malchi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 10:29:42

ياۋۇرپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى سەككىز كۈچلۈكلەر ئايرىمىسى


3-ئاينىڭ 14 - كۈنى سەككىز كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسنىڭ ئەڭ ئاخرقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسى ئاخرلاشتى ،شۇنىڭ بىلەن سەككىز كۈچلۈكلەر ئايرىلىپ چىقىلدۇ.


سەككىز كۈچلۈككە كىرگەنلەر:


يوۋىنتىس (ئىتالىيە) يوۋىنتىس 5-0 كىلتىلار


پارىژ (فىرانسىيە) پارىژ 3-2 ۋالۇنسىيە


مادىرىد (ئىسپانىيە) مادىرىد 3-2 مانچىستېر بىرلەشمىسى


دورتمۇنىد (گىرمانىيە) دورتمۇنىد 5-2 كانچىلار


بارسلونا (ئىسپانىيە) بارسىلونا 4-2 مىلەن


گالاتا ساراي (تۈركىيە) گالاتا ساراي 4-3 شاركى 04


بايرىن  (گىرمانىيە) بايرىن 3-3 ئارسىنال (بايرىن مىھمان مەيدان توپ سانى ئۈستۈنلىكى بىلەن ئارسىنالنى شاللىدى)


مالاگا (ئىسپانىيە) مالاگا 3-1 پورتۇ


چەك تارتىش مۇراسىمى 15-چېسلا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 17:00 دە ئىلىپ بىرلىدۇ ،بۇ يىل چەك تارتىش قائىدىسدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ تۆت كۈچلەر ئايرىمىسدىن كىيىن قايسى كۇلۇپ بىلەن قايسى كۇلۇپ يىرىم ھەل قىلغۇچنى ئوينايدۇ بىلگىلى بولاتتى ،بۇ يىلدىن باشلاپ يىرىم ھەل قىلغۇچقىمۇ چەك تارتىش ئىلىپ بىرلىدىكەن.


YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 12:33:54

سەككىز كوماندىنىڭ ئىچىدە، ئەڭ ياخشى ئويناپ كەلگىنى دورتمۇند.

بارسېلونا بىرىنچى مىلان مۇسابىقىسىدىكى 2:0لۈك نەتىجىدىن كىيىن، كىشىلەرنى تەشۋىشكە سېلىپ قويغان، لېكىن ئالدىنقى كۈنىدىكى 4:0 لىك نەتىجە بىلەن يەنە ئەسلىگە كېلىۋالدى.

ئەمدى تېخىمۇ قىززىيدىغان مۇسابىقىلەرگە كەلدى، بارسېلونا، مادرىد، بايېرن - ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلار.

يۇۋېنتۇسقىمۇ بىر نىمە دېمەك تەس.

ئاۋۇ شەيخنىڭ پارىژ كوماندىسى ئىبراھىم دېگەن زوراۋان بىلەن بىر ئىشلارنى قىلالامدىكىن.

گالاتاساراي بىلەن مالاگا، ھەر ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەقىچان...

erven_Rummel يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 13:16:02

8كۈچلۈك كوماندىلا قاتارىدا ھەر قايسى مۇسابىقە تۈرىدە ئىپادىسى مۇقىم بولۋاتقىنى بايرېن ۋە بارسېلونا ، بۇ ئىككىسى ئۆزىنىڭ بىرلەشمىسى نىڭ ئۇزغۇنى بولىشى ئاساسەن مۇقىملىشىپ كەتتى ... \"\" ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق نى يەنىلا 1.ئورۇنغا قويۇپ ئويناش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى . بولاپمۇ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنىڭ 3يىلدا 2قىتىم ھەل قىلغۇچقا كىرىپ ،ئاشۇ لوڭقىغا ئىچىرقاپ كەتكەن بايرېن ئۈچۈن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ئىنتايىن مۇھىم ..



ئۇندىن قالسا پارىژ بىلەن يۇۋېنتۇس ،بۇ ئىككىسىنىڭ بىرلەشمىدىكى ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس ،ناۋادا بىرلەشمىدە سەللا دىققەت قىلمىسا ئۆزىنىڭ بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولۇشىدا باشقىلارنىڭ چىرايىغا قارايدىغان ئەھۋالغا ئۇچرايدۇ . شۇڭا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا بەك كۈچەپ ئىش تەۋرىتىشى سەل قاراڭغۇ .




مادرىد بىلەن دورتموند بولسا ھەر ئىككىلىسى ئۆزىنىڭ بىرلەشمە چىمپىيونلۇقىدىن يىراقلىشىپ كەتتى .... بولاپمۇ دورتموند بۇ پەسىل ئۇزغۇنلۇقتا ياخشى ئوينىغىنى بىلەن بىرلەشمىدە 3.ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى .... شۇڭا ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىدا ئىش تەۋرىتىش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى .مادرىد بولسا بىرلەشمىدە بەك چوڭ ئۈمىد يوق ، شۇڭا مادرىد ئۇزغۇنلۇققا بەك كۈچىشى مۇمكىن ، ئەلۋەتتە چىمپىيون بولۇش ئىھتىماللىقىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ ..







گالاتاساراي ،مالاگا لار بولسا يىڭى مىھمانلار بۇ ئىككىلىسى نىڭ قەدىمى 8دە توختاپ قىلىشى سەللىما+زا مۇمكىن . \"\"


مىنىڭ ئەڭ كۆگۈم بار مۇسابىقە مادرىد نىڭ بايرېن بىلەن بۇ يىل خاپ خاتىرجەم پۇخادىن چىققۇدەك تۇتۇشىشىنى كۆرگۈم بار ...\"\"

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 14:22:29

پارىژ داڭلىقراق كوماندا بىلەن بىر تۇتۇشۇپ باقسا بولاتتى،نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرىۋالسام \"\"

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 14:57:38

گەرچە ئىنگلاند كوماندىلىرى بالدۇر شاللىنىپ كەتتسىمۇ ھەر ھالدا ھەر ئىككىلىسى يۇز ئابرۇيى بىلەن قايتىپ كەتتى ، بۇلۇپمۇ ئارسىنال ئۇدا 3 يىل بولدا دائىم ئىككىنچى باسقۇچتا مۆجىزە يارتىۋىتىشكە ئاز ئاز قالدۇرۇپ، مەستانلارنى ھەي ئىسىت دەپ قويغۇزۇپ شاللىنىۋاتىدۇ، ئىنىگىلاندنىڭ بۇرۇنقىدەك 8، 4 كۈچلۇككە چىۋىن ئولاشقاندەك مونۇپۇل قىلىۋىلىشى تۈگەپ، چىمىپيۇنلۇقتا چىكىنىش ئىغىر، 1-بىرلەشمە ئورنىنىمۇ تاتقۇزۇپ قويدى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 18:17:58

بۇلتۇر چېلسى چىمپىيون بۇلۇپ ئېنگىلاندنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغانتى. بۇ يىل بالدۇرلا شاللاندى. شاللانسىمۇ ھەر ھالدا شەھەردىن ياخشى نەتىجىسى. \"\" ئالۋاستىلار بىلەن ئارسىنالنىڭ كىرەلمەي قالغىنى ئەپسۇسلىنارلىق بولۇپ قالدى. لېكىن ئۇلارمۇ بەك كۈچلۈك رەقىپلەرگە ئۇچراپ قالدىدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسابىقە جەريانىدىمۇ تىرىشقانغا چۇشلۇق تەلىيى كەلمەي قالدى. قىزىق يېرى ئىككىلىسى رېپىر بورىنىغا ئۇچراپ كەتتى.

بارسېلونا بايرىن بىلەن بىر تۇتۇشۇپ باقسا بولاتتى. ياكى دورتموند، پارىژ بىلەن. گالاتا ساراي مالاگا بىلەن تۇتۇشۇپ تۆتكە كىرىپ يولى ئوچۇق بۇلۇپ كېتەمدۇ تېخى. دىروگبا بىلەن سىنېيدېر خېلى ياخشى ئۆزلىشىپ كوماندىدا ھۇجۇم تەشكىللىشى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بۇلۇپمۇ گالاتا ساراينىڭ ھۇجۇمچىسى يىلمازنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى. ھازىرچە ئۇزغۇنلۇقتا سەككىز توپ ئۇرۇپ مەرگەنلىكتە رونالدو بىلەن بىللە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 20:55:23

5- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇلتۇر چېلسى چىمپىيون بۇلۇپ ئېنگىلاندنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغانتى. بۇ يىل بالدۇرلا شاللاندى. شاللانسىمۇ ھەر ھالدا شەھەردىن ياخشى نەتىجىسى. \"\" ئالۋاستىلار بىلەن ئارسىنالنىڭ كىرەلمەي قالغىنى ئەپسۇسلىنارلىق بولۇپ قالدى. لېكىن ئۇلارمۇ بەك كۈچلۈك رەقىپلەرگە ئۇچراپ قالدىدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسابىقە جەريانىدىمۇ تىرىشقانغا چۇشلۇق تەلىيى كەلمەي قالدى. قىزىق يېرى ئىككىلىسى رېپىر بورىنىغا ئۇچراپ كەتتى.

بارسېلونا بايرىن بىلەن بىر تۇتۇشۇپ باقسا بولاتتى. ياكى دورتموند، پارىژ بىلەن. گالاتا ساراي مالاگا بىلەن تۇتۇشۇپ تۆتكە كىرىپ يولى ئوچۇق بۇلۇپ كېتەمدۇ تېخى. دىروگبا بىلەن سىنېيدېر خېلى ياخشى ئۆزلىشىپ كوماندىدا ھۇجۇم تەشكىللىشى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بۇلۇپمۇ گالاتا ساراينىڭ ھۇجۇمچىسى يىلمازنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى. ھازىرچە ئۇزغۇنلۇقتا سەككىز توپ ئۇرۇپ مەرگەنلىكتە رونالدو بىلەن بىللە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.

8-ئايدا ئاتېلىتكو مادرىد بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە 4 توپ يەپ، تېخىمۇ يورۇق قىلغانتى تېخى.....\"\"

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 20:57:41

چارەك ھەلقىلغۇچتا:

رېئال مادرىد- بارسېلونا

بايېرن-دورتمۇند

ئوينىسا تازا قىززىيتتى دە.....

ياكى بولمىسا، بۇلار باشقىلىرى بىلەن چەك تارتىشىپ قالسا، ئۇلارنى شاللاپ، ئاندىن كىيىن يېرىم-ھەلقىغۇچتا تۇتۇشۇپ قالسىمۇ، پىچەت بولاتتى....

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 21:00:23

6- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇلتۇر چېلسى چىمپىيون بۇلۇپ ئېنگىلاندنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغانتى. بۇ يىل بالدۇرلا شاللاندى. شاللانسىمۇ ھەر ھالدا شەھەردىن ياخشى نەتىجىسى. \"\" ئالۋاستىلار بىلەن ئارسىنالنىڭ كىرەلمەي قالغىنى ئەپسۇسلىنارلىق بولۇپ قالدى. لېكىن ئۇلارمۇ بەك كۈچلۈك رەقىپلەرگە ئۇچراپ قالدىدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسابىقە جەريانىدىمۇ تىرىشقانغا چۇشلۇق تەلىيى كەلمەي قالدى. قىزىق يېرى ئىككىلىسى رېپىر بورىنىغا ئۇچراپ كەتتى.

بارسېلونا بايرىن بىلەن بىر تۇتۇشۇپ باقسا بولاتتى. ياكى دورتموند، پارىژ بىلەن. گالاتا ساراي مالاگا بىلەن تۇتۇشۇپ تۆتكە كىرىپ يولى ئوچۇق بۇلۇپ كېتەمدۇ تېخى. دىروگبا بىلەن سىنېيدېر خېلى ياخشى ئۆزلىشىپ كوماندىدا ھۇجۇم تەشكىللىشى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بۇلۇپمۇ گالاتا ساراينىڭ ھۇجۇمچىسى يىلمازنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى. ھازىرچە ئۇزغۇنلۇقتا سەككىز توپ ئۇرۇپ مەرگەنلىكتە رونالدو بىلەن بىللە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.

8-ئايدا ئاتېلىتكو مادرىد بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە 4 توپ يەپ، تېخىمۇ يورۇق قىلغانتى تېخى.....\"\"

مادرىد ئاتلىتكا ئىسپانىيەدە ھازىر ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتقان كۇلۇب ئۇتتۇرۇپ قويىشىمۇ نورمال. ھازىرقى بىرىنچى ئورۇندىكى بارسېلونانىمۇ چېلسى ئىككى توپ ئارقىدا قالغان 10 ئادەم بىلەن بىر نۇقتا توپ بېرىپ نوكامپۇدا ئۇتقان جۇمۇ. \"\"

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 22:24:13

مىنىڭچە چىلىسى پۇتپولنىڭ يۇزىنى تۆكىتى، ئابلاموۋىچقا ئۇنداق ئويناپ ئالغان ئۇزغۇنلۇق تازا قايىل بولمىغان، پەقەت پۇتپول مەستانلىرنىڭ بىسىمى بىلەن ھەم مۇۋاپىق تىرىنىر نامزاتى بولمىغاچقا دىماتىئونى رەسمىلەشتۇرگەن، كىيىن يەنىلا ھىچىنىمگە قارماي ئۇنى ئىشىتىن بوشاتتى،

مۇشۇ ئابلاموۋىچ ھەقىقى پۇتپول مەستانسى، بۇنىڭ پۇتپول ئىدىيەسىنى مەن بەك ياقتۇرمەن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 22:37:49

ئۇنداقتا چېلسى قانداق يۈزىنى تۆكۈپتۇ؟ مىلاندەك تۆت توپ يەپ بەرسە يۈزىنى تۆكمىگەن بولامتى؟ ياكى بارسېلونادەك مەيداندا يىتىۋىلىپ رېپىرغا بىسىم ئىشلىتىپ ئۇتقان بولسا ياكى تىكا تىكاڭ ئويناپ ئادەمنى زېرىكتۈرسە ياخشى بولامتى؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 03:58:08

\"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 04:07:34

\"\"


\"\"



\"\"



يۇقۇرىقى ئۈچ پارچە رەسىم ئېسىڭلاردا باردۇ؟ سىلەر ئۇنتۇپ قالغان بىلەن چېلسى مەستانىلېرىنىڭ ھېچ بىرى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. ھەم مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. بارسېلونانىڭ رېپىرنىڭ ياردىمى بىلەن ئېرىشكەن شۇ مەيدان غەلبىسى پۇتبول ئۈچۈن ھەقىقى ھاقارەت. پۇتبول بىر جەڭ تاكتىكا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا تېرىنېرنىڭ مائاشى پۇتبولچىدىنمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. ئون ئادەم بىلەن قالغان چېلسى مۇداپىئە بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمنى ئاساس قىلىپ ئوينىماي قانداق ئوينىسا بولاتتى. ئىككى توپ ئارقىدا قالغاندا 10 ئادەم بىلەن مېھمان مەيداندا يەنە كېلىپ بارسېلونانىڭ مەيدانىدا تېخى مىسسىغا بىر نۇقتا توپ بېرىپ ئۇتۇش بۇ پەخىرلەنگۈدەك نەتىجە. بۇدا مىلان ھۇجۇمنى ئاساس قىلىمىز دەپ بىر توپمۇ ئۇرالماي شاللىنىپ كەتتىغۇ مانا. چېلسى ئۆتكەنكى سىتامفورد پاجىئەسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 04:11:01

پۇتبول تارىخىدىكى مەڭگۈلۈك قارا داغ سىتامفورد پاجىئەسى



2008-2009 يىللىق ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچتا چېلسى تۇنجى ئۇچرىشىشتا نوكانپۇدا بارسىلونانىڭ پولات مۇداپىئەسىدىن ئۆتەلمەي تەڭلىشىپ قالدى. ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا چېلسى ئۆز مەيدانى سىتامفورد كۆۋرىكىدە بارسىلونانى كۈتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مۇسابىقە پۇتبول تارىخىدا مەڭگۈلۈڭ ئىز قالدۇردى. نورۋىگىيەلىك خېننىڭ رېپىرلىق قىلغان بۇ مۇسابىقىدە چېلسى ئاز بولمىغان ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىدى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 26 مىنۇت بولغاندا دىروگبا ئابىدال تەرىپىدىن چەكلەنگەن رايون ئىچىدە يىقىتىۋىتىلدى لېكىن رېپىر كۆرمىگەنگە سالدى. 56 مىنۇت بولغاندا دىروگبا لەمپارد بەرگەن ئۇزۇن پاسنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تۇلېيدىن ئەگىپ ئۆتۈپلا ۋارتارغا توپ ئۇرۇشقا تەييارلاندى لېكىن تۇلېي تەرىپىدىن پۇتلىنىپ يىقىلىپ چۈشتى. رېپىر يەنىلا نۇقتا توپ بەرمىدى.82 مىنۇت بولغاندا ئەڭ تالاش تارتىش پەيدا قىلغان كۆرۈنۈش پەيدا بولدى يەنى ئانېلكا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە تەپكەن توپى پىكنىڭ ئوڭ قولى تەرىپىدىن توسىۋىلىندى. لېكىن رېپىر قەستەنلىك يوق دەپ يەنىلا پۇشتەك چالمىدى. 94 مىنۇت بولغاندا يەنى قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا چېلسى بىر بۇلۇڭ توپقا ئېرىشتى. باللاڭ ۋارتاغا 14 مىتىر يىراقلىقتىن كۆكلىگەن توپنى ۋارتاغا قارىتىپ تەپتى. ۋارتا ئالدىدا تۇرغان ئېتوئو سو قولىنىڭ يۇقۇرى بىلىكى بىلەن بۇ توپنى توسىۋالدى . گەرچە مۇسابىقە باشلىنىپ 9-مىنۇتتىلا چېلسى ئېسسىننىڭ توپىغا تايىنىپ 0:1 ئالدىدا ماڭغان بولسىمۇ لېكىن 93 مىنۇت بولغاندا ئېنىستا بىر توپ ئۇرۇپ تەڭلەشتۈرۋالغاچقا بارسىلونا مېھمان مەيدان توپىغا تايىنىپ شۇنداقلا رېپىرنىڭ ياردىمى بىلەن مۇسابىقە غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقىدىن كېيىن دىروگبا بىلەن بوسىڭۋا نەق مەيداندىلا رېپىرنى نۇمۇسسىز ئەبلەخ، ھاقارەتلىك مۇسابىقە، رېپىر ئەمەس بەلكى ئوغرى دەپ تىللىدى. باللاك بولسا ئېتوئونىڭ قول توپى ئۈچۈن رېپىرنى چېلسىنىڭ چەكلەنگەن رايونىدىن بارسىلونا تەرەپكىچە قوغلىشىپ باردى. ياۋرۇپا پۇتبول بىرلەشمىسى دىروگبا بىلەن باللاكقا ئايرىم-ئايرىم تۆت مەيدان ۋە ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بەردى. شۇنداقلا قىلىپ ئاز دىگەندە ئۈچ نۇقتا توپنى قۇيۇپ بەرمىگەن خېننىڭ ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا لوندوندىن ئايرىلدى.يەنە بىر خەۋەرلەردە ئۇزغۇنلۇق كۆپ يىلدىن ياقى ئېنگىلاند كۇلۇبلېرىنىڭ ئىچكى جىڭىگە ئايلىنىپ قالغاچقا ياۋرۇپا پۇتبول بىرلەشمىسى ئېنگىلاند كۇلۇبلېرىنى يەكلەش تەدبىرىنى يولغا قۇيۇشقا مەجبور بولغان.شۇنىڭدىن كېيىن پىلاتىنىڭ تۇتۇق بالىسى بارسىلوناغا بولغان مۇھەببىتى مۇشۇ مۇسابىقىدىن كېيىن ئالەمگە مەشھۇر بولدى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 04:24:40

\"\"



\"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 10:49:11

2004-2005-يىللىق ئۇزغۇنلۇقتا بارسىلونا بىلەن مىلان ئوينىغان مۇسابىقىدە، شۇ چاغ مىلاننىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋاقىتلىرى بولسىمۇ، لېكىن مەيداننى كونتىرول قىلىشى بارسىلوناغا يەتمەيتتى. كاساپەتلەرنىڭ پاسلىرى ... ھەي.  ئۈچ قېلىچۋاز زامانىدىكى مىلان بىلەن ھازىرقى بارسا ئويناپ باققان بولسا كىم يېڭەر دەپ تولا خىيال قىلىمەن.

تارىم، باش سۈرىتىڭىز مالدىنىنىڭ كىچىك ۋاقتى ئوخشىمامدۇ، ئوخشاۋاتىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 10:56:40

بىر قىتىم بولسىمۇ مەيلى، ئىككى قىتىم بولسىمۇ ھە بوپتۇ . لېكىن ئۈچ قىتىممۇ خاتالىشامدۇ؟ ئۇزغۇنلۇقنىڭ رېپىرلېرىغا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ داڭلىق رېپىرلېرى پۇشتەك چالىدىغان تۇرسا. رېپىر ئۇ چاغدا كۆز ئالدىدا ئوپ ئوچۇق تۇرغان قول توپنى قەستەن كۆرمەي تۇرىۋالغاندە.يۈرەك سۇقۇشنى ئۆلچىسىڭىز باللاك بىلەن دىروگبانىڭ ئىنىقكى رېپىردىن تېز چىقىدۇ. بىر مەيدان مۇسابىقە شۇ نەتىجە بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. نەچچە ئون مىليونغا، تالاي پۇتبولچىلار بىلەن تالاي مەستانىلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزوسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇرسا. مېسسىنىڭ شۇ نۇقتا توپنى ئۇرالماي قانچىلىك يىغلاپ كەتكىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە.2008 دىكى تېررىنىڭمۇ شۇ. نانىمۇ قانچىلىك ياش تۆكمىدى مانچىستېرنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ سەۋاپكارى بولغانلىقتىن. \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 11:31:13

ما 41 ھەل قىلغۇچتىمۇ ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى تەقلىدى چەك تارتىپ بېقىپتۇ. نەتىجىسى :

بارسىلونا VS يوۋىنتىس

مادرىت VS دورتمۇند

پارىژ VS گالاتا ساراي

بايرىن VS مالاگا



بۈگۈن كەچقۇرۇن 5 دە نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقايلى، ئالدىنقى قېتىمقى تەقلىدى چەككە ئوخشاش توغرا چىقامدۇ يوق.
بەت: [1] 2
: ياۋۇرپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى سەككىز كۈچلۈكلەر ئايرىمىسى