live_topic يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 20:09:51

ماتېماتىكىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرى

ماتېماتىكا بىر دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپقان ياكى تاپمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسى بىلىمدۇر. ماتېماتىكىغا سەل قارىغان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆز كەسپىدە ياخشى بولىشى ئاساسەن نۆلگە تەڭ. چەتئەللەرگە چىقىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئۇيغۇرلارغا قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماتېماتىكىدا ياخشى ئوقۇغانلار ئىكەن. شۇڭا بىزلەر بالىلىرىمىزغا ماتېماتىكا دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولسا ماتېماتىكىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن قانداق يوللارنى بېسىپ ئۆتۈشىمىز كېرەك. مەن تۆۋەندە بۇ تېمىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.



ماتېماتىكا ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنمىسە بولمايدىغان مۇھىم كەسىپ بولۇپلا قالماي ئۇ ھەم رىقابەت تۈسىنى ئالغان ئىلىمدۇر. ماتېماتىكا بولسا ھۈنەرلەر توپلىمى ياكى ماھىرلىقنىڭ توپلىمى بولۇپ ئۇنى ئۆگىنىش ئۈچۈن چوقۇم كۆپ مەشىق قىلىش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا قولىڭىزدا قەلەم ئالدىڭىزدا قەغەز بولىشى كېرەك. ئۇنى باشقىلارنىڭ قىلغىنىنى كۆرۈپ قويۇش بىلەن ئۈگەنگىلى بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكىلىق مەسىللەرنى ناھايىتى ئاسان چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن ئەمما سىز ئۇنى كۆپ مەشىق قىلىشىڭىز، قايتىلاپ-قايتىلاپ ئىشلىشىڭىز كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا ماتېماتىكىنى ئۆگىنىش ئۇسۇل يوق! ماتېماتىكا ئۆگىنىش مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنى چېلىشقا، كومپيۇتېردا خەت بېسىشقا ياكى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئوخشايدۇ. سىز باشقىلار ئىشلىگەن ۋىدىئونى كۆرۈڭ ياكى كۆپلىگەن كىتاپلارنى ئوقۇڭ مەشىق قىلمىسىڭىز ئۇ يەنىلا بەرىبىر. مەسىلەن داڭلىق ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچى كوبې برياننىڭ ئوينىغان ۋىدىئولىرىنى كۈندە نەچچە قېتىملا كۆرسىڭىزمۇ ياخشى ۋاسكېتبولچى بولالمايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاسكېتبولنى كۆپ مەشىق قىلىشىڭىز، توپلارنى ياخش تاشلىشىڭىز، گارغا ياخشى چۈشۈرۈشىڭىز، پاس بېرىشىڭىز ھەم بۇ ئاساسلىق ماھارەتلەرنى قايتىلاپ-قايتىلاپ مەشىق قىلىشىڭىز كېرەك. شۇڭا ماتېماتىكىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى ھەركۈنى دىگىدەك كۆپلەپ مەشىق قىلىشىڭىز ھەم يادلىشىڭىز كېرەك.



ماتېماتىكىنى ياخشى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى تۆۋەندىكى ئەڭ ئاساسلىق 6 باسقۇچقا رىئايە قىلىش كېرەك.


1. ھەر كۈنلۈك مەكتەپ دەرسگە چوقۇم بېرىشى كېرەك.

2. سىنىپتا خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك.

3. كىتاپنى قايتا-قايتا ئوقۇش كېرەك.

4. بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ھەركۈنى قالدۇرماي ئىشلىشى كېرەك.

5. ئەگەر ياردەمگە موھتاج بولسا چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا سورىلىشى كېرەك.

6. كۈنىگە دېگۈدەك تەكرارلاش كېرەك.


ئەمدى يۇقىرىقى چۈشەنچىلەرگە قىسقىچە ئىزھات بېرىپ ئۆتەي.


ھەركۈنى مەكتەپكە بىرىش ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئوقۇغۇچى بىر كۈن دەرس قالدۇرسا بولۇپمۇ ماتېماتىكا دەرىسىدە باشقىلارغا يېتىشىش تەسكە توختايدۇ. شۇڭا ئامال بار ئوقۇغۇچى دەرس قالدۇرماسلىقى كېرەك. ستاستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ياخشى بىر نەتىجە ئېلىش ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس قالدۇرماسلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.



خاتىرە قالدۇرۇش ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن بىر مۇھىم قىسمىدۇر. ئوقۇغۇچى خاتىرە قالدۇردى دېگەن گەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگىنىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى دىمەكتۇر. ئوقۇغۇچى خاتىرە قالدۇرغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز دەرھال قولىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىدىن سوئال سورىشىڭىز كېرەك. ئۇنى ھەرگىزمۇ مۇنداقلا قىلىپ ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ. مەن ۋەتەندە ياكى ياپوندا ئوقۇغان ۋاقتىمدا سوئال سوراشقا بەك ئامراق ئىدىم. بەزى ۋاقىتلاردا ئوقۇتقۇچى بىلەن ۋاقىرىشىپ تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتكەن ۋاقتىممۇ بولغان. بۇنداق دېگەنلىگىم ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇرۇشۇڭ دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزنىڭكىنى توغرا دەپ قارىسىڭىز ئوقۇتقۇچىغا ھەرگىزمۇ يول قويۇشقا بولمايدۇ.


ئوقۇغۇچى دەرستىن كېيىن چوقۇم ماتېماتىكا دەرىسلىكنى ئوقۇشى كېرەك. ئۇنى ئوقۇپ چۈشەنمىسە قايتا ئوقۇش كېرەك. ماتېماتىكىدىكى بەزى ئېنىقلىمىلارنى چۈشىنىش تەسكە توختايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنى مەجبۇرى يادلاش كېرەك. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىللەن ھېلىقى يادلىغان چۈشەنچە ئۆزىڭىزنىڭ بولىدۇ.



تاپشۇرۇق ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەش سىزنىڭ دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى چۈشىنىشىڭىزگە چوڭ رول ئوينايدۇ. مۇمكىن بولسا كىتاپتىكى بارلىق مەشىقلەرنى قالدۇرماي ئىشلەش كېرەك. مەن ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدا دەرسلىكتىكى بارلىق مەشىقلەرنى ئىشلەشتىن سىرت باشقا مەشىقلەر توپلاملىرىنى ئەكىلىپ مەشىق ئىشلەيتتىم.



دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ياخشى چۈشەنمىگەن ھەم دەرستىن كېيىن ئۇنى ئوقۇپمۇ چۈشەنمىگەن بولسىڭىز، دەرھال ئوقۇتقۇچىنى تېپىپ ئۇنى سورىشىڭىز ياكى مەكتەپنىڭ ياردەم قىلىش مەركەزلىرىگە بېرىپ سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بۈگۈن چۈشەنمىگەن نەرسىلەرنى ئەتىگە قويۇپ قويماڭ.



كۈنىگە تەكرارلاش دىگىنىمىز ھەر كۈنكى دەرىسلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇش ھەم بۇرۇن ئۆتۈلۈپ كەتكەن دەرىسلەرنى قايتا ئوقۇش كېرەك. كېلەر قېتىملىق دەرىسلەرنى بىر قۇر كۆزدىن ئۆتكۈزۈپ چىقىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا كېلىدىغان دەرىسلەرنى ياخشى چۈشۈنۈپ كەتكىلى بولىدۇ.



بۇ يازمام ماتېماتىكا ئۆگىنىشتە كىچىكىنەم بولسىمۇ سىزگە ياردەمدە بولغان بولسا خوش بولىمەن. بىزدە بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما دەيدىغان ھېكىمەتلىك سۆزلىرىمىز بار شۇڭا بىلگىنىمىزنى يازايلى ھەم ئورتاقلىشايلى.



ئاپتورى: دوكتۇر تاشپولات روزى



ماتېماتىكىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرى ~ Live Topic

http://www.live-topic.com/2013/03/the-road-to-success-in-mathematics.html

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 21:26:10

ماتىماتىكا ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان پەن. بەك قىزىقاتتىم ئەپسۇس ماتىماتىكا كەسپلېرىدە ئوقۇش پۇرسىتى بولماي قالدى.

ماتىماتىكىنى ئۆگەنگەندە بالىلار چۈشىنىشنى ئاساس قىلىپ ئۆگەنسە ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدۇ. فورمۇلانى قۇرۇق يادلىغاننىڭ پايدىسى يوق.

live_topic يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 23:46:11

دوكتۇرلىرىمىز ئارقا-ئارقىدىن ئۆزىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش يوللىرىنى بىز ياشلارغا سۇنىۋاتىدۇ.



ئەركىن سىدىقنىڭ ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى ماقالىسىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار.



مەن ئىنگلىزچىنى قانداق ئۆگەندىم؟ ~ Live Topic

http://www.live-topic.com/2013/02/how-can-i-learn-english.html

Estami يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 11:27:12

رەھمەت .

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 21:33:55





قانداق قىلسام ئوغلۇمنى ماتېماتىكىغا بەكرەك قىزىقتۇرالارمەن .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 21:56:09

4- قەۋەتتىكى mihrimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل





قانداق قىلسام ئوغلۇمنى ماتېماتىكىغا بەكرەك قىزىقتۇرالارمەن .

بالىڭىزنى ماتىماتىكىلىق تىپىشماقلار بىلەن قىزىقتۇرسىڭىزمۇ بەك ئۈنۈملىك ئۇسول. ھىساپلىق تىپىشماقلار، گىئومىتىرىيىلىك نەقىشلىك تىپىشماقلار دىگەندەك...مەسلەن ئاسانراقى 100 نىڭ ئىچىدە قانچە دانە 9 بار دىگەندەك...قىيىنراقلېرىدىن ئۆزىدىن باشقا بارلىق بۆلۈنگۈچىلېرىنىڭ يىغىندىسى شۇ ساننىڭ ئۆزىگە تەڭ بولغان ئىككى خانىلىق سان قايسى؟ دىگەندەك...

يەنە بەزى قىزىقارلىق سان ئۇيۇنلېرى بار. مەسلەن ھەرقانداق بىر ساننى 9 غا كۆپەيتسەك چىققان سانلارنىڭ ھەر قايسى خانىلېرىنىڭ يىغىندىسى 9 نىڭ ھەسسىلىك سانى بولىدۇ. 1 2 3 5 8 13 21 34 دىگەندەك F سانلار قاتارى....

يەنە ماۋۇ بىردىن تۇققۇزغىچە سانلارنى تىزىپ ھەر قۇرنىڭ نەتىجىسىنى 15 چىقىرىش دىگەندەك. بىردىن 16 غىچە تىزىپ 24 چىقىرىش دىگەندەك.

2         9         4

7          5            3

6          1            8

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 15:37:19

مېنىڭچە ماتىماتىكا ئۆگەنگەندە، ئۆگىنىۋاتقان دەرىسلىك كىتابتىكى ئۇقۇملارنى قانچە تېز ئۆگەنسە، ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

بولسا كىتابنى ئاۋال خۇددى رومان كۆرگەندەك بىر ۋاراقلاپ كۆز يۈگرىتىپ چىققان ياخشى.

ئاندىن پۈتكۈل كىتابتىكى بېلىملەرنى ئۇنۋېرساللاشتۇرۇپ كۆپرەك ئەمەلىيەتكە تەدبىخلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ مەشىق قىلىش كېرەك.

شۇنداق قىلغاندا

1. ئۈگۈنىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتى ياخشى بولىدۇ.

2. ئۈگەنگەن بىلىملەرنى ئاسان ئۇنتۇپ قالمايسىز.

3. ئۆگەنگەن نەرسىلىرىڭىز ئەمەلى تەپەككۇرىڭىزنى ئۆستۈرىدۇ.

4. ئوقۇغۇچىلارغا نسبەتەن ئەڭ مۇھىمى، ئېمتاھان نەتىجىڭىز ياخشى بولىدۇ. بولۇپمۇ دەرىسكە تولۇق چىقمايدىغانلارغا. \"\"

ئېمتاھاندا فىراففىسور بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغاندىن كۆپ ئىشەنچلىك ھالدا ئاتتەك ئۆتۈپ كېتىىسىز.

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 15:39:49

ھە راس، مېنىڭ دېگىنىم، دەرىسكە چىقىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان، ئۆزلىگىدىن ئۆگۈنىدىغانلارغا قارىتىلغان. \"\"

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 12:39:36

5- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى mihrimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل





قانداق قىلسام ئوغلۇمنى ماتېماتىكىغا بەكرەك قىزىقتۇرالارمەن .

بالىڭىزنى ماتىماتىكىلىق تىپىشماقلار بىلەن قىزىقتۇرسىڭىزمۇ بەك ئۈنۈملىك ئۇسول. ھىساپلىق تىپىشماقلار، گىئومىتىرىيىلىك نەقىشلىك تىپىشماقلار دىگەندەك...مەسلەن ئاسانراقى 100 نىڭ ئىچىدە قانچە دانە 9 بار دىگەندەك...قىيىنراقلېرىدىن ئۆزىدىن باشقا بارلىق بۆلۈنگۈچىلېرىنىڭ يىغىندىسى شۇ ساننىڭ ئۆزىگە تەڭ بولغان ئىككى خانىلىق سان قايسى؟ دىگەندەك...

يەنە بەزى قىزىقارلىق سان ئۇيۇنلېرى بار. مەسلەن ھەرقانداق بىر ساننى 9 غا كۆپەيتسەك چىققان سانلارنىڭ ھەر قايسى خانىلېرىنىڭ يىغىندىسى 9 نىڭ ھەسسىلىك سانى بولىدۇ. 1 2 3 5 8 13 21 34 دىگەندەك F سانلار قاتارى....

يەنە ماۋۇ بىردىن تۇققۇزغىچە سانلارنى تىزىپ ھەر قۇرنىڭ نەتىجىسىنى 15 چىقىرىش دىگەندەك. بىردىن 16 غىچە تىزىپ 24 چىقىرىش دىگەندەك.

2         9         4

7          5            3

6          1            8


رەھمەت ھە، چوقۇم سىناپ باقىمەن.
بەت: [1]
: ماتېماتىكىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرى