Ocean21 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 08:30:37

ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نارسىدە بوۋاققا ئىئانە توپلاش مۇراجەتنامىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، خەيىر-ساخاۋەتچىلەر:


      سالامەتلىك ۋە خوشاللىق بىز ھەر بىرىمىزنىڭ ئارزۇسى، بىز دوسلىرىمىز ۋە ئائىلىدىكىلىرىمىز بىلەن جەم بولۇپ خوشال يايراۋاتقان ۋاقتىمىزدا، بىزنىڭ يېنىمىزدا ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن ئوماق بىر قىز كېسەل ئازابى بىلەن ئېڭراۋاتىدۇ، رەھىمسىز ئاق قان كېسىلى ئەسلىدىنلا نامرات بولغان بۇ ئائىلىگە زور بالايىئاپەت بولدى. بۇ بەخىتسىز قىز بولسا كۇچا ناھىيە بېھىشباغ يېزا كۆكتىكەن كەنت 6-زۇدىكى دېھقان ئەكبەر ئەخمەتنىڭ ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن قىزى گۈلگىنە ئەخمەت بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن 500 مىڭ يۈەن كېتدىعان بولعاچقا، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئەسلىدىنلا ناچار بولغان بۇ دېھقان ئۈچۈن بۇنچىۋالا پۇلنى تەييارلاش مۇمكىن بولمىعان. ئەھۋالدىن حەۋەر تاپقان بېھىشباع يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە كۇچا ناھىيلىك ئىتتىپاق كومىتىتى ناھىيىدىكى كەڭ حەلق ئاممىسىعا مۇراجەتنامە يوللاپ ئىئانە توپلىعان بولسىمۇ بىراق كىچىك قىزچاقنى داۋالاپ ساقايتالىعۇدەك ئىقتىسادقا ئىرىشەلمىدى. شۇڭلاشقا مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيعۇر ئاپتۇنۇم رايونىدىكى ئويعۇر قېرىنداشلارعا مۇراجەتنامە يوللىدۇق.


      تاما تاما كۆل بولۇر دېگەن گەپ بار، شۇڭا كەڭ قېرىنداشلار، خەيىر-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىللىق قولىنى سۇنۇپ، گۈلگىنەنىڭ كېسەل ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ بالدۇراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىڭلارنى مۇراجەت قىلىمىز.


ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى:


1.    كۇچا ناھىيىلىك ئىتتىپاق كومىتىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىئانە قىلىش.


كۇچا ناھىيىلىك ئىتتىپاق كومىتىتىدىكى ئالاقىلاشقۇچى خادىم : ئابلىكىم ئابلا


ئىشحانىنىڭ تېلىغون نومۇر: 0997-7122124


2.    بىۋاستە ھالدا بالىنىڭ ئائىلىدىكىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش.


ھەمراخان ھامۇت    تېلىغون نۇمۇرى: 18963881764


بانكا كارتا نومۇرى: يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىپى (6210 0820  0283 7194

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 13:48:17

ئاللاھ شىپاسىنى بەرسۇن!

دىھقان ئادەمگە 500 مىڭنى غەملىمەك ئاسان ئەمەس. ھۆكۈمەتنىڭ ئاشۇنداق ئېغىر كېسەللىرىگە پۇل ئاجرىتىدىغان ئىشلار بار دېگەندەك قىلىۋاتاتتى. ئىنىق ئۇچۇرىنى بىلىدىغانلار بولسا قالدۇرۇپ قويسا!!!

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 14:18:29

قايىنىسام بەكلام قايناپ قالىدىغان ئوخشايمەن، ئاللاھ شىپالىقىنى بەرسۇن،كۆپچىلىك كۆپرەك تەشۋىقات قىلىپ قويايلى.ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى...

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 15:14:29

ئاللاھ شىپالىق بەرگەي ،قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز -ئەلۋەتتە...

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 18:44:58



ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن ، قېرىنداشلار قۇلىمىزدىن كىلىشىچەڭ ياردەن قىلايلى !

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2013-3-15 00:07:53

سودا سانسئەت بانكىسىنىڭ كارتىسى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى!!!!
بەت: [1]
: ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نارسىدە بوۋاققا ئىئانە توپلاش مۇراجەتنامىسى