AXIN يوللانغان ۋاقتى 2013-3-10 20:47:56

سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا

سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش توغرىسىدا








قىسقىچە مەزمۇنى: سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش كىسەللىكى، كىسەللىك سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ، كۆرۈلۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان جاھىل خاراكتىرلىك كىسەللىك بولۇپ بۇماقالىدە  سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش توغرىسىدىكى مەسىلىلەر كۆز-قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.



سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش كىسەللىكى، خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگىرىشى، سوزۇلما خاراكتىرلىك زەخمىلىنىش، سۆڭەكنىڭ چىكىنىش خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشى، بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى،  يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن سۆڭەكنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى كۆمۈرچەك قىسمىدا يەنى بوغۇمدا كۆپ يۈز بىرىدىغان كىلىنكىدا يەرلىك ئورۇن ئاغرىش، ھەركىتى چاققان بولماسلىق ، ئىغىرلاشقاندا بوغۇمدا ئىششىش، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، مۈچە مۇسكۇللىرى يىگىلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىك بولۇپ، ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقانلاردا، ھەرىكەت دائىرىسى كەڭرەك، كۆپ ھەرىكەتلىنىدىغان بويۇن ئۇمرۇتقىسى، بەل ئۇمرۇتقىسى، تىز بوغۇم قاتارلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.



ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش كىسەللىكنى داۋالاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا كىسەللىك سەۋەبىگە قارىتا مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىش، ئاساسى داۋالىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە سىرتتىن ئۇۋۇلاش، يىڭنە سانجىش، زىماد تېڭىش قاتارلىق ئۇسۇللانى قوللىنىپ سېستىمىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىلسىمۇ، بىراق كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كىيىن، كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش، يېمەك-ئىچمەك نۇقتىلىرىغا دىققەت قىلماسىلىق سەۋەبىدىن كىسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىش پۇرسىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولماقتا. ئەگەر دورا ئارقىلىق داۋالاش بىلەن بىرگە كىسەللىككە ماس كىلىدىغان مۇۋاپىق بولغان  ئالدىنى ئىلىش تەدبىرىنى قوللانغاندا، كىسەللىكنىڭ جەريانىنى قىسقارتىپ،داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە مەن سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش نۇقتىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.



    1. ئىلىمى ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىش. مەزكۇر كىسەللىكنىڭ كىسەللىك سەۋەپلىرىنى ئىنچىكە ئانالىز قىلغاندا، ئاساسلىقى سەۋدا خېلتىنىڭ سان جەھەتتىن ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ، ئوزۇقلىنىش قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزۇلىشى، ئوزۇقلىنىش تەرتىۋىنىڭ نۇرمالسىزلىقى، يىمەك-ئىچمەك سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن بەدەندە سەۋدا خلىتىنىڭ مىقدار جەھەتتىن ئۆزگىرىشى، جۈملىدىن سۆڭەكنى ياسىغۇچى سەۋداۋى ماددىلارنىڭ مىقدارى ئازىيىپ، سۆڭەكلىنىش پائالىيتى نۇرمال ئىلىپ بىرىلىماي، سۆڭەكسىمان توقۇلمىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشى سەۋەپلىك، سۆڭەكلەرنىڭ نورمالسىز ئۆسۇش شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن  ياشانغانلار ئوزۇقلىنىشتا تەركىبىدە كالتىسى، فوسفور، ۋىتامىنD ۋە باشقا سۆڭەككە پايدىلىق بولغان ئىلمىنتلار مول بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش كىرەك. سۆڭەك ئاساسلىقى كالتىسى، ئاقسىل، فوسفور، ۋىتامىن D، تۆمۈر قاتارلىق ماددىلارنى ئوزۇقلۇق قىلغان بولغاچقا مۇشۇ خىل ئىلمىنتلار مول بولغان تۇخۇم، سۆڭەك شورپىسى، پاقلان گۆشى، باچكا گۆشى، نۇقۇت ئىشى، قۇشقاچ گۆشى، چۈجە گۆشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كىرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوغۇق تەبىئەتلىك، غەلىز، يەل پەيدا قىلغۇچى، غىدىقلىغۇچى يېمەك ئىچمەكلەردىن كالا گۆشى، ئات گۆشى، قېتىق، سۈزمە،پىۋا، توخۇ گۆشى، لازا ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارغا ئوخشاش يېمەك ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.



2. مۇۋاپىق بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ، مۇسكۇللارنى كۈچەيتىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداقلا چۆكمە ماددىلارنىڭ بوغۇملاردا يىغىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، بوغۇم خىزمىتىنىڭ نورمال ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى شۇنداقلا سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بويۇن ئۇمرۇتقىسىغا قارىتا بويۇننى ئوڭ-سول، ئالدى-كەينىگە ئىگىش، بويۇننى ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەش. بەل ئۇمرۇتقىسى، تىز بوغۇمىغا قارىتا كەينىچىلاپ مىڭىش، ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەش قاتارلىق يىنىك ھەرىكەتلەرنى مۇۋاپىق ئىشلەش كىرەك. ئۇندىن باشقا سىرىتلاردا پائالىيەتكە ۋە چېنىقشقا چىققاندا، كۈن نۇرى بىلەن ئۇچىرىشىش سەۋەپلىك، كۈن نۇرى تەركىۋىدىكى ئۇلىتىرا بىنەفشە نۇرنىڭ تەسىرى بىلەن ئىچكى مەنبەلىك ۋىتامىن D نىڭ ھاسىل بولىشى تىزلىشىپ، كالتىسى فوسفورنىڭ سۈمۈرلىشى تىزلىشىپ،نورمال سۆڭەكلىشىشنى جارى قېلدۇرۇپ،سۆڭەكنىڭ نۇرمالسىز ئۆسۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.



3. توغرا بولغان بەدەن ھالىتىگە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. بەدەننىڭ بىر خىل ھالەتتە ئۇزۇن مۇددەت ئشلىشى ۋە خىزمەت قىلىش نەتىجىسدە سۆڭەكلەرگە بولۇپمۇ بوغۇم ۋە ئۇمۇرتقىىغا چۈشىدىغان بېسىم يۇقىرلاپ، سۆڭەك بېشىنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ غەيرى نورمال ئۆسۈشى شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەدەن شەكلىدە، ھەركەت ھالىتىنىڭ بىر خىل ھالەتتە ئۇزۇن ۋاقىت  داۋاملىشىشىدىن ساقلىنىش كىرەك. مەسىلەن: ئوقۇتقۇچى، كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغانلار، شوپۇرلار ۋە باشقا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار ئولتۇرۇش ھالىتىگە دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇۋاپىق ھەرىكەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كىرەك. ئۇندىن باشقا يېتىش ھالىتىگە دىققەت قىلىش بەك يۇمشاق يىتىۋالماسلىق، باشنى بەك ئىگىز قىلىپ ياتماسلىق، ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرۇپ خىزمەت قىلماسلىق، ئىگىز پاشنىلىق ئاياقنى ئۇزۇن مەزگىل كىيمەسلىك قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.



    4. سۆڭەكنى ياخشىلىغۇچى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش كىرەك. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ھەزىم ئىقتىدارى، ئىممۇنتىت كۈچى ئاجىزلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۆڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىش پائالىيىتى ئاجىزلاپ سۆڭەكنىڭ چىكىنىش خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشى كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا ھەزىمنى ياخشىلايدىغان بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان، ئىممۇنېتت ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، سۆڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىىش مىتابولىزىمنى ياخشىلايدىغان دورىلاردىن قىزىلگۈل گۈلقەنتى، ئامىلە نۇشىدارى لۆلىۋى، جاۋارىش ئامىلە، ماددەتۇل ھايات، لوبۇب كەبىر، مەجۈنى ئىتتىرفىل كەبىر، مەجۈنى سالاجىت، مەجۈنى ئەفئى، جاۋارىش ئۇد شىرىن، خىمىر ئەبرىشىم، داۋائىلمىشكى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بىرىش كىرەك.



5. قوللىنىشچان ئاددىي ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش.  بىلەك تەكېي، تېرىق تەكىي، قوناق تەكېي ياساپ بويۇن قىسمىغا قويۇپ يېتىش، بوتۇلكىغا ئىسسىق سۇ ئىلىپ بويۇن قىسمىغا قويۇپ يېتىش، تۈز تاختاي ئۈستىدە يېتىش، كىپەكنى ياكى  شور تۇزنى قىزىتىپ بويۇن، بەل قىسىم ۋە تىز بوغۇملارغا قويۇپ ئىسسىق  ئۆتكۈزۈش. قۇمغا كۆمۇلۈش، تۇز ئارشاڭلارغاچۈشۈش، مۇۋاپىق ئۇۋلاش ئارقىلىق يەرلىك ئورۇندىكى پەللىلەرنى غىدىقلاپ،سىپازمىلارنى بوشىتىپ،يەرلىك ئورۇن ماددا ئالمىشىشى ۋە قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، غەيرى تەبىئى خىلىتلارنىڭ چۆكمىگە چۈشىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى   بولىدۇ.                                                     



دىمەك، سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش كىسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەل قارىماي، بۇخىل كىسەللىكنى داۋالاش بىلەن بىرگە  ئالدىنى ئىلىشقمۇ ئەھمىيەت بىرىش زۆرۈر دەپ قارايمەن.




http://www.airkan.biz/

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-3-10 23:02:43

بىرمۇنچە ئىنكاس يېزىپ بولۇپ يوللاشنى باسسام يوقاپ كەتتى، ئەتە ئۇشبۇ ئورۇنغا يوقاپ كەتكەن ئىنكاسمنى يوللىشىم ئۈچۈن ئورۇن زاكاس قىلىپ قويدۇم...

toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-10 23:42:11

ماڭىمۇ 3يىل بولدى ياغاچنىڭ ئۇستىدە يىتىۋاتقىلى \"\"

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-3-11 07:16:44

بەلگە سەپ قوياي

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-3-11 08:04:30

يەنە بىرسى بوغۇملارنى ئىسسىق تۇتۇش. \"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-11 08:27:03

ھەي قېرىلىق يىتپتۇ ماڭىمۇ \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-11 13:04:57

رەھمەت سىلىگە.

بولسا 4- تۈرنى كەڭرىرەك سۆزلەپ باقساڭلاربوپتىكەن.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-11 15:17:36

مىنىڭ تېزىمدىنمۇ بار ياڭاقتەك چوڭلۇقتىكى سۆڭەك، تىزنىڭ ئىچى تەرپىدە. سوغۇق ئۆتسە ئاۋۋال شۇ يەرگە ئۆتىدۇ. لىكىن ئادەتتە ئاغرىمايدۇ. بۇ يەردە سۆڭەك ئۆسكىنىگە يىگىرمە يىلچە بولغاندۇ شۇ پىتى. داۋاسىنىمۇ قىلمىدىم.

سوراپ باقسام بۇنداق ئەھۋالدا ، بۇرۇنقىدەك قويۋىرش كىرەكمۇ ياكى كىيىن ياشنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ كىسەللىك ئىغىرلىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن داۋالىنىش كىرەكمىدۇ؟
بەت: [1]
: سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا