ئۈرۈمچىدىكى قارا تاكسى كەسپى
مەن يېقىندا بىر ماشىنا ئالغان ئىدىم، ئەلۋەتتە كىراكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، شەخسى ئشقا ئىشلىتىش مەقسىتىدە. بىراق بەزىدە ئانچە مۇنچە كىرا تارتىپمۇ قويىمەن. ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم ئۈرۈمچىدە تاكسىدىن بەك قارا تاكسى تولا. بولۇپمۇ بىزنىڭ ماۋۇ تەڭرىتاغ رايونى تەرەپتە. بۇ ياققا تاكسى كەلمىگەنكىن بەلكىم شۇنداق بولىدىغاندۇ.
ئاڭلىسام قاتناشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئورنى تەرىپىدىن (تۇڭگۇەنبەن)بىر قېتىم تۇتۇلۇپ قالسا 3 تۈمەن جەرىمانە قۇيارمىش. ماڭا ئوخشاش بېسىپ كىراكەشلىك قىلماي ئانچە مۇنچە تارتىپ قويغانلارغىمۇ ئەلۋەتتە 3 تۈمەننى قۇيۇپلاۋېتىدۇ بەلكىم. شۇڭا سوراپ باقسام مۇشۇنداق تۇتۇلۇپ باققانلار بارمۇ، ئاشۇ 3 تۈمەننى تۆلىمەيمۇ ئازىراق تۆلەپ قۇتۇلغىلى بولامدۇ . يا بۇ ھۆكۈمەتمۇ ماۋۇ تەرەپكە تاكسىنى ئەكىلەلمىدى. تاكسى توسىماق بىر مۈشكۈل بۇ يەردە. مۇشۇ توغرىسىدا بىر مەسلىھەتلىشىپ باقساق.
لېكىن مېنىڭ ماشىنام چىرۈي چ چ 3.08 بولغاچقا نەگە بارسا بەش سوملا ئالىمەن شەھەر ئىچىدە {:107:} مىنىڭ بۇ تۇغۇرلۇق جىق گەپ قىلغۇم يۇق.مەن پەقەت ئۈزۈم ئامال بار ئولتۇرمايمەن،ئۇرۇق -تۇققان دۇس -بۇرادەرلىرىمنىڭمۇ ئۇلتۇرىشىغا قارشى تۇرىمەن. ئەمما زۆرۈر چاغدا مۇشۇ قارا تاكسى ئەسقاتىدۇ كىشىگە. قىزىل تاكسى توختىمىغاندىن كېيىن شۇ قارا تاكسىغا چىقىدىغان گەپ،مەن قارا تاكسىغا چىقىشنى ياقتۇرىتتىم،بەزىلەر بار ھەقىقەتەن ئىنساپسىز،لېكىن يەنە كۆپىنچىسى ياخشى،بوپتۇ باللا،شۇ پۇلنى سەل كۆپ ئالسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ قارا تاكسىسىغا چىقىلى،تېما ئىگىسى سىزغۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تاكسىچىلىق قىلىپ قويىدىكەنسىز،لېكىن نۇرغۇنلىرى شۇ تاكسىغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ،شۇ ياشلىرىمىزغا ياخشى يەردىن خىزمەت بولغان بولسا شۇ دەككە دۈككىچىلىكتە قارا تاكسى ھەيدەپمۇ يۈرمىگەن بولاتتى.مېنىڭچە 80پىرسەنت تاكسىچىلىرىمىز يەنىلا ئىنساپلىق ئۈرۈمچىدە تاكسىنىڭ باھاسى قانچە بولىۋىتىپتۇ؟ ياكى شەخسىلەرگە ساتمامدۇ؟ قەشقەردە تاكسىلار 400 مىڭدىن قىممەترەك بولۋاتقاندەك. ‹‹قارا تاكسى›› چىلاردىن ئىنساپسىزلىرى ئۇچراپ باقماپتۇ ماڭا، لىكىن يېقىن-يىراق دەپ يۈرمەي ئاساسەن 10 كوي ئالامدۇ نېمە ھەممىسى دېگۈدەك؟!! قارا تاكسىنىڭ قوزغۇلۇش باھاسى 10 سوم بولاپ كىتىپ بارىدۇ.................................
ئەڭ قىسقا يولغىمۇ ئۇنىڭدىن تۆۋەن باھا قويغاننى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇسى شىددەت بىلەن ئاشقانغۇ چۇشلۇق تاكسى سانى يىتەرلىك ئاشمىدى. مەن دائىم قارا تاكسىغا ئولتۇرىمەن..ئەلۋەتتە ئاق تاكسىغا ئولتۇرۇش ئارزۇيۇم كۈچلىك بولسىمۇ يەنئەن يولى تەرەپتە ناھايىتى ئاز بۇ ئاق تاكسىلار...ياكى مەن پىشانەم تەتۈرمۇ ئىشقىلىپ ئۇدۇل كىلەلمەيمەن..ئىشقىلىپ قارا تاكسىغا كۆپ ئولتۇرغانلار بىلىدۇ..ھازىرقى قارا تاكسىلارنىڭ قوزغىلىش باھاسى 10 يۈەن بوپ كەتتى...باھانە سەۋەبلىرى ھەرخىل....ھەق ھىسابلىشى ئەلۋەتتە ئاق تاكسىلاردەك ئادىل ئەمەس...ئۆزى بىلگەنچە پۇل دەيدۇ. گەرچە قارا تاكسىچىلار ئىچىدە ئىنسابلىقلىرى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ..ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن...ھەق ھىسابلاش ئۇسۇلى يوقىرى...بەزىدە شۇنداق ئويلاپ كىتىمەن..ئۈرۈمچىگە كۆپرەك تاكسى كۆپەيتسە، قوزغىلىش ھەققىنى ھازىرقى 6 يۈەندىن 8 يۈنگە كۆتۈرسە...كۆپىنچە كىشىلەر تاكسىغا ئولتۇرالىسا..ھەق ھىسابلاش ئادىل بولسا،،،نۇرغۇن قارا تاكسى شوپۇرلىرى ئاق تاكسى رەسمىيىتىگە ئىگە بولسا..تاكسىچىلارمۇ رايۇن تالللىمىسا...خېرىدار تاللىمىسا، مىللەت ئايرىمىسا...ئەمما بۇلار قۇرۇق خىيال.. قارا تاكسى ھەيدەشنى ئاساسى كىرىم مەنبەسى قىلغانلاردا مەسىلە يوق، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى يېشىل تاكسىلار بىلەن ئوىشاش دىيەرلىك. لېكىن مۇشۇ ئىشتىن سىرتقى ھەيدەيدىغانلار سەل ئاشۇرۋېتىدۇ يېشىل تاكسى دا بەش كوي چىقىدىغانلىقى ئېنىقلا تۇرسىمۇ 10 كوي دەپ بىزىرىپ تۇرغان. خوتەن تەرەپتە قارا تاكسىلار بەك ئاز بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ 5كويلا ئالىدىكەنغۇ تەڭرىتاغ رايونىنىڭ يول شارائىتى ناچار، ئوڭاي توسۇلۇش كۆرۈلۈش ۋە باشقا شوپۇردىكى پسىخىكىلىق توسالغۇلار تۈپەيلى ھۆكۈمەت ئىلىكىدىكى تاكسىلار ئاساسەن تەڭرىتاغ رايونى تەرەپكە قاتناشنى بولۇپمۇ ئاققۇۋۇقتىن داۋانغىچە بولغان دائىرىگە قاتناشنى ئانچە بەك خالاپ كېتىشمەيدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى سايباغ ۋە يېڭىشەھەر رايونلىرىدا چاپقانغا ئامراق. ئۇلاردىن بىرقانچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تەڭرىتاغ رايونىدا بىر خېرىدارنى 10 يۈەنلىك مەنزىلگە ئاپىرىپ بولغۇچە، يېڭى شەھەر رايونىدا 3 خېرىدارنى 20 يۈەنلىك مەنزىلگە ئاپىرىپ بولغىلى بولىدىكەن. ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كەتكەن باشقا سەۋەبلەرمۇ باركەن. مەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئاققۇق ياكى بۇلاقبېشى تەرەپلەرگە كېلەرگە تاكسى توسالماي، كۆپىنچە يولنىڭ قارشى تەرىپىگە يەنى يېڭى شەھەر رايونى يۆنلىشىگە ئۆتۈپ تاكسى توساتتىم-دە، تاكسىلار زوق شوق بىلەن توختاپ، ئاغزىمدىن بۇلاقبېشى، دۆڭكۆۋرۈك دېگەنلەرنى ئاڭلاپ، يېلى چىققان توپتەك سالپىيىپ كېتىشەتتى، ھەتتا بەزىلىرى ئاشكارا ئۇ تەرەپكە كىرا تارتمايمەن، مەن تۆۋەن تەرەپكە ماڭغان دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىشەتتى. ئۇ چاغلاردا قولۇمدىكى تېلېفوننىڭ كامېرا چىرىغنى يېقىپ قويۇپ، خالىغىنىڭىنى قىل، ۋېيبو يوللىۋېتىپ چۈشەي دەپ قويسام، غىڭ-پىڭ قىلماي ماڭاتتى....
ئەمدى، بۇلاقبېشى تەرەپلەرگە قايتىپ كەلگەندىن بېرى، بۇ تەرەپلەردە قىزىل تاكسىلارنى ھەقىقەتەنمۇ كەمدىن-كەم ئۇچراتتىم، ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرى ھەيدىگەن ‹‹ قارا تاكسىلار ›› ‹‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ›› دېگەن چىرايلىق سالامدىن باشلانغان كۆڭۈللۈك سەپەر كۆپىنچە ھاللاردا 10 يۈەن ياكى 15 يۈەن بىلەن نىشانىغا يېتەتتى، كۆڭۈلمۇ كۆتۈرۈلۈپ، قىزىل تاكسىغا ئولتۇرغاندىكى خاپچىلىقمۇ يوق ئىدى. ئاندا-ساندا ئىنسابى كەم ياكى جىددىي بېيىش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ قالغان شوپۇرلارمۇ ئۇچراپ قالاتتى، ئىنساب ھەققىدە ئېغىز ئاچساق، ئۇلارنىڭمۇ بىر پاتمان سەۋەبلىرى بار ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن، ‹‹ قارىسى ›› قىزىلىدىن ياخشى تۇيۇلدى ماڭا.
ئەمما، بۇمۇ بىر خىل بىنورمال ئەھۋال بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر دىققەت قىلىشى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ خىل ئەھۋالنى ئوڭشاشقا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۇسۇلى ھەرگىزمۇ ئارىلاپ 3 تۈمەندىن جەرىمانە ئېلىپ، غەزىنىنى چىڭداش بولماستىن، يول-ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، قاتناش شارائىتى ۋە باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، تاكسى كارخانىلىرى ۋە شوپۇرلىرىدىكى ئايرىم پسىخىكىلىق كېسەلنى داۋالاش ياكى تاكسى شوپۇرلار قوشنىنى تەڭشەپ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت شوپۇرلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت كارخانچىلىرىنىڭ تاكسىچىلىق ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ، ئىجازەت بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلار دېگەندەك...
animationنىڭ تېمىسىدىن نەقىلھازىر كۆپ قىسىم قارا تاكسىلار قارا نىيەت تاكسى بۇلۇپ كەتتى، چىقتىڭىزلا 10كويدىن تۆۋەن ئىش يوق،
....
شۇڭا سوراپ باقسام مۇشۇنداق تۇتۇلۇپ باققانلار بارمۇ، ئاشۇ 3 تۈمەننى تۆلىمەيمۇ ئازىراق تۆلەپ قۇتۇلغىلى بولامدۇ
.
....
ئاھالىكومدىن \"جېنىنى ئاران بېقىۋاتقان تۇرمۇشچى\" ياكى \"ئۆيىدە قىيىنچىلىقى يامان ئېغىر \"دېگەن ئىككىلىك ئىسپاتنامە ئالالىسىڭىز بىرەر تۈمەن بىلەن بېشىڭىز ساقىيىدۇ.
بۇرۇن ئامال بار خەققە بەرگىىچە مۇشۇلارغا بىرەي دەپ چىقىتىم ،ھازىر تاكسى تاپالماي ئامال يوق چىقىدىغان بولدۇم ئىنساپلىقىرىمۇ با، قارا تاكسى چىققاندا ئەڭ ياخشى ئاۋال باھادا كىلىشىۋالغان ياخشى مەنمۇ شۇنداق قاراشتا.
شۇڭا ئازىراق ساقلىساممۇ دوپپىسى بار تاكسىدا ئولتۇرىمەن.
ئەمەلىيەتتە قاتناشنىڭ جەرىمانە كىرىمىنىمۇ قاتلىۋەتتىمىكى دەيمەن، مۇشۇ قارا تاكسىلار.
ئەڭ ئاز دېگەندە سەككىز مىڭ جەرىمانە قويىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئاغىنىلەردىن.
ئەمەلىيەتتە قارا تاكسىلار ھۆكۈمەتكە قوشۇمچە كىرىم كىرگۈزىدۇ. دوپپىلىق تاكسىلار بولسا ھۆكۈمەتتىن تولۇقلىما ئالىدۇ.
ئىشسىزلار قارا تاكسى ھەيدىسە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشسىزلىق بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ.
شۇ بېخەتەرلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئۇلارنى قانۇنى جەھەتتىن ئەنگە ئېلىپ، تىزىملاپ باشقۇرسا ياخشى بولاتتى.
ئەمەلىيەتتە بۇلار ئارتۇق ھەق ئېلىشتىن بەكرەك بېخەتەرلىك خەۋپى ئېلىپ كېلىدۇ. چەۋەندازنىڭ،ئالدىدىن دۆڭگۈۋرۈككە .بارسام،15دېمەسما تاس قالدىم ئەرزى قىلغىلى



مەن داۋاملىق يولدا ئۇچىرىغان ئوخشاش يۈنىلىشكە ماڭغان يولوچىلارنى ماشنىغا سېلىۋېلىپ پۇل ئالمايتىم. ئالدىنقى يىلى قاتتىق سوغۇقتا ئاقسۇدىن يېزىغا ماڭسام بىر ئايال قۇچىقىدا كىچىك بالا، پىيادە مېڭىپتىكەن. مېنى كۆرۈپ قولىنى بىر كۆتۈرۈپ توختاپ قالدى. ماشنىنى توختاتسام ئالدىدىكى بازارنىڭ ئىسىمىنى دەپ قانچە پۇل ئالىسىز دەپتى، مەن كىرا قىلمايمەن، چىقىۋېلىڭ، پۇل بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ دېيىشىمگىلا، پۇل ئالمىسىڭىز چىقمايمەن دەپلا ئىشكىنى جاققىدە يېپىپ چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بىرەرسى ماشنىنى توسسىمۇ ئىككىلىندىغان بولۇپ قالدىم. قارا تاكسىنى بىلىمەن، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى خالىغان رەڭدە ئاتىغىنىڭلا قىزىق بولدى، قىزىل ئاق يېشىل، بىزنىڭ قارامايدا كۆك، ئورقا تەرەپنىڭ سېرىق.