nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 10:37:01

كۆزنەك 8 سېستىمىسىدىن يەنە بىر تېخنىكىلىق سۇئال

كۆزنەك 8 سېستىمىسىدىن يەنە بىر تېخنىكىلىق سۇئال


      ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم  ئىزدىنىش مۇنبىردىكى چوڭ -كىچىك ، ئەر- ئايال قېرىنداشلار ، كەمىنە كۆزنەك 8  سېستىمىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئاخىرى 9=چىسلا  بىرسىدىن تەرتىپ نۇمۇرىنى سېېتۋالدىم ھەم سېتىپ بەرگۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە  مىۋاپىقىيەتلىك قاچىلاپ ئىشلەتتىم . بۇ سېستىما دىمىسىمۇ ماڭا غەيرى ھەم ئۆزگىچە بىلىندى.  سېستىمىنى ئۇيغۇرچە - خەنزۇچىغا  ئۆزگەرتىشنى ئۇگۇنۋالاي دەپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرسام مىۋاپىقىيەتلىك ئۇيغۇرچىلاشتى ،  لىكىن خەنزۇچە ھالىتىگە ئەپكىلەي دەپ سېتۋالغۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە بىر نەچچە قېتىم سىناش ئېلىپ بارغان بولساقمۇ  باشلاش رايۇندىكى < ساياھەت ، ھاۋارايى، مۇزىكا، كامىرا ،دۇكان ،ئۇقۇغۇچ ،چىسلا ،ئۇچۇر،ئۇيۇن ،خەت ، ئادەم ،سىن ،سۇرەت ، ئۇچۇر > دىگەنلەر  يەنلا ئۇيغۇرچە ھالىتىدە ئۇزگەرمەي تۇرۋالدى ، باشقا قىسىملىرى بولمىسا خەنزۇچىغا ئۇزگەردى ،   يۇقارقى ئۇرۇنلارنىڭ نىمىشقا نۇرمال خەنزۇچىغا ئۇزگەرمەيدىغانلىقىنى  ساتقۇچىدىن سۇرىسام ،  بۇ سېستىمىنىڭ تىل بۇلىقى  تېخى ھازىرچە مۇكەممەل ئەمەس ، ھەممە كۆزنەك 8  سېستىمىسى مۇشۇنداق دەيدۇ . مەن بۇنىڭغا تازا قايىل بولماي بۇ يەردە كۆپچىلىكتىن سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن .  كومپىيوتېر ساھەسىدە  مول بىلىملىك  ئەزالار يىغىلغان بۇ مۇنبەردە يۇقارقى سۇئالغا تۇغرا جاۋاپقا ئىرىشىمەن دەپ ئويلاپ بۇ تىمىنى يازدىم . قېنى كۆپچىلىك راستىنلا بارلىق ئىشلەتكۇچىلەردە مۇشۇنداق سېستىمىنى ئۇيغۇرچە - خەنزۇچىغا  ئۆز - ئارا ئۆزگەرتكەندە مىۋاپىقىيەتلىك ئۇيغۇرچىغا ئۆزگۇرۇپ ،  لىكىن خەنزۇچە ھالىتىگە ئۆزگەرتكەندە باشلاش رايۇندىكى < ساياھەت ، ھاۋارايى، مۇزىكا، كامىرا ،دۇكان ،ئۇقۇغۇچ ،چىسلا ،ئۇچۇر،ئۇيۇن ،خەت ، ئادەم ،سىن ،سۇرەت ، ئۇچۇر > دىگەنلەر  يەنلا ئۇيغۇرچە ھالىتىدە ئۇزگەرمەي تۇرۋالدىغان ، باشقا بۇلەكلىرى خەنزۇچە ھالىتىدە تۇرۋالدىغان ئەھۋال بارمۇ -يۇق ؟   بۇنى ئوڭشاپ سېستىمىنى ئۇيغۇرچە - خەنزۇچىغا نۇرمال ئۆز -ئارا   ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇسۇلى بارمۇ ؟  كۆپچىلىكنىڭ بىلىمى يىتەرسىز بولغان پېقىرغا ياردەم قىلىشىنى سورايمەن .    مەنبە : ئۇزەم


؛

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 12:10:27

ئۇيغۇرچىنىڭ تىل بولاق تولۇق بولمىغان بىلەن ***چىنىڭ ناھايىتى مۇكەممەلغۇ. يېڭى بىر ئىشلەتكۈچى قۇرۇڭ، بىر ئىشلەتكۈچى ئۇيغۇرچە يەنە بىرى ***چە تۇرسۇن.

mahmut32 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 13:13:25

بۇلىدۇ،سېستىىما تېل تەڭشىكىدىن ئاساس تىل قىلىپ قۇيىمىز،تامام

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 13:36:46

مۇشۇ بانا مەنمۇ سورىۋالاي، ئۇيغۇرچە شەكىلگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغاندا، ئىكراندىكى سىنبەلگىلەر ئوڭ تەرەپتىن كۆرۈنىدىكەن. پەقەت ئۇيغۇرچە خەت شەكلىگە ئەكىلىپ، سىنبەلگىلەرنى ئۆز ئورنىدا قالدۇرغىلىمۇ بولامدۇ ؟

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 13:36:47

مۇشۇ بانا مەنمۇ سورىۋالاي، ئۇيغۇرچە شەكىلگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغاندا، ئىكراندىكى سىنبەلگىلەر ئوڭ تەرەپتىن كۆرۈنىدىكەن. پەقەت ئۇيغۇرچە خەت شەكلىگە ئەكىلىپ، سىنبەلگىلەرنى ئۆز ئورنىدا قالدۇرغىلىمۇ بولامدۇ ؟

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 16:25:04

‹‹ mahmut32 ››  گە : مەسلەن نەرىنى تەڭشەيمىز ، ئېنىقراق دەپ بەرسىڭىزچۇ؟

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 18:22:03

ھەقىچان بۇنى outlook.com دا تۇرۇپ تەڭشەيسىز.  http://www.alimahat.com/?p=1680 ماۋۇ يەردە ئۇيغۇرچە تەڭشەش بار. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە خەنزۇچە تەڭشەپ بېقىڭ.

wapadarman يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 20:40:20

مەن بەش يۈەنلىكىنى قاچىلاپ ، بىر كۆنىۋىلىپ ئاندىن ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلىتەي دەپ ، 5 يۈەنلىكىنى قاچىلىغان ئىدىم . ئۇيغۇرچە ۋورد ۋە ئىكىسىللاردا قەتئى ئۇيغۇرچە خەت باسالمىدىم . بۇنى قانداق قىلىسام بولىدۇ دوستلار ؟ بىر ياردەم قىلىۋەتكەن بولساڭلار .

يەنە ، باشلاش تىزىملىكىنى تاپالماي يۈرىيمەنغۇ ؟ \"\" \"\" \"\" \"\"

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 17:53:22


7- قەۋەتتىكى wapadarmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بەش يۈەنلىكىنى قاچىلاپ ، بىر كۆنىۋىلىپ ئاندىن ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلىتەي دەپ ، 5 يۈەنلىكىنى قاچىلىغان ئىدىم . ئۇيغۇرچە ۋورد ۋە ئىكىسىللاردا قەتئى ئۇيغۇرچە خەت باسالمىدىم . بۇنى قانداق قىلىسام بولىدۇ دوستلار ؟ بىر ياردەم قىلىۋەتكەن بولساڭلار .

يەنە ، باشلاش تىزىملىكىنى تاپالماي يۈرىيمەنغۇ ؟ \"\" \"\" \"\" \"\"


خەنچە كۆزنەك ھالىتىدە بولسىڭىز مائۇسنى ئىكراننىڭ سول تەرەپ ئاستى بۇرجىكىگە ئەكەلسىڭىز باشلىنىش تىزىملىكىنىڭ بەلگىسى كۆرۈنىدۇ،شۇنى باسسىڭىز مېترو كۆزنىكىگە كىرىدۇ،ئۇيغۇرچە كۆزنەك ھالىتىدە بولسىڭىز ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇرجەككە ئاپىرىسىز،يا بولمىسا خەنچە كۆزنەكتە مائۇسنى ئىكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستە بۇلۇڭغا ئەكەلسىڭىز بىر نېمە سىيرىلىپ چىقىدۇ،شۇنىڭدا باشلاش دېگەننىڭ خەنچىسىنى چەكسىڭىز مېترو يۈزىگە قايتىدۇ،ئۇيغۇرچە بولسا سول تەرەپتە،باشلاش دېگەننى چېكىسىز.




newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 17:58:07

ئا ئۇيغۇرچە تىل تەۋەلىكىگە تەڭشەپ ،بىلقۇت تورى تارقاتقانمۇ ئىشقىلىپ بىر ۋىن 8 دە كۆزنەك خېتىنى چىرايلىق قىلىش دېگەن فونتنى قاچىلىغان قېرىنداشلار ئەگەر كېيىن يەنە خەنچە ھالەتكە قايتۇرۇپ ئەكىلىشنى ئويلىساڭلار ئەڭ ياخشىسى ئەسلىدىكى سېستېما فونتىدىكى بىر نەچچە فونتنى زاپاسلاپ قويۇڭلار،خەنچىگە ئالماشتۇرساڭلار شۇ فونتلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ قاچىلىۋەتسەڭلارلا چاتاق كۆرۈلمەيدۇ.
بەت: [1]
: كۆزنەك 8 سېستىمىسىدىن يەنە بىر تېخنىكىلىق سۇئال