇتتا بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ.

ئۇنىڭ ئېكۋاتور دىئامېتىرى 49500كىلومېتىر بولۇپ ناۋادا ئۇنىڭ ئىچىنى قۇرۇق دەپ ئويلىساق 60 دانە يەرشارىنى سىغدۇرالايدۇ.

نېپتۇن گاز ھالەتتىكى چوڭ سەييارە بولۇپ ئۇنىڭ ئىچكى قىسمى (تەخمىنەن
ئۈچتىن ئىككى قىسمى) لاۋا، سۇ ، ئاممونىيە سۇيۇقلۇقى ۋە مېتان
قاتارلىقلارنىڭ ئارلاشما ماددىلىرىدىن تەشكىل تاپقان. سىرىتقى
قەۋىتى(تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمى) ھىدروگېن ، گېلىي، سۇ ۋە مېتاندىن
تەشكىل تاپقان گازلىق ئارلاشما ماددىلاردۇر. مېتان بولسا نېپتۇن
سەييارىسىغا كۆك رەڭدىكى سىرىتقى كۆرۈنۈش بەرگەن.

ئۇنىڭ 8دانە ھەمراھى بار.

پلۇتون(pluto)

بىرتۇتاش بەلگىسى:

(بۇ سەييارە 2006-يىلى ئالىملار تەرىپىدىن قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەر
قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلگەن بولسىمۇ ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئازراق توختالدۇق)

پلۇتوننىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 39.4 ئاسترونومىيە بىرلىك يەنى
تەخمىنەن 5 مىلىيارد 900 مىليون كىلومېتىر بولۇپ سىكۇنتىغا 4.74 كىلومېتىر
تېزلىك بىلەن 90465 كۈندە يەنى 247.7 يىلدا قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ
چىقىدۇ.ئۆز ئوقىدا 6.39 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ.ئۇنىڭ دىئامېتىرى
2284 كىلومېتىر بولۇپ ئايدىنمۇ كىچىك . ئۇنىڭ تەركىبى تېخى ئېنىق ئەمەس
بەلكىم نېپتۇنغا ئوخشىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا. بىردانە ھەمراھى بار ئۇنىڭ
دىئامېتىرى 1192 كىلومېتىر بولۇپ ئۇنىڭغا چارۇن دەپ ئات قۇيۇلغان.


يۇلتۇزلار تۈركۈمى ۋە ئون ئىككى بۇرج


دېمەك قۇياش سىستېمىسى ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئېلىپ غايەت
زور بىر سىستېما يەنى سامان يولى سىستېمىسىدا سىكۇنتىغا 250كىلومېتىرلىق
سۈرئەت بىلەن سامان يولى مەركىزىنى 250 مىليون يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىپ
چىقىدۇ. سامان يولى سىستېمىسىدا 100مىياردتىن ئارتۇق يۇلتۇز بار، بىز
كۆرەلەيدىغان يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى جۈملىدىن قۇياش سىستېمىسىمۇ سامان يولى
سىستېمىسىغا كىرىدۇ.

سامان يولى سىستېمىسىنىڭ شەكلى يۇمىلاقراق دىسكىغا ئوخشايدۇ. ئوتتۇرىسى
قېلىنراق، چۆرىسى نېپىزرەك، دىئامېتىرى تەخمىنەن 100 مىڭ يۇرۇقلۇق يىلىغا،
قېلىنلىقى تەخمىنەن 6 مىڭ يۇرۇقلۇق يىلىغا توغرا كېلىدۇ.قۇياش سامان يولى
سىستېمىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەمەس چېتىگىرەك جايلاشقان بولۇپ قۇياشنىڭ سامان
يولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30مىڭ يۇرۇقلۇق يىلىغا،
سامان يولى سىستېمىسىنىڭ گىرۋىكى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 مىڭ يۇرۇقلۇق
يىلىغا توغرا كېلىدۇ.

بۇنىڭدىن 5000 يىللار بۇرۇن بابىلوننىڭ جەنۇبىدا ياشىغان كىشىلەر ئاسمان
بوشلۇقىنى كۆزىتىشكە ئاسانلىق تۇغدۇرۇش، ئاسمان جىسىملىرىنى تونۇش ئۈچۈن
يورۇق يۇلتۇزلارنى ئاساس قىلىپ يۇلتۇزلارنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىغان- مانا بۇ
يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ھىساپلىنىدۇ.

1928-يىلى خەلقئارا ئاسترونومىيە جەمئىيتى پۈتكۈل يۇلتۇزلار بوشلۇقىنى 88
يۇلتۇز تۈركىمىگە ئايرىپ ئۇلارغا رەسمىي نام بەردى. بۇ يۇلتۇز
تۈركۈملىرىنىڭ بەزىلىرىگە قەدىمدىكى كىشىلەر رىۋايەت- چۆچەكلەردىكى
پېرسۇناژلار ياكى ھايۋانلارنىڭ نامىنى قويغان، بەزىلىرىگە گېرىك ياكى رىم
ئەپسانىلىرىدىكى قەھرىمانلارنىڭ نامىنى قويغان.بەزىلىرىگە يېقىنقى
زاماندىكى ئەسۋاب-سايمانلارنىڭ نامى قويۇلغان، شۇنداقلا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى
ھەر بىر يۇلتۇزنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا نامى بار.

پۈتكۈل ئاسمان شارى – شىمالى ئاسمان ۋە جەنۇبى ئاسمان دەپ ئىككى چوڭ
بۆلەككە بۆلۈنگەن. 88 يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ 28 ى شىمالىي ئاسماندا، 48 ى
جەنۇبى ئاسماندا بولۇپ قالغان 12سى ئېكلىپتىكىدىكى يۇلتۇز تۈركۈمىدۇر.

كۆپچىلىككە ئايانكى، يەر شارى قۇياشنى بىر يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقدۇ.
يەرشارى قۇياشنى ئايلىنىش جەريانىدا يەر شارىدىن قۇياشقا قارىغاندا قۇياش
سانسىز يۇلتۇزلار ئارىسىدا غەربتىن شەرىققە قاراپ ناھايىتى ئاستا
يۆتكىلىدۇ.(ئەمەلىيەتتە يەرشارى يۆتكىلىدۇ، قۇياش يۆتكەلمەيدۇ) بىر يىلدا
قۇياش ئاسمان شارىنى تولۇق بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ مانا بۇ – قۇياشنىڭ يىللىق
كۆرۈنمە ھەركىتى دېيىلىدۇ. بىز كۈندۈزى يۇلتۇزنى كۆرەلمىگەچكە قۇياشنىڭ بۇ
يىللىق كۆرۈنمە ھەركىتىنى ئانچە ھېس قىلالمايمىز.مانا مۇشۇ جەرياندا
قۇياشنىڭ بېسىپ ئۆتكەندىكى يولى ئېكلىپتىكا دېيىلىدۇ، قۇياش ئۆزىنىڭ يىللىق
ئايلىنىشىدا 88 يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئىچىدىن 13 يۇلتۇز تۈركۈمىنى بېسىپ
ئۈتىدۇ. قۇياش بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ناھايىتى كىچىك
بۆلىكىنى بېسىپ ئۆتۈشنى ھىساپقا ئالمىغاندا قالغان 12 يۇلتۇز تۈركۈمىنى
يەنى« ئەتىيازلىق كۈن-تۈن توختاش نوقتىسى » نى ئۆز ئىچىگە (ئەتىيازدىكى
كۈن-تۈن تەڭلىشىش ۋاقتى ھازىرقى ۋاقىتتا قۇياش ھوت يۇلتۇز تۈركۈمىدە تۇرغان
ۋاقىتتا يۈز بىرىدۇ، 2000 مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا قۇياش ھەمەل يۇلتۇز
تۈركۈمىنىڭ باشلىنىش قىسمىدا تۇرغان ۋاقىتىدا يۈز بىرەتتى) ھوت يۇلتۇز
تۈركۈمىدىن باشلاپ ھەمەل، سەۋر، جەۋزا، سەرەتان، ئەسەد، سۇنبۇلە، مىزان،
ئەقرەب، قەۋس، جەدى، دەلۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى بېسىپ ئۈتىدۇ.مانا بۇلار
ئېكلىپتىكىدىكى 12 يۇلتۇز تۈركۈمى دېيىلىدۇ.

بۇ 12 يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس قۇياش ھەركۈنى 1
گرادۇسقا يەتمىگەن ھالدا يۆتكۈلۈپ 12 يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ھەر بىرىنى ئوتتۇرا
ھىساپتا 1 ئاي ئىچىدە بېسىپ ئۈتىدۇ.

قەدىمكى بابىلون ۋە گېرىتسىيىلىكلەرنىڭ ئاسترونوملىرى قۇياشنىڭ يىللىق
كۆرۈنمە ھەرىكەت يولىدىكى(ئېكلىپتىكىدىكى) – ھەرىكەت ئەھۋالى ۋە ئورنىغا،
پەسىللەرنىڭ ئۆزگۈرۈشى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ
ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلەشكەن ۋاقىتتىن باشلاپ قۇياشنىڭ يىللىق كۆرۈنمە
ھەرىكەت يولىنى 12 بۆلەككە بۆلۈپ ھەر بىر بۆلەكنى 30 گرادۇستىن ئايرىپ
شۇنىڭغا خاس يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ نامىنى بۇ بۈلەكلەرگە قويغان. مانا بۇ « ئون
ئىككى ئۈكەك » يەنى « ئون ئىككى بۇرج » تۇر. مۇشۇنداق بولغاندا قۇياش بىر
يىل ئىچىدىكى 12 ئايدا رەت بۇيۇنچە ئون ئىككى بۇرجنى بېسىپ ئۆتۈپ 360
گرادۇسلۇق چەمبەر شەكلىدىكى مۇساپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن قۇياش يەنە يىڭى
بىر يىلىنى ھەمەل بۇرجىدىن (ھازىرقى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) باشلايدۇ.

بۇ « بۇرجلار قەدىمكى تۈرك تىلىدا قۇزا، ئۇي، ئاراندىز(قوشكېزەك)،
قۇچىق(قىسقۇچپاقا)، ئارسلان، بۇغداي بېشى، ئۈلكۈ(تارازا)، چايان، يا،
ئوغلاق، كۆنەك(سۇغا)، بىلىق بۇرجلىرى دەپ ئاتالغان.

قەدىمقى ئاتا-بۇۋىلىرىمىز يۇلتۇزلارنى تۆت تادۇ(تۆت ئاناسىر) چۈشەنچىسىگە
تەتبىق قىلىپ تۆت پەسىل، تۆت تەرەپ، تۆت خىل رەڭ قاتارلىقلارنى
ئىپادىلىگەن. ئون ئىككى ئۈكەك (بۇرج)نى تۆت پەسىلگە تەئەللۇق قىلىپ، ھەر
پەسىلگە ئۈچتىن يۇلتۇزنى تەقسىم قىلغان»(ئالىم ئىمىن تۇرسۇننىڭ « نورۇزنامە
» 7-بەت)

قەدىمى ئىلمى نۇجۇم ماتېرىياللىرىدا بولمىسۇن ياكى ھازىرقى زامان
ئاسترولوگىيەسىدە بولمىسۇن بۇرجلار تۇغرىلىق مەلۇماتلار ئاساسى جەھەتتىن
بىردەك بولۇپ بۇرجلارنىڭ خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن بەلگىسى بار.ئۇلار
تۆۋەندىكىچە:












































































































































A جەدىۋەل





تەبىئىتى



پەسلى



بەلگىسى



خەنزۇچە



ئېنگىلىزچە



ئەرەب-پارىسچە



قەدىمقى تۈرك تىلىدا



رېتى



ئوت



3.21–4.20


^

白羊宫



Aries



ھەمەل



قۇزا



1



تۇپراق



4.20–5.21


_

金牛宫



Taurus



سەۋر



ئۇي



2



ھاۋا



5.21–6.22


`

双子宫



Gemini



جەۋزا



ئاراندىز(قوشكىزەك)



3



سۇ



6.22–7.23


a

巨蟹宫



Cancer



سەرەتان



قۇچىق(قىسقۇچ پاقا)



4



ئوت



7.23–8.23


b

狮子宫



Leo



ئەسەد



ئارسلان



5



تۇپراق



8.23–9.23


c

处女宫



Virgo



سۇنبۇلە



بۇغداي بېشى



6



ھاۋا



9.23–10.23


d

天秤宫



Libra



مىزان



ئۈلكۈ(تارازا)



7



سۇ



10.23–11.22


e

天蝎宫



Scorpio



ئەقرەب



چايان



8



ئوت



11.22–12.22


f

人马宫



Sagittarius



قەۋس



يا



9



تۇپراق



12.22–1.20


g

山羊宫



Capricorn



جەدى



ئوغلاق



10



ھاۋا



1.20–2.19


h

水瓶宫



Aquarius



دەلۋە



كۆنەك(سوغا)



11



سۇ



2.19–3.21


i

双鱼宫



Pisces



ھوت



بېلىق



12



بۇرجلار توغۇرلۇق« قۇتادغۇبىلىك » نىڭ 143-بېيىتىدا مۇنداق دىيىلگەن:


ئۈچى سۇ، ئۈچى يەل، ئۇچى بولدى ئوت،


ئۈچى تۇپراق، بۇلاردىن دۇنيا ۋۇجۇت.


ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن « قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى » دە بۇنى مۇنداق ئىخچاملىغان:


1. قۇزا 2.ئۇي 3. جەۋزا –پەسلى باھار ، بۇرجلارنىڭ بىرلەشكەندىن كېيىنكى زاتى- ھاۋا ، تەرىپى-شىمال.


4. قۇچىق 5. ئارسلان 6. سۇنبۇلە- پەسلى ياز ، بۇرجلارنىڭ بىرلەشكەندىن كېيىنكى زاتى- ئوت ، تەرىپى-شەرق.


7.يا 8. ئەقرەب 9. مىزان –پەسلى كۆز ، بۇرجلارنىڭ بىرلەشكەندىن كېيىنكى زاتى- سۇ ، تەرىپى-جەنۇب.


10. ئوغلاق 11. كۈنەك 12. بېلىق – پەسلى قىش، بۇرجلارنىڭ بىرلەشكەندىن كېيىنكى زاتى- تۇپراق ، تەرىپى-غەرب.


قەدىرلىك ئۇقۇرمەنلەر يۇلتۇز تۈركۈملىرى ۋە بۇرج توغۇرلۇق
ئىزاھلىرىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسا، ئەمدى تۈۋەندىكى مەزمۇندا ئازراق
توختالساق:


يەتتە يۇلتۇز


قەدىمكىلەر ئاسترونومىيىلىك تەجرىبە جۇغلانمىلىرى ئاساسىدىكى
تەقۋىمچىلىكتە (كالىندارچىلىق) يەتتە يۇلتۇزنى ئالاھىدە ئۇرۇنغا قۇيغان ھەم
پەلەكيات قارىشىنى يەتتە يۇلتۇز ئاساسىدا بېيىتقان.

ئەمەلىيەتتە قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەردىن بىز ھېچقانداق قۇرال
ئىشلەتمەي ئاددى كۆزىمىز بىلەن كۆرەلەيدىغانلىرىمىزدىن يەر شارىنى
چىقىرىۋەتكەندە مېركۇرىي(ئارزۇ)، ۋېنىرا(سەۋت) مارس(كۇرۇد) يۇپىتىر(ئوڭاي)
ساتۇرن(سەكەنتىر) قاتارلىقلار بولۇپ قالغان سەييارىلەرنى ئالاھىدە
شارائىتتا ياكى تېلىسكوپ ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدۇ. قەدىمكىلەر قۇياش بىلەن
ئاينى يۇقۇردىكى بەش سەييارىگە قېتىپ يەتتە يۇلتۇز يەنى يەتتە ئاقراق
قارىشىنى تىكلىگەن، بۇ توغرىسىدا ئالىم ئىمىن تۇرسۇن « نورۇزنامە » دە
مۇنداق مەلۇمات بەرگەن.


بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا
ئەللىرى قوللىنىلىۋاتقان« ھەپتە »، يەنى يەتتە كۈننى بىر ۋاقىت بىرلىكى
قىلىش تۈزۈمى قەدىمكى غەربى ئاسىيادا – مىسۇپۇتامىيىدە(دەجلى-فرات ئىككى
دەريا ئارلىقىدا) پەيدا بولغانىكەن. مىلادىيدىن ئىلگىرى 6-7 ئەسىرلەردە،
ئاسۇرىيە ۋە يېڭى بابىل پادىشاھلىقلىرى دەۋرىدە ھەپتە تۈزۈمى
ئىشلىتىلگەنىكەن. بابىللىقلار بىر قەمەرىيە ئېيىنى تۆت ھەپتىگە بۆلۈپ، ھەر
ھەپتىنى يەتتە كۈندىن قىلغان. بابىللىقلارنىڭ يۇلتۇز تەڭرىلەرگە
نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزىدىغان يەتتە قەۋەتلىك يۇلتۇز ئىبادەتخانىسى بولۇپ،
يۇقىرقى قەۋىتىدىن تۆۋەنكى قەۋىتىگىچە ياشىق(قۇياش)، يالچىق(ئاي)، كۇرۇد،
ئارزۇ، ئوڭاي، سەۋت، سەكەنتىر – يەتتە ئاقراق(پىلانېتا) نامى بىلەن
ئاتالغان. بابىللىقلارنىڭ ئېتىقادىچە بۇ يەتتە يۇلتۇز تەڭرى نۆۋەت بىلەن
كۆزەتچىلىك قىلىپ ، ھەر بىرى بىر كۈنگە مۇئەككىل ئىكەن. بابىللىقلار ھەر
كۈنى بىر تەڭرىگە نەزىر قىلىدىكەن. يەتتە كۈندە بىر دەۋرى قىلىدىكەن. ھەر
كۈنىگە بابىللىقلار بىر تەڭرىنىڭ نامىنى بەرگەنىكەن. ياشىق (قۇياش)
تەڭرىسى- « شاماش » يەكشەنبىگە مۇئەككىل بولۇپ، بۇ كۈننى قۇياش كۈنى دەپ
ئاتىغان؛ يالچىق(ئاي) تەڭرىسى- « سىن » دۈشەنبىگە مۇئەككىل بولۇپ، بۇ كۈننى
ئاي كۈنى دەپ ئاتىغان؛ كۇرۇد(مارس) تەڭرىسى- « نىركا » سەيشەنبىگە
مۇئەككىل بولۇپ، بۇ كۈننى مارس كۈنى دەپ ئاتىغان؛

ئارزۇ(مېركۇرىي) تەڭرىسى- « نابۇ » چارشەنبىگە مۇئەككىل بولۇپ، بۇ كۈننى
مېركۇرىي كۈنى دەپ ئاتىغان؛ ئۇڭاي(يۇپىتىر) تەڭرىسى- « ماردۇك » پەيشەنبىگە
مۇئەككىل بولۇپ، بۇ كۈننى يۇپىتىر كۈنى دەپ ئاتىغان؛ سەۋت(ۋېنىرا)
تەڭرىسى- « ئىشتار » جۈمەگە مۇئەككىل بولۇپ، بۇ كۈننى ۋېنىرا كۈنى دەپ
ئاتىغان؛ سەكەنتىر(ساتۇرن) تەڭرىسى- « نىنۇلدا » شەنبىگە مۇئەككىل بولۇپ،
بۇ كۈننى ساتۇرن كۈنى دەپ ئاتىغان؛

ئەرەب-ئەجەم ئىسلام تەقۋىمىدە، ھەپتە كۈنلىرىمۇ يەتتە ئاقراق(پلانېتا) غا
توغرىلانغان: قەمەر(ئاي)-دۈشەنبە، ئەتارۇد- چارشەنبە، زۆھرە – جۈمئە،
شەمس(قۇياش)- يەكشەنبە، مىررىخ-سەيشەنبە، مۇشتەرى- پەنجىشەنبە،
زۇھەل-شەنبە.


يەنە بۇ «نورۇزنامە» دە مۇنداق بايانلار بىرىلگەن:


ھەكىملەرنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلانغاندا ئىنساننىڭ ھەمۇل
مۇددىتى يەتتە سەييارىنىڭ دەۋر قىلىشى بىلەن ئالاقىدار ئىكەن. بالا ئانا
قارنىدا يەتتە سەييارىنىڭ ھەر بىرى 40 كۈنلۈك مۇددەت پەرقى بويىچە پەرۋىش
تېپىپ يەتتە 40 كۈن، يەنى توققۇز ئاي ئون كۈن بولغاندا دۇنياغا كۆز
ئاچىدىكەن . ھەقىقەتتە بولسا، ئانا سەككىز ئاي تولۇق قۇرساق كۆتۈرۈپ
توققۇزىنچى ئايدا بالىنى تۇغىدىكەن. قىز بالا بىر ئاز كېچىكىدىكەن. يەنە،
بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا 40 كۈن كۈتۈلىدىكەن، بۇمۇ يۇلتۇزنىڭ
تاكاموللىشىشقا باغلىق ئىكەن. بالا قورساقتا 40 كۈن بولغاندا شەكىللىنىش
مۇددىتىگە ئۈتىدۇ. تۇغۇلۇپ 40 كۈن بولغاندا « چىللىسى چىقىدۇ »، يورۇق
دۇنياغا ماسلىشىۋالىدۇ؛ توققۇز ئاي بولغاندا، تۇغۇلغاندىن كېيىن توققۇز ئاي
مۇددەتلىك ھاياتىي سىناقتىن ئۈتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ
قىرىقى توشقاندا       « قىرىقى سۈيى » بېرىدۇ. توققۇز ئاي بولغاندا «
تىلغا كىرىش »، « دەم-دەم تۇرۇش » مۇددىتىگە قەدەم قۇيىدۇ. بۇ مۇددەتنىمۇ
قۇتلۇق سانايدۇ. بالا قورساقتا « يەتتە 40 » كۈن، تۇغۇلغاندىمۇ    «يەتتە
40» كۈن ئۆتكۈزۈشى بەك ئېھتىيات قىلىنىدىغان مۇددەتلەردۇر. «سەككىز ئايدا
تۇغۇلغان بالا ئەي بولمايدۇ» دېگەنلىك سەككىز ئاي كامىل بولمىغانلىق
دېمەكتۇر.


يەتتە يۇلتۇز توغرىسىدا « قۇتادغۇبىلىك » تە مۇنداق بايانلار بار:


بۇلاردىن ئەڭ ئۈستۈن سەكەنتىر تورۇر،


ئىككى يىل سەككىز ئاي بىر بۇرجدا قالۇر.


ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ ئوڭاي،


قالۇر بىر بۇرجدا ئۇ دەل ئون ئىككى ئاي.


ئۈچىنچى كۇرۇددۇر غەزەپتە يۈرۈر،


قايان بارسا بارلىق ياشارغان قۇرۇر.


تۆتىنچى قۇياشتۇر، يۇرۇتار جاھان،


يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەننى ھامان.


بەشىنچى سەۋىتتۇر، سۈيۈملۈك ئۆزى،


ئۇ باقسا كۆرەرسەن خۇشاللىق يۈزى.


ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئارزۇ كىلەر،


ئۇ كىمگە يۇقۇشسا، تىلەككە يېتەر.


بۇلاردىن تۈۋەنرەكتە يالچىق تۇرار،


قۇياشقا ئۇدۇل باقسا تولۇن بۇلار.


« قۇتادغۇبىلىك » تىكى بۇ بېيىتلەردە يەنە يۇقىرىقى يەتتە
يۇلتۇز ئىچىدىن ئۈچ يۇلتۇز- ئىلمى نۇجۇم نوقتىسىدىن سۈپەتلەنگەن. يەنى
كۇرۇد(مارس)نىڭ«يامان»يۇلتۇزلىقىنى، سەۋت(ۋېنىرا) بىلەن ئارزۇ(مېركۇرىي)نىڭ
«ياخشى»يۇلتۇز ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ياپۇنىيە كالېندارىدىمۇ كۈنلەرنىڭ ناملىرى ھېلىھەم يەتتە يۇلتۇزغا
توغرىلانغان بولۇپ يەكشەنبىدىن شەنبىگىچە بولغان كۈن ناملىرىنى      « نىچى
يۇۋبى،گېسى يۇۋبى،كا يۇۋبى،سۈي يۇۋبى، موكۇ يۇۋبى، كىن يۇۋبى، دو يۇۋبى »
دەپ ئاتايدۇ، بۇ يەردىكى «يۇۋبى» سۈزى پالانى كۈن، پۇستانى كۈندىكى كۈن
سۈزىنى بىلدۈرسە، قالغان «نىچى» دىن باشلاپ ئاخىرىدىكى « دو » غىچە
بولغانلىرى رەت بويىچە قۇياش، ئاي، مارس، مېركۇرىي، يۇپىتېر، ۋېنىرا،
ساتۇرن قاتارلىق پىلانېتلارنىڭ ناملىرىنى بىلدۈرىدۇ.

يۇقارقىلاردىن باشقا،بەزى ماتېرىياللاردا يۇقۇردىكى يەتتە پىلانېتقا تېببىي
نۇجۇم نوقتىسىدىن نۇرغۇن ئىزاھاتلارنى بەرگەن بۇنىڭدىن كۆپ
ئۇچرايدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە(بۇ مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى
ناھايىتى تۆۋەن، لېكىن پايدىلانغۇچىلار بىرە قېتىم ئاڭلاپ قويسا بولىدۇ)
:قۇياش- ئاساسلىقى ھاياتلىقىنىڭ مەركىزىنى يەنى ئۇمرۇتقا ۋە يۈرەكنى
باشقۇرىدۇ.بەدەندىكى بارلىق ئەزالار بىلەن سىستېمىلارغا ھاياتىي كۈچ
بىرىدۇ، نېرۋىلار ئۇمرۇتقا ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يىتىپ
بارىدۇ. شۇڭلاشقا ئومۇرتقىنىڭ ئەھۋالى بەدەننىڭ ھەر بىر قىسمىغا تەسىر
قىلىدۇ. بۇمۇ ئۇمرۇتقىنى ئۇۋلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنىڭ
بىرى.

ئاي- قان ئايلىنىش سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئاياللاردىكى ھەيز
دەۋرىيلىكى بىلەن ئاينىڭ دەۋرىيلىكىنىڭ 28 كۈندىن بۇلىشى بۇنىڭ ياخشى
مىسالىدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاي بەدىنىمىزدىكى قان ئايلىنىش، ھەزىم قىلىش
سىستېمىسىنى باشقۇرۇش بىلەن بىرگە بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز(ئۇسساش، قۇرساق
ئېچىش) ۋە كەيپىياتىمىزغا تەسىر قىلىدۇ. ئىچىلگەن دۇرا ۋە يېيىلگەن غىزالار
ئاينىڭ باشقۇرۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

مېركۇرىي – نېرۋا سىستېمىسى بەدىنىمىزدىكى « يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول »
بولۇپ، مېركۇرىيغا قاراشلىقتۇر. ۋېنىرا – بەدەندىكى كۆپىيىش سىتېمىسى ۋە
قايتا ئۈسۈش سىستېمىسى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىئۇ- خېمىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىغا
ۋەكىللىك قىلىدۇ.

مارس – بەدەندىكى ئېممونت(كېسەللىككە قارشى تۇرۇش) سىستېمىسىنى باشقۇرىدۇ.

يۇپىتېر – ئاساسلىقى جىگەرنى باشقۇرىدۇ ، بەدەننىڭ ئۆسۈشىنىمۇ ئۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

ساتۇرن – چەت ، چىگرالارنى باشقۇرىدۇ. بەدەندىكى تىرە توقۇلمىلار تەن ئىچى
بىلەن تەن سىرتىنىڭ چېگرىسىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ساتۇرن بەدەن تېرىسىنى
باشقۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا چىش، سۆڭەك قاتارلىق بەدەندىكى قاتتىق-مۇستەھكەم
جايلارنى باشقۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ئاڭلاش ئىقتىدارىنىمۇ باشقۇرىدۇ.


ئۇندىن باشقا ئەل ئارىسىدىكى بەزى ماتېرىياللاردا كۆپىنچە
كىشىنىڭ يۇلتۇزىنى ئايرىشتا شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئەبجەد ھىساپلاپ يەنى
ئىسىمدىكى ھەرپلەرگە سان بېرىپ ئۇنى قوشقاندىن كېيىن چىققان ساننى 12 گە
بۆلۈپ ئاشقان سانغا ئاساسەن يىلىنى بېكىتىپ، يىلىغا ئاساسەن يۇلتۇزىنى
بېكىتىپ بۇ يۇلتۇزلارنى يۇقۇردىكى مەزمۇنلاردىكىگە ئوخشاش تۆت ئاناسىرغا
ئايرىپ ئاندىن شۇ يۇلتۇزنىڭ مۇناسىپ كۈنىدە تائەت- ئىبادەت قىلىشقا ياكى
باشقا ئىشلارغا مەشغۇل بۇلۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ.

كىشىنىڭ يۇلتۇزىنى بۇنداق ئايرىش ئىلگىرىكى زامانلارغا يەنى شۇ كىشىنىڭ
ئىسمىنى مۇنەججىملەر تېپىپ بەرگەن بولسا مۇۋاپىق كېلىدۇ، چۈنكى ئۆز
ۋاقتىدىكى مۇنەججىملەر بالىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدا قايسى سەييارە قايسى
بۇرجتىكى چاغدا تۇغۇلغانلىقىغا قاراپ، ئاندىن بالىنىڭ ئىسمىنى ئەبجەدكە
ئېلىپ ئەبجەدتىكى ھېساب بىلەن تۇغۇلغاندىكى يۇلتۇزىنىڭ ئورۇن ۋاقتىنى بىر
خىللاشتۇرۇپ قويغان ئىمىش. لېكىن يېقىنقى زامان تارىخىدا بۇنداق ئىسىم
قويغاننى بىزمۇ ئاڭلاپ باقمىدۇق.شۇڭا ھازىرقى چاغلاردا كىشىنىڭ
تۇغۇلغاندىكى يۇلتۇزىنى بۇنداق ئىسمىغا قاراپ ئايرىش ئانچە ئاقىلانىلىك
ئەمەسمىكىن دەيمەن.


بۇرجلار ۋە ئۇلارنىڭ يۇلتۇزلىرى توغرىسىدا


ئاسترولوگىيە – ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئورنى، ھەركىتى
ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ خاراكتىرىگە ،
تەقدىرىگە ۋە ھەركىتىگە چۈشەندۈرۈش ياكى ئالدىن بېشارەت بىرىدىغان بىرخىل
ئىلىم. دۇنيادىكى ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئاسترولوگىيىلىك
سىستېمىسى ۋە نەزىريەسى بار. ھازىرقى زامان ئاسترولوگىيىسى- قەدىمكى ئىلمى
نۇجۇمنىڭ داۋامى بولسىمۇ ھۆكۈم-بېشارەت جەھەتلەردە زامان-ماكاننىڭ
ئوخشىماسلىقى شۇنداقلا ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەزمۇن ۋە ئۇسۇلىدا
ئۆزگۈرۈشلەرنى ھاسىل قىلغان.

بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئىلمى نۇجۇمنىڭ كىلىپ چىقىشى (مەنبىيى)
قەدىمكى مىسۇپۇتامىيىلىكلەرنىڭ ئاسمان جىسىملىرى بېشارىتىدىن كەلگەن ئىكەن.
مىلادىنىڭ ئالدىنقى 3-ئەسىرلەردە ئون ئىككى بۇرج ۋە بەش يۇلتۇز مۇقىمدىلىپ
بىشارەتچىلىككە باغلانغان.مىلادىنىڭ ئالدىنقى 4-6 ئەسىرلەردە ئاسمان
جىسىملىرى بېشارەت ئىلمى مىسىرغا، گىرىتسىيىگە، يېقىن شەرق رايۇنلىرى بىلەن
ھىندىستانغا كىرىپ كېينچە ھندىستان ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا
كىرگەن.مىلادىنىڭ ئالدىنىقى 16-18ئەسىرلەردىكى قەدىمكى بابىلۇن
خاندانلىقىدا تۇنجى ئاسمان جىسىملىرى بىشارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئويما خەتلىك
كىتاب مەيدانغا كەلگەن. مىلادى1-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىلمى نۇجۇمنىڭ
بەزى قائىدىلىرى ئاساسەن تۇراقلاشقان .ئىلمى نۇجۇمنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى
مىلادىنىڭ ئالدىدىكى 300يىل ۋە مىلادى 300-يىلغىچە بولغان 600 يىل ئىچىدە
قەدىمكى گرىتسىيىلىكلەرنىڭ پەلسەپىسىدە مەۋجۇت بولغان. بۇ خىل پەلسەپە
قەدىمكى مىسۇپۇتامىيىلىكلەرنىڭ ئاسمان جىسىملىرى بىشارىتى بىلەن بىرلىشىپ
ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق تۆت ئۇنسۇرغا باغلانغان دىيىلگەن.

گىرىتسىيىلىكلەرنىڭ ئىلمى نۇجۇمى ھىندىستانغا ، ئىرانغا كىرىپ ئىسلام
مەدىنىيىتىگىمۇ سىڭىپ كىرگەن.17-ئەسىردىن كېيىن قۇياش مەركەز تەلىماتىنىڭ
باش كۆتۈرۈشى تۈرتكىسىدە ئىلمى نۇجۇم ئىلىم –پەن تەرىپىدىن قوللاشتىن
ئايرىلىپ قالغان.بىراق يېقىنقى زاماندا ئىلمى نۇجۇم غەربتە قايتىدىن باش
كۈتۈرۈپ چىققان. ئىلمى نۇجۇم چوڭ جەھەتتىن تۆت چوڭ ئېقىمغا كىچىك جەھەتتىن
ئون نەچچە ئېقىمغا بۆلۈنگەن « ئەرەبچە ئىلمى نۇجۇم» مۇ مۇشۇ ئېقىملار
ئىچىدىكى بىر ئېقىم ھېسابلىنىدىكەن.

قەدىمدىكى ئىلمى نۇجۇم ھەربى ئىشلار، يېزائىگىلىك، تېبابەت، چارۋىچىلىق
ھەتتا تۇرمۇشنىڭ كىچىك قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىرىپ بېشارەت-ھۆكۈملەر
شەخىستىن باشلاپ دۆلەتكىچە ، تەبىئەتتىكى كىچىك ئۆزگىرىشلەردىن باشلاپ
تۈرلۈك چوڭ ئاپەت ھادىسىلەرگىچە چېتىلغان. بېشارەت –ھۆكۈملىرىنىڭ بەزەنلىرى
ھەتتا پال خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ ھۆكۈملەرنىڭ چىقىرىلىشى كەسكىن ۋەزنى
ناھايىتى ئېغىر بولغان. ئەمما بۇ ھۆكۈملەر ئاسترونومىيىلىك نەتىجىلەرگە
ئاساسلىنىپ چىقىرىلغانلىقى ئۈچۈن پالچىلاردىن زور پەرقلەنگەن. قەدىمى
زاماندا خان-پادىشاھلار مۇنەججىملەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن.(شۇنىمۇ ئېيتىپ
ئۆتۈش زۆرۈركى ئىسلام دىنىمىزدا پالچىلىق ئىنايىن چەكلەنگەن بولۇپ
ھەرقانداق ئىلمى نۇجۇم شەخىسنىڭ تەقدىرىدىن ياكى كەلگۈسىدە يۈز بىرىدىغان
ئىشلارنى چۆرىدەيدىكەن مېنىڭچە بۇ پۈتۈنلەي ھارام بۇلىشى مۇمكىن. ئۇنى
چەكلىمەك كېرەك. ناۋادا ئىلمى نۇجۇمنىڭ ھۆكىمى ئىلمىي نوقتىدىن ، قائىدە
–پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن، قىسقىسى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن چەتنىمىگەن ئاساستا
بولغان بولسا مەسىلەن ئېيتساق كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى، ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىسى ،
دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش- پەسىيىشى قاتارلىقلار تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى
بولۇپ ئۆز ۋاقتىدىكى يىتىلگەن مۇنەججىملەر ئاسترونومىيىلىك قائىدىلەردىن
پايدىلىنىپ ھىساپلاپ چىقىش ئارقىلىق يۇقىرىدىكىدەك تەبىئى ھادىسىلەرنىڭ
قاچان، قەيەردە يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن .































































































































































































B  جەدىۋەل



تەۋە كۈنلىرى



تەئەللۇق بۇرجلىرى



تەبىئىتى



بەلگىسى



قەدىمى ئاتىلىشى



تەئەللۇق يۇلتۇزى



ئاناسۇرى



پەسلى



بەلگىسى



ئەرەب-پارىسچە



قەدىمقى تۈرۈك تىلىدا



رېتى



سەيشەنبە



^



قۇرۇق ئىسسىق





كۇرۇد،مىررىخ



مارس



ئوت



3.21–4.20


^

ھەمەل



قۇزا



1



جۈمە



_



قۇرۇق سۇغۇق





سەۋت، زۆھرە



ۋېنىرا



تۇپراق



4.20–5.21


_

سەۋر



ئۇي



2



چارشەنبە



`



مۆتىدىل













ئارزۇ، ئۇتارۇد



مېركۇرىي



ھاۋا



5.21–6.22


`

جەۋزا



ئاراندىز(قوشكىزەك)



3



دۈشەنبە



a



ھۆل ئىسسىق





يالچىق،قەمەر،ماھ



ئاي



سۇ



6.22–7.23


a

سەرەتان



قۇچىق(قىسقۇچپاقا)



4



يەكشەنبە



b



قۇرۇق ئىسسىق





ياشىق، شەمس



قۇياش



ئوت



7.23–8.23


b

ئەسەد



ئارسلان



5



چارشەنبە



c



مۆتىدىل













ئارزۇ، ئۇتارۇد



مېركۇرىي



تۇپراق



8.23–9.23


c

سۇنبۇلە



بۇغداي بېشى



6



جۈمە



d



ھۆل ئىسسىق





سەۋت، زۆھرە



ۋېنىرا



ھاۋا



9.23–10.23


d

مىزان



ئۈلكۈ(تارازا)



7





e









پلوتۇن



سۇ



10.23–11.22


e

ئەقرەب



چايان



8



پەيشەنبە



f



قۇرۇق سۇغۇق





ئۇڭاي،مۇشتەرى



يۇپىتىر



ئوت



11.22–12.22


f

قەۋس



يا



9



شەنبە



g



قۇرۇق سۇغۇق





سەكەنتىر،زۇھەل



ساتۇرن



تۇپراق



12.22–1.20


g

جەدى



ئوغلاق



10





h









ئۇران



ھاۋا



1.20–2.19


h

دەلۋە



كۆنەك



11





i









نىپتون



سۇ



2.19–3.21


i

ھوت



بېلىق



12



يۇقىرىقى B جەدىۋەلدىكى «يۇلتۇزلارنىڭ تەبىئىتى»ۋە
«يۇلتۇزلارنىڭ كۈنى» دىن ئىبارەت ئىككى مەزمۇن مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە
نەشرىيات ماتېرىياللاردىن ھەم خەلقىمىز ئارىسىدىكى يازما ھەم ئېغىزاكى
ماتېرىياللاردىن ئېلىندى. («يۇلتۇزلارنىڭ تەبىئىتى»- بۇ بىر مەزمۇن،
مەلۇماتلاردا بىردەك ئەمەس شۇڭلاشقا مۇشۇ بىر مەزمۇن يەنە بىر دەلىللەشكە
موھتاج) قالغان مەزمۇنلار ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق ئاسترولوگىيە تەتقىقات
ئورۇنلىرىنىڭ ئېنگىلىزچە ماتېرياللىرىدا ھەم بىزنىڭ ماتېرياللىرىمىزدا
ئوخشاش بولۇپ شۇنىڭدىن ئېلىندى.


ئاي شارىنىڭ تەسىرى


بۈگۈنكى ئىلىم- پەن، ئاي شارىنىڭ يەرشارىغا بولغان
تەسىرلىرىنى ئۆزى ئىسپاتلاپ چىققانلىقى ھەم ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاي
شارى ئۈستىدە ئازراق توختىلايلى:

ئاي شارىنىڭ يەر شارىغا بولغان تەسىرى زور بولۇپ، ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى
يەرشارىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرىلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.دېڭىز سۈيى دولقۇنى
كۆتۈرۈلگەندە دېڭىزلارنىڭ تېگى چالغۇنىدۇ. شۇنداق قىلىپ سۈركىلىش پەيدا
بولىدۇ-دە، ئايلانما ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى ئىسسىقلىققا ئايلىنىدۇ. يەر
شارىنىڭ ئايلانما ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى ئەشۇنداق ئاستا-ئاستا خۇرايدىغانلىقى
ئۈچۈن، بىزنىڭ بۇ يەرشارىمىزنىڭ ئۈز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشى ئاستىلىشىپ
قالىدۇ. دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلىشى ۋە پەسىيىشى ۋەلىسپىتنىڭ تورمۇزىغا ئوخشاش
رول ئوينايدۇ، ھەر مىڭ يىلدا يەرشارىنىڭ ئايلىنىشىنى بىر سېكۇنت ئۇزارتىدۇ.

ئاي شارى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلىشىنىلا كەلتۈرۈپ چىقارماي يەنە دېڭىز
تىگىدىكى قاتتىق يەر پوستىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۆزگەرتىدۇ. تاغ جىنسى قاتلىمى
يەرشارىنى بويلاپ ئىككى قېتىم بوشراق كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. ئەمما بىزنىڭ بۇ
سەييارىمىزنىڭ ھەركىتى ئۆزىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىملىرىنى ئاينىڭ
ئاستىدىن ئۆتكۈزگەندە بۇنداق كۆتۈرۈلۈش دولقۇنسىمان بولۇپ قالىدۇ.

يەرشارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشتىن كېچە-كۈندۈزنى پەيدا قىلسا، قۇياشنى بىر
ئايلىنىپ چىقىشتىن تۆت پەسىلنى پەيدا قىلىدۇ.تۆت پەسىلنىڭ پەيدا بۇلىشى
ئۈچۈن يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوربىتا تەكشىلىكى بىلەن بەلگىلىك
يانتۇ بۇلۇڭ ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئەمىلىيەتتىمۇ 66 گىرادۇستىن ئارتۇقراق
بۇلۇڭ ھاسىل قىلغان.يەرشارىنىڭ بۇنداق يانتۇلىقىنى ئالىملار ئاي-يەر
مۇناسىۋىتىدىن بولغان دەپ قارايدۇ.

قۇياشمۇ يەر شارىدا كۆتۈرۈلۈش-پەسىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇمۇ قۇياشنىڭ
دولقۇن قوزغىشى دەپ ئاتىلىدۇ. بىراق قۇياش بىلەن يەرشارى ئوتتۇرىسىدىكى
ئارلىق، ئاي بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقتىن كۆپ چوڭ بولغاچقا
قۇياشنىڭ دولقۇن قوزغاش كۈچى ئاينىڭ دولقۇن قوزغاش كۈچىدىن كىچىك بولىدۇ.
كۆتۈرۈلۈپ پەسىيىشنىڭ دەۋرىيلىكىمۇ ئاي شارىنىڭ ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئاي قاراڭغۇسى ۋاقتىدا قۇياش ۋە ئاينىڭ ئورنى يەرشارىنىڭ بىر تەرىپىدە
تۇرىدۇ. بۇ چاغدا قۇياش بىلەن ئاينىڭ بىرىكمە تارتىش كۈچى چوڭ بولۇپ چوڭ
دولقۇن شەكىللىنىدۇ. ئاينىڭ تولۇن ۋاقتىدا قۇياش بىلەن ئاي ئايرىم-ئايرىم
ھالدا يەرشارىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرىدۇ، ئىككىسىنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىشىدىن
يەنىلا چوڭ دولقۇن شەكىللىنىدۇ.شۇڭا قەمەرىيە ئېيىنىڭ 1-ۋە 15-كۈنىدە چوڭ
دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ دېيىش مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئېيتىلغان. بىراق ئاي دەسلەپكى
چارەك بىلەن كېيىنكى چارەكتە تۇرغان ۋاقىتتا قۇياشنىڭ تەسىرى بىلەن ئاينىڭ
تەسىرى ئۆز ئارا يىيىشىپ دولقۇن ئاجىزلىشىپ كىچىك دولقۇن شەكىللىنىدۇ .ئاي
قوزغىغان ئىككى قېتىملىق يۇقىرى دولقۇن ئاينىڭ دەسلەپكى چارەك بىلەن
ئاخىرقى چارەكتە تۇرغان ۋاقتىدا يۈز بىرىدۇ.ئەمەلىيەتتە كۆتۈرۈلۈش-پەسىيىش
مۇرەككەپ بىر جەريان.ئاي قاراڭغۇسى بولغان كۈنلەردىكى ۋە تولۇن ئاي بولغان
كۈنلەردىكى چوڭ دولقۇن شۇ كۈنلەردىن بىركۈندىن بىر نەچچە كۈنگىچە كېيىن
قالىدۇ. ئاينىڭ دەسلەپكى چارەك ۋە ئاخىرقى چارەكتە يۈز بىرىدىغان چوڭ
دولقۇن ۋە كىچىك دولقۇن مۇناسىپ كۈنىدىن بىر نەچچە سائەت كېيىن قالىدۇ.

ئۇندىن باشقا غەرب ئەللىرىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئاينىڭ ئىنسانلار ۋە
ھايۋاناتلارغا تەسىر قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار تارقالغىلى
بىر قانچە ئەسىر بولدى.1985-يىلى ئامىرىكىلىق بىرەيلەن بىر قانچە تولۇق
ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە %50 ئادەم
ئاي تولۇن بولغان ئاخشىمى كىشىلەرنىڭ يۈرۈش-تۈرۈشىنىڭ نىسبەتەن غەلىتىلىشىپ
قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1995-يىلدىكى باشقا بىر تەكشۇرۇش دوكلاتىدا-
روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرى تولۇن ئاي %81 ئادەملەرنىڭ ھەركىتىگە
تەسىر قىلىدۇ-دەپ قارىغان.

ئەنگىلىيەنىڭ « مۇستەقىللىق گېزىتى » دىكى بىر ماقالە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى
قايتىدىن تارتقان. ماقالىدا ئاينىڭ تولۇن كەمتۇك بۇلىشى ئىنسانلارنىڭ
ساغلاملىقىغا ناھايىتى زور تەسىر قىلىدىغانلىقىنى مەسىلەن: يەللىك بوغۇم
ئاغرىقى، سۈيدۈك خالتىسى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلىشى
قاتارلىقلار.ئۇندىن باشقا ئاينىڭ يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇنلار
تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر قىلىدىغانلىقى شۇ سەۋەپتىن روھى ۋە ئەمىلى ھەركىتىگە
تەسىر قىلىپ قاتناش ۋەقەسى پەيدا بولىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان
قىلىنغان. بۇ ماقالىنىڭ مەنبىيى ئەسلىدە ئەنگلىيە لىدىز ئونىۋېرسىتېتىنىڭ
بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدىن كەلگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدىن
بايقىلىشىچە ئاي تولۇن بولغان مەزگىلدە دوختۇرلارنىڭ كېسەل كۆرۈشى
ئادەتتىكىدىن كۈپەيگەن،كېسەل كۆرسىتىشنى ئالدىن دىيىشىپ قۇيۇشمۇ %3.6
كۈپەيگەن. مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئېلىپ
بېرىلغان. بۇ تەتقىقاتلاردىن يىڭى ئاي (قۇياش بىلەن ئاينىڭ يەرشارىنىڭ بىر
تەرىپىدە ئۆز ئارا تولۇق بىر سىزىققا كەلگەن ۋاقتى) ۋە ئاي تولۇن بولغان
(ئاي بىلەن قۇياش يەرشارىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تولۇق بىر سىزىققا كەلگەن
ۋاقتى) مەزگىلدە ئادەم بەدىنى ئاينىڭ تەسىرىگە ئەڭ زور دەرىجىدە
ئۇچرايدىغانلىقى بايقالغان.

«سىلوۋاكىيە (چېخوسلوۋاكىيىنىڭ شەرقىدىكى بىر ئۆلكە نامى) ئالدىنى ئېلىش ۋە
دىئاگنوز-داۋالاش مەركىزى» نىڭ تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك
كىسەللىكلەر ئۈستىدىن 22 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بايقىشىچە
يىڭى ئاي (بۇ يەردىكى يىڭى ئاي- ئاينىڭ دەسلەپكى بىزگە كۆرۈنىدىغان ھىلال
ۋاقتىدىكى ئاي بولماستىن يۇقۇردا ئىزاھات بەرگەن، بىزگە كۈرۈنمەيدىغان ئاي
قاراڭغۇسى چېغى) ۋە تولۇن ئاي مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ يەللىك بوغۇم ئاغرىقى
بىلەن زىققىغا گىرىپتار بۇلىشنىڭ يۇقىرى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى
بايقىغان.گېئورگىيە ئونىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كىشىلەرنىڭ
غىزالىنىشى ئاينىڭ تولۇن- كەمتۈكلۈكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تىلغا
ئېلىنغان بولۇپ تەكشۈرگۈچىلەر 694 نەپەر ئادەمدە ئاينىڭ ھەرقايسى فازا
ئۆزگۈرۈش مەزگىلىدىكى ئۇزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە غىزا تۈرلىرى
تەكشۈرۈشىدىن ئاي تولۇن بولغان ۋە يېڭى ئاي مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ باشقا
ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا غىزالىنىشى %8 ئاشقان، ھاراق ئىچىشى %26 ئازايغان.

ئاينىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ فىزولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسىگە بولغان تەسىرى
ئاياللارنىڭ ھەيز دەۋرىلىكىدە يەنى ئاينىڭ يەرشارىنى ئايلىنىش دەۋرىيلىكى
بىلەن ئوخشىشىپ كىتىغانلىقىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.ئۇندىن باشقا يېقىندا
مېدىتسىنا ئالىملىرى ئوپراتسىيە كارىۋىتىدىكى 1000دىن ئارتۇق بىمارنىڭ
قاناش خاراكتىردىكى كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئاي تولۇن بولغاندىكى
ئاخشامدا ناھايىتى يۇقىرى ھەم خەتەر باسقۇچىدا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆپكە سىلى
كەلتۈرۈپ چىقارغان قاناشتىن بولغان ئۈلۈشنىڭ كۆپ قىسمى ئاي تولۇن بۇلىشنىڭ
ئالدى-كەينىدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىغان.

ئامىركىنىڭ مىئامى شەھرىدىكى روھى كېسەل دوختۇرى ئانۇد.لىبور « ئاي شارى-
بىئولوگىيلىك دولقۇنىڭىزنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ۋە كەيپىياتىڭىزغا قانداق تەسىر
قىلىدۇ» دېگەن كىتابىدا مۇنداق كۆرسەتكەن: ئادەم بەدىنىنىڭ %80 تى سۇيۇقلۇق
بولۇپ ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ
چىقارغانغا ئوخشاشلا ئادەم بەدىنىدىكى سۇيۇغلۇقلاردىمۇ ئەشۇنداق رول
ئوينايدۇ-مانا بۇ «بىئولوگىيىلىك تاشقىن» دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇندىن باشقا ئادەم
بەدىنىنىڭ ھۈجەيرىلىرى ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئاي شارىنىڭ
ماگنىت مەيدانى ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىدۇ. ئاينىڭ دولقۇن
كۈتۈرۈش كۈچى ۋە ماگنىت مەيدانى ئادەمنىڭ روھى-پائالىيىتىگە تەسىر
قىلىدۇ.ئاي تولغاندا بۇ تەسىرلەر نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ، بۇ چاغدا ئادەمنىڭ
باش قىسمى بىلەن كۆكرەك قىسمىدىكى ئېلېكتر پوتېنسىئال پەرقى چوڭ بولۇپ
ئاسانلا جىددىلىشىش، ئارتۇقچە ھاياجانلىنىش كىلىپ چىقىدۇ. ياشلارنىڭ ئاي
نۇرىدا مۇھەببەتلىشىشى، ھاراق خۇمارى ۋە روھى نورمال ئەمەسلەرنىڭ
قوزغىلىشى، ياشانغانلارنىڭ ئاخشاملىرى بەخىتسىزلىككە
ئۇچرىشى….قاتارلىقلارنىڭمۇ ئاي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېگىلى بولمايدۇ.

بەزى مەنبەلەردە بولسا دەل يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە ئاي شارىنىڭ ئادەم بەدىنىگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىغانلىقىمۇ سۆزلەنگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيۇللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاينىڭ ئون يەتتىنچى، ئون توققۇزىنچى، يىگىرمە
بىرىنچى كۈنلىرى لوڭقا قويۇشۇڭلار(قان ئالدۇرۇش) ناھايىتى ياخشى.(تىرمىزى
2503-ھەدىس)

ئىبن سىنا مۇنداق دېگەن: « ئاي بېشىدا لوڭقا قويماسلىققا بۇيرۇلىدۇ، چۈنكى
خىلىتلار ئۇ ۋاقىتتا ھەركەتلەنمىگەن بولىدۇ، ئاي ئاخىرىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى
ئۇ ۋاقىتتا خىلىتلار كەملەيدۇ. بەلكى ئاينىڭ ئوتتۇرىسى بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا
خىلىتلار ھەرىكەتلىنىپ ئاينىڭ ھەجىمى تولغانسېرى قانلار كۆپەيگەن ۋاقىتتۇر »

يۇقارقىلاردىن قارىغاندا، ئاي شارى شۇنداقلا باشقا يۇلتۇز-سەييارىلەرنىڭ
ئىنسان بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى تېبابەت نوقتىسىدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش
ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىدۇر.

بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا قۇياش سېستىمىسىدىكى ھەرقايسى سەييارىلەرنىڭ كەلگۈسى
ئوتتۇز يىلدىكى (2009-يىلدىن 2040-يىلغىچە)ۋە ئۆتۈپ كەتكەن سەكسەن
يىلدىكى(1930-يىلدىن 2009-يىلغىچە) ھەرقايسى بۇرجلاردىكى كۈندىلىك ، ئايلىق
ئورنىنى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ پۈتۈپ چىقىلدى. بۇلار
گەرچە خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم ياكى ئورگانلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسى
بولسىمۇ سەۋىيەمنىڭ تۈۋەنلىگى سەۋەبلىك مۇشۇلارنى ئىزدەپ تېپىشقا ھەم
رەتلەپ چىقىشقىمۇ بەش-ئالتە يىل ۋاقىت كەتتى.


بۇ ماقالىنى يېزىشتىكى ھەم قۇشۇمچە جەدۋەللەرنى بېرىشتىكى مەقسىتىم:

بىز ئۇيغۇرلاردا  ئەمدى ھازىر ھەرقايسى سەييارىلەرنىڭ زامانىۋى پەن
–تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە ئەڭ ئىلمى ئەڭ توغرا بولغان ھەرقايسى بۇرجلاردىكى
ئورۇنلىرى ئېنىق بولغان بولدى.


لېكىن


بۇلارنى تېبابەت ساھەسىگە ئىشلىتىش جەھەتتە بىزدە مۇۋاپىق قائىدە-فورمۇلا كەمچىل ياكى بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىمىز يوق دىيەرلىك.

ناۋادا بۇ خىل تېببىي نۇجۇمغا قىزىقىدىغان كىشىلىرىمىز چىقىپ قالسا ياكى
قۇلىدا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمىي ماتېرىياللار بار كىشىلىرىمىز بولسا
بۇ جەدىۋەللەردىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىش قىلىپ باقسا ياكى مەن
بىلەن ئالاقىلىشىپ بو توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئىزدىنىش،
تەجرىبە-تەتقىقات ئېلىپ بارساق، بولسا بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن ھاسىلات
مېۋىمىزنى ئۇيغۇر تېبابەت ئىشلىرىمىزغا بالدۇرراق بېغىشلاپ دۇنيا
ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشساق!

(«تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر ۋاش پىياز» دەپتىكەن، ئەمدى
بىزلەرنىڭ قول تۇتىشىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى، ئىنسانلارغا پايدىسى تېگىدىغان
ياخشى نەرسىلىرىمىز بولسا ئۇنى بېسىپ يېتىپ نېمە قىلارمىز، بۇلارنى رۇياپقا
چىقىرىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشساق ئەي ئەزىزلىرىم!)

ئادرېسىم: خوتەن قاراقاش ناھىيە ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش پونكىتى

كەسپىم : دوختۇر                     چ چ : 1843487071


http://www.akademiye.org/ug/?p=1623

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 10:56:37

ما تېمىنى  哈萨克  لاردىن ئوغىرلاپ ئەكەلمىگەنسىلە ھە ؟؟؟  قازاق دىسە ئاچچىقى كىلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ 哈萨克 دېدىم توغرا چۈشەنگەيسىلەر .

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 10:59:10

خەتكۈچ !

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 11:29:36

مەنبەنى ئەسكەرتىپتۇغۇ!



تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 11:57:10

ئىدىقۇت جانلىقى دەۋرىدىكى بىر رېتىسىپتا مۇنداق بىر جۈملە ئەم بار ئىكەن؛--كىمنىڭ تىنىگە سۆگەل چىقىپ قالسا ،ئىككى كۈنلۈك ئاينى كۆرگەندە ،يەرگە سىيىپ لېيىنى ئېلىپ سۆگەلگە سۈرۈتسە،سۈگەل يۇقايدۇ...‹قەدىمىي يازما يادىكارلىقلاردىن تاللانما دىگەن كىتاپنىڭ 337-بېتى›...مانا مۇشۇنداق ماتىرىيال بولسىمۇ ئىشلتىەمسىز؟كېرەك بولسا ئەۋەتىپ بىرەي. ئېلكىتابىنى ئىشلەپ بولاي دىدىم....

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 12:13:09

يېڭى گەپلەر بار ئىكەن، ئەبۇ رەيھان بىرۇنىينىڭ ئىلمى نۇجۇم ئارقىلىق ، ماتىماتىكىلىق ھېسابلاش، يۇلتۇزلارنىڭ يۆتكىلىش ھالىتى، قۇياش نۇرىنىڭ ئورنى دېگەنلەرگە ئاساسەن ھېسابلاپ چىقىپ پادىشاھنىڭ كاللىسىدا ئويلاۋاتقان خىيالنى بىلىۋالغانلىقىنى ئىلىمى نۇجۇم ئارقىلىق بىلىپتۇ دېگەندىن كۆرە ئەبۇ رەيھان برۇنىي پادىشاھنىڭ خۇي-مىجەزىنى ئوبدان بىلىدىغان پاراسەتلىك ئالىم بولغاچقا شۇنداق پەرەز قىلىپ نەتىجىسى ئوخشاش چىققان دېسە بولغۇدەك. ئىلمى نۇجۇم دېسە مېنىڭ چۈشەنچەم يۇلتۇزلارنىڭ يۆتكىلىش ھەركىتىگە قاراپ بەزى بىر ئاستورنومىيەلىك ھادىسىلەرگە ئالدىن پەرەز ئىلىپ بىرىش مومكىن بولغان بىر ئىلىم. خۇددىي ھازىرقى زامان مىتورولوگىيەدە بوران، قار-شىۋېرغان، يامغۇر، كەلكۈن، دېڭىز تاشقىنى دېگەنلەرنى ھەر خىل بەلگە-ئالامەتلەرگنى كۆزۈتۈپ، سان-سېفىرلارنى ھېسابلاپ ئالدىن ئاساسەن توغرا پەرەز قىلغانغا ئوخشاش. لىكىن ئىلمى نۇجۇم دېسە يۇلتۇزلارغا قاراپ تۇرۇپ بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى، كەلگۈسىى ھەققىدە بىر نەرسىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ دەپ قاراش غەيپ ئىشلار جۈملىسىدىن بولىدۇ. بۇ ئەقىدىگىمۇ ، ئىلىم-پەنگىمۇ زېت بىر كۆز قاراش.

مەن تونۇيدىغان بىر كىشى بار ئىدى، داۋاملىق سان-سېفىر بىلەنلا ھەپىلىشىدۇ، قارىسا شۇنداق ئاددىي سانلار، تەكرار كۆچۈرىدۇ، بەزىدە سەل پەرقلىق كۆچىرىدۇ. ئاشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ بىر نەتىجىلەرگە ئىرىشكىلى بولىدۇ، تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئىسپاتلاپ بەرگىلى بولىدۇ دەپ. ئاندىن بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىغا قاراپ ئۇ ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بىلگىلى بولىدۇ دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرەتتى. لىكىن مۇشۇ ۋاقىتقىچە بىرەر نەتىجە چىقارغىننى بىلمەيمەن. چىقىرىشىمۇ مومكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا موئىمىن ئەقىدىسى ھەققىدە گەپ قىلىنسا ئۇنىڭ دەيدىغىنى‹‹ بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟›› دېگەن ئايەتنى كەلتۈرەتتى، ھەمدە سەن كۆپ نادان. دۇنيادا زاھىرىي ئىلىم، باتىنى ئىلىم دەپ ئىككى خىل ئىلىم بار. ئاللاھ بەزى كىشىلەرنى ئەزىز قىلىش ئۈچۈن ئاشۇنداق باتىنى ئىلىملەرنى ئاتا قىلىدۇ. ئىلمى نۇجۇم شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر، دەيتتى. ئۇزاق بوپتۇ بىر يەردە كۆرمىدىم.

تېمىنىڭ ھېكايە قىسمىنى ئوقۇۋاتاتتىم، ئىنكاس يېزىشقا ئالدىراپ كەتتىم. داۋامىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققۇدەك تېما ئىكەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 13:58:12

4- قەۋەتتىكى aral52نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىدىقۇت جانلىقى دەۋرىدىكى بىر رېتىسىپتا مۇنداق بىر جۈملە ئەم بار ئىكەن؛--كىمنىڭ تىنىگە سۆگەل چىقىپ قالسا ،ئىككى كۈنلۈك ئاينى كۆرگەندە ،يەرگە سىيىپ لېيىنى ئېلىپ سۆگەلگە سۈرۈتسە،سۈگەل يۇقايدۇ...‹قەدىمىي يازما يادىكارلىقلاردىن تاللانما دىگەن كىتاپنىڭ 337-بېتى›...مانا مۇشۇنداق ماتىرىيال بولسىمۇ ئىشلتىەمسىز؟كېرەك بولسا ئەۋەتىپ بىرەي. ئېلكىتابىنى ئىشلەپ بولاي دىدىم....



ئەلۋەتتە كېرەك،بولسا ئەۋەتىپ بېرىڭە.
1242717272@qq.com

yulghun0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 17:07:27

خەتكۈچ....

تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 19:11:22

پايدىلىق يازما ئىكەن. ئاپتورغا رەھمەت، ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىپتۇ.



ئىلمى نوجۇم ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. مېنىڭچە ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بىشارەت بېرىشى قان تىپى دىگەندەكلەرگە قارىغاندا توغرا ھەم ئىلمىيلىككە ئىگە.



ئىجادى ئەمگەكلىرىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن، نەتىجىلىرىنى ۋاقتىنچە ئىلان قىلماسلىق تەكلىۋىنى بېرىمەن.

axin يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 22:34:53

4- قەۋەتتىكى aral52نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىدىقۇت جانلىقى دەۋرىدىكى بىر رېتىسىپتا مۇنداق بىر جۈملە ئەم بار ئىكەن؛--كىمنىڭ تىنىگە سۆگەل چىقىپ قالسا ،ئىككى كۈنلۈك ئاينى كۆرگەندە ،يەرگە سىيىپ لېيىنى ئېلىپ سۆگەلگە سۈرۈتسە،سۈگەل يۇقايدۇ...‹قەدىمىي يازما يادىكارلىقلاردىن تاللانما دىگەن كىتاپنىڭ 337-بېتى›...مانا مۇشۇنداق ماتىرىيال بولسىمۇ ئىشلتىەمسىز؟كېرەك بولسا ئەۋەتىپ بىرەي. ئېلكىتابىنى ئىشلەپ بولاي دىدىم....

بولسا ياردەملىرىنى ئايىماي ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىلا چ چ نۇمۇرۇم 45177143

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 23:43:55

ئېسىل يازما، \"\" \"\" \"\" \"\"

مۇشۇ مىراسلارنى تەكشۈرۈپ رەتلەپ چىقسا، چەتئەلنىڭ پەپسەپەلىرىدىن ياخشى كىتاپلارنى يازغىلى بولىدۇ.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 00:11:41

时辰药理学&时辰治疗学 قاتارلىق ناملاردا قىلىنىۋاتقان تەتقىقاتلار بارغۇ.

سەييارىلەرنىڭ ھەركىتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە (ھەر قايسى ئەزالارغا) كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئاساسەن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان داۋالاش لاھىيەسى، دورا بېرىش ۋاقتى قاتارلىقلارنى تېپىپ چىقىدىغان.

بەزى دورىلارنى كۈن تاللاپ، سائەت تاللاپ يۇغۇرىدىغان ئىشمۇ بار.

ئىزدىنەي دېسە ماتېرياللار ئاز.



ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي.

azghuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 12:18:44

چالا موللا،ئىپلاس تور موللىلىرى كۆرۈپ قالمىغاي بۇ تېمىنى

يەنە ھارام،بىدئەتكە چىقىرىدۇ…دە،جەڭ باشلىنىدۇ

azghuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 12:26:46

مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ داموللا ھاجىم( ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) ئاجايىپ بىلىملىك ، تەقۋا ئادەم ئىدى ، ئەمما ئاشقۇن ، ئەسەبى ئەمەستى ، ئۇيغۇرنى،ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئىنكار قىلمايتتى ، ئەرەپ ، پارس تىللىرىنى پۇختا بىلەتتى ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلەتتى ، قۇتادغۇ بىلىك ، تۈركى تىللار دىۋانى قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىغا تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان ئىدى ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ زامانىمىزدىكى يېتۈك ، بۈيۈك ئۇستازى ئىدى…تىرىك ئەۋرىشكە،ئەۋلىيا ئۇستاز دەپ تەرىپلىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيتتى…

azghuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 12:33:20

خوتەندە ئەمەسلەر ئانچە بىلىپ كەتمەسلىكىڭلار مۇمكىن ، بۇ ئۇستاز ئالىمنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئۈچۈن ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىبابىتى ئۈچۈن غايەت زور بىر يوقىتىش بولدى

مەن خوتەنلىك بولغىنىم ئۈچۈن يېزىۋاتمايمەن بۇ قۇرلارنى، يەنە كېلىپ مەن تۇققىنى ياكى تېۋىپ ئەمەس،ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىدىغان ئادەم، بولسا ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ داموللا ھاجى دىگەن كىتاپنى ئېلىپ ئوقۇپ قويۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 12:41:01

خۇدادىن شۇنداق ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىشنى بىزلەرگىمۇ نىسىپ قىلار دەپ تىلەيمەن

azghuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 12:44:10

ئىلمى نۇجۇم دەپ ئاڭلىغان ، لېكىن تىببى نۇجۇمنى ئاڭلىماپتىمەن دىسە

ئەسلى ئۇيغۇر تىبابىتىمىز بۇنداق ئىلغار كەڭ دائىرىلىك ئىكەندە

تەشەككۈر قېرىندىشىم، بولسا كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ

بەزى تېۋىپلىرىمىز ئاتا مىراس رېتسىپ،ئاتا مىراس كىتاپ دەپ ،بەزىدە ئەۋلادى ئۈزۈلۈپ،بەزى تۇيۇقسىز ئۆلۈم ، ھەر خىل سۈنئى ئاپەتلەر بىلەن مۇشۇ كىتاپلار ۋە رېتسىپلارنى يوق قىلدى

بۇلارنى مەخپى تۇتماي چوقۇم كىتاپقا ئېلىش ۋە ئوچۇق تارقىتىش كېرەك

azghuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 16:25:48

ئەلقانۇن فىتتىب

تىببى ئەكبەر

دەستۇرۇلئىلاج

ماۋۇ كىتاپلاردا نۇجۇم توغرىلىق گەپلەر بارمۇ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-16 17:07:32

ئەلقانۇندا ئازراق بار،ئوقۇپ كېلىۋېتىپ ئۇچراپ قالىدۇ. قالغانلىرىدا يوق.
بەت: [1]
: تېببى نۇجۇمنى بىلەمسىز؟