gistapo يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 17:19:15

تېلېۋىزور توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقمايلىمۇ.

ئىزدىنىش مۇنبىرىگە ئاسان كۈندە چىقىپ تۇرىمەن بىراق ئاساسەن ئىنكاس يازمايدىغان ھۇرۇنلارنىڭ بىرسىمەن.بۇگۈن سىلەر بىلەن ئازراق پاراڭ سوققۇم كەلدى.

مەن بولسام كىنو mtv لارنى ئىزدەپ يۇرۇپ  ئەڭ سۈزۈك نۇسقىللىرنى تېپىپ كۈردىغان بىر video fan دەپ تۇرايلى ئەمدى مۇنداقچە.ئۈچ دانە يۆتكىلىشچان قاتتىق دىسكا تۇشاق كىنو ناخشىغا...

شۇنىڭغا ماس ھالدا ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن تېلۋېزور كىرەك بۇلىدۇ ئەلۋەتتە

قول قىسقا بولغاچقا ياخشى نەرسىنى ئېلىشقا ھازىرچە ماغدۇر يوق.

مىنى مۇشۇ ئىلىكتىرون ساھەسىدە ياخشى دەپ ئىدارىدىكىلەر دائىم ئىلىكتىر مەھسۇلاتلىرى ئالسا مىنى باشلاپ ئېلىشىپ بىرشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرۋالىدۇ.مەنمۇ ياق دىمەي.كومپىيوتىر ،تېلۋىزور دىگەندەكلەرنى ئېلىپ بىرمەن.

تېلېۋىزور ئالغاندا دائىم ئىختىسادچىللىقنى تەلەپ قىلىپ تۇرۋالغانلارغا دۆلىتىمىز ماركىللىردىن چۇۋاڭۋىينى تاللاپ بىرەتتىم.

بىراق يېقىندا بولغان بىر ئىش مىنى دۆلىتىمىز ماللىردىن يىراقلاشتۇرۋەتتى.....



قەشقەردە كونا نەرسىلەرنى ساتىدىغان بىر بازار دائىم شۇيەرلەرنى ئارلاپ قۇياتتىم بىر كۈنى كۈزۈمگە LG نىڭ بىر نىپىز ئىكرانلىق تېلۋېزورى چۈشۈپ قالدى بېرىپ قارىسام 32 سۇڭ كەن U دىسكا ئۇقىيالايدىكەن .تىپىنى كۈرۋېلىپ ئەتىسى ئىشخانىغا كىلىپ توردىن تىپىنى ئىزدىسەم http://price.ea3w.com/digital_tv/param72159.shtml

مۇشۇنداق چىقتى قارىسام 1080p ئۇقىيالايدۇ دەپ تۇرىدۇ.ھەيران قالدىم دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەنلىرى ئادەتتە 32 سۇڭلىقنىڭ ئەڭ بولغاندا 720p غىچە ئۇقىيدىچۇ،ھەم ئۇقىيدىغان ھۆججەت شەكلى بەك ئاز mpg avi rm دىگەندەكلەر.

1080p ئۇقىيالىسا مەيلى چاتاق يوق دەپ ئۇنى بۇنى قىلىپ يۇرۇپ 1250 يۇەنگە ئېلىپ كىلىپ دەرھال U دىسكىنى چېتىپ سىناشقا ئاتلاندىم .

سىناش نەتىجىسىدىن ھەيران قالدىم.بۇ تېلۋېزور 2005 يىلى چىققان بۇلۇپ ئەينى ۋاقىتتا 14000 يۈەندىن سېتىلغان.مەن قويغان ھەرقانداق نەرسىنى ئۇقۇپ چۈشۈپ كەتتى ھەتتە ھۆججەت زىچلىقى 60mbps بولغان نەرسىنىمۇ قاتماي قۇيۇپ چۈشۈپ كەتتى.

بىراق شۇ يىڭى چىققان ئىككى ئاۋاز كودى ac3,dts نىلا ئۇقىيالمىدى.بەك ھەيران قالدىم.باجامغا ئېلىپ بەرگەن چۇۋاڭۋىي ئادەتتە rmvb ئۇقىسىمۇ سەل قېتىپ ئۇقىپ قۇياتتى،بەزى يۇقىرى نەشىردە قاپلانغان mkv لارنى ئۇقىيالماي قايتا تۈۋەن نەشىردە قاپلىغىلى سالاتتى.ماۋۇ LG ھەرقانداق mkv نى ياتلىماي ئۇقىۋېتىدۇ.

شۇڭا  دوستلار ئامال بار چەتنىڭ نەرسىسىنى ئېلىڭلار پۇلغا چىداپ،دۆلىتىمىزنىڭ نىپىپ ئىكرانلىق تېلۋىزورنىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلىرنى مەسىلەن ئىكران دىگەندەك نەرسىلىرنى چەلئەلدىن ئېلىپ ياسايدۇ.يۇمشاق دىتال قىسمىنى ئۈزى ياسىغاچقىمىكىن نۇرغۇن ئاجىزلىقلار مانا مەن دەپ چىقىپ قالىدىكەن.

يېىقىندا OLED  ئىكرانلىق دەيدىغان تېلېۋىزور چىقتى بۇرۇن LCD,LED دەيىتتۇق ئەمدى OLED چىقتى،تېخىمۇ نىپىپ بۇلۇپ كەتتى

http://campaign.lg.com.cn/oled/index.html

1080p دىن كىيىن ئەمدى 4K چىقتى 4K دىكىنى 2160p بۇلىدۇ.

تېخنىكا بەك تىز يىڭىلىنىپ كەتتى.



شۇڭا دوسىتلار پۇلىڭلارنى ئويلاپ خەجلەڭلار.مەن شۇ مۇنداقلا سىلەرگە ئويلىغىنىمنى،بايقىغىنىمنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى.مەن ھەرگىز بازارنى قالايمىقان قىلىشقا كەلمىدىم.



ئىزدىنىشتىكى تۇنجى يازمام...

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44403

ۋاختىڭلارنى ئاجرىتىپ ئۇقۇپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت.

كەمىنە گىستاپودىن.

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 21:51:30

مەنمۇ يېقىندا بىر تېلۋىزور ئالماقچىتىم..تېما ئىگىسى بىر مەسلىھەت كۆرسەتسىڭىز..باھاسى 10000 دىن تۈۋەن بولسا بۇلىدۇ.45 تىن 55 دىيۇمغىچە، قاتتىق دېسكىنى بىمالال تۇنىيالايدىغان، چوڭ سىغىمدىكى كىنولارنى قاتماي قۇيالايدىغان، كۆپ فورماتنى قوللايدىغان، كومپۇتېرغا چىتىپ كومپۇتېر ئېكرانى قىلغىلى بولىدىغان قاتارلىق ئاددى تەلەپلىرىم بار.. \"\"

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 23:35:01

مەنمۇ دەنشىنى خېلى تەتقىق قىلىپ قويىمەن . مېنىڭچە ئۇ بۇ ئىقتىدارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ. ئامال بار رەڭگى ئەڭ ياخشى ھەم ئەڭ ئەرزىنىنى تاللاش كېرەك. ئۇ - بۇ خىل فىلىم ناخشا رەسىملەرنى ئوقۇيالمىغان بولسا، 高清播放器 ساماندەككەن ھازىر. 200 كويلۇق ئوقەتمۇ خېلى قۇدرىتى بىلەن بازارغا چىقىدىكەن. سان بىلەن مىسال قىلايچۇ گېپىمنى. چوڭلۇقى ۋە رەڭ سۈپەتلىرى ئوخشاش بولغان ئىككى دەنشىنىڭ بىرىدە usb بىلەن 1080p لىق سىنلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، تورغا چىققىلى بولىدۇ، يەنە بىرىدە تازا تولۇق قوللاپ كەتمەيدۇ ھەرخىل سىنلارنى، ھەم تورغا چىقىش ئىقتىدارىمۇ يوق. بۇ ئىككى خىل دەنشى ئاز دېگەندىمۇ 1000 سوم پەرقلىنىدۇ. ئاۋۇ 200 كويلۇق قۇتىنى چېتىپ قويسىڭىز قىممەت ئالغان دەنشىدە يوق ئىقتىدارلارنىمۇ چاتقان بولىسىز. بۇ پەقەت مىسال جۇمۇڭلا باللا.

لېكىن ھازىرقى دەنشىلە ماڭا بۇ ئىقتىدارى كېرەك ئەمەستى دېسەممۇ 3d لىق، تېخى android سېستىمىلىق، تور، ئويۇن ... ۋاي ھەممىنى قىلغىلى بولىدىكەن ھەي. ئارتۇقتىن ئارتۇق ئىقتىدارلىرىغا پۇل خەجلەيمىزكەن.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 23:42:44

9- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ دەنشىنى خېلى تەتقىق قىلىپ قويىمەن . مېنىڭچە ئۇ بۇ ئىقتىدارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ. ئامال بار رەڭگى ئەڭ ياخشى ھەم ئەڭ ئەرزىنىنى تاللاش كېرەك. ئۇ - بۇ خىل فىلىم ناخشا رەسىملەرنى ئوقۇيالمىغان بولسا، 高清播放器 ساماندەككەن ھازىر. 200 كويلۇق ئوقەتمۇ خېلى قۇدرىتى بىلەن بازارغا چىقىدىكەن. سان بىلەن مىسال قىلايچۇ گېپىمنى. چوڭلۇقى ۋە رەڭ سۈپەتلىرى ئوخشاش بولغان ئىككى دەنشىنىڭ بىرىدە usb بىلەن 1080p لىق سىنلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، تورغا چىققىلى بولىدۇ، يەنە بىرىدە تازا تولۇق قوللاپ كەتمەيدۇ ھەرخىل سىنلارنى، ھەم تورغا چىقىش ئىقتىدارىمۇ يوق. بۇ ئىككى خىل دەنشى ئاز دېگەندىمۇ 1000 سوم پەرقلىنىدۇ. ئاۋۇ 200 كويلۇق قۇتىنى چېتىپ قويسىڭىز قىممەت ئالغان دەنشىدە يوق ئىقتىدارلارنىمۇ چاتقان بولىسىز. بۇ پەقەت مىسال جۇمۇڭلا باللا.

لېكىن ھازىرقى دەنشىلە ماڭا بۇ ئىقتىدارى كېرەك ئەمەستى دېسەممۇ 3d لىق، تېخى android سېستىمىلىق، تور، ئويۇن ... ۋاي ھەممىنى قىلغىلى بولىدىكەن ھەي. ئارتۇقتىن ئارتۇق ئىقتىدارلىرىغا پۇل خەجلەيمىزكەن.




نان تېگىدىغان گەپ!

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 00:10:51

سام تايمىز گۇد، سام تايمىز بەد!

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 17:52:06

مەن خەيئېر ئىشلىتىۋاتىمەن، سۈپەتتىغۇ مەسلە يوقتەك. قىممەتمۇ ئېلىپتىكەنمەن،ياپالداق دەڭشى دەپ. بولسىغۇ يەنىلا مۇشۇ دۇشمەن پاكارگۇيلارنىڭ مېلىنى ئېلىپ تازا ئىشلىتىپ ئاچچىقىمىزنى چىقارساق بولىتى. \"\"

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 19:25:27

يۇقىرى ئىنىقلىتكى كىنو- تىلىۋىزىينى ئوقىيالمىغان تىلىۋىزۇرنى، قىممەت باھا بىلەن سىتىۋىلىش مىنىڭچە ئەرزىمەيدۇ.



بولۇپمۇ، rmwb، mkv، قاتارلىق يۇقىرى ئىنىقلىتىكى فىلىم ھۆججىتلىرىنى ئوقويالايدىغان، ئالىي دەرىجىلىك تىلىۋىزۇرنى سىتىۋىلىش كىرەك.





بۇنداق تىلىۋىزۇرلارنى چەتئەلدىن بىۋاستە سىتىۋىلىشقا بولامدۇ؟ sharp، LG قاتارلىق تىلىۋىزۇرلارنى.



تاۋباۋدا بەك قىممەتكەن.

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 19:34:19

مەن ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرى سېتىۋالسام ئادەتتە جۇڭگونىڭكىنى ئويلاشمايمەن...ھاللىق سەۋىيىگە يېتىپ كەتتۇق ئەمەسمۇ \"\"

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 20:03:19

3D كۆرگۈسى ئالامەت تېلېۋىزۇرلاردىن قايسىلىرىنى تەۋسىيە قىلىسىلەر؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 20:11:08

خوتۇن ئالسام مۇسابىقە ۋە پەيزى كىنولارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئوبدان تېلېۋىزوردىن بىرنى ئېلىپ قويارمەن، ھازىر ۋاقتىم كومپيۇتېردىن ئاشمايۋاتىدۇ.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 20:44:07

گىستاپو بۇرادەر، ماۋۇسى قانداقراق

http://price.ea3w.com/digital_tv/index381132.shtml

بۇنىغۇ 1080 دەيدۇ، سىلنىڭ ئاۋۇ ئالغانلىرىڭلار خېلى بۇرۇنلا 1080 كەنتۇق.

مەن شۇ مۇشۇ چوڭلۇقى 45 ئەتراپىدا بولغان، باھاسى 5000دىن تۆۋەن بولغانلىرىنى ئالاي دىگەن.

سىز ئالغان ئاۋۇ ئىككىنچى قولمۇ بولىدىكەنتۇق.

LG دىن باشقا يەنە قانداق دۈشمەنلەرنىڭ ماركىسى ياخشى؟

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 21:01:10

6- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گىستاپو بۇرادەر، ماۋۇسى قانداقراق

http://price.ea3w.com/digital_tv/index381132.shtml

بۇنىغۇ 1080 دەيدۇ، سىلنىڭ ئاۋۇ ئالغانلىرىڭلار خېلى بۇرۇنلا 1080 كەنتۇق.

مەن شۇ مۇشۇ چوڭلۇقى 45 ئەتراپىدا بولغان، باھاسى 5000دىن تۆۋەن بولغانلىرىنى ئالاي دىگەن.

سىز ئالغان ئاۋۇ ئىككىنچى قولمۇ بولىدىكەنتۇق.

LG دىن باشقا يەنە قانداق دۈشمەنلەرنىڭ ماركىسى ياخشى؟


تىلمىش بۇرادەر. مۇشۇ تور  بەتتىن  تېلىۋۇزۇر  سېتىۋالسا  ئىشەنچىلىكمۇ؟

2378 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 01:28:23

نەچچە يىل بۇرۇن باچكا@ ئەپەندىنىڭ «كومپيۇتېر نىڭ ئېكرانى 27سۇڭدىن، تېلېۋىزور 47 سۇڭدىن تۆۋەن بولسا ئىسراپچىلىق » دېگەن تەلىمىنىڭ تۈرتكسىدە ئېكراننىڭ 27 سۇڭلىقىنىڭ 1800 يۈەنگە چۈشىشىنى كۈتتۈم، كۈتكەن باھاغىمۇ چۈشتى، لېكىن يېرىم سائەت سىناپ ئىشلىتىپ ئازراق بېشىم قايغاندەك بولدى، شۇنىڭ بىلەن 27 سۇڭلۇق ئېكران ئېلىشتىن يالتايدىم. 3 ھەپتىنىڭ ئالدىدا 创维55E550E نىڭ 55 سۇڭلۇق تېلۋېزورى 5900 يۈەنگە چۈشكەن ئىكەن يەنە 400 يۈەن تولۇقلىما پۇلنى قايتۇرىدىكەن، شۇنداق بولغاندا 5500 يۈەنگە توختايدىكەن. مەن ئۆتكەن يىلى 1- ئايدىن باشلاپ تورغا چىقمايدىغان، 云电视، 智能电视دەيدىغان ئىقتىدارلىرى يوق باھاسى 6500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن تېلېۋىزور ئىزدەۋاتقانتىم . بۇنداق تېلېۋىزور ئۇچرىتالمىدىم ، ئۇچراتساممۇ شەكلى قوپال بىلىنىپ باھا چۈشۈشنى ساقلىغان . بۇ قېتىم تەۋەككۇل قىلىپ 创维55E550E نى سېتىۋالدىم . تەسىراتىم تۆۋەندىكىچە:

1. 500 گىگابايتلىق ياندىسكىنى بىمالال ئوقۇپ، ئىچىدىكى كىنو، رەسىم ، ناخشا- مۇزىكا دېگەندەك نەرسىلەرنى قىلچە كۈچىمەي قويىۋاتىدۇ. لېكىن تېما ئېگىسى دېگەندەك 1080 لىك فورماتتىكى كىنولارنىڭ ئاۋازىنى قويالمىدى. 720 لىك فورماتتىكىنى قويۇپ كۆرىۋاتىمەن بۇ جەھەتتىن ئاساسەن رازىمەن.

2. سىملىق تېلېۋىيەدە 4:3 بويىچە تارقىتىۋاتقان بولغاچقا ئېكراننى 4:3 گە تەڭشەپ كۆرىۋاتىمەن ، بۇ بىر ئىسراپچىلىق بولدى. ئۇنداق كۆرمىسەم ئادەملەر پاكاردەك، سېمىزدەك كۆرىنىپ قالىدىكەن.

3. تورسىمى بىلەن تورغائۇلاپ قويدۇم ، خەنزۇچە تورلارنى خېلى راھەت كۆرگىلى بولىدىكەن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ، 创维 نىڭ ئۆزىنىڭ تەييار بېتىدىن كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، بۇنىڭغا قانائەت قىلماي 乐视نى ئېچىپ كۆرىۋاتىمەن، سۈرەتلىرى سىملىق تېلېۋىزىيەدىن راھەت. (سىمسىز تور كارتىسىنى USB ئېغىزىغا سېلىپ قويۇپ سىناپ باقتىم ئۈنىمى ئوخشاش، قېتىۋالىدىغان ئىش يوق)، سىمسىز كۇنۇپكا تاختىسى، سىمسىز مائۇسلارنى بىمالال قوللايدىكەن ..

4. بۇ يەردە كىنوخانا يوق، كىنوخانىغا كىرىپ كىنو كۆرۈپ باقمىغىلى 10 يىلدىن ئاشقان بولغاچقا ئۆتكەن يىلى 10 -ئايدا ئۈرۈمچىدە خەلق تىياتىرخانىسىدا ئايرىم - ئايرىم 3 زالغا كىرىپ كىنو كۆرۈپ بېقىپتىمەن خۇددى بۇرۇن لۇشاڭخانىدا لۇشاڭ كۆرگەندەك ھېسياتتا بولۇپ چوڭراق تېلېۋىزور ئېلىش ئىشتاياقىم كۈنسىرى ئۇلغايدى، ئىشقىلىپ ماۋۇ تېلېۋىزورنىڭ ئىقتىدارى باھاسىغا نىسبەتەن مۇۋاپىق دەپ قارىدىم . نۆۋەتتىكى پىلانىمدا 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە بولغان Android4.0 لىق قويغۇچتىن بىرنى سەپلىمەكچى بولىۋاتىمەن . مۇشۇنداق بولغاندا 8000يۈەندىن 10000 يۈەنگىچە بولغان ئېتى ئۇلۇغ تېلېۋىزورلاردەك بوپ كېتىدۇ لېكىن ئازراق توك پۇلى زىيان بولىدۇ شۇ. ئەمما ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

5. بۇ تېلېۋېزورنىڭ ماڭا ياقمىغان يېرى تىزگىنەكنى باسقاندا چىقىدىغان ئاۋاز بەك ئۈنلۈك ھەم يىقىمسىز ئىكەن.


Android 4.0 高清播放器 ئىشلىتىپ باققانلار تەسىراتىڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلار.


http://s8.taobao.com/search?q=android+4.0+%B8%DF%C7%E5%B2%A5%B7%C5%C6%F7&commend=all&search_type=auction&user_action=initiative&f=D9_5_1&at_topsearch=1&sid=&sort=&spercent=0&st=1&pid=mm_28347190_2425761_9313996&unid=

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 08:16:23

Android 4.0 高清播放器  ئىشلەتكەر تەسىراتىڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلار.



مەنمۇ بىرنى ئالماقچى ئىدىم ...

ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرگە بىمالال چىقالامدۇ . ئۇيغۇرچە ئەپلارنى بىمالال تونۇيالامدۇ . 2 ،5 ، 9 قاتارلىق ئۇيغۇرچە قاناللار چىقامدۇ ................................قاتارلىق ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك تەسىراتلار .

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 08:24:12

مەن تىلگىرافنىڭ 华为EC2108 IPTV تىلىۋىزور قۇتىسىنى ئىشلىتۋاتىمەن، ھازىر بۇنىڭغا ئاندىروئىد قاچىلىماقچى.

Fdinbashlinidu يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 09:04:50

مەنمۇ ئۆتكەن يىلى چاڭخوڭنىڭ iTV40650X تىلۋىزۇرىنى ئۆز رايۇنىمدىن 3600سومغا ئالغان، (ھازىر توردا 2600لەرگە چۈشكەندەك). بىرەر سائەت توختىماي ھەپىلىشىپ، پۈتۈن ئىقتىدارى بىلەن تونۇشۇپ، ئىچىلمىغان PPTVتور ئىقتىدارىنى 400دىگەن بىر تۇتاش نومۇرغا تىلفۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىسى ئۆيۈمگە كىلىپ بىر قاتار ھەپىلىشىپ، چۈشەندۈرۈش بىرىپ كەتتى(مۇلازىمىتىنى كۆرۈپ باقماقچى ئىدىم، \"\" مۇلازىمىتى يامان ئەمەسكەن). ھەپتە قوپماي ئولتۇرۇپ تور كىنولىرىنى تاللاپ كۆرۈپتىمەن، (تور سىمى چىتىۋەتكەن ئىدىم، سىمسىز تور كارتى چىتىشنىمۇ قوللايدىكەنتۇق، لىكىن مەن سىملىق ئىغىزى بولغاندىكىن دەپ تور سىمى چىتىپ ئىشلەتكەن.)

ھەركەتلىك ۋە فانتازىيلىك كىنولىرىنى ئاساسەن كۆرۈپ بولدۇم، تور كىنولىرى سۈزۈكلىكىنى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، لىكىن قىتىۋالماي چىقىدۇ. (3مىگالىق ئائىلە تورىنى ئىككى ئائىلىدە 2دانە چوڭ كومپىيۇتېر، 2لەپتوپ، 3دانە ئاندىروئىد تاختا كومپىيۇتېر، 3دانە ئاندىروئىد تىلفۇن، بىر دانە wifiلىق سۈرەت تارتىش ئاپراتى دىگەندەك 10دەك ئۈسكۈنىگە باغلاپ ئىشلىتىمىز.)



تىلۋىزۇرۇمنىڭ سۈزۈكلىكى ياخشى، ئىغىزلىرى تولۇق، كەمچىللىكى: گىرۋىكى سەل كەڭ، تامغا ئاسقاندىن كىيىنكى قىلىنلىقى 14سانتىمىتىرىغا بىرىپ قالىدۇ \"\" ، يۇمشاق دىتال ئىقتىدارى ئادەمنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. مەنمۇ Android 4.0 高清播放器غا قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن.

« Android 4.0 高清播放器 ئىشلەتكەر تەسىراتىڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلار.»

QoxYurak يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 10:42:53

2005 -يىلى چىققان تېلىۋۇزۇر ھەممە ھەممە فورماتتىكى فىلىمنى ئۇقۇسا ۋەششكەن جۇمۇ...

بۇلۇپمۇ mkv بۇ فورمات بۇ جايدا قوللانغىلى ئەمدى تېىخى نەچچە يىل بولغان تۇرسا ....

مىنىڭ بىر ئاغىنەمنىڭ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئالغان 42 دىيوملۇق چاڭخوڭ ماركىلىق تېلىۋۇزۇرمۇ سۆرەت ئۇقۇيالمايدىكەن.

Android 4.0 高清播放器 بۇنىڭدىن بىردىن ئاللى دىسەم ئۇنىماي 50 دىيوملۇق Android لىق تېلىۋۇزۇردىن بىرنى يەنە ئالدى ،

پۇلنىڭ كۈچى دە ......  {:107:}  مەن يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇن دىگەندەك 3D42A3700iD نى 3400 يۇنگە ئالدىم ،

ھەرقانداق فورماتنى ئۇقۇيالايدۇ.ئاغىنەمنىڭكىە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ چوڭ پەرقى سىز قاتتىق دېسكىدىن فىلىم كۈرۈپ بۇلۇپ

تېلىۋۇزۇر كۆرسىڭىز قاتتىق دېسكىنى ئاجىرتىۋەتمىسىڭىزمۇ ئاپتۇماتىك توختاپ قالىدىكەن ،مىنىڭكىدە بولسا قاتتىق دېسكىنى

ئاجىرتىۋەتمىسىڭىز يەنىلام ئايلىنىۋېرىدۇ.........

مەنمۇ Android 4.0 高清播放器 بۇنىڭدىن ئالاي دىگەن . توردىكى 3D فىلىملەرنى توختىماي چىقىدىغان بولسا بۇلاتتى.

http://item.taobao.com/item.htm?id=16535618720&ali_refid=a3_420520_1007:1102353510:6:%B8%DF%C7%E5%B2%A5%B7%C5%C6%F7+%B0%B2%D7%BF4.0:e34c1d44edf6f7c77db336777e7dab7d&ali_trackid=1_e34c1d44edf6f7c77db336777e7dab7d&spm=a230z.1.5634029.69.lMN6Bt

مۇشۇ قانداراقتۇ ؟ CPU تېخې 1.5 كەن راسمىدۇ ؟

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 10:59:44

Android 4.0 高清播放器دىگەن ئۈسكۈنىدە ئۇيغۇرچە توربەتلەرگە نورمال چىقالامدۇق؟باھاسى قانچە ؟بىلىدىغانلار بولسا قېنى جاۋابىنى بىرىۋېتىڭلار!

choice يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 16:00:12

مەن sharp ماركىلىق تېلۋىزۇرنى تەۋسىيە قىلاي، باھاسى سەل قىممەت بولغان بىلەن سۈزۈكلىكى ئاۋازى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى خېلىلا ياخشى ئىكەن، دەسلەپ شۇنداقمۇ قىممەت نەرسىنى ئالامدۇ دەپ ئۆيدىكى ئادەمگە خاپا بولغان ئىدىم ، ھازىر ھوزۇرلۇنۇپ ئولتۇرۇپ كۆرۈپ قويىمەن  {:90:}

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 08:57:18

7- قەۋەتتىكى bahwan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گىستاپو بۇرادەر، ماۋۇسى قانداقراق

http://price.ea3w.com/digital_tv/index381132.shtml

بۇنىغۇ 1080 دەيدۇ، سىلنىڭ ئاۋۇ ئالغانلىرىڭلار خېلى بۇرۇنلا 1080 كەنتۇق.

مەن شۇ مۇشۇ چوڭلۇقى 45 ئەتراپىدا بولغان، باھاسى 5000دىن تۆۋەن بولغانلىرىنى ئالاي دىگەن.

سىز ئالغان ئاۋۇ ئىككىنچى قولمۇ بولىدىكەنتۇق.

LG دىن باشقا يەنە قانداق دۈشمەنلەرنىڭ ماركىسى ياخشى؟


تىلمىش بۇرادەر. مۇشۇ تور  بەتتىن  تېلىۋۇزۇر  سېتىۋالسا  ئىشەنچىلىكمۇ؟  

ياق ياق، مەن بۇ توردىن بىرنەرسە سېتىۋېلىپ باقمىغان، پەقەت تىلۋۇزۇرنىڭ مۇناسىۋەتلىك پارامىتىرلىرىنى كۆرۈپ باقاي دەپ ئىزدەشكە ئىشلەتكەن ئىدىم.

تىلۋۇزۇردىن توردىن سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسە رايونىمىزدا مۇقىم دۇكىنى بولغان suning(苏宁) دىن ئىزدەپ بېقىڭ. ئۇلارنىڭ توردىمۇ دۇكىنى بار، توردىكى باھاسىنى كۆرۈۋېلىپ ئاندىن شەھەر ئىچىدىكى سۇنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ مېلىنى تۇتۇپ كۆرۈپ بېقىپ، ناۋادا دۇكاندىكى باھاسى توردىن ئۈرە بولسا شۇ كۆرگەن تىلۋۇزۇرنى ئاشۇلارنىڭ تورىدىنwww.suning.com  سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

مەن ئىلگىرى www.360buy.com دىن سېتىۋالاتتم، ئەمما بۇلار تىلۋۇزۇر نۇرغۇن نۇسخىلىرىنى شىنجاڭغا تەمىنلىمەيدىكەن، بەلكىم ئارلىقىنى يىراق كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.  ئەمما suning نىڭ ئاپتۇنۇم رايونىمزنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە دۇكانلىرى بار، توردىكى باھاسى بىلەن دۇكان باھاسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ سېتىۋالسىا بولامدىكىن دەيمەن.




لېكن مەن suning نىڭ تور دۇكىنىدىن مال سېتىۋېلىپ باقمىدىم جۇمۇ.



بەت: [1] 2
: تېلېۋىزور توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقمايلىمۇ.